ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 8805|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىساس ئەتىرگۈلى ئېچىلىۋاتىدۇ(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىساس ئەتىرگۈلى ئېچىلىۋاتىدۇ(ھېكايە)

(http://bbs.oylirim.cn)7 ?! e1 |: f7 T3 I(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)! T. `/ t8 t! e7 Q. I# H3 y
(http://bbs.oylirim.cn)3 `( J9 S3 H7 {* l1 B( }
ئارزۇگۈل تۇنىياز
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)! N7 X+ }9 I+ H5 h2 Sئۇ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا كېتىۋېتىپ بىر پاي ئايىقىنى يۈتتۈرۈپ قويدى،قانداقتۇر يالاڭئاياق قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەمەس كىشىلەرنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر پۇتىنى يۇشۇرۇپ باقتى، بولمىدى، كىشىلەر ئارىسىدىن تېزراق كېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاۋال تېز ماڭدى،ئاندىن يۈگۈردى، شۇنچىلىك ھاردى،چارچىدى،بەدىنى سوغۇق تەرلەپ كەتتى...
(http://bbs.oylirim.cn)7 H9 q: V) K' I" r2 Hبۇنداق چۈشنى كۆرىشى بىرىنچى قېتىم ئەمەس ئىدى،بۇرۇن مۇشۇنداق چۈش كۆرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىگىتى ئۇنى تاشلاپ جىممىدە كېتىپ قالغانىدى،شۇ چاغدا ئۇ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن،ئىككىسى ئىجارە ئېلىپ بىرگە تۇرىۋاتقان كىچىككىنە ئۆيدە بىر نەچچە كۈنگىچە ھىچنەرسە يىمەي –ئىچمەي تۇرۇسقا قاراپ يېتىپ چىققانىدى،كۆڭلىدە ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن دەپ ئويلىغان،ئەمما ئۇنىڭسىزمۇ ئۆلۈپ قالمىدى ،ياشاۋەردى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ قېتىم بولسا ئېرى ئۇنى تاشلاپ كەتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن قىلغان ئەقىدىسىگە ئەپسۇسلىنىپ قالدى،ئەمما كۆڭلىدە ئاياق بىلەن ئەرنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشىنەلمەي قىينالدى.
(http://bbs.oylirim.cn), Z, T4 X" J# E7 n& S5 gشۇنداق چاغلاردا ئاپىسىنى ئويلاپ قالاتتى،ئاپام چۈشىدە تولىمۇ كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،ئەسكىلىكىدىن پۇتىنى غاجاپ قان چىقىرۋېتىدىغان ئاياق كىيىپ چۈش كۆرىدىغان بولغىيمىدى دىگەن خىياللار كاللىسىغا كىرىۋالاتتى،دادىسىنىڭ ئاپىسىنى خۇددى ھايۋانلارنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالاشلىرى،ئۆزى ئوتتۇرىغا كىرسە چۆجىنى قاماللىغاندەك قاماللاپ چۆرىۋېتىشلىرى،قانغا تولغان قىپقىزىل كۆزلىرى...ھىلىمۇ ئۇنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۋېتەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
باشقىلارنىڭ دادا ھەققىدە گۈزەل ئەسلىمىلىرنىڭ بارلىقى بەلكىم راستتۇر،ئەمما ئۇ دادىسىنى ئويلىسىلا ئاۋال بۇرنىغا ئىسسىق قاننىڭ پۇرىقى ئۇرۇلۇپ،ئارقىدىنلا قاپقارا بىر سايە باستۇرۇپ كېلەتتى،بۇ سايە بىر ئۆمۈر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتاتتى،ئاپىسىنى ئويلايتتى،ئاشۇنداق بىر ئەر بىلەن نەچچە ئون يىل بىرگە ياشاپ،ئۇنىڭ قوينىدا يېتىپ نەچچە بالىلىق بولغىنىنى ئويلىسا ئىچ-ئىچىدىن تىترەك باساتتى.ئەر –ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى قېچىپ قۇتۇلغىلى،دەسسەپ يەنجىۋەتكىلى بولمايدىغان قارا سايە ئىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەرلەردىن يىرگىنىش،قورقۇش،ھەم قېچىشى قايسى كۈندە ئامراقلىققا ئالماشتى،قايسى كۈندە مۇھەببەتكە ئالماشتى،يەنە قايسى كۈندە ئاشۇ ئەرسىز ياشىيالمايدىغاندەك ئويلاپ يۈردى؟ئۇنىڭ نەپرىتى قانچە چەكسىز بولسا مۇھەببىتى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تېرەن ئىدى،ئۇنىڭ يىرگىنىشى قانچە كۈچلۈك بولسا مەپتۇنلىقىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەش ھاجەتسىز ئىدى،ئۇنىڭ يىرگىنىش بىلەن تولغان قەلبى مۇھەببەتكە شۇنچىلىك ئەسىر بولدىكى بۇ مەپتۇنكارلىقنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە نەچچە ئايلا قالغاندا سۆيگەن يىگىتى بىلەن يۇشۇرۇنچە ئۆي ئىجارە ئېلىپ سىرتتا تۇرۇپ بارلىقىنى ئاتاش ئارقىلىق ئىپادىلىدى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېرى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئالدىدا قىزنىڭ بارلىق ئۆتمۈشىنى قۇبۇل قىلىدىغىنىنى ،ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەرئۆزىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان بىر تال ئەتىرگۈلگىلا ئوخشايدىغانلىقىنى،ئۇنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ،بىر ئۆمۈر سۆيۈپ،بىر ئۆمۈر يۆلەنچۈك بولۇپ...ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.ئەرلەرگە نىسبەتەن بىر ئۆمۈر دىگەننىڭ قانچىلىك چەكتە ئىكەنلىكىنى ئۇ شۇ چاغداتازا ھىس قىلىپ بولالمىغان بولسا كېرەك،ئېرى ئۇنى تاشلاپ كەتكەندىلا بىر ئۆمۈر دىگەن مۇشۇنچىلىكلا ئىكەنغۇ دەپ ئويلىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)5 g0 l8 N$ ~3 }# [0 S4 k& s6 j! kبىر ئۆمۈر دىگەن ئېرى ئۇنىڭغا مۇشۇنچىلىكلا ھەمراھ بولغانغا قارىغاندا دادىسى ئاپىسىغا نىمە دەپ ۋەدىلەرنى بەرگەن بولغىيدى؟ئاپىسىمۇ ئاجايىپلا بىر ئايال ئىدى،تاياق-تىپىكلەر بىلەن يىقىلىپ چۈشۈپ،ئاغزى-بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتسىمۇ خۇددى ئاخىرقى نەپسىگىچە ئېلىشىشقا قەسىمى باردەك تاكى تۇرالمىغۇچە دادىسىغا ئېسىلىپ تاياق يەيتتى،چىدىمىغان قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئارىغا چۈشكەندە دادا خۇددى يىتىم قۇشنى قاماللىغاندەك گەجگىسىدىن تۇتىۋېلىپ پىرقىرىتىپ تاشلايتتى،دادىسىنى ئويلىسىلا قاپقارا تۇمان باستۇرۇپ كېلەتتى،ئەر-ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قارا تۇمان ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)1 ^5 ^, h, d# r8 X9 {8 bيىگىتى ئۇنى تاشلاپ جىمجىتلا كېتىپ قالغان شۇ سەھەردە ئۇ ئۆلۈمنى سېغىنغان،ھاياتىدىن ۋاز كېچىپمۇ كەتكەنىدى،كېيىن بىلدىكى ئۇ يىگىت-ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ھاياتىدا سۆيۈلۈشنىڭ تەمىنى بىلدۈرگەن،كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى،شۇڭا ئۇنىڭ مېھىرگە تەشنا يۈرىكى چۆلدە چاڭقىغان يولۇچى سۇنى كۆرگەندە ئۆزىنى ئاتقاندەك بۇ مۇھەببەتكە مەست بولۇپ كەتكەنىكەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
...ئېرىنىڭ بەرگەن تولىمۇ كۆپ ۋەدىلىرى ئۈچۈن ئۇ بەك كۆپ بەدەل تۆلىگەن ئىدى،ئەمما بۇ ئەر...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېرىنى ئويلىسىمۇ ئۇنىڭ تېنى شۈركىنىپ كېتەتتى،ئېرى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى،ئەمما...ئاخىرى ئېرى ئۇنى تاشلاپ كەتتى،ئۆزىدىن نەچچە ياش چوڭ بىر ئايال بىلەن توي قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا ئۇ ئانچە ئەجەپلىنىپمۇ كەتمىدى،بىر ھىساپتا خوش بولۇپمۇ قالدى،بۇ ئۇ ئەرنىڭ ئۇنى قايتا ئىزلەپ كەلمەيدىغىنىدىن دېرەك بېرەتتى،نىمە ئۈچۈن خوش بولغىنىنى كىشىگە دىگىلى بولمايتتى.ئۆزىنىڭ ئېرىگە ھەمراھ بولغان مۇشۇ يىللاردا نىمىلەرگە ئايلىنىپ كەتكىنىدىن نۇمۇس قىلاتتى،ئېرىنىڭ غەيرى ھەۋەسلىرىنى ئېسىگە ئالسىلا يىغلىغۇسى كېلەتتى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى،ئىسسىق سۇنى شارقىرىتىپ يۇيۇنغىنىدا ۋۇجۇدىدىكى ئۆزىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقلارنى قوغلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالاتتى،ئەمما كىملەردۇر ئېيتقان مۇنچىدىن چىققان ئايالنىڭ ئەڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىناتتى،ئۇ مۇنچىدىن چىققان پېتى رەڭسىز،بوياقسىز ياشاپمۇ باقتى،ئەرلەردىن قورقۇپ،ئەرلەردىن يىرگىنىپ ياشاپمۇ باقتى،ئەرلەرنى سۆيۈپ،ئەرلەر ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ ياشاپمۇ باقتى...
(http://bbs.oylirim.cn)9 S; i$ r9 T; n; j& a* e! l' rئەرلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ ئېقىپ تۇرغان سۇغا ئوخشايدىغانلىقىنى،سىرتىدىن قارىسىڭىز جىمجىت كۆرۈنگىنى بىلەن يار ئېلىش ئالدىدىكى دەريا سۈيىدەك تىنىمسىز ئىكەنلىكىنى،ئايال جىنىسقا نىسبەتەن مەڭگۈ قانائەتسىز كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندەك بولدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېھتىمال دادىسىمۇ ئاشۇ قانائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن جاھىل،رەڭگىدىن كېتىۋاتقان ئاپىسىنى ئۇرۇش ئارقىلىق دەردىنى چىقىردىغان بولغىيمىدىكىن؟...دادىسىنى ئويلىسىلا بىر مۇدھىش پۇراق ئۇنى ۋەھىمىگە سېلىپ ئۆتەتتى.بۇ ۋەھىمە تاكى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرغىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغاندەك قىلاتتى.
(http://bbs.oylirim.cn); f7 u! H6 Q+ _; r+ E  s. jئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئاشۇ قارا سايىدىن،ئاشۇ چەكسىز تۇماندىن،ئاشۇ تۈگىمەس ۋەھىمىدىن قۇتۇلغۇسى بار ئىدى،ئەمما قۇتۇلالمايتتى،مەيلى كېچە،مەيلى كۈندۈز ئەر ھەم ئۇنىڭ سايىسى ھامان ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىدى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ چىرايلىق ئىدى،ئۇ ئەقىللىق ئىدى،ئەمدى ئۇنىڭغا تەجرىبە قوشۇلدى،ئۇ ئاخىر ئۆزىدە ئۆزىنى بىر ئۆمۈر كولدۇرلىتىپ بىر ئۆمۈر ئازاپلاپ ھەم قىيناپ كەلگەن ئەرلەرنى بويسۇندۇرىدىغان قورال بارلىقىنى بايقىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)- e4 p( s5 k7 B! @قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆينىكىنى كىيگەندە،كەڭ گىرۋەكلىك كۆزئەينىكىنى تاقاپ،ئىگىز پاشنىلىق قارا ئايىقىنى تاراسلىتىپ ماڭغىنىدا ئايالىنى قولتۇقلاپ ماڭغان ئەرلەرنىڭ يۈرىكىنى ئوينىتىپ،ئاياللارنىڭ يۈرىكىنى خۇن قىلىۋەتكىلى بولىدىغىنىنى،ئۇزۇن چېچىنى يەلپۈتۈپ قويىۋېتىپ قارا كۆينەككە ئاق ئاياغنى ماسلاشتۇرۇپ كېتىۋاتقىنىدا نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ قايرىلىپ قارىغىنىنى،سېرىق رەڭ بىلەن قارا رەڭنىڭ،يېشىل بىلەن ئاقنىڭ تولىمۇ ماسلىشىدىغىنىنى بايقىۋالدى.
(http://bbs.oylirim.cn); i5 l9 s) ~' h8 rئالدىنقى يېرىم ئۆمرى رەڭسىز ئىدى،ئەمدى ئۇ قاشنى قانداق ياسىغاندا تېخىمۇ جەلپكار بولغىلى،قايسى خل لەۋسۇرۇخنى ئىشلەتكەندەكىيىم بىلەن تېخىمۇ ماسلاشتۇرغىلى،قايسى خىل ئەتىرنىڭ مەڭگۈ ئەستىن كۆتىرىلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىۋالدى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بەزىدە نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقىنىنى چۈشەنگۈسى كېلەتتى،ئەمما چۈشىنەلمەيتتى،بەلكىم بىردىنبىر جاۋابى- ئەر بولغىنى ئۈچۈن.
(http://bbs.oylirim.cn). }% C  d& t# Aئۇ ئىگىز بولغىنى ئۈچۈن،قاۋۇل بولغىنى ئۈچۈن،قاملاشقان بولغىنى ئۈچۈن،كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن؟ياق...پەقەت ئەر بولغىنى ئۈچۈنلا.بۇنىڭدىن باشقا جاۋاپ يوق،پەقەت ئەر جىنىس بولغىنى ئۈچۈنلا.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دادىسىنى ئويلىسىلاچوڭقۇر بىر قاراڭغۇلۇق بېسىپ كېلەتتى،ئۇنىڭ ۋۇجۇدى تىترەپ سىلكىنەتتى،ئەر-ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇدھىش قاراڭغۇلۇق.
(http://bbs.oylirim.cn)7 ]8 {- P8 j  B! I. F8 g8 ]ئۇ ئىسىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرەتتى،يېنىدا ياتقان ئەرگە يىرگىنىش بىلەن قاراپ قويۇپ مۇنچىغا كىرىپ ئىسسىق سۇنى شارقىرىتىپ قويىۋېتىپ يۇيۇنغان ئاشۇ مىنۇتلارداۋۇجۇدىدىكى قانداقتۇر بىر نەرسىنى يۇيىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالاتتى،ئەمما ئۇ مۇنچىدىن چىققان ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىناتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تىكلىمە ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ،ئۈگىنىۋاتقان ئادىتى بويىچە تۈجۈپىلەپ گىرىم قىلاتتى،ئالدىرماي ئولتۇرۇپ قاشلىرىنى تال-تال قىلاتتى،بۇرنىنى تېخىمۇ قاڭشارلىق ،چاچلىرىنى ئەڭ يېڭى پاسۇندا ياسايتتى،لەۋلىرىدىكى لەۋسۇرۇخنىڭ رەڭگى كىيىمى بىلەن شۇنچە ماسلاشقان بولاتتى،كارۋاتتىكى ئەر ئۇنىڭ باياتىنلا يېنىدا ياتقان ئايال ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىدە ياسىنىپ،لەۋلىرىدە سۇس تەبەسسۈم...ئەرنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قويۇپ چىقىپ كېتەتتى...

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 10:01 , Processed in 2.185996 second(s), 37 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش