پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى(رومان): 3- باب

دورىيان گېرينىڭ پاجىئەسى

رومان

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

ئۈچىنچى باب

ئەتىسى چۈش، سائەت 12:30 دا ، لورد ھېنىرى ۋاتتون كۇرسىن كوچىسىدىن چىقتى – دە ، تاغىسى لورد فورمنى يوقلاش ئۈچۈن بىر بېسىپ – ئىككى بېسىپ ئوربىن كوچىسىغا كەلدى . تاغىسى خۇشخۇي ، ئەمما سەل قوپال بوۋاي ئىدى . ئۇنىڭدىن پايدا كۆرمىگەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ تولىمۇ شەخسىيەتچى ؛ پات – پات ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ تۇرىدىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا مەرد ، ھاتەمدەك سېخى كىشى ئىدى . دادىسى ئەنگلىيىنىڭ مادرىدتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىدى . ئۇ چاغدا ئىزا بىللا① تېخى ياش ، پۇرم ② نىڭ نامى چىقمىغان ئىدى . ئەنگلىيىنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا مەنسەپ تەگمىگەن بۇ بوۋاي ئاچچىقىدا دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى . ئۇ ئۆزىنىڭ يوقىرى تەبىقىدىن كېلپ چىققانلىقى ، دېپلوماتىيە خەت – ئالاقىسى يېزىشقا ماھىرلىقى ، خۇشچاقچاق ، قىزغىن مىجەز – خاراكتىرىگە ئاساسەن ئۆزىنى ئاشۇ خىزمەتكە تامامەن سالاھىيتى توشىدۇ دەپ قارايتتى . ئوغلى ئۇنىڭ كاتىپى ئىدى ، كېيىن ئۇمۇ دادىسىنى دوراپ خىزمىتىدىن ئېستىپا بەردى . ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى كىشىلەرگە تولىمۇ ئەخمەقلىقتەك تۇيۇلدى . ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ، ئوغلى دادىسىنىڭ لوردلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ، ھەممە ئىشىنى تاشلاپ ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۈيۈك سەنئەت ئۈلگىلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ شەھەر مەركىزىدە يوغان ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار ئىدى ، قولايلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ، بويتاقلار بىناسىدا تۇرۇۋالاتتى ، تاماقنىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا كۇلۇبتا يەيىتتى . ئۇ ئوتتۇرا قىسىم ۋىلايەتلىرىدىكى كۆمۈر كان تىجارتىنى زورايتىپ ئۆزىگە يول ئاچتى . بۇ تىجارەتنىڭ بىر چوڭ پايدىسى شۇ ئىدىكى ، مۆتىۋەر تۆرە – غوجاملارنى ئۆيلىرىدىكى تام ئوچاقلىرىغا قالايدىغان ئوتۇن – كۆمۈردىن غەم قىلدۇرمايىتتى . سىياسىي جەھەتتە كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسىنى ياقىلىغىنى بىلەن ، كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھامان ، ئۇلارنى <<بەك رادىكاللىشىپ كەتتى>> دەپ ئەيىبلەيىتتى . خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىدە موللا بوزەك ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ نەزىرىدە شىر – يولۋاس ئىدى . چۈنكى ئۇ بىر ئۆرۈلۈپلا تۇغقانلىرىنىڭ رەقىبىگە ئايلىناتتى – دە ، ئۇلارنى بوزەك قىلاتتى. ئىنىگلاندتىن مۇشۇنداق ئادەملەر كۆپ چىقاتتى. لېكىن << دۆلەت خاراب بولۇۋاتىدۇ>> دىگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى . ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى زاماننىڭ كەينىدە قالغان بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى قىلچە ئاساسى يوق دەپ قارايتتى.

لورد ھېنىرى ئۆيگە كىرگەندە ، تاغىسى ئۇچىسىغا قوپال تىكىلگەن ئوۋ كۆينىكى كىيىۋالغان ، سىگارت چەككىنىچە << تايمىس گېزىتىگە>> قاراپ زارلىنىپ ئولتۇراتتى .

– ئوھوي ھاررى ، – دېدى بوۋاي ، – قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى ، مەن تېخى سىلەر بايۋەتچىلەرنى سائەت ئىككى بولمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمايدۇ ، بەش بولمىغۇچە قارىسىنى كۆرسەتمەيدۇ دەپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ .

– تۇغقانلىق مېھرى بولمامدۇ، جورجى تاغا . يېنىڭىزغا ئازراق بىر ئىش بىلەن كېلىۋىدىم .

– پۇل ئۈچۈن كەلدىڭغۇ دەيمەن ! – دېدى لورد فورم چىرايىغا ھەييارلىق تۈسى بېرىپ ، – قېنى، ئولتۇرۇپ تەپسىلىي سۆزلە . ھازىرقى ياشلارغىزە ، پۇللا بولسا بولىدۇ .

– توغرا دېدىڭىز ، – دېدى ھېنىرى چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئوڭشاپ قۇيۇپ ، – ئۇلار يېشى چوڭايغانسېرى بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ قالىدۇ. لېكىن ، مەن پۇل ئۈچۈن كەلمىدىم ، پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلغان كىشىلەرنىڭلا پۇلغا ئېھتىياج چۈشىدۇ، مەن ئەزەلدىن بىرسىگە قەرز بولمايمەن ، جورجى تاغا . ئۇنىڭ ئۈستىگە دارتمۇرلۇق سودىگەرلەر بىلەن دائىم باردى – كەلدى قىلىپ تۇرىمەن ، ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن ماڭا زىيىنى تەگمەيدۇ . يېنىڭىزغا سىزدىن بەزى كېرەكسىز ئۇچۇرلارنى ئىگىلەي دەپ كېلىۋىدىم .

– ئوھوي ، ئۇچۇر سەندىن ئايلانسۇن ، ھەرقانچە ئەنگىلىيىنىڭ كۆك تاشلىق كىتابىدىكى نەرسىلەر بولغان تەقدىردىمۇ سەندىن ئايىمايمەن ھاررى . ھازىر بۇ پەسەندىلەر تولىمۇ بىمەنە نەرسىلەرنى يازىدىغان بولۇپ كېتىشتى . دېپلومات بولغان چاغلىرىمدا ئەھۋال خېلى ياخشى ئىدى . ئاڭلىسام ، دېپلوماتىيە ساھاسىدىكىلەر ھازىر ئەمەلدارلارنى ئىمتىھان ئىلىپ قۇبۇل قىلارمىش . كىم بىلىدۇ؟بۇنىڭدا بىر ئويۇن بارمۇ تېخى . ئىمتىھان دېگىنى پۈتۈنلەي ئادەم ئالدايدىغان نەرسە . بىر مۆتىۋەر كىشى ئۈچۈن ، قورسىقىدىكى ئۇمىچى يېتىپ – ئاشىدۇ ؛ مۆتىۋەر بولمىسۇنچۇ قېنى ، بىلىدىغانلىرىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن زىيىنى باركى ، زەررىچە پايدىسى يوق .

– دورىيان گرېي ئەپەندىنىڭ ئىسمى كۆك تاشلىق كىتابتا يوقتۇ جورجى تاغا ؟ – دېدى لورد ھېنىرى ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن .

دورىيان گرىي؟ كىمكەن ئۇ؟ – سورىدى لورد فورم ئاقۇچ قۇيۇق قاشلىرىنى ھىمىرىپ قۇيۇپ .

– مەن دەل شۇ ئىش ئۈچۈن كېلىۋېدىم جورجى تاغا . ئوچۇقىنى دېسەم ، مەن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى . ئۇ لورد كلسونىڭ كەنجى نەۋرىسى ، ئاپىسى دېفرا جەمەتىدىن ، ھېلىقى مارگارت دېفرا دېگەن ئايال ئۇنىڭ ئاپىسى بولىدۇ. ماڭا ئۇنىڭ ئاپىسى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز . ئۇنىڭ چىراي – تۇرۇقى قانداق ؟ كىمگە ياتلىق بولغان ؟ قۇرداشلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا تونۇمايدىغىنىڭىز يوق ، ئۇنىڭ ئاپىسىنىمۇ تونۇماي قالمايسىز ھەقاچان . گرېي ئەپەندىم بىلەن يېڭىلا تونۇشقان ، ئۇنىڭغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم .

– كلسونىڭ نەۋرىسى ! – تەكرارلىدى بوۋاي ، – كىلسونىڭ نەۋرىسى ! … ھە ، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى … ئۇنىڭ ئاپىسىنى تازا ئوبدان بىلىمەن ، تېخى ئۇنىڭ چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىغىمۇ قاتناشتىمغۇ دەيمەن. مارگارت دېۋروكس ئاجايىپ گۈزەل قىز ئىدى، كېيىن پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيىسىدە لېيىتنانتىلىق مەنسىپى بار نامى چىقمىغان بىر يالاڭتۆش بىلەن قېچىپ كېتىپ، ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن ئەرلەرنى داغۇ – ھەسىرەتتە قويدى . بۇ ئىشلار تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا ئىسىمدە . ئۇلار توي قىلىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ، ئېرى سىپادىكى بىر دۇئىلدا جىنىدىن ئايرىلدى. كېيىن ئۇنى سۇيىقەسىت بىلەن ئۆلگەن ، دەپ ئاڭلىدىم . ئاڭلىسام ، كلسو رەھىمسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان بېلگىلىيىلىك بىر تاشيۈرەك ئەبلەخنى ياللاپ ، كۈيئوغلىنى خەقنىڭ ئالدىدىلا ھاقارەت قىلغانمىش ، ھېلىقى ئەبلەخ ئۇنى خۇددى قۇچقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك ، جېنىدىن جۇدا قىلغانمىش . كېيىن بۇ ئىش بېسىقىپ قالدى ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ، كلسو كۇلۇبتا پەيدا بولۇپ قالدى . ئاڭلىسام ، ئۇ قىزىنى قايتۇرۇپ كەپتۇ، لېكىن قىزى ئۇنىڭغا ئىككىنچىلەپ گەپ قىلماپتۇ. ھەئە ، ئۇ ئىش تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى . بىر يىل ئۆتە – ئۆتمەي مارگارتمۇ ئۆلۈپ كەتتى . گېپىڭچە ، ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇل قالغان ، شۇنداقمۇ؟ ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ . ئۇ بالىنىڭ چىراي – شەكلى قانداقراق ؟ ئاپىسىنى تارتقان بولسا ، چوقۇمكى ناھايىتى چىرايلىق بالا بولدى .

– ئۇ بەك قاملاشقان ، – دېدى لورد ھېنىرى .

– خارلىنىپ قالمىسا بولاتتىغۇ ئۇ بالا ، – گېپىنى داۋام قىلدى بوۋاي ، – كلسو قارا نىيەتلىك قىلمىسىلا ، ئۇ كېيىن نۇرغۇن پۇلغا ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئاپىسى قول – ئىلىكىدە بار ئايال ئىدى ، ئۇنىڭغا بوۋىسىنىڭ سېلبىيدىكى قورو – جايىدىن نۇرغۇن مال – مۈلۈك مىراس قالغان . كلسو ئۇچىغا چىققان بېخىل ئادەم بولغاچقا ، بوۋىسى ئۇنىڭغا چىش – تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى بىر قېتىم ئۇ مادرىدقا بېرىپتۇ ، ئۇ چاغدا مەنمۇ مادرىدتا ئىدىم . توۋا قىلدىم ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن نومۇسقا ئۆلگۈدەك بولدۇم . ئايال پادىشاھ مەندىن ھە دېسىلا : << ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا پەيتۇنكەش بىلەن كىرا ھەققى ئۈستىدە باھا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان كىم ؟ >> دەپ سورايدىغان بولۇۋالدى . ئۇ توغرىسىدا نۇرغۇن ھېكايىلەر توقۇلدى . شۇ ئىش تۈپەيلى ، بىر ئايغىچە ئوردىنىڭ سىرتىغا چىقالماي يۈردۈم . ھەر نېمە بولسا ، ئۆز نەۋرىسىگە پەيتۇنكەشكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلماس .

بۇلاردىن خەۋىرىم يوقكەن ، – دېدى ھېنىرى ، – ئىشىنىمەنكى ، ئۇ بالا چوقۇم بېيىپ كېتىدۇ . ئۇ تېخى كىچىك ، سېلبىيدا قورو – جايى بارلىقىدىن خەۋىرىم بار ، ئۇمۇ ماڭا شۇنداق دېگەنىدى . ئاپىسى راستىنلا شۇنداق چىرايلىقمىدى ؟

– مارگارت دېۋروكس مەن كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈكى ، ھاررى . ئۇنىڭ زادى نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىغا ھازىرمۇ ئەقلىم يەتمەيدۇ . ئۇنىڭ كەينىدە كارلڭتونغا ئوخشاش پاي – پېتەك بوپ يۈرگەن ئەرلەر ساماندەك جىق ئىدى ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن چىكىپ تۇرۇپ تاللاپ ياتلىق بولسا بولۇۋېرەتتى . ھەسسىنەي ، لېكىن ئۇ بەك رومانتىك قىز ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى . توۋا دەيمەن ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ بىچارە ، ئاياللىرى قالتىسكەن دېسە . كارلڭتون تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويۇپتۇ . بۇنى ماڭا ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن . مارگارت ئۇنى ياراتمايدىكەن . شۇ چاغلاردا پۈتۈن لوندوندىكى قىزلار كارلڭتون دېسە جېنىنى بېرىشكە تاسلا قالاتتى . ھە راست ، سەندىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي ، ھاررى . داداڭ ماڭا : <<دارتمور ئامېرىكىلىق بىر قىز بىلەن توي قىلىدىغان بولدى>> دەيدۇ ، بۇ راست گەپما ؟ ئەجەبا ئۇنىڭغا ئەنگلىينىڭ قىزلىرى يارىمامدىكەن ؟

– ھازىر دېگەن ئامېرىكىلىقلار بىلەن توي قىلىش مودا ، جورجى تاغا .

– باغلىشىمەن ، دۇنيادا ئەنگلىيە ئاياللىرىغا يېتىدىغىنى يوق ، ھاررى ، – دېدى فېرمور مۇشتۇمى بىلەن ئۈستەلگە مۇشتلاپ قويۇپ .

– ھازىر ھەمملا ئادەم ئامېرىكىلىق ئاياللارغا دۈم چۈشكىلى تۇردى .

– ئاڭلىسام ، ئۇلار ئۇزۇنغا چىدىمايدىكەنغۇ ، – دېدى تاغىسى .

– ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىمەن دەپ ئۆزىنى ھالسىرىتىپ قويىدۇ ، مېنىڭچە دارتموردىن ئۈمىد يوقتەك تۇرىدۇ .

– كىمنىڭ بالا – ۋاقىسىكەن ئۇ ؟ – سورىدى بوۋاي خۇشياقماسلىق نەزەرىدە ، – ئاتا – ئانىسى باردۇر ؟

لورد ھېنىرى بېشىنى چايقاپ قويدى .

– ئەنگلىيىلىك قىزلار ئۆتمۈشىنى يۇشۇرۇشقا ئۇستا بولغاندەك ، ئامېرىكىلىق قىزلارمۇ ئائىلە كېلىپ چىقىشىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ ، – لورد ھېنىرى شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى .

– پەرىزىمچە ، ئۇلار چوشقا گۆشى تىجارىتى قىلىدىغان سودىگەرلەرغۇ دەيمەن ؟

– دارتمور ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق بولغاي ئىلاھىم ، جورجى تاغا . ئاڭلىسام ، ئامېرىكىدا چوشقا گۆشىنى توپ سېتىش سىياسىيدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ ئىكەن .

– ئۇ چىرايلىقمۇ ؟

– ئۇ ئۆزىنى بەك چىرايلىق چاغلايدۇ ، ئامېرىكىلق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق . مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىشىدىكى سىرى .

– ئامېرىكىلىق ئاياللار تازىمۇ قىزىقكەن ، ئامېرىكىسىدا ياشىماي ، نېمە بار ئەنگىلىيىدە ؟ جىمى ئادەم : <<ئامېرىكا ئاياللارنىڭ جەننىتى دېيىشىۋاتسا>>.

– ئامېرىكا ھەقىقەتەن ئاياللارنىڭ جەننىتى . شۇڭا ئۇلار ھاۋا ئانىغا ئوخشاش ، ھە دېسىلا ئۆزىنىڭ جەننەت ماكانىدىن قېچىپ چىقىشقا ئارانلا تۇرىدىكەن ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – خەير ، جورجى تاغا ، مەن ماڭاي . چۈشلۈك تامىقىمغا تەسىر يېتىپ قالمىسۇن يەنە . كۆڭلۈمدىكىدەك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭزگە رەھمەت . نېمىشقىكىن ، كونا دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرىغا زادىلا قىزىقمايمەن . لېكىن ، يېڭى دوستلىرىمنىڭ ھەممە ئىشىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇملا كېلىدۇ .

– تاماقنى نەدە يېمەكچى ئىدىڭ ھاررى ؟

– ئاگاسا ھاممامنىڭكىدە ، يەنە دورىيان گرېي ئەپەندىنىمۇ باشلاپ بارماقچى ئىدىم ، ھاممام ئۇنىڭغا بەك ئامراق .

– ھىم ، ھامماڭغا دەپ قوي ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە يىغىمەن دەپ ئادەمنى تولا ئاۋارە قىلىۋەرمىسۇن . ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن جاق تويدۇم ! ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئەخمىقانە ئىشلىرى ئۈچۈن چەك كېسىپ بېرىشتىن باشقا ئىشى يوق دەپ قالغان ئوخشايدۇ .

– ماقۇل جورجى تاغا ،گەپلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويىمەن . لېكىن ، ئۇ بۇنداق گەپلەرنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ . خەيرى – ساخاۋەتچىلەر ئۆز ئادىمىيلىكىنى يوقاتقانلاردۇر . مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى .

بوۋاي رازىمەنلىك بىلەن غۇدۇڭشىپ قويدى – دە ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ خىزمەتكارنى چاقىردى . لورد ھېنىرى ئۈستى ياي شەكىلدە يېپىلغان تۇتاش دەھلىزدىن ئۆتۈپ ، بۇرلىڭتون كوچىسىغا كىردى ۋە قەدىمىنى بېركلېي مەيدانىغا قاراپ يۆتكىدى .

دورىيان گرېينىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئەنە شۇنداق ئىدى . گەپ قوپال ئېيتىلغىنى بىلەن ، تولىمۇ غەلىتە ، زامانىۋى تۈس ئالغان بۇ رۇمانتىك ھېكايە ئۇنىڭغا خېلىلا تەسىر قىلدى . تەلۋە ھېسسياتلارنىڭ ئالدىدا ئۇ گۈزەل ئايالنىڭ كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىدى . نەچچە ھەپتىلا داۋام قىلغان ئەسەبىي خۇشاللىق ھەش – پەش دېگۈچە يوشۇرۇن سۇيىقەسىت تەرىپىدىن بەربات بولدى . نەچچە ئايغا سوزۇلغان سۈكۈتلۈك داغۇ – ھەسرەت ئىلىكىدە بىر بالا دۇنياغا كۆز ئاچتى . ئاپىسى ئەزرائىلغا جان تەسلىم قىلىپ ، ئوغلىنى تىكەندەك يالغۇز قالدۇرۇپ بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى ، ئوغلى قېرىپ ماكىلداپ قالغان بىر قېرىنىڭ ھامىيلىقىدا قالدى . ھەئە ، ئەنە شۇ رىيازەتلىك كەچمىشلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قاملاشقان رەڭگى – رۇخسار ئاتا قىلدى . دۇنيادا ھەر قانداق بىر گۈزەل شەيئى مەلۇم بىرخىل تراگېدىك تۈسنى ئۆزىگە يوشۇرغان بولىدۇ ، ھېچبىر قەدىرسىز گۈل چېغىدا پورەكلەپ ئېچىلىمەن دەيدىكەن ، تۈرلۈك – تۈمەن ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك … تۈنۈگۈن ئاخشام كۇلۇبتىكى تاماق ئۈستىلىدە ئۇ تولىمۇ جەلىپكار بىرھالەتتە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىن جاي ئالدى ، ھەيرانلىق ئىلىكىدە يوغان ئېچىلغان كۆزلىرى ، سۇسقىنا كۈلۈمسىرەش جىلۋە قىلىپ تۇرغان لەۋلىرى ، كىشى كۆڭلىنى ئەسىر قىلىدىغان چېھرى گۇڭگا شام يۇرۇقىدا بۆلەكچە قىزىل كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ بىلەن ھال – مۇڭ بولۇش گويا ئىسكىرىپكا چالغان بىلەن باراۋەر ئىدىكى ، ئىسكىرىپكا تارىسىنىڭ ھەربىر چېكىلىشى ئۇنىڭدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلاتتى … ئۆزگىلەرگە تەسىرىنى ھېس قىلدۇرۇش ئاجايىپ قالتىس ئىشتە ! ئۇنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ . ئۆز روھىنى مەلۇم بىر شەيئىگە سىڭدۈرۈپ ، ئۇنى شۇ جايدا بىر پەس توختىتىش ، ئۆزىنىڭ ئاقىلانە كۆز قاراشلىرىدىن ئوخچۇپ چىققان شوخ كۈيلەرنىڭ ئەكس ساداسىغا قۇلاق سېلىش ، مىجەز – خاراكتېرىنى گويا سىرلىق بىر خۇشھىدنى تاراتقاندەك باشقىلارغا تەسىر قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ھەقىقىي ھوزۇر . بەلكى چەكلىمىلىككە تولغان ، جىنسىي ئىستەكنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش ئەۋج ئالغان ، ئۇلۇغۋار نىشاندىن نام – ئەسەر قالمىغان بۇنداق چاكىنا دەۋردە مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىردىنبىر ھوزۇر ئىدى … بازىلنىڭ رەسىم سىزىش ئۆيىدە تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالغان بۇ يىگىت بۆلەكچە جەلىپكار ئىدى . تېخى بالىلىقىدىكى گۈدەكلىكىنى يوقاتمىغان قاملاشقان چىرايى ، يۇناننىڭ مەر مەر تاشتىن ياسالغان ھەيكەللىرىنى ئەسلىتىدىغان بوي – بەستى كىشىگە ئاجايىپ زوق ئاتا قىلاتتى . ۋۇجۇدىدىن قىلچىمۇ ئىۋەن تاپقىلى بولمايىتتى . شۇ قەدەر ئىۋەنسىز گۈزەللىكنىڭ سولىشى نەقەدەر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش – ھە ! ئەمىسە بازىلچۇ ؟ تازىمۇ قىزىق ئادەمدە ئۇ ! ئاڭسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بىر بالىنى كۆرۈپ ھەش – پەش دېگۈچە يېڭىچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى ، يېڭىچە تۇرمۇش كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى دېسە ! ئىلگىرى قويۇق ئورمانلىق ئىچىدە غايىپ بولۇپ ، تاپتاقىر دالىلاردا كېزىپ يۈرگەن بۇ يوچۇن كۆلەڭگە گويا ئايال ئورمان ئىلاھى دىرىيادقا ئوخشاش ھېچ قورقۇمسىزلا رەسسامنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولدى ، چۈنكى رەسسامنىڭ قەلبى ئۇنى ئىزچىل ئىزلەپ كېلىۋاتاتتى . ھالا بۈگۈن ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ئۇخلاپ ياتقان سىرلىق سېزىملار ئويغاندى ، ئەمما مۆجىزىلەرمۇ دەل ئاشۇنداق سېزىملار ئالدىدا نامايەن بولاتتى . شەيئىلەرنىڭ ھالىتى گويا ئەسلىدىنلا باشقا تېخىمۇ مۇكەممەل شەيئىلەرنىڭ ئۈلگىسىدەك ، ھەم ئاشۇ مۇكەممەللىك ئۆلچىمىگە يەتكەن يوچۇن كۆلەڭگىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولغاندەك ، بۆلەكچە گۈزەل تۈس ئالغان سىموۋۇللۇق قىممەتكە ئېرىشكەن ئىدى . نېمە دىگە غەلىتىلىك – بۇ! ئۇ تارىختىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىشلارنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى . مۇتەپەككۇرلۇقتا كامالەتكە يەتكەن سەنئەتكار ئەپلاتون بۇنى تۇنجى بۇلۇپ ئانالىز قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئەجابا، مېكىلانجىلو ئۇنى رەڭلىك مەرمەر تاشتىكى 14مىسرالىق نەزمە ئارسىغا ئويۇۋەتكەن ئەمەسمىدى ؟ مانا ئەمدى ئۇ كىشىگە غەلىتە تويۇلىدىغان بوپ قالدى…. شۇنداق، ئۇ ئاڭسىز بىر رەۋىشتە دورىيان گىرىي ئۈچۈن بىر مۇھىم شەخىسكە ئايلانماقچى ئىدى، گويا دورىيانمۇ بۇ رەسسامنىڭ مەشھۇر بىر پورتېرىت يارىتىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغاندەك ، ئۇنى ئۆز ئىلىكىگە ئالماقچى بولاتتى_ ئەمەلىيەتتە ئۇ يېرىم مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن ئىدى . ئۇ ئاجايىپ خىسلەتكە ئىگە بۇ قەلبىنى ئۆزىگە تەئەللۇق قىلماقچى بولدى، مۇھەببەت بىلەن ئەجەل مۇجەسسەملەشكەن بۇ تەندە كىشى قەلبىنى مەستخۇش قىلىدىغان سىرلىق نەرسە بارئىدى .

ئۇ توساتتىن قەدىمىنى توختاتتى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، ھاممىسىنىڭ ئۆيدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنلىگىنى ھېس قىلدى_دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپ يولىنى داۋام قىلدى. گۇڭگا يورۇپ تۇرغان زالغا كىرىشىگە، مۇلازىم ئۇنىڭغا ساھىپخاننىڭ كىلىپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى . ئۇ شىلەپىسى بىلەن ھاسسىسىنى بىر ئەر مۇلازىمغا بېرىپ قۇيۇپ، رېستۇرانغا كىردى.

_ يەنە كېچىكىپ قالدىڭ،ھاررى،_ ۋارقىرىدى ھاممىسى ئاغرىنىش تەلەپپۇزىدا بېشىنى چايقاپ قويۇپ . ئۇ ئېسىگە كەلگەن باھانىدىن بىرنى دەپ قۇيۇپ، ھاممىسىنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا ئولتۇردى ، ئاندىن باشقا مېھمانلارغا بىر قۇر قاراپ چىقتى . ئۈستەلنىڭ ئۇ بېشىدا ئولتۇرغان دورىيان ئۇنىڭغا باش لىڭشىتىپ سالام قىلدى، ئۇدۇلىدا گىراف ھاررى خانىم ئولتۇراتتى . ئۇ تولىمۇ ئوڭلۇق، مىجەزى ئىسىل ئايال ئىدى، تونۇيدىغانلار ئۇنىڭغا بەكلا ئامىراق ئىدى. قەددى_قامىتى تولغان بۇ ئايال ئەگەر گىراف خانىم بولمىغىنىدا ئىدى ، ھازىرقى زامان تارىخچىلىرىنىڭ قەلىمىدە تولۇمدەك سەمىرىگەن بىرلاخسا ئايال قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولاتتى . ئوڭ تەرىپىدە سېر توماس باردون ئولتۇراتتى. ئۇ پارلامىنىتنىڭ رادىكال ئەزاسى ئىدى، ئاشكارا سورۇنلاردا پارتىيىنىڭ داھىيىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭاتتى، ئادەتتە ئاشپىزى داڭلىق جايلارغا باراتتى، << تاماقتا كونسىرۋاتىپلار بىلەن ، پىكىردە لېبرالىستلار بىلەن بىردەك بۇلۇش>> ئۇنىڭ تۇرمۇش مىزانى ئىدى . ئۇنىڭ سول تەرىپىدە تىرىدلېيدىن كەلگەن ئېرسكىن ئەپەندى ئولتۇراتتى، جەلىپكار، خۇشپېئىل، تەربىيە كۆرگەن بۇ بوۋاينىڭ جىق گەپ قىلمايدىغان ئادىتى بار ئىدى.بۇ ھەقتە گەپ چىقسا، ئۇ: << دەيدىغانلىرىمنى 30يېشىمدىن بۇرۇن دەپ بولغان>> دوپ قوياتتى. ئېرسكىن ئەپەندىنىڭ يېنىدىكىسى ۋاندىلۇر خانىم بۇلۇپ، ھېنىرىنىڭ ھاممىسىنىڭ قەدىناس دوستى ئىدى، پەرىشتىلەردەك كەم_كۇتىسىز بۇ ئايال كىشى چۆچۈگۈدەك دەرىجىدە چاكىنا ياسىنىۋالغان بۇلۇپ ، تۇرۇقى كىشىگە بەئەينى تولىمۇ قوپال تۈپلەنگەن قەسدىلەر توپلىمىنى ئەسلىتەتتى . ھېلىمۇ تەلىيى بار ئىكەن ، ۋاندىلۇر خانىمنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇرغىنى لورد فاۋىل ئىدى. ۋاندىلۇر خانىم ئۇنىڭ بىلەن تولىمۇ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى، بۇنداق قىزغىنلىق لورد فاۋدىلىنىڭ نەزىرىدە، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە بولىدىغان، ئەمما يۇقۇپلا قالسا قۇتۇلغىلى بولمايدىغان، كەچۈرگىسىز خاتالىق ئىدى.

_ بىچارە دارتمور ئەپەندى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتىمىز،_ گىراف خانىم ئۇنىڭغا قااپ مەمنۇنىيەت بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى،_ ئېيتىڭە، ئۇ ھېلىقى نايناق بىلەن راسلا توي قىلارمۇ؟

_ مېنىڭچە، ئۇ بۇ كەمگە دارتمۇر ئەپەندىگە توي تەكلىپىنى قۇيۇپ بولدىغۇ دەيمەن گىراف خانىم.

_ ئادەمنى قورقۇتمىغىنا !_ ۋارقىرىدى ئاگاسا خانىم،_ ئەمدى بىرەرسى چىقىپ بۇ ئىشقا ئارىلاشمىسا بولماپتۇ.

_ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ قىزنىڭ دادىسى ئامىرىكىنىڭ قۇرۇق تاۋارلىرىنى ساتىدىغان دۇكان ئاچارمىش،_ گەپ قىستۇردى توماس باردون تەكەببۇرلۇق بىلەن .

_تاغام ئۇنى چوشقا گۆشىنى توپ ساتىدىغان ئوخشايدۇ، دەيدىغۇ، توماس ئەپەندىم.

_ قۇرۇق تاۋار! ئامېرىكىنىڭ قۇرۇق تاۋارلىرى دېگىنى نېمە ئەمدى؟_ سورىدى گىراف خانىم گۆشلۈك قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ گاڭگىرىغان قىياپەتتە .ئۇ << دېگىنى>> دېگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيتتى.

_ ئامېرىكىنىڭ ھېكايىسى _، لوردھېنىرى شۇنداق دېگەچ بىر پارچە بۆدۈنە گۆشىنى ئاغزىغا سالدى .

گىراف خانىم بۇ گەپلەردىن گاڭگىراپلا قېلىۋاتاتتى .

_ ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماڭ قەدىرلىكىم،_ دېدى ئاگاسا خانىم گىراف خانىمغا بوشقىنە شىۋىرلاپ،- ئۇ مۇشۇنداق ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى دەيدۇ.

­_ ئامېرىكا بايقالغان چاغدا… – دەپ گېپىنى باشلىدى ھېلىقى رادىكال پارلامېنىت ئەزاسى . ئۇ گويا كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يولىلا سۆزلەپ تۈگەتمەكچى بولغاندەك توختىماي سۆزلەيتتى، مېھمانلارمۇ ئۇنىڭ گېپىدىن زېرىكىپ قالدى . گىراف خانىم بىرنى ئۇھسىنىپ قويدى_ دە، ئۇنىڭ گېپىنى قاپ بەلدىن بۆلدى :

_ ئەسلى ئامېرىكا قىتئەسى بايقالمىغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن!_ دېدى ئۇ،_ مانا ئەمدى بىزنىڭ قىزلىرىمىز بىر چەتتە قىلىپ، پۇرسەتنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قۇيۇۋاتىدۇ، نىمە دېگەن ئادالەتسىزلىك _ بۇ!

_ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بايقالغىنى يوق ئىشمىكىن دەيمەن ، – دېدى ئېرسكىن ئەپەندى،_ مېنىڭچە ئۇ بىر پەرەز ، خالاس.

_ شۇ يەرلىك كىشىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،_ دېدى گىراف خانىم تولىمۇ مۇجىمەل قىلپ،_ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيرانۇ – ھەس قالدىم، ئۇلار بەك چىرايلىق كىيىنىدىكەن ، تېخى كىيىملىرىنى پارىژدىن ئەكەلدۈرىدىكەن. ئېسىت ، مەنمۇ شۇنداق كىيىملىرىم بولسىچۇ، كاشكى.

_ ئاڭلىسام، ياخشى نىيەتلىك ئامېرىكىلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن پارىژغا بارارمىش،_ دېدى سېر توماس ئەپەندى . ئۇنىڭ ئېغىزى ئېچىلدىمۇ بولدى، يۇمۇرلۇق گەپ ئاغزىدىن ئۇزۇلمەي چىقاتتى .

_ راسىت شۇنداقمىكەن؟

_ ئەمىسە، ئەسكى ئامېرىكىلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن نەگە بارىدىكەن؟_ سورىدى گىراف خانىم.

_ ئامېرىكىغا ، – دېدى لوردھېنىرى .

سېرتوماس قاشلىرىنى ھىمىرىپ قويدى.

_ كىم بىلىدۇ ، جىيەنىڭىز ئۇ بۈيۈك دۆلەتكە باشقىچە قاراشتىمۇ تېخى،_ دېدى ئۇ ئاگاسا خانىمغا،- بۇرۇن ساياھەت پەيتونىدا ئامېرىكىنى ئايلىنىپ چىققان ئىدىم . ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى خويمۇ ئەدەپلىك . ھۆددە قىلىمەنكى، ئۇ يەرگە بارسىڭىز ، كۆرگەن – بىلگەنلىرىڭىز ئېشىپ قالىدىكەن .

_ چىكاگوغا بارسىلا كۆرگەن- بىلگىنى ئېشىپ قالىدىغان ئىش بارمىكەن؟_ دېدى ئېرسكىن ئەپەندىم تەئەددى بىلەن،_ ئۇ يەرگە ساياھەتكە بېرىشقا مەن ھەرگىز چىدىمايمەن.

سېرتوماس قولىنى شىلىتىپ گەپنى بۆلدى:

_ ئېرسكىن ئەپەندى پۈتۈن دۇنيانى ئۆيىدىكى كىتاب جاھازىسىغا تىزىۋالغان . بىزگە ئوخشاش ئەمەلىيەتچىل كىشىلەر ئۇنداق نەرسىلەرنى كىتابتىن ئوقۇشقا ئەمەس، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە ئامىراق كېلىدۇ. ئامېرىكانلار بەك ئەقىللىق مىللەت . بۇنى ئۇلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكمىكىن دەيمەن. ھۆددە قىلالايمەنكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىچىدە غەرەز ئۇقمايدىغانلىرى يوق دىيەرلىك.

_ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق! – ۋارقىرىدى لورد ھېنىرى ، – ئاشكارا زوراۋانلىققا چىدىسام چىدايمەنكى ، ئاشكارا چېچەنلىككە تاقىتىم يوق . كاللىنى بەك ئىشلىتىپ كېتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، ئۇ دىگەن چېچەنلىككە قارا سىنىغانلىق .

– گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ ، – دېدى سېر توماس يۈزلىرى پوكاندەك قىزارغان قىياپەتتە .

– مەن چۈشەندىم لورد ھېنىرى ، – دېدى ئېرسكىن ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .

– سەپسەتىنىڭمۇ پۇت دەسسەپ تۇرىدىغان ئۆزىگە چۇشلۇق ئۇسۇلى بولىدۇ ….. – گەپنى ئارىلىدى لورد ھېنىرى .

– سەپسەتە دېدىڭىزما ؟ – سورىدى ئېرسكىن ئەپەندى ، – مەن ئۇنداق قارىمايمەن ، بەلكىم شۇنداقتۇر . ھەقىقەت ھەمىشە سەپسەتە شەكلىدە مەۋجۇت بوپ تۇرىدۇ . ھەقىقەتنى سىناشقا توغرا كەلسە ، ئۇنى چىڭ تارتىلغان پولات سىم ئۈستىگە چىقارساقلا ئايان بولىدۇ . ھەقىقەت پولات سىم ئۈستىدىكى دارۋازغا ئايلانغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقارساق كېچىككەن بولمايمىز .

– توۋا قىلدىم ، سىلەر ئەرلەر نەزەرىيىگە بەك ئۇستا كېلىدىكەنسىلەر ! راستىنى دېسەم ، نېمە دېيىشىۋاتقىنىڭلارنى مەڭگۈ چۈشەنمىگۈدەكمەن . ھەي ھاررى ، سەندىن بەك بىزار بولدۇم . سەن نېمىشقا بىزنى سۆيۈملۈك دورىيان گرېي ئەپەندىنىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئىشلىرىدىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولىسەن ؟ ھۆددە قىلىمەنكى ، ئۇ بىباھا گۆھەرگە ئايلىنىدۇ ، ئۇلار چوقۇم ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ ، – دېدى ئاگاسا خانىم .

_ مۇزىكىدىن بىرەرنى چېلىپ بەرسە ، ئاڭلاپ باقساق بوپتىكەن ، – لورد ھېنىرى شۇنداق دېدى – دە ، تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۇ بېشىغا نەزەرىنى ئاغدۇردى ، كۆزلىرى ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز بىلەن ئۇچراشتى .

– شۇغىنىسى ، ۋايت چېركاۋى تەرەپتىكىلەرمۇ بەك بىچارىكەن ئەمەسمۇ ، – سۆزىنى داۋام قىلدى ئاگاسا خانىم .

– دەردۇ – ھەسرەتتىن ئۆزگە ، ھەرقانداق نەرسىگە ھېسىداشلىق قىلغۇم كېلىدۇ ، – لوردھېنىرى مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى ، – ئازاب چېكىۋاتقانلار ھېسداشلىقىمنى قوزغىيالمايدۇ . ئازاب – ئوقۇبەت تولىمۇ پەسكەش ، قورقۇنچلۇق بولىدۇ ، كىشىنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىدۇ . بەزىلەر ئازاب چېكىۋاتقانلارغا ئاجايىپ ھېسىداشلىق قىلىپ كېتىدىكەن . ھېسىداشلىق قىلىش توغرا كەلسە ، رەڭدار ، گۈزەل ، شادىمان تۇرمۇشقا ھېسىداشلىق قىلىش كېرەك . ھاياتنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى ئازراق تىلغا ئالغان ياخشى .

– ئەمما ، شەرقىي رايون مەسىلىسى ناھايىتى موھىم – دە ، – دېدى سېر توماس بېشىنى چايقاپ قويۇپ .

– ئۇغۇ شۇنداق ، – دېدى ھېنىرى ، – بۇ دېگەن قۇل مەسىلىسى ، بىز قۇللارنى خۇش قىلىش بەدىلىگە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرسەك بولىدۇ .

ھېلىقى سىياسەتۋاز ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدى :

– ئۇنداقتا ، ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ھەققىدە بىرەر ئاقىلانە تەكلىپىڭىز بولسا ئاڭلاپ باقساقمىكىن .

لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

– ھاۋارايىدىن باشقا ، ئېنگلاندنىڭ ھېچ نەرسىسىنى ئۆزگەرتكۈم يوق ، – دېدى ئۇ ، – مەن پەلسەپىۋى پىكىر قىلىشتىن قانائەت تاپىمەن . شۇغىنىسى ، 19 – ئەسىر ھېسىداشلىقنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ ، گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى . تەلىپىم شۇكى ، بىز ئىلىم – پەنگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق خاتالىقلارنى تۈزەتسەك بولىدۇ . ھېسسىياتنىڭ پايدىسى بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ بىزنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ ؛ ئىلىم – پەن بولسا كىشىگە ھېسسىياتقا تايانماي ئىش قىلىشنى ئۆگىتىدۇ .

– ئەمما ، بۇ ئىشتا ھەر قايسىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز چوڭ ، – دېدى ۋاندىلۇر خانىم خىجىللىق ئىلىكىدە .

– شۇنداق ، مەسئۇلىيىتىمىز بەك چوڭ ، – سۆز قاتتى ئاگاسا خانىم . لورد ھېنىرى ئېرىسكىن ئەپەندىگە دېدى :

– ئىنسانلار ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلاپ كېتىۋاتىدۇ . بۇ – ئىسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھى . ئەگەر ئىپتىدائىي ئىنسانلار قانداق كۈلۈشنى بىلەلىگەن بولسا ئىدى ، تارىخمۇ باشقىچە يېزىلغان بولاتتى .

_ كىشىگە تەسەللىي بېرىشكە بەك ئۇستىكەنسىز ، – دېدى گراف خانىم مۇلايىم ئاۋازدا ، – ئىلگىرى قەدىرلىك ھاممىڭىزنى كۆرگىلى كەلگىنىمدە خويمۇ بىئارام بولاتتىم ، چۈنكى مەن شەرقىي رايون دېگەنگە زادىلا قىزىقمايىتتىم . كېيىنچە تىكىلىپ قارىغىنىمدا ، ئۇمۇ قىزارمايدىغان بولار .

– قىزارغان يۈزلەر كىشىنى تولىمۇ مەھلىيا قىلىدۇ گراف خانىم ، – دېدى لورد ھېنىرى .

– ئادەم ياش ۋاقتىدىلا شۇنداق بولىدۇ ، – دېدى گراف خانىم ، – ماڭا ئوخشاش قېرى مومايلارمۇ قىزىرىپ يۈرسە ، ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس . لورد ھېنىرى ، ماڭا قانداق قىلسا ياشلىقىغا قايىتقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەمسىز .

لورد ھېنىرى بىردەم جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى ، ئاندىن گراف خانىمغا ئويچان كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدى :

– ياشلىقىڭىزدا سادىر قىلغان چوڭ – چوڭ سەۋەنلىكلىرىڭىزنى ھېلىمۇ ئەسلىيەلەمسىز ، گراف خانىم ؟

– سەۋەنلىكلىرىمغۇ بەك كۆپ ، – دېدى گراف خانىم ئۈنلۈك قىلىپ .

ئەمىسە شۇ سەۋەنلىكلىرىڭىزنى يەنە بىر قېتىم سادىر قىلىڭ ، – دېدى لورد ھېنىرى چىرايىغا كەسكىن تۈس بېرىپ ، – كىشى ياشلىقىغا قايتىمەن دەيدىكەن ، ئەخمىقانە ئىشلىرىنى تەكرارلىشى كېرەك .

– خويمۇ كۆڭۈلگە ياقىدىغان نەزەرىيە ئىكەن – بۇ ! – دېدى گراف خانىم چۆچۈگەن قىياپەتتە ، – مەن چوقۇم سىناپ كۆرىمەن .

– قويۇڭە بۇنداق خەتەرلىك نەزەرىيەلىرىڭىزنى ! – دېدى سېر توماس زەردە بىلەن . ئاگاسا خانىم بېشىنى چايقاپ قويدى ، چىرايىغا شۇئان بىزارلىق ئالامەتلىرى تېپىپ چىقتى . ئېرىسكىن ئەپەندىلا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇراتتى .

– شۇنداق ، – گېپىنى داۋام قىلدى لورد ھېنىرى ، – مانا بۇ ھاياتنىڭ بىر چوڭ سىرى . ھازىر تالايلىغان كىشى ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان ئاتالمىش تەپەككۇر ئۇسۇلى تەرىپىدىن گۇمران بولۇۋاتىدۇ ، ئۇلار بىردىنبىر پۇشايمىنىنىڭ ئۆزى سادىر قىلغان سەۋەنلىكلەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان چېغىدا ، ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ .

مېمانلار پاراقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى . لورد ھېنىرى ئويلىغانلىرىنى تولىمۇ رەڭدار قىلىپ تەسۋىرلەيىتتى . ھېلىقى تاغدىن ، باغدىن سۆزلەيىتتى ، ئاڭلىماققا بەھەيۋەت ، ئەمما قىلچە مەزمۇن ، مەنە بولمىغان داڭقانپۇتى گەپلىرىنى بازارغا سالاتتى . ئاغزىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان مارجاندەك پاساھەتلىك گەپلەر شۇ تاپتا ئەخمىقانىلىقنى مەدھىيىلەپ پەلسەپە دەرىجسىگە كۆتۈرۈۋاتاتتى . شۇ تاپتا پەلسەپىنىڭ ئايال ئىلاھىمۇ ياشلىقىغا قايتىپ ، خۇ شاللىق پەرىشتىسىنىڭ ئاشۇ ئەسەبىي كۈيىگە ئەسىر بولماقتا ئىدى . كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلاتتىكى ، ئايال ئىلاھ ئۇچىسىغا ئۈزۈم ھارىقى چاچراپ كەتكەن پەرەنجە كىيگەن ، بېشىغا گۈلتاج تاقىغان ھالەتتە ھاياتنىڭ تاغ – ئىدىرلىرىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن ، تاغ ئىلاھلىرىنىڭ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى ئۇقمايدىغان گالۋاڭلىقىنى مەسخىرە قىلماقتا ئىدى . رېئاللىق گويا ئورمانلىقتىكى ئۈركۈپ كەتكەن بىر جانۋار كەبى كۆز ئالدىدىن لىپ – لىپ قىلىپ ئۆتەتتى . ئۇنىڭ شېشىدەك سۈزۈك ئاپئاق پۇتلىرى دانىشمەن پارس شائىرى ئۆمەر ھەييام ئولتۇرغان ھېلىقى ئۈزۈم يانچىيدىغان يوغان تاشقا دەسسەپ تۇراتتى . ئۇ تاكى ئۈزۈم شىرنىسىنىڭ دانە – دانە تامچىلىرى يالىڭاچ پۇتلىرىغا چاچرىغۇچە ياكى ئۈزۈم شىرنىسىنىڭ قىزغۇچ ماغزاپلىرى ئىدىشتىن تېشىپ كەتكۈچە تاشقا شۇ رەۋىشتە دەسسەپ تۇردى . مۇزىكا قالتىس ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىندى . دورىيان گرېي لورد ھېنىرىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . ھېنىرىنىڭ كۆزلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئىچىدىن بىرلا سىمانى ئىزلەيىتتى ، شۇندىلا ئۇنىڭ زېھنى ئېچىلاتتى ، تەپەككۇرى جانلىناتتى . دورىيان زېرەك، ئالىيجاناپ ، جەلىپكار بولغىنى بىلەن ، مەسئۇلىيەتسىز ئىدى . ئۇ مۇزىكىسى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئەسىر قىلىۋالدى . گويا بۇراننىنىڭ شېئىرلىرىدىكى نەيچىگە ③ ئوخشاش ، تاماشىبىنلارنى جۆر قىلدۇرۇپ قىقاس – چوقان سالدۇراتتى . دورىيان گرېي گويا سېھىرلىنىپ قالغاندەك ، لورد ھېنىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەيىتتى ، لەۋلىرىدە ھېلىدىن – ھېلىغا كۈلۈمسىرەش جىلۋە قىلاتتى ، قاپقارا ، تىنىق كۆزلىرىدىكى ھەيرانلىق ئاستا – ئاستا كەسكىنلىككە ئالماشتى .

ھايال ئۆتمەي ، مودا كېيىنگەن رېئاللىق رېستورانغا كىرىپ كەلدى . بىر خىزمەتكار گراف خانىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ، پەيتۇننىڭ سىرىتتا ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى . گراف خانىم ئالدىرىغان قىياپەتتە قوللىرىنى ئىشىقلاپ تۇرۇپ دېدى :

_ ھەجەپ كەيپىمنى ئۇچۇردى ! مەن ماڭىدىغان بوپ قالدىم . شۇ تاپتا كۇلۇبقا ئېرىمنى ئالغىلى بارىمەن ، ئاندىن ۋىللىس زالىغا بېرىپ ، بىر تېتىقسىز يىغىنغا قاتنىشىمىز ، ئېرىم ئۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ . كېچىكىپ قالسام ، ئېرىم خاپا بوپ كېتىدۇ . خەيىر ، قەدىرلىك ئاگاسا خانىم . لورد ھېنىرى ، سىزمۇ بەك قىزىقچىكەنسىز ، ئەخلاق دېگەننى بىر تىيننغا ئالغۇسىز قىلىۋەتتىڭىزغۇ زادى . گەپلىرىڭىزگە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم . سەيشەنبە كۈنى كەچتە كېلىڭ ، بىللە تاماق يەيلى . ئۇ كۈنى باشقا ئىشىڭىز يوقتۇ – ھە ؟

– سىز ئۈچۈن ھەرقانچە موھىم ئىشىم بولسىمۇ تاشلايمەن، گراف خانىم ، -دېدى لورد ھېنىرى تازىم قىلىپ .

     – قالتىس جۇمۇ سىز ! ئۇنداق قىلسىڭىز بولماس ، – دېدى گراف خانىم ، – ئۇنتۇلۇپ قالماڭ ئەمىسە ! گراف خانىم ئېغاڭلاپ ماڭغىنىچە رېستوراندىن چىقىپ كەتتى ، ئاگاسا خانىم باشقا مېھمانلار بىلەن كەينىدىن ئۇزۇتۇپ چىقتى .

لورد ھېنىرى ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى ، ئېرىسكىن ئەپەندى ئۇنىڭ يېنىغا يۆتكىلىپ ، قوللىرىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئالدى .

– نەچچە كىتاب بولغۇدەك گەپلەرنى قىلىۋەتتىڭىز ، – دېدى ئۇ ، – نېمىشقا بىرەر پارچە كىتاب يازمايسىز ؟

– مەن كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق ، لېكىن كىتاب يازغۇم كەلمەيدۇ ، ئېرىسكىن ئەپەندىم . پارس گىلىمىگە ئوخشاش ئېسىل ، رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان روماندىن بىرنى يازسامغۇ تازا بولاتتى . ئەمما ، ئەنگلىيىدە كىشىلەر گېزىت ، سەۋىيەسىز كىتابلاردىن باشقا ، ئەدەبىيات دېگەندەكلەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ . بەزىدە ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتتىن زوقلىنىش تۇيغۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەنمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن .

– بەلكىم دېگىنىڭىز توغرىدۇر ، – دېدى ئېرىسكىن ئەپەندىم ، – ئىلگىرى ئەدەبىياتقا ھەۋەسىم بار ئىدى ، ئەمما بۇ ھەۋىسىم ئۇزۇنغا بارمىدى . قەدىرلىك دوستۇم ، مۇشۇنداق چاقىرسام خاپا بولمايدىغانسىز – ھە . سىزدىن بىر نەرسىنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ . بايا دېگەنلىرىڭىز راسىتما ؟

– بايا نېمە دېگەن بولغىيىتتىم ، – كۈلۈمسىرەپ قويدى لورد ھېنىرى ، – گەپلىرىم كۆڭلىڭىزگە ياقمىغان ئوخشىمامدۇ ؟

– زادىلا ياقمىدى . ئىشقىلىپ ، سىز بەك خەتەرلىك ئادەمكەنسىز . ئالىمادىس ئاشۇ ئاقكۆڭۈل گراف خانىمغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، سىزدىنلا كۆرىمىز . ئەمما سىز بىلەن تۇرمۇش ھەققىدە پاراڭلاشقۇم بار ئىدى . ئادەملەر نېمە دېگەن تېتىقسىزلىشىپ كەتكەن– ھە ! ناۋادا بىر كۈنلەردە لوندوندىن زېرىكىپ قالسىڭىز، تىرېدلىيغا بېرىپ مېنى ئىزدەڭ . ئېسىل ئۈزۈم ھاراقلىرىم بار ، قۇيۇپ بېرىمەن ، ئىچىشكەچ پەلسەپەيىڭىزدىن ھوزۇرلىنىمىز .

– تەكلىپىڭىزنى جان دەپ قۇبۇل قىلىمەن ، تىرېدلىيغا بېرىپ ھوزۇرىڭىزدا مېھمان بولۇش مەن ئۈچۈن زور شەرەپ . ساھىبخان ئېسىل ، كۇتۇپخانىلىرى ئاندىن ئېسىل تۇرسا ، بارمىسام بولامدۇ .

– بارسىڭىز قەۋەتلا خۇش بولىمەن ، – دېدى بوۋاي ئەدەب بىلەن تازىم قىلىپ تۇرۇپ ، – ئەمدى ھاممىڭىز بىلەن خوشلىشايمىكىن ، ئافېنا ئەدەبىيات كۇلۇبىغا بارىدىغان ئىشىم بار ئىدى . ھازىر ماڭسام ، ئەلياتقۇ مەزگىلىدە ئاران يېتىپ بارالايمەن .

– ھەممەڭلار بارامسىلەر ، ئېرىسكىن ئەپەندىم ؟

_ 40 ئادەم بارىمىز ، 40 ئورۇندۇقتا ئۇخلايمىز . ئۇ يەردە ئەنگلىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىگە ئاكادېمىك بولۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز .

لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى :

– مەنمۇ باغچىغا بارماقچى ئىدىم .

لورد ھېنىرى ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرۇۋېدى ، دورىيان گرېي ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى :

مېنىڭمۇ سىز بىلەن بىللە بارغۇم كېلىۋاتىدۇ .

– بازىل خالۋارد بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋەدە قىلىپ قويغانتىڭىزغۇ ؟ – دېدى لورد ھېنىرى .

– گېپىڭىزگە ئامراق بولۇپ قالدىم ، سىز بىلەن بىللە بېرىپ مۇڭدىشىپ كېلەيمىكىن .

– نېمە دېدىڭىز ؟ بۈگۈن ھېلىمۇ جىق سۆزلەپ كەتتىم ، – كۈلۈپ كەتتى لورد ھېنىرى ، – شۇ تاپتا تۇرمۇشنى راسا بىر كۆزەتكۈم كېلىۋاتىدۇ . خالىسىڭىز ، بىللە بېرىڭ ، بىللە كۆزىتەيلى .

______________________

ئىزاھات :

① ئىزابىللا (1830 – 1904 ) – ئسپانىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ، 1868 – يىلىدىكى ئىسپانىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدا ئاغدۇدرۇپ تاشلانغان .

② (1814 – 1870) – ئىسپانىيە گېنىرالى ، ئىزابىللا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسپانىيىنڭ باش ۋەزىرى بولغان .

③ بۇ جۈملە روبېرت بۇراننىنىڭ «خېمىرىندىكى گۈللۈك كىيىملىك نەيچى» ناملىق داستانىدىن ئېلىنغان . داستاندا بالىلار سىرلىق نەي ئاۋازىغا ئەگىشىپ كېتىپ قالىدۇ .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10562

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: