پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مايمۇن خانىم(ئەزىزنەسىن)

 

مايمۇن خانىم

ئەزىز نەسىن

خەدىچە ئاۋۇت تەرجىمىسى

تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق مايمۇن بارئىدى،ئۇلارتۆمۈر قونداقلارنىڭ ئۈستىدە سىرىكچىلەردەك ئويۇن كۆرسىتىشىۋاتاتتى،پەقەت ئارىسىدىكى بىرى رودىننىڭ «خىيال قىلىۋاتقان ئادەم»ناملىق ھەيكىلىنىڭ پاسۇنىدا ،قىمىرلىماستىن خىيال سۈرىۋاتاتتى،«خۇددى ئادەملەردەكلا» دەۋەتتىم مەن ئىچىمدە،بۇ شىمپەنزىدىن چوڭراق،مەن تۈرىنى بىلمەيدىغان بىر مايمۇن ئىدى،بىر –بىرىمىزگە ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ تۇرۇشتۇق.

-ماڭا قاراڭ؟

قەپەسنىڭ ئالدىدىن ئايرىلغانىدىم، يۇقىرقى چاقىرىشتىن كەينىمگە بۇرۇلدۇم:

-سىزگە دەۋاتىمەن ئەپەندىم،گېپىمنى بىر مىنۇت ئاڭلارسىزمۇ؟ باياتىن بېرى خىيال سۈرىۋاتقان ئۇ مايمۇن ئەمدى زۇۋانغا كەلگەنىدى:

-گەپ قىلىۋاتقان سىزمۇ؟

-ئۈش،بوشراق گەپ قىلىڭ،مايمۇن كۆندۈرگۈچى كۆرۈپ قالسا،مېنى گەپ قىلغىلى قويمايدۇ.

-ئەمما سىز ئادەمدەكلا گەپ قىلىۋاتىسىزغۇ؟

-ئەلۋەتتە،چۈنكى مەن ئادەم.

-بۇ… قانداقسىگە؟سىز قانداقسىگە قەپەسكە كىرىپ قالدىڭىز؟

-قەپەسكە كىرىپ قالغان ئادەم يالغۇز بىر مەنلا ئەمەسقۇ،بەزىلەر توي قىلىپ قەپەسكە كىرىدۇ،بەزىلەر مائاش سەۋەپلىك قەپەسكە كىرىدۇ،سىز پەقەت قەپەسكە كىرىپ باقمىغانمۇ؟

-ماڭا بۇنداق قارىماڭ،مەن ھەم يازغۇچى ھەم كومىدىيە ئارتىسى،شۇڭا بەزىدە «شىر قەپەستە كارغا كېلىدۇ» دېگەندەك ئاندا-مۇندا ئەكىرشىۋالىدۇشۇ.

-كومىديە يازغۇچىسى ئەپەندىم،سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتۈنمەكچىتىم.

-قېنى سۆزلەڭ،مايمۇن ئەپەندى.

-مەن ئەپەندى ئەمەس،خانىم مەن.

-ماقۇل ،خوش قۇلىقىم سىزدە مايمۇن خانىم.

-مەن مايمۇن ئەمەس دەپ قانچە قېتىم دەيمەن سىزگە،مەن ئادەم.

-بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز ئەمسە،ھېچ چۈشەنمىدىم.

-مەنمۇ سىزگە دەل شۇنى چۈشەندۈرۈپ قوياي دەۋاتىمەن،مەن كىنو-تىياتىرلارغا بەكمۇ قىزىقىمەن،بىر چاغلاردا گىرىتتا گابروغا چوقىناتتىم،ئۇنىڭغا ئوخشاش سىرلىق ياشاشنى باشلىدىم،چاچلىرىم گىرىتتا گابرونىڭكىدەك مۈرەمدە يېيىلىپ تۇراتتى،مېنى شۇ چاغدا بىر كۆرگەن بولسىڭىز،كېيىن مارىيلىن دىيتىرچ دىققىتىمنى تارتتى،قاشلىرىمنى تىيىپ،ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئوخشاتتىم،يۈزۈمگە ئۇنىڭكىدەك سېرىق رەڭلىك ئۇپا سۈردۈم،ئۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ قوۋزۇمنى ئىچىگە چۆكۈردۈم.

كېيىن زاراھ لىندىر مەيدانغا چىقتى،ئۇنى دوراشقا باشلىدىم،ئاۋازىمنى ئۇنىڭكىدەك بوغۇپ ناخشا ئىيتتىم.

-خانىم،ئۆتىنىپ قالاي بۇ يەرگە نېمىشقا كىرىپ قالغىنىڭىزنىلا سۆزلىسىڭىز.

-مەنمۇ دەل شۇنى داۋاتىمەن،زاراھتىن كېيىن تەقلىد ئوبىكتىم كىلارا بولدى،چاچلىرىمنى قېنىق قارا رەڭدە بويۇدۇم ،سەمىرىپ بودەكلىشىپ خۇشخۇي بىر ئايال بولدۇم،ئەمما جەيىن خارلوۋنى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭ مودىلىم سېرىق چاچلىق،ئىنچىكە بەللىك،ئورغاق قاشلىق جەيىن بولدى.ئەپسۇس جەيىن ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەندىن كېيىن ۋەرونىكا نى دوراشقا باشلىدىم،لەۋلىرىمنى ئۇنىڭكىدەك قېنىق قىزىل رەڭدە بويۇدۇم.

-ۋاي خانىم،مېنى زادى نېمە قىلسۇن دەيسىز؟

-بەش مىنۇت گېپىمنى ئاڭلىسىڭىز ،مەقسىتىمنى چۈشىنىسىز.ۋەرونىكانىڭ مودا دەۋرى بەكمۇ قىسقا بولدى،ئۇندىن كېيىن ئىلزابىت تايلور چىقتى،مەنمۇ شۇنى دوراشقا باشلىدىم،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئوخشاپ كەتتىمكى كۆرگەنلەر مېنى يەرلىك ئىلزابىت دېيىشەتتى،كېيىن مارىيلىن مونرىينىڭ شان –شۆھرىتى ئاشتى،مەنمۇ شۇئان ئۇنىڭغا ئەگەشتىم،يۈزۈمنىڭ،بەدىنىمنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭغا ئوخشىدىم.

-كەچۈرسىز خانىم،ئاڭلاۋىرىشكە تاقىتىم قالمىدى،ئىشىم بار ئىدى،ماڭغاچ تۇراي.

-مانا تۈگەي دېدى ھىكايەم،ياخشلىق قىلىشنى خالىمامسىز.

-ماقۇل،ئۇنداقتا تىز سۆزلەڭ .

-كېيىن ئاۋدىرى خىربون مەيدانغا چىقتى شۇ چاغدا مېنى كۆرگەن بولسىڭىزئىدى،چاچلىرىم،لەۋلىرىم،كۆزلىرىم،ھەممە يېرىم ئۆزئەينى ئاۋدىرى ئىدى.

-چۈشەندىم،ئۇندىن كېيىن سوۋىغا لورىننى دورىدىڭىز.

-ھەئە،سىز قانداق بىلدىڭىز،ئەڭ ئاخىرىدا گىرەيس كەللىيگە ئوخشىدۇم،ئۇنىڭغا ئوخشاش قالپاق-شىلەپىلەرنى كېيىپ،ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسىنىپ يۈردۈم،تاكى مەن تۇتۇلغۇچە مۇشۇنداق ياشىدىم.

-نېمە دېدىڭىز؟تۇتۇلغۇچە؟

-ھەئە ،بىر كۈنى كوچىدا كىتىۋاتاتتىم،مېنى تۇتۇۋىلىپ مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويۇشتى،:« ئۇنداق قىلماڭلار،مەن ئادەم » شۇنچە ۋارقىرىساممۇ ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.

-سوتقا ئەرز قىلمىدىڭىزمۇ؟

-ئەرز قىلدىم
مېنى تونۇيدىغانلاردىن سوراشتى،ئۇلارمۇ مايمۇن ئىكەنلىكىمگە ئىسپات بېرىشتى،ھازىر سىزدىن شۇنى ئۆتىنىمەنكى،ئەڭ ئاخىرىدا مەشھۇر بولىۋاتقان،كىنو چولپىنى كىم دەپ بېرەلەرسىزمۇ،قانداق كېيىنىدۇ،قانداق گىرىم قىلىدۇ،چاچلىرى،يۈرۈش-تۇرۇشلىرى قانداق؟

شۇ ئەسنادا ھايۋان تەربىيچىسى كەلدى،مەن بىلەن گەپلىشىۋاتقان مايمۇنغا:

-ۋاي،يەنە سەنمۇ؟يەنە مايمۇن ئەمەسلىكىڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتامسەن؟دەپ ۋارقىرىغىنىچە قولىدىكى تاياق بىلەن بىچارە ھايۋاننى ئۇرۇشقا باشلىدى،ئۇنىڭ قولىدىن تۇتىۋالدىم.

-سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز جىنايەت،كىشلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق،ئۇنى نېمىشقا بۇنداق ئۇرىسىز؟

ھايۋان تەربىيچىسى شۇنداق دېدى:

-ئەپەندى،سىز بۇ مايمۇننى ئادەم دەپ قالدىڭىزمۇ؟ سادىغاڭ كىتەي ،ئۇنىڭ شۇ تۇرقىغا بىر قاراپ بېقىڭە،مايمۇندىن پەرقى بارمۇ؟ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرەر يېرى بارمىكەن،ئۇنىڭ ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىلەن؟

قەپەستىكى ئايالغا دىققەت بىلەن قارىدىم،ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق ئىدى.

-شۇنداق بىر مايمۇنكەن دېدىم.

-ئەلۋەتتە مايمۇن،پۈتۈن پىراففىسورلار،دوكتۇرلار،مۇتەخەسسلەر ئۇنىڭ مايمۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

مەن ئۇ يەردىن كېتىش ئۈچۈن قەدەم ئالغىنىمدا مايمۇن خانىم:

-ئۆتۈنۈپ قالاي،ھازىر قايسى چولپان داڭ قازاندى،دەپ بەرسىڭىز! –دەپ ۋارقىرىدى.

ئەزىز نەسىننىڭ «يۇرتلارنىڭ بىرىدە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ 14-15بېتىدىكى  شۇ ناملىق ھېكايىسدىن تەرجىمە قىلىندى .

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11362

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-05
خەتكۈشلەر : ,,,
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: