ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 20665|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىزگە قانداق كەسىپ زۆرۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىزگە قانداق كەسىپ زۆرۈر
(http://bbs.oylirim.cn); m7 j. L0 c/ V3 {& \2 p* \
بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىدە پەن – تېخنىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، قۇدرەت تېپىشىدا، ئۇنىڭ قانچىلىك ئالىم – مۇتەخەسسىسلىرى بارلىقىغا قاراش كېرەك، ئەمما ھازىر ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە قانچىلىك ئوقۇغۇچى پەن – تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى تاللاۋاتىدۇ؟ كۆپچىلىكى ئاسان ئىشقا ئورۇنلىشىش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش، ئەڭ تېز، ئەڭ ئاسان جان بېقىش يولىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ كەسىپ تاللاۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ قەلبىدە ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىش ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدىغان، پۇل تاپقىلى ۋە باشقا مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىر ئىش. ئامېرىكىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر دوستۇم مۇنداق ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلارنىڭ دوكتورلۇق يېتەكچى مۇئەللىمى ئىقتىدارلىق ئالىم ئىكەن، بۇ دوستۇم يېتەكچى مۇئەللىمىدىن: ‹‹سىز قانداق قىلىپ بۇ يولنى تاللاپ قالغان؟ ئاتا – ئانىڭىز سىزنى قانداق تەربىيەلىگەن؟›› دەپ سورىغىنىدا، يېتەكچى مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ئاتا – ئانام مېنى ھېچقاچان تەربىيەلىمىگەن، دادام ھەر تەتىلدە مېنى زاۋۇتقا ئاپىرىپ، بۇرمىلىق مىخنى چىڭىتىدىغان ئىشنى قىلغۇزاتتى، بۇ ناھايىتى ئاددىي، لېكىن ئىنتايىن زېرىكىشلىك ئىش ئىدى، ئەتىگەندىن كەچكىچە شۇ بىر ئىشنى قايتىلايتتىم، شۇنچە نۇرغۇن بۇرما مىخنى چىڭىتىپ بولۇپ سائەتكە قارىسام، ئەمدىلا يېرىم سائەت ئۆتكەنلىكىنى كۆرەتتىم، ۋاقىتنى ھېسابلاش مەن ئۈچۈن ئازابلىق ئىش ئىدى، چىداپ بولالماي يىغلاپ سالاتتىم، مۇشۇنداق زېرىكىشلىك ئىشنى قىلىپ باققاچقا، پەن – تەتقىقات مەن ئۈچۈن ناھايىتى مەنىلىك، قىزىقارلىق، جەلىپكار تۇيۇلىدۇ، ئۇ كۈندە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يوشۇرۇنغان، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى چەكسىز مەنىلىك قىلدى›› دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىر يادىكەشلىك، يېشىغا ماس كەلمىگەن چۈشىنىكسىز فورمۇلا، قانۇنىيەتلەر بالىلاردا ئىلىم – پەنگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى قوزغاپ قويماقتا، ئىمتىھان ئۈچۈن چۈشەنمەي تۇرۇپ، مەجبۇرىي يادلىغان ساۋاتلار بالىلارنىڭ پەنگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىيالمىغاننى ئاز دەپ، بالىلاردا ئىلىم – پەندىن سەسكىنىش خاراكتېرنى پەيدا قىلىپ قويماقتا. نۇرغۇن بالا بۇ ‹‹تېگى يوق ھاڭ››نىڭ يېنىغا بارماي تۇرۇپلا قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا نۆۋەتتىكى ماددىي مەنپەئەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان، رەڭدار جەمئىيەتنىڭ ئابرۇيپەرەسلىك، پۇلپەرەسلىك خاھىشلىرى سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىدە يامان بىخ سۈرۈپ، ئۇلارنى تېزدىن نام چىقىرىپ، چولپان بولۇپ، ئېسىل تۇرمۇش قوغلىشىشقا قىزىقتۇرماقتا.
(http://bbs.oylirim.cn)4 ~4 p! W3 F& H& ^. o3 v0 v& }ھەر قېتىملىق ئالىي مەكتەپ كەسىپلىرىنى تاللاش مەزگىلىدە، ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بالىلارغا ئانچە جاپا تارتمايدىغان، خىزمەت تېپىش ئوڭاي بولغان كەسىپلەرنى تاللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ھازىرقى خىزمەت تېپىش بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان شارائىتتا بۇنى ئەلۋەتتە توغرا چۈشىنىش مۇمكىن. لېكىن يەنىلا ھەر بىرىمىزدە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىز – باسارلىرى، ئۈمىدى بولغان ياشلىرىمىزنى پەن – تېخنىكا، تەتقىقات ساھەسىدىمۇ يېتىشكەن، ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىمىز بار. پەن – تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇق ئەمەس. بۇ ساھەمۇ بىزنىڭ ئېچىشىمىزغا، تەتقىق قىلىشىمىزغا، تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا موھتاج، ئوخشاشلا بىزمۇ بۇ ساھەگە موھتاج.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تاراتقۇلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئالىملىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىزغا بولغان تەشۋىقات – تەربىيەسى سۇس بولغاچقىمۇ، پەرزەنتلەردە ئالىم بولۇش پەقەت يەتكىلى بولمايدىغان ئىشتەك تويۇلۇپ قالماقتا. تېلېۋىزورلاردا سەنئەتكارلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز، لېكىن يېنىمىزدىكى ئالىم – مۇتەخەسسىسلىرىمىز توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار تولىمۇ ئاز. بۇمۇ بالىلاردا پەن – تېخنىكىغا بولغان سۇسلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەن – تېخنىكا، تەتقىقاتلار بىزدىن يىراقلاپ كەتمەكتە.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە توغرا تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى تەربىيەسى بېرىپ، پەن – تېخنىكا ئىگىلەشكە ئىنتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى زۆرۈر.(تامام)
(http://bbs.oylirim.cn)5 q% w6 n. }9 O) Zمەنبە نۇرتورى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2015-1-12 21:35:59 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايتى ئەتراپلىق يېزىلغان يازما ئىكەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 21:13 , Processed in 0.576405 second(s), 41 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش