«بەگزادە»لەر مۇستەقىل ياشىيالامدۇ؟
مەلۇم ئورۇندا رەھبەر بولغان بىرەيلەننىڭ ئوغلى بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم.ئۇنى ئاتا – ئانىسى كىچىكىدىن نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى.كېيىن ئۇ جەمئىيەتتىكى يامان بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇمىدى،ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدى. ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغاماگىزىن ئېچىپ بېرىپ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بالىسىنىمۇ بېقىپ بەردى. بىراق ئايالىيوقىلاڭ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇرمۇشتاتېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ، يا بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتماي، تۇتسىمۇ ئەپلەشتۈرەلمەي، يەنىلائاتا – ئانىسىنىڭ سايىسىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئاتا – ئانىسى ئۇنى «بەگزادە»قىلىپ قويغاندى!؟
ھازىر، دۆلىتىمىزدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى، تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشىغائەگىشىپ يۇقىرىقىدەك «بەگزادە»لەرمۇ كۆپەيمەكتە. بۇ «بەگزادە»لەر مۇستەقىل ياشىيالامدۇ؟ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنى توغراتەربىيەلەشكە سەل قارىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى دېسەك، ھەرگىز خاتالاشمايمىز. چۈنكى بالىمىزيىقىلىپ كەتسە، »ۋاي بالام‘ دەپ يۆلىۋالدۇق، نېمىنى يەيمەن دېسە شۇنى ئېتىپ بەردۇق،ئەمگەك قىلدۇرماي «گۈرجەكنىڭ سېپىنىمۇ تۇتالمايدىغان» ھۇرۇن، تەييارتاپقا ئايلاندۇرۇپقويدۇق، نېمىنى ئالىمەن دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىپ، «چوڭچى» ئۆگىتىپ قويدۇق، ئىدىيەسىگەھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپچىلىق خاھىشىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۇلاردا ئىقتىسادچىللىق، ئاددىي– ساددا، كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇشتەك ئېسىل ئەخلاقلارنىڭ يېتىلىشىگە «توسقۇن»لۇققىلدۇق. ئەگەر بالا كىچىكىدە يىقىلىپ كەتسە ئۇنى يۆلىمەي ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىغايېتەكچىلىك قىلغان، پۇلىمىز قانچە كۆپ بولسىمۇ، ئاددىي – ساددا كىيىندۈرگەن، تاماقتاللىمايدىغان قىلىپ تەربىيەلىگەن، ئەمگەك قىلدۇرۇپ چېنىقتۇرغان، شەھەردە بولساق بالىمىزنىسەھرالارغا ئاپىرىپ، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرغان بولساق بالىمىز ھەرگىزمۇ «پارنىكشوخلىسى»غا ئايلىنىپ قالمايتتى، بىزنىڭ قولىمىزغىمۇ قاراپ قالمايتتى، «ئات»نى «ئېشەك»دەپ يۈرمەيتتى.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، دادام كادىر بولغان بىلەن قولىدىن جىق ئىش كېلەتتى.ئېتىز – ئېرىق، ياغاچچىلىق، توكچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلالايتتى، قول سائىتىياسىيالايتتى. ئىلگىرى ئولتۇرغان كونا ئۆيىمىزنىڭ كېسىكىنى ئۆزى قۇيۇپ، ئۆزى تام قوپۇرۇپ،ئىشىك – دېرىزىلىرىنى ئۆزى ياساپ ئورنىتىپتىكەن. لېكىن «سىلەرمۇ قىلىڭلار، ئۆگىتىپقوياي» دېمەپتىكەن. شۇڭا بۇ ئىشلار ئالدىمغا ئۇچرىسا قىلالماي تەمتىرەپ قالىمەن.
دۇنيادا پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان، ئىقتىدارلىقبولۇپ يېتىشىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا – ئانا بولمىسا كېرەك.لېكىن نۇرغۇن ئاتا – ئانا بۇنىڭ ئۈچۈن بالىدا مۇستەقىل قاراش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى،بەلگىلىك تۇرمۇش بىلىمى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىكەن،ھېس قىلغان تەقدىردىمۇ مۇشۇ بىر قاتار ئىقتىدارلارنى قانداق يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا باشقاتۇرمايدىكەن. «پەقەت ئۇلارنىڭ توققۇزىنى تەل قىلىپ بەرسەكلا، كېيىنكى تۇرمۇشى ياخشىئۆتىدۇ» دەپ بۇرنىنىڭ ئۇچىغىلا قاراپ، ئاخىرىدا پەرزەنتىنى ئۆزلىرىگە تايىنىپ ياشايدىغان«بېقىندى»غا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «بەگزادە»نىڭ ئاتا– ئانىسى ئۇنىڭغا كىچىكىدىنلا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەركە ئۆگىتىپ قويمىغان بولسا، ئۇمۇتۇرمۇشنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلىشى مۇمكىنئىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئاتا– ئانىلار بالىسىنىڭ «توققۇزىنى تەل» قىلىپ قويغاننىڭ ئورنىغا كىچىكىدىن جاپا – مۇشەققەتكەچىدايدىغان ئىرادىلىك، ئاددىي – ساددا، ئىقتىسادچىل قىلىپ تەربىيەلىگەن، تۇرمۇشنىڭ«داشقازان»لىرىدا پىشۇرۇپ، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ قويغان تۈزۈك(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )