پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە(رومان) 5- باب

 

قەلئە

(رومان)

ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋسترىيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بەشىنچى باب

كەنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈش ئوڭۇشلۇق بولدى، بۇنىڭدىن K نىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئۇ بۇنى مۇنداق پەرەز قىلدى: ھازىرغىچە بولغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن گراف دائىرىلىرى بىلەن رەسمىي يوسۇندا ئالاقە قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك ئاسان ئىدى. سەۋەبى، بىر ياقتىن، يۇقىرى ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا ئۇزۇن مەزگىل ئاقىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ناھايىتى پايدىلىق پرىنسىپلارنى بېكىتكەن. يەنە بىر ياقتىن، ئۇلارنىڭ كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدىغان بىرلىككە كەلگەن ئىش بېجىرىش تۈزۈمىدە خەق ئاسانلىقچە سېزەلمەيدىغان يوچۇقلار ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن. K گاھىدا مۇشۇلارنى ئويلاپ ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولۇپمۇ قالاتتى، ئەمما بۇ رازىمەنلىك ھايال ئۆتمەيلا «مۇشۇ يەردە بىرەر خېيىم- خەتەر يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولمىسۇن يەنە» دېگەن ئەندىشىگە ئالمىشاتتى.

باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكىلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس ئىدى، چۈنكى باشقۇرغۇچىلار قاتلىمى تەشكىلىي ئىنتىزام قانچىلىك مۇستەھكەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت تولىمۇ يىراقتىكى، كۆرگىلى بولمايدىغان باشلىق- غوجاملارنىڭ نامى بىلەن يەنە شۇ تولىمۇ يىراقتىكى، كۆرگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قوغدايتتى. لېكىن، K كۆز ئالدىدىكى ئىشلار ئۈچۈن ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ دەسلىپىدىلا ناھايىتى تەشەببۇسكار بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىر ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە بۆسۈپ ماڭىدىغان خۇيى بار ئىدى؛ ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلاتتى. ئۇ بۇ كىشىلەرنى تونۇمايتتى، ئەمما باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكىلەر قوللىنىۋاتقان تەدبىرلەرگە قاراپ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. لېكىن، باشقۇرغۇچىلار قاتلىمدىكىلەر بىسمىللاسىدىلا ئۇششاق- چۈششەك ئەرزىمەس ئىشلاردا ئۇنىڭغا يول قويۇپ، كىچىك غەلبىلەرگە ئاسانلا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى يوق قىلدى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئاشۇ كىچىككىنە غەلىبىگە ئېرىشىشتىن كېلىدىغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى ۋە شۇ تۇيغۇلاردىن پەيدا بولىدىغان تېخىمۇ بۈيۈك كۈرەشلەرگە يۈزلىنىشتىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن مەھرۇم قىلدى. K قەيەرگە بارسا، نەدە تۇرسا چەكلىمەي ئەركىگە قويۇپ بەردى، لېكىن بۇ ئەركىنلىكنى مۇشۇ كەنت دائىرىسىدىلا چەكلەپ قويدى، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەندەك قىلدى- يۇ، زېھنىنى ئەنە شۇنداق ئاز- ئازدىن خوراتتى. ھېچقانداق كۈرەش مەۋجۇت ئەمەستەك بىر خىل ساختا مەنزىرىنى پەيدا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمىغاندەك، ھەرقانچە قىلسىمۇ تېگىگە يېتەلمەيدىغان، تولىمۇ ناتونۇش بولغان بىر خىل بۇرۇختۇرما تۇرمۇش ئىچىگە تاشلاپ قويدى. مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە، ھەرۋاقىت پەخەس بولۇپ يۈرمىسە، باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەرقانچە سىيلىق- سىپايە بولغىنى، زىممىسىدىكى ناھايىتى يېنىك ئىش دەپ قارىلىدىغان ئاشۇ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغىنى بىلەنمۇ ھامىنى بىر كۈنى يۇقىرىنىڭ ئاشۇ ساختا ئىلتىپاتلىرىغا ئالدىنىپ، ھۇشيارلىقىنى يوقىتىپ قويۇشى، جىمى ئىشلىرى سۇغا چىلىشىشى مۇمكىن ئىدى. ۋاقتانى ۋاقتى كەلگەندە باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكىلەر ئۇنىڭغا يەنە شۇنداق سىيلىق- سىپايە مۇئامىلىدە بولۇپ، گويا ئۆزلىرىنىڭ تىلەك- ئارزۇلىرىغا مۇخالىپ ئىش قىلىپ قويغاندەك بىر خىل قىياپەتكە كىرىۋالاتتى- يۇ، ئۇ بىلمەيدىغان ئاللىقانداق قائىدە- تۈزۈملەرنى باھانە قىلىپ ئۇنى كەتكۈزۈۋېتىش قەستىدە بولاتتى. ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ئىش- ھەرىكەتلىرى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ K بۇ يەردىكىدەك ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن تۇرمۇش بىر- بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن جاينى ھېچنەدە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، گاھىدا ئۇنىڭغا قىلىۋاتقان ۋەزىپىسى بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەكمۇ تۇيۇلاتتى. ئالايلۇق، كلامنىڭ K نىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىگە بولغان ھوقۇقى تېخىچە بىرخىل شەكىللا ئىدى، بۇنى كلامنىڭ K نىڭ ھوجرىسىدىكى ھوقۇقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقاتتى: سىز باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلغان چېغىڭىزدا پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولسىڭىز، ئانچە ئېرەنشىمىگەندەك پوزىتسىيە تۇتسىڭىز ھېچۋەقەسى يوق، پەقەت باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكىلەرگە بىۋاستە يۈزلەنسىڭىزلا بولىدۇ. لېكىن، باشقا سورۇنلاردا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىڭىز، ھەربىر قەدىمڭىزنى ناھايىتى ئاۋايلاپ، ئويلىنىپ بېسىشىڭىزغا توغرا كېلەتتى.

K دەسلەپتە كەنت باشلىقىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئىسپاتلىدى. كەنت باشلىقى ساقال- بۇرۇتلىرىنى قاچانلا قارىسا پاكىز قىرىپ يۈرىدىغان، چىقىشقاق، دوغىلاق كىشى ئىدى، رېماتىزىم كېسىلى ئېغىر ئىدى. ئۇ K نى كارىۋىتىدىن چۈشمەي تۇرۇپلا كۈتۈۋالدى.

– سىز بىز تەكلىپ قىلغان يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم بولىسىزغۇ دەيمەن،- كەنت باشلىقى ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن قىمىرلىدى، ئەمما گەۋدىسىنى ئۆرە قىلىشقا قۇربىتى يەتمەي يەنە ياستۇققا بېشىنى قويدى- دە، خىجىللىق ئىلىكىدە پۇتىنى ئىما قىلدى. ئۆينىڭ دەرىزىسى بەكلا كىچىك ئىدى، شۇ كىچىكلىكىگە باقماي پەردە تارتىپ قويۇلغاچقا ئۆي ئىچىگە تۈزۈك يورۇق چۈشمەيتتى. شۇ غۇۋالىق ئارىسىدىن تۇرۇقى گويا ئەرۋاھنى ئەسلىتىدىغان بىر ئايال ئاۋاز چىقارماي شىپىرلاپ كەلدى- دە، K نىڭ ئالدىغا بىر تال ئورۇندۇقنى سۈرۈپ قويدى،- قېنى ئولتۇرۇڭ ئەپەندىم،- دېدى كەنت باشلىقى،- نېمە تەلىپىڭىز بولسا دەڭ.

K كلامنىڭ خېتىنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردى، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ بىر قانچە پىكرىنىمۇ قوشۇپ قويدى. ئۇ باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئۇنچە تەس ئەمەسلىكىنى يەنە بىر رەت ھېس قىلدى. ئۇلار ھەرقانداق ئېغىر ۋەزىپە بولسىمۇ زىممىسىگە ئېلىشقا تەييار ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جىمى ئىشنى ئۇلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ، ھېچئىش بىلەن كارىڭىز بولماي خاتىرجەم يۈرسىڭىز بولۇۋېرەتتى. كەنت باشلىقىمۇ بۇنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ كارىۋاتتا بىئارامچىلىق ئىلىكىدە قىمىرلاپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى:

– يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، سىزمۇ كۆردىڭىز، مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ئۈجۈر- بۇجۈرىگىچە خەۋىرىم بار. مەن تېخى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىدىم. سەۋەبى: بىرىنچىدىن، ساقسىز بولۇپ قالدىم؛ ئىككىنچىدىن، كەلگىنىڭىزگە شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ تۇرۇغلۇق قېشىمغا ئەمدى كەلدىڭىز. مەن تېخى سىزنى بۇ ئىشنى قىلمايدىغان بولۇپ قالغان چېغى دەپتىمەن. لېكىن، سىز غېرىبانە كۆلبەمگە كۆڭۈل سوراپ كەپسىز. شۇنداق ئىكەن، مەنمۇ كىشى كۆڭلىنى غەش قىلسىمۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن سىزنى خەۋەردار قىلاي. ئېيتقىنىڭىزدەك، يەر ئۆلچەش خادىملىقىغا ياللاندىڭىز. ئەپسۇس، راستىنى دېسەك، بىز يەر ئۆلچەش خادىمىغا ئەسلا مۇھتاج ئەمەسمىز. بۇ يەرنىڭ پاسىللىرى ئاللىقاچان ئايرىلىپ، دەپتەرگە ئېنىق خاتىرىلەپ بولۇنغان. يەر ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئەھۋاللىرى كەمدىنكەم كۆرۈلىدۇ، دوپپامچىلىك كېلىدىغان بۇ كىچىككىنە زېمىننىڭ پاسىل سىزىقى ھەققىدە ماجرا كۆرۈلدى دېگەندىمۇ ئۆزىمىز ھەل قىلالايمىز. ئەمىسە بىز نېمىشقا يەنە يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلىمىز؟

K ئىلگىرى بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇنداق بىر گەپنىڭ [7] ھامىنى چىقىدىغانلىقىنى پەملىگەنىدى. شۇڭا دەررۇ سۆز قاتتى:

– بۇ گېپىڭىز مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى، بۇنداق بولىدىغان بولسا جىمى پىلانلىرىم يوققا چىقىدۇ. ئىلاھىم، بۇ بىر ئۇقۇشماسىلىق بولۇپ قالغىيدى.

– بۇ ھەرگىز ئۇقۇشماسلىق ئەمەس،- دېدى كەنت باشلىقى،- دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست.

– لېكىن، بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن؟- K ئىختىيارسىز توۋلاپ تاشلىدى،- ھەرقانچە بولسىمۇ، بۇ يەرگە شۇنچە يىراقتىن كېلىپ يەنە كەتمەسمەن- ھە!

– بۇ ئىككى ئىشنى بىر- بىرىگە چېتىۋالماڭ،- دېدى كەنت باشلىقى،- بۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. لېكىن، بۇ ئۇقۇشماسلىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويالايمەن. گراف ئالىيلىرى ئالقىنىدا چۆرگىلىتىدىغان بۇنچە چوڭ ئورگاندا بىر بۆلۈم مۇنداق بۇيرۇق چىقارسا، يەنە بىر بۆلۈم ئۇنداق بۇيرۇق چىقىرىدىغان، بۆلۈملەر بىر- بىرىنىڭ ئىشىدىن خەۋەرسىز قالىدىغان ئىشلار ئاندا- ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. يوقىرىدىن نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئاپپاراتلار ئەھۋاللاردىن ناھايىتى ئىنچىكە خەۋەر تېپىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىشنى ھەل قىلىدىغان چاغدا پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق سەۋەنلىكلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىشىڭىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەرزىمەس ئىشلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. چوڭ- چوڭ ئىشلاردا بىرەر بىرەر سەۋەنلىك كۆرۈلگىنىنى تېخى ئاڭلاپ باقمىدىم. لېكىن، كىچىك ئىشلار بەزىدە كىشىنى تەڭقىسلىقتا قالدۇرىدۇ. سىزنىڭ ئىشىڭىزغا كەلسەك، بۇ بىرەر ھۆكۈمەت مەخپىيىتى بولمىغاندىكىن، ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن سىزنى خەۋەردار قىلغۇم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن دۆلەت مەمۇرى ئەمەس، مەن بىر دېھقان، كەلگۈسىدىمۇ بىر دېھقانمەن. نۇرغۇن زامانلار ئىلگىرىكى چاغلار ئىدى، كەنت باشلىقى بولغىنىمغىمۇ نەچچە ئايلا بولغانىدى. بىر كۈنى يۇقىرىدىن بىر بۇيرۇق چۈشتى، قايسى بۆلۈمدىن چۈشكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. بۇيرۇقتا يۇقىرىدىكى كاتتا ئەمەلدارلاردىلا بولىدىغان كەسكىنلىك بىلەن بىر يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلىنغانلىقى، كەنت كومېتېتىنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئېھتىياجلىق بولغان جىمى خەرىتە، جەدۋەللەرنى تەقلەپ قويۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلىپتۇ. بۇيرۇقتا دېيىلگەن كىشىنىڭ سىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. چۈنكى ئۇ ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى ئىش ئىدى. ساقسىز بولۇپ كارىۋاتتىن چۈشەلمەي بۇرۇقتۇم بولغان، ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەي ئىچىم پۇشقان چاغلاردا مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئىشلار خىيالىمغا كېلىپ قالىدۇ، بولمىسا بۇنداق ئىشلار ئەستە تۇرامدۇ دەيسىز. مىكى، – ئۇ تۇيۇقسىز گېپىدىن توختاپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي ئۆينىڭ ئىچىدە تىنەپ ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن ئايالغا ئېغىز ئاچتى،- ئاۋۇ ئىشكاپنىڭ ئىچىگە قاراپ باققىنە، ھېلىقى بۇيرۇق شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ قالمىسۇن يەنە،- ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ K غا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،- ئۇ مەن يېڭىلا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن چاغدىكى ئىش بولغاچقا، ئۇنداق نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمەي ساقلاپ قوياتتىم.

ئايال دەرھال ئىشكاپنى ئاچتى، K بىلەن كەنت باشلىقى تەڭلا ئىشكاپ تەرەپكە نەزەرىنى ئاغدۇرۇشتى. ئىشكاپ ھۆججەتلەر بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنىدى. ئىشكاپنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ يوغان ئىككى باغلام ھۆججەت دومىلاپ چۈشتى، ھۆججەتلەر خۇددى ئوتۇن باغلانغاندەك يۇمۇلاق قىلىپ باغلاپ قويۇلغان ئىدى. ئايال چۆچۈپ كەينىگە داجىدى.

– ئاستىدا ئوخشايدۇ، ئاستىغا قاراپ باققىن،- كەنت باشلىقى كارىۋاتتا يېتىۋېلىپ بۇيرۇق سوقتى. ئايال ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنى تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشكاپتىن بىر- بىرلەپ ئالدى. ھۆججەتلەر بىردەمدىلا ئۆينىڭ يېرىمىنى بىر ئالدى.

– قىلغان ئىشلىرىم ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ،- كەنت باشلىقى بېشىنى لىڭشىتتى،- بۇ تېخى ئاز بىر قىسىمى. مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامباردا ساقلايمەن، لېكىن، كۆپ قىسىمى يوقىلىپ كەتتى. كىم مېنى ھەممىنى بىر يەرگە قويۇپ قويسۇن دەپتۇ؟ ئەمما ئامباردىكىسىمۇ ئاز ئەمەس،- ئۇ شۇنداق دېدى- دە، يەنە ئايالى تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئېغىز ئاچتى،- تاپالىدىڭمۇ؟ «يەر ئۆلچەش خادىمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىغا كۆك سىزىق سىزىپ قويۇلغان ھۆججەت شۇ.

– قاراڭغۇدا ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم،- دېدى ئايال،- شام ياندۇرۇپ ئىزدەي،- ئايال شۇنداق دېگەچ ھۆججەتلەرنى دەسسىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

– مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقى تولا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قىلغاندا،- دېدى كەنت باشلىقى،- ئايالىم قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولىدۇ. لېكىن، ئۇ بۇ ئىشلارنى قوشۇمچە قىلاتتى. يەنە بىر ياردەمچىم بار ئىدى، كۆچۈرىدىغان، يازىدىغان ئىشلاردا شۇ كىشى ياردەملىشەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەپەندىچىلىك قىلىدىغان كىشى شۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا يېتىشىپ بولالمايتتىم. نۇرغۇن ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايتتىم. بىر ياقلىق قىلىپ بولالمىغان ئاشۇنداق ھۆججەتلەرنى ئاۋۇ ئىشكاپقا قويۇپ قوياتتىم،- كەنت باشلىقى يەنە بىر ئىشكاپنى ئىما قىلدى،- تېنىمنى كېسەل چىرمىۋالدى، ئەمدىلىكتە ئۇنى تېخىمۇ بىر تەرەپ قىلىپ بولالمايمەن،- كەنت باشلىقى شۇنداق دېدى- دە، ھارغىن ئەمما كۆرەڭ بىر قىياپەتتە ئۆزىنى كەينىگە تاشلىدى.

K ئايالنىڭ شام ياندۇرۇپ ئىشكاپنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ھېلىقى بۇيرۇقنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سورىدى:

– ئايالىڭىزغا ئىزدىشىپ بەرسەم بولامدۇ؟

كەنت باشلىقى كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ دېدى:

– مەن سىزگە دېگەن، سىزدىن ھېچنېمىنى يوشۇرمايمەن. لېكىن، ھۆججەتلەرنى ئاختۇرۇشىڭىزغا يول قويالمايمەن.

ئۆي ئىچى يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك تىمتاسلىققا چۆمدى، پەقەت ھۆججەتلەرنى ۋاراقلىغاندا چىققان ئاۋازلا ئاڭلىناتتى. كەنت باشلىقىمۇ مۈگدەپ قالغاندەك قىلاتتى. شۇ ئەسنادا بىرەيلەن ئاستاغىنە ئىشىكنى چەكتى. K كەينىگە بۇرالدى. بۇ ئېنىقكى ھېلىقى ئىككى ياردەمچى ئىدى. ئۇلارغا قىلىنغان نەسىھەت كۈچىنى كۆرسەتتىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۆيگە لوڭڭىدىلا ئۈسسۈپ كىرمەستىن، ئاۋۋال ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئاستاغىنە توۋلىدى:

– تالادا تۇرۇۋېرىپ بەك توڭلاپ كەتتۇق.

– كىم؟- سورىدى كەنت باشلىقى چۆچۈپ ئويغىنىپ.

– مېنىڭ ياردەمچىلىرىم،- دېدى K،- قانداق قىلسام بولار، ئۇلار مېنى تالادا ساقلاپ تۇرىدۇ. تالا بەك سوغوق، ئۆيگە كىرسۇنمىكىن دېسەم، سىزنى بىزار قىلىپ قويارمىكىن دەيمەن.

– ھېچقىسى يوق، كىرىۋەرسۇن،- دېدى كەنت باشلىقى مۇلايىملىق بىلەن،- ئۇلارغا دەڭ، ئۆيگە كىرسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇلارنى تونۇيمەن، بىز دېگەن كونا تونۇشلاردىن.

– لېكىن مېنىڭ ئۇلار بىلەن تازا خوشۇم يوق،- دېدى K تۈزلا قىلىپ. ئۇ بىردە كەنت باشلىقىغا، بىردە ياردەمچىلىرىگە نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ، بۇ ئۈچەيلەننىڭ بىر- بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى،- سىلەرمۇ كىرگەندىكىن،- ئۇ سىناۋاتقاندەك بىر تەرزدە گېپىنى داۋام ئەتتى،- ئەمدى بىردەم ئولتۇرۇڭلار، كەنت باشلىقىنىڭ خانىمى «يەر ئۆلچەش خادىمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىغا كۆك سىزىق سىزىلغان بىر ھۆججەتنى ئىزدەۋاتىدۇ.

كەنت باشلىقى ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدى. تېخى بايىلا ھۆججەتلەرنى K نىڭ ئاختۇرۇشۇپ بېرىشىگە يول قويمىغان بۇ كىشى ئاۋۇ ئىككى ياردەمچىنىڭ ھۆججەتلەرنى ئىزدىشىگە قارشى تۇرمىدى. ياردەمچىلەر شۇئان ھۆججەت دۆۋىسىنى مالتىلاشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ھېچ ھۆججەت ئىزدەۋاتقاندەك قىلمايتتى، ئەكسىچە بىرى بىرتال ھۆججەتنى قولىغا ئېلىپ ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلىۋېدى، يەنە بىرى دەررۇ ئۇنىڭ قولىدىكى ھۆججەتنى شارتتىدە تارتىۋالدى. ھېلىقى ئايال قۇرۇق ئىشكاپنىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزايدى، ئوزايىدىن ھۆججەتنى ئىزدەۋېرىشتىن يالتايغاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شام قويۇلغان ئۈستەلمۇ ئۆزىدىن خېلىلا يىراقتا قالغان ئىدى.

– مۇنۇ ياردەمچىلىرىڭىز،- دېدى كەنت باشلىقى چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ. ئۇنىڭ ئاشۇ كۆرەڭ قىياپىتىدىن «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مانا مەن بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغان، قالتىسمىكەنمەن» دېگەندەك بىر ئىپادە چىقاتتى،- بۇ گەپچىزە، ئۇلاردىن بىزار بوپسىز- دە. لېكىن ئۇلار دېگەن سىزنىڭ ياردەمچىلىرىڭىز.

– ئۇنداق ئەمەس،- دېدى K سوغوقلا قىلىپ،- ئۇلار مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىپ كەپتۇ.

– نېمە، كەينىمدىن ئەگىشىپ كەلدى دەۋاتامسىز؟- دېدى كەنت باشلىقى،- سىز ئۇلارنى بىرەرسى ئەۋەتكەن دېمەكچىمۇسىز؟

– شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ،- دېدى K،- ئۇلارنى ئاسماندىن چۈشتى دېسەكمۇ بولىدۇ، بۇ يۇقىرىنىڭ ئۇلارنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بېكىتىشتە ئەستايىدىل ئويلاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

– بۇ يەردە ھېچقانداق ئىش ئويلاشماستىن بېجىرىلىپ قالمايدۇ،- كەنت باشلىقى شۇنداق دېدى- دە، پۇتىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك گەۋدىسىنى ئۆرە قىلدى.

– ھېچقانداق ئىش،- دېدى K،- ئەمسە مېنى يەر ئۆلچەشكە تەكلىپ قىلغىنى قانداق ئىش؟

– سىزنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق تەكلىپ قىلغان،- دېدى كەنت باشلىقى،- ئارىلىقتا بەزىبىر يوقىلاڭ ئىشلار يۈز بېرىپ ھەممە ئىشنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئاشۇ ھۆججەتلەرنى كۆرسىڭىز ھەممە ئىشنىڭ تېگىگە يېتىسىز.

– لېكىن، ھۆججەتلەرنى تاپالمىدۇقتە،- دېدى K.

– تاپالمىدۇق دەۋاتامسىز؟- توۋلىۋەتتى كەنت باشلىقى،- مىكى، ھۆججەتنى تېزراق تاپقىن! ھۆججەت تېپىلغۇچە ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن سىزنى خەۋەردار قىلغاچ تۇراي. بىز ھېلىقى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، رەھمەت- ھەشقاللىلار بىلەن ئۇلارغا يەر ئۆلچەش خادىمىغا ئېھتىياجىمىز يوق دەپ جاۋاب بەردۇق. لېكىن بۇ جاۋابىمىز شۇ بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن بۆلۈمگە ئەمەس – مەن ئۇنى ھازىرچە A بۆلۈم دەپ تۇراي – خاتا ھالدا يەنە بىر بۆلۈم- B گە كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن A بۆلۈم جاۋابىمىزنى ئىزچىل تاپشۇرۇۋالالماپتۇ. قېرىشقاندەك، B بۆلۈممۇ بىزنىڭ تولۇق جاۋابىمىزنى تاپشۇرۇپ ئالالماپتۇ. ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى بىز يوللىمىدۇقمۇ ياكى ياكى يېرىم يولدا يوقىلىپ كەتتىمۇ، بىلگىلى بولمىدى. ھۆددە قىلىمەن، ئىشقىلىپ بۆلۈمدە يوقۇلۇپ كەتمىگىنى ئېنىق. شۇنداق قىلىپ، B بۆلۈمگە ئىچىگە «قوشۇمچە قىلىنغان ھۆججەتتە بىر يەر ئۆلچەش خادىمى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى ئىشلار يېزىلغان، لېكىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھۆججەتنىڭ ئۆزى يۈتۈپ كەتكەن» دېگەن مەزمۇندا يېزىلغان ۋاراقچە سېلىنغان بىر قۇرۇق ھۆججەت خالتىسى ئەۋەتىلىپتۇ. مۇشۇ ئارىلىقتا A بۆلۈم ئىزچىل بىزنىڭ جاۋابىمىزنى كۈتۈپتۇ. بۇ ئىش ھەققىدە ئۇلار خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇپتۇ- يۇ، خىزمەتلەرنى ھەرقانچە پۇختا ئورۇنلاشتۇرغان بىلەنمۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان، دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئەھۋال قاتارىدا چۈشىنىلىپتۇ. شۇ بۇيرۇقنى بىزگە ئەۋەتكەن خادىم بىزنى ھامان جاۋابىنى بېرىدۇ دەپ ئويلاپ، يەر ئۆلچەش خادىمى ياللاپ ئەۋەتىپتۇ ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا بۇ ھەقتە بىز بىلەن يەنە ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، خاتىرە قالدۇرۇپ قويغان ئىش ئۇنىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. لېكىن، بۇ ھۆججەت خالتىسى B بۆلۈمدىكى ئىش بېجىرىشتە زىيادە ئەستايىدىللىقى بىلەن نام چىقارغان سۇدىنى ئىسىملىك بىر ئىتالىيىلىك ئىش بېجىرگۈچىنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ. مۇشۇنداق قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىر ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ بۇنچە دەرىجىسى تۆۋەن ۋەزىپىگە قويۇلۇپ قالغىنىنى ھەممە ئىشتىن ئۈجۈر- بۈجۈرىگىچە خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان مەنمۇ ھېچ چۈشىنەلمىدىم. سۇدىنى دېگەن شۇ ئادەم قۇرۇق ھۆججەت خالتىسىنى بىزگە قايتۇرۇپ، ھۆججەتنى تولۇقلاپ ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلىپتۇ. مانا، A بۆلۈمدىن تۇنجى قېتىم ئالاقە كەلگەن كۈنىدىن تا ھازىرغىچە نەچچە يىل ئۆتمىدى دېمىگەندىمۇ، نەچچە ئاي بولغىنى ئېنىق. مۇشۇنىڭدىن شۇنى چۈشۈنىۋېلىشقا بولىدۇ، بىر پارچە ھۆججەت ئەگەر نورمال سۈرئەتتە يۈرۈشسە – ئادەتتىمۇ شۇنداق بولىدۇ – بەك كېچىكتى دېگەندىمۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدە ئالاقىدار تارماقلارغا يەتكۈزۈلۈپ بولۇنىدۇ ھەم شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا بىر ياقلىق قىلىنىدۇ. شۇغىنىسى، ئالىمادىس خاتا يەتكۈزۈلۈپ قالسا – مۇكەممەل تۈزۈم شارائىتىدا بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، بولمىسا تاپقىلى بولمايدۇ – ۋاقىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن سوزۇلۇپ كەتكىنى شۇ. شۇڭا، سۇدىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىمىزدا بۇ ئىشتىن گاڭگىراپلا قالدۇق، ئۇ چاغدا ئىشخانىدا مىكى ئىككىمىزلا بار ئىدۇق. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەپەندىچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ياردەمچىمىزمۇ تېخى كەلمىگەن چاغلار ئىدى. بىز پەقەت ئەڭ مۇھىم دەپ بىلگەن ھۆججەتلەرنىڭلا قوشۇمھە نۇسخىسىنى ساقلاپ قويغانىدۇق. ئىشقىلىپ، بىزمۇ مۈجمەل بىرنەرسىلەرنى دەپ جاۋاب بەرگەن بولدۇق. بىز يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلىنغان ئىشتىن خەۋىرىمىز يوق ئىدى ھەم ئۇنداق ئادەمنىڭ بىزگە كېرىكىمۇ يوق ئىدى. لېكىن،- كەنت باشلىقى سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىزلا تۇرۇپ قالدى، ھاياجاندا جىق ئىشلارنى ئاشكارىلىۋەتكىنىنى ياكى تېمىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتكىنىنى سېزىپ گېپىدىن توختىۋالغاندەك قىلاتتى،- گەپلىرىم سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويمىغاندۇ- ھە؟

– ياقەي، شۇنداق قىزىقىپ ئاڭلاۋاتىمەن.

– بۇ گەپلەرنى مەن سىزگە ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىۋالسۇن دېگەن مەقسەتتە دەپ بەرمىدىم جۇمۇ،- كەنت باشلىقى سۆزىنى داۋام ئەتتى.

– ئىشقىلىپ ماڭا شۇنداق قىزىقارلىق تۇيۇلدى،- دېدى K ،- گەپلىرىڭىزدىن مەن ئۇچىغا چىققان بىمەنە ھەم كۈلكىلىك بىر ئەھۋالنى كۆرۈپ يەتتىم. بۇ بىمەنىلىكلەر بىر كىشىنىڭ تەقدىرىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتەلىشى مۇمكىن.

– يەنە چۈشەنمەيۋاتىسىز،- دېدى كەنت باشلىقى زەردە بىلەن،- گېپىمنىڭ ئاخىرىغا قۇلاق سېلىڭ. سۇدىنى بىزنىڭ جاۋابىمىزدىن ئەلۋەتتە رازى بولمايتتى. ئۇ گەرچە مېنى تەڭقىسلىقتا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىگە قول قويماي تۇرالمايتتىم. ئۇ ھېچكىمگە ئىشەنمەيتتى. ئېيتايلۇق، بىرەيلەن ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئالاقە قىلغان، ئۇمۇ شۇ كىشىنىڭ مۇتلەق ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، كېلەر قېتىم كۆرۈشكەندە گويا ئۇ كىشىنى زىنھار تونۇمايدىغاندەك ياكى ئۇ كىشىنىڭ ئىشەنچىسىز بىر خۇمپەر ئىكەنلىكىنى بىلىدىغاندەك، ئۇ كىشىگە قەتئىي ئىشەنمەيتتى. مېنىڭچىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنى خاتا ئەمەس، ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان ئادەم چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك. تولىمۇ ئەپسۇس، تەبىئىتىم مېنى بۇنداق پرىنسىپلارغا بويسۇنۇشقا يول قويمايدۇ. بۇ چاغقىچە سىزمۇ ھېس قىلىپ بولدىڭىز، مەن سىرىتتىن كەلگەن سىزدەك بىر ئادەمگە ئىچ- قارنىمنى تۆكۈپلاۋەتتىم، مېنىڭ ئىچىمدە زادىلا گەپ ياتمايدۇ ھەم شۇنداق قىلمىساممۇ بولمايدىغان يېرىگە يەتكەن. سۇدىنى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى، ئۇ بىزنىڭ جاۋابىمىزدىن گۇمانلىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە رەت خەت ئالاقىسى قىلدۇق. ئۇ بىزدىن نېمىشقا تۇرۇپلا يەر ئۆلچىگۈچىگە ھاجىتىمىز چۈشمەس بولۇپ قالغانلىقىمىزنى سورىدى. مەنمۇ مىكىنىڭ ئېسىمگە سېلىپ قويۇشى بىلەن بۇ ئىشنى دەسلەپتە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتىم (ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشنى يەنە بىر بۆلۈم ئوتتۇرىغا قويغانىدى، ئەلۋەتتە بۇ ئىش ئاللىقاچان ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىكەن) . سۇدىنى بەرگەن جاۋابىمغا: «ئەمىسە بۇ ئالاقىدىن مەن نېمىشقا ئەمدى خەۋەر تاپىمەن» دەپ رەددىيە بەردى. مەن: «بۇ ئىش ئەمدى ئېسىمىزگە كەلدى» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: «نېمانداق غەلىتە ئىش- بۇ!» دېدى. مەن: «بۇ ئىش بەك سوزۇلۇپ كەتتى، ھېچقانداق غەلىتە يېرى يوق» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: «ماڭا شۇنداق غەلىتە تۇيۇلىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، ھېلىقى ھۆججەت يوققۇ دەيمەن» دېدى. مەن: «ئەلۋەتتە يوق، چۈنكى ھۆججەتنىڭ ھەممىسى يوقۇلۇپ كەتكەن» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: «بىرىنچى قېتىملىق ھېلىقى ھۆججەت ھەققىدە چوقۇم خاتىرە قالدۇرۇلغان بولۇشى ئېنىق، لېكىن ھازىر ئۇ خاتىرىمۇ تېپىلمىدى»دېدى. بۇ گەپتىن ئاغزىم تۇۋاقلىنىپ قالدى. چۈنكى سۇدىنى ئىشلەيدىغان بۆلۈمنىڭ راستىنلا خاتالىشىپ قالغانلىقىغا مەن كېسىپ بىر نېمە دېيەلمەيتتىم ھەم شۇنداق بولغانلىقىغا ئىشىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، سىز كۆڭلىڭىزدە سۇدىنىنى ئەيبلەۋاتقانسىز. ئۇ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ھېچبولمىغاندىمۇ باشقا بۆلۈملەرنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ قېلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر كۆڭلىڭىزدە شۇنداق ئويلاپ قالغان بولسىڭىز، خاتالاشقان بولىسىز. مەن سىزنىڭ ئۇنىڭدىن بىرەر كەمچىلىك سادىر بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ قېلىشىڭىزنى زىنھار خالىمايمەن. ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىدا ھەرقانداق بىر سەۋەنلىكنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق ئىش ناھايىتى مۇكەممەل تەشكىللىنىشى كېرەك، شۇڭا بۇ پىرىنسىپنىڭ ئاساسى بار. ئەگەر ئىشلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىنىشى تەلەپ قىلىنسا، بۇ پىرىنسىپ ناھايىتى زۆرۈر بولىدۇ. شۇڭا، سۇدىنى باشقا بۆلۈملەرگە بېرىپ سۈرۈشتۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارمۇ بۇ ئىش ھەققىدە ھېچقانداق جاۋاب بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇنداق سورالسا يۈز بەرگەن بىرەر سەۋەنلىكىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى شۇ ھامان سېزىپ قالىدۇ.

[8] – گېپىڭىزنى بۆلۈۋېتىدىغان بولدۇم كەنت باشلىقى ئەپەندىم، سىزدىن بىر گەپنى سوراي،- دېدى K،- سىز باشتا بىر نازارەت قىلىش ئورگىنىنى تىلغا ئالغانىدىڭىز. دېگەن گېپىڭىزدىن تۈزۈلمەڭلارنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا بىرەر ئورۇن نازارەت قىلمايدۇ؟ مۇشۇنىڭغا زادىلا ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ.

– ئىشلاردا بەك مۇكەممەللىك قوغلىشىدىكەنسىز،- دېدى كەنت باشلىقى،- لېكىن، سىز شۇ مۇكەممەللىكىڭىزنى يەنە مىڭ ھەسسە ئاشۇرسىڭىزمۇ ھوقۇقدارلار قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا سىزنىڭ ئۇ مۇكەممەللىكىڭىز ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. سىزگە ئوخشاش ئىش ئۇقمايدىغان ياقا يۇرتلۇق كىشىلەرلا مۇشۇنداق سوئال سورايدۇ. نازارەت قىلىدىغان ئاپپاراتلار يوقمۇ دەپ سورىدىڭىزما؟ نازارەت قىلىدىغان ئاپپاراتلار بەك تولا. لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى كەڭ مەنىدىكى سەۋەنلىكلەرنى تەكشۈرۈش ئەمەس، چۈنكى ھېچقانداق سەۋەنلىك يۈز بەرمەيدۇ. يۈز بەردى دېگەندىمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئىشلاردا ناگان- ناگاندا يۈز بېرىپ قالىدۇ. لېكىن، كىم بۇنى سەۋەنلىك دەپ مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدۇ؟

– ھەجەپ ئاڭلىمىغان بىر خەۋەرنى ئاڭلاۋاتىمەنا!- توۋلىۋەتتى K.

– بۇ گەپلەر ماڭا ھېچقانداق يېڭى تۇيۇلمايدۇ،- دېدى كەنت باشلىقى،- مەنمۇ شۇچاغدا سىزگە ئوخشاشلا بىرەر سەۋەنلىكنىڭ يۈز بەرگىنىگە شەكسىز ئىشەنگەنىدىم. بۇ ئىش سۇدىنىغا بەكلا ئېغىر كېلىپ، ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بىز بىرىنچى نازارەت ئورگىنىغا ھەشقاللا ئېيتساق بولىدۇ، ئەنە شۇلار بۇ سەۋەنلىكنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقتى ھەم خاتالىقىنى تەن ئالدى. لېكىن، ئىككىنچى نازارەرت ئورگىنىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا كىم بىر نېمە دېيەلەيدۇ؟ يەنە تېخى ئۈچىنچى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يوقىرى نازارەت ئورگانلىرىمۇ مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقىرامدۇ تېخى؟

– بەلكىم شۇنداق بولۇشى مۇمكىن،- دېدى K ،- لېكىن، ھەرھالدا ئۇنداق ئويدا بولماي تۇراي، بۇنداق نازارەت ئورگانلىرىنىڭ بارلىقىنى مەن تۇنجى ئاڭلاۋاتىمەن، ئۇلارنى زادى چۈشىنەلمەيلا قالدىم. مېنىڭچە، بۇ ئىككى ئىشنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك: بىرى، مۇشۇ ئورگانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يۈز بەرگەن ئىشلار. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئىشلارغا يا ئۇنداق، يا مۇنداق چۈشەنچە بېرىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، مەن دەل مۇشۇ ئىشلارغا ئالاقىدار ئادەممەن، مەن بۇ ئورگانلارغا تەۋە ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەرۋاقىت تەھدىتىگە دۇچ كېلىمەن. بۇ تەھدىتلەر شۇنچىلىك بىمەنىكى، مەن ئۇلارنىڭ راستىنلا بۇنچە خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە ھېلىغىچە ئىشەنمەي يۈرىمەن. كەنت باشلىقى ئەپەندىم، سىز بۇ ھەقتىكى ئىشلاردىن ئۇجۈر- بۈجۈرىگىچە خەۋەردار، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ناھايىتى تەپسىلىي دەپ ئۆتتىڭىز، بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ ھەيران قالدىم. لېكىن، مېنىڭ ئۆزۈم ھەققىدىكى ئىشلارنىمۇ ئاڭلاپ باققۇم بار.

– مەنمۇ سىزگە دەل مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرمەكچى،- دېدى كەنت باشلىقى،- لېكىن، سىزنى بەزى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلمىسام يەنە چۈشەنمەي قالىسىز. بايىقى نازارەت ئورگانلىرىنىڭ گېپىنى سىزگە بالدۇر دەپ ساپتىمەن. شۇڭا سۇدىنى ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى سىزگە بېشىدىن سۆزلەپ بېرەي. بايىمۇ دەپ ئۆتتۈم، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزۈمنى ئاقلاشتىكى ئاساسلىرىم بارا- بارا پۇت دەسسەپ تۇرالمىدى. لېكىن، سۇدىنى بىرەرسى بىلەن زىتلىشىپ قالسا، ئازراقلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالسا بوش كەلمەيدۇ، قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلماي قويمايدۇ. چۈنكى بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ دىققىتى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىدۇ، زېھنى، ئەقىل- پاراسىتى ناھايىتى ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ- دە، رەقىبىگە ناھايىتى رەھىمسىز بولۇپ كېتىدۇ، رەقىبى ئۇنىڭ بۇ كارامىتىگە قول قويماي تۇرالمايدۇ. باشقا ئىشلاردىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىدىن خەۋىرىم بولغاچقا، شۇڭا سىزگە ئالايىتەن دەپ بېرىۋاتىمەن. ھەراست، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان، ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ يۈرمەيدۇ، قىلىدىغان ئىشى بەك جىق. ئاڭلىسام، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تاملىرىغا يۆلەپ قويۇلغان باغلام- باغلام ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقانمىش، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى سۇدىنىنىڭ بىر ياقلىق قىلىشىغا قاراشلىق ھۆججەتلەرمىش، ھۆججەتلەر تولا ئېلىپ- سېلىنىپ تۇرغاچقا، تامغا يۆلەپ قويۇلغان ھۆججەت دۆۋىسى ھەدېسىلا ئۆرۈلۈپ چۈشەرمىش. ھۆججەت دۆۋىسىنىڭ توختىماي ئۆرۈلىشىدىن چىقىدىغان ئاۋازلار سۇدىنى ئولتۇرىدىغان ئىشخانىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىمىش. دېمىسىمۇ، سۇدىنى ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئادەم، قىلىۋاتقان ئىشى مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، بەك ئەستايىدىل ھەم زىل.

– كەنت باشلىقى ئەپەندىم،- دېدى K،- ھەدېسىلا: «سىزنىڭ ئىشىڭىز كىچىك ئىش» دېدىڭىز، لېكىن نۇرغۇن ئەمەلدارلار مەن ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ كېتىپتۇ. يا بولمىسا مېنىڭ ئىشىم دەسلەپتە ئەرزىمەس كىچىك ئىش بولۇپ، سۇدىنىغا ئوخشاش ئەمەلدارلار ئارىلاشقاندىن كېيىن چوڭ ئىشقا ئايلىنىپ كەتكەنمۇ؟ ئېسىت، مۇشۇنداق بىر ئىشقا يولۇقارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. مېنىڭ ئارزۇلايدىغىنىم، مەن توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ گۈلدۈرلەپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ئەمەس، يەر ئۆلچەش خادىمى بولغىنىمغا تۇشلۇق چېرتىيۇژ سىزىش ئۈستىلىدە بېسىپ ئولتۇرۇپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش.

– ئۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ،- دېدى كەنت باشلىقى،- بۇ ئۇنچە چوڭ ئىش ئەمەس. سىزنىڭ بۇ ھەقتە ئاغرىنىشقا ھەققىڭىز يوق. سىزنىڭ ئىشىڭىز دېگەن كىچىك ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى. بىر ئىشنىڭ موھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى شۇ ئىشنىڭ ئاز- كۆپلۈكى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ. ئەگەر شۇنداق ئويلاپ قالغان بولسىڭىز، سىز باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىكەنسىز. خىزمەتنىڭ ئاز- كۆپلۈكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش. ئادەتتىكى ئىشلاردا، يەنى ئاتالمىش سەۋەنلىك كۆرۈلمەيدىغان ئاشۇ ئىشلارغا زېھىن كۆپ سەرپ بولىدۇ ھەم ئۈنۈمىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۆزىڭىز ھەققىدىكى ئىشنىڭ قانداق ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسلا چۈشەنمەيدىكەنسىز. ئەمدى مەن سىزگە مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەي. دەسلەپتە سۇدىنى مېنى بۇ ئىشقا قول تىققۇزمىدى، لېكىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئەمەلدار كېلىپ، ھەركۈنى ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنى يىغىپ ئەھۋال ئىگىلەپ خاتىرە قالدۇردى. كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ تەرىپىمنى ئالدى، پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولدى. يەر ئۆلچەش دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇلار بۇنىڭدا بىرەر سۇيىقەست ياكى ئادالەتسىزلىك يوشۇرۇنغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەپ، ۋەكىلدىن بىرنى سايلاپ چىقىشتى. سۇدىنى ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن مۇنداق بىر يەكۈنگە ئېرىشەتتى: يەنى ئەگەر مەن بۇ مەسىلىنى كەنت كومېتېتىغا مەلۇم قىلسام، ھەممىلا ئادەم يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان ئىش چىقمايتتى.[9] شۇڭا، بۇ نۇقتىنى – يەر ئۆلچىگۈچى خادىمغا ھاجىتى چۈشمەسلىك مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ئېنىقلىماي بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ كىچىككىنە ئىش گۇمانلىق بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئىشتا برۇنسىۋىك ئىسىملىك بىر ئادەم – سىز ئۇنى تونۇمايسىزغۇ دەيمەن – بەك چىڭ تۇرۇۋالدى، ئۇ بەك ئەسكى ئادەممۇ ئەمەس، لېكىن ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەق بىر نېمە، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلمەيدۇ، ئۇ لېيىزمەن بىلەن باجا كېلىدۇ.

– كۆن- خۇرۇم ئۇستىخانىسىنىڭ خوجايىنى لېيىزمەننى دەۋاتامسىز؟- K ئۇنى لېيىزمەننىڭ ئۆيىدە كۆرگەن ھېلىقى چۇپۇريۈز ئادەم شۇمىدۇ دەپ قىياس قىلدى.

– شۇنداق، دەل ئۆزى شۇ،- دېدى كەنت باشلىقى.

– مەن تېخى ئۇنىڭ ئايالىنىمۇ تونۇيمەن،- دېدى K ئۇدۇللا قىلىپ.

– بۇنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ،- كەنت باشلىقى شۇنداق دېدى- دە، شۈكلەپ كەتتى.

– ئۇ بەك چىرايلىق ئايالكەن،- دېدى K،- لېكىن سەل تاتىراڭغۇ، كېسەل چىراي كۆردۈم. ئۇ ئايال قەلئەدىن كەلگەنما؟- بۇ گەپتىن ئاسماقچىلاپ سوراۋاتقاندەك بىر خىل ئىپادە چىقاتتى.

كەنت باشلىقى سائىتىگە قاراپ قويدى- دە، قوشۇققا دورا تۆكۈپ ناھايىتى تېزلىك بىلەن غۇرتتىدە يۇتۇۋەتتى.

– قەلئەنىڭ ئىچىدىكى ئىشلاردىن ئوبدانلا خەۋىرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟- سورىدى K توڭلۇق بىلەن.

– شۇنداق،- كەنت باشلىقىنىڭ چېھرىدە مەسخىرە ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل مىننەتدارلىق كۈلكىسى ئەكس ئەتتى،- بۇلار سىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. برۇنسىۋېك دېگەن ئادەمنى كەنتتىن ھەيدىۋېتەلىگەن بولساق، ھەممىمىز خوش بولغان بولاتتۇق، لېيىزمەنمۇ مەمنۇن بولاتتى. لېكىن ئۇ چاغدا برۇنسىۋېكنىڭ تەسىر كۈچى بەك زور ئىدى. ئۇ ناتىق بولمىسىمۇ، لېكىن بىر ئىشلاردا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ گۈركىرەشكە ئېپى بار ئىدى. بۇ تەرىپىدىن كىشى رازى بولۇپمۇ قالاتتى. شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ ئىشنى كەنت كومېتېتىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ برۇنسىۋېك ئۈچۈن ۋاقىتلىق غەلىبە ئىدى. چۈنكى كەنت كومېتېتىدىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئېنىقلا يەر ئۆلچىگۈچى دېگەندەكلەرنى تەكلىپ قىلىشقا قارشى ئىدى. بۇمۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بولغان ئىش، لېكىن شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ ئىش زادىلا بېسىقمىدى. سۇدىنىنىڭ بەك زىغىرلاپ كېتىشىمۇ بۇنىڭغا بىر سەۋەب بولۇپ قالدى. ئۇ ئاشۇنداق قىلنى قىرىققا يېرىپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلەن قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ مەقسەت- مۇددىئاسىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. بۇنىڭغا يەنە برۇنسىۋېكنىڭ ھاماقەتلىكى بىلەن قارانىيەتلىكىمۇ سەۋەب بولدى. ئۇنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلەن شەخسىي ئالاقىسى بولغاچقا، ھەدېسىلا ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خام خىياللىرى ئۇلارنى ئەمدى بېسىقاي دەپ قالغان ئىشنى قايتىدىن چۇۋۇشقا قۇترىتىپ تۇردى. لېكىن، سۇدىنى برۇنسىۋېكنىڭ ئالدام خالتىسىغا ئالدىراپ چۈشمەيتتى. ئەمىسە برۇنسىۋېك قانداقسىگە سۇدىنىنىڭ كۆزىنى بويىيالىدى؟ ئالدىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن سۇدىنى يېڭىباشتىن تەكشۈرۈپ چىقمىسا بولمايتتى. لېكىن تەكشۈرۈشلەر تاماملانماي تۇرۇپلا برۇنسىۋېك يەنە يېڭى- يېڭى نەيرەڭلەرنى ئويلاپ چىقىشقا باشلىدى. ئۇ قورسىقىدا چوتۇرى تولا ئادەم ئىدى، بۇمۇ ئۇنىڭ ھاماقەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەمدى مەن سىزگە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ بېرەي: ئىشلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلار ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ. بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان بىر ئىش تۇيۇقسىزلا شۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈلمىگەن، يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بىر بۆلۈم تەرىپىدىن چاقماق تېزلىكىدە بىر تەرەپ قىلىنسا، بۇنداق چىقىرىلغان قارارنىڭ كۆپىنچىسى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، قارىسىغا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مۇشۇنداق جىددىيلىككە، ئەسلىدىنلا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر غىدىقلىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئەمەلدارلارنىڭ ياردىمىنىمۇ كېرەك قىلماستىن ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قانداقتۇر بىر مۆجىزىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ئەمەلدار يازغان بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ياكى ئاغزاكى كۆرسەتمىسىنىڭ كۈچىدىن بولغان. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، بۇ قارارنى كىمنىڭ، نېمە سەۋەبتىن چىقارغانلىقىنى بىزمۇ بىلمەيمىز، كەنت كومېتېتىمۇ، بۆلۈملەرمۇ بىلمەيدۇ. نازارەت قىلىش ئورگانلىرى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپىدۇ، لېكىن، بىز بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىمىز، كېيىن بۇ ئىشقا ھېچكىم قىزىقماسلا بولىدۇ. بايا دېگىنىمدەك، بۇ قارارلارنىڭ ياخشىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغان يېرى، كىشىلەر بۇ قاراردىن خەۋەر تاپقاندا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ. دەل شۇ ۋەجىدىن، بۇ ئارىلىقتا كىشىلەر ئاللىبۇرۇن قارار چىقىرىلىپ بولۇنغان بىر ئىش ئۈستىدە قىزىشىپ مۇنازىرىگە چۈشۈشۈپ كېتىدۇ. سىزنىڭ ئىشىڭىز توغرىسىدا مۇشۇنداق قارارلار چىقىرىلدىمۇ- يوق، بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق. بەزىلەر شۇنداق قارار چىقىرىلدى دەيدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس دېيىشىدۇ. لېكىن، راستىنلا شۇنداق قارار چىقىرىلغان بولسا، تەكلىپنامە ئاللىبۇرۇن قولىڭىزغا تەگكەن بولاتتى. سىزمۇ نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ بۇ يەرگە كەلدىڭىز، نۇرغۇن ۋاقتىڭىز سەرپ بولدى. مۇشۇ ئارىلىقتا سۇدىنى بۇ ئىشقا كىرىشىپلىۋالدى، نۇرغۇن زېھنىنى ئىشلىتىپ ھالى قالمىدى. برۇنسىۋېكمۇ ھىيلە- نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىشتىن زېرىكمىدى. مەن بولسام ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قېلىپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۈردۈم. مۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەي، لېكىن مۇنۇ ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگىنى راست. بىر نازارەت قىلىش ئورگىنى مۇشۇ مەزگىلدە A بۆلۈمنىڭ نۇرغۇن يىللار مۇقەددەم يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلىش ھەققىدە كەنت كومېتېتىدىن پىكىر ئالغانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەندىن بۇ ئىشنىڭ تېگى- تەكتىنى بىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئۇ چاغدا بۇ ئىش ئايدىڭ بولۇپ بولغانىدى. A بۆلۈم مېنىڭ يەر ئۆلچەش خادىمى كېرەك ئەمەس دېگەن جاۋابىمدىن رازى بولدى، سۇدىنىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەسلىكىنى، پايدىسى يوق بىر مۇنچە ئىشلارنى قىلىپ زېھنىنى خوراتقانلىقىنى، لېكىن بۇ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. تەرەپ- تەرەپتىن يېڭى- يېڭى خىزمەتلەر كېلىپ بېسىۋالمىغان بولسا، سىزنىڭ ئىشىڭىز ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئىش بولمىغان بولسا، ھەممىمىز ئۇھ دەۋالغان بولاتتۇق، سۇدىنىمۇ گەپ يوق شۇنداق قىلغان بولاتتى. برۇنسىۋېكنىڭلا بۇ ئىشقا بەك ئاچچىقى كەلدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش بولدى. بۇ ئىش ئەنە شۇنداق چىرايلىقچە بېسىقىۋېدى – بۇنىڭغىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى – تۇرۇپلا سىز پەيدا بولدىڭىز، قارىغاندا بۇ ئىش يەنە يېڭىباشتىن چۇۋۇلۇپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم. مەنچە بولسا، بۇ ئىشنىڭ يەنە چۇۋۇلۇپ چىقىشىغا ھەرگىز يول قويمايتتىم. ئەمدىغۇ گەپلىرىمنى  چۈشەنگەنسىز؟

– چۈشەندىم،- دېدى K،- لېكىن، بىر نەرسە ئېنىق بولدى، بۇ يەردە بەزىلەر مەن توغرىسىدىكى ئىشنى خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ، ھەتتا قانۇننىمۇ كەلسە- كەلمەس ئىشلىتىپتۇ. مەن بۇنداق بولۇشىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايمەن.

– سىز نېمە قىلماقچى؟- سورىدى كەنت باشلىقى.

– بۇنى سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن،- دېدى K.

– مەن سىزنى چوقۇم دەيسەن دەپ مەجبۇرلىيالمايمەن،- دېدى كەنت باشلىقى،- لېكىن ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ، مەن سىزنىڭ – مەن ئۆزۈمنى سىزنىڭ دوستىڭىز دېيەلمەيمەن، چۈنكى بىز ئەزەلدىن تونۇشمايمىز – مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن سىزنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدىكى دوستىڭىز. مەن سىزدەك بىر يەر ئۆلچىگۈچىنى ئىشلىتەلمەيمەن. لېكىن، ھەرقانداق ئىشتا مېنى ئىزدەۋېرىڭ، پەقەت ھوقۇق دائىرەمدىكى ئىش بولسىلا سىزگە ياردەم قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييارمەن.

– سىز ھەدېسىلا، سىزگە ئوخشاش يەر ئۆلچىگۈچىنى ئىشلىتەلمەيمەن، دەيدىكەنسىز. لېكىن مەن ئاللىبۇرۇن تەكلىپ قىلىنىپ بولدۇم. مانا ماۋۇ كلامنىڭ خېتى.

– كلامنىڭ خېتى؟- دېدى كەنت باشلىقى،- كلامنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان خەتكە ھۆتۆت- پۆتۆت دېيەلمەيمىز، بۇ ئىمزامۇ يالغان ئەمەسكەن. شۇغىنىسى، بۇنىڭغا مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن. مىكى!- كەنت باشلىقى شۇنداق دەپ توۋلىدى- دە، گېپىنى يەنە داۋام قىلدى،- نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟

خېلىدىن بېرى ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ئارىلاشماي جىممىدە تۇرغان ئىككى ياردەمچى بىلەن مىكى ھېلىقى ھۆججەتنى تېخىچە تاپالمىغانىدى، ئاخىرى بولماي جىمى ھۆججەتنى ئىشكاپقا سېلىپ جايىغا قويۇپ قويماقچى بولۇپ تۇراتتى، لېكىن ھۆججەتلەر بەك كۆپ ھەم قالايمىقان بولغاچقا، ئىشكاپقا پاتۇرالماي تۇراتتى. ئىككى ياردەمچىنىڭ تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلگەندەك بولدى- دە، يەنە ئىشىغا تۇتۇندى. ئۇلار ئىشكاپنى يەرگە تۈز ياتقۇزۇپ قويدى- دە، ھۆججەتلەرنى ئىشكاپنىڭ ئىچىگە نىقتاپ تىقىشقا باشلىدى، ئارقىدىن مىكىمۇ ئىشكاپنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇرۇپ ھۆججەتلەرنى ئىچىگە تىقىشقا باشلىدى.

– ھۆججەتنى تاپالماپسىلەر- دە،- دېدى كەنت باشلىقى،- ھەي ئېسىت! لېكىنغۇ ئىشلارنىڭ تېگى- تەكتىدىن خەۋەر تاپتىڭىز. ئەمدى ئۇ ھۆججەتنى كۆرۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى. ئەمما، ھۆججەت ھامان تېپىلىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆيىدىمۇ ناھايىتى كۆپ ھۆججەتلەر بار، ھۆججەت ئۇنىڭدىمۇ تېخى. مىكى، شامنى يېقىن ئەكېلىپ ماۋۇ خەتنى ئوقۇپ بەرگىنە.

مىكى يېقىن كېلىپ كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇردى- دە، بەستى يوغان، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئېرىنى ئاستا يۆلىدى، كەنت باشلىقى ئايالنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدى، بۇ چاغدا ئايالنىڭ ئەسلىدىنلا تاتىراڭغۇ چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ جۈدەڭگۈ تۈس ئالدى. شامنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ ئۇنىڭ جۈدەڭگۈ يۈزلىرى كۆزگە بۆلەكچە كۆزگە تاشلىناتتى، ئايالنىڭ چېھرىنى باسقان يول- يول قورۇقلار يىللارنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە باشقىچە مېھىرلىك كۆرۈنەتتى. ئايال خەتكە لاپپىدە قاراپ قويدى- دە، قوللىرىنى جۈپلەپ تۇرۇپ: «كلامنىڭ خېتى ئىكەن» دېدى. ئارقىدىن ئىككەيلەن خەتنى ئوقۇشقا كىرىشتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ بىر- بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلىدى. شۇ ئەسنادا ئىككى ياردەمچى «قالتىس بولدى» دەپ ۋارقىراپ كېتىشتى، چۈنكى ئۇلار ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى ئاخىرى ئېتەلىگەن ئىدى. مىكى مەمنۇنلۇق ئىلىكىدە ئۇلارغا نەزەرىنى ئاغدۇردى. كەنت باشلىقى ئېغىز ئاچتى:

– مىكى ئىككىمىزنىڭ كۆز قارىشى بىردەك، بۇ ھەقتە مېنىڭ گېپىم مۇنداق. بۇ خەت ھۆكۈمەت ئالاقىسى شەكلىدە ئەمەس، بەلكى شەخس نامىدىن يېزىلىپتۇ. بۇنى خەتنىڭ بېشىدىكى «ھۆرمەتلىك ئەپەندىم» دېگەن سۆزدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خەتتە سىزنىڭ يەر ئۆلچەش خادىمى ھېسابىدا تەكلىپ قىلىنغانلىقىڭىز تىلغا ئېلىنماپتۇ، ئەكسىچە گراف ئالىيلىرىغا خىزمەت قىلىش دېگەندەك گەپلەر يېزىلىپتۇ، ھەتتا مۇشۇ گەپمۇ ئېنىق دېيىلمەپتۇ. خەتتە يەنە «خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك»، «سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېيىلىپتۇ. بۇ، «تەكلىپ قىلىنغانلىقىڭىز ھەققىدىكى دەلىل- ئىسپاتنى ئۆزىڭىز تەمىنلەڭ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار سىزنىڭ كېلىپ مېنى ئىزدىشىڭىزنى، مېنىڭ سىزگە مەسئۇل بولۇپ جىمى ئىشلاردىن سىزنى خەۋەردار قىلىشىمنى ئېيتىپتۇ. بۇنى مەن سىزگە بايىدىن بېرى دەپ بولدۇم. ھۆكۈمەت ئالاقىسىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلار ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى بەكلا چۈشىنىشلىك. سىز بۇ يەرلىك ئەمەس، شۇڭا بۇنى چۈشەنمەيسىز، بۇنىڭدىن مەن ھەيران قالمايمەن. ئىشقىلىپ، بۇ خەتتە كلامنىڭ سىزنىڭ گراف ئالىيلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقىڭىزغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن باشقا گەپ يوقكەن.

– كەنت باشلىقى ئەپەندىم،- دېدى K ،- خەتتە دېيىلگەنلىرى سىز دېگەندەك مەنىدە بولسا، ئۇنداقتا بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە قويۇلغان ئىمزادىن باشقا نەرسە يوقكەنغۇ ئەمىسە. [10] ھېس قىلدىڭىزمىكىن، سىز كۆرۈنۈشتە كلامنى ھۆرمەتلىگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەنسىز، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ ئىسىمىنى ھاقارەت قىلىۋاتىسىز.

– سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز،- دېدى كەنت باشلىقى،- مېنىڭ بۇ خەتكە ئېتىبارسىز قاراۋاتقىنىم يوق، خەتنىڭ مەنىسىنى بۇنداق چۈشەنگىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلغىنىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. كلامنىڭ شەخسىي خېتى ئۇ قول قويغان ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئالاقىسىدىنمۇ مۇھىم. لېكىن، بۇ خەتتە ئويلىغىنىڭىزدەك ئۇنداق مۇھىم ئىشلار يېزىلماپتۇ.

– سىز شىۋارزېرنى تونۇمسىز؟- سورىدى K .

– تونۇمايمەن،- جاۋاب بەردى كەنت باشلىقى،- مىكى، ئۇنى سەن تونۇيسەنغۇ دەيمەن؟ ھە راست، سەنمۇ تونۇمايسەن، ئۇنى ھېچقايسىمىز تونۇمايدىكەنمىز.

– قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ،- دېدى K،- ئۇ دېگەن قەلئەنىڭ باش غوجىدارىنىڭ ئوغلىغۇ؟

– قەدىرلىك يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم،- دېدى كەنت باشلىقى،- شۇنچە كۆپ قەلئە غوجىدارىنىڭ ئوغلىنى قانداقمۇ تونۇپ بولاي؟

– ئەمىسە بوپتۇ،- لېكىن، دېگىنىم راست، ئۇ ھەقىقەتەن قەلئەنىڭ باش غوجىدارىنىڭ ئوغلى ئىكەن. مەن بۇ يەرگە كەلگەن كۈنى شىۋارزېر ئىسىملىك ئاشۇ ئادەم بىلەن دېيىشىپ قالدىم. كېيىن، ئۇ فىرېتىز ئىسىملىك قەلئەنىڭ باش غوجىدارىغا تېلېفون ئۇرۇپ يوليۇرۇق سورىدى، تېلېفوندا ئۇنىڭغا مېنىڭ يەر ئۆلچەش خادىملىقىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىم ئېيتىلدى. ئەمىسە بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز كەنت باشلىقى ئەپەندىم؟

– ئۇنچە مۇرەككەپ ئىش ئەمەسكەنغۇ بۇ،- دېدى كەنت باشلىقى،- سىز بىزنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلەن تېخى ئۇچراشمىدىڭىز. ئۇچراشقانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ساختا كۆرۈنۈش. سىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىڭىز بولمىغاچقا، ئۇ ئىشلارنى راست دەپ قېلىۋاتىسىز. تېلېفون ئۇرۇلغان ئىش مۇنداق: گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ، مېنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بولغان ئالاقەم بەك قويۇق، لېكىن ئۆيۈمدە تېلېفون يوق. سارايغا ئوخشاش جايلاردا تېلېفوننىڭ رولى خۇددى بىر ئاپتوماتىك پاتىفوندەك چوڭ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، تېلېفوندىن ئاڭلانغىنى ئاپتوماتىك پاتىفوننىڭ ئاۋازى، چۈشەنسىڭىز بۇ مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىش. سىز بۇ يەرگە كەلگەننىڭياقى تېلېفون ئۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم ئۇرۇپ باققانسىز؟ تېلېفون ئۇرۇپ باققان بولسىڭىزلا مېنىڭ دېگەنلىرىمنى چۈشىنىپ يېتىسىز. قەلئەدە تېلېفوننىڭ رولى بەك چوڭ. ئاڭلىسام، قەلئەنىڭ تېلېفونلىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماي سايرايدىكەن، بۇنداق بولغاندا خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ئاشىدۇ. بۇ يەردىكى تېلېفونلاردىن ھەمىشە «دۈت- دۈت»، «تى- تا- تى- تا- تات» دېگەن ئاۋازلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى سىزمۇ ئاڭلىغان بولغىيتتىڭىز. لېكىن، تېلېفوندىن ئاڭلىنىۋاتقان ئاشۇنداق ئاۋازلارلا ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان. قەلئە بىلەن كەنتىمىز ئارىسىدا مەخسۇس لىنىيىلىك تېلېفون يوق، ھەم بىزنىڭ تېلېفونىمىزنى ئۇلاپ بېرىدىغان باش ئاپپاراتمۇ يوق. بۇ يەردىن قەلئەگە تېلېفون ئۇرۇلسا، قەلئەگە قاراشلىق جىمى بۆلۈملەرنىڭ تېلېفونى سايراپ كېتىدۇ. توغرىسىنى ئېيىتقاندا، ئەگەر ھەممە تېلېفوندىكى سايراش قۇرۇلمىسى ئېتىۋېتىلمەي قالسا، جىمى تېلېفونلار سايراپ كېتىدۇ. شۇغىنىسى، گاھىدا چارچاپ ھالىدىن كەتكەن بىرەر ئەمەلدار ئىچ- پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن كەچتە ياكى يېرىم كېچىلەردە تېلېفوننىڭ ئاۋاز ياڭرىتىش قۇرۇلمىسىنى ئېچىپ قويىدۇ- دە، بىز تېلېفوندىن يانغان ئەكس ئاۋازنى ئاڭلايمىز. ئەلۋەتتە بۇ بىر چاقچاق خالاس. بۇنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى قەلئەدىكى كىشىلەر كۈنبويى ئىنتايىن مۇھىم ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ، كىممۇ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە شەخسىي ئىشىنى دەپ ئۇلارغا تېلېفون ئۇرۇپ ھۆتۆت- پۆتۆت دېيەلىسۇن؟ ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق ئىشىنىپ قالغانىسز؟ مەسىلەن، سۇدىنىغا تېلېفون ئۇردىڭىزمۇ دەيلى، سىزنىڭچە تېلېفوننى راستىنلا سۇدىنىنىڭ ئۆزى ئالارمۇ؟ تېلېفوننى باشقا بۆلۈمدىكى بىرەر كاتىپ ئالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن، كاتىپقا بىرەيلەن تېلېفون ئۇرسا، تېلېفوننى سۇدىنىنىڭ ئۆزى ئالىدۇ، ئالاھىدە ۋاقىتلاردىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. شۇغىنىسى، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئەڭ ياخشىسى قارشى تەرەپنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتكەن تۈزۈك.

– مەن ئۇنداق ئويلىماپتىمەن،- دېدى K،- بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن تېلېفوندا دېيىلگەن گەپلەرگە ئۇنچە ئىشىنىپمۇ كەتمىگەنىدىم. مەن پەقەت قەلئەدىكىلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلغىلى بولسىلا جىمى ئىش ئايدىڭ بولىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

– بۇ گېپىڭىز بولمىدى،- كەنت باشلىقى K نىڭ گېپىنى بۆلدى،- تېلېفوندا دېيىلگەن گەپلەرمۇ بەك مۇھىم، نېمىشقا مۇھىم بولمىسۇن؟ قەلئەدىكى ئەمەلدارلارنىڭ گېپىنى مۇھىم ئەمەس دەپ كىم دېدى سىزگە؟ مەن سىزگە كلامنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەندە بۇ نۇقتىنى دېگەن. خەتتە يېزىلغان مەزمۇنلاردا ھۆكۈمەت تۈسى يوق. ئەگەر سىز ھۆكۈمەت تۈسى بار دەپ قارىغان بولسىڭىز، خاتالاشقان بولىسىز. يەنە بىر جەھەتتىن، شەخسىي خەت مەيلى دوستانە ياكى يامان نىيەتتە يېزىلسۇن، يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ھەتتا ئۇ ئادەتتىكى ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئالاقىسىدىنمۇ مۇھىم.

– ياخشىغۇ،- دېدى K،- ئەگەر ھەممە ئىش سىز دېگەندەك بولسا، قەلئەدە دوست- بۇرادەرلەرنىڭ بولماسلىقىدىن غەم قىلمىساممۇ بولغۇدەك. توغرىسىنى ئېيتقاندا، تالاي يىللار ئىلگىرى ھېلىقى بۆلۈمنىڭ تۇيۇقسىز يەر ئۆلچەش خادىمىدىن بىرنى تەكلىپ قىلغۇسى كەپقالدى، بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر يېقىنچىلىق بولدى. كېيىن، بۇنداق يېقىنچىلىقلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەي بولۇۋەردى. ئاخىرىغا كەلگەندە پالاكەتچىلىك بېسىپ مەن بۇ يەرگە ئالداپ كېلىندىم، ئەمدىلىكتە ھەدېسىلا تەھدىتكە ئۇچراپ يەنە كەتكۈزۈۋېتىلمەكچى بولۇۋاتىمەن.

– گېپىڭىزنىڭ ئاساسى بار،- دېدى كەنت باشلىقى،- سىز قەلئەنىڭ يوليورۇقلىرىنى نوقۇل يازمىچە مەنىدە چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدىكەنسىز، بۇ ئويىڭىز خاتا ئەمەس. شۇغىنىسى، بۇ ئىشتىلا ئەمەس، ھەرقانداق ئىشتا ئېھتىياتچان بولماق زۆرۈر. ئىشلار قانچە مۇھىم بولغانسېرى شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. لېكىن، مەن سىزنىڭ «ئۇلار مېنى بۇ يەرگە ئالداپ ئەكەپتۇ» دېگەن گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. ئەگەر دېگەنلىرىمگە تەپسىلىي قۇلاق سالسىڭىز، نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىپ قالىسىز. سىزنىڭ بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغىنىڭىز ئەسلىدىنلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر ئىش، ھەرگىزمۇ بۇ يەردە مۇنداقلا پاراڭلىشىپ قويغىنىمىز بىلەنلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس.

– ئەمدى مېنىڭ ئىشىمنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇپ كېتەر؟- دېدى K،- ھېچ ئەقلىم يەتمەيلا قالدى، ئۇلار مېنى چوقۇم كەتكۈزۈۋېتىدۇ.

– سىزنى كەتكۈزۈۋېتىشكە كىممۇ پېتىنالىسۇن، يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم؟- دېدى كەنت باشلىقى،- سىزنىڭ بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغانلىقىڭىز ھازىر تولىمۇ مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتتى، شۇڭا سىز ئەڭ ياخشى ئىلتىپاتقا ئېرىشىۋاتىسىز، لېكىن سىز بۇ ئىلتىپاتلارغا زىيادە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىۋاتىسىز. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ بۇ يەردە قېپقېلىشىڭىزنى ھېچكىم خالىمايدۇ، لېكىن بۇ سىزنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ.

– ۋاي- ۋۇي كەنت باشلىقى،- دېدى K،- ئىشنى بەكلا ئىنچىكە چۈشۈنىۋېتىپسىزغۇ. سىزگە بۇ يەردە قېپقېلىشىمنىڭ بىر نەچچە سەۋەبىنى دەپ بېرەي: مەن نۇرغۇن قۇربانلارنى بەردىم، ئائىلەمنى، يۇرتۇمنى تاشلاپ، نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ بۇ يەرگە كەلدىم؛ قەلئەگە تەكلىپ قىلىنغىنىم ئۈچۈن قەلبىمدە يۈكسەك ئارمانلار يېلىنجىدى. شۇ تاپتا يېنىمدا تىيىن چاغلىق پۇل قالمىدى، قايتىپ كەتسەم يۇرتۇمدىن لايىقىدا بىرەر خىزمەت تاپالىشىممۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، بۇ يەردە مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم بار.

– ھە، فىرىدانى دەۋاتامسىز!- دېدى كەنت باشلىقى ھېچقانداق ھەيرانلىق ھېس قىلمىغاندەك،- بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. لېكىن، سىز مەيلى قەيەرگىلا بارماڭ، فىرىدا سىزگە ئەگىشىپ بارىدۇ. سىز تىلغا ئالغان باشقا ئىشلارنى ئوبدان ئويلاشماي بولمايدۇ، بۇنى مەن قەلئەگە دوكلات قىلىمەن. بىرەر ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا ياكى سىز بىلەن يەنە پاراڭلىشىش زۆرۈر بولۇپ قالسا سىزگە ئادەم ئەۋەتىمەن. مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ؟

– ياق، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ،- دېدى K،- ماڭا قەلئەنىڭ ئىلتىپاتى كېرەك ئەمەس، ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھوقۇقۇمغا ئېرىشسەملا بولدى.

– مىكى،- كەنت باشلىقى ئېغىر بىر خىيال ئىلىكىدە قولىدا تۇتۇپ تۇرغان كلامنىڭ خېتىنى قاتلاپ قەغەزدىن كېمە ياساش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇرغان ئايالىنى چاقىردى. ئايال تېخىچە ئۇنىڭغا چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇراتتى. K بۇنى كۆرۈپ چۆچۈگىنىدىن چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى ۋە خەتنى ئايالنىڭ قولىدىن شارتتىدە تارتىۋالدى،- مىكى، پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى يەنە باشلاندى، تېڭىقنى ئالماشتۇرۇۋېتەمدۇقكىن.

K ئورنىدىن تۇردى تۇردى- دە، «مەن ئەمدى قايتاي» دېدى. «ماقۇل ئەمىسە» دېدى مىكى. ئايال بىرمۇنچە مەلھەم دورىلارنى تەق قىلىپ تۇرغانىدى.

– ئىشىكنى ئاچسام ئۆيگە شامال كىرىپ كېتەرمۇ؟- K شۇنداق دېدى- دە، ئۆيدىن چىقىشقا تەمشىلىۋېدى، ئىككى ياردەمچى شۇئان بېرىپ ئىشىكنى ئېچىشقا  تەق بولۇپ تۇردى. ئۆيگە سوغۇق كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن K دەررۇ كەنت باشلىقى بىلەن تازىم قىلىپ خەيرلەشتى. ئارقىدىن ئىككى ياردەمچىسىنى تارتقىنىچە ئۆيدىن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقتى- دە، ئىشىكنى ياپتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11125

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-04
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: