پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

خالىد ھۈسەيىن

خالىد ھۈسەيىن 1965-يىلى كابۇلدا تۇغۇلغان،1980-يىلى سوۋىت ئارمىيىسى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا،ئائىلىسى بويىچە ئامىرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن، كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتىنىڭ سان دىياگو تىببى فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن،شۇ ئان كالىفورنىيەدە تۇرۇشلۇق.“ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا“ناملىق تۇنجى رومانى بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىگە تونۇلغان .كىتابتىكى تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر، پىرسۇناژلار ئوبرازى ھەممىنى قايىل قىلىپ نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، كىتاب6 مىليۇن دانە سېتىلىپ،نەشىرىيات ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان.ھەم ئەزىزانە قەشقەردە كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.تۆۋەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان رومانى ”مىڭ پارلاق قۇياش“ خالىد ھۈسەينىنىڭ ”لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا ”دىن 4 يىل كېيىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، نەشىر قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئىتىبارىغا ئېرىشكەن،2007-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇنجى تارقىتىلىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ خالىد ھۈسەينىنى ”يېڭى قەلەمكەش“تىن بىراقلا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن پىشقان يازغۇچىغا ئايلاندۇرغان.

”لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا“ ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى تەسىرلىك دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى تەسۋىرلىگەن بولسا ”مىڭ پارلاق قۇياش“ قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشنى مۇرەككەپ ۋە تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق بايان قىلىپ كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئۇنىڭ  «مىڭ پارلاق قۇياش» ناملىق يېڭى رومانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇزۇنغا قالماي نەشىردىن چىقىدۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10926

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدىبلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: