پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

تانسىخانىدىكى ھېكايە

تانسىخانىدىكى ھېكايە

ۋۇ شاۋجيەن

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

يۈەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئېرىنىڭ ياقىسىدا ئۇزۇن چاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. يۈەن بۇ چاچنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمدىكى چاچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدى، بۇ چاچلارنىڭ ئىنچىكە- توملۇقى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن يۈەن ئېرىنىڭ سىرتلاردا ئۇزۇن چاچلىق بىر ئايال بىلەن باردى- كەلدى قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىسىلا غەزەپتىن ئۆرتىنىپ كېتەتتى.

ھەپتە ئاخىرىدا ئېرى كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ يەنە چىقىپ كەتتى. يۈەنمۇ چاندۇرماي ئېرىنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپلا چىقتى. ئۇ، بۇ قېتىم ئېرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىق ئايالنىڭ زادى كىملىكىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى. بىراق، ئۇ كوچىغا چىقىشى بىلەنلا، چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدىكى مىغ- مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا ئېرىنىڭ قارىسىنى يىتتۈرۈپ قويدى.

بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن يۈەن زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.

ئالدى تەرەپتىكى بىر تانسىخانىدىن كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان دېسكو مۇزىكىسى ياڭرىماقتا ئىدى. تۇيۇقسىز يۈەننىڭ مۇشۇ تانسىخانىغا كىرىپ، دەردىنى  تازا بىر چىقىرىۋالغۇسى كەلدى- دە، ئۇدۇل تانسىخانىغا قاراپ ماڭدى. يۈەن ئالا- يېشىل چىراغلار غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان تانسىخانىغا كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان لېمون چېيى بۇيرۇتتى. بۇ چاغدا تانسا مۇزىكىسى يېنىك بىر مۇزىكىغا ئالماشقان ئىدى. بىراق، يۈەننىڭ قەلبىنى ئالدىدىكى لېمون چېيىغا ئوخشاش ئاچچىق ھەم ئازابلىق بىې ھېسىيات چۇلغىۋالغانىدى، مەڭزىلىرىگىمۇ مارجاندەك ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. يۈەن سومكسىدىن قولياغلىقىنى ئالاي دەپ تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-خېنىم، كۆڭلىڭىز تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ، لېكىن بەزى ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە ياش تۆكۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ياش ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىت، ئۇنىڭغا پاكىز قولياغلىقنى  سۇنۇپ تۇراتتى.

يۈەن سەل ئارىسالدى بۇلۇپراق قولياغلىقنى ئالدى ۋە ياشلىرىنى سۈرتتى، ئاندىن ھېلىقى يىگىتكە سەپسېلىشقا باشلىدى. ئاق پىشماق، كىلىشكەن، تالىپ چىراي بۇ يىگىت تاقىۋالغان كۆزەينىكى بىلەن كىشىگە بىر قاراشتىلا ياخشى تەسىر بېرەتتى. يۈەندە ئىختىيارسىز بىر يىگىتكە نىسبەتەن بىر خىل ياخشى تەسىرات پەيدا بولدى، يىگىت ئۇنى تانسىغا تاتىۋىدى، ئۇ تارتىشمايلا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى تانسىخانىغا قەدەم بېسىپ باقمىغاچقا، پۇت- قوللىرى كالۋالىشىپ، تانسىنى تۈزۈك ئوينىيالمىدى. يىگىت ئۇنىڭ ئۆزىگە تازا ماسلىشالمايۋاتقىنىنى كۆرۈپ، مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا غىڭشىغاچ ئۇنى ئاستا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا يۈەننىڭ يىگىتكە بولغان ياخشى تەسىراتى بىراقلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدى.

-خېنىم، قارىغاندا سىز مەندىن چوڭدەك تۇرىسىز، مەن سىزنى« ئاچا» دەپ چاقىرىۋېرەي. ئاچا، تانسىخانىغا ئۆزىڭىز يالغۇز كەلگىنىڭىزگە قارىغاندا، بىرەر پىشكەلچىلىككە يولۇققان ئوخشايسىز. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا دائىم بەخىتلىك ياشايمەن دېگىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا بەزى بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشى تەبىئىي، بىرەر قېتىملىق ئازابنى دەپ كېيىنكى گۈزەل تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگەننىڭ پايدىسى يوق. ئاچا، قورسىقىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇڭ، تۇرمۇشتا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. قارىسام ئۆزىڭىز شۇنچە چىرايلىق ھەم ئەقىللىقكەنسىز، كۆپ سۆزلىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن….- دېدى يىگىت.

يىگىتنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرى ئۇنى قوي مېيىدەك ئېرىتىۋەتتى،« ھازىر بۇنداق ئاق كۆڭۈل، كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەرلەر ئاز ئۇچىرايدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە. شۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىتنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مەستانە بۇلۇپ تانسىنى توختىماي ئوينىدى. يۈندە تۇيۇقىسىز يىگىتكە بولغان بىر خىل قىيالماسلىق ھېسىياتى پەيدا بولدى ۋە « تانسا ئاياغلاشقاندا چوقۇم ئۇنىڭ چاقىرغۇسىنىڭ نۇمۇرىنى سورىۋالاي» دەپ ئويلىدى.

بىراق، ئىش ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى.

ئەڭ ئاخىرقى تانسا مۇزىكىسى باشلانغان چاغدا يىگىت ئۇنىڭغا:

-ئاچا، چاي پۇلىنى تۆلىۋەتسىڭىز،- دېدى، بۇنى ئاڭلىغان يۈەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.

-ئاچا، مەن سىزگە بىر ئاخشام ھەمراھ بولدۇم، شۇڭا چاي پۇلى ئالمىز،- دېدى يىگىت قايتىلاپ؛ شۇندىلا يۈەن ئىشنىڭ تىگىگە يەتتى ۋە ئۈمۈدسىزلەنگىنىچە ئاھ ئۇرۇپ قويدى، ئاندىن پورتمالىدىن پۇلنى چىقىرىپ يىگىتكە تەڭلىدى. يىگىت بولسا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوشكىسىنى تەڭلىگەچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-ئاچا، بۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىڭىز ئارامىدا يوق چاغلاردا، مېنى ئىزدەپ كەلسىڭىز بۇلىدۇ،- دېدى.

يۈەن ئاچچىقىدا تانسىخانىدىن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ كەتتى.  

 

 بۇ ھېكايە ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› نىڭ 2000- يىل 17- ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11383

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: