بەخت
(http://bbs.oylirim.cn)( }8 _+ ^8 @- P R
(http://bbs.oylirim.cn)/ }$ `% E1 A$ O" O* D' gشۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي يۆلەنچۈكى. پەقەت ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرگەندىلا ئاندىن بەخت قەلئەيىڭىزنى قۇرۇپ چىقالايسىز.
(http://bbs.oylirim.cn)7 T' m/ N" J; s5 D$ m6 pباشقىلارغا تايىنىپ بەختكە ئېرىشمەن، دېسىڭىز، بۇ بەخت بەلكىم قۇم ئۈستىگە يېزىلغان خەتتەك، شامالدا ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەڭ خاتىرجەم بەخت ئۆزىڭىزگە تايىنىپ، ئۈمىدنى ئۆزىڭىزگە باغلاش بىلەن قولغا كېلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn): @, S O- V& M2 Uتۇرمۇشتا بىزگە ئەڭ زور ئازاب ئېلىپ كېلىدىغىنى مۇھەببەت ئازابى بولۇپ، بەزىلەر لايىقىدىن ئايرىلىپ قالسا، ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەسلىدە ھېچقايسىمىز بىر ئادەمدىن ئايرىلىپ قالغانغا ياشىيالماي قالمايمىز. ئەمەلىيەتتە ئايرىلىپ قالسىڭىز، ئۈمىدسىزلىنىپ، ياشىيالماي قالغاندەك ھېس-تۇيغۇلارغا كېلىشىڭىز، بۇ مۇھەببىتىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سىزدىكى بىر خىل پارازىتلىق تۇرمۇش ئادىتى. چۈنكى سىز بەختنى باشقىلارغا باغلاپ قويغاندا، شۈبىھسىزكى، سىز بىر پارازىتلىق تۇرمۇش كەچۈرگۈچى. بۇنداق مۇناسىۋەتتە ، پەقەت بېقىنىشلا بار. ئىككى ئادەمنىڭ بىللە بولۇشى ئۆز-ئارا يۆلىنىدىغانلىقدىن ئەمەس، ھەمكارلىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn) `2 ]$ M% n7 R, ^بەزى ئادەملەر بەختنى باشقىلاردىن كۈتىدۇ. بۇ بىر خاتالىق. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ خىل«پارازىتلىق تۇرمۇش»ئاخىرلاشسا، ھېسسىياتنىڭ يۆلەنچۈك تېغى ئۆرۈلۈپ چۈشسە، بۇ چاغدا قايتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز تەس بولىدۇ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي يۆلەنچۈكى، پەقەت ئۆزىڭىزلا بەخت قەلئەيىڭىزنى مەزمۇت قۇرۇپ چىقالايسىز.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇڭا دوستۇم، بەختىڭىزنى باشقىلارغا باغلاپ قويماڭ. ئىشىنىمىزكى، پەقەت ئۆز كۈچىڭىزگە تايانسىڭىزلا بەخت قۇياشى ھامان پارلاپ چىقىدۇ.