ئورخۇن مۇنبىرى » رىۋايەتلەردىكى تارىخ » گېن تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر گېن تىپى قۇرۇلمىسى |
| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
moljer
دەرىجىسى :لەشكەر |
0
|
|---|
ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىدە ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسى مۇھىم بىر تەتقىقات تىمىسى بۇلۇپ، DNA تۈزۈلىشىگە ئاساسەن ھازرىقى ئىنسانلارنىڭ قايسى رايوندىن كۆچۇپ كەلگەنلىگىنى،قانداق مىللەتلەر بىلەن بىرككەنلىگنى ، قانداق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ۋە تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىش ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات يۆنىلىشىدىن ئىبارەت. ئەنە شۇ DNA قۇرۇلمىسغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ يازما تارخ ماتىرياللىرى جاۋاپ بىرەلمىگەن چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش تامامەن مۇمكىن. يەنى تارختا خاتىرلەنمىگەن ئىزلار دەل ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسىدا خاتىرلەنگەن ۋە ساقلانغان.DNA زەنجىرى ئەشۇ قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ گېن ئالاھدىلىكىرنى ھازىرقى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ غول لىنىيسىدە ، يەنى كېسىشمە يولىدا ياشىغان بىر مىللەت بۇلۇشى سۈپىتى بىلەن بۇ جۇغىراپىيلىك ئالاھىدە شارائىت ئۇيغۇرلاغا باشقىچە ئالاھىدە ئىزلارنى قالدۇرغان.مەدىنيەتتكى ئۆزگىچىلىك . يەنى غەرىپ -شەرىق، جەنۇپ- شىمالدىن كەلگەن مەدىنيەتنىڭ بىركىشى ،يۇغۇرلىشى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر چىرايلىرنىڭ ئۆزگىچىلگى، ھەرخللىغى. سىز ئەتىراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدىن نېگىرلاردىن باشقا دۇنيادىكى ھەممە ئېرىقلارنى ئاساسەن تاپالايسىز . كۆك كۆز ،سېرىق چاچ ياۋۇرپالىقلارنى، قارا چاچ، قارا كۆز، قاڭشالىق ئىرانلىقلارنى، يالاڭ قاپاق، قارا تۈز چاچلىق شەرقى ئاسيالىقلارنى. دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېىن تىپى ئالاھىدە، يەنى بىر ئارلاشما تىپ. گەرچە ئۆزەمنىڭ كەسپى تارىخ ،ياكى ئىنسانشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتىسىز بولسىمۇ بىراق ئىنسانىيەتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا كۈچلۈك قىزىقىشىم بار. شۇ سەۋەپتىن تورغا چىقسام چەتئەل تورلىردا مۇشۇنداق تىمىلارغا ئائىت مۇنبەرلەردە چېپىپ يۈرۈيمەن. ئەشۇنداق مۇنبەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر قىزقارلىق تىمىنى ئۇچىىرتىپ قالدىم. يەنى بىر ئاق تەنلىك ئامىركىلىق ئۆزىنىڭ گېنىنى تەكشۈرتكەندە تەكشۈرۈش نەتىنجىسى ئۇنى ئۇيغۇر گېىن تىپىغا ماس كىلىدۇ دەپ چىقارغان.نەتىنجىدە بۇ تىما قىزىپ ئۇيغۇرنىڭ قەدىمقى تارىخى ، كىرورەن گۈزىلى، تەكلىماكاندىن چىققان ئاق تەنلىك ئىرققا تەۋە مۇميالارغىچە ، ھەتتا بۇ زىمندا ياشىغان ئاق تەنلىق قەدىمقى ئىنسانلاردىن توخىرىلارغىچە يىتىپتۇ. ئۇنداقتا مەقسەتكە كەلسەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېن تىپى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ نىمىشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ ئامىركىلىق ئۇيغۇر گېىن تىپى بۇلۇپ چىقىدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ DNAسىدىكى Y-chromosom ئاتلىق يۆنىلىش بويچە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىدىغان خىروموسوم بۇلۇپ ئۇ يەنە نەچچە ئونلىغان تىپلارغا ئايرىلغان. تەپسىلى تىپلار ۋە ئۇلارنىڭ جۇغىراپىيلىك جايلىشىشى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك. ئۇنداقتا پۇتۇن دۇنيانىڭ Y-chromosom تىپلىرنىڭ جايلىشىش خەرتىسىنى كۆرۈپ باقايلىك. بۇ خەرتىدىن قىزىل چەمبەر ئىچىگە ئېىلىنغان ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنىشى گىرافىكتىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرلار Y-chromosom دىكى ئاساسلىق تىپلار:R1b, R1a, O, J, Cدىن ئىبارەت. R1b تىپى : ئاساسلىقى غەربىي ياۋۇرپادا كەڭ كۆرۈلدىغان تىپ، بۇلۇپمۇ ئەنگىليە،ئىرلاندىيە،گېرمانىيە، ۋە ئىسپانيەلەردە كەڭ كۆرۈلدۇ. R1a تىپى : ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە ئەتىراپىدىكى شەرقى ياۋۇرپا ئەللىردە كۆپىرەك تارقالغان تىپ. J تىپى :ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەبلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تۇركىيە ئىتالىيە قاتارلىق ئوتتۇرا دېڭىز بويدىكى ئەللەردە كۆپ كۆرۈلدۇ. C تىپى: ئاساسلىقى سىبىريەدە كەڭ تارقالغان تىپ بۇلۇپ موڭغۇل ۋە بۇيرات، ئالتاي،ئېۋېنكى ۋە قازاقلاردا كەڭ تارقالغان تىپ. O تىپى : ئاساسلىقى شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرگە كەڭ تارقالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ گېن قۇرۇلمىسى نىمىشقا گېن تەتقىقاتچىلىرنى ھەيران قالدۇردۇ؟ ئېنگىلىزچە ئېنسكلوپىدىيەلەردىن Y-haplogroups R1b تىپىنى ئىزدىسىڭىز، R1b تىپنىڭ غەربى ياۋۇرپادا كەڭ تارقالغان بىر تىپ بۇلىشى بىلەن بىرگە، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلادىمۇ بۇ خىل تىپنىڭ خېلى كۆپ سالماقىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىكەنلىگىنى كۆرسىز .ئۆزڭىزمۇ ئۈستىدە بىرلگەن دۇنيادىكى Y-haplogroup تىپىنىڭ تارقىلىش خەرتىسگە دىققەت قىلسىڭىز ، قىزىل رەڭلەرنىڭ غەربى ياۋۇرپادا ،تۇم سېرىق رەڭلەرنىڭ رۇسىيە قاتارلىق شەرقى ياۋۇرپا ئەللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئالتاي، ھىندىستاندا كوپ ئىكەنلىگىنى كۆرسىز. يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكىرەك دىققەت قىلسڭىز ئۇيغۇر ۋە قىرغىزدىن ئىبارەت بۇ مىللەتلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلگىنى كۆرسىز. يەنە ئۇيغۇرلار دا قىزل رەڭ يەنى غەربى ياۋۇرپا گېن تىپى R1b نىڭ سالمىقى ئەتىراپىدىكى قوشنىلىرغا قارغاندا، يەنى پۇتكۈل ئاسىيا رايونىغاسېىلىشتۇرغاندا كورۇنەرلىك دەرجىدە يۇقىرلىغىنى كۆرسىز. ئۇندىن باشقا يەنە سېرىق رەڭ يەنى شەرقى ياۋۇرپا گېن تىپى R1a نىڭ نىبىتىمۇ خېلى يۇقىرى . بۇ دەل گېنشۇناسلارنى ھەيران قالدۇرغان قىزىق نوقتا. يىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردا نىمىشقا بۇنداق كۆپ نىسبەتتە R1b،R1a مەۋجۇت بولىدۇ؟ |
||
![]() |
|
bugrahan
مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىشايلى!
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
bares
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Elturk
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
niyazdixan
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
|---|
Quote:1 - قەۋەتتىكى bugrahan 2007-12-18 17:15 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : گېن تەتقىقاتچىلىرى ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇپ چىقسا بەزىبىر ئىشلارغا بولغان ھەيرانلىقلىرىنى تۈگىتىدىكىەندە . |
||
![]() |
|
Yawuz
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
|---|
[align=justify] Quote:1 - قەۋەتتىكى bugrahan 2007-12-18 17:15 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : رىۋايەت دىگەن بەرىبىر رىۋايەت، رىۋايەت گەرچە تارىخنىڭ مەلۇم تەرىپىنى يورۇتۇپ بېرەلىسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز تارىخ بولالمايدۇ. خوش ئەمدى يۇقۇرىدىكى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، دىيارىمىز ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى، شۇڭا بۇ رايوندا ياشاپ ۋە قۇرۇپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ گېن تىپى قۇرۇلمىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دىيارىمىزنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە دىيارىمىزدىن قېزىۋېلىنغان 4000 يىل بۇرۇنقى جەسەتلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا، قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە (ھەممىسىدە دىيىشكىمۇ) بولىدۇ، ياۋروپا ئېرقىنىڭ ئېرقى ئالاھىدىلىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان بولۇپ، كىرورەن گۈزىلى، چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەر ۋە خېجىڭ قارا مۇدۇن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەر بۇ سۆزىمىزگە ئىسپات بولالايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان جەسەتلەردە گەرچە يەنىلا ياۋروپا ئېرقى ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قىسمەن جەسەتلەردە قىسمەن موڭغولوئىدلىق ئېرقى ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا بۇ دەۋردە قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشنىڭ كېڭىيىشى ۋە تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشى ۋە ئارىلىشىشى چوڭ قەدەمدە بولمىسىمۇ كىچىك قەدەمدە باشلىنىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە مىللەتلەرنىڭ بۇ خىل قوشۇلىشى ئۈزۈلۈپ قالماي ئىزچىل داۋاملىشىپ ماڭغان ۋە موڭغولوئىد ئېرقتىكى كىشىلەرنىڭ تۈركۈملەپ بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىپ ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشى تېخىمۇ كېڭىيىپ، بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىكىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلىشى بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىكىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسىدا يۇقۇرىقىدەك كۆپ خىل ئامىللارنى شەكىللەندۈرگەن بولسا كېرەك. گەرچە بىز ئۇيغۇرلاردا " قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن " دىگەن تەمسىل بولسىمۇ، لېكىن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يېزىپ باقتىم، بۇنىڭغا يەنىلا مۇشۇ كەسپنىڭ ئەھلىلىرى بىرنىمە دىسۇن. |
||
![]() |

|
uyzat
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Kulbilge
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Nawayi
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Nawayi
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
udun
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
moljer
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ark-al
ئەرك ئال
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
udun
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
moljer
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
Quote:13 - قەۋەتتىكى udun 2008-01-16 02:31 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : ھەيرانمەن،ئۇدۇن خانىم. سىزمۇ بۇ تىمىغا شۇنداق قىزىقىپ قاپسىز،بىراق ئىجابى جەھەتتىن ئەمەس،بەلكى سەلبى جەھەتتىن قىزىقىپسىز. يەنى كۆرۈپ شۇنداق ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىپسىز. مەن دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە. سىزچە ئۇيغۇرنىڭ بىر شالغۇت مىللەت بۇلىىشى شۇنچە نۇمۇس قىلغۇدەك ئىشمۇ؟ بىلىشىڭىز كىرەككى دۇنيادا ھىچقانداق ساپ مىللەت يوق. ھەرقانداق مىللەت ئۆزنىڭ ئەتىراپىدكى مىللەتلەر بىلەن ئارلاشقان. پەقەت ئارلىشىىش نىسبتىدە پەرق بار. بۇ ئۇقۇمنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلدۇ. ھەم ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلۋاتقان تارخشۇناسلار،ئارخىلوگلار،ئىنسانشۇناسلارمۇ ئۇيغۇرلارنىىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمقى ئاق تەنلىك ئېرىق بىلەن تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى ئېيتىىشىدۇ. يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى يىپەك يولى بويىدىكى بارلىق خەلىقلەر ئۆز ئارا ئارلاشقان. قەدىمقى زاماندىكى دۇنياۋى ئىمپىريىلەرمۇ باشقىلارنى ئىستىلا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئۆزىگە قوشقان.شۇڭا ھازىرقى زاماندىكى ئەشۇ ئىمپىريە خەلىقلىرنىڭ ئەۋلاتلىرى بولمىش ئىتالىيلىكلەر، ئىرانلىقلار، تۈركلەرنىڭ چىرايىدىن، گېنىدىن بۇنداق شالغۇتلىقنى كۆرگىلى بولىدۇ. دۇنيادا ئېىرقلار ئۆزئارا قۇشۇلغان ئىككى چوڭ رايۇن بار. بىرى ئچكى ئاسىيا ،يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا، يەنە بىرى جەنۇبى ئامىركا. مېنڭچە بۇ ھىچقانداق نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس. Quote:
مەن ئۈستىدە قالدۇرغان ئۇلىنىشتىكى ئامىركىلىقنىڭ مۇنازىرسىگە قارسىڭىز، ئۇ ئۆزنى ئۇيغۇرغا باغلىماپتۇ. بەلكى ئۆزنىڭ گېنىنىڭ ئۇيغۇر گېنى تىپىغا ماس كېلىپ قالغىنغا ھەيران بۇلۇپ ئۇيغۇر توغىرلىق تېخمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشىش ئۈچۈن شۇ تىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ. ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ئالاھىدە گېن تىپىنىڭ بۇلىشغا قاراپ بۇنى باشقا يەردىن ئىزدەش بىر ئەخمىقانە ئىش. بۇنى باشقا يەردىن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ ئانا زىمندىن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ئەمدىلەتىن ئۆزنى كۆرستىۋاتقان تەكلىماكان مۇميالىردىن، كىرورەن گۈزلىدىن ئىزدەش كىرەك. Quote:
سىزنىڭىچە ئۈستىدىكى ئاۋۇ خەرتىدە بېرلگەن گىرافىكلارنى چەتئەللىك گېنشۇناسلار شۇنداقلار چىقىرپ قويغان ، ھىچقانداق ئاسىاسىي يوق بىر نىمىلەر ئوخشىمامدۇ؟ ئەجىبا ئۇلار ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر گېنىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپلار شۇنداق نەرسىلەرنى ئېلان قىلغانمىدۇ؟ نەزەر دائىرىڭىزنى كەڭىرەك تۇتۇپ ،مەسىللەرگە ئىلىمى كۆز بىلەن قارسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەگەر ئىشەنمىسڭىز نىمىشقا ئۈستىدە مەن قالدۇرغان مەنبەلەردىن تېخىمۇ ئېچىكىرلەپ ئىزدەپ باقمايسىز؟ مېنڭچە بولغاندا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر تىما. چۇنكى مۇشۇ زىمندىن چقىۋاتقان نەچچە مىڭ يىللىق تارخقا ئىگە ئاق تەنلىك مۇميالار بىلەن ھازىرقى بۇ زىمندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ مۇناسىۋىتى زادى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر تېخى ئىشەنچىلىك ئېنىق جاۋاپ يوق. ھەم ئېنىق يازما خاتىرلەرمۇ يوق.بېرىلگەن جاۋاپلارنىڭ ھەممىسى پەرەزلەر. سىزنىڭچە بۇنى گېن نوقتىسىدن تۇرۇپ ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ زادىلا زۈرۈريتى يوقمۇ؟ |
||
![]() |










گېن تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر گېن تىپى قۇرۇلمىسى







