| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
تاگتاش
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
دەشتي قىپشاقتار 1b.jpg (180.23 KB) عۇندار ايماعى (جەرى، تەرريتورياسى) دەشتي قىپشاقتار 2b.jpg (155.68 KB) ساق تايپالارىنىڭ ايماعى (جەرى، تەرريتورياسى) 1b.jpg (180.23 KB) 3b.jpg (159.81 KB) ارييلار ايماعى (جەرى، تەرريتورياسى) 4b.jpg (138.78 KB) تۇرىك قاعاناتىنىڭ ايماعى (جەرى، تەرريتوريياسى) 5b.jpg (180.33 KB) ۇلى جىبەك جولى
تۇرىك قاعاناتىنىڭ ايماعى (جەرى، تەرريتوريياسى)
|
||
![]() |
|
azizrosulkam
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Ghalip
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
تاگتاش
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
تاگتاش
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
urdek
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
|---|
دەشتى قىپچاق بۇرۇن " ئوغۇز دالاسى " دەپمۇ ئاتالغانمۇ؟ قەدىمى قىپچاقلار ھەققىدە : قىپچاقلەر ھەقىقەتەن قەدىمى تۈركى قەبىلىلەردىن، "قىپچاق " ئاتالغۇسىنى بەزى ئالىملار " قاپچۇق " مەنىدە ، يېنىدا قاپچۇق ئېلىپ يۈرىدىغان كىشىلەر دەپ چۈشەندۈرسە ، يەنە بەزى ئالىملار يېنىدا ئىككى پىچاق ئېلىپ يۇرگۈچى "ikipiqak~kipqak" دىن كەلگەن دەپ چۈشەندۈرىدۇ ، ھەتتا بۇ ئاتالغۇ " ئوغۇزخان " رىۋايىتىدىمۇ قەيت قىلىنغان. قەدىمى ئانىساي تۈرك-رۇنىكچە مەڭگۈتاشلىرىدىمۇ قىپچاق ئاتالغۇسى ئۇچرايدۇ، مەسىلەن 8-ئەسىرگە ئائىت سويۇنچۇرا قاغانغا بېغىشلانغان مەڭگۈتۈشقا " turk kipqak elig yil olurmes " تۈرك- قىپچاقلار ئورخۇن دەريا بويىدا 50 يىل بىللە ياشىدى ..." دىگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ. (قازاق تارىخچى ئالىمى ئولجاس سۇلەيمانوف نىڭ " ئاسىيا" ناملىق كىتاۋى " قىپچاق" باپىدىن ئېلىنغان نەقىل). ... بۇ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى قىپچاقلارنىڭ ئاق تەنلىك تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ قەۋم ئىكەنلىگى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمدى Encyclopædia Britannica Online بىرىتانىيە ئېنسىكلوپپېدىيەسىدە چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىنكى قىپچاقلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان: قىپچاقلار قەدىمى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان تۈركى قەۋم، 11- ئەسىردە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى بوز-قىرلىرىنى ئىگەللەپ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. ئارىدىكى بىر قىسىم قەبىلىلەر سىبىرىيەنىڭ غەربىگە كۆچكەن، موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن قۇرۇلغان قىپچاق خانلىغى نىڭ بىر قىسىم يەرلىرى ، قىپچاقلارنىڭ ئەسلى ماكانلىرىدىن ئىدى. بەزى ئەرەپ تارىخچىلىرى قىپچاقلار ئىگەللىگەن جايلارنى " كۇمانىيە" دەپمۇ ئاتىغان. تارىختا ئۇلار يەنە كۇمانلار ( ياۋروپاغا كۆچۈپ ماجارلار بىلەن مەڭگۈلۈك قوشۇلۇپ كەتكەن قىسمى)، رۇس-ئۇكرائىنالار تەرىپىدىن " پولوۋىتس" لار دەپمۇ ئاتالغان. ياۋروپالىقلار كۇمانلارنى قىپچاق دەپمۇ ئاتايدۇ، ھازىرقى ھۇنگارىيەدە مۇشۇ قىپچاق قەۋمى مەۋجۇت بولۇپ ھۇنگارىيە كوممۇنىزتىك پارتىيەسىنىڭ داھىلىرىدىن بېرا قىپچاقلاردىن ئىكەن. كۇمان سۆزىنىڭ مەنىسى سۈزۈك تېرە دىگەنلىك. ئۇلار يازلىغى بۇلگار خانلىغىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلسا، قىشلىغى بالاساغۇن Balasagun ئەتراپىدا قىشلايدۇ. كۆپ بولمىغان قىسىملىرى تېرىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. 7- ئەسىردە غەربى تۈركلەرگە قارام بولغان، 9-11-ئەسىرلەردە كىماكلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن (موڭغۇل)قىپچاقخانلىغىغا قوشىۋېتىلگەن، ئېتىل دەرياسىنى پاسىل قىلىپ غەرپ ۋە شەرق ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان. شەرقى " قارلۇق، قاڭقىل، قاراكىدان" لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربى بۇلگارلار ۋە باشقىرتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كېيىنكى )قىپچاقلار ئەجدادى ئوغۇزلار بىلەن دېلېرگىن موڭغۇللىرى (دېلېرگىن موڭغۇلچە "ئادەتتىكى" دىگەن مەنىدە، بۇ موڭغۇللارنىڭ ساپ نىرون قەۋمىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان، رەشىددىن نىڭ قارىشىچە موڭغۇللار دېلېرگىن ۋە نىرون دەپ ئىككىگە ئايرىلغان، دېلېرگىن موڭغۇللىرى : خونجىرات، جالايىر، ئۇلاڭخا، خاناخۇلۋۇت، خاراناۋۇت، خولجىس، سولدوس، شۇشېن، بۇگنات، ئېلگىن، بېلگۇنات، بوياۋۇ قاتارلىق 18 قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، دېلېرگىن موڭغۇللىرى بىلەن نىرون موڭغۇللىرى قوشۇلۇپ خەمخە موڭغۇللىرى دىيىلىدۇ، مەنىسى : پۈتۈن موڭغۇللار) نىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. دېلېرگىنلەر ئەسلىدە شېرۋى غا جايلاشقان ئىدى، لىاۋ سۇلالىسىدىن كېيىن شېرۋىدىن ۋولگا دەرياسى بىلەن ئۇرال دەرياسى ئارىسىدىكى يۈلبول تېغىغا كېلىپ جايلاشقان ۋە شۇ يەردىكى قەۋملەرنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ناھايىتى تېزلىكتە شۇ قەۋملەرگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىپ ئۆزلىرىنى قىپچاقلار دەپ ئاتىغان. 4 بۆلەك 11 قەبىلىدىن تۈزۈلگەن، بۇ 4 بۆلەك : قاراقىپچاق، خىتايقىپچاق، قۇلانقىپچاق ۋە تولى قىپچاقلاردۇر. 1237-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق موڭغۇلنىڭ غەرپكە يۈرۈشىدە ۋولگاقىپچاقلىرىدىن باچمان(Bachman) موڭغۇللارغا تەسلىم بولۇشتىن باش تارتقان ۋە موڭغۇللار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان، بۇنىڭ بىلەن قىپچاق قەبىلە ئىتتىپاقى پارچىلانغان، كۆپ قىسىم تېررىتورىيەسى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قوشۇۋېتىلىپ قىپچاقلار " قازاقلار" دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان، بىر قىسىم قىپچاق قەبىلىلىرى ئامالسىزلىقتىن ھۇنگارىيەگە كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن قىپچاق ھاكىمىيىتى مەڭگۈ يوقىتىلغان. مىسىردىكى مەملۈكىلەر سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قىپچاق قۇللىرى قارشى ئېلىنغان، ئارىسىدىكى ئەڭ مەشھۇرى كېيىن مەملۈكىلەر سۇلالىسىدىكى بايبارس دۇر. قىپچاقلارنىڭ يۈلبول قەبىلىسى ناھايىتى مەشھۇر بولغان قەبىلە بولۇپ دېھلى سۇلتانلىغىنى مۇشۇ قەبىلىدىن بولغان بىر قۇل قۇرغان. ئادەتتە كىشىلەر قىپچاقلارنى مۇسۇلمانلاردىن دەپ خاتا قارىغان، مۇنداق بىرنەچچى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ: جۇۋەينىنىڭ " تارىخى جاھانكوشاي" دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر ھىكايە بار، يۈەنتەيزوڭ Ögädäi خان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئادەتلىرى بويىچە قوي بوغۇزلىشىنى مەن ى قىلغان، بىر مۇسۇلمان قوي سېتىۋېلىپ ئۆيىدە بوغۇزلاۋاتقاندا ، بىر قىپچاق كىشى ئۆگزىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى موڭغۇل ئەمەلدارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. يەنە بىر ۋەقە بارتولد تىلغا ئالغان قىپچاقلار بىلەن گىرۇزىيەلىكلەر بىرلىشىپ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغىنىدۇر. ئۈچىنچى ۋەقە رۇبرۇك موڭغۇلغا ئەلچىلىككە بارغاندا ، قىپچاقلارنىڭ قەبرىسى ئالدىدا شاراپ كۆتەرگەن ھەيكەلنى كۆرگەن. دىمەك ئۇلار شۇ دەۋرلەردە مۇسۇلمان ئەمەستۇر. ھەقىقى مۇسۇلمانلار خارەزىم شاھلىغىنىڭ شىمالىدىكى قىپچاق قەبىلىلىرى بولىدۇ، قالغانلىرى 15-ئەسىرلەردىلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. دىمەك، ھازىرقى مەنىدىكى قىپچاقلار قەدىمى ئوغۇز-ئۇيغۇر ئەجداتلىق تۈركى قەبىلىلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىدە يۇغۇرىلىشىدىن ھاسىل بولغان. تۇران تىل سېستىمىسى ۋە ئۇيغۇر، قىپچاق تىل گۇرۇپپىلىرى ھەققىدىكى ئىلمىلىكى يۇقۇرى ماقالە مۇنبەردىكى iltebir ئەپەندى يازغان تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ: /bbs/read.php?tid=90 |
||
![]() |
|
Qutghur
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:8 - قەۋەتتىكى kokjal 2008-10-20 00:13 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : قازاقلار شۇ قىپچاقلانىڭ ئەۋلادى بولغاچقىلا تۈرك مىللتىگە ئايلانغان .سىز دىگەن سارتلار ئوغۇز خاقاننىڭ بىۋاستە ئەۋلاتلىرى . قىپشاق سارت ئەمەس دىگىنىڭىز توغرا بولىشى مۈمكىن . |
||
![]() |
|
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:6 - قەۋەتتىكى تاگتاش 2008-10-19 22:01 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : "دەشتى قىپچاق"ئۇ جۇغرافىيەلىك يەر نامى. خۇددى "تەكلىماكان چۆللىكى"،"تارىم ئويمانلىقى"دېگەندەك. "دەشتى قىپچاق ئاھالىسىنى "دەشتى قىپچاقلىقلار"دەپ ئېلىڭ ئەمىسە. خۇددى "تارىملىقلار"،"ماۋەررائۇننەھرىلىكلەر" دېگەندىكىدەك. "دەشتى قىپچاقلار"دېسىڭىز ،خۇددى "تارىملار"،"ماۋەررائۇننەھرلەر"،" ئۈرۈمچىلەر"دېگەندەك غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن. كۆكجال: سەن بىرخىل ئاڭقاۋلارچە ئۆچمەنلىك بىلەن گەپ قىلىدىكەنسەن ، ھەممە تېمىدا. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە بىر قەپەس"ئۇيغۇر-قازاق ئۇرۇشى" بۇلۇپ ئۆتىدىكەن. ئۆزىڭنى بىلىۋالساڭ. "قىپچاقلار دېگەن ھازىرقى قازاقلارنىڭ ئەجدادى، سارتلارنىڭ ئەمەس!"دەپ كەتمىسەڭمۇ، ئۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. زەردە قىلىپ كۆكىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. گىپىڭ بولسا ئىلمى سۆزلە. ئورخۇن سەندەك ئاڭقاۋلارغا كىكىرىپ كەتكەن. بولمىسا ئىلمى پوزىتسىيە بىلەن سوغۇققان پىكىر قىلىدىغان تاگتاش ئوخشاش قازاق قېرىنداشلارغا ئورخۇننى تەۋسىيە قىل، شۇلار بىلەن بىز ئورتاقلىق تاپالايمىز. دېگىدەك گەپ تاپالمىساڭ. جىم ئولتۇرۇپ يازما ئۇقىساڭمۇ بۇلىدۇ. قەستەن بۇ يەردە رېزا تېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. |
||
![]() |
|
mavlan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
arkim
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتىكى تاگتاش 2008-10-19 21:23 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : تۋرا ايتاسىز، مىنە وسىلاردان بۇگىنگى قازاق، نوغاي، قىرغىز، قاراقالپاق خالىقتارى بارلىققا كەلىپ وتىر. |
||
![]() |











تارىختىكى دەچتى قىپچاقلارنىڭ خەرىتىسى





