بەخىت قوينىدا
(ھېكايە)
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتقان چېغىمدا تىلفۇنۇم يەنە سايراپ قالدى. تىلفۇنۇمغا قارىمساممۇ بىلىمەن. بۇ يەنىلا شۇ ... نىمە دىسەم بولار؟ بۇ يەنىلا ئىككى كۈندىن بىرى مېنى ئاۋارە قىلىۋاتقان تىلفۇن. تىلفۇننى ئېلىپ قارىدىم . ئويلىغىنىم راست ئىكەن. مەن ئېغىر ئۇھ تارتىۋىتىپ تىلفۇننى يانچۇققا سېلىۋىتىپ يولۇمغا ماڭدىم. تىلفۇن يەنە سايرىدى. ئالمىۋىدىم يەنە سايرىدى. ھېلىمۇ ئەتتىگەندىن بىرى ئاچمىغاندىم. نىمە بالاغا قالغاندىمەن بۇ... تىلفۇن قىلغۇچىنى نىمىشقىدۇر تىللىغۇم كەلمەيتى...
ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ لىكىن سوغۇق ئىدى. نىمشقىدۇر كەيپىياتىممۇ ھاۋاغا ئوخشاشلا سوغۇق. ئاۋۋال يول بويىدىكى دۇكاندىن ئايالىمغا ئازراق ئۇششاق-چۈشەك يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن ئۆيگە ماڭدىم. ئۆيۈمگە تەخمىنەن ئون مىنۇتتا بارالايتىم.ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە توختاپ بەش مىنۇت تۇردۇم . چوڭ -چوڭ نەپەس ئېلىپ كەيپىياتىمنى تەڭشىۋالدىم. چۈنكى سوغۇق چىرايىم بىلەن ئۆيگە كىرگۈم يوق. ئايالىم تولىمۇ رايىش ھەم يېقىملىق ئايال. ئۇ چىرايىمغا بىر قاراپلا ھەممىنى بىلىۋالىدۇ. ئاندىن كەيپىياتىمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ. مانا شۇ چاغدا ئۆزۈمنى نىمشقىدۇر ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھكاردەك ھېس قىلاتتىم.
تىلفۇن يەنە سايرىدى.
-نىمە دەيسەن؟-دىدىم تىلفۇننى ئېلىپلا زەردە بىلەن،-نىمشقا تىلفۇن قىلىۋىرىسەن، باشقا ئىشىڭ يوقمۇ؟
-يەنىلا شۇنداق قوپالكەنسەن،-دىدى ئاينۇر چاندۇرماي،- ئايالىڭ بۇ خۇيۇڭغا قانداقمۇ كۆنگەندۇ؟
-ئۇنىڭغا باش قاتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ،-دىدىم. بۇ دۇنيادا مەندەك ئەسكىنىڭ خۇيىنى كۆتۈرىدىغان كىشى يەنىلا باركەن.
-كۆرۈشەيلى،-دىدى ئاينۇر،-ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار.
-ساراڭ بوپسەن،-مەن كۈلۈپ كەتتىم،- كۆرۈشەيلى دىسەڭلا كۆرىشىدىغان مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭمىدىم.
-مۇھەببىتىم بولساڭمۇ يامنى يوققۇ؟-ئۇ خۇددى بۇ گەپلەر تەسىر قىلمىغاندەكلا سۆزلەۋاتاتتى.
-ماڭا قارا، مېنىڭ ئىشىم بار. تىلفۇننى قويىۋەتتىم جۇمۇ.
-توختا،-دىدى ئۇ،- سەن بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشمىسەم زادىلا بولمايدۇ.
-ھېلىمۇ نىمە ئشىڭ بار دەيمەن؟- ئاۋازىم سەل قاتتىق چىقىپ كەتتىمۇ قانداق يولدا كېتىۋاتقان تونۇش بىر ئايال ماڭا لەپپىدە قاراپ قويدى.
-ئىشىمنى كۆرۈشكەندە دەيمەن. پەقەت بىرلا قېتىم. ...
-ئەگەر ياق دىسەمچۇ؟-دىدىم.
-ئۇنداقتا مەندىن رەنجىمە، بېشىڭغا سەن ھېچقاچان ئويلىمغان ئاۋارچىلىقلارنى سالىمەن.
-پوق يەپسەن،-دىدىم،- قولۇڭدىن بىرەر ئىش كەلسىچۇ كاشكى.
-سەن بىلەن پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈشەي دەۋاتىمەن. ئىلگىرىكى ئەر-ئاياللىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ماقۇل دىگىن،-ئاينۇر ئەمدى يېلىشنشقا باشلىدى.،-پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈشسەك بولدى.
مەن بىردىنلا يۇمشاپ قالدىم. بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ماقۇل بولدۇم. بىز ‹‹ شاھ تائاملىرى›› دا كۆرىشىدىغان بولدۇق.
مەن قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئىشك ئالدىغا قويۇپ قويدۇم. ئۆيگە ئەككىرىپ ئايالىمغا بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئۆيدىن يەنە نىمە دەپ چىقىشىمنى بىلمەي قالغاندىم.
ئاينۇر مېنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىم ئىدى. بىز ھېساپتا توپتوغرا بىر يىل ئۆي تۇتقان ئىدۇق. كىيىن مېجەز -خۇلقىمىز زادىلا كېلىشمەي ئاجرىشىپ كەتكەن. ھەمدە يىرىم يىل ئىلگىرى ئۆز ئارا بەسلەشكەندەكلا ئارقا-ئارقىدىن توي قىلغاندۇق. توغرا ئۇ مەندىن بىر ئاي بۇرۇن توي قىلغاندى. ئەمما ئاڭلىسام ھازىر ئاجرىشىپ بوپتۇ.
ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. مەن دائىم ئۇنىڭغا ‹‹ ئىگىمىز ساڭا ئىككى كىشىلىك كۆز بېرىپتىكەن ›› دەيتىم. قلىقلىرىمۇ شۇنچىلىك ئوماق ئىدىكى مەن ئۇنىڭغا قاراپ -قاراپ تويمايتىم. ئەمما ئۇنىڭغا بولغان زىيادە ئامراقلىقىم ئۇنى شۇنچىلىك ھاكاۋۇر، ھالى ئۈستۈن قىلىۋەتتىكى ئاخىرى ئۆزۈم ئۇنىڭ ئېغىرلىرىنى زادىلا كۆتۈرۈپ بولالماي قالغاندىم. ئۇ بولسا مېنى ئۆزگىرىپ كەتتى. ماڭا بۇرۇنقىدەك كۆيمەيدۇ دەپ ئويلىدى. بىز خۇددى كۆز تەككەندەكلا ئاجرىشىپ كەتكەندۇق. راستىمنى دىسەم مەن ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى ھازىرمۇ كىتاپ ئىشكاۋىمنىڭ بىر يېرىدە مەخپى ساقلاۋاتاتتىم. مەن شۇ چاغدىمۇ شۇنچىلىك تارتىشقاندىم.
ئۇ ئاللىقاچان كېلىپ بوپتۇ. مەن خېلى يىراقتىنلا ئۇنىڭ مامۇق ياقىلىق ئاق چاپان، تىزىدىن سەل ئاشىدىغان قىزىل يوپكا، تىزىغا كېلىدىغان ئۆتۈك كىيىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. بېشىغا كىيۋالغان ئاق پوسىمىسى ئۇنى شۇنچىلك جەزبىدا كۆرسىتپ تۇراتتى.
مەن ئۇنىڭ قىلغان سالامىنى ئىلىكمۇ ئالماستىن ئۇدۇل مېڭىپ بىر ئايرىم خانىغا كىردىم ئۇمۇ ئارقامدىن كىردى.
-نىمە تاماق يىسەك بولار؟-دىدى ئۇ چاپىنىنى سېلىپ ئىلغۇچقا ئىلىۋىتىپ،- مەن ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قاراپ سالدىم ئارقىدىن باشقا ياققا قارىۋالدىم.
-مېنى تاماق يىيىش ئۈچۈن چاقىردىڭمۇ؟-دىدىم چىرايىمنىمۇ ئاچماستىن.
-بولدى ئۇنچىلىك ئەستايىل بولۇپ كەتمە،- دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،- يەنىلا شۇنچىلىك قوپالكەنسەن.
-ئۆزلىرىدەك سىلىق -سىپايە بولالمىدۇق.
-قانداق تاماق يەيسىلەر؟-دىدى چىرايلىق مۇلازىم قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،
-بىر پۈتۈن، بىر يېرىم لەڭمەن بولسۇن،-دىدى ئاينۇر مېنىڭ بىر نەرسە دىيىشىمنى كۈتمەيلا،
كۈتكۈچى ماڭا قارىدى. مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. مەن ئەسلىدىمۇ لەڭمەنگە ئامراق ئىدىم. پەمىمچە ئاينۇر بۇ ئارقىلىق ماڭا ئۆزىنىڭ ھېلىھەممۇ شۇنچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ئىدى. مۇلازىم قىز چىقىپ كەتتى.
-نىمە گېپىڭ بار،-دىدىم مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادىلىپ،- مەن ئالدىرايمەن. شۇ تاپتا ئايالىم مېنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.
-بىز يارىشىپ قالايلى،-ئۇ شۇنداق دىيشىگىلا مەن ئاغزىمغا ئېلىپ بولغان چاينى پۈركۈۋەتتىم:
-قارىغاندا ئۆزۈڭگە بەك ئىشىنىدىغان ئوخشىمامسەن؟ ياكى مەن ئىلگىرى بايقاپ بولالمىغان بىرەر ئالاھىدە تەرىپىڭ بارمۇ؟
-ياق ئۇنداق ئەمەس،-دىدى ئاينۇر،- مەن يەنىلا مەن. مەن ئۆزۈمگە ئۇنچە ئىشەنمەيمەن، ئەمما ساڭا ئىشىنىمەن. شوڭا...
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك خانىش،-دىدىم مەن كىنايە قىلىپ،- قاچاندىن بىرى ئۆزلىرىگە قارىغاندا ماڭا بەكرەك ئىشىندىغان بولۇپ قالدىلا؟
-دۇنيادا ئازمايدىغان ئىنسان يوق، -ئاينۇرنىڭ كۆزلىرى ياشاڭغىرىدى.،-بىز ھەممىمىز خام سۈت ئەمگەن بەندىكەنمز...
-ماڭا قاراڭ خېنىم،-دىدىم ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ،- مەن خېلى كۆپ كىتاپلارنى ئوقۇپ باقتىم. بۇ دۇنيادا ھېچ قانداق بىر مىللەت ياكى ئادەم ياكى ئۇچار قۇش سۈتنى باللىرىغا پۇشۇرۇپ بەرمەيدىكەن، سۈت ئانىنىڭ كۆكسىدە قايناپ، پىشىپ تەييار بولۇپ چىقىدۇ دەيدىغۇ؟
-نىمانداق قىلىسەن؟-دىدى ئاينۇر ئىسەدەپ تۇرۇپ، شۇ چاغدا بىز بۇيۇرۇتقان تاماقلار كەلدى. مەن تاماقنى ئالدىمغا تارتىپ يىگىلى تۇردۇم. ئۇ بولسا تېخىچە مىشىلداپ تۇراتتى. مۇلازىم يىگىت بىزگە چۈشىنىكسىز قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
-ماڭا قارا بىز گۇناھ قىلىپ ئارقىدىن توۋا قىلساق خۇدايىم كەچۈرىدىغۇ؟
-ھە . شۇنداقمۇ-يا؟ لىكىن مەن خۇدايىم ئەمەس-تە. مەن دىگەن بىر ئىنسان. سېنىڭ نەزىرىڭدە تارتىشىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. مەڭگۈ نامرات پېتى ياشايدىغان بىر كىتاپ خالتىسى.
-بولدى قىل. ماڭا قارا . ھازىر مەن ئايالى بار ئادەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشۇم شۈنچە خاتىرجەم. ئىلگىر دائىم ئالدىمغا ھەر كۈنى تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن چىگىچلىرى كەلسە مەن بىر-بىرلەپ ھەل قىلسام دەپ ئويلايتىم. ئەمدىچۇ؟ مەن چىگىچلەردىن مەسلىلەردىن قورقىدىغان ، قاچىدىغان بولۇپ قاپتىمەن. قېرىغان ئوخشايمەن. ئەمدى تۇرمۇش ئىشىم توغرلىق خىيال سۈرۈپ ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلغۇم يوق. بولدى قىل،-دىدىم،- مېنىڭ خاتىرجەم ھەم جىمجىت ياشىغۇم بار.
-سەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيسەن،-دىدى ئاينۇر،-نىمىشقا ئۆزۈڭنى مەجبۇرلايسەن؟
-كىم شۇنداق دەيدۇ؟-دىدىم قاشلىرىمنى يىمىرىپ تۇرۇپ،-ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ساڭا دەپ يۈرەمدىم.
-بولدى ئۆزۈڭنى ئالدىما،-دىدى ئاينۇر،- ئۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىدەك قىز ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئاجرىشپ كەت.
-بۇنداق دىيشتىكى ئاساسىڭ نىمە؟-دىدىم ئۇنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغانلىقىغا ھەيران بولۇپ.
-چۈنكى سەن تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاقىدىغان بۇلاق سۈيىگە ئامراق كۆلدىكى توختام سۇغا ئەمەس.
-دىمەك سەن تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاقىدىغان بولاق سۈيىكەنسەن-دە.
-شۇنداق،-قېشىنى ئېتىپ تۇرۇپ.
-تۈفى،-دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ ،-سەن ھازىر مېنىڭ نەزىدرىمدە،- بىردەم توختىۋالدىم.
-ھە ؟-دىدى ئۇ ،-نەزىرىڭدە مەن ھازىر نىمە؟
-پايپاق يۇيۇپ يۇندا چېلىكىگە تۆكۈپ قويغان سۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇنى بىلىۋال.
ئۇنىڭ بولىشىغا گىرىم قىلىۋالغان ئاپئاق چىرايى بۇ سۆزۈم بىلەن تەڭ سارغىيىپ كەتتى.
-دىمەك ئارقاڭغا يانمايسەن شۇنداقمۇ؟
-بۇ سۆزلىرىڭنى ماڭا تەھدىت سالغىنىڭ دەپ چۈشۈنەيمۇ؟- ددىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ياق . ساڭا بەكلا ئىچىم ئاغىرىپ قالدى. جاھاندا ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىللە ياشاشتىمۇ ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك،-دىدى ئۇ،- نىمە دىگەن جاپالىق.
-سەن ئۈچۈن بىرسىگە ئىرىشىش ۋە بىرسىدىن كېچىش بەك ئوڭاي ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس. قولۇمدا بار چاغدا قەدرىنى قىلىمەن. قولۇمدىن كەتكەندە ئەپسۇسلانمايمەن ئۇختۇڭمۇ؟ توغرا مەن بەلكىم نەزىرىڭدە بىچارە بولۇشۇم مۆمكىن ئەمما ئاخشاملىققا تىزىنى قۇچاقلاپ ياتىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ مەن ئەمەس،- مەن قالغان لەغمەننى ئالدىراپ يىيىشكە باشلىدىم. ئىچىمدە بولسا ئىرادەمگە خىلاپ سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن سەل بىئارام بولدۇم. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى زادىلا ئۇنتۇپ كەتكىنىم يوق. ئەمما ھازىر بۇنى تەن ئالسام زادىلا بولمايتى. مەن تاماقنى يەپ بولۇپ چىنىنى ئۈستەلگە قويۇپ قول ئېتىدىغان قەغەزدىن بىر تال ئېلىپ ئاغزى-بۇرنۇمنى سۈرۇتتۈم.
-ئەمدىغۇ كەتسەم بولار؟
-بولىدۇ. قالتىسكەنسەن،-دىدى ئۇ ئامالسزلىقىنى ئىسپاتلاپ،- ئەمما مەن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن.
-ھە راست. بىر گەپنى دىيشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،-دىدىم ئۇنىڭغا،-ساڭا دەپ قوياي. تۇرمۇشتا بەزىدە مۇھەببەتتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان نەرسىلەر بەر. ئۇنى مەن ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش دەپ ئاتىدىم. قەيەردە ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش بولىدىكەن. شۇ يەردە ئېھتىمال مۇھەببەتمۇ بولار. ماقۇل تاماق پۇلىنى مەن تۆلىۋەتتىم. خوش،- مەن ئۇنىڭ بىر نەرسە دىيشىنىمۇ كۈتمەستىن ئاشخانىدىن يېنىپ چىقتىم.
بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك بولغاندىم. ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىرىممۇ قاياقلارغىدۇر غايىپ بولغان بىر خىل غالىپلىق تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمدا ئوت بولۇپ ياناتتى. ئەمدى ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆيدۈرۋەتسەم بولىغىدەك....
ئۆيگە كىرىۋدىم. ئايالىم چاچتەك تارتىلغان لەڭمەننى سۈزىۋىتىپتۇ.
-ئەمدى كەلدىڭىزمۇ، بۈگۈن كەچ قالدىڭىزغۇ؟ دىدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن.
-ھە. بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشكلى بارغاندىم . شوڭا سەل كەچ قالدىم،-دىدىم يالغان سۆزلەپ.
-قورسىقىڭىز قانداق، تاماق يەمسىز؟-دىدى ئۇ بەك ئوخشىدى.
-ئەلۋەتتە يەيمەن،-دىدىم،-نىمە دىسەم بولار خوتۇن سېنىڭ لەڭمىنىڭدەك يىيىشلىك لەڭمەننى بۇ دۇنيادا سەندىن باشقا ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ جۇمۇ، ئىككى چىنە ئەككىلە.
مەن راستىنلا ئىككى چىنە لەڭمەن يەپ بولدۇم. ئاندىن بىر تەرەپتىن تىلۋۇزۇر كۆرگەچ بىر تەرەپتىن ئايالىمنىڭ قاچا-قۇچا يۇيۇش ، ئۆي يىغىشتۇرۇشلىرىدىن ھوزۇر ئالدىم.راستىنى دىسەم ئۇ ئاينۇردەك چىرايلىق ئەمەس. قامىتى ئاينۇردەك زىلۋامۇ ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكىدە مىڭ ئاينۇرنىڭ ھارارىتى بار ئىدى. مېنىڭچە بەخىتنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇقى باشقىلارغا قانداق بىلمەيمەن. ئەمما ماڭا ئارتۇق ئىدى.
- مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئەلى،-دىدى ئايالىم ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ.
- بىلىمەن،- دىدىم. ئۇنىڭ ئىڭىكىدىن ئەركلىتىپ تۇرۇپ،- سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتڭ قانچە. مېنىڭ ساڭا بولغان مىھرىم شۇنچە.
-ياق ،-دىدى ئايالىم. بىز توي قىلغىلى تەخمىنەن يېرىم يىل بوپتۇ. مەن تېخى سىزنى تولۇق چۈشىنىپ بولدۇم دەپ ئويلاپتىكەنمەن. لىكىن بۈگۈن ھەممىنى چۈشەندىم. سىز بىر ياخشى ئەر، ئەگەر ماڭا يۈز قېتىم تاللاش پۈرسىتى كەلسە مەن يەنىلا سىزنى تاللايمەن.
-بۇ نىمە دىگىنىڭ ، مېنى ھەيران قالدۇردۇڭغۇ؟- بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك بولۇپ.
-سىز ئاينۇر بىلەن كۆرۈشكەندە مەن يېنىڭلاردىكى خانىدە بار ئىدىم . ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇردۇم.
-ھە؟ ياق...،-دىدىم ھەيران بولۇپ،- سەن قانداقسىگە؟...
-توغرا سىز ئىشىك ئالدىدا بىرسى بىلەن تىلفۇندا پاراڭلاشقاندا مەن ھويلىدا ئىدىم. سىز كىرمىدىڭىز. چىقىپ قارىسام مەن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ. سىز بولسىڭىز خېلى يىراققا كېتىپ بوپسىز. ئارقىڭىزدىن ئەگەشكەن ئىدىم.
-سېنى خاتا قىپسەن دىمەيمەن. خوتۇن . لىكن بۇ قىلغىنىڭ....
-كەچۈرۈڭ. مەنمۇ خاتا قىلغانلىقىمنى بىلىمەن. ئەمما ئۆزۈمنى زادىلا تۇتالمىدىم. چۈنكى مەنمۇ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن،-ئۇ مۈرەمگە بېشىنى قويدى،-ماڭا سىزنى خۇدايىم ئۇچراشتۇرغان.
-مەنمۇ ساڭا بۇ ئىشلارنى ھامان دەيتىم. بۇمۇ بولغىنى،-دىدىم ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ،- ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ سەنمۇ خاتىرجەم بولغانسەن ئەمدى...
- مەن بۇرۇندىنلا سىزدىن خاتىرجەم ئىدىم. ئەمما سىزنى مېنى بەك ياخشى كۆرمىسىمۇ ئۆزىنى زورلاپ يۈرەمدىغاندۇ دەپلا ئويلايتىم. ئەمدى چۈشەندىم ئۇنداق ئەمەسكەن. بولۇپمۇ ئاخىرقى سۆزىڭىز مېنى بەكلا خۇش قىلدى.
-قايسى سۆزۈم،-دىدىم چاقچاق قىلىپ،- لەڭمەننىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتتىم دىگەن سۆزۈممۇ؟
-ياق،-دىدى ئايالىم تېلىقىپ كۈلۈپ كېتىپ،- قەيەردە ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش بولىدىكەن شۇ يەردە مۇھەببەتمۇ بولار دىگەن سۆزىڭىز. زادى كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان كىشى گەپنىمۇ نوچى قىلىدىكەن.
- ھە راست. بۈگۈن قايسى كىتاپنى ئوقۇپ بېرەي،-دىدىم ئۇنىڭ ئەزەلدىن مېنىڭ ئوقۇغان كىتاۋىمنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى.
-ئەمدى بالىلار ھېكايلىرىنى ئوقۇپ بېرىڭ،-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،- ئۇمۇ ئاڭلىسۇن. ئاڭلاپ سىزگە ئوخشاش كىتاپخۇمار ئادەم بولسۇن.
-نىمە ... سىز ئېغىر ئاياق بولدىڭىزما؟
-ھەئە، دوختۇرلار 48 كۈنلۈك بوپتۇ دەيدۇ،- ئۇ قورسىقىنى بوشقىنە سىلاپ قويدى.
-ساڭا مۇبارەك بولسۇن خوتۇن دىدىم ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ مېنى دادا بولۇش شەرىپىگە ئىرىشتۈرىدىغان بولدۇڭ،-دىدىم. ئەمدى ئۆيىمىزدە يەنە بىر كىتاپ خالىتسى كۆپىيىدىغان بولدى-دە.- ئۇ مېنى قۇچاقلىۋالدى.
مەن ‹‹ چىن تۆمۈر باتۇر›› ھېكايسىنى باشلىدىم.
بۇرۇنقى زاماندا ....
دوستلىرىم ئەپۇ قىلساڭلار . دۇكاندا ئولتۇرۇپ يازغاندىم بۇ تىمىنى. ھاۋا سوغۇق سەل توڭلاپ كېتىپ تۈزىتىشكە ئالدىراپ قالدىم.