![]() |
ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
---|
بۇ ئەسەرنىڭ << ئۇرخۇن>>دىكى پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغاچقا، خۇددى بىر گۆھەر تېپىۋالغاندەك، ئىجازەتسىزلا بۇ سەھىپىگە يۆتكەشكە تەرەددۇتلاندىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەسەر ئاپتۇرىغا << ئۇرخۇن>> ئەزالىرى نامىدىن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، موبارەك ئىسمى - زاتى ۋە ئۆتكۈر تەپەككۇر دەپدەبىسى ئالدىدا يەرگە قاراپ تىرناق تاتىلاشتىن باشقا ئامالىم يوق. بەلكىم، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تارىخى قاراش بىردەكلىكى مەزكۇرئاپتۇرنىڭ ئەسلى مۇدداسى بولىشى مۇمكىن. aysa.t.nadrنىڭ يوللانمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئېتنولوگىيىسىگە نەزەر ئالدى بىلەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغىنىم،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنېكا ۋە تارىخ چۈشەنچىسى.چۈنكى بىر مىللەتكە نىسبەتەن شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەزكۇر مىللەتكە بولغان ئېتنىكا ۋە تارىخ جەھەتتكى چۈشەنچىسى شۇ مىللەتنىڭ سىياسى ھاياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئىلگىرى دۆۋلەت ئىچىدە "ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ كۆچۈشى" ئېدىيىسى يۇقرى سالماقنى ئېگىلەيتى، گەرچە خەلىقئارادا بەزى ئالىملار باشقىچە قاراشتا بولىسمۇ لېكىن كۆپ ساندىكىلىرى يەنىلا جوڭگونىڭ قەدىمىقى سۇلالىرى دەۋرىدە يېزىلغان تەزكىرىلەردىن نېرى كەتمىگەن ئېدى.ھالبۇكى خەلىقئارالىق گېن تەتقېقاتى،ئېنسانلارنىڭ گېنولۇگىيە ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتالىق زور تەتقېقات تىمىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى بۇ خىل كۆز قاراشلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە پۈتۈنلەي يىڭى بولغان كۆز قارشىمنى ئېلىمى ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويىمەن. 1.ئۇيغۇرلار ئارىئان قان سېستىمىسىغا كىرىدۇ. تۆۋەندە ئالدى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق چوڭ مىللەتلەردىن نۇسخا ئېلىنىپ سىزىپ چىقىلغان يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاتا نەسىل گېن خەرىتىسىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرەي.مەزكۇر خەرىتە تۆۋەندىكىچە: بۇ خەرىتىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشىقا بولۇدۇكى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى چوڭ قان سېستېمىسى يەنى ئارىئان قان سېستىمىسى R1 بىلەن شەرقى ئاسىيا قان سېستىمىسىO ئەڭ كەڭ تارقالغان قان سېستىمىلىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ خەرىتىدىكى UG بەلگىسى شىماللىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ گېن خەرىتىسىدىن بەزى قىزىقارلىق يەكۈنلەرگە كېلىشكە بولىدۇ. يەنى شماللىق ئۇيغۇرلارغا ئەتراپتىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ قان سېستىمىسى قىسمەن ئارلىشىپ كىرگەن، لېكىن غول قان سېستىمىسى ھېندى-ياۋروپا قان سېستىمىسىنىڭ ئارئان قان سېستىمىسىنىڭ ئىككى تارمىقى يەنى R1a ۋە R1b ئاساسلىق سالماقنى ئېگىلىگەن. ئارىئان قان سېستىمىسىدىن سىرىت دىيارىمىزنىڭ شىمالى ۋە شەرقى رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن قان سېستىمىلىرى شەرقى ئاسىيا قان سېستىمىسىO نىڭ بىر تارمىقى بولغان O3،ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى تارمىقى شەرقى جەنۇبى ياۋروپا-ئاناتولىيە كىچىك تارمىقى قان سېستىمىسى J2 دىن ئېبارەت. تۆۋەندە بۇ قان سېستىمىلىرىنىڭ رايونىمىزنىڭ شەرقى ۋە شىمالى رايونلىرىدىكى تۇرپان، ئۈرۈمچى،كۇچا ۋە ئېلى رايونىدىن ئېلىنغان نۇسخىنىڭ نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن: 18 پرىسەنىت R1a. 17 پىرسەنىت R1b. 10 پىرسەنىت J2. 14 پىرسەنىت O3. قالغان خىلمۇ-خىل قان سېستىمىلىرى 41 پىرسەنىت. يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولۇدۇكى رايونىمىزنىڭ شىمالى ۋە شەرقى قىسىمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قان سېستىمىسىدا گەرچە ئارىئان قان سېستىمىسى غول سالماقنى ئېگەللىسىمۇ لېكىن قان سېستىمىسى جەھەتتىن بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلاردا ئارلىشىش ناھايىتىمۇ كۈچلۈك. شۇڭا تۆۋەندە مەن رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان قىسىملىرى مەسلەن تارىمنىڭ جەنۇبى ۋە غەربى قىسىمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قان سېستىمىسىنىڭ نىسبەت قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. قەشقەر،ئارتۇچ،خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن ئېلىنغان نەتىجە شۇنى كۆرسەتتىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمى ئاريان قان سېستىمىسى R1 نىڭ غەربى - شىمالى ياۋروپا تارمىقى دەپ قارالغان R1b قان سېستىمىسىغا كىرگەن.ھالبۇكى بۇ قان سېستىمىسىنىڭ ھېندىقۇش تاغ تىزمىلىردىكى كىشىلەر ۋە تارىم ئارىئان قۇرۇق جەسەتلىرىنىڭ يۇرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بۇنچە كۆپ نىسبەتتە چىقىشى تارىخنىڭ چاڭ توزانلىرىدا يوقاپ كەتكەن تارىخنىڭ بىر ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.يەنى ئارىئانلار ئەسلىدە پامىر-ھېندىقۇش تاغ تىزمىلىرى ۋە فەرغانە-تارىم ئويمانلىقلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ، قەشقەر-ئارتۇچ تەرەپتىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ قان سېستىمىسىنى ساقلاپ قالغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۇندىن سىرىت بۇ رايوندىك ئۇيغۇرلاردا J2 مۇ كۆپ مىقداردا (تەخمىنەن 20 پىرسەنىت)ساقلانغان. ئەكسىچە شىماللىق ئۇيغۇرلار بولسا بۇ رايوندىكى ئەسلىدىكى تۈركى - موڭغولىئان قان سېستىمىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تارىمدىن شىمالغا كۆچۈپ چىققان ئارىئان قان سېستىمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارلاشما قان تىپى بولۇپ ئارىئان قان سېستىمىسى نىسبەتەن ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلەيدۇ.ئەكسىچە قەشقەر-ئارتۇچ تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئەسلىدىكى ئارىئان قان سېستىمىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلىگەن ئاساستا بىر قىسىم تۈركو-موڭغۇل قان سېستىمىسى ئارلاشقان ئۇيغۇرلاردۇر. خەننامىدە "قۇمۇلدىن تارتىپ باكتىرىيە( ئافغانىستاننىڭ شىمالى)گىچە ئورا كۆزلۈك، قاڭشارلىق،چاچلىرى دولقۇن ئوخشاش بىر خىلدىكى ئىرىق ياشايدۇ"دەپ تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ئارىئان ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدۇر.ھازىرقى تەكشۈرۈش نەتجىلىرىدىنمۇ شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولۇدۇكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى ۋە جەنۇبى قىسمىدىكى ئۇيغۇرلاردا شۇنچە كۆپ R1b قان سېستىمىسىنىڭ بولۇشى ۋە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قان سېستىمىسى بولمىغان مىللەتلەردە بولسا تاكى ئوتتۇرا-غەربى ياۋروپاغىچە بۇ خىل قان سېستىمىسىنىڭ شۇنچە ئاز بولۇشى دەل بۇ رايوندا ياشىغان ئەسلى ئاھالىلەرنىڭ راستىنلا ئارىئانلار ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى. يەنە بىر دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا موڭغۇلىيەدىن شۇنچە يىراق جايلاشقان يەرلەردىكى تۈركى مىللەتلەر،مەسلەن قازاق،ئۆزبەك،تاتار قاتارلىق مىللەتلەردە موڭغۇلىيەلىك موڭغۇللارنىڭ قان سېستىمىسى C ناھايىتى كۆپ بايقالغان. مەسلەن قازاقلاردا 46 پىرسەنىت،ئۆزبىكلەردە 18 پىرسەنىت،ئەكسىچە ئۇيغۇرلاردا بولسا ئېنتايىن ئازبولۇپ ئاران تۆت پىرسەنىت،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قان سېستىمىسىنڭ 75 پىرسەنتى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ گېن تىپى بولۇپ ئۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل قان تىپى تەخمىنەن 1 پىرستنىت بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.دېمەك موڭغۇلىيە ئېگىزلىكى گېن تىپى C ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىگە نىسبەتەن ھېچقانچىلىك رول كۆرسەتمىگەن.ئەكسىچە تۇڭگۇس سېستىمىسىدىكى مىللەتلەردە(كورىئان،ياپون،موڭغۇل) ۋە كۆپىنچە تۈركى مىللەتلەردە بولسا بۇ قان سېستىمىسى كۆرىنەرلىك كۈچلۈك.قازاقلاردا بولسا ئەڭ چوڭ قان سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ.ھالبۇكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قان سېستىمىسى بولغان R1b بولسا ئۆزبەك،قازاق،قىرغىز قاتارلىق قوشنا تۈركى مىللەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىدا كۆرىنەرلىك سالماقنى ئېگىلىمەيدۇ.ئەكسىچە تارىمدىن ناھايىتى يىراق بولغان غەربى ياۋروپادا بولسا ئەڭ چوڭ زومىگەر قان سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ.ھەتتا بەزى غەربى ياۋروپالىقلاردا 90 پىرسەنىتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلاردىن شۇنى يەكۈنلىۋىلىشقا بولۇدىكى،گەرچە ئۇيغۇرلاردا تۈرىك قان سېستىمىسى بولسىمۇ، لېكىن تۈرىك قان سېستىمىسىغا كىرمەيدۇ. 2.ئۇيغۇرلار تارىمنىڭ ئەڭ قەدىمىقى يەرلىك ئاھالىسىنىڭ ئەۋلادلىرى. تارىمدىن تېپىلغان قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ ئېتنىك تەكشۈرۈلۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئېلى ۋادىسى،تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ قەدىمىكى ئاھالىسى غەربى ياۋروپا قان سېستىمسىغا كىرىدىكەن.بۇ خىل قان سېستىمىسى ئىرقى جەھەتتىن سەلىت ئېرقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئىرقى ئالاھىدىلىكى بولسا ئورا كۆز،يۈز قىسمى ئنچىكە(كەڭ ۋە گۆشلۈك بولغان خەنزۇ-موڭغۇل ياك تۈرىك ئىرقىدىن روشەن پەرىقلىنىدۇ)،بۇرنى ئېنچىكە ۋە ئۇزۇنراق،بۇرۇن ئۇچى تۈزبىلەن ئىلمەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا،پۇت -قوللىرى ئۇزۇن ۋە نىسبەتەن ئورۇقراق،تېرىسى ئاق سۈزۈك.مەسلەن كىرورەن گۈزلى تىپىك سەلىت ئىرقىغا كىرىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىرگىچە ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقىدىكى بىر تۈركۈم تائىپە تارىمغا كىرگەن،.بۇ ئىرىقتىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى نىسبەتەن تەمبەل،قارا چاچلىق، ئىرقى ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن سەلىت ئىرقىدىكىلەرگە قارىغاندا ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھېدىلىكلىر ئانچە روشەن ئەمەسبولۇپ ئەسلىدىكى سەلىت ئىرقىدىكى كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن.ئۇلارنىڭ ئارلىشىش نىسبىتى 1:3 بولغان . دېمەك،گىن تەكشۈرۈشىدىن چىقىرىلغان خۇلاسە،تارىم ئويمانلىقىدىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قان سېستىمىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇندىن ئاز دېگەندە تۆت مىڭ يىلدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرىكى تارىمنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ قان سېستىمىسىنى 50 پىرسەنىت ساقلاپ قالغان،ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قان سېستىمىسنىڭ تەخمىنەن 70 پىرسەنتىنىڭ مىلادىدىن ئاز دېگەندە ئىككى ئەسىر بۇرۇن شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى. 3.ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ يىڭى چۈشەندۈرۈلۈشى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا نەسلى ئەسلىدە تارىم ئويمانلىقى،تۇرپان،ئېلى دەريا ۋادىلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىقى ئاھالىسى بولۇپ ئىرقى مەنبە جەھەتتىن ئارىئان ئىرقىنىڭ غەربى ياۋروپا تارمىقىغا ناھايىتى يېقىن بولغان بىر ئىرىققا كىرەتتى.تىلى بولسا ھېندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسنىڭ بىر تۈركۈمىگە كىرەتتى ،تېخىمۇ توغرىسى ئارىئان تىلىدا سۆزلىشەتتى.بۇندىن تەخمىنەن 2200-2700 يىللار مۇقەددەم ئېران تىل سېستىمىسدا سۆزلىشىدىغان بىر ئىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىقى ئەجدادلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئۇلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ خەننامىدە تىلغا ئېلىنغان"قۇمۇلدىن تارتىپ باكتىريەگىچە" بولغان يىڭى ئىرىقنى يەنى تارىملىقلانى شەكىللەندۈرگەن.ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنجى قاتلام ئەجدادلىرى بولۇپ تارىم ئويمانلىقى ۋە تەڭرى تاغلىرى ئەتراپىغا نەچچە ئونلىغان دۆۋلەتلەرنى قۇرغان.مىلادىدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى دەۋىردىن باشلاپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇۋىتىلگەن.بۇ رايون موڭغۇليەدە قۇرۇلغان ھون ئېمپىرىيىسى بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تەسىر دائېرە تالىشىدىغان سورىنىغا ئايلىنىپ قالغان.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇ تەرەپ بولسا بەزىلىرى بۇ تەرەپ بولۇپ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان.ئۇلارنىڭ قارا بەختى شۇ بولغانكى ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر قانچە يۈز يىلغىچە بىر-بىرىنى يوقىتىۋىتەلمىگەن.دېمەك ئۇرۇشنىڭ دەردىنى ئەڭ كۆپ تارىتقىنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان.گېزى كەلگەندە ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەن، تالان-تاراج قىلىنغان،ئاياللىرى خورلىنىپ ئەرلىرى قۇل بولغان.لېكىن ئۇلارنى ھەقىقى بىرلەشتۈرگۈدەك كۈچ شەكىللەنمىگەن. كىيىن خەن سۇلالىسى ئۇيسۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ھونلارنى قوغلاپ چىقارغان.لېكىن خەن سۇلالىسنىڭ ئۆزى شۇندىن كىيىن قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولسا شەھەرلىرىدە ياشاۋەرگەن،بىرىنىڭ-كەينىدىن بىرى ئالمىشىپ ھۆكۈمىرانلىق قىلغان كۆچمەن قەبىلىلەر مەسلەن قاڭقىللار،كىدانلار، تاڭغۇتلار، كۆك تۈرىكلەر بولسا ئەتىراپتىكى يايلاقلاردا ياشاپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ زومىگەرلىك تالشىپ يۈرگەن.بۇ شەھەر دۆۋلەتلىرى كىم كۈچلۈك بولسا شۇنىڭغا مايىل بولۇپ ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىۋەرگەن.6 ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ھەممىدە ئۆزگۈرۈش بولغان. جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى كۆك تۈرىكلەر تۈرىك ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قۇرغان دۆۋلەتلەرنى بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان.لېكىن دەل شۇ مەزگىلدە تاڭ سۇلالىس كۈچىيىپ،سودا مەنپەئەتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۆك تۈرىك ئېمپىرىيىسى بىلەن بۇ رايوندا تەسىر دائېرە تالىشىپ پۇت تېپىشكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار قايتىدىن خەن -ھۇن دەۋرىدىكى ئۇرۇش مالمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن.لېكىن بۇ دەۋىردىكى كۆرىنەرلىك ئۆزگۈرۈش شۇ بولغانكى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۈرىك تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى ئورىنىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىش جەريانىدا تۈرىك تىلىغا نىسبەتەن خېلىلا ئۆزلەشكەن.8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تۆبۆتلەر كۈچىيىپ تارىم ئويمانلىقنى كونتىرول قىلىۋالغان.ئۇلارنىڭ رەھىمسىز قۇلدارلىق ھۆكۈمىرانلىقى تارىملىقلارنىڭ جان-جەھلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.لېكن ئۇلارنىڭ تەلىيىگە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي قەدىمىقى ئۇيغۇرلار تۆبۈتلەرنىڭ تەسىرىنى بۇ رايوندىن تازلىۋەتكەن.ئىلگىرىكى ھۆكۈمىران تۈركى مىللەتلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى قەدمىقى ئۇيغۇرلار شەھەرلەشكەن ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇپ،مەدەنىيەت جەھەتتىن بەدەۋى بولمىغاچقا ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان تارىملىقلارغا نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت قوللانغان بولغاچقا يەرلىك قەۋىملەر ئۇيغۇر ئېتنولوگىيىسىنى ئاكتىپ قوللىنىپ ئۆزلىرىنى بىرلىككە كەلگەن "ئون ئۇيغۇرلار" دېگەن نامدا ئاتاشقا باشلىغان ۋە ئاكتىپ ھالدا ھۆكۈمەت تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەن.كىيىن ئورخۇن ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ھالاك بولۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن.قەدىمىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچگە پانالىنىش ئۈچۈن كۆچۈپ بېرىپ يوقاپ كەتكەن.ئاز بىر تارمىقى (تەخمىنەن 100مىڭدىن 200 مىڭغىچە) قۇمۇلدىن كۇچاغىچە بولغان رايونلار ۋە جۇڭغار ئويمانلىقنى كونتورول قىلىپ ئېدقۇت ئۇيغۇر خانلىقنى قۇرغان.ھازىرقى گېن تەكشۈرۈشىدا رايونىمىزنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى ئۇيغۇرلار(تېخىمۇ توغرىسى قەدمى ئېدقۇت ئۇيغۇر خانلىقنىڭ تېرىتوريەسى ھېسابلىنىدىغان ھازىرقى ئۇيغۇرلار) دىن بايقالغان R1a ۋە O3 دەل مۇشۇ ئۇيغۇرلاردىن مىراس قالغان بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئەسلىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ بىر قىسىم ئەجدادلىرى بولغان ھۇنلار خەنزۇلار بىلەن ئوخشاش O3 قان سېستىمىسىدىن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ ئۇلار ئارىئان قان سېستىمىسى R1a تىپىدىكى يەنە بىر تۈركۈم خەلىق( قەدىمىقى ساكلار) بىلەن ئارلىشىپ تۈرىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئەڭ قەدىمىقى تۈركى خەلىق ھېسابلىنىدىغان قىرغىزلاردا ھازىرغىچە نىسبەتەن ساپ ساقلانغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا R1a بىلەن O3 نىڭ پىرسەنتى 18 ۋە 14 بولسا قىرغىزلاردا 42 ۋە 24 بولۇپ،نسبەت جەھەتتىن يېقىنلىشىدۇ،لېكىن تۇرپاندىن كۇچاغىچە بولغان ئۇيغۇرلاردا O3 نىڭ ئېگىلىگەن نىسبىتى نىسبەتەن يۇرى،بۇنىڭ سەۋەبى سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە بۇ رايونلارغا بىر قىسىم خەنزۇلار ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن پانالىنىش ئۈچۈن چىقىپ كىيىن كېتەلمەي قالغانلىرى ئۇيغۇرلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.دېمەك بۇ تارىخى جەريانمۇ ئۇيغۇرلاردا روشەن ئىز قالدۇرغان. دېمەك،رايونىمىزنىڭ شەرقى ۋە شىمالى قىسىمىدىكى قۇمۇلدىن تارتىپ كۇچانىڭ شەرقىغىچە بولغان ئۇيغۇرلار ئېدقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قان سېستىمىسى جەھەتتىن قەدىمىقى ئۇيغۇر-ئوغۇزلار بىلەن تارىملىقلارنى ئاساس بىر قىسىم ھېندىستانلىقلارسودىگەرلەر،جەنزۇ ۋە تېبەتلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئارلىشىشىدىن ئۈچىنجى قاتلام ئۇيغۇرلارنى ھاسىل قىلغان بولۇپ،قان سېستىمىسى ھازىرغىچە ئۆزگەرمىگەن. ئەمدى نۇقتىلىق ھالدا رايونىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچىنجى قاتلام ئۇيغۇرلار،يەنى ھازىر ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان مىللىتىمىزنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرىگە ئېگە قاتلىمىنىڭ شەكللىنىشى ئۈستىدە توختىلىمەن. خۇددى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكۈنۈمدەك،بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 70 پىرسەنىت قان سېستىمىسى مىلادىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇنلا مۇقۇملىشىپ بولغان.لېكىن قالغان 30 پىرسەنتىنىڭ ئارلىشىپ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىگە جايلاشقان بولۇشتەك ئەۋزەللكى بىلەن ئەتىراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن نۇرغۇن كۆچمەنلەرنى ئۆزگە سىڭدۈرگەن. لېكىن مۇتلەق نوپوس ئۈستۈنلۈكى قان سېستىمىسنىڭ كۆرىنەرلىك ئۆزگۈرىشىگە يول قويمىغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا مەھمۇد قەشقەرى دەۋرىدىمۇ بۇ رايوندىكى تارىملىقلار تېخى تۈرىكلىشىپ بولمىغان بولۇپ"خوتەنلىكلەر تۈرىكچىنى بىلمەيدۇ" تى ،"قەشقەر شەھەر ئىچىدىكىلەرتۈرىكچىنى راۋان سۆزلەيدۇ،شەھەر ئەتراپىدىكىلەردە ئارلىشىپ كېتىش ئېغىر"تى، "ئارتۇشلۇقلار تۈرىكچىنىمۇ ئۆز تىلىنىمۇ راۋان سۆزلىيەلەيدۇ"تى.دېمەك مەخمۇد قەشقەرىنىڭ قىممەتلىك ئەسرى 11 ئەسىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى تۈرىكچىلىشىپ بولمىغانلىقىنى،ئارىئان ۋە ئېران تىلىنىڭ تەسىرىنىڭ تېخىچىلا ئاۋام خەلىق ئارىسىدا ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك تارىمنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ(تارىملىقلارنىڭ) تۈرىكلىشىشى تارىخى كىتابلاردا سۆزلەنگەندىنمۇ ئۇزۇن جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.چاغاتاي دەۋرى يەنى بۇندىن ئالتە يۈز يىل مۇقەددەم،ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل بىرلىكى "چاغاتاي تىلى" نامىدا ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقان. بۇ جەريان مىللى بويسۇندۇرۇش شەكلىدە ئەمەس بەلكى دىنى بويسۇندۇرۇش شەكلىدە ئەمەلگە ئاشقان.ئىلگىرىكى بۇددا،زەردەدۇشىت ۋە نېستورىئان دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان باشقا ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن قەشقەر ۋە ئارتۇچلۇق تۈركى قارىخانلار خان جەمەتىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار تەرپىدىن ئاندىن ئسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇل-ئۇيغۇر ئارلاشما تائېپسى(موغۇللار)تەرپىدىن ئۈزلۈكسىز بويسۇندۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن ياركەنت سەئېدىيە خانلىقى دەۋرىدە ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنڭ ئېتنولۇگىيىلىك شەكىلللىنشى تاماملانغان.بۇ جەرياندا قارا خانلار خاندانلىقىدىكى ۋە چاغاتاي موغۇللىرى ئۆز نۆۋتىدە بۇ رايوندىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا تۈركو-موڭغولوئېد قان سېتىمىسى ئارلاشمىسى(تەخمىنەن 30 پرىسەنت)نى قېتىپ ئۈچىنجى قاتلام ئۇيغۇر قان سېستىمىسىنى يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر قان سېستىمىسىنى ھاسىل قىلغان. 4.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى تەۋەلىك مەسىلىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى تەۋەلىكى توغرىسىدا دۆۋلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى چەكلىك ساندا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.لېكىن گېن تەتقېقاد نەتىجىلىرى بولسا نۇرغۇن.مەن ئۆزۈمنىڭ خۇلاسەمگە ئاساسەن كۆز قارشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي. بىرنجى چوڭ ئىرقى تىپ : بىر قىسىم مۇڭغۇل ئېرقى ئارلاشقان ياۋروپا ئىرقىنىڭ پامىر تارمقى. ياكى ئۆزگەرتىپ ئېيىتقاندا بىر قىسىم مۇڭغۇل ئىرقى ئارلاشقان ياۋروپا ئىرقى.بۇ خىل تىپ تارىمنىڭ جەنۇبىدا ۋە غەربىدە،كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا،ئاقسۇنىڭ كەلپىندىن تارتىپ مارالبېشىغىچە بولغان رايونلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدۇ.تارىم ئويمانلىقىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئىرىققا كىردۇ.ئېلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنڭ كۆپ قىسىمىمۇ مۇشۇ رايونلار بىلەن بىر قان سېستىمىسغا كىرىدۇ. ئىككىنجى تىپ : تۈركو-ياۋروپوئىد ئارلاشما ئىرقى.بۇ خىل تىپقا كىرىدىغانلار رايونىمىزنىڭ شەرقىدىكى قۇمۇل،تۇرپان ۋە كورلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئېبارەت. قىسقارتىپ ئۇقۇم شەكلىدە ئىيىتقاندا ئۇيغۇرلار بىر قىسىم سېرىق تەنلىكلەر ۋە ئاز بىر قىسىم ھېندىستاننىڭ قار ئاھالىلىرى ئارلاشقان ئاق ئىرىققا كىرىدۇ. ئەسكەرتىش: 1.مەن يۇقىرىدا ئۆزۈمنىڭ تەتقېقات نەتىجىلىرىمگە ئاساسەن بىرقانچە نۇقتىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنولوگىيىسىگە مۇناسىبەتلىك كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇم.بۇ ماقالە مېنىڭ ئۆز ئېجادىيىتىم.ئىلگىرى قسمەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەزمۇنلارنى سەلكىن مۇنبىرىدە Alp Ertungah ۋە sword نامىدا ئوتتۇرىغا قويغان.تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى سورايمەن. 2.بۇ تىمىنىڭ ئېگلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمەن.تورداشلارنىڭ بۇ تىمىنى كۆچۈرۈپ شەخسى پايدىلىنىشغا، سەلكىندىن باشقا ھەرقانداق تور بەتلىرىگە ئۇلىنىش شەكلىدە يوللاپ قويۇشىغا بولىدۇ، لېكىن خالىغانچە ئۆزگەرتىپ يىڭى تىما شەكلىدە ھەر قانداق يەردە ئېلان قىلىشغا رۇخسەت يوق. ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تىمامنى كۆرگىنىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.شۇنداقلا ھەرقانداق پىكرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەركىن مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالمەن. [ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-09-11 01:26 دە قايت ] |
||
![]() |
ark_xamili
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Kulbilge
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Kulbilge
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Awral
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Bore
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Bore
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
ysulaiman
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Qutghur
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Ulughbek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Bore
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Bore
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Qutghur
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
ark_xamili
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|