پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (6): ئوسمانجان ساۋۇت

تالانتلىق شائىر ۋە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئوسمانجان ساۋۇت 1979- يىلى قۇرمانغالى ئوسمانوۋنىڭ قازاق تىلىدىكى «ئۇنىڭ ئوڭى ۋە چۈشى» ناملىق داستانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك شائىر- يازغۇچىلارنىڭ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىگىدارى پابلو نىرودا قاتارلىقلارنىڭ «يۈرەك»، «سۆيگۈ»، «ئادەم» دېگەندەك شېئىرلىرىنى، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «كۈلگۈلۈكمۇ، يىغلىغۇلۇقمۇ؟» دېگەن رومانلىرىنى، «ئاھ، ياراتقان ئىگەم»، «ساھىبجامال ئالۋاستى»، «رەنا قىز كۆلى»، «قىزىل شالداما» دېگەن پوۋېستلىرى، داستانلىرى، ھېكايىلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ھەمدە «يۇغۇرلار كەلمەكتە غەربىي جەنۇبتىن» دېگەن داستانىنى ۋە «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن سىياسىي، تارىخىي كىتابنى، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» نى تەرجىمە قىلدى.
    ئوسمانجان ساۋۇت ئەدەبىي تەرجىمىگە تولىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە ھەقىقىي مەنەسى بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە بولسۇن، تېكىستنى ياتقۇزۇپ سىڭدۈرۈپ، پۇرىقىنى ئاڭقىتىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىش لازىم؛ تېكىست تىلى بىلەن تەرجىمە تېكىست تىلىنى پۇختا بىلىدىغان، سۆزلەرنى جىلۋە قىلدۇرۇلايدىغان، ئوينىتالايدىغان ماھارەتكە ئىگە بولغاندىلا، شېئىر تەرجىمە قىلالايدىغان پەللىگە يەتكەندىلا ئاندىن ئەدەبىي تەرجىمىدىن ئېغىز ئېچىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەردىن بۇ كەسكىن شەرتلەرنىڭ يېقىملىق ئەمەلىيىتىنى كۆرەلەيمىز.
    ئوسمانجان ساۋۇت يەنە رۇسىيە يازغۇچىسى بورس پاستىرناكنىڭ «دوختۇر ژىۋاگو» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. رومان ھازىر جىددىي تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. بىز ئوسمانجان ساۋۇتقا سالامەتلىك، ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغا مول مىۋە تىلەيمىز.

مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2004- يىللىق 12- سانى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11092

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-08-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز
ئىنكاس: 7دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئەدەبىي تەرجىمچىلىك يولىدىكى قىممەتلىك ئەمگەكلىرى تېخىمۇ جانلىق ۋە مۈكەممەل بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

  2. سەھرالىق

    ئايەم مۇبارەك ! سەھرالىق پەتىگە كەلدى!

  3. ئۇيغۇربەگ

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە ئۇيغۇربەگ پرېستاننىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئالغاچ كەلگەچ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، پرېستان بلوگى، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى، بلوگىمىز فىلىم قانىلى، WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى( بلوگداش ئۇيغۇر بلوگ مۇنبىرى)، سازبلوگلار جەمگاھى قاتارلىق بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تۇغلىرىنى لەپىلدىتىپ ھېيتلىق پەتىگە كەلدىم، بلوگىڭىز كۈنسىرى روناق تاپسۇن، ئالتۇن بۇيىڭىز ئامان بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئالغا باسسۇن.

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
    http://www.lopnuri.com/?p=2324

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادار ، ھىيىت پەتىسى ، مىھمان كەلدى ، ئۇلۇغ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىز سالامەت تۇرمۇشىڭىزشاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكەي…..

  6. بورس پاستىرناكنىڭ «دوختۇر ژىۋاگو» ناملىق رومانىنىڭ ئۇيغۇرچىسى نەشىردىن چىقتىمۇ؟ قارىسام، سەككىز يىل بۇرۇنقى خەۋەركەن.

  7. تېخى نەشىردىن چىقمىدى، ھازىر تەھرىرلىنىۋاتىدۇ، كىلەر يىلى نەشردىن چىقىپ قالارمىكىن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: