ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكىسىت لۇغىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكىسىت لۇغىتى




ئا


ئابا (aba): دادا. ق: ئەبە.
ئابباس خان (abbas Xan): ئابباس شاھ؛ شاھى ئابباس، "غەرىب ۋە سەنەم"دىكى مۇھىم بىر پىرسۇناژ.
ئابدۇررەشىد خان ئىبنى سەئىد خان (ibni Seid Xan  i  Abdurreshid Xan):        (1520ـ1569) ⅩⅥ ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر دۆلەت ئەربابى ۋە مۇتەپپەككۇر شائىر. ياركەندنى پايىتەخت قىلغان ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى. ‹‹رەشىدىي›› تەخەللۇسى بىلەن گۈزەل لېرىك شېئىرلارنى يازغان. ئابدۇررەشىد خان دەۋرىدە، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ تېكىست ۋە ئاھاڭلىرى رەتلىنىپ سىستېمىلاشقان تېكىستلىق مۇزىكا ھالىتىگە كەلگەن.
ئابى چەشمە (cheshme âb-i)  1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى:  2)  كۆز يېشى.  3) بۇلاق سۈيى.
ئابى زىندەگانى zindegani) âb-i) ق. ئابىھەيات
ئابىھەيات: (âb-i heyat )   رىۋايەتتىكى " ئۇنى ئىچكەن ئىنسان ئەبەدىي ياشايدۇ " دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇقەددەس سۇ، تىرىكلىك سۈيى، ھاياتلىق سۈيى. بۇ سۇ "خىزىر پەيغەمبەرگە نېسىپ بولغان " دېيىلىپ، " خىزىر سۈيى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئابىھەيۋان:  (âb-i heyat) ق. ئابىھەيات
ئادەم ( demâ): 1) تۇنجى ئىنسان، تۇنجى پەيغەمبەر. اللە دەسلەپ ئادەمنى، كېيىن ھەۋۋانى ياراتقان، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۇلاردىن تۆرىلىپ كۆپەيگەن دەپ رىۋايەت   قىلىنىدۇ. 2) ئادەم، ئىنسان.
ئارالاپ: ( aralap)ئارىلاپ، ئاندا- ساندا.
- ئارالاپ چالسام ئۇششاقنى، غەزەلنى راكغا يەتكۈزسەم،
شەبىستانۇ سەھەرلەردە مۇشاۋەرەك، پەنجگاھ چالسام.
« راك » نى ئەۋجىگە يەتكۈزۈپ، « ئۇششاق » نىمۇ ئارىلاپ چالسام. « مۇشاۋەرەك »، « پەنجىگاھ » نى ئەتىگەن – ئاخشاملىرى چالسام.( ق. ئە ئۇ م ت: 2-بەت.)
ئارەز (rezâ):  چىراي ، چېھرە، يۈز.
ئازىم (imzâ): 1) نىيەتلەنگەن، بىر قارارغا كەلگەن؛  2) ماڭغۇچى، يۈرگۈچى، سەپەرگە ئاتلانغۇچى.
ئاسار (sarâ):  ئەسەرلەر، نىشانىلەر، بەلگىلەر؛ تەسىرلەر.
ئاشۇب (shubâ): غوۋغا، توپىلاڭ، ماجىرا؛ ھاياجان ، قورقۇش.
ئاشىفتە (shifteâ): (ياكى ئاشۇفتە)  1) چېچىلغان، توزىغان، چۇۋۇلغان؛ 2) ئاشىق، شەيدا، مەپتۇن.
ئافاقfâq) fâ): ئۇپۇقلار،  پۈتكۈل جاھان. ئافاق خوجا: پۈتكۈل جاھاننىڭ خوجىسى.                     
ئافتاب (bâaft)  كۈن، قۇياش؛ كۈن نۇرى.
ئافتاب خاۋەرى (xâweri bâaft ): ق. ئافتابى خاۋەر
ئافتابى خاۋەر( i xâwer-bâaf ): شەرق قۇياشى، كۈن.
ئالىمۇل غەيب (âlimul gheyb): مەخپى سىرلارنى بىلگۈچى؛ كۆچمە: اللە، تەڭرى.
ئانى (ani): ئۇنى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، " ئول"، " ئۇ" دىن باشقا " ئا " دەيدىغان بىر ئۇزاقنى كۆرسىتىش ئالمىشى قوللىنىلغان.
ئانىڭ: ئۇنىڭ.
ئانىڭكىم (aningkim): ئۇنىڭكى.
ئاياقچى (ayaqchi): شاراپ قۇيغۇچى، ساقىي: "ئاياقچى، تامسا تۇت توقۇز":   بۇ شاھلار ھوزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈدىغان تەنتەنىلىك مۇراسىملار ۋە بەزمىلەرنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەي ئىچكەندە ھەربىر كىشىنىڭ تولۇق ئىچىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەي ئىچىلگەندىن كېيىن، ساقىيغا قايتۇرۇلغان ھەربىر قەدەھنى ساقىي دۇم قىلىپ تەكشۈرىدۇ. بۇ چاغدا قەدەھتىن بىرەر تامچە يەرگە تېمىپ قالغىدەك بولسا، ساقىي جازا سۈپىتىدە ئارقا-ئارقىدىن توققۇز قەدەھ تۇتىدۇ:
مۇغەننى، بىر نەۋائى تۈز، نەۋائىي، نەغمەئى كۆزگۈز ،
ئاياقچى، تامسا تۇت توقۇز، كى دارايى زەمان كەلدى. -نەۋائى.
ئايرۇ (ayru):  ئايرىم، ئۆزگە ، بۆلەك، باشقا؛ ئايرىلغان.
ئايىن(yinâ): 1) قىلىق، ئادەت، يۇسۇن، رەسىم، پېئىل، رەۋىش؛  تەرز، تەرتىپ، مۇراسىم، ئۇسۇل؛                2) ئوخشاش، كەبى.


ئە


ئەبر (ebr) بۇلۇت؛
ئەبرى بەھار    (ebri behar)باھار بۇلۇتى، يامغۇر بۇلۇتى.
ئەبرى بەھاران: (ebri beharan) باھار بۇلۇتى.
ئەبرى نىيسان: (ebri niysan)  باھار بۇلۇتى، باھاردىكى بۇلۇت.
ئەبرى نەۋروزى-  (ebri newrozi) نورۇزدىكى بۇلۇت، باھار بۇلۇتى.
ئەبرۇ      (ebru)     قاش؛
ئەبرۇيى كەمان- (ebruyi keman)  قاش ياسى، قاش كامىنى؛ يادەك ئەگىم قاش.
ئەبسەم     (ebsem)    چىرايىنى تۈرگەن، چېھرىسى تۈرۈلگەن، پەرىشان.
ئەتا  (eta)   بېغىشلاش، ھەدىيە قىلىش.
ئەتتار (ettar) 1) ئۇپا، ئەڭلىك، ئەتىرە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خۇش پۇراقلىق دورا-دەرمەكلەرنى ساتقۇچى؛ 2) ‹‹مەنتىقۇت-تەير›› ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى فەرىدۇددىن ئەنتارىنىڭ لەقىمى.
ئەتۋار (etwar)  1) يۈزۈش-تۇرۇش، خۇلق، قىلىق، ھەرىكەت، پېئىل؛ 2) يول، ئۇسۇل، تەرتىپ، ئادەت.
ئەجەم (ejem) 1) ئەرەب بولمىغان خەلقلەر ۋە مەملىكەتلەر (كۆپىنچە ئىران مەملىكىتى ۋە خەلقىغە قارىتا ئېيتىلغان)؛ 2) تۇردى ئاخۇن ئاكا ئېلىپ كەلگەن ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى يەتتىنچى مۇقامنىڭ نامى.
ئەدا Ⅰ  (eda)  1) بايان، ئىپادىلەش؛ 2) ئۆتەش، تۆلەش، بىجىرىش.
ئەداⅡ    (eda)   ناز-كەرەشمە، گۈزەل قىلىقلار.
ئەدل     (edl)    ئادالەت ، توغرىلىق، ئىنساب، ھەققانىيەت.
ئەدلۇداد-   (edludad)  ئادالەت، ئنساپ:
ئەدلى سۇلتان(edli sultan) - ئادالەتلىك پادىشاھ، ئادىل خان.
ئەدەم  (edem)  يوقلۇق، يوق.
ئەرز Ⅰ   (erz)   بايان، مەلۇمات.
ئەرزىنىياز:  (erziniyaz) 1) سالام، دۇئا؛ 2) زارلىنىش، يالۋۇرۇش
ئەرزىھال  (erzihal)   ئەھۋالنى بايان قىلىش.
ئەرزⅡ  (erz)   يەر-زېمىن، يەر يۈزى.
ئەرزۇ سەما:  (erzu sema) يەر ۋە ئاسمان.
ئەرزⅢ  (erz)   ئەن، كەڭلىك، بىرەر نەرسىنىڭ كەڭلىكى، ئېنى.
ئەرن        (ern)       لەۋ
ئەزەل (ezel)   ئىپتىدائى، باشلىنىشى نامەلۇم زامان.
ئەزرائىل (ezrail) دىنىي ئەقىدىلەر بويىچە ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان پەرىشتە، ئەجەل پەرىشتىسى. (تۆت مۇقەررەب پەرىشتىنىڭ بىرى).  
ئەزكار  (ezkar)  بايانلار، زىكىرلەر.
ئەسرار  (esrar)  سىرلار، يوشۇرۇن نەرسىلەر.
ئەسرۇ     (esru)     ناھايىتى كۆپ، ئارتۇق، تالاي، نۇرغۇن؛ ئىنتايىن، بەك، تولىمۇ، بەكلا.
ئەسرۈك    (esrϋk)    مەست، كەيپ؛
ئەسرۈكلۈك: (esrϋklϋk)  مەستلىك، بىھۇشلۇق؛
ئەسرۈك نىشان (esrϋk nishan)  مەستخۇش، كەيپ بولۇپ قالغان؛ مەستانە، ھۇشسىز
ئەسھاب   (eshab)    سۆھبەتداشلار، ھەمسۆھبەتلەر، ئۈلپەتلەر، دوستلار:
ئەسھابى رىزا: (eshabi riza)  رازى بولغۇچىلار، قازاغا رىزالىق بەرگەن كىشىلەر.
ئەشرەقەت: (eshreqet)  پارلاش، جۇلالاش، جىلۋە قىلىش:
ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل  كەئسى ئەنۋارۇل ھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەپ جامدىن چىقتى سەدا
قەدەھتىكى ( شاراپقا چۈشكەن ) قۇياش شولىسىدىن ھىدايەت نۇرى چاقنىدى، جامدىن: « يارنىڭ شولىسىنى شارابتا كۆرگىن » دېگەن سادا چىقتى.( ق: ئە ئۇ م ت. 4-بەت )
ئەغيار (eghyar)            بىگانىلەر، ياتلار، باشقىلار، غەيرىلەر؛  رەقىبلەر.
ئەفسانە (efsane) 1) ھېكايە، نەقىل، داستان؛ 2) خيالىي، ئويدۇرما، ئەمەلىيەتتىن يىراق سۆز.
ئەفئال (efal) پېئىل ھەرىكەتلەر، ئىشلار، قىلقلار.
ئەفغان (effan)      قايغۇ-ئەلەمدىن نالە-زار قىلىش، قاتتىق پىغان چېكىش.
ئەفكار   (efkar)         يارىلانغان، جاراھەتلەنگەن، مەجرۇھ، ئۆرتەنگەن، خەستە.
ئەقىق   (eqiq)         قىممەت باھالىق قىزىل تاش، ھېقىق؛
ئەقىقى ناب: (eqiqi nab)   تىنىق ۋە سۈزۈك ھېقىق؛
ئەقىقى يەمەن:  (eqiqi yemen)1) يەمەننىڭ ھېقىقى، قىپقىزىل ھېقىق؛ 2) مەجھۇل م: مەھبۇبنىڭ لېۋى، قىپقىزىل لەۋ.
ئەكس: (ekis)
ئەلەم Ⅰ  (elem)     1) بايراق، تۇغ؛2) ئالامەت، بەلگە، نىشانە؛ 3) ك.يالقۇن.
ئەلەمⅡ  (elem)   ئاتاقلىق ئات، خاس ئىسىم  
ئەلەم Ⅲ  (elem)  ئاغرىق، دەرد-ئەلەم.
ئەمگەنمەك   (emgenmek) جاپا چەكمەك، مۇشەققەت تارتماق؛ ئازاپلانماق، رەنجىمەك.
ئەنەلھەق (enelheq)  ‹‹مەن ھەقمەن›› (بۇ مەشھۇر مۇتەسەۋۋۇف مەنسۇر ھەللاجىنىڭ سۆزى)؛
ئەنجۇم  (enjum)  يۇلتۇزلار.                        
ئەنجۈمەن (enjϋmen)    يىغىلىش، مەجلىس،بەزمە.
ئەندەلىب  (endelib)  بۇلبۇل.
ئەنسەب   (enseb)    ئەڭ مۇناسىپ، ئەڭ لايىق، تازا باب كېلىدىغان.
ئەنقا  (enqa)     1) رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بىر قۇش(ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قۇش كوھىقاپتا ياشارمىش): 2) ئەدەبىيات ۋە پەلسەپىدە ئاساسەن دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان نەرسە مەجازەن ئەنقاغا ئوخشىتىلىدۇ.
ئەنۋارۇل ھۇدا: (enwarul huda)  ھىدايەت نۇرى.
ئەھباب  (ehbab)    دوستلار، يارلار، سۆيۈملۈك كىشىلەر.
ئەھد Ⅰ   (ehd)    ۋەدە، سۆز بېرىش، مەجبۇرىيەت؛  قەسەم.
ئەھد Ⅱ   (ehd)  دەۋر، زامان، ئەسىر.
ئەھرەمەن     (ehremen)       ئەڭ دەھشەتلىك دېۋە.
ئەھل   (ehl)        ئىگە، ساھىب؛ تېگىشلىك؛
ئەھلى دىل (ehli dil)  پاكىزە كىشىلەر؛
ئەھلى جەمائەت:   (ehli jemaet) جامائەت ئەزاسى.
ئەھلى زۇھد (ehli zuhd)1) دۇنيا ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار؛ 2) دەرۋىشلەر.
ئەھلى سىددىق: (ehli siddiq)  راسگويلار، راس گەپ قىلغۇچىلار، توغرا سۆزلۈك كىشىلەر.
ئەھلى فەنا:  (ehli fena) پانىي بولغانلار، يوقالغانلار، ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلار.
ئەھمەد بەگ (ehmed beg) ‹‹يۇسۇف-ئەھمەد›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن بىرى؛ يۈسۈپبەگنىڭ ئىنىسى.
ئەۋ  (ew)  ئۆي.
ئەۋزائ (ewza)    ئەھۋال، ھالەت، ئۈزۈلۈش.
ئەئزەم    (eêzem)        ئەڭ كاتتا، ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس، ئۇلۇغ.
ئەيۋان  (eywan)        ئالدى ئوچۇق ئېگىز بىنا، قەسىر، ئالىي ئىمارەت.


ب


بابىل (babil)  ئاسسۇرلۇقلار دەۋرىدە ئىراقتا قۇرۇلغان شەھەرلەردىن بىرى. بۇ شەھەر باغداتنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان. ئىنتايىن ھەيۋەت ۋە يۈكسەكلىكىدىن قەدىمكى ئەدەبىياتىمىزدا ‹‹بابىل قەلئەسى›› ، ‹‹بابىل چاھى›› دېگەن ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن. تەۋراتتا بۇ شەھەر قەلئەسىنىڭ كۆپلىگەن تىللارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغانلىقى توغرۇلۇق رىۋايەت قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردا بولسا بۇ قەلئە نەمرۇدنىڭ ئاسمانغا چىقىپ، تەڭرىنىڭ ئىشلىرىنى بىلىش مەقسىدى بىلەن قۇرۇلغان دېگەن رىۋايەت بويىچە ‹‹نەمرۇد قەلئەسى›› دەپ ئاتىلىدۇ.
بابىل قەلئەسى، بابىل چاھى  (babil qelesi)     ‹‹بابىل››غا قاراڭ.
باد   (bad)   شامال، يەل؛
بادى خەزان (badi xezan) -  كۈز شامىلى، خازان يېلى.
بادە (bade)   مەي، شاراب، ئىچىملىك.
بادى سەبا  (badi seba)   مەيىن شامال، سەھەر شامىلى، تەڭ سەلكىنى.
باغداد:  (baghdad) قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان شەھەر، ھازىرقى ئىراق دۆلىتىنىڭ پايىتەختى.
باغدادىي:  (baghdadî)باغدادلىق.
باغى جىنان  (baghi jinan)  جەننەت بېغى.
بال  (bal)    1) قانات، 2) قول.
بالۇ پەر:   (balu per) قانات-قۇيرۇق.
بالى ھۇما:   (bali huma) ھۇما قۇشىنىڭ قانىتى. دۆلەت قۇشىنىڭ قانىتى.
بائىس       (baêis)        سەۋەب، سەۋەبچى؛ باھانە.
باياد       (bayad)         1) قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى؛ 2) تۇردى ئاخۇن ئاكا ئېلىپ كەلگەن ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى توققۇزىنچى مۇقام- بايات مۇقامى.
بەدكار   (bedkar)   يامان ئىشلارنى قىلغۇچى، بەتقىلىق، يارىماس، ئەخلاقسىز.
بەدايىئول-ۋەسەت (bedayiol-weset) ‹‹ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى›› ياكى ‹‹ئوتتۇرا ياشلىق لىرىكىلىرى››، ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹‹خەزايىنۇل-مەئانى›› تەركىبىدىكى ئۈچىنچى دىۋاننىڭ نامى.
بەرجا    (berja)   ئورنىغا قويۇش، جايلاشتۇرۇش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، ئورۇندىماق.
بەرباد   (berbad) شامالغا، ھاۋاغا، كۆككە؛
بەرباد بەرمەك (ئەيلەمەك)- شامالغا ئۇچۇرماق، ھاۋاغا ئۇچۇرماق، سورىماق، يوق قىلماق.
بەشەر (besher)  ئادەم، كىشى، ئىنسان.
بەند  (bend)    1) غۇل، كىشەن؛ 2)بوغۇم؛ 3) قاماق، تۇتقۇنلۇق؛ 4)باغلىنىش، باغلىنىپ قېلىش؛ 5) توختاپ قېلىش؛ ئىشى ئىلگىرى كەلمەسلىك؛6) چىگىش،    چىگىشلەشكەن.
بەقا    (beqa)     باقىيلىق، ئەبەدىيلىك، بارلىق، مەۋجۇتلۇق.
بەگەنمەك (begenmek ):  ياقتۇرماق، خوش كۆرمەك، ماقۇللىماق، ياراتماق.ھازىرقى زامان ئاناتولىيە تۈركچىسىدە، " بەيەنمەك ( beğenmek)" دېيىلىدۇ.
بەھر (behr)     1) دەريا، كاتتا دەريا، دېڭىز؛ 2) شېئىرىيەتتە ۋەزىن ئۆلچىمى، ئەرۇز ۋەزىن بەھرلىرى.
بەھرەين (behreyn): ئىككى دەريا، ئىككى ئېقىن. ئىككى دەريا ئارىلىقى، ئىككى ئېقىن ئارىسى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى " بارىن (bârin)" سۆزىنىڭ . ئېتىمولوگىيىسى
بەھرۇن نەجات:   (behrun nejat)نىجاتلىق دېڭىزى، نىجاتلىق دەرياسى؛‹‹فەرھات ۋە شىرىن›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى فەرھاد تەرىپىدىن شىرىن ئۈچۈن قىزىلغان چوڭ كۆلنىڭ نامى.
بەھرى ئۇممان  (behri umman)   1) ئۇممان دېڭىزى؛ 2) كۆچمە م: كاتتا دېڭىز، زور دېڭىز.
بۇتراتماق   (butratmaq)    توزۇتماق، تارقاتماق، پاراكەندە قىلماق.
بۇد   (bud)     بارلىق، مەۋجۇدلۇق؛
         بۇدۇ نابۇد-  بارۇ يوق، ھەممە، پۈتكۈل؛ بار ئىدى، يوق ئىدى.
بۇررا(ن)  (burran)   كەسكۈر، ئۆتكۈر، ئىتتىك.
بۇ (ي)  (buy)      پۇراق، بۇي، ھىد، ئېس.
بەگەنمەك  (begenmek)    ياقتۇرماق، خوش كۆرمەك، ماقۇللىماق، قىلماق.
بىداد    (bidad)         جەبىر، زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك.
بىدار    (bidar)      ئويغاق، ھۇشيار.
بىدىل  (bidil)  1) دىلسىز، كۆڭۈلسىز؛ روھسىز، ھالسىز؛ 2) يۈرەكسىز، قورقۇنچاق؛ 3) قايغۇلۇق، ھەسرەتلىك، ئاشىق.
بىرۇ بار:  (biru bar) بىر ۋە بار بولغان ******،
بىلقىس:   (bilqis)سۇلەيمان پەيغەمبەر زامانىدا يەمەننىڭ سەبە شەھرىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر مەلىكە. سۇلەيمان پەيغەمبەر ئۇنى ياخشى كۆرگەن ۋە پەلەستىنگە چاقىرىۋالغان.
بىللاھ:  (billah) ****** بىلەن.
بىمار:   (bimar) كېسەل، ئاغرىق؛ دەردمەن.
بىنەۋا  (binewa)1) بىچارە، يوقسۇل؛ 2) بەخىتسىز، بەھرسىز؛ 3) نائۈمىد، مىسكىن؛ چۈشكۈن.
سەتارىم تارىغا جان رىشتەسىدىن تار ئەشىپ سالسام،
ئانىڭكىم نالەسىدىن بىنەۋانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
يېشىمى: ساتارىمغا جېنىمنىڭ رىشتىسىدىن تار ئېشىپ سالسام، ئۇنىڭ نالە – ناۋاسى بىلەن يوقسۇلنىڭ كۆڭلىنى ئالسام.( ق. ئە ئۇ م ت 1-بەت)
بىھشت  (bihsht)  جەننەت، ئەڭ گۈزەل باغ.


پ


پاناھ :  (panah)1) تايىنىش، يۆلىنىش؛ 2) ھىمايىچى، ئارقا تېرەك؛ 3) تايىنىلىدىغان، ياردەم سورۇلىدىغان جاي.
پەند  (pend)     ئۆگۈت، نەسىھەت.
پەرتەۋ (pertew)   نۇر، شولا، پارلاقلىق، يورۇقلۇقنىڭ تەسىرى.
پەرد (perd) 1) پەردە، توساق؛ 2) ئاھاڭ، پەدە، كۈي؛ 3) سازلارنىڭ پەدە-بوغۇملىرى؛ 4) ئۆمۈچۈكنىڭ ئۇۋىسى.
پەرگار  (pergar)  پەركار، سېركول ، ئايلانما.
پەرگارى لەب(pergari leb)  لەۋ ئايلانمىسى.
پەرگالە   (pergale)    1) پارچە، بۆلەك؛ 2) تىتىلغان، يۇڭدالغان.
پەرىشان (peishan)   تارقاق، چېچېلغان، يېيىلغان.
پەرىۋەش  (periwesh)  پەرىگە ئوخشاش، گۈزەل.
پەششە (peshshe)   پاشا، بىر خىل ھاشارات؛ چىۋىن.
پەنەھ : ق:   (peneh,peneq)پاناھ.     
پەنجگاھ (penjgah) 1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى بەشىنچى مۇقامنىڭ نامى: 2) بەشىنچى دەرىجە، بەشىنچى ئورۇن؛ 3) بەش، بەشىنچى.
پەياپەي (peyapei) ئارقا-ئارقىدىن، كەينى-كەينىدىن، ئۈستى-ئۈستىگە، بىر تۇتاش.
پەيكار  (peykar)  ئۇرۇش، جەڭ.
            پەرى پەيكەر-پەرى سۈرەتلىك، گۈزەل.
پەيكان  (peykan)1) كامان ئوقىنىڭ ئۇچى، ئوق ئۇچىدىكى مېتال؛ 2) تىكەن؛ مەجھۇل م: كىرپىك.
پەيكەر (peyker)  1) ھەيكەل، جىسىم، گەۋدە؛ 2) سۈرەت، رەسىم؛ پەرى پەيكەر- پەرى سۈرەتلىك، گۈزەل.
پەيمانە (peymane) قەدەھ، مەي پىيالىسى؛
               
پەيۋەستە   (peyweste)  1) ھەمىشە، دائىم، ئۈزلۈكسىز؛ 2) ئۇلاشقان، تۇتاشقان،
            پەيۋەستە ئەبرۇ-ئۇلاشماقاش، قوشۇماقاش.
پەيۋەند  (peywend)   سۆز بىرىكمىسىدە: 1) ئۇلىنىش؛ 2) مەجھۇل م: بالا، پەرزەنت دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ:
           چارە پەيۋەند(chare peywend ) -چارە قىلغۇچى؛
           فەسانە پەيۋەند(fesane peywend) -ھېكايە ئېيتقۇچى، داستانچى؛
           جان پەيۋەند (jan peywend) -جانغا باغلانغان، ئۇلانغان، بالا، پەرزەنت؛
           پەيۋەند ئولماق-(peywend olmaq) ئۇلانماق، باغلانماق.
پۇر  (pur)    تولا، كۆپ، تولۇپ تاشقان؛
         پۇرفەن(purfen) -ھىيلىگەر، نەيرەڭۋاز؛
         پۇرنەم (purnem) -ھۆل، سۇلۇق؛ ياشقا تولغان، ياش تۆككەن.
پىر (pir) 1) ياشانغان كىشى، قېرى 2) مەجھۇل م: بىرەر دىنىي گورۇھنىڭ باشلىقى؛ رەھبىرى؛ ئىشان، شەيخ؛ سوپىلار باشلىقى.
         پىرى دەير- مەيخانا باشلىقى؛
پىرەھەن (pirehen)   (پىراھەن) كۆينەك.
پىستە  (piste)  1) مېغىزى ئېلىنىدىغان بىر خىل مېۋە، پىستە؛
                  2) كۆچمە م: ئېغىز؛
            پىستە ئاغىز(piste aghiz) - چىرايلىق ئېغىز، كىچىككىنە ئېغىز؛
            پىستە خەندان (piste xendan) - كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئېغىز.
            پىستە دەھان(piste dehan) - ‹‹پىستە ئاغىز›› غا قاراڭ.
پىيشرەۋ (پەشرو)  (piyshrew)  1) ئىلگىرى يۈرگۈچى، ئالدىدا ماڭغۇچى، يېتەكچى؛ يول باشلىغۇچى؛ 2) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ چوڭ نەغمە تەركىبىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى
پىيرى تەرىق (piyri teriq) تەرىقەت يولىغا باشلىغۇچى.
پىيش  (piyish)   1)ئالدى، ئالدىن، ئىلگىرى؛ 2) كۆز-كۆز، پەش(قىلماق)؛
         پېش ئەيلەمەك(piyish eylemek) -پەش قىلماق، كۆز-كۆز قىلماق.


ت


تابⅠ    (tab)  تاقەت، كۈچ-قۇۋۋەت، چىدام.
تابⅡ   (tab) تولغىنىش، ئىشىلىش، پۈكۈلۈش.  
تابⅢ    (tab) نۇر، ئىسسىقلىق، ھارارەت؛ تاۋلىنىش؛ ئىسسىتما.
تابىئ  (tabiî)  تەۋە، بىرەرسىگە تېگىشلىك، بىرەرسىگە بويسۇنغۇچى، ئەگەشكۈچى، ھامىيلىغى ئاستىدىكى.
تاراج  (taraj) بۇلاڭ-تالاڭ؛ بۇلاش، تارتىۋېلىش، ئىگىلەش.
تاغىتماق (taghitmaq)  يەلپۈمەك، توزۇتماق، چاچماق.
تاڭ: (tang) 1) تاڭ، يورۇق. 2) ئەجەب، ئەجەپلىنىش.      
تاڭ يوق: (tang yoq) ئەجەپ ئەمەس؛
               
تالىب (talib) تەلەب قىلغۇچى، ئىزدىگۈچى، مەپتۇن بولغۇچى، خالىغۇچى؛ شاگىرت.
تالى مەجنۇن  (tali mejnun) مەجنۇنتال.
تەئەززە(تەزە)  (teêzze)  1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى؛ 2) ئازابلىغۇچى، قىينىغۇچى، كۆڭۈلنى مۇڭلاندۇرغۇچى.
تەئكىد(تەئقىد) (teêkid)   1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى؛ 2) باغلىنىش؛ 3) بىرەر پىكىرنى تېخىمۇ ئېنىق ھالدا ئورنىغا قويۇش؛ 4) ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىر: 5) تەكىتلىمەك.
تەبئ  (tebî)  تەبىئەت، مىجەز، خۇلق، خاراكتېر؛ تالانت.
تەجرىد (tejrid) ئارتۇقچە نەرسىدىن خالىي قىلىش، چەتلەشتۈرۈش، ئاجرىتىش، ئايرىش.
تەرەششۇھ   (tereshshuh) 1) سۈيۈقلۇقنىڭ سىزىپ ئېقىشى؛ 2) مەجھۇل م: بىرەر يوشۇرۇن نەرسىنىڭ بىلىنىپ قېلىشى.
تەرەششۇھ ئەيلەمەك: (tereshshuh eylemek)  1) سىزماق، 2) بىلىنىپ قالماق.
تەرھ  (terh)  1) تاشلاش، ئېلىپ تاشلاش؛ 2) قۇرۇلغان بىنا؛ 3) قۇرۇلۇشلار، ئىمارەتلەرنىڭ پىلانى، سىخېمىسى، چېرتيوژى؛ 4) تەرتىپ، ئۈزۈم، نىزام؛ ئۈزۈلۈش.
تەرىق:  (teriq)يول.
تەرىقەت:   (teriqet)يول.
تەرىقى ۋۇسۇل: (teriqi wusul)  مۇرادقا يېتىش يولى، ئېرىشىش يولى.
تەزۋىر  (tezwir)       ئالدىماق، ھىيلە، تەيرەڭ.
تەسبىھ   (tesbih)   تەسۋى.
تەشنە   (teshne)    تەشنا، چاڭقىغان، ئۇسسىغان.
                تەشنە لەب (teshne leb)- ئاغزى قۇرۇغان، لېۋى قۇرۇغان، چاڭقاق.
تەقۋ (teqw)  تەقۋادار لىق. دىندارلىق، پەرھىزكارلىق.
تەقۋا:   (teqwa)تەقۋادار.
تەلبە (telbe)  ساراڭ؛ تەلۋە، خۇدىنى بىلمەيدىغان.
تەمەننا (temenna)  تىلەك، ئىستەك، ئارزۇ؛
تەمەننا ئەيلىمەك: (temenna eylimek)  ئارزۇ قىلماق.
تەھەممۇل (tehammul)    تاقەت، سەۋر، چىدام.
تەھسىن  (tehsin) ئاپىرىن ئېيتىش، تەقدىرلەش، ماختاش.
تولا :  (tola)1)تولغان، لىق. 2) جىق، نۇرغۇن.
تولا پەيمانە: (tola peymane)تولغان قەدەھ؛ ك: گۇناھى جازاغا لايىق بولغان؛ ئۆمرى تۈگىگەن.
تۇبى (tubi) رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، جەننەتتىكى تولىمۇ چىرايلىق بىر دەرەخ، جەننەت دەرىجى؛ كلاسسىك ئەدەبىياتتا يارنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتىگە سىمۋول قىلىنىدۇ.
تۇر(tur)  دىنىي رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تەڭرى بىلەن سۆزلەشكەن تاغنىڭ نامى، بۇ جايدا مۇسا پەيغەمبەر ئوت ياققان. بۇ تاغ ئەرەبىستاندىكى ئەقەمە كۆرپىزى بىلەن سۈۋەيش ئارىسىدا بولۇپ، ئۇ ‹‹خەبەلى مۇسا›› ۋە ‹‹نۇرى سىينا›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تۇررە  (turre)  كوكۇلا، ئۆرۈلگەن چاچ؛ چاچنىڭ چىڭگىلىكى، بۈدرىسى.
تۇرفە (turfe) يېڭى، يېڭىلىق؛ قىزىق، كىشىنى ئەجەبلەندۈرۈدىغان،كەم ئۇچرايدىغان، ئاجايىپ-غارايىپ.
تۇفان(tufan)  رىۋايەتلەرگە كۆە، ناھايىتى قەدىم زاماندا يۈز بەرگەن ئىنتايىن كۈچلۈك دۇنياۋىي سۇ تاشقىنى، بۇ قېتىمقى دەھشەتلىك ئاپەتتە نۇھ پەيغەمبەر باشچىلىقىدىكى بىرقانچە كىشىلا كېمە بىلەن قۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، بۈگۈنكى ئىنسانلار شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىمىش.
تۆت ‹‹قۇل›› (töt qul)  ‹‹قۇرئانى كەرىم›› دىكى ‹‹قۇل ( دېگىن، ئېيتقىن)›› سۆزى بىلەن باشلىنىدىغان تۆت قىسقا سۈرىنىڭ قىسقارتىلغان ئومۇمىي نامى، بەزىدە ‹‹چەھار قۇل›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دىنىي ئەقىدىلەر بويىچە بۇ سۈرىلەر كۆپ خاسىيەتلىك دەپ قارىلىدۇ.
تۆت مەزھەب (töt mezheb) 1) ‹‹ھەنەفى›› مەزھىپى، بۇ مەزھەبنىڭ ئىمامى ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان بىننى سابىت، ئۇ باغدادلىق بولۇپ ئابباسىيلار دەۋرىدە ياشىغان فىقىھ ئىلىمىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئاساسچىلىرىدىندۇر. 2) ‹‹مالىكى›› مەزھىبى، بۇ مەزھەبنىڭ ئىمامى مالىك بىننى ئەنەس بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ 93- يىلى مەدىنەدە تۇغۇلۇپ، 179- يىلى ۋاپات بولغان، ‹‹ئەل-مۇۋەنتە›› ئىسىملىك ئەسىرى بار. 3) ‹‹شافىئى›، مەزھىبى، بۇ مەزھەبنىڭ ئىمامى ئەبدۇللاھ بىننى مۇھەممەد بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ 150- يىلى تۇغۇلۇپ، 204- يىلى ۋاپات بولغان، نەسەبى ئەبدۇمەنافتا مۇھەممەت پەيغەمبەرگە تۇتىشىدۇ. فىقىھ ئىلىمىگە دائىر ئەسەرلىرى بار، ئاتاقلىق تەفسىرشۇناس ۋە مۇھەددىستۇر. 4) ‹‹ھەنبەلى›› مەزھىبى، بۇ مەزھەبنىڭ ئىماى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەلى بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ 164- يىلى تۇغۇلغان، 241- يىلى ۋاپات بولغان، 30 مىڭ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹مۇسنەد›› ناملىق ئەسىرى بار.
تىير  (tiyir)    ئوق، يانىڭ ئوقى؛
          تىيرى ئىشق-ئىشق ئوقى، مۇھەببەت ئوقى.
تىيرە    (tiyre)    قاراڭغۇ؛ قارا؛ بۇلغانغان؛ غەم غۇسسىلىك.
تىيرە روزگار: (tiyre rozgar)  يامان تۇرمۇش، قارا كۈن.  


ج


جا(ي)  (ja)  جاي، ئورۇن ، ماكان، يەر.
جادۇ     (jadu)           1) سېھىر؛ 2) جادۇ قىلغۇچى، جادىگەر، سېھرىگەر
              جادۇيى دانىشۋەر (jaduyi danishwer) - بىلىمدان سېھىرچى.
جار(جەر) (jar,jer)  جار سېلىش، ئېلان قىلىش.  
جام   (jam)    قەدەھ، مەي پىيالىسى.
جامى جەم (jami jem) شاھ جەمشىد ياساتقان تىلسىملىق جام، قەدەھ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، جەمشىد ھېكىملەرگە بۇيرۇتۇپ ئىككى جام ياساتقان، ئۇنىڭ بىرى ئىچىدىكى شارابنى ئىچسە-ئىچسە تۈگىمەيدىغان، ئۆڭتۈرسىمۇ ئىچىدىكى شاراب تۆكۈلمەيدىغان جام بولۇپ، ئۇ ‹‹جامى ئىشرەت قەزاي›› دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى مەي ئىچكەندە ئۇنىڭ ئىچىدە جاھاندىكى جىمى ھادىسىلەر كۆرىنىپ تۇرىدىغان جام بولۇپ، ئۇ ‹‹جامى جەھاننەمما››، ‹‹جامى گىتىنەما››، ‹‹جامى جەھانبىن›› دەپ ئاتالغان.
جانكەن  (janken)  جاننى كەسكۈچى؛ جاننى خورىتىش، جاننى ئازابلاش.
جاھ   (jah)      ئورۇن، جاي؛ مەنسەپ، ئەمەل، مەرتىۋە.
جاھ قىلماق:  (jah qilmaq)ئورۇنلاشتۇرماق.م:
مەقام ئالىپ مەقام ئىچرە مەقامنى دىلغا جاھ  قىلسام،
مۇھەببەت كويىغا سالسا ئانىڭ ئالدىدا مەن چالسام.
مۇقام ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ، مۇقامنى دىلىمغا جايلاشتۇرسام؛ تەقدىر مېنى مۇھەببەت كويىغا سالسا، مەن ئۇ جاناننىڭ ئالدىدا چالسام.
جاۋىد  (jawid)      ئەبەدىي، دائىمىي، مەڭگۈ.
جەبباز  (jebbaz) 1) قۇدرەتلىك، ئۇلۇغلۇق: 2) غەزەپلەنگۈچى، جەبىر قىلغۇچى؛ (تەڭرىنىڭ خاس سۈپەتلىرىدىن بىرى)
جەبىن (jebin)  ماڭلاي، پېشانە
جەمشىد (jemshid)  1) ئۇلۇغ پادىشاھ، ئالىي ھۆكۈمدار، مەلىك: 2) ئىراننىڭ قەدىمكي ئپسانىۋى پادىشاھلىرىدىن بىرى (كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا قىسقارتىپ ‹‹جەم›› شەكلىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ)
جەننەتۇل فىردەۋس (jennetul firdews )جەننەت بېغى، دىنىي ئەقىدىلەر بويىچە سەككىز جەننەتنىڭ بىرى، بىر دەرىجىسى.
جەننەتۇل مەئۋا (jennetul meêwa) 1) جەننەت، جەننەت يېرى، جەننەت ماكانى. دىنىي ئەقىدىلەر بويىچە دىندار، گۇناھسىز كىىشىلەرنىڭ روھى ئۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتتە ياشايدىغان جاي؛ ئالىي ۋە ئەڭ گۈزەل باغ، بېھشىت؛ 2) سەككىز جەننەتنىڭ بىرىنىڭ نامى، جەننەتنىڭ دەرىجىسى.
جويبار  (joybar)    دەريا، ساي، كاتتا ئېقىن.
جۇلا:  (jula)جەۋلان قىلىش؛ جىلۋىلىنىش. 1) ئون ئىككى مۇقامنىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى؛ 2) روشەنلىك، پارلاقلىق.
جۇنۇن (junun)    ئەقىلدىن ئېزىش، سەۋدايىلىق.
جىلاۋ  (jilaw) يۈگەن، تىزگىن.
جىلاۋدار (jilawdar) تىزگىن تۇتقۇچى (شاھلار، چوڭلارنىڭ ئېتىنى يېتىلەپ ماڭغۇچى، خىزمەتكار، خادىم)
جىلۋە (jilwe)  1) پارلاقلىق، يالتىراقلىق؛ 2) ئۆزىنى گۈزەل ۋە نۇرانە سۈرەتتە كۆرسىتىش، غەمزە بىلەن كۆرۈنۈش.


چ


چاك  (chak)   1) يىرتىق، يېرىق يىرتىلغان؛ 2) يارا، جاراھەت.
چاكى گىرىبان (chaki giriban)  1) ياقىسى يىرتىلغان؛ 2) كۆچمە م: دەردمەن.
چەتر:   (chetr)    چېدىر؛
چەترى سەئادەت (chetri seadet)  بەخت - سائادەت چېدىرى؛
چەترى ئىقبال:  (chetri iqbal) بەخت، تەلەي، ئامەت.
چەرⅡ   (cher)    1) نېمە ئۈچۈن، نېمىشقا، نېمە سەۋەبتىن؛  2) قانداق، نېمانداق.
چەراⅠ   (cher)   ئوتلاش، ئوتلاق.
چەرخ    (cherx)  1) چاق؛ 2) ئايلىنىش؛ 3) مەجھۇل م: ئاسمان، كۆك، پەلەك؛ 4) تەقدىر؛ 5  دەۋر، زامان.
چەرخى فەلەك:  (cherxi felek)ئاسمان گۈمبىزى؛ ئۇپۇق سىزىقى.
چەرخ ئۇرماق-(cherx urmaq)  چۆگىلىمەك، پىرقىرىماق، ئايلانماق.
چەند  (chend)  1) بىر ئاز، بىر قىسىم؛ 2) نەچچە، قانچە؛ 3) ھەسسە، ئۈلۈش.
چەڭگ (chengg)   باش تەرىپى ئېگىك چالغۇ ئەسۋابى. غۇسسە چەڭگى- قايغۇ سازى، دەردلىك ناۋا.
چەڭگۇ رەباب: (chenggü rebab) چاڭ بىلەن راۋاپ.
چوب:  (chob)ياغاچ، تاختا: تارشا.
چوبخەت (chobxet)  خەت تاختىسى، پۈتۈك تاختىسى.
چوبخەتلەشمەك:  (chob xetleshmek)ئوتتۇرىدا پۈتۈك تاختىسى تۇرغۇزۇپ سودىلاشماق.
چۇبىن:  chubinكاسەئى چۇبىن- قەدەھ، جام.
چۇغز      (chugnz)      ھوقۇش.
چۇن(چۇ)   (chun)     1) ئوخشاش، كەبى، مەسەللىك؛ 2) مادامىكى، ۋاقتىكى، قاچانىكى؛ 3) شۇنچە، شۇ قەدەر، شۇنچىۋالا؛
چۇنۇچەرا: (chunuchera) بەس-مۇنازىرە، ئىختىلاپ، جىدەل ماجىرا، تالاش-تارتىش، نىزا.
چىنⅠ   (chin)      ھەقىقى، راست، ئېنىق.
چىنⅡ    (chin)    1) قۇرۇق ئەجىن؛ 2) چاچنىڭ چىڭگىلىكى، بۇدرە چاچ.
چىنⅢ   (chin)           سۆز بىرىكمىسىدە ‹‹تەرگۈچى›› دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
چىن ıv:  (chin) جۇڭگو.
چىنۇ ماچىن: (chinu machin)  چىن ۋە ماچىن.
چىنىي:  (chinî)جۇڭگونىڭ.
چىنىي ئاياغ:  (chinî ayagh)جۇڭگو قاچىسى، چىنە.
چىنىي قاچا: (chinî qacha) جۇڭگو قاچىسى، چىنە.
        

خ


خاب    (xab)     ئۇيقۇ.
        خاب ئالۇد(xab alud) - ئۇيقۇ ئارىلاش، ئۇيقىسىرىغان، مۈگدىگەن، ئۇيقۇ باسقان.
خادىم (xadim)   خىزمەتكار، مۇلازىم.
خارⅠ  (xar)     سۆز بېرىكمىسىدە ‹‹ئىچكۈچى››، ‹‹يېگۈچى›› مەنىلىرىدە كېلىدۇ.
            غەمخار (ghemxar) - غەم يېگۈچى، غەمگۈزار.
خارⅡ   (xar)  تىكەن.
خارى خەسەك (xari xesek)  ئۇششاق تىكەن.
خارە  (xare) تاش، ئۇيۇلتاش.
خارا   (xara) قىممەتباھالىق بىرخىل يىپەك رەخت.
خاك  (xak)   1) تۇپراق؛ 2) يەر يۈزى.
خاكستەر (xakister)      كۈل.
خانۇمان   (xanuman)    ئۆي-جاي ۋە ئۆي جاھازلىرى.
خەت   (xet)   1) سىزىق، ئىز؛ 2) يېزىق، خەت؛ 3) يېڭى چىققان بۇرۇت، مىيىق.
خەرابات  (xerabat)    1) ۋەيرانە جاي؛ 2) كۆچمە م: مەيخانە.
خەزان (xezan) 1) كۈز پەسلى؛ 2) كۈزدە سارغىيىپ تۆكۈلگەن ياپراق، غازاڭ.
خەزان ئاسىبى:   (xezan asibi) كۈز ئاپىتى.
خەزائىن (xezain)   خەزىنىلەر.
خەزايىن:  (xezayin)ق. خەزائىن.
خەزايىنۇل مەئانى (xezayinul meani) ‹‹مەنىلەر خەزىنىسى››، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە غەزەللەردىن ئىبارەت 16 خىل ژانىردىن تەركىب تاپقان، 44 مىڭ 803 مىسرالىق، 3130 شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت دىۋاننىڭ ئومۇمىي نامى، ئۇ كۆپىنچە ‹‹چەھار دىۋان›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
خەزىنە:  (xezine) خەزىنە، ئامبار.
خەزىنەئى دەفىنە (xezineî define)  كۆمۈكلۈك خەزىنە.
خەمسە:  (xemse) بەش.
خەمسە دەستان:  (xemse destan)بەش داستان.
خەمسەئى نەۋائىي:  (xemseî newaiy)نەۋائىينىڭ بەش داستانى.يەنى ئەلىيشىر نەۋائىينىڭ " فەرھاد ۋە شىرىن "، " لەيلى ۋە مەجنۇن "، " سەبئە سەييارە"، " ھەيرەتۇل ئەبرار " ۋە " سەددى ئىسكەندەرىي" ناملىق داستانلىرى،
خەمسەنەۋىس:  (xemsenewis)مەسنەۋىي شەكىلدە بەش داستان يازغان شائىر. مۇنداق زاتلار ‹‹خەمسەچى›› مۇ دېيىلىدۇ. شەيخ نىزامى گەنجەۋى، ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائى مەشھۇر خەمسەنەۋىسلەردۇر.
خەممار (xemmar)  ئىچىملىك ياسىغۇچى؛ ئىچىملىككە بېرىلگەن.
خەيال:  (xeyal)خىيال.
خەيبەر  (xeyber) ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجاز ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى، مەدىنەنىڭ 170 كىلومېتىر شىمالىدىكى بىر شەھەر، قەلئە ئېگىز بىر قىيانىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، بۇ قەلئە ھىجرىيىنىڭ يەتتىنچى يىلى يۈز بەرگەن خەيبەر ئۇرۇشى بىلەن شۆھرەت تاپقان.
خەير   (xeyr)     ياخشىلىق؛ ئىنئام، ئېھسان.
خەيرباد (xeyrbad)  خەيرلىشىش، ۋىدالىشىش، خوشلىشىش.
خەيل (xeyl) 1) گورۇھ، توپ، جامائەت؛ 2) ئات-ئۇلاش توپى، پادا
خەيمە:  (xeyme)چېدىر.
خەييام: (xeyyam) چېدىرچى، چېدىر تىكىپ ساتقۇچى.
خوشەچىن: (xoshechin) باشاق تەرگۈچى، باشاقچى.
خوب:   (xob) ياخشى، بەلەن، گۈزەل، يېقىشلىق.
خوبان (xoban)  " خوب" نىڭ كۆپلۈك شەكلى، خوپلار، ياخشىلار، گۈزەللەر.
خوي:  (xoî)تەر.
خوي ئەفشان (xoî efshan)  تەرلىگەن، تەر تۆككۈچى.
خۇبان: (xuban) ق. خوبان.         
خۇدⅠ  :  (xud) ئۆز.    سۆز بېرىكمىلىرىدە ئورنىغا قاراب 1) ئەلۋەتتە، ھەقىقەتەن؛ 2) يالغۇز، بىرلا؛ 3) ياكى، خۇددى قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدۇ؛
خۇدⅡ  (xud)     ئۇزۇن ئۇچلۇق قالپاق.
خۇدى: (xudi) ئۆزى.
خۇدۇم:  (xudum)ئۆزۈم.
خۇرشىد   (xurshid)       قۇياش كۈن.
خۇرشىدى خاۋەر: (xurshidi xawer)  شەرقتىن كۆتۈرۈلىدىغان قۇياش، قۇياش
خۇرشىدى رەخشان (xurshidi rexshan)  نۇرلۇق قۇياش، پارلاپ تۇرغان كۈن.
خۇسرەۋ (xusrew) ئىراننىڭ قەدىمكى كەيانى شاھلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. ك. پادىشاھ، ھۆكۈمدار، ئالىي ھۆكۈمران:  
خۇسرەۋ پەرۋىز (xusrew perwiz)  ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ‹‹خەمسە›› سى ئىچىدىكى ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانىنىڭ مۇھىم پېرسۇناژلىرىدىن بىرى؛ پەرھادنىڭ رەقىبى.
خۇسرەۋشاھ (xusrewshah) ‹‹ھۇرىلىقا-ھەمراجان›› داستانىدىكى باش قەھرىمان ھەمراجاننىڭ دادىسى.
خۇمسى:  (xumsi)بەشتىن بىر، ئۇششاق.ئاناتولىيە تۈركلىرى بۇ سۆزنى " خامسى " تەلەپپۇز قىلىدۇ.
خۇنبار  (xunbar)   قانلىق ياش تۆككۈچى، ئاچچىق يىغلىغۇچى
خۇنخار (xunxar)   قان ئىچكۈچى، قانخور.
خۋىرىز (xwiriz)  قان تۆككۈچى، قان ئاققۇزغۇچى. رەھىمسىز؛ قاتىل
خىرام (خىرامان)   (xiram,xiraman) چىرايلىق يۈرۈش، نازلىق مېڭى
خىرقە  (xirqe)    شەيخ ۋە دەرۋىشلەرنىڭ مەخسۇس ئۈست كىيىمى، جەندە.
خىزىر (xizir) رىۋايەتلەردە، ئابىھەيۋان (تىرىكلىك سۈيى) نى ئىزدەپ تاپقان ۋە ئۇنىڭدىن ئىچىپ، ھېلىھەم ھايات يۈرىۋاتقان دېيىلىدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ نامى،
خىزىر سۈيى(xizir sϋyi) - تىرىكلىك سۈيى، ھاياتلىق سۈيى، ئابىھايات. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خىزىر پەيغەمبەر بۇ سۇنى ئىچىپ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنمىش.
خىلۋەت (xilwet)  1) خالىي، ئادەمسىز ئورۇن؛ 2) كىشىلەردىن ئايرىلىپ، تائەت ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش ئورنى، ئەلدىن پىنھان ئولتۇرۇپ مەخسۇس ئىبادەت قىلىدىغان جاي.
خىلۋەت نىشىن:  (xilwet nishin)خىلۋەتتە ئولتۇرغۇچى، دۇنيادىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغۇچى.


د


دار (dar)  ئۆي، يۇرت، ماكان.
دارا:  (dara)1) باي، كۈچلۈك؛ خوجا، ساھىپ. ك:پادىشاھ، شاھ. 2) ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ‹‹سەددى ئىسكەندەرى›› ناملىق داستانىدىكى قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن بىرى بولغان مۇھىم پېرسۇناژ، ئىسكەندەرنىڭ قېيىن ئاتىسىدۇر. ئۇ پۈتكۈل جاھاننى ئۆز قولىغا كىرگۈزگەن قۇدرەتلىك جاھانگىر سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.
دارايى زەمان:  (darayi zeman) زامان پادىشاھى.
دارۇل ئەيتام:  (darul eytam) يېتىم – يېسىرلەر يۇرتى.
دارۇل فەنا     (darul fena)  بۇ دۇنيا، ئۆتكۈنچى دۇنيا؛ فانىيلىق ئۆيى.
دارۇل قەزا  (darul qeza)     قازىخانا، سوت مەھكىمىسى..
داستان   (dastan)  1) نەزىم  ياكى نەسىر شەكلىدە يېزىلغان (ئېيتىلغان) چوڭ ھەجىمدىكى ھېكايە.   2) خەلق قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى ئېپىك ئەسەر؛ 3)  ئون ئىككى مۇقام ئىچىدىكى بىر چوڭ مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى.
داغ  (dagh)  1) كۆيۈك ئىزى، كۆيۈك؛ 2) بەلگە، نىشان، ئىز، ئەسەر؛ 3) تاغ. 4) ك: قايغۇـ ئەلەم، كۈلپەت.
داغى ھىجران (daghi hijran) - ئايرىلىش كۈلپىتى، ئايرىلىش غېمى؛
داغى ھىرمان(daghi hirman) - مۇرادسىزلىق ئازابى؛
داغى نىھان(daghi nihan) - يوشۇرۇن ئەلەم، مەخپى جاراھەت.
داغى پىنھان(daghi pinhan) - يوشۇرۇن ئەلەم، مەخپىي جاراھەت؛
داغى فۇرقەت(daghi furqet) - ئايرىلىش غېمى، ئايرىلىش كۈلپىتى.
داغى:  (daghi)تېخى، تېخىچە، يەنە؛ ھەمدە.
داۋۇد:  (dawud) ‹‹قۇرئانى كەرىم›› دە ئىسمى ئاتالغان بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى. سۇلەيمان پەيغەمبەرنىڭ ئاتىسى. " بۇ زات ھەم پەيغەمبەر، ھەم سۇلتان ئىدى. ئۆزىگە ئىبرانىيچە ‹‹زەبۇر›› كىتابى نازىل بولغان. بەكمۇ خۇشئاۋاز ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرى 1010- يىلى ۋاپات بولغان " دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
دەفئ     (defî)            قايتۇرۇش، رەت قىلىش، كەتكۈزۈش؛
          دەفئى جۇنۇن(defî junun) - سەۋدايىلىقنى يوقىتىش؛
          دەفئى خۇمار(defî xumar) - خۇماردىن چىقىش، كەيپنى بېسىش.
دەھر     (dehr)       دۇنيا، ئالەم، زامان، دەۋر؛
          دەھر شوخى (dehr shoxi) - زاماننىڭ ئەركىسى، دەۋرنىڭ گۈزىلى؛
          دەھر بوستانى (dehr bostani) - دەۋر بوستانى، ئالەم بوستانى.
دۇداغ  (dudagh)  لەۋ
دۇشۋار  (dushwar)        قىيىن، ئېغىر، مۈشكۈل.
دۇن (dun)      1) پەس، 2) پەسكەش، رەزىل.
دەست  (dest)                   1) قول؛  2) قېتىم، نۆۋەت.
دەست بەرمەك:  (dest bermek)1) مۇيەسسەر بولماق، ئېرىشمەك، ھاسىل بولماق، روياپقا چىقماق؛ 2) قول بەرمەك.
دەستىگىر    (destigir)       1) ياردەمچى، قوللىغۇچى؛ 2) قولغا ئېلىش، قولغا چۈشۈرۈش.
دەمى ئىيسا: (demi iysa) ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ دېمى. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىيسا پەيغەمبەر بىر دەم سېلىپلا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىكەنمىش. كلاسسىك ئەدەبىياتتا يارنىڭ لېۋىنىڭ جان بېغىشلايدىغانلىقى مەسىھا ( ئىيسا)غا ئوخشىتىلىدۇ ۋە ‹‹مەسىھا نەفەس››، ‹‹مەسىھا دەم›› ھەم ‹‹مەسىھاۋەش›› دېگەن تەۋسىفلەر بېرىلىدۇ. .
دەئب      (deib)              ئادەت، قىلىق، خىسلەت، پەيل.
دەير    (deyr)                 1) بۇتخانا؛ 2) مەيخانا، 3) خاراباتخانا. ك.دۇنيا؛
دەير پىرى (deyr piri)- مەيخانىچى، مەيخانا ئىگىسى.
دەيرى فەنا- ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلار دۇنياسى؛
دۇد                        تۈتۈن.
دۇدى ئاھ: ئاھ تۈتۈنى؛ ئوتلۇق ئاھ؛ ئاچچىق ئاھ.
دۇر                   ئۇزاق، يىراق ( " ئۇ" ئۇزۇن سوزۇق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
دۇرر                  1) ئۈنچە، مەرۋايىت؛ 2) قىممەتلىك سۆز، ھېكمەت.
دۇررى غەلتان: يىرىك يۇمۇلاق مەرۋايىت، قىممەتباھالىق ئېسىل ئۈچە. ك. كۆز يېشى.
دۇررى يەكتا: بىردىنبىر دۇر، نادىر مەرۋايىت.
دىلبەر                      1) دىلنى تارتقۇچى؛ 2) گۈزەل، سۆيۈملۈك، مەھبۇبە.
دىلدار                      دىلغا ئارام بەرگۈچى، كۆڭۈلنى ئوۋلىغۇچى؛ سۆيۈملۈك، يار.
دىلرەبا            دىلنى تارتقۇچى، جەزىبىلىك، سۆيۈملۈك.
دىۋار                        1) تام، توساق؛ 2) سېپىل.
دىۋان1 : ئىشخانا.
دىۋان بەگى: ئىشخانا باشلىقى.

دىۋان2 : ساپا.
دىۋان3 قامۇس.
دىۋان4 : شېئىرلار توپلىمى.
دىۋانە: ئەقلى - ھۇشىدىن ئايرىلغان، ئەقىلدىن ئازغان، سەۋدايى؛ مەجنۇن.      
دىيدە           كۆز؛
دىيدەئى خۇنبار: قانلىق ياش تۆككۈچى كۆز.


ر


راز   سىر، يوشۇرۇن، مەخپىي؛  
راز ئەھلى: سىرداشلار.
راك   1)مۇناجات؛ يالۋۇرۇش.2) ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەركىبىدىكى بىرىنچى مۇقامنىڭ نامى.
رايىھە   خۇش پۇراق، يېقىملىق ھىد، بۇي.      
رەبب   تەڭرى، ئىگە، ******؛ تەربىيىچى.
رەببەنا: پەرۋەردىگارىمىز، ******ىمىز.
رەشك         كۈندەشلىك، قىزغىنىش.
رەغبەت   خاھىش، مەيل، ئىستەك، قىزىقىش، ھەۋەس
رەفتار        مېڭىش، يۈرۈش.
رەگ: تومۇر، قان تومۇرى.
رەگى چەشم: كۆزنىڭ قان تومۇرى.
رەھن       گۆرۈ،  رەنە، بارىمتاي.
رەئنا     گۈل، قىزىل گۈل.ك. گۈزەل، چىرايلىق، يېقىملىق.
رو: يۈز، بەت، چىھرە.
رو بەرمەك: يۈز بەرمەك.
رو بەرو  يۈزمۇيۈز، ئۇدۇلمۇئۇدۇل
روزگار       1) تۇرمۇش، تىرىكچىلىك، كۈن كەچۈرۈش؛  2) دەۋر، زامان؛  3) تەئەللۇقات.
روزگار ئەھلى: زامانداشلار. دەۋر ئەھلى.
روز: كۈن، بىر كۈن.
روزى قىيامەت   قىيامەت كۈنى.دىنىي رىۋايەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىش كۈنى،
رويⅠ    يۈز، بەت، چېھرە؛
             روي ئەندۇد-  قاپلىما، سىرتى باشقا-ئىچى باشقا؛
             روي بەرمەك- پەيدا بولماق، يۈز بەرمەك.
رويⅡ    رو (مېتال).
رۇستەخىز             1) غوۋغا، توپىلاڭ؛ 2) قىيامەت، مەھشەرگاھ
رۇستەم    فىردەۋىسنىڭ ‹‹شاھنامە›› ناملىق ئەسىرىدە تەسۋىرلەنگەن قەدىمكى ئىران پالۋانلىرىدىن بىرى. بەدىئىي ئەدەبىياتتا باتۇر، پالۋانلارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ‹‹رۇستەمچە›› ، ‹‹رۇستەم سۈپەت›› ...دېگەن ئوخشۇتۇشلار قوللىنىلىدۇ.
رىزۋان    1) رازىلىق، مەمنۇنىيەت؛ 2) كۆچمە م: جەننەت.
رىشتە     يىپ، تاناپ؛
رىشتەئى ئەشك: ئۈزۈلمەي ئاققان كۆز يېشى؛
رىشتە تاب: ئېشىلگەن يىپ.  
رىشتەئى تەسبىھ: تەسۋىنىڭ يىپى.
رىند: بىپەرۋا؛ باتۇر؛ ساختىپەز.
رىندى شىراز: شىراز باتۇرى،  شائىر خوجاھافىز شىرازىينىڭ بىر لەقىمى.
رىندانە:  1) بىپەرۋالارچە؛ 2) ئىشرەتپەرەستلەرچە؛ 3) باتۇرلارچە.
   

ز


زاھىرⅠ       روشەن، پارلاق.
زاھىرⅡ    ئوچۇق-ئاشكارا، كۆرىنىپ تۇرغان.
زاھىد: دۇنيا ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىپ، تائەت-ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولغۇچى؛ پەرھىزكار؛ ئۆزىنى خەلقنىڭ نەزىرىدە شۇنداق قىلىپ كۆرسەتكۈچى رىياكار شەيخ.
زەر             ئالتۇن، تىللا، زەر.
زەرافەت       1) چوڭقۇر پىكىرلىك؛ پاساھەتلىك، خۇش چاقچاقلىق. 2) چاقچاق گەپ، ھەزىل ئارىلاش سۆز.
زەرافەت ئەيلەمەك: چاقچاق قىلماق، چېقىشماق.
زەرد             سېرىق، سېرىقلىق؛
زەرد روي: سارغايغان چېھرە، سۇلغۇن چىراي.
زەررىن       زەرلىك، ئالتۇن بىلەن زىننەتلەنگەن؛
زەررىن ئەلەم: ئالتۇن بىلەن زىننەتلەنگەن تۇغ، بايراق. ك. قۇياش.
زەرف              ئىدىش، كوزا، كۇپ؛ مەي كوزىسى.
زەكات             ئۆزىنىڭ ئومۇمىي بايلىقىنىڭ قىرقتىن بىر ئۆلۈشىنى ھەريىلى كەمبەغەللەرگە بېرىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزلىرىدىن بىرى.
زەڭ Ⅰ           1) دات؛ 2) چاڭ-توزان؛ كىر غۇبار؛ 3) قارا.
زەڭⅡ              قوڭغۇراق.
زەنەخ: زىناق.
زەنەخدان        يۈز، بەت؛ ئىڭەك.
زەھەب: ئالتۇن.
زەھەبنا: بىز باردۇق؛ كەتتۇق ( ئەرەبچە پېئىل).
زەھەبنا ۋادىيەل مەقسەد، ۋەجەدنا ماھۇۋەل مەقسۇد:  مەقسەد ۋادىسىنى كېزىپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتتۇق، دېگىنىمىزگە ئېرىشتۇق.
‹‹نەۋائى، كەئبە زىكرىن قويكى، بىز دەيرى فەنا ئىستەپ
    زەھەبنا ۋادىيەل-مەقسەد، ۋەجەدنا ماھۇۋەل-مەقسۇد.››
                                                        نەۋائى
زەئف              دەرمانسىزلىق، ھالسىزلىق، زەئىپلىك، كېسەللىك
زەئىف: ئاجىز، كۈچسىز.
زەھرە           ئۆت، سەپرا خالتىسى.
زۇلف        چاچ، كوكۇلا.
زۇلفى پەرىشان: يېيىلىپ تۇرغان چاچ، كوكۇلا.
زۇلفىقار: ئەلىي رەزىياللاھ ئانھۇنىڭ ئىككى بىسلىق قىلىچى، ئۆتكۈرلۈكتە شۆھرەت قازانغان قىلىچ.
زۇننار   خىرىستىئانلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ، ياكى بېلىگە باغلاپ يۈرىدىغان يىپى.
زۇھۇر      پەيدا بولۇش، كۆرۈنۈش، زاھىر بولۇش.
زۇھد   دۇنيادىن ۋاز كېچىپ، تائەت-ئىبادەت بىلەنلا شۇغۇللىنىش؛ ئۆزىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل قىلىپ كۆرسىتىش؛
زۇھدى تەقۋا: تەقۋادار سوپىلىق.
زۇھد ئەھلى: پەرھىزكارلار، دۇنيادىن ۋاز كەچكۈچىلەر.
زىكر               سۆزلەش، تىلغا ئېلىش، بايان قىلىش.
زىكر قىلماق: تىلغا ئالماق، بايان قىلماق، ئەسلىمەك.
زىلەيخا          رابغوزىنىڭ ‹‹قىسەسۇل ئەنبىيا›› ناملىق ئەسىرىدىكى ‹‹يۈسۈف ۋە زىلەيخا›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن بىرى؛ ئەزىز مىسرىنىڭ قىزى.


س


ساغەر          قەدەھ، مەي پىيالىسى، جام؛
ساغەرى مۇل: مەي قەدىھى، شاراب جامى.
سالىم        ساق، سالامەت، ساغلام؛ ئامان.
ساھىب         ئىگە، تەسەررۇپ قىلغۇچى؛
ساھىبتەكبىر : دۇئاگۇي.
ساھىبجامال: جامال ئىگىسى، چىرايلىق، گۈزەل.
ساھىبخان: زىچلىشىشتىن بۇرۇنقى ئەسلىي شەكلى " ساھىبى خان "، يەنى داستىخان ئىگىسى، مېھمان ئىگىسى.
ساھىب ئىختىيار: خوجايىن، ئىختىيارلىق ئىگىسى، ھوقۇقدار.
ساھىبى دىۋان: 1)دىۋان مۇئەللىپى، دىۋان تۈزگۈچى شائىر. 2) دىۋان بېگى، ئىشخانا باشلىقى.
سەباھ: ئەتىگەن، سۇبھى پەيتى.
سەبا              تاڭ سەلكىنى، تاڭ پەيتىدە چىقىدىغان مەيىن شامال.
سەبر  چىدام، تاقەت.
سەبرۇ قەرار: چىدام ۋە تاقەت.
سەبز   مايسا، يېشىللىق، يېىشل رەڭ.
سەبزەزار: چىمەنزار، يېشىلچىلىق.
سەبۇكبار   يۈكى يەڭگىل؛ يەڭگىل، چاققان.
سەبۇھ       1) تاڭ پەيتىدە ئىچكەن ئىچىملىك؛ 2) ئەتە، تاڭلا.
سەركەش          بويۇنتاۋلىق، گەدەنكەشلىك، بېشى قاتتىقلىقل.
سەرگەردان: بېشى ئايلىنىپ قالغان، بېشى قايغان، پۇتى تايغان يوللاردا يۈرىدىغان.
سەرگەشتە    بېشى ئايلانغان، سەرگەردان، ھەيران.
سەرۋ        1) تۈپتۈز ئۆسۈدىغان، قىشىن- ياز ياپيېشىل تۇرىدىغان، چىرايلىق بىر خىل دەرەخ؛ 2) ك: سۆيگەن يارنىڭ قەددى-قامىتى؛ گۈزەل يار.
سەرۋى رەۋان: گۈزەل ئۆسكەن سەرۋى دەرىخى. ك: گۈزەل يۈرۈشلۈك نازىنىن، چىرايلىق ماڭغۇچى مەھبۇب.
سەرۋى ئازاد: تىك ئۆسكەن چىرايلىق سەرۋى؛ ك: خۇشپىچىم، گۈزەل بويلۇق يار.
سەرۋى رەئنا: گۈزەل سەرۋى؛ك: كېلىشكەن يار.
سەرۋەر    رەئىس، باشچى، سەردار.
سەرۋەرى ئالەم:  پۈتۈن ئالەمنىڭ خوجىسى.
سەرۋى قامەت: قامىتى سەرۋىدەك كېلىشكەن.
سەزا     1) جازا؛ 2) لايىق، مۇناسىپ، سەزاۋەر؛
              سەزا بەرمەك- جازا بەرمەك، تەنبىھ بەرمەك.
سەفا     1) يورۇقلۇق، روشەنلىك، پارلاقلىق؛ 2) خۇرسەنلىك؛ مەئىشەت؛ 3) پاكلىق، ساپ؛
سەفا ئەھلى: پاك كۆڭۈللۈك، ساپ يۈرەك كىشىلەر.
سەفايى ۋەفت: ئۆز دەۋرىنىڭ پاك كىشىسى.
سەقف             تورۇس، ئۆينىڭ ئۈستى؛ گۈمبەز؛
سەقفى نىلگۇن: كۆك گۈمبەز؛ك: ئاسمان.
سەگ         ئىت.
سەگاھ:   ئۈچىنچى دەرىجە، ئۈچىنچى ئورۇن . ئۈچىنچى پەردە؛ئون ئىككى مۇقام تەركىبىدىكى ئۈچىنچى مۇقامنىڭ نامى
سەگبان      ئىتباقار.
سەڭگ            تاش؛
سەڭگى شەقاۋەت: بەختسىزلىك تېشى.
سەل            سەل، تاشقىن، قىيان؛
سەلى ئەشك:  ياش كەلكۈنى، كۆز يېشى تاشقىنى.
سەلاسىل    " سىلسىلە " نىڭ كۆلۈكى، زەنجىرلەر، ھالقىلار تىزمىسى.
سەلىقە   1) زوق ، ئىستەك، مەيل. 2)  ئون ئىككى مۇقامنىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى.
سەلىم: ساغلام، سالامەت، مۇكەممەل، تولۇق.
سەلىمە: " سەلىم " نىڭ ئايال سىغىسى.
سەمەند   تىز يۈرگۈچى چىرايلىق ئات.
سەمۇم       ھالاكەتلىك ئىسسىق شامال، كۆيدۈرگۈچى شامال.
سەنەم   1) بۇت؛ ك: گۈزەل يار، مەھبۇب؛ 2) ‹‹غەرىب ۋە سەنەم›› داستانىدىكى باش قەھرىمانلارنىڭ بىرى؛ غەرىبنىڭ مەشۇقى؛ ئابباس خاننىڭ قىزى. 3)  ئون ئىككى مۇقامنىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى. بۇ بۆلەك مۇزىكا چېلىنغاندا، گۈزەل قىزلار ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.
سەنەۋبەر  1) گۈزەل ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ. 2)‹‹سەنەۋبەر›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى. خۇرشىد شاھنىڭ ئوغلى، گۈلپەرىنىڭ ئاشىقى.
سەۋتⅠ    قامچا.
سەۋتⅡ     تاۋۇش، ئاۋاز، شاۋقۇن؛  ئاھاڭ، كۈي، مۇقام.
سەۋاد                1) قارا تۇس؛ 2) قاراڭغۇ، قاراڭغۇلۇق؛ 3) خەت-ساۋات، يېزىق؛ 4) شەھەر، ئۆلكە، ئەتراپ، تېررىتورىيە؛ 5) يېراقتىن كۆرۈنگەن قارا، نىشان؛ 6) كۆپچىلىك، كۆپسانلىق.
سەۋادى ئەئزەم: زور كۆپچىلىك، مۇتلەق كۆپسانلىق كىشىلەر.
سەۋادى بەسەر: كۆز قاراچۇقى؛
سەۋادى كەشمىر: كەشمىر شەھىرى، كەشمىرنىڭ تېررىتورىيىسى.
سەۋداⅠ    1) كۈچلۈك ھاياجان، بېرىلىش، ئىشق، شەيدالىق، 2) خىيال؛ 3) ساراڭلىق، تەلۋىلىك، تەنتەكلىك؛ ئىستەك، ھەۋەس، ئارزۇ.
سەۋداⅡ     سودا-سېتىق، ئالدى-ساتتى.
سەۋگەند      قەسەم، ئانت؛ ۋەدە.
سەۋمەئە    خرىستىئانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتخانىسى، مۇناستىر، ئېتىكاپخانا.
سەيياد: ئوۋچى، ئوۋلىغۇچى.
سەييادى ئەزەل: ئەزەل ئوۋچىسى، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە ئەزرائىل؛ قازا.
سەيد              ئوۋ، شىكار، ئوۋلاش.
سەيد ئەتمەك: ئوۋلىماق.
سەيقەل             1) پەردازلاش، يالتىرىتىش. جۇلا بېرىش. 2) يالتىراق.
سوفال   ساپال؛  ساپال ئىدىش، ساپال قەدەھ، ھېجىر.
سوفى   تەسەۋۋۇپ (سوپىزم) يولىنى تۇتقان كىشى. تەرىقەتچى.
سۇبھە   ماختاش؛ تەسىۋىي.
سۇدⅠ       پايدا، بەھرە، نەپ.
سۇدⅡ       سۆز بىرىكمىسىدە:‹‹ سۈركەش، سۈرتۈش، ئىشقىلاش›› قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدۇ.
سۇدⅢ      سۈت.
سۇلەيمان    بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى. داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى. " دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن يەتتە يىلدا، ‹‹بەيتۇل مۇقەددەس›› نى قۇرۇپ چىقتى.  قۇددۇستا ھۆكۈمەتنىڭ بىر چوڭ سارىيىنى بەرپا قىلدى.  شەرق ۋە غەرب پادىشاھلىرىنى ئۆز ئىتائىتىگە كىرگۈزدى. 40 يىل ھەم پادىشاھلىق ھەم پەيغەمبەرلىك قىلدى؛ جىن-شەيتان، دىۋە-پەرىلەرنى بوي سۇندۇرۇپ چىقتى؛ ئۇچار-قاناتلار ۋە باشقا ھايۋاناتلارنىڭ تىلىنى بىلەتتى" دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
سۇنبۇل            1) خۇش پۇراق قارا رەڭلىك بىر خىل ئۆسۈملۈك؛ 2)  بۇغداي باشىقىنىڭ قىلتىرىقى؛ ك: يارنىڭ چېچى.
سىپاھ:  1) لەشكەر، قوشۇن، ئەسكەر؛ 2) ئەمەلدار؛
سىپاھى دىجەم: غەزەپلىك قوشۇن.
سىپىھر  ئاسمان، ئاسمان گۈمبىزى. پەلەك.
سىتەم        زۇلۇم، ھەقسىزلىق، جەبىر-جاپا، سىقىلىش.
سىرر              سىر ، مەخپىيەت؛
سىررى ھەقايىق مەخزەنى: 1) ھەقىقەتلەر سىرىنىڭ خەزىنىسى؛ 2) كۆچمە م: كەبە.
سىررى ۋەھدەت: ۋەھدەتنىڭ سىرى، ******نىڭ بالىقى ۋە بىرلىكىنىڭ سىرى.
سىرىشك        كۆز يېشى.
سىمىيا   1) ئاددىي مەدەنلەرنى ئالتۇن مەدىنىگە ئايلاندۇرۇش غايىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات، بۇ تەتقىقات كۆپلىگەن ماددىلارنىڭ تېپىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە خىمىيە ئىلىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلغان؛ 2) نىشان، ئىشارەت، ئالامەت مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
سىيم: كۈمۈش.
سىيمكار: ئىش ھەققى. زىچلاشماستىن بۇرۇنقى شەكلى " سىيمى كار ".
سىينا    ‹‹تۇر›› غا قاراڭ.
سيمىن        1) كۈمۈش، كۈمۈشتىن ئىشلەنگەن؛ 2) كۈمۈشتەك ئاپئاق.
سيمىن بەدەن: ئاق بەدەن.
سيمىن تەن: كۈمۈش بەدەن.


ش


شانە         تاغاق، چاچ تاغىقى.
شانە قىلماق: چاچ تارىماق.
شاھ بەرقۇت   ‹‹قەمەرشاھ ۋە شەمسى جانان›› داستانىدىكى پېرسۇناژلاردىن بىرى، كۇھى قافنىڭ شاھى، شەمسى جاناننىڭ دادىسى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىدىكى " چىپەرقۇت " كەلىمىسىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى.
شاھ كوچىك: شاكىچىك، كىچىك پادىشاھ.
شاھى خۇرشىد   ‹‹سەنەۋبەر›› داستانىدىكى مۇھىم پېرسۇناژلاردىن بىرى. شۇ داستاننىڭ باش قەھرىمانى بولغان سەنەۋبەرنىڭ ئاتىسى.
شاھى مۇرغان    قۇشلار شاھى، قۇشلارنىڭ ئۇلۇغى.
شاھرۇخ    ‹‹ھۇرلىقا  ۋە ھەمراھجان›› داستانىدىكى باش قەھرىمانلاردىن بىرى بولغان ھۈرلىقانىڭ دادىسى، شۇ داستاندىكى مۇھىم پېرسۇناژلاردىن بىرى.
شايەد       ئېھتىمال، بەلكى؛ كاشكى.
شەب: كېچە.
شەبىخۇن           كىچىلىك ھۇجۇم، تۈندە تۇيۇقسىز قىلىنىدىغان ھۇجۇم.
شەبىستان     1) كەچكى ياتاقخانا؛ ئىچكى ھەرەم دائىرىسى؛ 2) قاپقارڭغۇ كېچە، قاراڭغۇلۇق.
شەرابى ئەنتەھۇر   پاكىز شاراب، ئۆتكۈر شاراب، جەننەت شارابى
شەرھ            ئىزاھ، كەڭراق چۈشەندۈرۈش.
شەش        ئالتە.
شەكەرخا             شېكەر چاينىغۇچى؛ مەجھۇل م: شېرىن سۆزلۈك.
شەككەربار        شېكەر ياغدۇرغۇچى؛ مەجھۇل م: شېرىن سۆزلۈك.
شەمسى جانان    ‹‹قەمەرشاھ ۋە شەمسى جانان›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن بىرى،  قەمەر شاھنىڭ مەشۇقى، كۇفى قافنىڭ شاھى بەرقۇتنىڭ قىزى؛ گۈزەل پەرى.
شەمئ            شام، چىراق؛  نۇر؛
شەمئى مەزار: مازارنىڭ چىرىقى، شېمى؛
شەمئى شەبىستان: تۈن چىرىقى، كېچىدىكى شام؛ ھىجران كېچىسىنىڭ شامى
شەھرىيار        بۈيۈك پادىشاھ، خاقان. ئۇيغۇر دىيارى " شايار " نىڭ ئېتىمولوگىيىسى.
شەھزادە فەررۇخ   ‹‹شاھزادە فەررۇخ  ۋە مەلىكە گۈلرۈخ›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى، قەندىھار شەھرىنىڭ  شاھى لەندىھۇرنىڭ ئوغلى. گۈلرۇخنىڭ ئاشىقى.
شەيدا          سۆيگۈ تۈپەيلىدىن سەۋدايى بولغان، ھەددىدىن تاشقىرى گىرىپتار، مەپتۇن، ئاشىق.
شىرىن   ‹‹فەرھات-شىرىن›› داستانىدىكى ئاساسىي پېرسۇناژ؛  باش قەھرىمان فەرھادنىڭ مەشۇقى؛ ئەرمىنىيە شاھى مىھىنبانۇنىڭ ئارزۇلۇق سىڭلىسى.
شىكاف             يېرىق، دەز، چاك، تۆشۈك.
شىيۋە              1) رەسم، يوسۇن، ئادەت، تەرز، ئۇسۇل، رەۋىش؛ 2) ناز، كەرەشمە.
شۇرب           ئىچىش؛
شۇربا: شورپا.
شۇرب ئەتمەك: ئىچمەك؛
شۇربى مۇدام: داۋاملىق ئىچىش.


غ


غارەت        تالان-تاراج قىلىش، يوقىتىش، بۇلاش
غالىيە            1) قاش ۋە چاچقا سۈرتۈلىدىغان، ئىپار-ئەنبەردىن ياسالغان خۇشبۇي قارا ماددا؛ قارا.
غەرايىبۇس سىغەر   ‹‹بالىلىق ئاجايىباتلىرى›› ياكى ‹‹بالىلىقتىكى ئاجايىپ ئىشلار ››، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹‹خەزايىنۇل-مەئانى›› تەركىبىدىكى بىرىنچى دىۋاننىڭ نامى.
غەرىب: 1) غېرىپ، مۇساپىر، باشقا يۇرتلۇق.    2) ‹‹غەرىب ۋە سەنەم›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى؛ سەنەمنىڭ ئاشىقى؛ ھەسەن ۋەزىرنىڭ ئوغلى.
غەزال     كېيىك، ئاھۇ.
غەمزۇدا     قايغۇنى يوقاتقۇچى.
غەۋۋاس    سۇ ئاستىغا چۈشكۈچى.
غەير    ئۆزگە، باشقا، يىگانە، يات.
غولام: ئوغۇل خىزمەتكار.
غۇبار: چاڭ، توزان؛  كىر، قارىلىق.
غۇسسە    قايغۇ، غەم.
غۇسسە پەرداز: قايغۇرغۇچى، غەمخور.               
غۇسسە سەنج: غەم چەككۈچى، قايغۇرغۇچى.
غىلمان: 1) " غولام " سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى، غولاملار، خىزمەتكارلار؛ 2) رىۋايەتلەردە ، جەننەتنىڭ ئوغۇل خىزمەتكارلىرى.


ف


فاش    ئوچۇق، ئاشكارا.
فەرد        1) يەككە، يالغۇز؛ 2) ئايرىلغان.
فەرھاد    نەۋائى ‹‹خەمسە›› سى ئىچىدىكى ئەڭ يىرىك ئەسەر ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى؛ شىرىننىڭ ئاشىقى.
فەرىدۇن    قەدىمىي ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.
فەن       1) بىلىم، ئىلىم، پەن؛ ھۈنەر؛ سەنئەت؛ 2) ھىيلە، نەيرەڭ.
فەۋائىد: " فائىدە " كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى، پايدىلار.
فەۋائىدۇل كىبەر  ‹‹قېرىلىق پايدىلىقلىرى›› ياكى ‹‹قېرىلىقتىكى پايدىلىق ئىشلار››، بۇ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹‹خەزايىنۇل مەئانى›› ( چاھار دىۋان ) تەركىبىدىكى تۆتىنچى داستاننىڭ نامى.
فۇتۇھ : 1) " فەتھ " سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى، يېڭىدىن ئېچىلغان يەرلەر، يېڭىدىن ئازاد قىلىنغان جايلار. ك. ئۇتۇقلار، قازانچلار، نۇسرەتلەر. 2) كۇشايىشلىق؛  كۆڭۈل ئازادىلىك.
فۇرقەت    پىراق، ئايرىلىق، ئايرىلىش.
فۇرۇغ       يالتىراش، پارقىراش؛ يورۇقلۇق، شولا، روشەنلىك، نۇر.
فۇزۇن           ئارتۇق، زىيادە، كۆپ.
فۇسۇن: ئەپسۇن، نەيرەڭ.
فۇسۇنگەر:  ئەپسۇنچى.
فىگار      جاراھەت، يارا؛ جاراھەتلىك، يارىدار، مەجرۇھ، ئەبگا.
فەقىھ           فىقھى ( قانۇن ) ئىلمىنىڭ ئالىمى، دىنىي ھوقۇق بىلىمدانى.


ق


قاتىل: ئۆلتۈرگۈچى.
قاندا: قەيەردە، نەدە.
قاندىن   قايدىن ، قەيەردىن.
قايدا : قايسى تەرەپتە، نەدە.
قايۇ: قايسى.
قەبا     ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئۈست كىيىمى؛ قوپال، نەپىس ئەمەس.
قەبا فەلەك: قوپال پەلەك،  خۇنۈك دۇنيا.
قەتل        ئۆلتۈرۈش؛
قەتلى ئام: ئومۇمىي قىرغىن، قىرغىنچىلىق، قارا-قويۇق ئۆلتۈرۈش.
قەتل ئەتمەك(ئەيلەمەك): ئۆلتۈرمەك، سويماق؛
قەتل ئەھلى: ئۆلتۈرۈلگۈچى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر؛
قەزاⅠ      1) بىرەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى؛  تاسادىپ يۈز بەرگەن ۋەقە؛ 2) ئۆز ۋاقتىدا قىلىنماي قالغان بىرەر ئىشنى كەينىدىن بېجىرىش.
             قەزايى يەزدانىي- ******دىن كەلگەن ئەجەل، ئۆلۈم.
قەزاⅡ     ئىش، خىزمەت.
قەزايى يەزدانىي: اللەدىن كەلگەن كەلگۈلۈك، ك. ئەجەل، ئۆلۈم.
قەمەرشاھ   ‹‹قەمەرشاھ ۋە شەمسى جانان›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى، شەمسى جاناننىڭ ئاشىقى.
قوڭشە             گۈلنىڭ چانىقى، گۈلنىڭ تۈۋى. ھازىرقى تۈركمەنچىدە، " قوڭشا " دېيىلىپ، " خوشنا " ئۇقۇمىدا قوللىنىلىدۇ.
قۇت             يېمەكلىك، تاماق، ئوزۇق.
قۇتى ھەيات: ھاياتلىق ئوزۇقى، تىرىكلىك يېمەكلىكى.
قۇت يەتكۈزمەك: ئوزۇق بولماق.
قۇت بەرمەك: ئوزۇقلۇق يەتكۈزمەك.
قۇڭرات     قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردىن بىرىنىڭ نامى.
قىسەئى ئابىھەيات     رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، خىزىر پەيغەمبەر ۋە ھەزرىتى ئىسكەندەر ئابىھايات (تىرىكلىك سۈيى) نى ئىزدەپ زۇلمەت ئىچىگە كىرگەن ۋە كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتقان. نەتىجىدە بۇ سۇ خىزىر پەيغەمبەرگە نېسىپ بولغان. بۇ ۋەقەلەر بەدىئىي ئەدەبىياتتا ‹‹قىسسەئى ئابىھەيات›› (تىرىكلىك سۈيى قىسسسى) دەپ ئاتالغان.
قىيات    قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردىن بىرىنىڭ نامى.


ك


كارⅠ     1) ئىش؛ كۈچ؛ ئەمەل؛ ھەرىكەت؛ 2) مەنسەپ.
كارⅡ     تۈپ سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، ‹‹ئەتكەن، ئەتكۈچى، قىلغان، قىلغۇچى›› دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەردە كېلىدۇ. مەسىلەن: " ئىتائەتكار، ئىسيانكار، ھىيلەكار، قانائەتكار" دېگەنلەرگە ئوخشاش.  
كاروبار:  ئىش – كۈشلەر.
كاسە:      كاسا، قاچا، قەدەھ، جام، چاناق؛
كاسەئى چۇبىن: ياغاچ كاسا، ياغاچ قەدەھ، جام.
كافىر        1) يات دىندىكى كىشى. باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى. 2) ك: رەھىمسىز، زالىم؛ رەھىمسىز يار، تاشيۈرەك مەھبۇب؛  2) ك: قارا رەڭ.
كاكۇل             كوكۇلا، چاچ.
كاھ:           سامان؛
كاھ چەكمەك:  ساماننى تارتىۋالماق؛
كاھى ئۇزار: ساماندەك سارغايغان يۈز، سولغۇن چىراي.
كاھ ئىزار: سېرىق چىراي.
كەرەم   ياخشىلىق، ئاليجانابلىق، ئېھسان، مەرھەمەت.
كەرەم ساھىبى: سېخي، ئالىيجاناب، مەرھەمەتلىك؛ ئۇلۇغلۇق ئىگىسى، كارامەت ئىگىسى، ******.
كەئس: قاچا، رۇمكا، لوڭقا.
كەفارەت       قىلىنغان گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان بەدەل.
كەمان       كامان، ياي، ئوقيا.
√كەمەند        1) سىرتماق، سالما، ئوۋچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئارقان؛ قاپقان؛ 2) قارا تۇس، قارا رەڭ؛
           كۇفر زۇلف- قاپقارا چاچ.
كەۋسەر              جەننەت بۇلىقى ( دىنىي تەلىماتلاردا جەننەتتىكى سۈيى مول، تەملىك دەپ قارالغان بۇلاق) ھەۋزى كەۋسەر.
كوھ               تاغ.
            كوھكەن- تاغ قازغۇچى، (پەرھادنىڭ لەقىمى).
كوھى قاف    قاپ تېغى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ تاغ پۈتۈن يەر يۈزىنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، ئەنقا قۇشىمۇ، ئابىھايات (تىرىكلىك سۈيى) مۇ مۇشۇ تاغدا ئىمىش.
كوي   1) كوچا، يول؛ 2) قىشلاق، مەھەللە، كەنت.
كۇرك    كۆرۈنۈش، چىراي، ھۆسن.
كۇركەباي  ناھايىتى چىرايلىق، ھۆسنلۈك، گۈزەل.
كۇلاھ (كۇلەھ)         1) كۇلاھ، باش كىيىمى؛ 2) مەجھۇل م: تاج.
        كۇلاھى زەر- ئالتۇن كۇلاھ، تاج.
كۇلبە             ھۇجرا، ئاددىي ئۆي.
كۇنج             بۇرجەك، بۇلۇڭ.
كۇنجى غۇربەت: غېرىبلىق بۇلۇڭى، مۇساپىرلىق پۇشقىقى.
كۆزى كافىر: قارا كۆز.
كىردار    قىلىق، تۇرۇق، يۈرۈش – تۇرۇش؛ رەۋىش، تەرز، كۆرۈنۈش.
بەدكىردار: ئوسال قىلىق، ئوسال خۇي؛  يامان قىلىقلىق، ئوسال تەبىئەتلىك.


گ


گەدا(ي)    گاداي، تىلەمچى.
گەردⅠ         چاڭ-توزان، غۇبار.
گەردⅡ        ئايلىنىش، كېزىش، چۆرگىلەش.
گەردان: ئايلانغۇچى، كەزگۈچى، چۆرگىلەيدىغان.
ئالەمگەرد:  ئالەمنى كەزگۈچى.
شەبگەرد: تۈندە كەزگۈچى، تۈن قاراۋۇلى.
گەردۇن          پەلەك، ئاسمان، كۆك.
گەردۇن مەسنەد- يۈكسەك تەخت ئىگىسى (پادىشاھقا خىتاب).
گەزەكⅠ     مەي ئىچكەندە ئارقىدىن يېيىلىدىغان ئاز مىقتاردىكى تاماق ياكى تاتلىق-تۇرۇم، زاكۇسكا.
گەزەكⅡ    يارىنىڭ سۇغۇق تېگىپ قىزىرىشى.
گەنج           ئالتۇن-كۈمۈش، جاۋاھىراتقا ئوخشاش قىممەت باھالىق ماللارنىڭ توپلانمىسى، خەزىنە، توپلانغان بايلىق.
گۇشە            1) بۇرجەك، خىلۋەت؛ 2) نەرسىنىڭ بىر چېتى؛ 3) كاماننىڭ كىرىچىنى باغلايدىغان جاي؛
              گۇشەئى مېھراب- مېھرابنىڭ چېتى، مەسچىتنىڭ بۇرجىكى.
گۇفت     سۆز، نوتۇق.
               گۇفتۇئۇزار–سۆزلىشىۋېلىش، گەپ-سۆز.
گۇفتار           سۆز، سۆزلەش، سۆھبەت.
گۇلسۇرخ           قىزىلگۈل.
گۇلگۇن        گۈلرەڭ، قىزىل.
            گۇلگۇن پۇش- گۈلرەڭ كىيىنگەن، قىزىل كىيىملىك.
                گۇلگۇن قەبا- قىزىل كىيىم.
گۈلەمخان      شۇ ناملىق داستاننىڭ باش قەھرىمانى.
گۈلجامال     ‹‹غەرىب-سەنەم›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى غىرىبنىڭ سىڭلىسى.
گۈلجەمىلە       ‹‹ھۇرىلىقا-ھەمراجان›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى ھەمراجاننىڭ سىڭلىسى.
گۈلشاھ       ‹‹گۇلشاھ-ۋەرەقە›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى، ۋەرەقەنىڭ مەشۇقى، ھىمامنىڭ قىزى.
گۈلئۇزار       گۈليۈزلۈك، گۈزەل، چىرايى ئىسسىق.
گىتىنەما     جاھاننى كۆرسەتكۈچى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئىختىرا قىلدۇرغان، دۇنيادىكى مەۋجۇت نەرسىلەرنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان) جام.
گىريان        يىغلىغۇچى، يىغلاپ تۇرغۇچى.
گىريە           يىغى، ياش تۆكۈش، يىغلاش.
گىرىبان          ياقا، كىيىمنىڭ ياقىسى.
گىيتى        ئالەم، دۇنيا، جاھان.


ل


لامەكان         ماكانسىز، جايسىز، بوشلۇق.
لەفز         سۆز، ئىپادە، تىل.
لەئل        1)ياقۇت؛ 2) يارنىڭ قىزىل لېۋى، قىپقىزىل لەۋ.  
لەئلى بەدەخشان- بەدەخشاندىن چىقىدىغان ئەڭ سۈزۈك ياقۇت.
لەئلى بەدەخشان     بەدەخشاندىن چىقىدىغان ئەڭ ساپ، ئەڭ تازا لەئل، ياقۇت، بەدىئىي ئەدەبىياتتا بۇ بەدەخشان ياقۇتى يارنىڭ لېۋىگە ئوخشىتىلىدۇ.
لەۋھى قەلەم     دىنىي ئەقىدىلەرگە قارىغاندا، ھەربىر شەيئىنىڭ ئاۋۋىلى ۋە ئاخىرىنىڭ ئەزەل كۈنى ئىلمىي ئىلاھىدا يېزىلىشى ۋە ئۇنىڭ بىر ئاتىلىشى.
لەيل      تۈن، كېچە، ئاخشام. ئىكى لەيل: ئىككى تۈن؛ ك. ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈلگەن قارا چاچ.
لەيلۇ نەھار:  كېچە-كۈندۈز؛
لەيلان     كېچىسى، كېچىسى بىلەن.
لەيلى   ‹‹لەيلى-مەجنۇن›› داستانىنىڭ ئايال قەھرىمانى، مەجنۇننىڭ مەشۇقى.
لولى       1) دولان قىزى، دولانلىق؛ 2) ك: شوخ، گۈزەل، سۆيۈملۈك يار.
لۇتف           مۇلايىملىق، رەھىمدىللىك، مەرھەمەت، ياخشى مۇئامىلە.
لۇئبەت    1)ئويۇن. ؛ 2) نەيرەڭ، ھىيلە؛ 3) ئويۇنچۇق، قونچاق. ك: گۈزەل يار.  
لۇئبەتى چىن: چىن ئويۇنى؛ چىن قونچىقى.ك. خوتەن گۈزىلى.
لۇئبەتباز   1) ئويۇنچى، ئويۇن قويغۇچى؛ قونچاق ئوينىغۇچى. 2)نەيرەڭۋاز، ھىيلىگەر؛
لىقا      1) ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش؛    2) رۇخسار، يۈز، چېھرە.


م


ماسىۋا   باشقا، بۆلەك،...دىن تاشقىرى.
ماسۋاللاھ: ******دىن باشقا.
مانەند           ئوخشاش، ئوخشايدىغان، كەبى.
ماھ (مەھ)        ئاي؛
ماھرويان: ئاي يۈزلۈكلەر، گۈزەللەر
ماھئۇزار: ئاي يۈزلۈك، ساھىبجامال.
ماھىتاب: پارلاق ئاي؛ ئايدىڭ؛
ماھى تابان: "ماھىتاب" نىڭ كۆپلۈك شەكلى.نۇر چېچىپ تۇرغان ئاي؛ك. گۈزەللەر.
مەتائ         مال، ئەشيا، ماتا.
مەتبۇئ       1) كىشىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنىغا مۇۋاپىق، لايىق كېلىدىغان؛ كۆڭۈلگە ياققان. 2) سۇلتان، پادىشاھ.
مەتبۇئ چۈشمەك: مىجەزىگە لايىق كەلمەك.
نامەتبۇئ: مىجەزىگە ياقمايدىغان.
مەتلەب        تەلەپ قىلغۇچى، ئىستىگۈچى، ئارزۇ قىلغۇچى، تەلەپكار.
مەجاز        1) ئۆزىنىڭ تۈپ مەنىسىدە ئىشلىتىلمەي بىرەر مۇناسىۋەت ۋە ئوخشىتىش ئارقىلىق باشقا مەنادا ئىشلىتىلگەن سۆز، مىتافورا، ئاللىگورىيە؛ 2) ھەقىقىي بولمىغان.
مەجنۇن      1) نەۋائى ‹‹خەمسە›› سى تەركىبىدىكى ‹‹لەيلى-مەجنۇن›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى؛ لەيلىنىڭ ئاشىقى؛ 2) ساراڭ، ئەقلىدىن ئازغان، مەجنۇن.
مەخمۇر      1) مەست، مەستلىك ھالەتتىكى؛ 2) مەستلىكى تولۇق تارقالمىغان؛ 3) مەي خۇمارىسى؛
مەخمۇرلۇق: مەستلىك، مەستانىلىك، خۇمارلىق.
مەردۇم      1)ئىنسان، ئادەم؛ ئادەملەر، كىشىلەر؛ 2) قاراچۇق.
مەردۇمى چەشم: كۆز قارىچۇقى.
مەردۇمى ئابى: سۇئادىمى.
مەرھەم             يارىغا قويۇلىدىغان دورا، مەلھەم.
مەرھەمى جان- جاننىڭ مەلھىمى، جاننىڭ ئارامى.
مەرھۇن        گۆرۈگە قويۇلغان، رەنىگە قويۇلغان، بارىمتاي قىلىنغان.
مەستانە         مەستلەرچە، كەيپلىك، خۇدىنى يوقاتقان.
مەستۇ مۇستەغرەق       غەرق مەست.
مەسكەن       تۇرار جاي، ئورۇن، ئۆي.
مەسنەد    1) يۆلەنچۈك؛ 2) تەخت؛ 3) يۈكسەك مەرتىۋە (مەنسەپتە)؛ 4) ھۆكۈمدارلىق ئورنى.
           مەسنەدى ھۆسن- گۈزەللىك دەرىجىسى، مەرتىۋىسى.
مەسىھ (مەسھا)      ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ لەقىمى (دىنىي رىۋايەتلەردە ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆز نەپسى بىلەن ئۆلگەنلەرنى تېرىلدۈرۈش، جان بېغىشلاش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ)، كلاسسىك ئەدەبىياتتا يارنىڭ ۋە ئۇنىڭ لېۋىنىڭ جان بېغىشلايدىغانلىقى، مەسىھاغا ئوخشىتىلىدۇ ۋە مەسىھا نەپەس، مەسىھا دەم، مەسىھاۋەش دېگەن تەۋسىپلەر بېرىلىدۇ.
مەسىھا              1) جان بېغىشلىغۇچى، قايتا جان بەرگۈچى ( ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ لەقىمى)؛ 2) كۆچمە م: يارنىڭ جان بېغىشلىغۇچى لېۋى، سۆيۈملۈك يار.
مەشرەب  1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ئىچىدىكى ئۈچىنچى چوڭ مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى؛ 2) ⅩⅦ ئەسرنىڭ ئاخىرى  ⅩⅧ ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان شائىر بابارېھىمنىڭ تەخەللۇسى؛ 3) بەزمە، ئولتۇرۇشنىڭ نامى؛ 4) تەبىئەت، خاراكتېر، ئادەت، خۇلق، رەۋىش.  
مەششاتە       قىزلار ۋەكېلىنلەرنىڭ چاچلىرىنى تاراپ ياسىغۇچى، زىننەتلىگۈچى، پەردازچى (ئايال).
مەقام       1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان نامى؛ 2) جاي، تۇرار جاي، ئورۇن؛ 3) دەرىجە، باسقۇچ.  
مەقسۇر       قىسقارتىلغان، قىسقا، چېگرىلانغان؛ مەخسۇسلاشقان، خاسلانغان.   
مەگەر               1) ئەمما، لېكىن؛ 2) ئېھتىمال، بەلكىم؛ ... بولسا كېرەك، ...مىكىن.
مەلالەت        مالاللىق، كۆڭۈلگە يەتكەن ئېغىرچىلىق، سىقىلىش، ھارغىنلىق.
مەلامەت       مالاللىق، كۆڭۈلدىكى ئېغىرچىلىق، سىقىلىش، ھارغىنلىق.
مەلامەت   1) گۈزەللىك، ھۆسن 2) يېقىملىق، شېرىنلىك.
مەلەك     1) پەرىشتە؛ 2) كۆچمە م:  ناھايىتى گۈزەل؛  
          مەلەكۋەش- پەرىشتىدەك، پەرىشتىگە ئوخشاش.
مەلىك           پادىشاھ، خان، ھۆكۈمدار.
مەنسۇرھەللاجى      ئەسلى ئىسمى ھۈسەيىن. تەسەۋۋۇپ مەسلىكىدە مەشھۇر. مەنىۋى ئىشتىراق (ئۆزىنى بىلمىگەن ھالدا ھەيرەتكە چۈشۈش) ھالىتىدە ھېسسىياتلىرىنى، چۈشەنچىلىرىنى زاھىرەن شەرىكەتكە زىت ھالدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ھىجرىيىنىڭ 306- يىلى قەتلى قىلىنغان.
مەھ               ئاي؛ ق. " ماھ"
مەھ پەيكەر- ئاي سۈرەتلىك، ئاي سۈپەت، گۈزەل.
مەھرەم       1) بىر-بىرىگە نىكاھ راۋا بولمايدىغان ئەڭ يېقىن قېرىنداش؛ 2) ئۈلپەت، ھەمدەم، سىرداش؛ 3) خۇسۇسىي خادىم، ئىچكىي خىزمەتچى.
           مەھرەمى راز-سىرداش.  
مەھزۇف       ئۇچۇرۇلغان، كەتكۈزۈلگەن، چىقىرىپ تاشلانغان.
مەھزۇن        غەملىك، قايغۇلۇق، خاپا.
مەھۋ       يوقىلىش، تۈگەش، موخۇ بولۇش. ك: ھەيرانلىقتىن ئۆزىنى يوقىتىش.
مەھۋەش          ئايغا ئوخشايدىغان، ئايدەك گۈزەل، بەك چىرايلىق.
مەۋزۇن        1) ئۆلچەنگەن، ئۆلچەملىك؛ 2) تۈزۈلۈشى كېلىشكەن، چىرايلىق؛ 3) ۋەزىنگە سېلىنغان، ۋەزىنلىك (شېئىردا).
مەئمۇرⅠ         بىرەر ئىشقا بۇيرۇلغان، ئەمر ئېتىلگەن كىشى.
مەئمۇرⅡ         ئاۋات، ئاۋاتلىق.
مۇئەتتەر         ئەتىر ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان، خۇشپۇراق، خۇشبۇي ھىد تارقىتىپ تۇرغۇچى.
مۇبەمۇ(موي بەموي)    بىرمۇبىر.
مۇبتەلا       1) گىرىپتار، دۇچار بولغان، ئىلىنغان، تۇتۇلغان، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، بالاغا يولۇققان؛ 2) ئاشىق؛ دەرمانسىز، زەئىپ.
مۇتەررا              تازا، يېڭى؛ بېزەلگەن، تارالغان؛ تىنىق، يالتىراق.
مۇترىب         1) چالغۇچى، سازەندە، ناخشىچى؛ 2) مەجھۇل م: زۆھرە (ۋېنېرا) پىلانېتىسى.
مۇتتەسىل          تۇتاش؛ كەينى كەينىدىن ؛ ئۈزلۈكسىز، داۋاملىق.
مۇجاۋىر            1) دائىم ئۆز جايىدا ياشىغۇچى؛ 2) مەككىدە ياكى بىرەر مازاردە تۇرغۇن بولغۇچى.
مۇختەسەر      1) قىسقارتىلغان، قىسقارتما، قىسقىچە، ئىخچام؛ 2) قىسقىسى.
مۇخلىس    ئىخلاس، چىن يۈرەكتىن بېرىلگۈچى، ئىخلاسمەن.
مۇدام           1) دائىما، ھەرچاغ؛ 2) مەي ، شاراب.
مۇددەتى     دەۋاگەر، دەۋا قىلغۇچى؛ رەقىب، دۈشمەن.
مۇرغ         قۇش، پەررەندە؛ 2) توخۇ.
مۇز دابان       قەدىمكى دەۋرلەردە ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ جەنۇبتىن تەڭرى تېغىنى كېسىپ، شىمالغا ئۆتىدىغان كارۋان يولىدىكى قىش-ياز مۇز ئېرىمەيدىغان خەتەرلىك، تار بىر داۋان، ئۇ ‹‹مۇز ئارت داۋىنى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر يېنى تىك تاغ بولۇپ، يەنە بىر يېنى ئاستى كۆرۈنمەيدىغان قاپتال. بۇ داۋان ھازىرقى ئاقسۇ بىلەن مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ شوتا يېزىسى ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ.
مۇسا پەيغەمبەر       ‹‹قۇرئانى كەرىم›› دە نامى ئاتالغان پەيغەمبەرلەردىن بىرى، دىنىي رىۋايەتلەرگە كۆرە، تۇر تېغىدا تەڭرى بىلەن سۆزلەشكەن دېيىلىدۇ.
مۇساھىب           ھەمسۆھبەت، دوست، ئۈلپەت.
مۇسەللەم         ئىنكار ياكى قارشىلىق قىلىنماي، ماقۇللانغان؛ تەسلىم بولۇش، تاپشۇرۇلۇش.
مۇسەممەن     1) سەككىز قىرلىق، سەككىز بۇرجەكلىك؛ 2) سەككىزلىك، ھەر كۇپلېتى سەككىز مىسرالىق شېئىر.
مۇستەفا       1) ‹‹تاللانغان، تاللىۋېلىنغان›› دېگەن مەنىلەردە:2) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى.  
مۇستەھزاد      1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى؛ 2) ئارتتۇرۇلغان، ئارتتۇرما؛ 3) مىسرالار ئاخىرىغا ئەرۇز قائىدىسى ئاساسىدا يېرىم مىسرا ئارتتۇرۇلىدىغان بىر خىل شېئىرىي شەكىل.
مۇشاۋەرەك      ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى ئون بىرىنچى مۇقامنىڭ نامى؛ بەزى مەنبەلەردە ‹‹نشئاۋەرەك›› دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ‹‹يۈرەككە تىغدەك تەسىر قىلغۇچى›، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
مۇشتاق         ئىشتىياقمەن، مەپتۇن، بېرىلگەن، ئاشىق.
مۇشك         1) قارا رەڭلىك، خۇش پۇراق ماددا، ئىپار؛ 2) مەجھۇل م: چاچنىڭ قارىلىقى ۋە ھىدى؛ كۆز قارچۇقى؛ 3) تۇم قارا، قاپقارا؛
مۇشكى خوتەن- خوتەن كېيىكىنىڭ كىندىكىدىن ئېلىنىدىغان ساپ ۋە ئەڭ خۇش پۇراق ئىپار.
مۇشكى چىن: خوتەن ئىپارى، چىن ئىپارى.
مۇغ               1) مەجۇسى، ئاتەشپەرەس، ئوتقا چوقۇنغۇچى؛
                   2) كۆچمە م: مەيپۇرۇش؛
مۇغ دەيرى- 1) مەيخانا؛ 2) ئوتقا تېۋىنغۇچىلارنىڭ ئىبادەتخانىسى.
مۇغبەچە        مەيخانىنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىنى قىلىدىغان خادىمى، مەي توشۇغۇچى بالا.
مۇقەددىمە       1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى دەسلەپكى مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى. بۇ بۆلەك ‹‹مۇقام›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ 2) ئالدىدا ماڭغۇچى (ئەسكەر)؛ 3) ئالدى بىلەن ئېيتىلىدىغان سۆز، نۇتۇق؛ ئەسەرنىڭ باشلىنىش قىسمى، كىرىش سۆز.
مۇل              مەي ، شاراب، ئىچىملىك.
مۇلاقات      ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش.
مۇنادى            چاقىرىلغان، چاقىرىق، جار سېلىش.
مۇنەققەش          نەقىشلەنگەن، بېزىتىلگەن.
مۇنكىر          ئىنكار قىلغۇچى، تانغۇچى، رەد قىلغۇچى، قوبۇل قىلمىغۇچى.
مۇھەييا      تەييار، تەييارلانغان؛
             مۇھەييا قىلماق- ھازىرلىماق.
مۇھلىك     ھالاك قىلغۇچى، ئۆلتۈرگۈچى، يوق قىلغۇچى؛
             مۇھلىك سىتىز- ھالاكەتلىك، دۈشمەنلىك؛
             مۇھلىك سەرار-  ھالاكەتلىك يالقۇن.
مىر: " امير < ئەمىر>" كەلىمىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى. سۇلتان، شاھ، پادىشاھ.
مىر غەزەب: غەزەب پادىشاھى، ئەزرائىل.
مىر شاب: يىگىت بېشى.
مىر شەب: تۈن گۈزەتچىسى، جېسەكچى.
مىژگان             كىرپىكلەر.
مىسكىن        بىچارە، زەئىپ، چۈشكۈن، ھالسىز.
مىھرⅠ          قۇياش، ئاپتاپ، كۈن.
مىھرⅡ          سۆيگۈ، مۇھەببەت، ئىشق.
مىئراج كېچىسى       پارسچە ‹‹لەيلەئى مىئراج››، ئەرەبچە " لەيلەتۇل مىئراج " دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىجرىيە كالىندارى بويىچە رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى، شۇ كېچىدە، " مۇھەممەد پەيغەمغەر مىئراجغا چىققان " دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.


ن


ناجىنس ( nâjins)    پەس، يامان؛ جىنسداش بولغان.
نارۋەن (nârwen)            خۇش قامەت ۋە يوپۇرماقلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان بىر خىل دەرەخ.
ناسىھ  (nâsih)       نەسىھەتگوي، ئۆگۈت بەرگۈچى، تەربىيە بەرگۈچى.
نافە    (nâfe)      ئىپار، مۇشك.
نافەئى تاتار: تاتار مۇشكى، ساپ ۋە خۇش بۇي ئىپار.
ناۋەك       1) كامان ئوقى؛ 2) مەجھۇل م: كىرپىك.
نە تاڭ: ئەجەبلىنەرلىگى يوق.
نەرگىس           1) گۈلى كۆزگە ئوخشايدىغان بىر خىل گۈل، نەغەز گۈلى؛ بوتاكۆز گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ 2) كۆچمە م: كۆز؛
نەرگىسى جادۇ- سېھىرلىك كۆز، شوخ كۆز، ئويناق كۆز.
نەستەرىن      ئاچ ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈل.
نەسىم           سەلكىن شامال، مەيىن شامال، تاڭ شامىلى؛
             نەسىمى سەبا- شەرقتىن ئەسكەن مەيىن شامال؛
             نەسىمى سەبكىر- تۈن شامىلى.
نەيسان         باھار، ئاپرىل ئايلىرى؛
           نەيسان زۇلالى- باھار يامغۇچى.
نەغمە       1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› دىكى كۈي ئىسىملىرىدىن بىرى. مەسىلەن: ‹‹چوڭ نەغمە›› دېگەنگە ئوخشاش؛ 2) كۈي، ئاھاڭ، مۇقام؛ 3) سايراش.
نەفئ          پايدا، مەنپەئەت؛
            بىنەفئ- پايدىسىز ؛
نەفئ رەسان- پايدا يەتكۈزگۈچى؛
نەفئ كۇللىي- كۆپ پايدا، تولا نەپ.
نەقي        رەت قىلىش، يىراقلىشىش، كەتكۈزۈش، قاچۇرۇش.
نەقد      1) تاللانغان؛ خالىس، ساپ؛ 2) قىممەتباھا نەرسىلەر؛ 3) ئاقچا، قىممەتباھا ۋە تەييار ئەشيالار؛ 4) تەييار؛ دەرھال؛
          ئەجناسى نەقد- قىممەتباھا ئەشيالار.
          نەقدى ئەمانەت- ئامانەت قويۇلغان قىممەتلىك نەرسىلەر.
نەقىشⅠ      گۈل، نەقىش؛
       نەقىش باسماق- گۈل سالماق، باسماق؛
       نەقشى خانەم- مۆھۈرگە ئويۇلغان يېزىق، ئۈزۈك كۆزىگە ئويۇلغان مۆھۈر.
      نەقشى چىن- خوتەن نەقىشلىرى، چىرايلىق نەقىش، ناھايىتى سەلتەنەتلىك رەسىم.
نەقىشⅡ      كۈي، ناخشا؛
       نەۋا نەقشى- نەۋا كۈيى، مۇقامى؛
       نەقشۇ ئەمەل باغلاماق- كۈي بەستىلىمەك، نوتا يازماق؛ ئاھاڭغا سالماق.
نەقشىبەندىي       خوجا باھاۋىددىن نەقشىبەند تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان سوپىلىق تارمىقىغا تەۋە كىشى.
نەققاش:
نەققاشى چىنى: خوتەن رەسسامى، چىن رەسىمچىسى؛
نەققاشى سۇنئ: ياراتقۇچى، اللە.
نەكھەت        خۇش ھىد، خۇش پۇراق.
نەھار     كۈندۈز؛
نەھاران؛ كۈندۈزى، كۈندۈزدە.
نەۋا      1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى ئونىنچى مۇقامنىڭ نامى؛ 2) ئاۋاز، سادا، ئۈن؛ 3) كۈي، مۇزىكا ئاھاڭى، مۇڭلۇق ئۈن؛ 4) بايلىق؛ 5) نەسىۋە، بەھرە.
نەۋادىر: نادىرلىقلار.
نەۋادىر ۇش سەباب:      ‹‹ياشلىق نادىرلىقلىرى›› ياكى ‹‹ياشلىق لىرىكىلىرى››. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹‹خەزايىنۇل-مەئانى›› تەركىبىدىكى ئىككىنچى دىۋاننىڭ نامى.
نەۋئ         تۈر، جىنس؛
نەۋئى بەشەر- ئىنسان جىنسى؛
نەۋئى تاش- تاش جىنسى، تۈرى.
نۇزۇل        چۈشۈش، يۇقىرىدىن پەسكە چۈشۈش؛ قونۇش.
          نۇزۇل بولماق- چۈشمەك، قونماق.
نۇسخە     1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ چوڭ نەغمە قىسمىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى؛ 2) يېزىق، بىرەر يېزىقنىڭ ئەينەن كۆچۈرمىسى؛ 3) كىتاب، رىسالە.
نۇشⅠ      1) تاتلىق، شېرىن تەم؛ 2) ھەسەل، بال؛  
           نۇشى لەب- لەۋنىڭ شېرىنلىكى؛
           نۇشى ھەيات-  ھايات لەززىتى.
نۇشⅡ       سۆز بىرىكمىسىدە كېلىپ ‹‹ئىچكۈچى›› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
             نۇش ئەيلەمەك- ئىچمەك.
نۇكتە             نازۇك مەنىلىك سۆز، مەنىسى چوڭقۇر، چىرايلىق، قىزىق سۆز.
نۇقتە        1) نوقتا؛ 2) خال، داغ؛ 3) ئەرەب ئېلىپبەسىدە ت، ج گە ئوخشاش ھەرپلەرگە قويۇلىدىغان توچكا،چىكىت.
نۇقل             مەي ئىچكەندە يېيىلىدىغان تاتلىق-تۇرۇم، زاكوسكا.
نىسار         چېچىش، چاچقۇ (ھۈرمەتلىك كىشىلەرنىڭ بېشىدىن گۈل تەڭگە-تىللا چېچىش).
       نىسار ئەيلەمەك-  چاچقۇ چاچماق، چاچقۇ قىلماق، پىدا قىلماق.
نىشىن   ئولتۇراقلاشقۇچى، ياشىغۇچى. سەھرا نىشىن-سەھرادا ياشىغۇچى.
نىگاھبان:       قارىغۇچى، كۈزەتكۈچى، قاراۋۇل، قورۇقلىغۇچى.
نىگار         1) رەسىم، سۈرەت، تەسۋىر؛ 2) ك: گۈزەل مەھبۇب، يار.
نىھان        يوشۇرۇن، مەخپى، بۆكۈۋالغان، بېكىنگەن.   


ھ


ھاتەمى تەي    تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئادى بىننى ئەبدۇللاھ بىننى سەئىد، بۇ زات ئەرەب قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن ۋە شائىرلىرىدىن بولۇپ، سېخىيلىقى بىلەن شۆھرەت تاپقان، بەزى شېئىرلىرى توپلىنىپ بىر دىۋان ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە لوندرادا نەشىر قىلىنغان، مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىغىچە ياشىغان بولسىمۇ لېكىن دىدارلىشىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان.
ھاسىل        1) ئۈنۈم، ھاسىلات، نەتىجە؛ 2) خۇلاسە؛
           ھاسىلى كەلام - دېمەك، سۆزنىڭ قىسقىسى، خۇلاسىسى.
ھافىز           1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى؛ 2) قۇرئاننى يادقا بىلگەن كىشى؛ 3) تۈرلۈك ئاھاڭلاردا ناخشا ئېيتقۇچى.
ھامۇن       كەڭ ۋە تەپتەكشى دالا، قىر، سەھرا، تۈزلەڭلىك.
ھەبىب         سۆيۈملۈك، دوست؛
ھەبىبۇللاھ: ******نىڭ دوستى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن سۈپەت.
ھەجر       جۇدالىق، ئايرىلىش.
ھەشەم      1) يېقىن كىشى، بىر كىشىنىڭ ېېنىدا ھەر دائىم بىللە يۈرگۈچى؛ 2) قەبىلە، ئەل: 3) مەرتىۋە، دەرىجە. ،  
ھەل         1) مۇرەككەپ ماددىنى ياكى مۈشكۈل بىر مەسىلىنى يېشىش نەتېجىسىدە قىيىن مەسىلىنى ئىزاھلاپ بېرىش؛ 2) ئېرىتىش، ھەل ياساش، ئالتۇن ياكى كۆمۈشتىن ھەل بېرىش؛ 3) كىمىيا قائىدىسىگە بىنائەن بىرەر جىسىمنى تەركىبى قىسىملارغا ئاجرىتىش؛ 4) ئارىلاشتۇرۇش، ئېزىش، سۇدىلەش، تويۇش.
ھەمراجان     ‹‹ھۇرىلىقا-ھەمراجان›› داستانىدىكى باش قەھرىمان، ھۇرىلىقانىڭ ئاشىقى.
ھەمل      دۈمبىسىگە ياكى بېشىغا كۆتۈرگەن يۈك.
ھەمۋار     تۈپتۈز، تۈز.
ھەيئەت      1) شەكىل، سۈرەت، كۆرۈنۈش؛ 2) ئاسمان ۋە ئۇنىڭدىكى جىسىملارنىڭ شەكىل ۋە ھەرىكىتى توغرىسىدىكى پەن. ئاستىرونومىيە.
ھەيف          ئىسىت، ئەپسۇس، ئەتتەڭ.
ھەيف ئەتمەك: ئېچىنماق
ھۇدا: ھىدايەت.
ھۇرⅠ       1) ئەركىن، ئازادە؛ 2) پاكىزە.
ھۇرⅡ     1) شەھلا كۆز، گۈزەل، جەزىبىلىك قىزلار؛ 2)  جەننەتتىكى گۈزەل قىزلار، ھۈرلەر؛
                ھۇرى رىزۋان- جەننەتتىكى گۈزەل قىزلار، ھۈرلەر.
ھۇرى ئەين      جەننەتتىكى كېيىك كۆزلۈك، ناھايىتى گۈزەل قىزلار، كۆزلىرىنىڭ قارىچۇقى بەكمۇ قارا، ئېقى بەكمۇ ئاق بولغان جەننەت قىزلىرى.
ھۇما(ي)         ئەپسانىۋى قۇش، دۆلەت قۇشى ( رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ قۇشنىڭ سايىسى كىمنىڭ بېشىغا چۈشسە بەختىيار بولارمىش).
ھۇسەينىي   قەدىمكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن بىرسىنىڭ نامى. مۇقام تېكىستلىرىدە بۇ نام مۇنداق تىلغا ئېلىنىدۇ:
مەقاملارنىڭ ئاتاسىنى ھۇسەينىيۇ، ئەجەم دەرلەر،
بۇلاردىن يۇقارىكىم پەردەئى بەيادىنى چالسام.
« ھۈسەينىي » بىلەن « ئەجەم » نى مۇقاملارنىڭ ئاتىسى دېيشىدۇ، مەن ئۇلارنىڭمۇ يۇقىرىسى بولغان « بەياد » پەدىسىگە چالسام.( ق. ئە ئۇ م ت 2-بەت)
ھىرس     بىرەر نەرسىگە قاتتىق بېرىلىش؛ تەمە، ئاچكۆزلۈك؛
ھىرسۇ ھەۋا: ھىرىسمەنلىك ۋە ھەۋەس؛ خام خىيال، خىيالپەرەسلىك.
ھىجاز      1) قەدىمكى مۇقاملاردىن بىرىنىڭ نامى؛ 2) ئاھاڭ، كۈي؛ 3) ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمى، مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرى جايلاشقان تېررىتورىيە.
ھىدايەت: توغرا يول.
ھىندۇ       1) ھىندى، ھىندىستانلىق؛ 2) كۆچمە م: قارا رەڭلىك .  
           خالى ھىندۇ- قارا مەڭ.


ئو


ئوريان: يالاڭ، يالىڭاچ.
ئوريان باش: يالاڭباش.
ئوششاق: 1) ئاشىقلار، سۆيگەنلەر. 2) سەككىزىنچى مۇقامنىڭ نامى، خەلق تىلىدا، " ئوشاق" دېيىلىدۇ.
ئوغان              تەڭرى، ******، ياراتقۇچى، ******.


ئۇ


ئۇزار              يۈز، بەت، چىراي، چېھرە؛ چېكە؛
ئۇزار ئاچماق- چىراي ئاچماق.
ئۇلۇس           ئەل، خەلق.
ئۇمم: ئانا.   
ئۇممان        ئەرەبىستاندىكى بىر دېڭىزنىڭ نامى. ئۇممان دېڭىزى.
ئۇممۇل مۇسلىمىين: مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى.


ئۆ


ئۆزلۈك          مەنلىك، شەخسىيەت، ئۆزلۈك، خۇسۇسىيەت.
ئۆزھال     1) ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى ئالتىنچى مۇقامنىڭ نامى؛ 2) ئۆزىنىڭ ھالى-زارى، ھال-زار ئېيتماق، ئۆز ئەھۋالىدىن قايغۇرماق، نالە-زار قىلماق.


ئۈ


ئۈلفەت: دوست.
ئۈلفەت ئولماق: دوست بولماق.
ئۈممەت: مىللەت.
ئۈممەتى مۇھەممەد: مۇسۇلمان.


ۋ


ۋەرەقە       ‹‹گۈلشاھ-ۋەرەقە›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن بىرى، گۈلشاھنىڭ ئاشىقى. ھىلالنىڭ ئوغلى.
ۋەرد                      ئەتىرگۈل.
ۋامىق    نورۇزاخۇن كاتىب زىيائى يازغان ‹‹ۋامىف-ئۇزرا›› ناملىق داستاننىڭ باش قەھرىمانى، ئۇزرانىڭ ئاشىقى.
ۋەھدەت                بىرلىك، يەككە-يىگانىلىق.   
ۋەھشى            ۋەھشى، ياۋايى ھايۋان؛
ۋەھشى ۋە باغى: ياۋايى ۋە قولغا ئۆگىتىلگەن.
ۋەھشۇ تەير: ياۋايى ھايۋان ۋە قۇش.
ۋەيسى فىرەن       (ئۈۋەيسەل-قەرانى) ياكى ۋەيس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كىشى خەلىفە ئەبۇ بەكرى ۋە خەلىفە ئۆمەر دەۋرلىرىدە مەدىنىدە كۆپ ھۈرمەت قازانغان. ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئۇلۇغلىرىدىن بولۇپ، ھەدىستە مەدھىيلەنگەن ۋەلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ۋۇسلەت؛ يېتىشىش، ئېرىشىش.
ۋۇسۇل؛ ئېرىشىش؛ مەقسەتكە يېتىش. تەرىقى ۋۇسۇل: ئېرىشىش يولى.
ۋۇسۇل ئەھلى- ئېرىشكەنلەر، قوشۇلغانلار؛
ۋۇھۇش          ۋەھشى ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋانلار.
ۋىرد            تەرك ئەتمەي دائىم ئوقۇپ تۇرىدىغان دۇئا.
ۋىرد تۇتماق: دائىمىيلىك ئىش قىلماق.


ئى


ئىبنى يەمىنجان     رابغۇزىنىڭ ‹‹قىسەسۇل ئەنبىيا) ناملىق ئەسىرىدىكى مەشھۇر ‹‹يۈسۈف ۋە زىلەيخا›› قىسسسىنىڭ باش قەھرىمانى يۈسۈپنىڭ بىر ئانىدىن بولغان قېرىندىشى، ئۇكىسى.
ئىتاب        قەھر، غەزەپ؛ جازا، قىيناق؛
ئىتاب ئامىز: قەھرى بىلەن، غەزەپ ئارىلاش.
ئىراق  1) ئۇيغۇر  ئون ئىككىنچى مۇقامىنىڭ نامى؛ 2) ئىراق دۆلىتى. 3) يىراق، ئۇزاق.
ئىرشاد   توغرا يول كۆرسىتىش.
ئىسار               بېغىشلاش؛ ئىنئام قىلىش؛ تەقدىم قىلىش.
ئىسفىھانچە قىلىچ      ئىسفىھانچە ياسالغان قىلىچ، ئىسفىھان قىلىچى، ئېسىل ۋە ئۆتكۈر قىلىچ.  
ئىسكەندەر   ئىسكەندەر زۇلقەرنەين؛ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹‹خەمسە›› تەركىبىدىكى ‹‹سەددىي ئىسكەندەر›› ناملىق داستاننىڭ باش قەھرىمانى. ‹‹ئابىھاياتنى ئىزدەپ خىزىر پەيغەمبەر بىلەن زۇلمەتكە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۇنى ئىچىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان›› دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئىسمائىل لەقىمى ‹‹زەبىھۇللاھ››.  رابغۇزىنىڭ ‹‹قىسەسۇل ئەنبىيا›› ناملىق ئەسىرىدە ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرى. ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى. " ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسمايىلنى اللە يولىدا قۇربانلىق قىلماقچى بولىدۇ. سەبى ئىسمايىلمۇ چىن دىلىدىن رازى بولىدۇ. قۇربانلىق قىلىش ئالدىدا اللە ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا جەننەتتىن كۆك بىر قوچقارنى ئەۋەتىدۇ. قوينى قۇربانلىق قىلىش شۇنىڭدىن قالغان " دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.                       
ئىسمى ئەئزەم   ئەڭ ئۇلۇغ ئىسىم، اللەنىڭ ئىسمى؛ بىرقانچە خاس ئايەتنىڭ نامى.
ئىشرەت ئەنگىز 1) سۇلتان ئابدۇررەشىد خاننىڭ خانىشى، مۇقامشۇناس خانىش ئاماننىساخان ئىجاد قىلغان مۇقامنىڭ نامى؛ 2) شادلىق قوزغىغۇچى، ياشاتقۇچى.
ئىفشا                پاش قىلىش، ئېچىش، ئاشكارىلاش.
ئىفشا ئەيلەمەك: پاش قىلماق، ئېچىپ تاشلىماق.
ئىنتىخاب        تاللاش، شاللاش، سايلاش.
ئىنتىخاب ئەيلەمەك: تاللىماق، سەيلىمەك.
ئىنتىخاب ئەتمەك: تاللىماق.
ئىئتىماد               ئىشەنچ، تايانچ.
ئىئتىمادلى ئىنسان: ئىشەنچلىك ئادەم.
ئىئجاز   مۆجىزە كۆرسىتىش، مۆجىزىلىك، مۆجىزە؛
              ئىئجاز ئەھلى- مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەر ، مۆجىزىكار كىشىلەر ، پەيغەمبەرلەر.
              ئىنتىخاب ئەيلەمەك- سايلىماق، تاللىماق، تاللاپ چىقماق.
ئىيسا ‹‹قۇرئانى كەرىم›› دە نامى كۆرسىتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرى، رابغۇزىنىڭ ‹‹قسسەسۇل ئەنبىيا›› ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىيسا پەيغەمبەر بى بى مەريەم ئانىنىڭ ئوغلى بولۇپ، بىر " سۈف!" قىلىش بىلەنلا ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدىغان مۆجىزىلىك خىسلەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ‹‹رۇھۇللاھ›› دەپ ئاتالغان.                                                


ي


ياخۇد: ياكى، ياكى بولمىسا.
يادا تاش     1) رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ تاشقا قان چاچرىسا يامغۇر ياغقىدەك، قەدىمكى زاماندا قۇرغاقچىلىق بولۇپ قالغۇدەك بولسا، كىشىلەر قوي-كالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يادا تاش ئۈستىگە تامغۇزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن يامغۇر تىلەيدىكەن؛ 2) قەدىمكى زامان كىشىلىرى ئالتۇننىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى يادا تاشقا سۈركەيدىكەن، شۇنىڭدا ئالتۇننىڭ راست-يالغانلىقى مەلۇم بولىدىكەن.
ياراتىغ            يارىتىلىش، ياراتماق (تەڭرىگە خاس).
يا رەب: ئەي ئىگەم، ئەي پەرۋەردىگارىم، ئى ******ىم.
يارىم ساقى     1) ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەركىبىدىكى بىر مۇزىكا بۆلىكىنىڭ نامى؛ 2) مەي تۇتقۇچى، شاراب سۇنغۇچى (مۇھەببەت شارابى بىلەن مەست قىلغۇچى) يار.
يازىلماق          1) يېشىلمەك، بوشىماق، يېيىلماق؛ 2) يېزىلماق، يېزىلىش، پۈتۈلۈش.
ياستانماق      باش قويماق، ياستۇق قىلىپ ياتماق، تايانماق، يۆلەنمەك، تەكىيە قىلماق؛
            كۈل ياستانماق- كۈلگە باش قويماق، كۈلگە مىلىنىپ ياتماق؛ خاراب بولماق، خارۇ زارلىق.
ياسۇمەن:     ياسىمەنگۈلى ( خۇش پۇراق، ئاق ۋە سېرىق رەڭدە ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈل).
يەمەن:       1) ئەرەب دىيارىدىكى بىر ۋىلايەتنىڭ نامى؛ 2) ك. روناق تاپمايدىغان يەر.
  ‹‹كۆرۈپ گۈلتەك يۈزۈڭ رەڭگىنى كۆزدىن يۈز چەمەن بولدى،
     ئەقىف ئەزنىڭنى كۆرگەلى كۆزۈم ھالى يەمەن بولدى››.
سەككاكى
يەئقۇب: ‹‹قۇرئانى كەرىم›› دە ئىسمى تىلغا ئاتالغان پەيغەمبەرلەردىن بىرى. ئىسھاق پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى، ‹‹يۈسۈف ۋە زىلەيخا›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى يۈسۈپنىڭ ئاتىسى. " ئوغلى يۈسۈپتىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ پىراقىدا 40 يىل ياش تۆككەن " دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.  
يۇسۇف:        يەئقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى. رابغۇزىنىڭ ‹‹قىسەسۇل ئەنبىيا›› ناملىق ئەسىرى تەركىبىدىكى ‹‹يۈسۈف ۋە زىلەيخا›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى، زىلەيخانىڭ ئاشىقى.
يۇسۇفبەگ:      ‹‹يۈسۈف ۋە ئەھمەد›› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى، ئەھمەد بەگنىڭ ئاكىسى.






مەنبە : گۇما دىيارى مۇنبىرى .

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 09:07 , Processed in 0.782752 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش