ئەپسۇسلانماي دېسىڭىز(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)3 O# M* F$ J# o2 r" D& iسىز مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
(http://bbs.oylirim.cn), I! D) }' r W% k ياش بولغىنىمىز ئۈچۈن بېشىمىزدىن بەزىبىر سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆتكۈزىمىز. مەسىلەن، مۇھەببەت، دوستلۇق دېگەندەك. ھېچقانداق ئادەم ھەربىر كۈنىنى مەڭگۈ خۇشال-خۇرام ۋە بەختلىك ئۆتكۈزۈپ بولالمايدۇ. ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئاجىزلىقىغا بىمالال ھالدا يۈزلىنەلمەيدۇ. سىزنى تاۋلايدىغىنى كەچمىش بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت. سىزنى بەختلىك قىلىدىغىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مېھرىبانلىق، سىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىز ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ھازىرنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆتۈپ كەتكىنى كېتىۋەرسۇن، كەلگۈسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈر بولمىغان يۈكنى چۆرۈۋەتكەندە، تۇرمۇش ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا، بىزنىڭ ئۇنى ياخشى ئۆتكۈزمەسلىككە يەنە نېمە ئاساسىمىز بار؟ نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئادەملەر سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، كەينىڭىزگە قارىماڭ، ئالدىڭىزدىكى دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىز ئۇلارنى كونتىرول قىلالمايسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى باشقۇرالايسىز.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي ۋە تىك بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى مېڭىڭ. بىراق چۇقۇم ئالغا قاراپ مېڭىڭ.ھېچكىمنىڭ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى يوق، قىيىنچىلىق ھەرقانچە ئېغىر، جاراھەت ھەددى-ھىساپسىز بولسىمۇ، ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ ھەم پۇشايمان قىلماڭ. چۈنكى، ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىڭىزدە، سىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغىنىڭىز ئەنە شۇ ئازاپلىق ۋە كۆز يېشى تامچىلىغان يول، سىز ئاۋازىڭىزنى قۇيۇۋېتىپ مەغرۇرانە توۋلىيالايسىز. قاراڭلار، مانا بۇ مەن ئۆزەم ماڭغان يول.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىز ئەتىنى بىلەلمەيسىز، بىراق بۈگۈننى تۇتۇپ تۇرالايسىز
(http://bbs.oylirim.cn) b1 _* ^# v# i6 }" t سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ. بىز كۆڭلىمىزنى ئەمدى بوغۇۋالمايلى، ئەمدى ئۇ ئەركىنلىككە چىقسۇن. گۈزەل قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالسۇن. سىز چىراينى تاللىماڭ، بىراق سىز ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز بىلەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرالايسىز. ئۇلاردىن ھاياتىڭىزدا ھەقىقىي سىزنى بىلىدىغان ھەمراھىڭىزنى تاپالايسىز، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك دوستلىرىڭىزنى تاپالايسىز، مانا بۇ بەخت. مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن، مەيلى سىز نىمىلا قىلماڭ، مەيلى قانداق مۇھىتقا دۇچ كەلمەڭ، سىز شۇنى بىلىڭكى، شۇنداق بىر ئادەم بار، ئۇ سىزنىڭ ئۆيگە قايتىشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بىر ئادەم باركى، ئۇ سىز بىلەن بىرگە سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ۋە ئازابىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىز ۋە ئاجىزلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنىڭ تەسەللىيسى، شۇنداق تۇرۇپ سىز يەنە بەختلىك ئەمەسمۇ؟