|
ئۇ خىل مېھىرغا تەشنالىق ھېسسياتىنى مەنمۇ ئوبدان چۈشىنىمەن، ئەمما ئەسەردىكى پەرى بۇنداق تەسۋىرلەنمەيدۇ (مېنىڭ نەزىرىمدە)
« مەن بۇ مەركىزى شەھەردىكى بىر چوڭ دېرىكتورنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز قىزى، يەنە كېلىپ دادام تەرەپتىكى چوڭ ئۆيدە بەش ئوغۇل نەۋىرنىڭ ئارسىدىكى يالغۇز قىز نەۋرە شۇنداق بولغاچقا كىچىكىمدىن تولىمۇ ئەتىۋارلىنىش ئىچىدە نازۇك چوڭ بولدۇم. »
«مە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر كۈنى ئاپام بىلەن ئىككىمىز تاماققا ئەتمەكچى بولدۇق، ئاپام مېنى ئاۋۋال دادامغا تېلفۇن قىلىپ نېمە تاماق يەيدىغانلىقنى سوراپ بېقشىمنى ئېيتتى، تېلفۇن قىلسام مېنىڭ ئۇ دېرىكتور دادامنىڭ تېلفۇنىنىڭ پۇلى تۈگەپتۇ، ئاپام بىلەن ئىككىمىز تازا كۈلۈشتۇق. »
« ئەتىسى ئاپام مېنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە سودا سارايغا بېرىشمنى ئېيتتى. ئۇ ئەسلى ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار دوختۇرى ئىدى. مۇددەت بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىپ، دادام ‹ئائىلە خىزمەتچىسى ئالايلى› دېسە ئۇنىماي، كۈنلىرنى ئۆي تازلاش، تاماق ئېتىش، دوستلىرى بىلەن چاي ئويناش، سودا ساراي ئايلىنىش، ئۆزى بۇرۇن ئۈگەنگەن ئەرەپ تىلنى پىششىقلاش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۋاتقان بىر ۋاپادار ئايال، كۆيۈمچان ئانا.»
« -كىمۇ ئۇ بۇنچە كەچتە مېنىڭ قىزىمغا مۇنچىۋالا نەرسە ئېلىپ كەلگەن؟ سىزنى قەسلەۋاتامدۇ نېمە ؟ جىقراق يەپ سەمىرىپ كەتسۇن دەپ ؟تېخى ھەيدىۋالغان ماشىنسى ، مەن بىلەن ماركا تالشىپ....قايسى باينىڭ بەگزادىسى ئۇ ؟؟؟- دەپ سوئالغا كۆمۈۋەتتى.
- دادا...ئەينەكتىن ئوغۇرلۇقچە قاراپسىز دە؟!-دېگىنمچە كېلىپ ئەركىلەپ دادامنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم. ئىشىكتە تۇرغان ئاپاممۇ كۈلۈپ كەتتى.»
« ئۆيگە كېلىپ ئىشىكتىن كىرشىمگىلا دادام مېنى باغىرىغا باستى ،
-دادا، بۈگۈن مېنىڭ تويۇم بولاتتى، مەن يېڭى كېلىن بولاتتىم، سەن كېلىشكەن ، قابىليەتلىك بىر كۈيئوغۇلغا قېيىنئاتا بولاتتىڭ، بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭمۇ ئوغۇلۇڭ بولاتتى، دادا...لېكىن ھازىر...._ يەنە نېمىلەرنى دېمەكچى بولغۇيتۇم، ئەتتىگەندىن يىغلاپ ھالسىزلىنىپ كەتكەچكىمۇ يەنە يېقىلىپ چۈشۈپتىمەن... »
«سىرتقا چىقىپلا ئاپامغا تېلفۇن قىلىپ يىغلاشقا باشلىدىم ، ئاپام نېمە بولغانلىقىنىمۇ ئۇقماي جىددىيلىشىپ قايتا -قايتا قەيەردىلىكىمنى ، نېمە بولغىنىمنى سورايتتى ، ئاخىرى دادام ئىككىسى يېرىم يولدىن ئايرىدۇرۇمغا قايتىپ كەلدى .
ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كەينىمدە پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆيدىكىلەرنىمۇ ساراسىمگە سېلىپ قويدى ، ئۇلار كۈندە شىرزاتنىڭ يەنە كېلىپ مېنى ئىزدىشىدىن ئەنسىرەپ، كېچىسى ئۇيقۇسىمۇ ئۇيقا بولمايدىغان بولدى، »
«ئاپامنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ يۈركى سۇ بولۇپ تۇرسىمۇ ، ئامالسىزلىقتىن رايىمغا بېقىپ مېنى ئۇزتىپ قويدى ، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەھىرىمدىن ئايرىلىشقا ئۇ كۈنى شۇنچە تەقەززا بولدىمكى ، مەن ئەڭ ئامىراق نەۋىرە ئاكامنىڭ ‹مېنى ساقلاپ تۇر ، ئۆزۈم ئاپىرىپ قوياي ...› دېيىشلىرگىمۇ قارىماي ، ئۆزۈم يولغا چىقتىم »
«ئۆزۈمنىڭ مىجەزىمۇ خېلى يېقىملىق يەنە كېلىپ ئۆيدىكىلەرمۇ بەك ئەركىلتىپ چوڭ قىلغاچقا بۇ نازۇك مىجەزىم ھەممىسنىڭ ئامىراقلىقنى كەلتۈرگەن ئىدى . »
« كىچىكىمدىن بىر توپ ئوغۇل نەۋىرنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغاچقىمۇ ياكى رىشات مەندىن نەچچە ياش چوڭ بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ مېھىرى مەندە بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا قىلدى .»
« بىر قىز بالىنىڭ ناتونۇش شەھەردە يالغۇز ياشاۋاتقىنىدىن ئۆيدىكىلەرنىڭ يۈركى سۇ بولۇپ تۇرسىمۇ مېنىڭ خېلى ئوڭشىلىپ قالغىنىمنى ھېس قىلغاچقىمۇ يەنە قايتىپ كەتكىن ، دېيىشكە تىلى بارمايتتى . لېكىن بوۋام - موماملار توختىماي ئۆيدىكىلەرگە بېسىم قىلىپ ، مېنى قايتۇرۇپ كېتىشكە زورلاپ ھارمايتتى . »
«ئاخىرى نەچچە كۈن ئويلىنىپ ئۆيدىكىلەرگە ئېغىز ئاچتىم ، دادام-ئاپام مېنى پەقەت شىرزاتقا قىيداپ بۇ توينى قىلاي دەۋاتىدۇ ....دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي ، باشتا گەپ قىلمىغان بىلەن ئەمدى ماڭا تۈگمەس نەسىھەتلىرنى باشلىۋەتتى ‹ بالام ، ئوبدان ئويلانغىن ، سەن ئاشۇ شەھەرنىڭ مەدەنيەت ، تۇرمۇش ئادەتلىرگە كۆنەلەمسەن ؟ قېيىنئاناڭ بىلەن بىللە تۇردىغان ئىش بار ، سەن كىچىكىڭدىن يالغۇز چوڭ بولغان ، ئۇ تۇرمۇشقا چىدىمايسەن ، تويدىن ئىلگىركى مۇھاببەت ئايرىم ، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش ئايرىم ، سەن تېخى كىچىك ....› دېگەندەكلا گەپلەر»
«بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرمىز ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ دادامغا :‹سەن چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسى سېپى بار بىر ئادەم تۇرۇپ يالغۇز قىزىڭنى ئاشۇنداق كوچا-مەھەللىگە كېلىن قىلامسەن ؟ قىزىڭنى ئون نەچچە يىل ئۆيدە قېيىنئانىسنىڭ خىزمىتىنى قىلدۇ دەپ ئوقۇتقانمۇ ؟ ئۆزۈڭنىڭ يۈز-ئابرۇينى ، قىزىڭنىڭ كەلگۈسى بەختىنى ئويلىمامسەن ؟ سەن شۇنچە ئەركىلتىپ چوڭ قىلغان قىزىڭنىڭ خەج-خىراجىتىگە ئۇ بالا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ ؟....› دېگەندەك ئېچىتقۇ گەپلەرنى قىلىپ ، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ كۆز قارشىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىۋەتتى .» (بۇ ئابزاستا خىلى كەلمەسلىك مەسلىسىنى بېشىدا تۇغقانلىرى دەيدىكەن ئەمەسمۇ)
«بوۋام-مومام ئەسلى يالغۇز بىر نەۋىرە قىزنى بۇنداق يىراققا بەرگۈسى بولمىغاچقا ئۇلارمۇ مەن تەرەپتە تۇردىغاندەك ئەمەس ، مەن يالغۇز قالدىم ، بىر تەرەپتە ئاتا-ئانام ، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم ، يەنە بىر تەرەپتە مېنى چىن ئىمانى بىلەن سۆيگەن ، مېنى ھەق يولغا باشلاپ ماڭغان بىر تەقۋادار مۇسۇلمان يىگىت .... قانداق قىلشىم كېرەك ؟! » (يىراققا بەرگۈسى بولمىغاچقا)
بۇ يۇقىرىقى بايانلاردىن پەرىنىڭ ئائىلە مېھرىگە قانچىلىك قېنىپ چوڭ بولغانلىقى ۋە شۇنچىلىك ئەركە، نازۇك، مېھىرگە تويۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدىكەن. (قىسقىسى، مەن شۇنداق چۈشەندىم)
ئەمما، شۇنىڭدىن كېيىنكى بايانلاردىلا ئۆيىدىكىلىرىنىڭ مىجەزى ۋە ئوبرازى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كېتىدىكەن:
«كىچىكىمدىن باياشات ئائىلدە ، سودا، ھوقۇق -مەنپەئەت ئۈچۈنلا قۇرۇلغان كىشلىك مۇناسىۋەتنى تولا كۆرۈپ چوڭ بولغان ماڭا رىشاتنىڭ چىن دىلدىن بەرگەن مېھرى بەك تەسىر قىلغان ، يۈركىمنىڭ قېتى -قېتىغا ئورناپ كەتكەن ئىدى . »
«رىشاتمۇ ھەم ئالغان مائاشىنىڭ ھەممىنى مېنى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ، شۇ پېتى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قوياتتى . لېكىن مەندەك ئەركە خېنىمنىڭ ‹ مەلىكە كېسىلى› ، خىراجىتىمگە ھېچ نەرسە توغىرا كەلمەيتتى ، » (مېنىڭچە، بىر قىز بىر يىگىتنى ھەقىقىي سۆيسە بۇنچە ياخشى مۇئامىلىلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ياكى مۇسلىمە قىز بولۇشقا كۆندۈرەلىگەن ئەر ئىقتىسادچىل بولۇشقىمۇ كۆندۈرۈپ ‹مەلىكە كېسەل›لىرىنى قايتا قوزغىماسمىكىن دەيمەن.) ‹مەندە ئۇنداق پۇلدارلار كېسىلى بولۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ساقىيىشنىڭ تەس - ئاسانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما رىشاتنىڭ يالتىيىپ قېلىشىدا مۇشۇ سەۋەبمۇ بارمىكىن دەپ قالدىم)
داۋامىنى يېزىشىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما مېھىر كەمچىللىك توغرىسىدىكى گەپلەر چىقىپ قالغىنى ئۈچۈن، ئۆز ھېس قىلغانلىرىم بويىچە ئەسىرىڭىزدىن نەقىل ئېلىپ قويدۇم. داۋامىغا يەنىلا تەشنامەن. سالامەتلىك يار بولسۇن... |
|
|
|
|
|
|