پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1911- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: مورىس مىتىرىلنىك

 

1911- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

مورىس مىتىرىلنىك (Maurice Maeterlinck,1862- 1949)

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: «كۆك قۇش» (Bird)

(ھايات سىرلىرى كۆزىتىلگەن خىيالىي دىرامما)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

مۇكاپاتلاش كومېتىتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:

ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تالانتى كۆپ قىرلىق، بولۇپمۇ كومېدىيە ئەسەرلىرىدە تەسەۋۋۇر مول، شېئىرىي تۇيغۇ كۈچلۈك. بۇ ئەسەرلەر گاھىدا ئەپسانە قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ يەنىلا ھامان چوڭقۇر بىشارەتكە تويۇنغان. بۇ بىشارەت ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ئوقۇرمەننىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ.

 

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

مورىس مىتىرىلنىك (Maurice Maeterlinck,1862- 1949) بېلگىيەنىڭ گېنت شەھىرىدە بىر جامائەت گۇۋاھچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى مەزگىللەردە قانۇن ئۆگىنىپ ئادۋوكات بولغان، كېيىن پارىژغا بېرىپ سىمۋۇلىزم ئەدەبىياتى ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1889- يىلى تۇنجى سەھنە ئەسىرى «مەلىكە مارىنا» بىلەن شېئىرلار توپلىمى «پارنىك» ئېلان قىلىنغان. ئالدىنقى ئەسىرىدە سىمۋۇلىزم ئۇسلۇبىنى سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتىدە قوللىنىپ، فىرانسىيە ئوبزورچىلىق ساھەسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىككە تويۇنغان بولۇپ، ئۆلۈم ۋە تەقدىرنىڭ تۇترۇقسىزلىقى تەرغىپ قىلىنغان.

1896- يىلى مىتىرىلنىك بېلگىيەدىن ئايرىلىپ پارىژ قاتارلىق جايلاردا كۆچۈپ يۈرگەن. شۇ يىلى نەشىر قىلىنغان «پەسكەشلەرنىڭ بايلىقى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىدا كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ سىرلىرى تەتقىق قىلىنىپ، ئەخلاقنىڭ قىممىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن. مىتىرىلنىك مۇشۇ ئەسىرىدىن باشلاپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىققان. «كۆك قۇش» ناملىق خىيالىي سەھنە ئەسىرى دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئىجاد قىلىنىپ، ئۇنىڭ دىرامما ئىجادىيىتىدىكى چوققا ئەسىرى دەپ قارالغان.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن مىتىرىلنىك يەنە «ئاق يىلاننىڭ ھاياتى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇپ، بۇرژۇئازىيەنىڭ ئەخلاق- يوسۇنلىرىنى تەنقىد قىلغان. 1932- يىلى بېلگىيە پادىشاھى تەرىپىدىن گىرافلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىغا قېچىپ بارغان. 1947- يىلى ياۋروپاغا قايتىپ كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. مىتىرىلنىك ھاياتىدا 20 دىن ئارتۇق سەھنە ئەسىرى يازغان، ئۇ سىمۋۇلىزملىق دىراممىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى.

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى:

«كۆك قۇش»، مىتىرىلنىك (بېلگىيە)، خۇ لىنا تەرجىمىسى، چاۋخۇا ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2003- يىل نەشرى

«گۈلنىڭ پاراسىتى»، مىتىرىلنىك (بېلگىيە)، تەن لىدې قاتارلىقلار تەرجىمىسى، لى جياڭ ئەدەبىيات نەشرىياتى 1997- يىل نەشرى

«مىتىرىلنىك دىراممىلىرىدىن تاللانما»، مىتىرىلنىك (بېلگىيە)، جاڭ يۈخې، لى يۈمېن تەرجىمىسى، چەت ئەل ئەدەبىياتى نەشرىياتى 1983- يىل نەشرى

 

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل

«كۆك قۇش» ئالتە پەردىلىك دىرامما بولۇپ، دىراممىدا تېتىر ۋە مىتىر ئاكا- سىڭىلنىڭ بىر تال كۆك قۇشنى ئىزدىگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە تەسۋىرلەنگەن. بىرىنچى پەردىدە ئوتۇنچىنىڭ كەپىسى تەسۋىرلىنىدۇ. مىلاد بايرىمى ھارپىسى كىچىدە ئوتۇنچىنىڭ ئىككى بالىسى تىتىر بىلەن مىتىر بىر ياشانغان پەرىزاتنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆك قۇشنى ئىزدەپ تېپىپ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بىر قىزچاقنى قۇتقۇزۇشنى ئۆتۈنۈپ چۈش كۆرىدۇ، چۈشىدە پەرىزات ئۇلارغا بىر سېھىرلىك قالپاق سوۋغا قىلىدۇ. ئىككىنچى پەردە بىرىنچى كۆرۈنۈشتە ئۇلار پەرىزاتنىڭ ئوردىسىغا كىرىدۇ، پەرىزاتلار ئۇلارنى ئاۋۋال خاتىرە (ئەس) تۇپرىقىغا بېرىپ، نۇرنى ئۆزىگە باشلامچى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىكلەرنىڭ خاتىرىسىدە ياشىغاچقا ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىنچى پەردە ئىككىنچى كۆرۈنۈشتە تېتىر ئاكا- سىڭىل خاتىرە تۇپرىقىغا كېلىپ بىر تال قارا قۇشنىڭ تۇيۇقسىز كۆك قۇشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنى كۆك قۇش شۇ ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ، ئەمما بوۋا- مومىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىشىغىلا كۆك قۇش يەنە تۇرۇپلا قارا قۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۈچىنچى پەردە بىرىنچى كۆرۈنۈشتە ئاكا- سىڭىل تۈن ئوردىسىغا كىرىپ قاتمۇقات مۈشكۈلاتلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ كۆك قۇشنى تاپالمايدۇ. ئۈچىنچى پەردە ئىككىنچى كۆرۈنۈشتە تېتىر ئورمانلىققا كېلىپ دەل- دەرەخ ۋە ھايۋان پەرىشتىلىرىدىن كۆك قۇشنى چىقىرىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ، لېكىن پەرىشتىلەر كۆك قۇشنى بەرمەي تېتىرنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. خەۋپ- خەتەر قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرىسىدا قالغان جىددىي پەيتتە نۇر دەل ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. تۆتىنچى پەردە بىرىنچى كۆرۈنۈشتە بالىلار بەخت ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يېتىپ كېلىدۇ. نۇر بالىلارغا ئوردىنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارغا خاس بولغان جىمى بەخت ۋە خۇشاللىقنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. تۆتىنچى پەردە ئىككىنچى كۆرۈنۈشتە ئىنسانلار گۇناھىنىڭ سىمۋولى بولمىش پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇشقا باشلايدۇ. نۇر تېتىرغا زۇمرەت تاشنى تولغىسا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى بولمىش پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزىنى دەرھال چەتكە ئالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي مۇقەددەس ئوردا زاھىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىر توپ بەخت پەرىشتىسى سەكرەپ- تاقلاشقىنىچە كېلىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تېتىر ئاكا- سىڭىل بەخت ئوردىسىدىكى پەرىشتىلەر بىلەن خوشلىشىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشتە نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆز- جۈملىلەر ئىشلىتىلگەن. مىتىرىلنىك نەسىرچى ۋە شائىر، ئۇ نەسىر بىلەن شېئىرنى دىراممىلىرىغىمۇ سۆرەپ كىرگەن. بەشىنچى پەردە بىرىنچى كۆرۈنۈشتە نۇر تېتىر ئاكا- سىڭىلنىڭ يېنىغا كېلىپ تېتىرغا پەرىزاتنىڭ خېتىنى قولغا چۈشۈرسىلا كۆك قۇشنىڭ قەبرىستانلىقتا پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تېتىر ئاكا- سىڭىل شۇنىڭ بىلەن قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئالىدۇ. بەشىنچى پەردە ئىككىنچى كۆرۈنۈشتە ئۇلار قەبرىستانلىققا كېلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆلۈكلەردىن قورقۇيدۇ، لېكىن تېتىر قورقمايدۇ، ئۇ زۇمرەت تاشنى پىرقىرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەبرىستانلىق گۈلزارلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. بەشىنچى پەردە ئۈچىنچى كۆرۈنۈشتە تېتىر ئاكا- سىڭىل كېلىچەك دۆلىتىگە كېلىپ، تېخى تۇغۇلمىغان نۇرغۇن بوۋاقلارنى كۆرىدۇ. بوۋاقلار تۇغۇلغان چېغىدا ھەر بىرىسى بىردىن سوۋغا ئېلىپ چۈشىدۇ، ۋاقىت بوۋاي تېتىر ئاكا- سىڭىلنى بايقاپ قېلىپ ئۇلارنى كەتكۈزۈۋەتمەكچى بولىدۇ. نۇر تېتىرغا ئاستاغىنە كۆك قۇشنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى، لېكىن كېلىچەك بېغىدىن چىقىپ كەتىسلا كۆك قۇشنىڭ ھال رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئالتىنچى پەردە بىرىنچى كۆرۈنۈشتە نۇر تېتىر ئاكا- سىڭىلنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىدۇ. نۇر ئۆزىنىڭ جىمى يورۇقلۇق ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ ئاقكۆڭۈل قەلبىدە ۋە نۇرلۇق ئىدىيەلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئالتىنچى پەردىنىڭ ئىككىنچى كۆرۈنۈشىدە مىلاد بايرىمى كۈنى ئەتىگەندە تېتىر بىلەن مىتىر ئاكا- سىڭىل ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كۆرگەن چۈشلىرىنى ئاتا- ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. قوشنىسى ئۆيگە كىرىپ نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىزىنىڭ كېسىلىنى ساقايتىش ئۈچۈن تېتىردىن ئاق كەپتەرنى سورايدۇ. قەپەزدىكى ئاق كەپتەرنىڭ رەڭگى تۇرۇپلا كۆك رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، قىزچاق كۆك قۇشقا ئېرىشكەندىن كېيىن كېسىلى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا كۆك قۇش تۇيۇقسىز قىزچاقنىڭ قولىدىن ئۇچۇپ كېتىدۇ. دىراممىنىڭ ئاخىرىدا تېتىر سەھنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاماشىبىنلارغا: «پەستە ئولتۇرغان ئەزىزلەر، ئاراڭلاردا كۆك قۇشنى تېپىۋالغانلار بولسا بىزگە قايتۇرۇپ بېرەلەمسىلەركىن؟ . . . بۇ ـــ بىزنىڭ كەلگۈسى بەختىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى . . .» دەيدۇ.

«كۆك قۇش» نېمىگە سىموۋۇل قىلىنغان؟ ئۇ بەختكە سىموۋۇل قىلىنغان. ئۇنداقتا بەخت قەيەردە؟ ھەقىقىي بەخت زادى مەۋجۇتمۇ- ئەمەسمۇ؟ كىشى تىرىشىش ئارقىلىق بەختكە ئېرىشەلەمدۇ؟ بۇنىڭ مۇنداق ئىككىلا جاۋابى بار: بىرى، ھەقىقىي بەخت مەۋجۇت ئەمەس، كىشى تىرىشىش ئارقىلىق بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ. تېتىر ئاكا- سىڭىلنىڭ قاتمۇقات مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرىدا يەنە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا «كۆك قۇش» نى ئۈمىدسىزلىكنىڭ سىمۋولى دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر جاۋاب شۇكى، بەخت مەۋجۇت، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى بەختلىك بولىدۇ، پەقەت رەزىللىك يوقالغاندىلا ئىنسانلار ئاندىن بەختكە ئېرىشەلەيدۇ.

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر:

بېرنارد شاۋ (ئەنگلىيە)

سۇرىس (گىرېتسىيە)

فابۇر (فىرانسىيە)

مىتىرىلنىك (بېلگىيە)

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى:

«گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مىتىرىلنىكتىن ئىبارەت بۈگۈنكى زاماندىكى بۇ ئەڭ ئۇلۇغ تالانت ئىگىسىنىڭ قالتىس ئەسەرلىرىنىڭ گۈزەللىكى شېكىسپىر ئەسەرلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ.»                              ـــ مىراسۇن

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى:

1889- يىل: «پارنىك» (شېئىرلار توپلىمى)، «مەلىكە مارىنا» (دىرامما)؛

1890- يىل: «چاقىرىلمىغان مېھمان» (دىرامما)؛

1892- يىل: «پېرىياس ۋە مىرىساندېر» (دىرامما)؛

1894- يىل: «ئالالىدىن ۋە پارومىند» (دىرامما)؛

1895- يىل: «دىنداچىلنىڭ ئۆلۈمى» (دىرامما)؛

1896- يىل: «ئاگرافان ۋە سايرىسېت» (دىرامما)، «پەسكەشلەرنىڭ بايلىقى» (نەسىرلەر توپلىمى)؛

1900- يىل: «ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھاياتى» (دىرامما)؛

1902- يىل: «مونا فاننا» (دىرامما)؛

1903- يىل: «جوسېر» (دىرامما)؛

1904- يىل: «زور مەخپىيەت» (دىرامما)؛

1907- يىل: «گۈلنىڭ پاراسىتى»؛

1909- يىل:«كۆك قۇش» (دىرامما)؛

1927- يىل: «ئاق چۈمۈلىنىڭ ھاياتى» (دىرامما)؛

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11698

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-26
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: