پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى(رومان): 6- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

ئالتىنچى باب

_ يېڭى خەۋەر ئاڭلىدىڭىزمۇ، بازىل؟- ھېلىقى كۈنى كەچ ، رېستوران مۇلازىمى بازىل خالۋاردنى ئۈچ كىشىلىك ئايرىمخانىغا باشلاپ كىرىشىگە ، لورد ھېنىرى شۇنداق دەپ سورىدى.

_ ياق ، ئاڭلىمىدىم ھاررى ، – دېدى بازىل شىلەپىسى بىلەن پىلاشىنى ئەدەب بىلەن قول باغلاپ تۇرغان مۇلازىمغا تۇتقۇزۇۋېتىپ ، – نېمە خەۋەركەن ئۇ؟ سىياسىيغا ئائىت خەۋەرغۇ ئەمەستۇ . مېنىڭ سىياسىي بىلەن تازا خوشۇم يوق . تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىنىڭ رەسىمىنى يېڭىلاپ سىزىدىغان يەرگە كەلدى ، لېكىن ئارىسىدا رەسىمىنى سىزىشقا ئەرزىگۈدەك بىرەرسىمۇ يوق – تە .

_ دورىيان گرېي توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇدەك ، – دېدى ھېنىرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ .

بۇ گەپتىن ھاڭ – تاڭ قالغان بازىلنىڭ قۇشۇمىلىرى ئىختىيارسىز تۈرۈلۈپ كەتتى .

     _ دورىيان توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ! بۇ مۇمكىن ئەمەس ، – دېدى ئۇ .

     _ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راسىت .

     _ كىم بىلەن توي قىلىدىكەن؟

     _ بىركىچىك ئارتىسىت بىلەن .

     _ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، دورىياننىڭ خېلى كاللىسى ئىشلەيتتىغۇ .

     ­_ ئادەمنىڭ كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتسە ، ئاشۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ، قەدىرلىك بازىل .

   _ توي دېگەن ئوينىشىدىغان ئىش بولمىسا يا ، ھاررى .

  _ ئامېرىكىدىلا شۇنداق بولىدۇ ، – كۆرەڭلىك بىلەن رەدىيە بەردى لورد ھېنىرى ،- مەن دورىيانغا چاي ئىچۈرۈلۈپتۇ دېدىم ، توي قىلىدىكەن دېمىدىم ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا خېلى پەرق باردۇر. توي قىلىشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى خېلى ئوبدان بىلىمەن ، لېكىن چاي ئىچۈرۈلۈش دېگەنگە نىسبەتەب مەندە قىلچە ئىنكاس يوق . ئۆيدىكىلەر ماڭا چاي ئىچۈرۈپ يۈرمەيلا تويۇمنى قىلىۋەتكەنغۇ دەيمەن .

   _ لېكىن دورىيان مەرتىۋىلىك ، باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغان – دە . مەرتىۋىسى ئۆزىدىن بەكلا تۆۋەن تۇرىدىغان ئايال بىلەن توي قىلسا تازا بىمەنە ئىش بولمامدۇ .

   _ بۇ گېپىڭىزنى ئۇنىڭ ئۆزىگە دەڭ ، بازىل . ئۇ چوقۇم گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ . كىشىلەرنىڭ قىلغان ھەربىر ئەخمىقانە ئىشى ئادەتتە ئەڭ ئالىي مەقسەتلەرنى چىقىش قىلغان بولىدۇ.

   _ ئۇنىڭ تاپقىنى ئاقكۆڭۈل ، دىيانەتلىك قىز بولسىلا مەيلى ئىدىغۇ . ئۇنىڭ بىر ئەسكى ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇپ ئۆزىنى چىرىتىۋېلىشىنى ، ئەقلى – ھۇشىدىن ئايرىلىپ قىلىشىنى خالىمەيمەن ھاررى .

   _ ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك چىرايلىقمىش ، – پىچىرلىدى لورد ھېنىرى قولىدىكى ئىستاكاندىكى لېمون سۈيى قېتىلغان كەكرىدەك ئاچچىق ئەمەن ھارىقىدىن ئوتلاپ قويۇپ ،- دورىياننىڭ دېيىشىچە ، ئۇ قىز بەك چىرايلىقمىش . بۇ جەھەتتە ئۇ ھەرگىز خاتالاشمايدۇ ، سىز سىزغان پورتېرىت ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ چىرايىغا بولغان تەلىپىنى كۈچەيتىۋەتكەندەك قىلىدۇ . باشقىنى قۇيۇپ تۇرايلى ، سىز سىزغان رەسىمنىڭ ئۇنىڭ ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىدە گەپ يوق . ئۇنىڭ بۈگۈن بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەنلا بولسا ، كەچتە ئۇ قىزنى كۆرۈش نېسىپ بولىدۇ .

_ راسىت دەۋاتامسىز؟

_ ئەلۋەتتە راسىت دەۋاتىمەن بازىل . مەن ئەزەلدىن ھازىرقىدەك ئەستايىدىل بولۇپ باقىمىغان .

_ سىز ئۇنىڭ ئاشۇ قىز بىلەن توي قىلىشىنى قوللامسىز، ھاررى ؟- بازىل كالپۇكىنى چىڭڭىدە چىشلىگىنىچە ئايرىمخانىنىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن – بۇياققا ماڭغاچ سورىدى ،- پەرىزىمچە ، سىز قوللىمايسىز . مېنىڭچە ، ئۇ ئەس – ھوشىنى يوقىتىپ قويغاندەك قىلىدۇ .

_ ھازىر مەن ھېچقانداق ئىشقا يا قاشى تۇرمايدىغان ، يا قوللىمايدىغان بۇلۇپ قالدىم . تۇرمۇشقا بۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇش بەك بىمەنىلىك ئىكەن . بىز بۇ دۇنياغا ھەرگىزمۇ ئەخلاققا بولغان بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرىمىزنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن كەلمىگەن . چاكىنا ئادەملەرنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق ، ھەم سۆيۈملۈك ئادەملەرنىڭ ئىشىغىمۇ ئەزەلدىن ئارىلىشىپ كەتمەيمەن . ئەگەر بىراۋغا مەپتۇن بۇلۇپلا قالسام ، مەيلى ئۇ ئۆزىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلىسۇن ، ماڭا سۆيۈملۈك تۇيۇلۇۋېرىدۇ . دورىيان گرېينىڭ جۇلىتتانىڭ رولىنى ئالىدىغان ھېلىقى چىرايلىق قىزغا كۆزى چۈشۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغان بوپتۇ . بۇنىڭ نېمە يامىنى؟ ھەتتا ئۇ مېسسالىنا ① نى ئەمرىگە ئالغان تەقدىردىمۇ ، جەلىپكارلىقى ئازراقمۇ كەملەپ كەتمەيدۇ . نىكاھنى ئانچە ئۇلۇغلاپ كەتمەيدىغېنىمنى ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز. نىكاھنىڭ ئەڭ يامان يېرى شۇكى ، ئۇ كىشىنى ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلىمايدىغان قىلىپ قۇيىدۇ ، ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ كىشىنى جەلىپ قىلغۇدەك خاسلىقى ، ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ . ھالبۇكى ، بەزىلەرنىڭ مىجەز – خاراكتېرى توي قىلغاندىن كېيىن ، تۇرۇپلا مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئەسلىدىكى ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغان تۇرمۇشىغا يەنە نۇرغۇن << مەنلەر>> قېتىلىپ ، قوش مەسئۇلىيەت پاتاڭغا چۈشىدۇ ، تۇرمۇشى يۈكسەك بىرتەرتىپ ئىچىدە ئۆتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە ، يۈكسەك بىرتەرتىپ ئىچىدە ياشاش دەل ھاياتىمىزنىڭ نىشانى . ئۇنىڭدىن باشقا ، بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىلىرىمىزمۇ ناھايىتى قىممەتلىكتۇر . بىز نىكاھنى مەيلى قانچىلىك يامان دېمەيلى ، ئۇ ھامىنى سەرگۈزەشتىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ . مەن دورىياننى ھېلىقى قىزنى ئەمرىگە ئالسىكەن دەيمەن . نېمىشقا دىسىڭىز ، ئۇ قىز بىلەن ئالتە ئاي سۆرۈشۈپ يۈرۈپ ، ئەمدىلىكتە باشقا بىر قىزنى تېپىۋالسا بولماس . دورىيان مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەتقىقات ئوبېكتى .

_ دېگەنلىرىڭىزنىڭ بىرىگىمۇ ئىشەنمەيمەن ، بۇ ئۆزىڭىزگىمۇ ئايان ھاررى . دورىيان ئالىمادىس تۇرمۇشتا بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالسا ، بىرىنجى بولۇپ ئازاپ چېكىدىغىنى سىز بولارسىز ھەقاچان . سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ئەسلىدىنلا ياخشى ، مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ساختا قىياپەتكە كىرىۋالغىنىڭىز نېمىسى ؟

لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

_ بىز ھە دېسىلا ئۆزىمىزدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەچكە ، باشقىلارنى بەك ئالىيجاناب تەسەۋۋۇر قىلۋېتىمىز. ئۆزىمىزنى ھاتەمدەك سېخى چاغلىۋېتىپ ، خاراكتىرىمىزنى تېخىمۇ جۇلالىتىدىغان پەزىلەتلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ھەدىيە قىلىۋېتىمىز . پۇل قەرز ئېلىشىمىز ئاسان بولارمىكىن دەپ بانكىرلارغا مەدھىيە ئوقۇيمىز، خوشامەت قىلىمىز؟ رەھىم قىلارمىكىن ، مال – مۈلكىمىزنى ، پۇل – پۈچەكلىرىمىزنى قۇرۇقداپ قويارمىكىن دەپ يول توسار ئوغرى – قاراقچىلارنى ماختاپ – ئۇچۇرىمىز ، ئۇلارغا قۇيرۇق شىپاڭلىتىمىز. دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى چىن قەلبىمدىن چىققان گەپلەر. ئۈمۈدۋارلىق دېگەنلەرنى كۆزۈمگە ئىلىپمۇ قويمايمەن . ئوڭۇشسىز تۇرمۇش دىيىشكە توغرا كەلسە ، تەرەققىيات پۇرسىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان تۇرمۇشىنى دېسەك بۇلىدۇ. ئەگەر بىر كىشىنىڭ خاراكتىرىگە تەسىر كۆرسىتىمەن دەيدىكەنسىز ، ئۇنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ . نىكاھ ئىشىغا كەلسەك ، ئۇمۇ ناھايىتى تېتىقسىز بىر ئىش . ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت باغلايدىغانغا نىكاھتىنمۇ قىزىقارلىق ئۇسۇللار بارغۇ ، مانا مۇشۇ ئىشلارنى مەن جان دەپ قۇۋۋەتلەيمەن . چۈنكى ، بۇ ئۇسۇللار ماڭا تولىمۇ ئۆزگىچە ، جەلىپكار تۇيۇلىدۇ . ئوھوي ، دورىيان كەلدى . قالدى گەپلەرنى ئەمدى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ .

_ قەدىرلىك ھاررى ، قەدىرلىك بازىل ، مېنى تەبرىكلەڭلار! – دورىيان شۇنداق دېگەچ ، تاۋار كۆينىكىنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان پىلاشىنى سالدى – دە ، ئىككەيلەن بىلەن بىرمۇ- بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ، – ئەزەلدىن بۇنچە خۇشال بۇلۇپ باقمىغان . دېمىسىمۇ ، بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز بولدى . ھەقىقىي خۇشاللىق دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدىكەن . مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى مەن زارىقىپ كۈتكەن ئەمەسمىدىم ، – ئۇ خۇشاللىقىدىن قىن- قىنىغا پاتماي قېلىۋاتاتتى .

– ئىلاھىم مەڭگۈ مۇشۇنداق چىرايىڭىزدىن كۈلكە ئۆچمىسۇن دورىيان ،- دېدى بازىل ، – توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى ھاررىغا ئېيتىپسىز ، لېكىن مەندىن سىر تۇتۇپسىز . بۇ قىلىقىڭىزدىن مەن رەنجىپ قالدىم ، سىزنى كەچۈرمەيمەن .

– مەنمۇ سىزنىڭ تاماققا كېچىكىپ كەلگىنىڭىزنى كەچۈرمەيمەن ، – ھېنىرى كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى ۋە قولىنى دورىياننىڭ مۆرىسىگە ئالدى ، – قېنى ئولتۇرۇڭ . ئاۋۋال يېڭى كەلگەن ئاشپەزنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىقىنى تېتىپ باقايلى ، ئاندىن بىزگە ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىڭ .

– دېگۈدەك نېمە گەپ بولسۇن دەيسىلەر ،- دېدى دورىيان ئۈچەيلەن ئەپچىلگىنە كەلگەن يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن ، – ئىش مۇنداق يۈز بەردى . ھاررى ، تۈنۈگۈن كەچ سىز بىلەن خوشلىشىپ كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ ، سىز دېگەن دۇپېرت كوچىسىدىكى ھېلىقى ئىتالىيىچە كىچىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يىدىم ، ئاندىن سائەت سەككىزگە ئۈلگۈرۈپ تىياتىرخانىغا باردىم . بارسام سېلبىي روسالنىدنىڭ رولىنى ئېلىۋىتىپتىكەن ، سەھىنە دېكوراتىيىسى پەقەتلا قاملاشماپتۇ، ئورلاندنىڭ رولىنى ئالغىنى تازىمۇ تېتىقسىز، كۈلكىلىك بىر نېمە ئىكەن . لېكىن سېلبىي – زە ! بارغان بولساڭلار كۆرەتتىڭلار. ئۇ ئەرەنچە ياسىنىپ سەھىنىگە چىقىۋېدى ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇ ئۈستىگە يېڭىغا ئاچ قىزىل رەڭدە جىيەك تۇتۇلغان كۆك دۇخاۋا كەمزۇل ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك سىقىپ تۇرىدىغان ئاسما ئىشتان ، بېشىغا مارجاندىن كۆز تۇتۇلۇپ بىر تال بۈركۈت پېيى قادالغان كىچىك بۆك كىيگەن ھالەتتە سەھنىدە پەيدا بولدى . ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقى كۆزۈمگە بۆلەكچە  نازاكەتلىك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى . بازىل ، ئۇ شۇ تۇرۇقىدا رەسىم سىزىش ئۆيىڭىزدىكى تاناگرانىڭ ھەيكىلىدىكى جىمى نازاكەت ۋە لاتاپەتنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ يۈزىگە يېيىلىپ چۈشكەن سۇمبۇل چاچلىرى كىشىگە بەئەينى ياپيېشىل يۇپۇرماقلار ئارىسىغا پۈركىنىپ تۇرغان ئەتىرگۈلنى ئەسلىتەتتى . ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى دېمەيسىلەر ، تېخى . بۈگۈن كەچتە بېرىپ كۆرسەڭلار ، ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى تۇغما تالانتىغا قول قويماي تۇرالمايسىلەر. مەن غۇۋا يورۇپ تۇرغان ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈممۇ شۇ دىراممىدا رول ئېلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بوپ قالدىم . گويا ئۆزۈمنى يوقىتىپلا قويغان ئىدىمكى ، شۇ تاپتا  19- ئەسىردىكى لوندودا تۇرۇۋاتقانلىقىمنى پۈتۈنلەي ئىسىمدىن چىقىرىپ قۇيۇۋاتاتتىم ، خىياللىرىم ئۇ رول ئېلىۋاتقان ۋەقەلىك تامان ئۈچۈن ، تەسەۋۋۇرۇمدا مەشۇقۇم بىلەن ئىنسان زاتىنىڭ ئايىغى تەگمىگەن بىپايان ئورمانلىقلار ئىچىدە سەيىر ئېتەتتىم . ئۇيۇن تۈگىگەندىن كېيىن ، سەھنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم . ئىككىمىز يانمۇيان ئولتۇردۇق ، توساتتىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىپادە يالىتتىدە ئەكىس ئەتتى . لەۋلىرىم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ لەۋلىرى بىلەن جۈپلىشىپ ، ئۆزىمىزنى تامام ئۇنتۇغان ھالدا سۆيۈشۈپ كەتتۇق . شۇ چاغدىكى ھېسياتىمنى سىلەرگە تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن . ئىشقىلىپ ، شۇ دەقىقىدە پۈتكۈل ھاياتىم مۇكەممەللىك ماقامىغا يەتكەن بىر نۇقتىغا __ ئېيىتقۇسىز بىر خۇشاللىق ئىچىگە مۇجەسسەم بولغاندەكلا ئىدى . سېلبىينىڭ نازۇك تېنى قۇچىقىمدا گويا ئوتقا چۈشكەن قىلدەك توختاۋسىز تولغىناتتى . قوللىرى بىلەن يەرگە تېيىنىپ تۇرۇپ نازۇك لەۋلىرىنى قوللىرىمغا ياقاتتى . بۇلارنى سىلەرگە دېمەي دىسەممۇ ، ئىختىيارىم ئۆزۈمگە باقماي دەۋىتىپ سالدىم . لېكىن ، توي ئىشىمنى ھازىرچە سىلەردىن سىر تۇتمىسام بولمايدۇ ، ئۇمۇ تېخى ئاپىسىغا دېيىشكە ئۈلگۈرمىدى . ئادۋۇكاتىمغا بۇ ئىش توغرۇلۇق قانداق ئېغىز ئېچىشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن . لورد رادلېي بۇنى ئاڭلىسا چوقۇم قۇيقا چېچى تىك تۇرىدۇ . لېكىن ، پەرۋايىم پەلەك ، بىر يىلغا قالماي مەنمۇ بالاغەتكە يېتىمەن ، شۇچاغدا نېمە قىلسام ئۆز ئىختىيارىم بۇلىدۇ. مەن شېئىر ئىچىدىن سۆيگۈ – مۇھەببەتنى بايقىدىم ، شېكىسپىرنىڭ دىراممىلىرىدىن بولغۇسى ئايالىمنى تاپتىم . شېكىسپىرنىڭ سونىتلىرىدىن لەۋلەرنىڭ سىر- مەخپىيەتلەرنى قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ئاشكارىلاپ قويالايدىغىنىنى ھېس قىلدىم . شۇ مىنۇتلاردىكى ھالىتىم روسالىندىنىڭ مېنى چىڭ باغرىغا باسقانلىقىدىن ، مېنىڭمۇ جۇلىتتانىڭ نازۇك لەۋلىرىدىن سۆيگۈ شارانى ئىچكەنلىكىمدىن قېلىشمايتتى . قانداق ، قىلغانلىرىم خاتا ئەمەستۇ بازىل؟

– ياق ، دورىيان . مېنىڭچە ، قىلغانلىرىڭىزنىڭ قىلچە خاتاسى يوق ، – دېدى بازىل خالۋارد تولىمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن .

– بۈگۈن ئۇنى كۆردىڭىزمۇ ،- سورىدى لورد ھېنىرى .

دورىيان گرېي بېشىنى چايقاپ قويدى :

– مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاردىن ئورمانلىقىدا ۋىدالاشتىم ، ئەمدى ئۇنى ۋېرونادىكى بىر باغچىدىن ئىزدەيمەن .

 – لورد ھېنىرى چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالدا قولىدىكى براندىدىن ئوتلاپ قۇيۇپ گېپىنى داۋام قىلدى :

– << توي قىلىش>> دېگەن بۇسۆزنى ئۇنىڭغا قانداق دېدىڭىز؟ ئۇ نېمە دەپ جاۋاب بەردى ؟ شۇ توغرۇلۇق ئاڭلىغۇمىز بار .

– قەدىرلىك ھاررى ، مەن بۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ بىر سودا ئورنىدا كۆرگۈم يوق ، ھەم ئۇنىڭغا رەسمىي توي قىلىش تەكلىپى قويۇپمۇ يۈرمىدىم . پەقەتلا ئۇنىڭغا  ئۇنى چىن دىلىمدىن سۆيىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم . ئۇ: << مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن>> دەپ تۇرىۋالدى. ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ، مېنىڭ نەزىرىمدە پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا ماس كەلمەيتتى .

     – ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئەمەلىيەتچىل كېلىدۇ ،- پىچىرلىدى لورد ھېنىرى ،- ئاشۇنداق ئەھۋالدا توي قىلىش توغرىسىدا گەپ ئېچىش ئېسىمىزگە كەلمەي قالىدۇ. ئەمما ئاياللار بىزگە ئۇنى ئەسكەرتىپ قۇيىدۇ .

     بازىل خالۋارد لورد ھېنىرىنىڭ بىلىكىنى چىڭڭىدە تۇتىۋالدى :

– بۇنداق دېمەڭ ، ھاررى . دورىيان خاپا بوپ قالىدۇ . ئۇ باشقا ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، ھېچقاچان باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەي دەپ ئويلىمايدۇ . ئۇ بەك ئاقكۆڭۈل ، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ .

     قارشى تەرەپتە ئولتۇرغان لورد ھېنىرى بازىل خالۋاردقا قاراپ قويۇپ دېدى :

– دورىيان مەندىن ھەرگىز خاپا بولمايدۇ. مەن بۇ سۇئالنى پەقەت قىزىقىش نۇقتىسىدىنلا سوراپ قويدۇم . قىزىقىپ سورىغان سۇئالنى ھەرقانداق ئادەم توغرا چۈشىنىدۇ . تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ، ئادەتتە بىز ئاياللارغا ئەمەس ، ئاياللار بىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ . ئەلۋەتتە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە دەۋرىدە ئۇنداق بولمايدۇ . لېكىن، ھازىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە دەۋرى كەلمەسكە كەتتى.

 – دورىيان گرېي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

 – سىزگە گەپ توغرا كەلمەيدىكەن ھاررى . گەپلىرىڭىز ھەرگىز كۆڭلۈمگە كەلمەيدۇ . سېلبىي ۋېيىننى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئەرنىڭ ھايۋاندىن ھېچ پەرقى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ قالىسىز . گاھىدا سۆيگەن يارىنى ئىزا – ئاھانەتكە قويىدىغان ئادەملەر زادى قانداق ئادەملەردۇر دەپ ئويلاپ قالىمەن . مەن سېلبىينى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن . ئۇنى ئالتۇن سەھنىلەردە چاقناتقۇزۇپ ، پۈتۈن دۇنيانى ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلاندۇرىمەن . نىكاھ دېگەن زادى نېمە ؟ ئۇ – خىلاپلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدىغان بىر مۇقەددەس قەسەم . تولا مەسخىرە قىلماڭ جۇمۇ! مەن خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان ئەنە شۇنداق مۇقەددەس قەسەمدە چىڭ تۇرۇشقا مىڭ مەرتىۋە رازى . ئۇنىڭدىكى ئىشەنچ ، ئۇنىڭدىكى ئەقىدە مېنى ھەر دەقىقە ۋاپادارلىققا ، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان دەملەردە سىزنىڭ تەلىملىرىڭىزنى ئاڭلىغىنىمغا مىڭ يېرىمدىن پۇشايمان قىلىمەن . مەن ھازىر سىز بۇرۇن كۆرگەن دورىيان ئەمەس . مەن ھازىر ئۆزگەردىم ، سېلبىينىڭ قولىنى تۇتقان ئاشۇ مىنۇتتىن باشلاپ سىز دەپ يۈرگەن ، ئادەمنى ئازغۇنلۇققا باشلايدىغان ، تەسىرلىك ئەمما زەھەرلىك ئاشۇ سەپسەتىلەرنى ، قۇرۇق نەزىرىيىلەرنى تامام ئۇنتۇپ كەتتىم .

    – قايسى نەزىرىيىلەرنى دەۋاتىسىز……؟- دېدى لورد ھېنىرى تەخسىدىكى سالاتتىن ئالغاچ .

    – سىزنىڭ ئاشۇ تۇرمۇش ، مۇھەببەت ، ھوزۇرلىنىش ، توغرىسىدىكى نەزىرىيىلىرىڭىز بولمامدۇ . ئىشقىلىپ ، سىز تىلغا ئالغان جىمى نەزىرىيىلەر ، ھاررى .

    – ھوزۇرلىنىش – نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە ئەرزىيىدىغان بىردىنبىر نەرسە ، – جاۋاب بەردى ھېنىرى يېقىملىق ، ئەمما ۋەزمىن ئاھاڭدا ، – ئاغزىمدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىجاد قىلغان نەزەرىيە دەپ تۇرىۋالمايمەن . ئۇنىڭ ئىجادچىسى تۇغما خاراكتېر، ھەرگىز مەن ئەمەس . ھوزۇرلىنىش – تۇغما خاراكتىرىمىزنى سىنايدىغان بىر ئۆلچەم ، تۇغما خاراكتىرنى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر بەلگە . خۇشال چاغلىرىمىزدا ھەممىمىز ياخشى ، لېكىن ياخشى چاغلىرىمىزدا ھېچقايسىمىز خۇشال بولالمايمىز .

      – << ياخشى>> دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى نېمە ؟- سورىدى بازىل خالۋارد .

     – توغرا ،- لورد ھېنىرى كەينىگە يۆلۈنۈپ ، نەزىرىنى تاماق ئۈستىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تېزىپ قۇيۇلغان بىر دەستە بىنەپشە كېپىنەك گۈلىدىن لورد ھېنىرىغا ئاغدۇرۇپ سورىدى ، – سىز دېگەن << ياخشى>> نېمىنى كۆرسىتىدۇ ، ھاررى ؟

      – << ياخشى>> دېگىنىم – تەننىڭ رايىغا بېقىش دېگەنلىكتۇ ر،- دەپ جاۋاب بەردى لورد ھېنىرى ئاپئاق ، ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن ئەينەك ئىستاكاننىڭ بوينىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ، – ئىتتىپاقسىزلىق كىشىنى باشقىلار بىلەن بىرلىككە كېلىشكە مەجبۇرلايدۇ. ھاياتىمىز ھەممىدىن مۇھىم . ئەمدى قۇلۇم – قوشىنلىرىمىزغا كەلسەك ، ئەگەر دۇرۇس ئادەم ياكى ئىسلام دىنى مۇرىتى بولۇشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن بولساق ، ئۆز ئەخلاق قارىشىمىزنى ئۇلارغا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلساق بۇلۇۋېرىدۇ . لېكىن ، ئۇلارنىڭ قايسى ھالەتتە ھايات كەچۈرىشى بىزنىڭ دىققەت ئوبېكتىمىز ئەمەس . ئۇنىڭدىن باشقا ، شەخسىيەتچىلىك ئەڭ بۈيۈك نىشان . زامانىۋى ئەخلاق دەل قۇبۇل قىلغىلى بولىدىغان دەۋرنىڭ ئۆلچىمىدە بولىدۇ. مېنىڭچە ، تەربىيە كۆرگەن كىشىگە دەۋر ئۆلچىمىنى تېڭىش ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىقتۇر .

– لېكىن ، كىشى ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا ، ئاشۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بەدەل تۆلىمەمدۇ ھاررى؟- دېدى بازىل ھېنىرىغا << گەپ- سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ>> دېگەن مەنىدە .

   – توغرا دېدىڭىز، ھازىر بىز ھەرقانداق نەرسىگە ھەددىدىن زىيادە بەدەل تۆلەۋاتىمىز . ئويلاپ باقسام ، يوقسۇللارنىڭ تىراگېدىيىسى ئۇلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى چەكلىشىدىن باشقا ، ھېچنىمىگە مەسئۇل بولمايدىغانلىقىدا ئىكەن . جىنايەت گويا گۈزەل نەرسىلەرگە ئوخشاش ، پۇلدارلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى بولۇپ قالىدىكەن .

   – يالغۇز پۇللا ئەمەس ، باشقا جەھەتلەردىنمۇ بەدەل تۆلەيدۇ .

  – قايسى جەھەتلەرنى دەيسىز بازىل؟

  – پۇشايمان ، دەرت – ھەسرەت ، يەنە … ھىم ، ئۆزىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى ھېس قىلىش .

  لورد ھېنىرى مۆرىسىنى چىقىرىپ قويدى .

– قەدىرلىك بازىل ، ئوتتۇرا ئەسىر سەنئىتى كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلاتتى ، لېكىن ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھېس – تۇيغۇلار ھازىر كەلمەسكە كەتتى . ئەلۋەتتە ، كىشىلەر ئۇنى ھېكايە – رومانلارنى يازغاندا تىلغا ئىلىپ قويۇشىدۇ . لېكىن ، ھېكايە – رومانلاردا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەر رېئال تۇرمۇشقا زادىلا ماس كەلمەيدۇ . ھۆددە قىلىمەنكى ، ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان كىشى ھوزۇرلانغانلىرىدىن ھەرگىز پۇشمان قىلمايدۇ، ئەمما نادان كىشىلەر ھوزۇرلىنىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ .

– مەن ھوزۇرلىنىشنى تازا بىلىمەن ، – ۋاقىرىدى دورىيان گرېي ،- بىرسىنى زىيادە ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزى ھوزۇرلىنىش دېگەن شۇ .

– بۇ ئەلۋەتتە باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈشتىن ئەۋزەلرەك ، – دېدى لورد ھېنىرى ئۈستەلدىكى مېۋىلەرنى تۇتۇپ قۇيۇپ ، – باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈشتىن مەن خويمۇ بىزار . ئاياللار بىزگە خۇددى ئىنسانلار ئىلاھقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ، بىزگە باش ئۇرىدۇ ، مەيلىمىزنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ ، يەنە تېخى بىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پاي – پېتەك قىلدۇرىدۇ .

– مېنىڭچە ، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغانلىرى ئىلگىرى بىزگە بېرىۋەتكەن نەرسىلىرىدۇر ، – دېدى دورىيان گرېي كەسكىن ئاھاڭدا ، – ئۇلار بىزگە مۇھەببەت ئاتا قىلغان ، شۇڭا بىزدىن تىگىشلىك ھەق تەلەپ قىلىش ھوقوقى بار .

– پۈتۈنلەي توغرا گەپ قىلدىڭىز دورىيان ، – دورىياننىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى بازىل . – ئەزەلدىن ھېچقانداق نەرسە پۈتۈنلەي توغرا بۇلۇپ باقمىغان ،- دېدى لورد ھېنىرى.

– بولغان ، – گەپ قىستۇردى دورىيان ، – ئېتىراپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇ ھاررى . ئاياللار ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئەرلەرگە بېرىۋىتىدۇ .

– بەلكىم شۇنداقتۇر ، – دېدى لورد ھېنىرى خۇرسىنىپ قۇيۇپ ، – لېكىن ئۇلار بەرگەنلىرىنى بىر- بىرلەپ قايتۇرىۋالىدۇ. چاتاق دەل مۇشۇ يەردە . خۇددى بىر قىززىقچى فرانسىيىلىك ئېيتقاندەك ، ئاياللار بىزدە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش ئىستىكى قوزغايدۇ – يۇ، ئارقىدىنلا ئاشۇ ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىزگە يېتىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ .

 – ھاررى ، بەك قورقۇنچلۇق ئادەم ئىكەنسىز! سىزنىڭ نەرىڭىزگە بۇنچە ئامراق بۇلۇپ قالغىنىمغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ .

 – سىز ماڭا مەڭگۈ ئامراق بۇلۇپ قالىسىز دورىيان ،- دېدى لورد ھېنىرى ، – بۇرادەرلەر ، ئازراقتىن قەھۋە ئىچىشسەك قانداق دەيسىلەر؟ مۇلازىم ، ئازراق قەھۋە ، ئالىي دەرىجىلىك براندى ، پاپىرۇس كەلتۈرۈڭ . بولدى ، پاپىرۇس ئەكەلمەڭ ، پاپىرۇسۇم تېخى تۈگىمەپتۇ . بازىل ، سىگارت چەكمىسىڭىزچۇ. سىگارتنىڭ ئورنىغا پاپىرۇس چېكىڭ ، پاپىرۇس چېكىش دېگەن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئەڭ مۇكەممەللەشكەن تىپى . ئۇ ھەم كۆركەم ، ھەم ئادەمنىڭ خۇمارىنى قوزغاپ تۇرىدۇ . كىشىلەر ئارزۇ قىلغۇدەك يەنە نېمە قالدى؟ شۇنداق دورىيان . سىز ماڭا مەڭگۈ ئامراق بۇلۇپ قالىسىز. نەزىرىڭىزدە مەن سىز ئەزەلدىن قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان يامان ئىشلارغا ۋەكىللىك قىلىمەن .

– نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز ھاررى ! – دېدى دورىيان مۇلازىم تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ قويغان ئوت پۈركۈيدىغان كۈمۈش ئەجدىھادىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرغاچ ، – تىياتىرخانىغا ماڭايلى ! سېلبىي سەھنىگە چىققان ھامان سىزدە ھاياتقا نىسبەتەن يېڭىچە غايە پەيدا بۇلىدۇ ، ئۇ سىزگە سىز ئەزەلدىن تېگىگە يېتەلمەيدىغان بەزى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ قۇيىدۇ .

– مەن بىلمەيدىغان ئىش يوق ، – دېدى كۆزلىرىدىن ھارغىنلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان لورد ھېنىرى ، – لېكىن ، مەن يېڭى تۇيغۇلاردىن ھوزۇرلىنىشقا ھەر ۋاقىت تەييار. مەن ھوزۇرلىنىپ باقمىغان يېڭىچە تۇيغۇلار قالمىدىمىكىن دەيمەن . ئەمما ، سىزنىڭ گۈزەل مەشۇقىڭىز قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . مەن دىرامما كۆرۈشكە ئامراق ، دىرامما تۇرمۇشقا قارىغاندا چىن بۇلىدۇ. ماڭايلى دورىيان ، ئىككىمىز بىللە ماڭايلى . بەك سەت بولىدىغان بولدى بازىل ، پەيتونۇمغا ئىككىلا ئادەم سىغىدۇ ، سىز باشقا پەيتوننى كىرا قىلپ كەينىمىزدىن مېڭىڭ .

ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كىيىملىرىنى كىيىشتى – دە ، ئېشىپ قالغان قەھۋەلىرىنى ئۆرە تۇرۇپلا ئىچىۋەتتى . بازىل خالۋارد گەپمۇ قىلماستىن ، چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالەتتە تۇراتتى ، چىرايىنى ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرى قاپلىغان ئىدى . ئۇنىڭ بۇ تويغا ھېچ رازىلىق بەرگۈسى كەلمەيتتى – يۇ ، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان باشقا ئىشلاردىن ياخشىراق دەپ ئويلايتتى . ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ ، ئۇلار رېستوراندىن چىقىشتى . كېلىشكىنى بويىچە ، بازىل ئۆزى يالغۇز يەنە بىر پەيتونغا چىقتى . ئالدىدا كېتىۋاتقان تۆت چاقلىق پەيتۇندىن چاقناۋاتقان چىراغ يورۇقىغا قاراۋېتىپ ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى غەلىتە بىر خىل ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى چۇلغۇۋالدى . ئۇ دورىيان گرېينىڭ ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بىر ئادەم بۇلۇپ قالغانلىقىنى ، تۇرمۇشنىڭ بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى …. توساتتىن ئۇنىڭ كۆزئالدى قاراڭغۇلىشىپ ، كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى چىراغلار غۇۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى . كىرا پەيتۇنى تىياتىرخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىغاندا ، ئۇ گويا ئۆزىنى نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى .

ئىزاھات :

① مېسسالىنا ( 22 – 48 )  – قەدىمكى رىم ئېمپېراتورى كلودىيوسنىڭ شاللاقلىقتا ئۇچىغا چىققان خانىشى .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10588

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 1دانە
  1. سىز نى ئۇلانما قېتىۋالدىم… يازمىڭىز ياراپ قالدى بىز نى ياراتسىڭىز ئۇلانما قىلۋالارسىز… :lol:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: