|
-نەدە سەن؟-دىدى ئۇ،- نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش؟
-ئۆيگە كېتىۋاتىمەن،-دىدىم خوشياقمىغان ھالدا.
-كونا جايدا ساقلايمەن،-دىدى ئۇ ،-تىزرەك كېلەرسەن جۇمۇ،-ئۇ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن تىلفۇننى قويىۋەتتى. بۇمۇ بولدى دىدىم ئىچىمدە . ئەمدى بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇردىغان ۋاقىتىمۇ بولغاندى. مەن بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ‹‹ كونا جاي›› ماڭدىم. نىمىشقىدۇر بۇ كونا جاي ئەمدى كۆزۈمگە بىر نەچچە ئاي بۇرۇنقىدەك ئۇنچە ئىللق كۆرۈنمەيتى. خۇددى ئامرىكا كىنولىرىدىكى كۆرنۈشلەرنى ئەسلىتىدىغان بۇ يەر شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى سانائەت رايونى بولۇپ ئەسلىدە ئىگىز-پەس سۇلۇق يەر ئىدى . يېقنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ھۆكۈمەت كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ بۇ يەرنى شەھەر رايونىدىنمۇ چوڭراق بولغان باغچىغا ئايلاندۇرغاندى. تېخى ئادەملەر كۆچۈپ كەلمىگەن رەت-رەت بىنالار. فونتانلار. ھەر خىل گۈل-گىياھلار، ئىگىز-پەس مەنزىرە دەرەخلىرى، ياپيېشىل چىملىقلار بولۇپ بۇ يەرنى بەئەينى بىر سۈرەت دىيىشكە بولاتتى. مەن ئىزچىل تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ كونا جاي بولسا مۇ باغچىنىڭ غەرىپ تەرىپى بولۇپ بۇ يەرگە ئاساسەن ئادەملەر كەلمەيتى. ئاندا -ساندا قىز-يىگىتلەرنىڭ كېلىدىغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاينۇر ئىككىمىز ئۈچۈنلا ياسالغان شادلىق باغچىسى دىيىشكە بولاتتى.
بۇ قېتىم مەن ئاينۇردىن بۇرۇن كەلگەندىم . بۇندىن بۇرۇن بولسا دائىم ئۇ بۇرۇن كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇراتتى. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ تەقەززار بولۇپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرەتتىم. ئەمما نىمىشقىدۇر ئۇ بۇ قېتىم كېچىككەن ئىدى.
قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. بىر دەمدىن كىينلا ئەتراپتىكى مەنزىرە چىراقلىرى يېنىپ بۇ يەرنى يەنىمۇ رومانتىك ھالەتكە كەلتۈرەتتى. لىكىن مېنىڭ ھازىر بۇ مەنزىرىلەرگە زادىلا زوقۇم يوق ئىدى. ئىچىمدىكى گەپلەرنى ئىزتىراپلىرىمنى ئاينۇرغا دەۋەتىپ بىردىنلا يەڭگىللەپ كەتسەم ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ تۇرمۇشۇمدىن يوقالسا ، مەن مەريەمگۈلنىڭ قېشىغا قايتىپ بارسام . مانا بۇلار مېنىڭ ھازىرقى خىيالىم ئىدى.
مېنى ئۇزۇن ساقلاتمايلا ئۇمۇ كەلدى. مەن يىراقتىنلا ئۇنىڭ ئۇنىڭ تىزىنىمۇ پاپمىغان بەدىنىگە چىپپىدە كەلگەن قىزىل كۆينىكى، ئىگىز پاشنىلىق ئايىغى، يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرىغا دىھقەت قىلدىم. ئۇ ئالدىمغا كەلگەندىن كىيىن بولسا ياسالغان كىرپىكلىرى، بولۇشىغا گىرىم قىلىنغان چىرايىغا ۋە ئويماقتەك ئېغىزىغا دىھقەت قىلىدىم.
ئۇ كېلىپلا باغرىنى ئېچىپ مېنى قۇچاقلىدى. ئەمما مېنىڭ بۇتتەك قېتىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئاستا ئاجراپ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ سوردى.
-بۈگۈن نىمە بولدى؟
-ھېچنىمە،-دىدىم. سوغۇقلا.
-بولدى. مەندىن يوشۇرىمەن دىمە، ئايالىڭنى يەنە ئەكىلىۋالغانلىقىڭنى بىلىمەن.،-دىدى ئۇ كىنايە قىلىۋاتقاندەك بىر خىل ئاھاڭدا.
-بۇ ئىشقا تېخى ساق ئىككى سائەتمۇ بولمىغان تۇرسا ، قاچانلاردا بىلىپ بولدۇڭ؟-مەن ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالمىغاندىم.
-بىلمەمسەن،-دىدى ئۇ سوغۇق كۈلۈپ ،-بۇ دىگەن ئۇچۇر دەۋرى.
- شۇ ئۇچۇر دەۋرىڭدىن ئايلىناي،-دىدىم ئىچىمدە. ئەمەلىيەتتە بولسا،- راستلا شۇنداقكەن،-دىدىم.
-كەيپىياتىمنى شۇنداق ئۇچۇرىۋاتقان بولساڭمۇ ساڭا دەيدىغان بىر خۇشخەۋىرىم بار،-دىدى ئۇ،-ماڭا ئۇ ياقتا بىردەم ئولتۇرايلى. ئۇ قولىغا بىر تال گېزىتىنى ئېلىپ بىر تال مەنزىرە دەرىخى ئاستىدىكى ئورۇندۇققا قاراپ ماڭدى. بىز ئورۇندۇقتا يانمۇ-يان ئولتۇردۇق. ئارىنى بىر خىل ئوڭايسىز جىمجىتلىق قاپلىغاندى.
-گەپ قىلمايسەنغۇ،-دىدى ئۇ ،-بىلسەم بىلمىسەم ماڭا دەيدىغان گېپىڭ بار ھەقىچان.
-ئەمدى بولدى. قىلايلى،- دىدىم ئالدىمدىكى ياپيېشىل چىملىققا قاراپ تۇرۇپ،
- نىمشقا ،-دىدى ئۇ بىر ئوبدان كېتىۋاتىمىزغۇ؟
-ساڭا شۇنداق تۇيۇلىدىغاندۇ؟ لىكن مەن چارچاپ كەتتىم. مېنىڭ يەنىلا ئائىلەمنى ساقلاپ قالغۇم بار،-دىۋىدىم ئۇ خۇددى ئوتتەك بىر يۇمۇر ئاڭلغاندەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-سەن ئەسلى ئارتىس بولساڭ بولاتتىكەن. زايا كېتىپسەن ئەمەسمۇ؟-دىدى ئۇ كۈلكىدىن توختاپ.
-مەن راست دەۋاتىمەن،-دىدىم. ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ،-ئەمدى سەنم ئۆز تۇرمۇشۇڭنى ئويلاشساڭ ياخشى بولاتتى.
-مەندىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ،-دىدى ئۇ،- قانداق قىلىشنى ئوبدان بىلىمەن.
-ئۇنداقتا ساڭا رەھمەت،-دىدىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ، -بىز مۇشۇ يەردە خوشلىشايلى،
ئۇ ئولتۇرغان جايىدىن مىدىرلاپمۇ قويمىدى.
-سەل ئالدىراپ قالغانلىقىڭنى ھېس قىلمىدىڭمۇ؟
-ياق،-دىدىم،- مېنىڭچە ھازىر دەل ۋاختى.
-بۇنىڭغا بىر قاراپ باقساڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىسەن،-دىدى ئۇ بىر پارچە قەغەزنى تەڭلەپ،-تۇتە ، كۆرۈپ باق.
-نىمە بۇ؟-ئەنسىز بىر خىيال كاللامدىن لىپلا قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
-دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنوز قەغىزى، بىر بالىغا ئاتا بولىدىغان بولدۇڭ،-ئۇ ئورندىن تۇرۇپ چوڭقۇر ئۇھ تارىتتى.
-ياق ،-دىدىم،-ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي،-بۇ ...قانداق بولۇپ...
-نىمانداق تىلىڭنى چاينايسەن،-دىدى ئۇ مەسخىرىلىك كۈلۈپ، بىز تېرىدۇق. ئۇ ئۈندى شۇ. ھازىر ئۈچ ئايلىق بولدى.
كاللام پىرقىراپ كەتتى. ھامان مۇشۇنداق ئىش چىقدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇنداق تۇرۇپ نىمشقا بۇ خاتالىققا يول قويغاندىمەن.
-سەن باشتىلا بىلگەنمدىڭ؟-دىدىم بىر دەمدىن كىيىن ئېسىمگە كېلىپ.
-ياق تېخى بۈگۈنلا بىلدىم،-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. نىمانداق خۇدۇڭنى يوقىتىدىغاندەك قىلىپ كېتىسەن؟
-ئەمدى قانداق قىلماقچى؟ -ئاۋازىم تىتىرەپ كەتتى.
-خاتىرجەم بول. ساڭا ئېسىلىۋالمايمەن. ئەمما مەن بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرساڭلا بولدى. باشقا تەلىپىم يوق،-ئۇ ئەتراپىمنى بىر ئايلىنىپ چىقىتى.
-ئۇنداقتا ...
-سەن غەم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىمەن . ماڭىمۇ يۈز كېرەك. لىكىن يەنە بىر يولمۇ بار. ئىككىمىز يارىشىۋالساقمۇ بولىدۇ.
-مەن بىر نەچچە كۈن ئويلىنىپ باقاي،-دىدىم بىردىنلا يېلىم چىقىپ چۈنكى ھازىرلا گەپنى كېسىۋەتسەم ئىككى پۇتۇم بىر ئۆتۈككە تىقىلاتتى.
-بولىدۇ. خالىغانچە ئويلانغىن. ئەمما تىلفۇنۇڭ ھەر ۋاقىت ئوچۇق تۇرسۇن. مەن خالىغان چاغدا ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ تۇراي،-دىدى ئۇ ، خاتىرجەم بول خىزمەت ۋاقتىڭدا ھەم ئەتتىگەن-كەچتىمۇ تىلفۇن قىلمايمەن. سېنى ئوسال قىلغۇم يوق،- ئۇ بۇ گەپلەرنى شۇنچە ھېسياتلىق يېقىملىق دەۋاتقان بولسىمۇ زادىلا كاللامغا كىرمەيۋاتاتتى. بۇ كونا جايدىن تۇنجى قېتىم سالپىيىپ ياندىم. ئۆيگە كېلىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ خىيالغا كەتتىم. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى ئەمدىلا ئويلاۋاتسام ئۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك كوزىرىنى ئىشقا سالدى. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەكتۇ؟ مەن ئويلاندىم. ئويلاندىم. ئاخىرى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان ئامالنى تولۇق ئويلاپ قويغاندىن كىيىن خاتىرجەم بولۇپ ئۇخلاپ قالدىم.
چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە چوڭ بىر يىلان پۇتۇمدىن باشلاپ پۈتۈن بەدىنىمگە يۆگىشىۋاتقىدەك مەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا قانچە تىرشقانسىرى ئۇ شۇنچە چىڭ يېپىشقىدەك. ئاخىرى ئۇ مېنى قىسىپ زادىلا نەپەس ئالغىلى قويمىغانمىش . مەن ئۆلۈپ كەتكىدەكمەن. قاناتلىق ئاق پەرىشتىدىن ئىككىسى ئىككى قولۇمدىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىۋاتقىدەك. مەن مېنى قويىۋىتىڭلار . مېنى نەگە ئېلىپ بارىسىلەر دەپ جېنىمىڭ بېرىچە توۋلىغىدەكمەن. ئۇلار بولسا ‹‹ نەگە بولاتتى. ئەلۋەتتە دوزاخقا ئېلىپ بارىمىز-دە. تېخى قان يىرىڭغا تولغان دوۋزاخقا دىگۈدەك. مەن قاتتىق قارشىلىق قىلغىدەكمەن. ئاخىرى ئويغىنىپ كەتتىم. ھېكايىلەردە ئېتىلغاندەك تەرلەپ كەتمىگەندىم . سائەت ئەتتىگەن سائەت ئۈچنى كۆرسىتپ تۇراتتى. دىمەك مەن ئۇخلىغىلى تېخى ئەمدىلا ئۈچ سائەت بولغاندى. نىمانداق ۋەھشى چۈش كۆرگەندىمەن. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ مېنى سوراقمۇ قىلماي ئۇدۇللا دوزاخقا سۆرەپ ماڭغىنى نىمىسى دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىمىدىم.
ئايالىم شىجائەتلىك چىۋەر ئايال بولغاچقا ئۆيگە كېلىپ ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ ئۆيدە ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ باقمىغاندەك بىر خۇشال كەيپىيات پەيدا قىلدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئەسىر قىلىۋالغان خىجىللىق تۇيغۇلىرىمۇ ئاستا-ئاستا تارقىغاندەك بولدى. ئەمما مەن ئايالىمغا چاندۇرماستىن ئاينۇرغا قانداق تاقابىل تۇرۇش پىلانلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتقاندىم. ئەمەلىيەتتىغۇ بۇنى تەييارلىق دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنى مېنىڭ قىلغان بارلىق ئىشىم ئەسلىدىكى كونۇپكىلىق تىلفۇننى تاشلىۋىتىپ ئورنىغا سىزىمچان ئىكرانلىق تىلفۇندىن بىر سېتىۋېلىش بولدى. ئەمدى پەقەت مۇۋاپىق بىر پەيىتىنى تاللاپ ئاينۇر بىلەن كۆرۈشسەم ئاندىن بەزى گەپ-سۆزلەرنى تىلفۇننىڭ ئۈنئالغۇسىغا ئېلىۋالساملا بولاتتى. ئەمما ئاينۇر مېنى ھامان ئالدىمغا كېلىدۇ دەپ ئويلىغانمىكىن بىلمەيمەن. بۇرۇنقىدەك ھە دىسە تىلفۇن ئۇرۇپ ئاۋارە قىلمايتى. پەرىزىمچە ئۇ مېنىڭ تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنى ئىزدىشىمنى ساقلاۋاتاتتى. مەنمۇ ئوتنى يەنىمۇ ئۇلغايتىپ تۆمۈرنى قىزىزىقىدا سوقۇش ئۈچۈن جىمجىت بولىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل نىسپى تىنىچلىققا ئىرىشكەن بولدۇم.
-يەنە بويۇمدا قالغان ئوخشايدۇ،-دىدى ئايالىم بىر كۈنى كەچتە.
-ئېنىقمۇ ، نەچچە كۈن بولدى- مېنىڭ بۇ سۇئالىمغا خۇشاللىق، ئارسالدىلىق يەنە ئازراق قورقۇنىچمۇ ئارلىشىپ كەتكەندى.
-تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئاغىرىپ قالىدىغان مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتتىم،- ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناۋاتقان بەخىت نۇرلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆپ قەرىزدار ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇنى ئۈن-تۈنسىز باغرىمغا بېسىپ ئۇزۇنغىچە تۇردۇم.
-نەپەس ئالالماي قالدىم،-دىدى ئۇ بوش پىچىرلاپ ،
مەن يەنە بىر قېتىم ئۆزۈم توغرىلىق ئويلاندىم. قىيىنچىلىق ئىچىدە تىرىشىپ -تىرمىشپ يۈرۈپ ئالى مەكتەپ ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپتىمەن. تەستە خىزمەتكە چىقىپتىمەن. ئۈچ يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم توي قىپتىمەن. ئەگىر-توقاي يوللاردىمۇ مېڭىپتىمەن. ھېلىمۇ ياخشى بۇ قېتىم خۇدايىم سەۋىرلىك قېينىئاتا. ئەقىللىق ئايالغا ئۇچراشتۇرۇپتۇ. شۇنچە ئىشلار بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆيۈم ئۆي، تۆرۈم تۆر بولۇپ تۇرىۋىتىپتۇ. بىر پەرزەنتىم دۇنياغا كەلمەي تۇرۇپلا چۈشۈپ كەتكەن بولىسىمۇ خۇدايىم يەنە بىرنى بېرىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمدى ئاينۇردىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپلا كەتسەم قىڭغىر يولدىن قايتىپ ياخشى ئادەم بولسام بولغىدەك....
ئاينۇر ئاخىرى تىلفۇن قىلىپ كۆرىشەيلى دىدى. مەنمۇ شۇ ھامانلا قوشۇلدۇم. ئىچىمدىكى پىلاننى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن گەپنى سىلىق قىلدىم. ئەمما ئىچىمدە يەنىلا بىر قورقۇش بار ئىدى. خىياللىرىم تەرتىپسىز ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ مەندىن بۇرۇن كېلىپ بوپتۇ.
داۋامى بار....
|
|
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
|
|
|
|
|