ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئـۇيـغـۇر زادى قانداق مىللەت ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏ئـۇيـغـۇر زادى قانداق مىللەت ؟
‏‏
(http://bbs.oylirim.cn)! K0 l+ d& V2 W( N! p, I. N( v# d# c: |    ‏يىقىندىن بىرى ئـۇيـغـۇر مىللىتى ھەققىدە تۈرلۈك باھالارنى بىرىدىغان «ئاقىللار» كۆپىيىپ قالدى ، ئـۇيـغـۇرلاردا ئىمان ئاجىزلاپ كەتتى، ئۇيغۇلاردا پاھىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى، ئـۇيـغـۇرلار بۇزۇلۇپ كەتتى ، ئـۇيـغـۇرلاردا دىۋانىلەر نېمىشقا كۆپ؟ ئـۇيـغـۇرلاردا ناخشا - ئۇسسۇل كۆپىيىپ كەتتى، ئـۇيـغـۇرلاردىكى ئەيىب - نوقسانلار دېگەندەك نۇرغۇن كاللىمىشاڭ گەپ ۋە ئاتالمىش «نەسىھەت» چىلەرنىڭ داد پەريادلىرى ئاۋۇپ قالدى ھەم دوستلۇق چەمبىرىكىنىڭ نەرىگە قارىسا ئـۇيـغـۇر مىللىتىنى ئەيىپلەيدىغان سۆز ئىبارىلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا بەزى پىكىرى پىشمىغان ئىدىيە يۇقۇندىسىنىڭ ئاپتىۋىدا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان كاللىلار، ئالجىپ قالسىمۇ ئاغزىدىن ھېكمەت بىلەن لىق نەسىھەت تۆكۈلىدىغان ئەھۋال بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 g0 S/ C" S3 Q( M, j    بەزى ئىگىسى يوق لەيلەپ يۈرگەن تېتىقسىز گەپلەرنىڭ ئاخىرىغا مىللىتىمىزنىڭ تارىخىدىكى غۇللۇق ئادەملەرۋە مەشھۇر شەخسنىڭ گېپىگە ئايلىنىپ قالدى، ئـۇيـغـۇرنىڭ ھازىرقى دىنى چۈشەنچىلىرى ۋە پەن بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش، سۈنئىي بىلەن شىئەلەرنىڭ پەرقى ۋە ئورتاقلىغى توغۇرسىدا ئىزدىنىش تورىدا بىلىمخۇمار ئەپەندى ئاجايىپ ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ ھەقتە بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولساڭلار شۇ تېمىلارنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 C- z( g3 @, N  S; T9 E7 l     مەنچە ئـۇيـغـۇر ئۆزىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخ ياراتقىنىدەك ھاياتقا ناھايىتى ئۈمىدۋار بېقىپ ياشاۋاتىدۇ، ئالىملىرىمىز دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىنىڭ ئالدىدا مەردانە تۇرۇپ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخار ئىچىدە مەن ئـۇيـغـۇر دەۋاتىدۇ. كاتەكتىكى توخۇنىڭ كۆردىغىنى پوققا ئارلىشىپ كەتكەن قوناق بولغىنىدەك، پىتنىۋازلارنىڭ كۆردىغىنى بىر ئىككى ئادەمدىكى ئەيىب بىلەنلا مىللەتنى يوققا چىقىرىش بولىۋاتىدۇ، بۇنداق پىتنىلەرنىڭ ئـۇيـغـۇرنىڭ رىئاللىغىغا پايدىسى بولماستىن ئەكىسچە يامان تەسىرى بار. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ئالدى بىلەن ئـۇيـغـۇر قىلىپتىن چىققان شام ياكى رىزىنكىنى قاينىتىپ ياسىغان كالاچ ئەمەس، شۇڭا قاسساپنىڭ كۆتىكىگە باھا بەرگەندەك باھا بىرىشكە قارىغۇلارچە ئۇنى بۇنى دەيدىغان ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق، دۇنيادا ئىسلامنىڭ ھەققى ھۆرمىتىنى قىلىپ ياشاۋاتقان تـۈرك بولسا، تـۈركنىڭ ئىچىدە ئـۇيـغـۇر ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا ئەڭ سادىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. باشقا مىللەتنىڭ مۇكەممەل يەرلىرى بولسا سىلىشتۇرۇش نوقتىسىدىن دېسەك بولىدۇ. لېكىن باشقىلارنى كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنى چۈشۈرگۈچىلەر زۇۋانىڭلارنى يىغىڭلار، ئـۇيـغـۇر ئۆزىنىڭ رىئال ئەھۋالىدا ياخشى ياشاۋاتىدۇ، ئەگەر مىللەتكە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر بولسا خەققە ئاقساقاللىق قىلىپ «نەسىھەت» چى بولىۋالماي ئۆزۈڭلارغا ئېگە بولۇڭلار. ھازىر يالغانچى مۇتىھەم راسچىللارغا نەسىھەت قىلىدىغان، نادان ئالىمغا ۋەز ئىيتىدىغان، جۇنۇپ مەسچىدتىن يانغان مۇسۇلمانغا پاكىزلىق ھەققىدە گەپ قىلىدىغان تەتۇر جاھان بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، ئۆزىمىز -ئۆزىمىزگە لىللا باھا بىرەلەيدىغان ئەقىل بولمىغاچقا ھېلى بىر ئامېرىكىلىق بىزگە باھا بىرىپتۇ دەپ، ھاقارەتكە ھەشقاللا دەپ، نەدىندۇر بىر كورىيەلىك بىرسىگە خەت دەپ تىما چىقسا ئالامەت دەپ چاۋاك چىلىشىپ كەتكەندىن سىرىت، دەرھال مىللەتنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ نەسىھەتكە چۈشۈپ كېتىشتىن ئۆتە ساۋاتسىزلىق بىزدە بارمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)# G. {( T) ^- U) _. a6 {- N, t    ساۋات دېگەن ھازىرقى دەۋىرنىڭ تەلىپى بويىچە خەت ئۇقۇيالايدىغان ئادەمنى ئەمەس بەلكى، خەتنى ئوقۇپ ئىجادى تەپەككۇر قىلالايدىغان ئادەمنى كۆرستىدۇ،  خوش، ئۇنداقتا سىز ساۋاتلىقمىكەنسىز؟ بىزدە يۈزلىگەن ئۇنىۋرسىتېتىتلار بار تەلىم تەربىينى ياخشى بىرىۋاتىدۇ، دۇنيا مىقياسىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرى داڭلىق دىنى ئالىملارنى قاتارغا قېتىۋاتىدۇ، بىر مەھەللىنى مىسالغا ئالساق، سەنئەت بىلەن ھەپىلەشكەنلەردىن مەسچىتتىكى ئىستىقامەتتە تۇرۇپ ئاللانى زىكىر قىلىۋاتقانلار كۆپ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا مىللەت خارەكتىلىك ئەيىپلەش بىلەن بولىۋاتقان قاپاقباشلار زادى نېمىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ پىتىنى بېقىش بىلەن بولماي يەنە مىللەتنى قامچىلاپ ئۈزىنىڭ ئىدىيسىنى بىزگە تاڭىدۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)& p2 n% v# @8 v9 |# ^. t    ئـۇيـغـۇرنىڭ قەھرىمانلىرى بۇ زىمىننى ئەبەدىيلىك ئارزۇلىرى ئارقىلىق مۇبارەك زىمىننى قۇچاقلاپ يېتىپتۇ، ئاتا ئانىلىرىمىز يەنە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەتمەننىڭ قۇلىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان باللىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، ئالىملار ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلىرىنى ياخشى قىلىۋاتىدۇ، ياشلىرىمىز ھەر قايسى ساھەدە جىننى تىكىپ ئوقۇۋاتىدۇ ۋە كۆرەش قىلىۋاتىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن نەسىھەتچىلەر بىلەن بىر ئادەمنى ئۇنى بۇنى قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلار سەن قانچىلىك نېمە؟ نېمىگە ئاساسەن مىللەتنى يوققا چىقىرىپ ھاقارەت قىلىشىسەن، ئەجىبا ئاللا ياراتقان كاللا مۇشۇ ئەھۋالنى بايقىمامدۇ؟ كۆزلەر كۆرمەمدۇ؟ قۇلاق ئاڭلىمامدۇ؟ ئەڭ ياخشىى ئەپقاچتى گەپلەر بىلەن ئۈزىمىزنى گوللىماي ياخشى كىتاپلار نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ ئوقۇيلى، توردىمۇ نېمە ئىزدىسەك بار كۆرۈپ پايدىلىنايلى، ھە دېسە خەققە ئاقساقاللىق قىلماي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پۇختا بولۇپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرسەك ھەممە كۆزىمىزگە ئىللىق كۆرىنىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
     ئۆزىنىڭ كۈننى ئالالمايۋاتقان، كاللىسىنى خەقنىڭ ئىدىيسى ئات چاپتۇرۇشقا ئىجارە بەرگەنلەرنىڭ كۆزىگە بارلىق جەمئىيەت ۋەيرانە كۆرۈنسە مىللەت بىچارە كۆرىنىدۇ، ئـۇيـغـۇر مىللىتى دۇنيادىكى ئىدىيسى ئىلغار ھاياتنى سۆيىدىغان، ئىنسانىي مېھرى - مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان قەيسەر بىر مىللەت، ئۇنىڭ ئىچىدە مەنمۇ ، سىزمۇ باشقىلارمۇ بار

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2014-6-3 22:30:07 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تىمىنى يۇللاپسىز


يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-6-4 12:44:31 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت سىزگە


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 06:07 , Processed in 0.598205 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش