• ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىنىسىي بوھران

    2012-11-08

    ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىنىسىي بوھران  
    بوھران مۇھەممەد تۇرسۇن(بىرزات)

     كېسەللىك روھىمىزنى، جىسمىمىزنى چىرماپ    ئەقلى قۇۋۋەتلىرىمىزنى زەئىپلەشتۈرۈپ ساغلام بولغان ھاياتلىق چۈشەنچىسى بىلەن ئۆز رىئاللىقىمىزغا دادىل يۈزلىنىشكە زور توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. كېسەللىك چىرمىغان ئاجىز تېنىمىزنىڭ، زەئىپ روھىمىزنىڭ نىمجان ئىڭراشلىرىدىن ئۆزىمىزنى يوقۇتۇشقا باشلىدۇق.  . ئەخلاقسىزلىق ۋۇجۇدىمىزغا مىكروب كەبى يامىراپ بىر پۇتۇن جىسمىمىزنى مىكروبقا ئايلاندۇرۇپ روھىيەتنى كۆيدۈرمەكتە. مەسئۇئۇلىيەتسىزلىك شەخسىيتىمىزگە يەل بىرىپ، ساختا ھاكاۋۇرلىقىمىزنى كۈچەيتمەكتە. سەمىمىيەت ئورنىنى ياسالما ئالىيجانابلىق، ساختاپەزلىك ئىگەللىدى. قىممەت - قاراش    ئۆزگەردى. پۈچەكلەشتى. كەيىپ بولغان شەيتانلار داقا -دۇمباقلىرىنى ياڭرىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.ئەلقىسسە،  ، ئەمدى گەپنى ئۇزۇن يىل روھىي سەرسانچىلىق دەستىدىن تىنى ئاجىزلاپ، مەجرۇھ بولۇپ قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بىر ياشنىڭ قىسقىچە كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشىغا ئىجازەت قىلغايمىز! ئۇنىڭ ماڭا يازغان خىتىنى كۆپ تەھرىرلىمەيلا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغايمەن. سالام بىرزات    ئەپەندىم ، سىزنىڭ مۇنبەرلەرگە يوللىغان تىبابەت ھەققىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ مەنپەئەت ئالغان ئادەم يالغۇز مەنلا بولمىسام كىرەك. سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بىلەن تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەپ ئۆزۈمنى ساغلاملىقىم ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، سىز ئېيتقان ساغلام ، پاكىز بولغان ھاياتلىق قارىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر مەزگىللىك جەريان كەتتى    ئەلۋەتتە. بۇ جەرياندا كېسەللىك يېلتىزىنىڭ ئادەم روھىيتىدە بولىدىغانلىقى، روھىيەتتىكى كېسەللىكنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا جىسمانىيتىمىزنى پالەچ قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈنۈپ يەتتىم.  سىزگە دېسەم، مەن ھۇشۇمنى تاپمىسام بولمىغۇدەك دەپ    ئۆز -   ئۆزۈمدىن     ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۆزۈمنى تۈگەشكەندەكلا ھېس قىلاتتىم، پۇت قوللىرىم ماغدۇرسىز، ئۇستىخانلىرىم سىرقىراپ ئاغرىيتى، ھېچ ئىشقا خوش ياقمايتتى. نۇرسىز چىرايىم تېخىمۇ سارغىيىپ ،كۆزلىرىم ئولتۇرشۇپ كەتكەن ئىدى. ياش تۇرۇپلا چېچىم چۈشۈپ ، يۈز تېرەمدە ئاندا -سانسا قورۇق پەيدا بولغىلى تۇردى. ئۇخلىماق بولۇپ ياتساملا قالايمىقان چۈش كۆرۈپ ھاردۇقۇم چىقمايتتى. تۇرمۇشۇم بەك چىچىلاڭغۇ، ھاياتتا ئىنىق بىر ياشاش نىشانىم يوق ، لەيلەپلا يۈرەتتىم، داۋاملىق    ئۆزۈمنى    ئەيىپلەيتتىم،  ، ئەتراپىمدىكى مۇھىتتىن قاقشاپلا يۈرەتتم، دىمىسەممۇ مەن ئاشۇ مۇھىتنىڭ مەھسۇلى    ئەمەسمۇ؟!!! نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغىنىمنى، نېمە ئۈچۈن ياشاپ، نېمە ئۈچۈن ئۆلىدىغىنىمنى ئويلاشقا، ماھىيەتنى چۈشۈنۈشكە كاللامدا ئېنىرگىيە ئازلىق قىلاتتى. نېرۋىلىرىم سۈزۈكلۈكدىن خالى ھامان بىر قەۋەت قىلىن تۇمان ئىچىدە سىلكىنەتتى.كىچىگىمدىن تارتىناچاق بالا ئىكەنمەن، نېمىلا قىلماي ئاتا -ئانامنىڭ    ئەيىپلىشىگە ئۇچرايتتىم. مېجەزىمنى تەڭتۇشلىرىم ياقتۇرمىغاچقا مېنى ئارىغا ئالمايتتى. كىيىن سەل چوڭمۇ بولدۇم. شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى مەھەللىدىكى چوڭ - كىچىك بالىلار بولۇپ قوي - كالىلىرىمىزنى ھەيدەپ دەريا بويلىرىغا كېتەتتۇق، مەندىن 4-5 ياش چوڭ كىلىدىغان باللارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئەر خوتۇنلار ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر، شۇنداق ئىشلار مەزمۇن قىلىنغان «قېلىن» كىنولار ھەققىدىكى پاراڭلىرى ۋۇجۇدۇمنى ساراسىمىگە سالاتتى. ھەتتا بىرسىنىڭ قولى ئارقىلىق ھوزۇرلانغىننى ئاڭلاپ دەسلاپ تازا چۈشۈنەلمىدىم، كىيىن مەندىمۇ ئاشۇنداق ئېستەك پەيدا بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدىم. ئىنىق ئىسىمدە، 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر كۈنى ھىلىقى بالىلارنىڭ قىلىشىدىغان پاراڭلىرىنى ئويلىغاچ يۇينىۋېتىپ بالاغەتكە يەتكەنلىكىمنى ھەيرانلىق، چۈچۈش ئىچىدە بىلدىم. شۇ ئىشتىن كىيىنبىرەر ھەپتىگىچە بىر خىل يېقىملىق سېزىم ئارىلىشىپ كەتكەن خىجىللىق تۇيغۇسى كۆكرەك قەپىسىمدىن پەقەت بوشىمىدى. يۈزۈم بەك قىزىرىپ كەتتىمىكىن دەپ پات - پات ئەينەككە قاراپ قوياتتىم. شۇنىڭدىن كىيىن قىزلار ھەققىدە تۈگۈمەس خىياللارغا بەنت بولۇشقا باشلىدىم. بۇ خىياللارغا    ئەگىشىپ كەلگىنى تەلۋە ئانانىزىمغا (قول بىلەن لەززەتلىنىشكە) ئۈگۈنۈپ قىلىش بولدى.كىيىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا باردىم. ئۈ يەردىكى    ئەركىن -ئازادىچىلىك، چىرايلىق قىزلارنىڭ كۆپلىكىدىن كاللام پىرقىراپلا قالدى. ساۋاقداشلىرىم پات-پات دېبا - ھەر خىل كەچلىك بەزمىخانىلارغا بىرگە بىرىشنى ئېيتاتتى. كۆڭلۈمدە مەيلىم بولسىمۇ بۇزۇلۇپ بېقىشقا جۈرئىتىم يوق ئىدى. دادامنىڭ مېنى ئۇزىتار چاغدا قىلغان نەسىھەتلىرى تېخى قۇلىقىمدىن كەتمىگەن ئىدى. ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بارماسلىققا تىرشاتتىم. ياتاقتا يالغۇز قىلىپ مەيدە -كېندىكلىرى ئوچۇق، ساغرىسىنى ئوينىتىپ مېڭىپ تومو-تومۇرلىرىمدىن ئوت ئالدۇرىۋىتىدىغان شەھلا كۆز قىزلارنى خىيال قىلىپ يەنە ھىلىقى نەس ئىشنى قىلاتتىم.شۇ كۈنلەردە مەن تورخانىغا كۆنىۋالدىم. ئارام -ئىلىش كۈنلىرى، بەزىدە تېخى كەچلەپ تورخانىدىن چىقالمايتتىم، تور مېنى    ئۆزىگە مەھكەم باغلىۋالغان ئىدى. دەسلەپ چايخانىلاردا پاراڭلىشىشنى ئۈگەندىم. خەت بېسىش سۈرئىتىممۇ بارغانچە ياخشىلىنىپ بىر قىتىمدا بىر قانچە قىزلار بىلەن پاراڭلىشالايدىغان ھالەتكە يەتتىم. بارا -بارا شەھۋانىي - سىرىق رەسىملەرنى، كىنو-فىلىملەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. تاماققا خەجلەيدىغان پۇللىرىمنى تورخانىغا خەجلىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىلىقى نەس ئىشقا ئۈگۈنۈپ قالغان بولغاچقا ئۇزۇن    ئۆتمەيلا چىرايىم سارغىيىپ، كۆزلىرىم ئولتۇرۇشۇپ كەتتى. پۇت -قولۇم جانسىز، بەدىنىم يىقىمسىز ئاغرىپ تۇراتتى. دەرىسلەرگە پەقەت خوشياقماي كۈنلەپ دەرس تاشلاپمۇ قالاتتىم. مەن يەنىلا ھۇشۇمنى تاپمىدىم.باشتا دېگىنىمدەك يات جىنىسلار بىلەن يېقىنلىشىشقا بارغانچە جۈرئىتىم قالمىدى. باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئۆرە قارىيالمايمەن. بىرسى بىلەن گەپ تالىشىپ قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. لىكىن خىيالىي دۇنيادا بەك ۋەھشىي ئىدىم. توردا نۇرغۇن قىز دوست تۇتتۇم. كۆڭلۈمگە ياققان بىر ئىش - ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش مەۋھۇملۇقتا مۇھەببەتلىشىشنى خالايدىكەن. كىنولاردىن، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان كىتابلاردىن ئۈگىنىۋالغېنىمىز بويچە مۇھەببىتىمىزنى قىزغىن داۋاملاشتۇردۇق. مەن    ئۆز ھېسياتىمنى، قۇتراپ تۇرغان شەيتانىي ئىستەكلىرىمنى خەت ئارقىىلىق ئىپادىلەپ نەپسىمنى ئارام تاپتۇراتتىم.سېزگە دېسەم ئۇ چاغدا كاللامدىكى رىئاللىق ئۇقۇمىنى يانچۇقتا پۇل تۈگىگەندىلا بايقايتتىم. مەن بىر قىز بىلەن ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەتلەشتىم، سەۋەبى - ئۇ قىز باشقا قىزلارغا قارىغاندا ماڭا كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا گەپ قىلاتتى. ئاخىرى بىر كۈن ئۇ قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا كىلىشتۇق. ئاي يىرىملاشماستىلا يېنىمدا 50 سوملا پۇل قالغان ئىدى. ئۇ قىز بىر دوستىنى باشلاپ كەپتۇ. چىراي تۇرقىمۇ ئادەتتىكىچە، كەم -سۆز قىز ئىكەن. لىكىن دوستى بەك يامان قىزدەك قىلاتتى. بىز ئازادە بىزەلگەن بىر تاماقخانىغا كىردۇق. ئۇ قىزنىڭ دوستى تاماق تېزىملىكىدىن ئىسسىق-سوغۇق سەي بولۇپ 6-7 تەخسە تاماق بۇيرىۋەتتى. ئىچىم پۇشۇپ تۇراتتى . تاماق تىزىملىغان خىنىم كۆزۈمگە قاراپ 48 سوم بولاپتۇ ، دېدى.- شۈكۈرى، دېدىم ئىچىمدە پۇلنى تۆلىگەچ. شۇنداق قىلىپ يانچۇق قۇرۇقدالغاندىن كىيىن ئاي ئاخىرىنى بەك تەستە    ئۆتكۈزدۈم. قورساق كولدۇرلاپ تۇرسا ئادەم ئويلىماي قالامدۇ دەمسىز،  . ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغىنىمنى ، قەيەرگە كېتىۋاتقىنىمنى ئويلىدىم ، لىكىن يەنىلا باشقا ئىلىپ چىقالمىدىم. كاللام ئىسىلىپ چىڭقالغاندەك بولاتتى. بەل - پۇتلىرىم قىرى ئادەمنىڭكىدەك تىلىپ ئاغرىيتتى. بەزى كەچلىرى پۈتۈن بەدىنىم مۇزدەك تەرلەپ، جان يېرىمنى ئاغرىق تۇتىۋالاتتى. توۋا دەپ كەتتىم. نەچچە قېتىم ئىڭراپمۇ تاشلىدىم. ياتاقداشلىرىم تاتلىق چۈش كۆرۈپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى. مىھرىبان ئاتا-ئانامنى ئەسلىدىم. ئۆلۈمنى ئەسلىدىم. خۇدانى ئەسلەشتىن يۈزۈم ئۇۋۇتاتتى. مەن كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر گۇناھلىق قىلمىش پاتقىقىغا پاتقان ئىدىم،  . ئۆزۈمنى قارغايتتىم. جەمئىيەتنىڭ بۇزۇقلىقىدىن، ئادەملەردە مۇھەببەتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ھەيرەتتە ئىدىم. بۇرۇنقى جەمئىيەتتىكى 14 ياشقا كىرىپ بولغۇچە ئۆيلەپ قويىدىغان ئىشمۇ مەن ئۈچۈن بەك ئىسىل ئىش تۇيۇلۇپ كەتتى. ھايۋانلار جىنىدا بالاغەتكە يەتكەن چاغدا خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن قانۇنى بىلەن جىنسىي ئىستەكلىرىنى قاندۇرىشاتتى. ئىنسانلار مەدەنىيەت ياراتقان بىلەن ھايۋانلاردەك بولالمايدىكەن. .... توي قىلماي ئۆزىنى نىمانچە قىيناش بۇ .... دېگەنلەرنى ئويلاپ چىقتىم. يەنە ئويلىدىم ئۇنىڭ نېرسىغا يېتەلمىدىم.    ئاشۇنداق قىينىلىپ يۈرۈپ يەنە بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈن دەرىىسكىمۇ چىقالمىدىم.. ئاخىرى ئۆيدىن پۇل كەلدى. بىر، ئىككى كۈن ياخشى ئوزۇقلىنىپ خىلى يامان    ئەمەس بولۇپ قالدىم. خۇداغا مىڭ توۋا دەپ شۈكۈرى - سانالار ئېيتىپ يېڭىدىن ئادەم بولىمەن دەپ ئەتتىگەن ئورنىمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا بىرىپ يۇيۇنۇپ مەسچىتكە باردىم. خۇداغا يىغلىدىم. جامائەت بىلەن نامازدا بىللە بولدۇم. ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كەتتىم. خىلى يەڭگىللەپ قالغاندەك، نېرىپلىرىم سۈزۈكلىشىپ قالغاندەك بولدۇم. مەسچىتتە يەنە ئۇزۇنراق ئولتۇرغۇم بار ئىدى. مەزناخۇنۇم ئىشىكنى تاقايمىز دەپ تۇرىۋالدى. يىنىپ چىقتىم. مەكتەپكە بارغۇچە ئۆزۈمگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرىپ ماڭدىم. تورخانا دېگەنگە ئىككىنچى دەسسىمەيمەن دىدىم. شۇ تەرىقىدە بىر قانچە كۈن ۋەدەمدە تۇرۇپ سالامەت ئۆتتۈم. چىكىنىپ كەتكەن دەرىسلىرىمنى پۇختىلىۋالدىم.بىر كۈنى كەچلىك ئۈگۈنۈشكە چىقاي دەپ تۇرسام بىر ساۋاقدىشىم كىرىپ كەلدى. ساڭا بىر قىزنى تونۇشتۇرۇپ قوياي، يېقىندىن بىرى بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىڭ، بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ بولمايدۇ دەپ ئۇنىمىسام ئۇنىماي قولۇمدىن تارتىپ ياتاق بىنا سىرتىغا سۆرەپ چۈشتى.سىرىتقا چىقساق ئىككى قىز نازۇك ھىجىيشىپ بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ... قارىسام مەن ئۇ قىزلارنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك ،لىكىن تونىيالمىدىم،  . ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىممۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. ساۋاقدىشىم ئۇ قىزلارنى تونۇشتۇردى. قىزلار پەقەت تارتىنماي كۆرۈشۈشكىلى قول تەڭلىدى. كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرىۋالدى. مەن خىجىل بولۇپ كۆزۈمنى ئىلىپ قاچتىم. يېقىندىلا تېخى مەسچىتتە ئولتۇرۇپ توۋا قىلغىنىم ئىسىمدە . بۇلار بىلەن مېڭىشقا يەنىلا ئارسالدى بولۇپ قىلىۋاتاتتىم. چىرايى ئاق ، زىلۋا كەلگەن - ئىسمىنى زېلھايات دېگەن قىز قولۇمنى چىڭ سىقىپ قويدى تېخى. ئۇ قىزلار ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. بەك رومانتېكمىش. فىروئىدنىڭ نەزىريەسىگە قىزىقىدىكەن. دوستۇم چاخچاق قىلغان بولۇپ شۇلارنى دېدى. كاللامدا يانا ئاللىقانداق خىياللار قايناۋاتاتتى. يول مېنى مېڭىۋاتامدۇ مەن يولنى ماڭدىممۇ ھېچ بىلمىدىم، بىردەمدە يولغا چىقىپ قاپتىمىز. دوستۇم تاكسى توستى. قىزلارنى جايلاشتۇرۋىتىپلا مېنىمۇ ماشىنىغا ئىتتىرىپ دېگەندەك چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بارىدىغان يەرگە باردۇق. ئۆمرۈمدە ئىچمىگەننى ئىچتىم. قانلىرىم قىززىپ ، يۈرەكلىرىم ئويناپ تۇراتتى.ئاغىينەم قىز دوستى بىلەن بىشىنى بىر قىلىۋاپتۇ. زېلھايات ماڭا تەلمۈرۈپ رۇمكىنىڭ لېۋىنى يالاپ ئولتۇراتتى. بۇ قىزنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى كۆزۈمگە ئالەمچە ئۇز كۆرۈنۈپ كەتتى.سىزگە ھىكايە ئېيتىپ كەتتىمۇ ئەپەندىم. سىزنى مالال قىلساممۇ تەپسىلىيرەك يازاي دىدىم. بۇ ئىشلا يالغۇز مەندىلا بولماستىن بىر پۈتۈن جەمئىيەتتە تولۇپ ياتقىننى كىيىن ھېس قىلدىم.شۇ كۈنى ئۆزۈمنى شۇنداق ئەقىللىق ئويلاپ كەتكىنىمنى دېمەيسىز. مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىمنى كەچۈرگۈسىز گۇناھ دەپ قارىۋاپتىمەن. باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ تېخى ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىگىنىمگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۆتۈپ كەتكەن - ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايدىغان ھىلىقىدەك ئىشلارغا ئۆزۈمنىڭ نۇمۇسۇم كەلدى. ئۇنداق قىلىپ جاننى قىيناپ يۈرمىسەڭمۇ قىز بالا دېگەن تەييار ئولجىكەنغۇ.. دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. يىنىمدىكى قىز بارغانچە سۈيۈلۈپ كىتىۋاتاتتى.. ھاراق كۈچىنى كۆرسەتتى. بىز بىر - بىرىمىزنى يۆلىشىپ سىرىتقا چىقىشتۇق. يىقىن ئەتراپتا مىھمانخانا بارلىقىنى ئېيتىپ ئاغىينەم بىزنى باشلاپ ماڭدى. بۈگۈن كەچتە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. يۈرۈكۈم تىز - تىز سېلىپ كىتىۋاتاتتى. قىز ماڭا يۆلىنىۋالغان ئىدى. ھاراقنىڭ ھىدى بەدبۇي بولسىمۇ ماڭا بەك خۇش پۇراق تۇيۇلۇپ نازۇق تۇيغۇلىرىمنى غىدىقلايتتى. بەدەنلىرىم قىززىۋاتاتتى. گۇناھلىق ئىش قىلىش ئالدىدا شەيتاننىڭ ئادەمگە مەھكەم چاپلىشىدىغانلىقىنى بۈگۈن باشقىدىن ھېس قىلدىم. شەيتان ئوتتىن يارتىلىپتىكەن، شەيتان ئادەمگە چاپلاشسا بەدەننى شۇنداق قىزتىۋېتەمدىغاندۇ يا، دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۇم.كاللامدا زېدىيەت بار ئىدى.. مېنى ھاراق قىززىتتىمۇ ياكى شەيتان دېگەن سۇئال كاللامغا بىكىنىۋىلىپ بۇ سۇئال    ئۆزۈمچە قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. ياتاققىمۇ جايلاشتۇق. دوستۇم مەن بىلەن خوشلىشىپ، پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ كۆزىنى قىسىپ پۇرسەت غەنىيمەت دېگەندەك دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ قىز دوستىنى ئىلىپ ياتىقىغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۈگۈن كەچ ئۇ قىزنىڭ فىروئىد نەزىريىسىنى تولۇق چۈشىنىشىگە ياردەم قىلارمىش، دوست دېگەن بىر بىرىدىن ياردەمنى ئايىماسلىقى كىرەكمىش. توۋا ، ھاراق ئىچىش، قىز -يىگىتلەر جۈپى بىلەن ئايرىم ياتاقلاردا بىر كېچىنى    ئۆتكۈزىشى بىلەن فىروئىد نەزىريىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى بولىدىغاندۇ دەپ كاللامدىن پەقەت ئۆتكۈزەلمىدىم. ياتاق ئىچىگە قارىسام قىز چىراقنى ئۆچۈرۈپ بىر ئوبدان شاملارنى ياققىلى تۇرۇپتۇ. ئۇچىسىدا كىيىم دىدارى يوقتەكلا ئىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ فىروئىد نەزىريىسىنى<< سىناق >> قىلىدىغان ، «ئەمەلىي» ئۈگۈنىدىغان ئىشلار پات - پات يۈز بىرىپ تۇردى. قاراڭ ، ھەقاچان سىز . نىمانداق قاملاشمىغان گەپ بۇ، بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا فىروئىد نەزىريەسىنى «سىناق» قىلىدىغان ئىش نەدە بار، دەپ قىلىشىڭىز مومكىن. مەنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق تېز يۈز بىرىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇ قىزلارنىڭمۇ نېمە سەۋەبتىن ئەيشى - ئىشرەتكە بىرىلىپ كەتكىننى بىلىپ بولمايتتى . مەن شۇ دەرىجىدە تېز    ئۆزگەردىمكى، بۇ    ئۆزگىرىشلەرگە بەزىدە    ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيلا قالاتتىم. باشتا ئېيتقاندەك قىزلارغا تېكىلىپ قاراشتىن ئۇيۇلىدىغان، ۋۇجۇدۇمنىڭ چۇڭقۇرلىرىدىن مېنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئىلاھىي سادانى ھاياجان ئىچىدە ئاڭلايدىغان ، تېۋىنىدىغان ساددا ئاقكۆڭۈل بىر بالا ئۆز - ئۆزۈمگە خىيانەت قىلىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدىم. ھەر قېتىم شەيتانغا تەسلىم بولۇپ مەيلىمنى ئۇنىڭ ئىلكىگە تاپشۇرغاندا ۋۇجۇدۇمنىڭ بىر يەرلىرىدە شەيتاننى قوغلايدىغان بىر كۈچ ئەزەلدىنلا باردەك ھېس قىلاتتىم. خىيالىمدا قىتىغۇر، پەس ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ باقساممۇ    ئەمەلىيەتتە يۈز بىرىشىگە ئىشەنمەيتتىم.  . ئەپسۇس، ئاخىرى ھەممە ئىشلار يۈز بەردى. شەيتان بوينۇمغا مىندى. پاكىزلىقىم، ئەرلىك ئىپپىتىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن ھالىمغا باقماي يېڭچە بىر ھاياتنى باشلىۋالدىم. ئۇ چاغدا قىلغانلىرىمغا قىلچە   ئۆكۈنۈش، پۇشايمان تۇيغۇسى قالماپتىكەن.ھازىر ئويلىسام تېنىم شۈركىنىپ كېتىدۇ  . ئەخلاق، مىللەتنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلارنى تولا كاپشىيدىغانلار دەپ قەۋەتلا    ئۆچ كۆرەتتىم،  . ئەخلاقتىن سۆز ئاچقان بىلەن    ئۆزىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتاھاندىن    ئۆتكۈزىمەن، يەنە بىر نىمە قىلىپ بىرىمەن دەپ ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلغىننى، ھاراق ئىچىپ قالايمىقان سۆزلەپ يۈرگىننى،  ئۆزىنىڭ قۇسىقىنى يالاپ كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قالغان زىيالىيلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان «سېسىق» لارنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. غېنى باتۇرمۇ بىر پاھىشىۋازكەنغۇ ئاينا .. ئۇنىڭ بۇزۇقلىقى مىللەت ئۈچۈن شەرەپلىك ئىشلارنى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماپتىكەن. ئۇدۇل كەلگەندە ھەممىنى قولدىن بەرمەپتىكەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەيتتىم.ئائىلە ئىقتىسادىم ياخشى بولغاچقا مەكتەپنىڭ چىقىمى ئىشىپ كەتتى، ئوقۇيدىغان كىتابلىرىم كۆپ، كەچلىك ئىنگىلىز- كومپيۇتېر كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىۋاتىمەن دەپ تېلىفۇن قىلسام مېنىڭ بۇ خىل تېرىشچانلىقىمدىن خۇشال بولۇپ چارچاپ قالمىغىن، ياخشى ئوزۇقلانغىن دەپ بانكا كارتامغا دېگىنىمدىن ئارتۇق پۇل سېلىپ بىرەتتى. باغانچە كاللام «فىروئىد»دەك ئىشلەيدىغان بولۇپ كىتىۋاتاتتى. بەزىدە تېخى چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇلىنىمۇ خەجلەپ قوياتتىم.ئەمدى ئىختىسادىي جەھەتتە تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كىيىن    ئۆزۈمنى ياخشى ئاسراپ، ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. تورغا ئىلگىركىدەك كۆپ كىرمىگەچكە سالامەتلىكىم خىلى ياخشى بولۇپ قالدى. «توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ» دېگەندەك بويتاقلىقنىڭ ئاسارىتىدىن پات پات يۇلقۇنۇپ چىقىپ باقاتتىم.ھىلىقى ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە تورخانىغا چاپتىم. بۇ قېتىم ھىلىقى كونا تورداشلىرىمنى قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇراتتىم. چايخانا، چ چ لاردا 5-6 ئىسىم بىلەن نۇرغۇنلىغان قاپقانلارنى قۇرىۋەتكەن ئىدىم. چ چ دا دېيشىپ ، كىلىشىپ بىر قىز بىلەن ئۇلانباي سايلىققا ئوينىغىلى چىقتۇق. ئۇ قىز ياش جەھەتتە مەندىن سەل چوڭ كۆرىنەتتى. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئىدى. قۇترىغان ئىستەكلىرىمنى ، چاڭقاشلىرىمنى قاندۇرۇشنىلا ئىستەيتتىم. بىزنىڭ ساياھىتىمىز ھەپتىدە ئىككى قىتىمدىن توغرا كەلدى. مۇشۇ مەزگىللەردە بەدىنىمدە بەزى بىر كېسەللىك ئالامەتلىرى بىخ سۈرىۋاتقىننى ئاز تولا ھېس قىلىپ قالدىم. دوۋسۇن چىڭقىلىپ، سۈيدۈك كۆيشۈپ كىلەتتى. . . .مەن بۇ ئىشلارنىڭ كىيىن جانغا ئىكەك سالىدىغان قاباھەتلىك كېسەلگە ئايلىندىغىننى ئويلاپمۇ يەتمىگەن ئىكەنمەن.گەپنى بەك سوزۇپ ، نازۇك مەسىللەردە سەل چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن بىرزات ئەپەندىم.مەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدۇمنى بېسىپ كەتكەن كىر - مەينەتچىلىكلەرنى تولۇق چىقرىپ تاشلىسام ، خۇددى ئىچى دەرتكە توشۇپ كەتكەن ئادەم قۇلاق سىلىپ ئاڭلايدىغان ئادەمگە ھەممىنى دەۋالسا ئىچى بوشاپ قالغاندەك مەنمۇ يەڭگىللەپ قىلىشىم ، باشقىلارمۇ ئىبرەت ئىلىشى مومكىن دەپ قارايمەن.كىيىن ئويلاپ باقسام بىرىنجى تۆۋبىدىن كىيىن يەنە گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشىم ئۇنچە تاساددىپىمۇ بولمىغان ئىكەن. شۇ قېتىم ئۆزۈمنى رۇسلاپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن ھەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە، نۇتۇق -مۇنازىرىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇردۇم. جەمىيەتتىكى نامى چىققان    ئەدىب - زىيالىيلارنى ئىزدەپ پىكىر سۆھبەتلەردە بولۇپ تۇردۇم. مەن بۇ يەردە ئىتراپ قىلمىسام بولمايدىغان بىر ھەقىقەت بار - ۋۇجۇدۇمنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدا ھايات ھەققىدە مۇپەسسەلرەك بايانغا ئىرشىشكە تەشنا ئىستەك غۇۋا يىنىپ تۇراتتى.يازغۇچىلارنىڭ     ئەسەرلىرىدىن ئۇلارنى ئاجايىپ پاكىز، سەمىمىي، بىلىملىك ئىسىل كىشىلەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ خەلىقنىڭ بەخىت - ئىستىقبالى، كىلەچىكى ھەققىدىكى دەبدەبىلىك سۆزلىرى  ، ئەقىدە - ئىتقاد ، ئىيماننىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھاياجانلىق قايناشلىرىنى ئاڭلاپ قالتىس ئادەملەركەن دەپ قالاتتىم.بۇ قارىشىم تاكى زامانىمىزنىڭ داڭلىق بىر شائىرىنى فاكولتېت نامىدىن نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانغا قەدەر داۋام قىلدى. بىز دېيىشكەن ۋاقىتتىن يىرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى. شائىر تېخىچە يوق. ھەممىمىز تىت-تىت بولۇپ كۆتۈشكە باشلىدۇق. بىر چاغدا ۋاي كەلدى، كەلدى دېيىشىپ بىر ئادەمنى ئارىغا ئىلىپ 5-6 باللا ئىشىكتىن پاتماي كىرىپ كەلدى. مەن نامى مەشھۇر بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشىۋىلىش ئۈچۈن ئالدىغا بارغاندا گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇرغان بىر چالا مەست ئادەمنى كۆردۈم. ئۇ ئادەم بالىلارنىڭ يۆلىشى بىلەن قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئاران ماڭاتتى. توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم، كۆرۈشۈشتىن رايىم يانىدى. ئاستا ئورنۇمغا بىرىپ ئولتۇرۋالدىم. ئۇ ئادەم غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن چۈشەنچە بىرىپ بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئاز تولا ئىچىپ سالغىننى، سائىتى توختاپ قىلىپ كىچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن شىئىرىيەت ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيمەن دەپ ھىلى تاغدىن، ھىلى باغدىن سۆزلەپ نۇتۇق تېمىسىدىن چەتنەپ كەتتى. بىر چاغدا روس شائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر شىئىرىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختۇلۇپ كىلىپ << شولۇخۇپ تەڭداشسىز ئۇلۇغ شائىر، ھە ئۇلۇغ شائىر، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈ يوقالمايدۇ. مەن شولۇخۇپقا چوقۇنىمەن >> دېگەن گەپلەرنى قىلچە قورۇنماستىن دەۋەتتى. كۆڭلۈم ئىلىشتى. تۇفى دەۋەتكىم كىلىپ كەتتى. نىمانچە پۈچەك ئىنسانلار بۇ! قەلبىمنى    ئۆززۈممۇ بىلىپ بولمايدىغان نەپرەت، قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالدى. سورۇندىن چىقىپ كەتتىم.شۇنىڭدىن كىيىن باشقىلار ئۇلۇغلاپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان مەشھۇرلاردىن رايىم ياندى. ھاراق ئىچىۋالغانلىرى ئاشۇنداق پەسلىشىپ كېتىۋاتقان. ئىچمەيدىغانلىرى نەچچە خىل نىقاپ، گىرىملەر بىلەن ئۆزىنى پەدازلاپ ئالىيجاناب، ئىسىل پەزىلەتلىك بولىۋالاتتى. شائىر، يازغۇچىلارنىمۇ ئىزدىمەس بولدۇم.    ئەنە شۇنداق ئادەملەردىن كۆڭلۈم سوېۇپ تۇرغاندا ھەقىقىي بۇزۇلۇش چىن مەنىسىدىن روياپقا چىقتى. كاللامنى قوچۇپ ئارام بەرمەيدىغان پەلسەپىۋى پىكىرلەر، باش ئاخىرى چىقمايدىغان سۇئاللار .... ھەممىدىن كەچتىم. تۇغۇلۇش راس،  ، ئۆلۈم راس ئاندىن باشقا ھەممىسى يالغان دېگەن گەپكە ئىشەندىم. ياشىدىم ، شۇنچە بىپەرۋا، بىغەملەرچە قولۇمدىن كىلىدىغان تاماشانىڭ ھەممىنى قىلىپ باقتىم. بۇ    ئۆز كۆڭلۈمدە ساختا ئالىيجانابلاردىن ئۆچ ئالغىنىم ئىدى. بەزىدە مۇشۇلارنى ئويلاپ ئىچ -ئىچىمدىن خۇرسەن بولۇپ كۈلۈپ قوياتتىم.بىر كۈنى كەچ چالا مەست كىرىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، يىرىم كېچىدىن ئاشقاندا تەرىتىم قىستىغاندەك بولۇپ ئويغىنىپ ھاجەتكە باردىم. دوۋسۇن چىڭقىلىپ بىئارام بولۇپ كىتىۋاتىمەن، سۈيدۈك چىقمايۋاتاتتى. قارا تەرگە چۈمۈلدۈم. مەن نېمە بولغاندىمەن دېگەن قورقۇنۇچلۇق بىر سۇئال كاللامغا كىرىپلاۋالدى. بىردەم سەكرەپ باقىمەن، بىردەم سۇ تۇربىسىنىڭ جۈمىكىنى ئىچىپ قويۇپ مەندە رېفىلكىس پەيدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپ باقىمەن. سۈيدۈك ماڭمىغاندىكى بىئاراملىق، ئاغرىق ئازابىغا چىداش ھەقىقەتەن ئاسان    ئەمەس ئىدى.شۈكۈرى، ئاخىرى سۈيدۈك تېمىپ بولسىمۇ ئاز -ئازدىن كىلىشكە باشلىدى. شۇ كۈنى تاڭ ئاتقۇچە قارا تەرگە چۈمۈلۈپ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم،  . ئەتىسى دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشتىن كىيىن ئېيتقان سۆزى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق يانغاندەك نېرۋىلىرىمنى قوچىۋەتتى. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە، مەن جىددى خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بولغاندىن سېرت، سېبلىس باكتېريەسى بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغان ئىدىم. چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكىننى كۆرگەن دوختۇر ئاچچىق تەنە بىلەن << ئەيدىز >> بولمىغانغا خوش بولساڭ بولىدۇ. ياخشى ئارام ئىلىپ ئۇزۇن مەزگىل داۋالىنىشنى توختىتىپ قويمىساڭ ياخشىلىنىپ كېتىسەن. لىكىن جىنسىي ئىقتىدارىڭنىڭ ئەسلىگە كىلىپ تۇرمۇشلۇق بولالىشىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيمەن، -دېدى. ئولتۇرۇپ كەتتىم ، كۆزلىرىمدىن توسقۇنسىز ياش تامچىلىرى بۇلدۇقلاپ چىقىپ كىتىۋاتاتتى. ئۆزۈمنى ھەر قانچە قىلساممۇ توختىتالمىدىم. دوختۇرنىڭ چىرايىدا ماڭا ھېسداشلىق قىلىش    ئەمەس ، مەندىن بىزار بولۇش تۇيغۇسىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم. سىرت سوغۇق ئىدى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى شۇنچە كەڭ ، ھوزۇرلۇق ئالەم    ئەمدى تار تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالغاندا بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرگە پەقەت ئامالىم يوق ئىدى.  . ئەس - يادىم جايىدا    ئەمەس، نەگە بىرىپ نەدە تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر كۈننى ئاشۇنداق لاغايلاپ كەچ قىلدىم. كەچتە غا بىرىپ    ئۆلگۈدەك ئىچىپ بىر كۈن بولسىمۇ كېسىلىمنى ئويلىماسلىق قارارىغا كەلدىم.......ئىگىز بىر قىيانىڭ ئۈستىدە ھىلىقى مەشھۇر شائىر بىلەن يىراققا سىيىشتە بەسلەشتۇق. تۆۋەندە سۈزۈك بىر ئىقىن دولقۇن ياساپ تاشتىن -تاشقا ئۇرۇلاتتى. شائىر ئىشنى باشلىۋەتتى. قارىسام ئۇنىڭ سۈدۈكى ئۇدۇل دەرياغا چۈشتى. توۋا، ماۋۇ ئادەم ھەجەپ يامانكەن، مېنى يېڭىۋالامدۇ نېمە دەپ مەنمۇ قويۇپ بېرىشكە تەمشىلىۋاتسام مەن قويۇپ بەرگەن لېنيەنى بويلاپ دەريا ئىچىدىن بىلەك توملىقىدا ئارغامچىغا ئوخشاش ئۇزۇن بىر نېمە ئۇچۇپ چىقىپ كاپلا ئىسىلدى، - دە ئۇدۇل دەرياغا تارتىپ سوزۇپ ئىلىپ ماڭدى. مەن ۋايجانلىغان پېتى ئويغۇنۇپ كېتىپتىمەن. بىر ھازاغىچە قارا تەرگە چۈمۈلۈپ تىنىقىم ئىچىمگە چۈشمىدى. ئادەمنىڭ توۋا دېگۈسى كىلىدۇ. مەن نېمە بولۇپ ئۇ شائىر بىلەن بەسلىشىپ قالغاندىمەن، بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر بىمەنە ئىشنى قىلىشتا بەسلەشكەندىمىز، نېمىشقا ئۇ پاكىز دەرياغا سىيەلەيدۇ، مەن سىيەي دېسەم نېمە ئۈچۈن مېنى نامەلۇم كۈچ بوغۇپ قويىدۇ. ئۇ نېمە بولغىيتتى، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن شۇ دەرياغا چۈشۈپ كېتىمەن؟ كاللام ئىغىر گاراڭ، ئۇستخانلىرىم ئۇرۇپ چىقىۋەتكەندەك بىئارام قىلىدۇ. ئۈستەل چىرىغىمنى ياندۇرماقچى بولدۇم. كارىۋاتنىڭ يېنىدا قولۇمغا ئۈستەل ئۇرۇنمىدى. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاجىز كۆزۈم بىلەن سىنچىلاپ ئەتراپقا قاراشقا تەمشەلدىم. بىرەر ئۇچۇرغا ئىرشىشنى ئىستەيتىم. ھە، دۇرۇس. ئاخشام تازا ئىچكەن، ياتاققا ماڭغاندەك قىلۋىدىم. ياتاققا كەلمەي باشقا بىرسىنىڭ    ئۆيىگە خاتا كىرىپ قالمىغاندىمەن ھە!...... يوتقان بەك يۇمشاق، ئىسسىق ئىدى. نېرى - بېرسىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرماي يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن.بىر چاغدا بۇرنۇمغا ئانام ئەتكەن شورپىنىڭ پۇرىقى كىردى. ئانام ئەتكەن تاماقنى يەپ باقمىغىلى قانچە ئايلار بوپ كەتتى ھە! ئانام بەك مىھرى ئىسسىق ئايال. يۇمشاق پاقلان گۆشىنى سۇغا سىلىپ، چامغۇر، سەۋزە ، پىياز، يەنە باشقا مىزىلىك دورا - دەرمانلار بىلەن قاينىتىپ پۇشۇرىدىغان شورپا... سوغۇق قەھرىتاندا بەك تېتىيدۇ. بىر نەرسىنىڭ قاينىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.كۆزۈمنى ئېچىپ چۈچۈپ كەتتىم. باش تەرپىمدە دادامنىڭ سىيماسىنى ئەسلىتىدىغان بىر كىشى ئاتىلارچە مىھرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ قولىدا بىر قۇر كىيىمنى تۇتۇپ تۇراتتى. پەگادا گۈرۈلدەپ كۆمۈر كۆيىۋاتقان مەشكە ئىسىلغان قازاندا ئاباي ئەسلىگەن شورپا قايناۋاتاتتى.مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم مەن يەنە چۈش كۆرىۋىتىپتىمەن دە.__ ھە، ھە سىز ھازىرلا ھەممە ئىشنى چۈشۈنۈپ قالىسىز، . ئىسسىق سۇ تەڭشەپ قويدۇم، ئاۋۋال ماۋۇ كىيىملەرنى كىيىۋىلىپ، يۈز - كۆزلىرىڭىزنى يۇيۇۋېلىڭ. ئاڭغىچە شورپىمۇ تەييار بولىدۇ. قورۇنماي كېيىۋىرىڭ، مەن چىقىپ تۇراي بولمىسا،- ئۇ ئادەم يۇمشاق بىر تەلەپپۇزدا شۇنداق دېگەچ ئىشىكنى بوشقىنا يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئەمدى ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتاتتى. چۈش كۆرىۋاتامدىمەنمىكىن دەپ كۆزۈمنى ئۇۋلاپ، قۇلىقىمنى تارتىپ باقتىم. چۈش كۆرمەپتىمەن بولمىسا... بۇ ئادەم كىم؟ ماڭا نىمانچە مىھرىبانلىق كۆرسىتىپ كېتىدىغاندۇ؟ ھە، راس بۇ قەيەر؟... ئاخشام نېمە ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟ .. گاڭگىراپلا قالدىم. ھازىرلا بىلىپ قالىسىز دەۋاتاتتى دەپ سەل خاتىرجەم بولۇپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ ئۆزۈمگە سەل چوڭ كىلىپ قالغان بولسىمۇ ھىلىقى كىشى ئەكىرىپ قويغان پاكىز كىيىملەرنى كېيدىم. ئاڭغىچە ئۇ كىشىمۇ قولىدا بىر دوستخان نان كۆتۈرگەچ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگىنىچە كىرىپ كەلدى. داستخاننى ئىچىپ سالدى. پىيالىغا چاي قۇيۇپ ئالدىمغا سۇندى. ئۇ كېشىنىڭ دەپ بىرىشىچە، ئاخشام مەن يولدا يېتىپ خۇدىمنى بىلمەي قاپتىكەنمەن. سىرت بەك سوغۇق بولغاچقا مېنى مۇزلاپ ئۆلۈپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ تاكسىي توسۇپ ئۆيسىگە ئىلىپ كەپتۇ. باللىرىغا دەپ مەشكە ئوتۇننى راسا قالاپ ئىسسىتىپ بۇ ئۆيگە ئورۇن سالدۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ئادەم ئۇندىن باشقا گەپنى قىلمىدى. كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. گۆشنى ئىلىپ پارچىلاپ دوستخانغا قويدى. گۆش يېگەچ ئىنسانلار ئارىسىدا مىھرى -مۇھەببەت كۆيۈمنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى، سەمىمىيەت، ئىشەنچ يوقۇلۇپ ھىلىگەرلىق، ساختىپەزلىكنىڭ     ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇزۇقچىلىق، ھاياسىزلىقلارنىڭ ئىنسان قىممىتىنى پەسەشتۈرىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ھەر خىل ساقايماس مەرەزلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئىتقادسىزلىق __قانداق مەقسەت-نىشان بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەي ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى دەپ بىردەم پاراڭ قىلىپ بەردى. قارىسا شۇنچىلىك ئاددا - ساددا بىر ئادەمنىڭ ئاغىزىدىن چىقىۋاتقان ئاجايىپ گەپلەر روھىمنى يەلكىتىپ ۋۇجۇدۇمنى سىلكىۋەتتى. نەچچە ئون يىل ئوقۇپ بولار ئەھۋالىم ئاشۇ بولغان مەندەك بىر بىچارە بايقۇش ئۆزۈمدىن تۇنۇگۈنكىدىنمۇ بەتتەر يىرگىنىپ كىتىۋاتاتتىم. بۇ كىشىنىڭ پاراڭلىرىدىكى يارقىنلىقتىن يۈرۈكۈم سىلىپ، كۆزۈم ياشقا ئۇلىشىپ كېتىۋاتسا ماڭا قىلغان مىھرىبانلىقىدىن مەن ياشاۋاتقان يەر شارىدىن باشقا بىر پىلانىتقا بىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.ئارىلىقتا ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆپ ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. بۇ كىشى مېنىڭ ھەممە ئىشىمدىن خەۋەر تاپتى. بەزى ئىشلارغا ئىچىندىيۇ، مەندىن خاپا بولمىدى. كۈچىنىڭ يېتىشىچە مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالىتىشقا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ باش- كۆزۈمنى سىيلىدى. ئىيمان - ئىنسابىمغا قۇۋۋەت تېلەپ دۇئا قىلدى. بۇ كېشىنىڭ ئاشۇ مىھرى - مۇھەببەت، ئىيمانغا تولغان ۋۇجۇدى ھاياتىمنى    ئۆزگەرتتى، دۇنيا قارىشىمدا رۇشەن سۈزۈكلۈك پەيدا قىلدى. كۆپ ئويلاندىم، ئىچىندىم ، يىغلىدىم، تەۋبە قىلدىم. مەن بۇ قېتىمقى تەۋبەمنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى تەۋبە بولۇپ قىلىشىنى تىلىدىم. شۇنداق قىلىپ كېسەلنىڭ مەنبىينى ئاخىرى تونۇپ يەتتىم. شۇكۇرى...........بىر يىل كېچىكىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ مەكتەپتىن كېسەللىك رۇخسىتى ئالدىم.بىر زات ئەپەندىم ، مەن ھازىر بىر ياقتىن داۋالانغاچ، بىر ياقتىن ئۇ كىشىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتىمەن. سالامەتلىك ئەھۋالىم تازا ياخشى بولۇپ كەتمىسىمۇ ۋۇجۇدۇم سۈزۈك نۇرلارغا چۈمۈلۈپ جەۋلان قىلماقتا.مەن ھاياتىمدىكى بۇ رېئال ھادىسسىلەرنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇنداق قىسقىلا بايان قىلاي. ھىلىمۇ ئىچىم بوشاپ، يەڭگىللەپلا قالدىم. بىز سۆزىمىزنى توختىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. ياش دوستلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ھەمدە مېنىڭ ئۇلارنى ھەر چاغ دۇئالىرىمدە ياد ئىتىپ تۇرغىنىمنى بايان قىلىش يۈزسىدىن بۇ خەتنى سىزگە يوللىدىم. دۇئالىرىڭىزدە ياد ئەتكەيسىز.مەنبە:ۋىسال سىتۇدىيىسى.http://www.wisalstudio.com/uy/readpost.php?id=541

    分享到:
    خەتكۈچ: