ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 100|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بۇغدا ئابدۇللا : ئسقىرتىش ( داستان )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئسقىرتىش
(داستان )

بوغدا ئابدۇللا

ئېلاۋە: ئاتاقلىق شائىر، پىشقان شېئىرىيەت نەزەرىيەچىسى، ئالىم، تەجرىبىلىك تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، بوغدا ئابدۇللا ئەپەندىمدىن يېڭى يىللىق سوۋغا!
ــــــــــــــــــــــــــ  ★  ــــــــــــــــــــــــــــ

بىر ئادەم ئايدىڭدا ئىسقىرتىپ كېلەر،
مۆرىسىگە چاپاننى ئارتىپ،
ئىچىدە، دەرەخلەرنى دەمدىغاندۇ،
يا يوللارغا دەيدىغان گەپلىرى باردەك،
ئاستا - ئاستا مېڭىپ كېلەر،
ۋە يا غەم - غۇسلىرنى قىسقارتىپ،
ئادەم بىر كېلەر جاھانغا،
بىر تۆرىلەر جاھانغا،
بېشىدا مەشرەپ غەملىردەك غەم،
ئۇ ئېيتار كىمگە،
ئۇ يىغلار كىمگە،
ئۆكسۈگىسى كېلەر،
ياشلىرىنى تۆككۈسى كېلەر،
كېلەر، كېلەر، كېلەر...
يۇلغۇنلارنى باغرىغا باسقۇسى كېلەر،
قۇملۇقلاردا، بارخانلاردا ئېغىناپ، ئېغىناپ ئەركىلىگۈسى كېلەر،
خىيال ئۇچار، ئۇچار قۇشلاردەك،
پەرۋاز، پەرۋاز، پەرۋاز...
ئۇ ئىنتىلەر،
ئۇ نېمىلەرگىدۇ قولىنى سوزۇغۇسى كېلەر،
سوزار، سوزار، سوزار.
يەتمەس، يەتمەس، يەتمەس،
باش بىر قايناپ تۇرغان قۇمغان،
تىرىقلاپ قاينىغان، خىياللار ،
كەتمەس،كەتمەس، كەتمەس.
ئىسقىرتار ئادەم،
ئۇ يېنىكلەپ قالار،
يېنىك تىن ئالار،
ئۇلار، ئۇلار، ئۇلار.
قاياقتىن چېقىپ قاياققا بارار ئاھاڭ،
ئاھاڭ، ئاھاڭ، ئاھاڭ.
نېمىدۇر ئۇ،
كۆرۈنمەس، كۆرۈنمەس، كۆرۈنمەس.
تۇتۇپ باققىلى بولماس،
بىلىنمەس، بىلىنمەس، بىلىنمەس.
ئاھاڭلار ئۇچار، قامقاق ئۇچقاندەك،
نەگە، سېڭىپ كېتەر نەگە،
مەنزىلى قەيەردىن - قەيەرگە؟
بىر باشلىنىش بۇ،
بىر دەقىقە ھۆرلۈك بۇ،
تېڭشار ساماھەمدە ساماۋات.

ئاق بوز ئاتلىق پەرىشتە ئىدى،
خانادانىسى ئەرىشتە ئىدى،
قېنى ئاق بوز ئات؟
قېنى قامچىسى؟
قېنى ئالتۇندىن ئىگەر،
موميارلار بىرلە كۆمۈلگەنمىدۇ،
رىشتە - رىشتىسى ئۈزۈلگەنمىدۇ؟
ياق، ياق، ياق،
ئىسقىرتىشى ئۇلارغىمىدۇ؟
ئۆزىگىمىدۇ؟
دالاغىمىدۇ؟
يۇلتۇزلار كۆز قېسىپ قويار، ئۈندىمەس،
ئىسقىرىتقاننى بىلەر يا بىلمەس،
ئۇلاردا بامىدۇ شۇ ئوتلۇق نەپەس،
يۈرەك كۆيۈپ،كۆيۈپ چىدار،
لېكىن گەپنىڭ راستى تونۇر چىدىماس،
سۇ سەپسىمۇ ئۆچۈرۈپ بولماس،
يۇلتۇز نۇرلىرىغا قوشۇلۇپ ئاھاڭ ،
بولغاندەك ئالماس،
ئالماس، ئالماس، ئالماس.
يار - يار ھارۋا كېلەر يىراقتىن،
غىچىرلاپ، غىچىرلاپ، غىچىرلاپ.
بەلكى قەدىم چاقنىڭ ئىسقىرتىشى بۇ،
ئۇلۇنۇپ، ئۇلۇنۇپ، ئۇلاپ، ئۇلاپ،
ئاھاڭلار ھىدىدىن كېلەر
گۇلاپ، گۇلاپ، گۇلاپ،
بۇ چۆللەردىن ئۆتەر بىر غايىب ئادەم،
كۆرۈنمەس، كۆرۈنمەس، كۆرۈنمەس،
ئۇمۇ ئىسقىرتار بەلكى،
بىلىنمەس، بىلىنمەس، بىلىنمەس.
كارۋان يوللىرى بۇندا،
كارۋان ھۇزۇرلىرى بۇندا،
تەشنالارنىڭ يۈرىكى سەگىپ كېتەر،
قاپاق سۇلىردىن - ئابىي ھاياتتىن،
ھەسەل ھەرىلىرى ئۇچار غۇڭۇلداپ،
ئىسقىرتىشمىدۇ؟
بەلكى، بەلكى، بەلكى،
شۇنداق، شۇنداق،
ئەركى، ئەركى،
تەبىئەتتە كىم يوق دەيدۇ زۇۋان،
كۇللى ئاھاڭلار ئىسقىرتىشىدىمۇ؟
چۈنكى، چۈنكى،چۈنكى،
سوئالمىدۇ بۇ، جاۋابمىدۇ بۇ،
كىمگە كىم ئېيتار، نېمىدىن - نېمىگە؟
قەيەردىن قەيەرگە؟
غەيرىدىن غەيرىگە،
قەدىم داش قازانلارنىڭ پوروخلاشلىرى،
توغراق كۆتەكلەرنىڭ كۆيۈشلىرى،
نېمىدۇر، يا ئىسقرىتىشمىدۇ،
قىزغىنار، قىزغىنار، قىزغىنار،
ئوتقا - ئوت بېرەر،
ئوتتىن - ئوت ئالار،
كۆيەر، كۆيەر، كۆيەر،
سۆيەر، سۆيەر، سۆيەر،
زېمىننى سۆيەر،
مۇھەببەت ئۈچۈن مۇھەببەت،
ئېرۇر جان كۆيەر،
ئاسماندا بىر ئىلاھىي ئوردىدا،
قەدىمكى بىر قىز
ئىسقىرتار، ئىسقىرتار، ئىسقىرتار،
مۇڭغا - مۇڭ يېتەر،
رىشتىگە - رىشتە يېتەر،
دىققەتلىك ئاڭلار، ئاڭلار، ئاڭلار،
تاھىر ئاققان ساندۇقتا،
ئاقار، ئاقار، ئاقار،
شۇ ئىسقرىتقان تەلۋە ئەمەس،
تەلۋىلەرنىڭ شانى ئەمەس،
تەلۋىلەرنىڭ بايانى ئەمەس.

2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، كېچە، ئۈرۈمچى.

  
   
مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

F201608121517561646702129.jpg (192.76 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

F201608121517561646702129.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 07:49 , Processed in 0.732370 second(s), 47 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش