• ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا...

    2012-08-13

    ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا...
    1.     تويدىن بۇرۇن ئەرلەر قەرز ئېلىپ بولسىمۇ لايىقىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ. تويدىن كېيىن بولسا، ئاياللار قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ؛


    2.     ئەرلەر پۇل تاپقاندىن كېيىنلا ئاجرىشىشنى ئويلايدۇ، ئەرلەر پۇل تاپالمىسا ئايالى ئاجرىشىشنى ئويلايدۇ؛

    3.     ئاياللارنىڭ «ئەجەپمۇ ئۆچ بولدۇم» دېگىنى ئېرىگە ئەركىلىگىنى. ئەرلەرنىڭ «ئەجەپمۇ ئۆچ بولدۇم» دېگىنى ئايالىغا راستتىنلا ئۆچ بولغىنى.

    4.     ئۆيدە پۇل قالمىغاندا ئەرلەر ھېساب قىلىشقا ئامراق، ئۆيدە پۇل كۆپەيسە ئاياللار ھېساب قىلىشقا ئامراق؛

    5.     ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرقانچە يىرىكلەشسىمۇ، ئەرلەرنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن ئەپ ئۆتمىكى ئاسان. ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى مىڭ ياخشى بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن ئەپ ئۆتمىكى تەس؛


    6.     ئەرلەر پىكاپىنى قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ جەرىمانە تۆلەشكە توغرا كەلسە ساقچى بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئايالى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئاياللار پىكاپىنى قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ جەرىمانە تۆلەشكە توغرا كەلسە، ئېرى بىلەن سوقۇشىدۇ، ساقچى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ؛


    7.     ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشى بىردەملىك ھاياجان ئۈچۈن. ئايالنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشى ئەرلەرنىڭ بىردەملىك ھاياجېنىنى بېسىقتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن؛

    8.     40 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاياللاردا ھازىرقىدىن ياخشى ئەر تېپىش ئىستىكى بولىدۇ. 40 ياشتىن كېيىن ئەرلەردە ھازىرقىدىن ناچار بولسىمۇ، باشقا ئايال تېپىش غەرىزى بولىدۇ؛

    9.     ئەرلەر پۇللۇق بولغان ھامان ئالدى بىلەن يانفونىنى، ئاندىن پىكاپىنى، ئارقىدىن ئۆيىنى يېڭىلايدۇ، ئاخىرىدا ئۈستىۋېشىنى تۈزەشتۈرىدۇ، ئاياللار بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ؛

    10. ئەركىشى ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ كۆكتات سېتىۋالغاندا باھا تالىشىپ يۈرمەيدۇ، ئايال كىشى ھەرقانچە پۇلدار بولسىمۇ كۆكتات سېتىۋالغاندا باھا تالاشماي قالمايدۇ.

                                   («شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن 080507)


        ---------------------------------------------------------------------------------------------------------


    ئېرىڭىز ۋاز كېچەلمەيدىغان ئايال بولۇشىڭىز ئۈچۈن

    1.     مۇھەببىتىڭىز قىزغىن بولسۇن.

    2.     كۆڭۈللۈك ھەمراھ بولۇڭ. ئېرىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە بىللە بېرىڭ. ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا قىزىقمىسىڭىز، ئۇنى ئىككىڭلار تەڭ قىزىقىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۈندەڭ. ئېرىڭىزنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىكى ئەڭ قىزغىن ھەمراھى بولالىسىڭىز، ئېرىڭىز ئۆتكەن ئىشلارنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلىگەندە، سىزدىن سۆيۈنىدۇ.

    3.     تەقى-تۇرقىڭىزغا دىققەت قىلىڭ. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، بەدەن ھالىتىڭىزنى ساقلاشقا دىققەت قىلسىڭىز، چاچ پاسونى، ياسىنىش-كىيىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە جۆرىڭىزنى مەھلىيا قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن زوقلاندۇرالىسىڭىز، ئۇ سىزدىن پەخرلىنىدۇ.

    4.     ئائىلىنى ئېرىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك ماكانىغا ئايلاندۇرۇڭ. جۆرىڭىزگە بىر ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلسىڭىز، بۇ ئائىلىنى ئېرىڭىزنى كىشىلىك تۇرمۇش بېسىملىرىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئارامگاھىغا ئايلاندۇرسىڭىز، ئۇ سىزدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ.

    5.     ئېرىڭىزنى چۈشىنىڭ، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىدىن پەخرلىنىڭ. ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشقا ئىلھام بېرىڭكى، تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

    6.     ئاياللار بۇ خىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەندە، جەزىبىدارلىق ۋە جەلبكارلىقنى ئاشۇرالايدۇ-دە، ئېرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىدۇ.

                                    

    http://hi.baidu.com/abdilim/item/a5c0b9428d5ef6a960d7b90f

    分享到:

    历史上的今天:

    خەتكۈچ: