ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر كىم ؟ ئۇيغۇر دىگەن نام قاچان پەيدا بولغان؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر كىم ؟ ئۇيغۇر دىگەن نام قاچان پەيدا بولغان؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
« ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام دۇنيادا نوپۇسى ئون مىليوندىن ئارتۇق تۇركىي تىل سىېستىمىسىدا سوزلىشىدىغان، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەرق خەلقىنىڭ نامى. ھازىر دۇنيادا 30 نەچچە دولەت ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەتقىق قىلماقتا. مانائۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقىنى « ئۇيغۇر » نامى قانداق مەنىگە ئىگە؟ قاچاندىنبېرى قوللىنىلغان؟ دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى جاۋابسىز، بىز توۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
(http://bbs.oylirim.cn)0 f2 l/ I' B& \- p, G* ~+ `: e- W« ئۇيغۇر » نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازما خاتىرە يوق، شۇنداقتىمۇ بىز بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز. 11 - ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ« تۇركىي تىللار دىۋانى » دا بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۇرك خاقانى بىلەن پۇتۇم تۇزگەندىن كېيىن سالدۇرغان، زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۇرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى توت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند - بۇلار باشقىلارغاموھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئوزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ » دەپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاتاقلىق ئالىم ماھمۇد كاشغەرى خاتىرىلىگەن بۇ رىۋايەت بىزگە « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن بارلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇبۇرۇن مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى تىترەتكەن تارىخى شەخس. « ئۇيغۇر » نامىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىسكەندەرگە باغلاپ رىۋايەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ خاتىرىلەش ئەنئەنىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان يىلىنى خاتىرىلەش ئۇچۇن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئىبارەت مەشھۇر ئىستىلاچى ياشىغان دەۋرنى خاتىرىلەپ يىل دەۋرىدىن مەلۇمات قالدۇرغان.ئۇيغۇر نامىنى ئىسكەندەرگە باغلاشتىكى مەقسەت بۇ دۇنياۋى ئىستىلاچىغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ يىراق جايلارغىچە تارقىلىدىغانلىقى ، ئۇزاق زامانلارغىچە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىدىن بولغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە خاقانىيە ئاھالىسىنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن كۆرە ئوتتۇرائاسىيادا مىلادىيەدىن خېلى زامانلار بالدۇرلا مەۋجۇتلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كىشىلەرئېسىدە رىۋايەت سۇپىتىدە مەڭگۇ ساقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. رىۋايەتنىڭ مەقسەتلىرىنى داۋام قىلساق « ئۇيغۇر » نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قويغان بولۇشى ناتايىن. لېكىن دۇنيا مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تىلىدىن « بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي،ئوز ئوزۇقىنى ئوزى تەپىپ يەيدىغانلار » ئىكەنلىكىنى قايىللىق بىلەن دىگۇزۇش، ئەمەلىيەتتە ئوز نامىدىن پەخىرلىنىش ھەم خاسىيىتىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت، رىۋايەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركلەر بىلەن ئوخشاشلىقى بەلكى ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار بىر قىسمىنىڭ نامى بولغانلىقى، بۇتەڭداشلىقنى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوزى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا بايانلىرى تەرىپىدىنمۇئىسپاتلانغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4 - ئەسىردەياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بىر قىسمىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىگە ئوتكەنلىكىنى كورسىتىپ بەردى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي داستانى « ئوغۇزنامە » مۇ بىزگە106 - قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بەرىدۇ: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغا نىمەن ». « ئوغۇزنامە» رىۋايەت خاراكتىرىنى ئالغان تارىخىي بولۇپ ئەپسانىمۇ ئارلىشىپ كەلگەن. ئەسەر تەخمىنەن13 - ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغانبولسىمۇ ۋاقىئەلىك ناھايىتى قەدىمكى دەۋرگە بېرىپتاقىلىدۇ، بۇ تارىخى داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدىن بايانقىلىنىدۇ. كوپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ قارايدۇ. بىزبۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىكى تارىخىي شەخسبولۇپ « ئۇيغۇر » سوزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، سەۋەبى ئوغۇزخان قىپچاق،قارلۇق، قاڭقا، قالئاچ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ « ئۇيغۇر » نامىنى ئوغۇزخاننىڭ قويغانلىقىنىدىمىگەن، لېكىن « ئۇيغۇر » نامى ئۇلار قۇدرەتلىنىپ كۇچلۇك دولەت قۇرغاندا ھەممە قەبىلەئورۇقلارغا بايرىقى ئاستىغا جەملەنگەندە ئاندىن زاھىر بولغان. ئوغۇزخانمۇ ئۇيۇغانلارنىڭ،كۇچ - قۇدرەت تاپقانلارنىڭ قاغانى بولغان. بىز بۇ تارىخىي داستاندىن « ئۇيغۇر » نامىنىڭمىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى مەنە جەھەتتىن « ئۇتقۇچى،كۇچلۇك، قۇدرەتلىك، » مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ ھەمدە بىرەر مىللەتنىڭ ئەمەسسىياسىي گەۋدىنىڭ دولەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى كورسىتىپ بەرگەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نەمەتۇللا موجىزى ‹‹ تەۋارىخىمۇسقىييۇن›› ناملىق ئەسىرىدە (1854 - يىلى يېزىلغان) ‹‹ياركەند، خوتەن ئەھلى بۇ زامانغىچەبەش مىڭ سەككىز يۇز ئەللىگ يىل ›› ياشىغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەكەن،خوتەنلەردە ياشىغىلى 5850 يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئەجدادىمىز ھازىرغىچەتەخمىنەن ئالتە مىڭ يىل بولغان بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)- T6 B, [) R' h* Kبەزىبىر تارىخچىلار مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدىكى ۋەقەلەردەئۇچرايدىغان呼结 نامىنىمۇئۇيغۇر نامىنىڭ باشقىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ، چەت ئەل مەنبەلىرىگە مۇراجىئەتقىلىپ كورسەك مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان گېرىك ئالىمى تولمىي ‹‹جۇغراپىيە››ناملىق كىتابىنىڭ ‹‹ سېرىس ئېلى » بابىدا « ئوكخورداش، ئوكخورداي » ناملىرىنى خاتىرىلىگەن،تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىي پىكرىگە قارىغاندا سېرسى ئېلى خوتەن، قەشقەرلەرنى مەركەزقىلغان ھالدا تارىم ئويمانلىقىنى كورسىتىدىكەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىگەقارىغاندا يۇقىرىقى ئىككى نام « ئۇيغۇر دەرياسى، ئۇيغۇرلار » دىگەننى كورسىتىدىكەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىمى پروفىسسورئابدۇللا تىمەن ئوغلى ئەپەندى دىيارىمىز قوشنا ئەل بولغان ھىندىستاننىڭ مەنبەلىرىگەئاساسلىنىپ مۇنداق دىگەن: « ھىندىستان تارىخى ماتىرىياللىرىدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكىتۇركلەرنىڭ تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ دولەت قۇرغان خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئاھالىسىھازىرقى شىمالىي شىنجاڭدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ شەھەر تۇرمۇشى كەچۇرگەن. لېكىن تۇركنامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاتىغان ».(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ليويتاڭ « ئۇيغۇرلار ھەققىدەتەتقىقات » ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: « تۇرك ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىگەئاساسلانغاندا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلاربۇگۇنكى شىنجاڭ رايونىنى يادرو قىلغان ھالدا غايەت چوڭ خانلىق قۇرغان». مەيلى قانداق بولمىسۇن يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا « ئۇيغۇر » نامىنى مىلادىيەدىن خېلىلا ئىلگىرىپەيدا بولغان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان « ئۇيۇشقان » بىرئىنسانلار توپىنىڭ ۋە سىياسىي نامى سۇپىتىدە خىزمەت قىلغان.
(http://bbs.oylirim.cn)- D$ j% X& A+ h& S. V* A2 `بىر ئومۇر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان گېرمانىيىلىك ئاتاقلىقئالىم گۇبائىن خانىم مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندىگە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرسى، ئارىيانلار ھىندىستاندىن ياۋروپاغا كوچۇپ كېلىشتىن500 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دولىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل - يېزىق مەدەنىيىتى بار ئىدى »
(http://bbs.oylirim.cn)6 M* w" j, ]9 `, N6 oدىمەك، تارىخىي پاكىتلار بىزگە ئەنىق كورسىتىپ تۇرۇپتۇكى،ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمىي مىللەت بولۇپ تارىختا شىنجاڭنى مەركەز قىلغاندا كەڭ ئوتتۇرائاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىداسەمەرىلىك روللارنى ئوينىغان. « ئۇيغۇر » نامىغا كەلسەك بۇ نامنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكىھەققىدە بىۋاسىتە ئەنىق تارىخىي پاكىت بولمىسىمۇ بۇ نامنى ئەڭ كەيىن دەگەندىمۇ مىلادىيەدىنئىلگىرىكى 4 - ئەسىردىن بۇرۇن بارلىققا كېلىپ قوللىنىشقا باشلىغان دىگەن ئىلمىي پەرەزنىئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن.
(http://bbs.oylirim.cn)& [3 M+ o9 g# Vئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا پەيدابولۇپ دۇنيادىكى مۇھىم ئەل نامى بولۇپ قالدى، لېكىن مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدا بەلكىم مىلادىيىنىڭبېشىدا بۇ نام ئەسلىدىكى شان - شوھرىتىنى يوقاتقان، ئىلگىرىكى شوھرىتىنىڭ ئەكسىچە تارىخنامىلەركورۇلۇشى يوقنىڭ ھىسابىدا بولۇپ قالدى، بەلكىم ئىنتايىن كىچىك سىياسىي گۇرۇھ ياكى بىرەرقەبىلىنىڭ نامى سۇپىتىدە ساقلىنىپ قالغان بولسا كەرەك.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
« ئۇيغۇر » نامى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن تاكى 6 - ئەسىرگىچەيەنى تۇرك ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققۇچە ناھايىتى ئاز كورۇلدى، شۇنداقلا جۇڭگو مەنبەلىرىدە袁纥دىگەندەك ناملارداخاتىرىلىنىپ ناھايىتى ئاز كورۇلگەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مىلادىيە 7 - ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر نامىقايتىدىن تارىخىي، سىياسىي سەھنىدە ئوزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار دەسلەپ تۇركھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل تۇرۇش ئۇچۇن قارلۇق، باسمىل، سىرتاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپتۇركلەرگە قارشى كۇرەش ئېلىپ باردى. گەرچە ئوز ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولغانبولسىمۇ كوپ چاغلاردا تۇركلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مىلادىيىنىڭ740 - يىللىرى ئەتراپىدا ئوز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا، تۇركلەرنى ئوز ھاكىمىيىتىگەئېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت شەرقتىكى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئاتلىنىدۇ،شۇڭىمۇ فرانسىيىلىك شەرقشۇناس رېنى گوسسوت « يايلاق ئىمپىرىيىسى » ناملىق كىتابىدا،ئاۋىستىرىيىلىك ماككرىىس « ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » ناملىق كىتابىدا بۇ ھاكىمىيەتنى «ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » دەپ ئاتىغان. بۇنداق دىيىش ئاساسسىز ئەمەس ئىدى، چۇنكى جۇڭگودائەڭ ئۇزاق ھوكۇم سۇرگەن تاڭ سۇلالىسى ئوڭلۇك - سويگۇن توپىلىڭىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغاباج - سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ يەردىكى دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نۇقتائۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى 回纥نامى بولسا 回鹘غا ئوزگەرتىلدى.سەۋەبى مىلادىيە 789 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ شۇنداقيېزىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىككى خىل ئاتالمىنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ مەنەجەھەتتىن ئوز نامىنىڭ شوھرىتىنىڭ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۇرۇلۇشىنى كوزلىگەن، تارىخىچىلار« ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارغا ئوخشاش جەسۇر ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن » ئۇيغۇر« دىگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى 回纥 دەگەن سوزنى回鹘 دىگەن سوزگە ئوزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى » دەپ قارايدۇ. بىزبۇلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوز نامىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىزۋە ئۇ ئوزگەرتىش بىلەن يۇقىرىدا كورگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن باغلانغان رىۋايەتنىڭ مەلۇم مەنبەداشلىقى بار دەپ ئويلايمىز.
(http://bbs.oylirim.cn)5 ?# Q0 R; w7 g4 A. [

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 19:33 , Processed in 0.567998 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش