• ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ئائىت قانۇن بەلگىلىمىلەر

    2012-12-07

    ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ئائىت قانۇن بەلگىلىمىلەر


    جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەممە مىللەت باپباراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقى ۋە مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ.

    دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

    ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويىلىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ھوقوقى يۈرگۈزىلىدۇ. مىللى ئاپتونوم جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر.

    مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل –يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
    (ئاساسىي قانۇن 4-ماددا)


    تارقاق ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئاز سانلىق مىللەت تەركىۋىدىكىلەر جەمئىيەت، زاۋۇت، مەكتەپ، تەشكىلات، ئورگان ۋە قىسىمدا بىردەك ئۆز مىللىتىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. باشقىلار ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئېتىبار قىلىشى شەرت، ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ.

    (مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ تارقاق ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئاز سانلىق مىللەت تەركىۋىدىكىلەرنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارى 3-ماددا)


    مىللىي ئاپتونوميىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    (مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى 10-ماددا)


    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:

    ......

    (6) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆر-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن تىرىتورىيىلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىشىغا ياردەم
    بېرىدۇ.

    (يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى 59-ماددا 8-تارماق)



    زەھەر تاشلايدىغانلار ئاز سانلىق مىللەتتىن بولسا، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

    (مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى 42- ماددا ئاخىرقى بۆلەك)


    يىغىۋېلىنىپ تەربىيەلىنىدىغانلار ئاز سانلىق مىللەتتىن بولسا، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن، تۇرمۇشتا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش كېرەك.

    (يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى 41-ماددا 2-تارماق)



    قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ–ئادىتىگە دەخلى–تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

    (جىنايى ئىشلار قانۇنى 251 –ماددا)



    ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەت قوبۇل قىلىشتا، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت ھۆرمىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

    (ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى 14-ماددا)


    ھەرقانداق نەشر بويۇمىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك:

    ......

    مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

    (نەشر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى 25-ماددا 4-تارماق)



    شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىق قىلىشى كېرەك.

    (شەھەر مىللەتلەر خىزمىتى نىزامى 24-ماددا)



    ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان

    分享到:
    خەتكۈچ: