روھىي بېسىم ـــ ئېغىر يۈك
(http://bbs.oylirim.cn)& h7 Z6 V, z0 h8 _3 B5 u
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئائىلىدە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتىدە بەزىدە پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەسلىك، كۆز قاراشتىكى پەرقلەر تۈپەيلى ئويلىمىغان سۈركىلىشلەر پەيدا بولۇدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" f& J, q* M; j8 X, H; L بىر كۈنى مەنمۇ ئەرزىمەس ئىش تۈپەيلى كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالدى. سىرتقا چىقتىم. سىرتتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى. مەن ئەتراپى رەتلىك قارىغايلار بىلەن ئورالغان خالىي جايدىن ئەپچىلگىنە بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇردۇم. ئۇشتۇمتۇت شاررىدە قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. بىر تۈپ قارىغاي دەرىخىنىڭ شېخىدىكى قارلار شارقىراتمىدىن چۈشكەن سۇدەك شۇرقۇراپ چۈشتى- دە، قارنىڭ بېسىمىدا ئىگىلگەن قارىغاي شېخى ئەسلىدىكى تىك ھالىتىگە كەلدى. بۇ ھالەتتىن بىر ھەقىقەتنى بىلگەندەك بولدۇم. يەنى، بىزمۇ قارىغاينىڭ ئاشۇ خىل خىسلىتىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلساق بولىدىكەن. چۈنكى ھازىرقى جىددىي تۇرمۇش رېتىمى، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، كەسكىن رىقابەت، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، ماددىي ئېھتىياجنىڭ كۈنسايىن زورىيىشى قاتارلىقلار تۈپەيلى تۈرلۈك مەنىۋى بېسىمغا ئۇچراپ تۇرىمىز، كەيپىياتىمىزدىكى ئازادىلىكنى، روھىي جەھەتتىكى جۇشقۇنلۇقىمىزنى يېتتۈرۈپ، بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە تەرسالىقنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىۋالىمىز.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سالامەتلىكىمىزگە زىيان سالىدىغان بۇنداق چۈشكۈن كەيپىياتلارغا دۇچ كەلگەندە، خىزمىتىمىزدىكى ئوڭۇشلۇق ئىشلارنى، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت، شەيئىلەردىن، كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىزدىن، خىزمەت ۋە قىزىقىشلىرىمىزدىن بەھر ئېلىشنى، خۇشاللىق تېپىشنى ئۆگىنىۋالساق، يېنىمىزدىكى بىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان، بىزنىڭ قەدرىمىزنى قىلىدىغان كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، يېقىنلىرىمىزنىڭ، سىرداش دوستلىرىمىزنىڭ بىزنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇمىساق، ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ھەر قانداق ياردەمنى ئايىمايدىغانلىقىغا ئىشەنسەك، يەلكىمىزدىكى شۇ يۈك، قەلبىمىزدىكى شۇ سوغۇق تۇيغۇ، ئالدىمىزغا تاشلانغان ئۆتكۈر تىكەنلەر خۇددى شۇ قارىغاي شېخىدىن سېرىلىپ چۈشكەن ئاپئاق قارلاردەكلا چۈشۈپ كېتىپ، بىزنى بىھۇدە غەمسىرەشلەردىن خالىي قىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)) R: v' H3 R: n jتۇرسۇن كېرەم قارچۇق