ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: ئىقلىمە
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يېزنەم بىلەن ئارىمىزدىكى مۇھاببەت(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

67

يازما

991

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 322
يازما سانى:
67
تىللا:
698
تۆھپە:
70
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-13

قىزغىن ئەزا

31#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-23 18:28:59 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
                                   4            ئاخىرى نەچچە كۈن ئويلىنىپ ئۆيدىكىلەرگە ئېغىز ئاچتىم ، دادام-ئاپام مېنى پەقەت شىرزاتقا قىيداپ بۇ توينى قىلاي دەۋاتىدۇ ....دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي ، باشتا گەپ قىلمىغان بىلەن ئەمدى ماڭا تۈگمەس نەسىھەتلىرنى باشلىۋەتتى ‹ بالام ، ئوبدان ئويلانغىن ، سەن ئاشۇ شەھەرنىڭ مەدەنيەت ، تۇرمۇش ئادەتلىرگە كۆنەلەمسەن ؟ قېيىنئاناڭ بىلەن بىللە تۇردىغان ئىش بار ، سەن كىچىكىڭدىن يالغۇز چوڭ بولغان ، ئۇ تۇرمۇشقا چىدىمايسەن ، تويدىن ئىلگىركى مۇھاببەت ئايرىم ، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش ئايرىم ، سەن تېخى كىچىك ....› دېگەندەكلا گەپلەر .....  بىرەرسى قوللايدىغاندەك ئەمەس، بۇنىڭدىن تۇرۇپلا ئاچچىقىم كەلدى ، مۇنداق قوشۇلمايدىغان ئادەم نېمىشقا مەن باشتا رىشاتنىڭ گېپىنى چىقارغاندا توسىمايدۇ ، ئۇلارنىڭ رىشاتنى مېنىڭ ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىمدا بىردىنبىر چىقىش يولى قىلغىنى ئېنىقلا ئىدى ، بىر ئادەمنىڭ چىن سۆيگۈسىدىنمۇ ئاشۇنداق پايدىلنامدۇ ؟!           توينىڭ گېپى چىقىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئەڭ چوڭ نەۋىرە ئاكام يەنە مەن ئەڭ ئامىراق ئاكامدىن بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم ، ئۇنىڭ دېيىشچە  شىرزات مېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ قاپتۇ ، بۇ باش ئاغىرقىنى نېمە دەي ئەمدى ؟! كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دېگەن شۇمۇ ؟!           دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي شىرزات بۇ يەرگە ئۈندى  ،  شۇنچە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ۋاز كەچمىگىنىگە تۇرۇپ ھەيرانمۇ قالدىم ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا مېنى شۇنچە دوست-دۈشمەن ، يۇرتۇمنىڭ ئالدىدا قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ قىلىپ قويۇپ ، ئاچام بىلەن توي قىلغىنىنى ئويلىساملا نەپىرتىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى ، ئەگەر ھەقىقىي ۋىجدانى بار ئەركەك بولسا ، چوقۇم ئۇنداق نامەردلىك قىلمايتتى ، ھەرقانچە ئوۋالچىلىققا ئۇچىرسىمۇ ئۇنداق قىلمايتتى  ، دېمەك ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە ئىشەنچى يوق .         ئۇنىڭغا قايتا - قايتا ئىككىنچى مېنى ئاۋارە قىلماسلىقنى توي قىلدىغانلىقىمنى ، ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيدىغانلىقمنى ئېيتىپ ، ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىنمۇ ئۈزدۈرگەن بولدۇم ، ئۇنىڭغا يۈركۈمدە ئۆچمەس نەپىرەت ، ئۆچمەنلىك بار ئىدى ،  ئۇ شۇنچە ۋاقىت تىرىشىپ ئۆز ئاغىزىمدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۈمۈدى ئۈزۈلدى بولغاي ئۈن-تىنسىزلا قايتىپ كېتىپتۇ .       ئۇ كەتكەندىن كېيىن خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم ، يۈركىمنىڭ بىر يەرلىرى ئاغىرىپ تۇرسىمۇ مەن يەنىلا ئۇ ئازابلىق ئۆتمۈشتىن قول ئۈزگەن ئىدىم .         ئۆيدىكىلەر تەرەپ-تەرەپتىن ماڭا بېسىم قىلىپ ، رىشات بىلەن توي قىلماسلىققا مەججىبۇرلىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ قەيەردە ، ئائىلە شارائىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكدىن تارتىپ ھەممىنى سۈرۈشتۈرۈپ چىقىپتۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرمىز ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ دادامغا :‹سەن چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسى سېپى بار بىر ئادەم تۇرۇپ يالغۇز قىزىڭنى ئاشۇنداق كوچا-مەھەللىگە كېلىن قىلامسەن ؟ قىزىڭنى ئون نەچچە يىل ئۆيدە قېيىنئانىسنىڭ خىزمىتىنى قىلدۇ دەپ ئوقۇتقانمۇ ؟ ئۆزۈڭنىڭ يۈز-ئابرۇينى ، قىزىڭنىڭ كەلگۈسى بەختىنى ئويلىمامسەن ؟ سەن شۇنچە ئەركىلتىپ چوڭ قىلغان قىزىڭنىڭ خەج-خىراجىتىگە ئۇ بالا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ ؟....› دېگەندەك ئېچىتقۇ گەپلەرنى قىلىپ ، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ كۆز قارشىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىۋەتتى . بوۋام-مومام ئەسلى يالغۇز بىر نەۋىرە قىزنى بۇنداق يىراققا بەرگۈسى بولمىغاچقا ئۇلارمۇ مەن تەرەپتە تۇردىغاندەك ئەمەس ، مەن يالغۇز قالدىم ، بىر تەرەپتە ئاتا-ئانام ، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم ، يەنە بىر تەرەپتە مېنى چىن ئىمانى بىلەن سۆيگەن ، مېنى ھەق يولغا باشلاپ ماڭغان بىر تەقۋادار مۇسۇلمان يىگىت .... قانداق قىلشىم كېرەك ؟!          سىرتىمغا چىقىرالمىغان بىلەن ئىچىمدە دادامدىن ئاغىرناتتىم ، ئۇنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكىگە ئاغىرناتتىم ، پۇل-مال دۇنيا بولسىلا بولامدۇ ؟ مېنى ئالتۇن قەسىرگە ئەكىرىپ كۆڭلى بولمىسا ، ئۇ بايلىقنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى ؟ مېنى چىن دىلدىن سۆيسە ، ئاسىراپ، كۆيۈنسە ئىككىلىمىزنىڭ بەش ئەزايىمىز ساق ، مەن بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتۇدىنت ، ئۆز رىزقىمىزغا پۈتىگەننى تېپىپ يەپ ، خاتىرجەم ياشىساق بولدى ئەمەسمۇ ؟! كىچىكىمدىن باياشات ئائىلدە ، سودا، ھوقۇق -مەنپەئەت ئۈچۈنلا قۇرۇلغان كىشلىك مۇناسىۋەتنى تولا كۆرۈپ چوڭ بولغان ماڭا رىشاتنىڭ چىن دىلدىن بەرگەن مېھرى بەك تەسىر قىلغان ، يۈركىمنىڭ قېتى -قېتىغا ئورناپ كەتكەن ئىدى .        لېكىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرمىز ھامان رىشاتنى دادامنىڭ مال-مۈلىكىنى كۆزلىدى دەپ ئويلايتتى . مەن ھەرقانچە چۈشەندۈرەي ، ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى ، ئۆيدىكىلەر بىلەن تىركىشىش ۋاقتىم ئۇزارغانچە دادام مەندىن قىيدىدى ،‹ بىر ئەرنى دەپ ماڭا قارشى چىقتىڭ دەپ ئويلىدىمۇ ، ئاشۇ سەن ئىشەنگەن ئادەم  سېنى بېقىپ باقسۇن !› دېدىمۇ ، ئەيتاۋۇر پۈتۈن خەج-خىراجەت ، پۇللىرىمنىڭ ھەممىنى توختاتتى . لېكىن ئەڭ چوڭ نەۋىرە ئاكام ماڭا بەك ئامىراق بولغاچقا ، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ قولىدىمۇ خېلى زور كۆلەملىك سودىسى بولغاچقا پۈتۈن چىقىمىمنى ئۇ كۆتۈردى ، رىشاتمۇ ھەم ئالغان مائاشىنىڭ ھەممىنى مېنى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ، شۇ پېتى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قوياتتى . لېكىن مەندەك ئەركە خېنىمنىڭ ‹ مەلىكە كېسىلى› ، خىراجىتىمگە ھېچ نەرسە توغىرا كەلمەيتتى ، ئاكامغا ئۇنچىلىك چىقىم ئېغىر كەلمىگەندىكىن دادامنىڭ پۇلىنى خەجلىگەندەك خەجلەۋېرەتتىم ، بۈگۈننىڭ ئەتىسى بار دەپمۇ ئويلاپ قويمىدىم .       رىشاتنىڭ يېشى مەندىن خېلىلا چوڭ بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى تويغا ئالدىرايتتى ، لېكىن رىشات ماڭا تارتىشىپ كەينىگە سۈرۈشكە باشلىدى ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر يەنە شۇ پېتى ، مېنى ساندىن چىقىرۋەتكەندەك مەن بىلەن كارىمۇ بولمىدى ، قانداق قىلاي ؟ رىشاتتىن ۋاز كېچەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ، ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارسىدىكى مېھىر ، ئامىراقلىقنى ئىپادىلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلاتتى .  بىر-بىرىمىزدىن ۋاز كېچىش ئۇ قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى .            ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە گويا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەكلا بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم ، شىرزات مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم مەرھابا بىلەن توي قىلىدىغان بوپتۇ ، ئىزىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم ، مانا پەرى ، سەن ئىشەنگەن دوستۇڭ ، سەن قان يىغلىغان سۆيگۈنۈڭ ، ئاچاڭنى ئېلىپ يېزىنەڭ بولغغىنى يەتمىگەندەك ئەمدى دوستۇڭ بىلەن توي قىلدىكەن ، كۆردۈڭمۇ ؟ توۋۋا ! نېمە نومۇس بۇ ؟! شىرزات سەنمۇ ئادەم بولدۇڭمۇ ؟!      باشقىلاردىن ئاڭلىسام شىرزات ‹ مەرھابا پەرىگە بەك ئوخشىغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلدىم ›دەپتۇمىش ! لېكىن مەرھاباچۇ؟ ئۇ مېنىڭ ئەينى چاغدا قانداق بولۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيدۇ ئەمەس ، ھەممىنى بىلدۇ ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، مەن بىلەن تەڭ يىغلىغان ، ئىككىمىز ئون نەچچە يىل بىر قورۇدا چوڭ بولغان ، مانا ھازىرقى جەمىئىيەتتىكى دوستلۇق ، ئىشەنچ!!!!        بارلىق ئازار ماڭا ئەڭ يېقىن كىشلىرىمدىنلا كېلىۋاتاتتى ، بىرىنچىسى ئاچام ، ئىككىنچىسى جان- جىگەر دوستۇم ! ياتنىڭ ياندىن ئۆتۈپ تامغا سانجلىدۇ ، لېكىن يېقىننىڭ جاندىن ئۆتۈپ يۈرەككە سانجىلدىكەن ئەمەسمۇ ؟؟؟!!! يۈركۈمدىكى شىرزاتقا بولغان نەپىرەت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەندەك بولدى . ‹ئاشۇ بەختىڭنىمۇ كۆرىمەن تېخى شىرزات ! ماڭا قىلغان بارلىق ۋىجىدانسىزلىقىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن !› ، شىرزاتتىن بەك كۆڭلۈم ئاغىردى ، مېنى تاشلىۋەتكىنىگە ئەمەس، بەلكى يېقىنلىرىمنى ماڭا دۈشمەن قىلغىنىغا بەك دىلىم ئاغىرىپ كەتتى .         لېكىن بۇ ئىشلار ئۇزۇنغا بارمىدى ، ئۇلار توي قىلىپ نەچچە ھەپتە ئۆتمەيلا شىرزات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ماشنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ، ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچۇراپ قازا قىپتۇ ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا يۈركۈم ئاغىزىمغا تىقىلىپ قالدى !         تەقدىر .......     ئەجەپ چاقچاقلىرىڭ بار ئىكەن ، دۇنيا بۇ سىناقلىرىڭ ھار كەلدى ....نەچچە كۈنگىچە مۇردىدەكلا بولۇپ قالدىم ، ئۇنىڭغا نەپىرەتلىنىپ يىغلىغىنمنى ياكى بالدۇرلا كەتكىنىگە ئېچىنىپ يىغلىغىنمنى ئۇقمايمەن ....ئۇ شۇنداقلا كەتتى ، مېنى بىرمۇنچە كۆڭۈل ئاغىرقىغا سېلىپ قويۇپ ، يېقىنلىرىمنى ماڭا دۈشمەن قىلىپ قويۇپ ، مېنى يالغۇز  قويۇپ ئاندىن كەتتى ، ئېرىشمەكچى بولغىنىڭ مۇشۇمىدۇ ؟؟؟؟         ۋاقىت گوياكى ئوق ، ئۇ بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرالىغان بىلەن ، بەزى نەرسىلەرنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيدىكەن . رىشات بىلەن تونۇشۇپ ، بىر -بىرىمىزگە شۇنچە مېھىر بېرىپ كەلگىلى ئۈچ يىل بولاي دېگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرنىڭ سەۋىر قاچىسى توشتى . پىچاق ئىككىلىمىزنىڭ گېلىغا كېلىپ توختىغان  ئىدى . بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا مەن نەچچە ۋاز كېچىدىغان بولۇپ قايتىپ كەتكەنمۇ بولدۇم ، لېكىن ياراتقۇچى ئۆزى سالغان مېھىر ھەرقانداق نەرسىنى بېسىپ چۈشىدىكەن ، يەنە ئۇنىڭغا چىدىماي قايتىپ كەلدىم ، ئۈرۈمچى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ ئارلىقى ماڭا گويا‹ قوغۇنلىقنىڭ يولى ›بولدى . دادام -ئاپام مەندىن بىراقلا ۋاز كەچكەندەك ئىككى يىلدىن بۇيان كارىمۇ بولمىدى ، گەپنىڭ توغىرسى مەن دادامنى ئابرۇيپەرەسلىك قلدىڭ ، دەپ ئاغىرنىپ رىشاتنى دەپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم .     بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ماڭا تىكىىلىپ قارىمايدىغان ئاكىلىرمنىڭ ھەر تاياقلىرى، مومامنىڭ يىغلاپ ، ئېزىپ چۈشەندۈرۈشلىرى ،مېنى ۋاز كەچتۈرەلمىدى ، رىشاتمۇ ئۆيدىكىلىرنىڭ تويغا زورلاشلىرغا قارشى تۇرۇپ تىركىشىپ كېلىۋاتاتتى ، بىراق ئادەمنىڭ يېشى ساقلاپ تۇرمايدىكەن ، ئۇ ئاللىقاچان ئوتتۇزنىڭ قارسىنى ئالاي دېدى، ئاغىنىلىرى ئىككىدىن بالىنىڭ دادىسى ، ئۇ تېخىچە ماڭا تارتىشىپ بويتاق يۈرمەكتە ئىدى . ئۇلارنىڭ كوچا-مەھەللىسىدە ئۇنى ‹ ئوتتۇزنىڭ قارسىنى ئېلىپمۇ خوتۇن ئالماي ، بىرەر يېرى كەمتۈكمىكىن بۇ بالىنىڭ ؟› دەيدىغان سۆز-چۆچەكمۇ ئاز چىقمىدى . ئۇ يەنە بىر مېنى دەپ چىداپ كېلىۋاتاتتى.         ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان بېسىم ، رىشات بىلەن ئىككىمىزنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز غەم-ئەندىشىگە قويدى ......

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

32#
ۋاقتى: 2015-5-23 18:37:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇسسۇزلۇقۇم  قانمىدى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

9

تېما

67

يازما

991

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 322
يازما سانى:
67
تىللا:
698
تۆھپە:
70
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-13

قىزغىن ئەزا

33#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-23 18:39:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2015-5-23 15:39
ئاخىرىغا يەنە تەشنامەن، ۋەقەلىك جەھەتتە يەنە ئازراق ت ...

ئامال بار مۇشۇنىڭ ئاخىرىنى تولۇق يېزىپ تۈگىتىشكە تىرىشمەن ، ئاشۇنىڭغا نېسىپ قىلسۇن ، سالامەتلىكىم يار بەرسۇن دەپ تىلەۋاتىمەن جېنىم ....

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

34#
ۋاقتى: 2015-5-23 21:43:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە، تىلفۇندا يوللاپ تىخىمۇ جاپا چىكىۋاتىسىز ، بىلىپ تۇرۇپتىمىز .
ھەممىمىز سىزدىن تەسىرلەندۇق ، ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە ، سالامەتلىكىڭىزنىڭ تىزرەك ئەسلىگە كىلىشىگە تىلەكداشمىز. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاسىمنى تولۇقلايمەن .

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

35#
ۋاقتى: 2015-5-23 21:46:15 | ئايرىم كۆرۈش
باياتىن بېرى ئولتۇرۇپ باش قىسمى بىلەن بىللە قايتىدىن ئوقۇپ چىقتىم.ۋەقەلىكى مېنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك قارىتىۋلدى.سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

9

تېما

67

يازما

991

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 322
يازما سانى:
67
تىللا:
698
تۆھپە:
70
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-13

قىزغىن ئەزا

36#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-23 23:08:54 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2015-5-23 21:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە، تىلفۇندا يوللاپ تىخىمۇ جاپا  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تىلسىم ئۇكام راس تېلفۇندا يوللاش تەسىرەك توختايدىكەن لېكىن ، ۋاقىت ئۇتۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلماي ئامال بولمىدى .

1

تېما

133

يازما

377

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 777
يازما سانى:
133
تىللا:
221
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
30 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-7
37#
ۋاقتى: 2015-5-24 17:52:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئىقلىمە يوللىغان ۋاقتى  2015-5-23 23:08
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تىلسىم ئۇكام راس تېلفۇندا يولل ...

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ،تېنىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن !

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

38#
ۋاقتى: 2015-5-24 19:06:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئاللاھ كېسىلىڭىزگە شىپالىق بەرسۇن، تېزراق ساقىيىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
ئەسىرىڭىزنىڭ بۇ بۆلىكىنىمۇ ئوتتەك قىزغىنلىق ئىچىدە ئوقۇۋالدىم، ھارمىغايسىز
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

9

تېما

67

يازما

991

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 322
يازما سانى:
67
تىللا:
698
تۆھپە:
70
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-13

قىزغىن ئەزا

39#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-24 22:16:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
                                    5            بېسىملىرىڭ ئەجەپ تۈگىمىدى دۇنيا ، مېنى تاغمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟؟ ئەسلى مەنمۇ بىر ئاجىز گىياھ......            تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن بېسىم سەۋەبىدىن رىشات بىلەن ئىككىمىزمۇ تولا تەگىشىدىغان بولۇپ قالدۇق ، لېكىن بىردەمدىلا يەنە ئەپلىشىپ قالاتتۇق .       ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرنىڭ سەۋىر قاچىسى توشۇپ ھەر تەرەپتىن ئۆزلىرگە ماس كېلىدىغان كېلىن ئىزدەشكە باشلىدى ، رىشاتمۇ كۈندە ‹ پەرى، ئانامنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىپ باردۇ ، دادام ماڭا قىيداپ گەپمۇ قىلمايدۇ ، زادى قانداق قىلارمىز ؟؟› دەپ ئېغىر ئۇھسىندىغان بولدى ، ئۇمۇ بۇ بېسىملاردىن چارچىغان ئىدى .           ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ مەن چىدىمىدىم ، ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭدىن سوردۇم :        - رىشات ، ئەگەر ئايرىلىپ كەتسەك ، ئۆيدىكىلەر  ئېلىپ بەرگەن قىز بىلەن ئۆي تۇتۇپ ، بىللە ياشاشقا كۆزىڭىز يېتەمدۇ ؟   ئۇ گەپ قىلماي كۆزۈمگە تىكىلىپ خېلى تۇرغاندىن كېيىن ، ئۈن-تىنسىزلا مېنى باغىرغا چىڭ بېسىپ :‹ نېمە ئامال بار دەيسەن ؟› دېدى .       دېمەك ئۇنىڭمۇ ئىرادىسى بارا-بارا بوشىغاندەك قىلاتتى . لېكىن مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئۇنىڭسىز ياشاشقا كۆزۈم يەتمىدى . كېچىلەپ يىغلاپ تېنىممۇ كۈنسېرى ئاجىزلىشىىپ كەتتى .        مەن خېلى ئۇزۇن ئويلىنىپ ئۇنىڭغا :‹ ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىسا مەيلى ، مەن رازى بولغاندىكىن بولدىغۇ ؟ ماڭا  سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز كېرەك ئەمەس ، دىلىڭىزدىكى ئىمان ، ئەخلاقىڭىز يېتىپ ئاشىدۇ، رىزقىمىزنى ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تېپىپ يەپ بىللە ياشىساقلا بولدى ، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە دەڭ ... › دېدىم . بۇگېپىمنى ئاڭلاپ ئۇ تۇرۇپلا قالدى ، مەن مومامغا تېلفۇن قىلىپ ئۇلار قوشۇلمىسا ئۆزۈم بۇ توينى قىلىۋېردىغانلىقىمنى ئېيتتىم ، مومام يىغلاپ تۇرۇپ :‹ بالام ، نادانلىق قىلما ، سەن بىر ئۆمۈر ئاشۇ يات شەھەردە بىزدىن كېچىپ بىر ئەرنى دەپ ياشامسەن ، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى بولمامدۇ ؟ ھېيىت -بايرام بولمامدۇ ؟ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقىنىڭسىز قانداقمۇ كۈنۈڭ ئۆتۈدۇ بالام ؟ ئۇنداق قىلمىغىن ، سەن شۇنداقلا ئۇ ئۆيگە كېلىن بولساڭ سېنىڭ كېلىنلىك ھۆرمىتىڭ بولامدۇ ؟ كېيىن تۇغۇپ قوپساڭ قارىغۇدەك ئاناڭمۇ يېنىڭدا بولمىسا ، قانداق قىلسەن ؟ بۇلارنى ئويلىدىڭمۇ ؟؟؟› دەپ زار يىغلاپ كەتتى .  مومامنىڭ دېگىنىمۇ توغىرا ، لېكىن رىشات بىلەن توي قىلسام ، ئاتا-ئانام ھامىنى مەندىن بىراقلا ۋاز كېچەلەمتى ؟ ھامىنى مېنىڭ خاتالىقمنى كەچۈردىغۇ ... دەپ ئۆز كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەردىم .          مەن ئاشۇ خىيال بىلەن يۈرگەن كۈنلەردە رىشات بۇنداق قىلساق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ دېيشىچە مەن مۇنداقلا كېلىن بولۇپ كىرسەم ، ئۇلارنىڭ ئۆيدە كېلىنلىك ھۆرمىتىم بولماسمىش ، مىجەزىم جاھىل بولغاچقا ، بەزى ئىشلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەي ئانىسى بىلەن ئارىمىزدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ قالسا ئىككىمىزنىڭ ئارسىدا قىينىلىپ قالامىش .  مېنى ئۇ ئىشلارنى ئويلىمدى دەمدىكىن ؟ مەن ئۆزۈم خالاپ ئاشۇ يولدا ماڭغاندىكىن چوقۇم چىدايتتىم ئەمەسمۇ ؟ ئۇ ئانىسى بىلەن ئىككىمىز قاينىغان قازانغا چۈشمىسلا بولدىغۇ ، مەن چوقۇم ئۇنىڭ ئانىسىنى رازى قىلىشقا ئىشەنچىم بار ئىدى ، قېيىنئانام رىشاتنى ئۇنتۇپ مېنى ‹قىزىم › دېگۈدەك كېلىن بولۇشقا ، ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشقا تولۇق ئىشەنچ باغلىغان ئىدىم ، لېكىن رىشات ئۇ ھەممە ئارزۇ ، ئۈمۈدلىرىمنى يوققا چىقاردى .        ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تەقدىرگە تەن بەرگىنى ، ئاتا-ئانىسى تاللىغان ئاشۇ قىزنى ئېلىشقا قوشۇلغىنى چىقىپلا تۇراتتى . توۋۋا ! مۇمكىنمۇ ؟ مەن ئۆزۈمدىنمۇ بەكىرەك ئىشەنگەن بۇ ئىنساننىڭ مېنى شۇنداقلا تاشلىۋېتىشىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى ، قاباھەتلىك ئۆتمۈشۈمنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتىلىنىش ئالدىدا تۇرغىنىنى ئويلىسام پۈتۈن بەدىنىمدە جان قالمايتتى .     ‹  ياق ! مۇنداق بولىشىغا قاراپ تۇرسام بولمايدۇ ! پەرى ، ھوشۇڭنى تاپ ، چوقۇم ئامال قىلغىن ، ئۆز بەختىڭنى بىر قېتىم تارتقۇزۇپ قويدۇڭ ئەمدى يەنە قايتىلانسا بولمايدۇ ....› ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىرشىپ بېقىش ئۈچۈن چوڭ ئۆيگە ، بوۋام - مومامنىڭ قېشىغا باردىم .        قايتىپ كەلگىنىمنى بىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئېچىشقان يەرگە تۇز سېپىپ:‹ ئەمدى كۆردۈڭمۇ ؟ بىز ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىگىنى داداڭنىڭ پۇلى دېسىەك ئىشەنمىگەن ئىدىڭ ، تېخى بىزدىن كەچكەن ئىدىڭ ، سەن داداڭدىن كەچتىڭ ئۇ سېنى ئالىمەن دېيەلىدىمۇ ؟ دېمەك ئۇنىڭ كۆزلىگىنى نېمىكەن ؟ ئەگەر ئۇنىڭغا سەن كېرەك بولساڭ ، سەن بىزدىن كېچىپ تېگەي دېگەندە نېمىشقا ئالمايدۇ ؟؟؟؟› دەپ ئېزىلگەن يۈركۈمنى تېخىمۇ زېدە قىلۋەتتى . ئۇ ئاز كەلگەندەك بوۋامغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يىغلاپ تۇرۇپ بىزگە رازلىق بېرىشنى ئېيتسام ، ئۆيدىكىلەر يەنە ئاشۇ ئۆزلىرنىڭ ئابرۇينى ئويلاپ ‹بىز قىزىمىزنى سىلەرگە كېلىن قىلىپ بېرەيلى دېگەن دەپ ، سېنى ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىپ كېلەمدۇق ؟ نېمە نومۇس بۇ ؟› دەپ قەتئىيلا قارشى تۇردى . كىچىكىمدىن ماڭا ئەڭ ئامىراق  چوڭ نەۋىرە ئاكاممۇ مېنىڭ شۇنچە ئازارنى يەپ ئۈچ يىلدىن بۇيان ۋاز كەچمىگىنىمگە ئاچچقلىدىمۇ ؟ ۋە ياكى رىشاتنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۈمۈد ئۈزمىگىنىمگە ئاچچىقلىدىمۇ سىرتتىن مۇسابىقە موتۇسىكىلىتى مىنىپ كىرىپتىكەن ، بېشىغا كەيگەن بىخەتەرلىك قالپىقى بىلەنلا مېنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇرۇپ ، پىشانلىرىمنى يېرىۋەتتى ..... مومام ئارىغا كىرىپ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۋالمىغان بولسا ئۇ ئاچچىقىدا ئۆلتۈرۋېتىشتىنمۇ يانمايتتى ....        بۇ تاياق ئۇدۇل يۈركۈمگە تەگدى ، بىر كۈن تاكى قاراڭغۇ چۈشكۈچە يىغلاپ ، ئورنۇمدىن تۇرغۇدەكمۇ ماغدۇر قالمدى ....  ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە مومامنىڭ يالۋۇرۇشلىرى بىلەن پەسكە چۈشۈپ ئەمدى ناشتىغا ئولتۇرشىمىزغا ئاكام يېتىپ كىردى ، يۈركۈم جىغىلداپ گەپمۇ قىلالمىدىم ، مومام ‹ چېيىڭنى ئىچكىنە بالام !› دەپ سىۇنغان چاينى ئېلىپ ‹موما ، بىر نەرسە يېگۈم يوق ،› دېيشىمگىلا ئاكام پىيالدىكى قىززىق چاينى ئېلىپلا يۈزۈمگە چېچىپ : ‹ ئەمسە يوقال! سەن بىزدىن كېچىپ بولغان ، يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ ؟ بىزنى بۇ شەھەردە يۈز كۆتۈرۈپ ياشىغىلى قويامسەن ؟ پۈتۈن تونۇش-بىلىشنىڭ ئالدىدا بىزنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلۋېتىپ ، يەنە يەتمىگەندەك قايتىپ كېلىپ نېمە قىلماقچى سەن ؟› دەپ ۋارقىردى ، چىدىغۇچىلىكىم قالماي ئاران تۇرغان مەنمۇ: ‹ مېنىڭ ئۆز بەختىمنى تاللاش ھوقۇقۇممۇ يوقمۇ ئاكا ؟› دېيشىمگىلا تۈگۈۋالغان چېچىمدىن سۆرىگەن پېتى ھويلىغا چىقىرۋەتتى ، يەنە مومام بىچارە قان يىغلاپ ‹ سەن ھايۋانمۇ ؟ سىڭلىڭ ھەممىدىن بەك ساڭا ئامىراق تۇرسا ، مۇشۇنداق ئاجىز قىزنىمۇ مۇنداق ئۇرامسەن ؟› دەپ ئاكامنى تىللاپ ئۆيدىن چىقىرۋەتكەندەك قىلدى ، ھېچنەرسىنى ئۇقمايمەن ، ئۆزۈمنى تاشلاپ يىغلاپ ، ئادەم سىياقىممۇ قالماي ، لەۋلىرىم قۇرۇپ ، چىرايىمدا قان دىدارى يوق جەسەتتەكلا بولۇپ قالدىم .          دادام- ئاپام بولسا مېنى ئۆلدى قاتارىغا چىقىرۋەتكەندەك ، ھېچبىر ئىشىم بىلەن كارى بولمىدى ،  كۆزۈم يەتتىكى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ بۇ تويغا قوشۇلىشى مۇمكىن بولمايدىكەن ، قانداق قىلاي ؟! ئەمدى ۋاز كېچەمدىم ؟ ئاللىقاچان بىر قېتىم بەختىمنى تارتقۇزۇپ قويۇپ نېمە كۈنلەرنى كۆرمۈدۈم ؟ نېمە ئىچ ئاچچىقلىرنى تارتمىدىم ؟ يەنە قايتىلىنامدۇ ؟ تەقدىر بىر چاقچاقنى ماڭا قايتا-قايتا قىلدى ....                    رىشاتنىڭ مەندىن شۇنداقلا ۋاز كېچىپ ئۇ توينى قىلدىغىنىغا ئىشەنمىدىم ، چۈنكى ئۇ بېشىمغا كەلگەننىڭ ھەممىنى بىلدۇ ، ئۇ ھەرگىز مېنى ئۆزى يېتلەپ چىققان ئۆتمۈش قوينىغا يەنە بىر قېتىم باشلاپ كىرمەيدۇ ، چۈنكى ئۈچ يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن مېھىرى، ساداقىتىىنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم ، مېنى خۇددى كۆزىنىڭ قارچۇقىدەك ئاسىرغان ئىدى ، مېنى يېتەكلەپ ھەقىقىي بىر مۇسلىمە قىلغىنىمۇ ، ماڭا ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرگىنىمۇ رىشات ئۆزى تۇرسا ، مەندىن شۇنداقلا ۋاز كېچىپ ، باشقا قىزنى ئەمىرگە ئالامتى ؟ مۇمكىن ئەمەس !        رىشاتنىڭ جىمغۇر مىجەزى بۇ بېسىملار تۈپەيلى تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ ، مۇز قاپىقى تېخىمۇ ئېچىلماس بولۇپ كەتتى ، مەن بولسام كۈندە كۆزۈمدىن ياش قۇرىماي تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ئانچە -مۇنچە بۇرنۇم قانايدىغان ئادىتىم ھازىر كۈندە نەچچە قېتىم قانايدىغان ، بەزىدە بىر قانىغىلى تۇرسا قان توختاتقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى .         قان توختىمغان چاغدا ‹ تەقدىر بېسمىلىرىڭدىن مېنى يېقىتىپ بولالماي ، كۆز يېشىم يەتمىگەندەك ئەمدى قېنىمنىمۇ قويمامسەن ؟ › دەپ ئېغىر تىنىشتىن باشقا ئامال قىلالمىدىم ....

4

تېما

161

يازما

1343

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 61
يازما سانى:
161
تىللا:
1061
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
49 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-27

مۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا

40#
ۋاقتى: 2015-5-25 15:24:30 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-5-22 20:28
خاتالىقىڭىزنى تونۇماقتا يوق ، ماڭا تەنە قىلماڭ  .

سىزنىڭ گەپلىرڭىزمۇ بەك توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، مەنغۇ مۇنبەرگە ئۇزۇن كىرمىگەچكە ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن ، لىكىن سىز ئۈزىڭىزچە ئۇچۇقتىن ئۇچۇق بىر قىسىم بىلەرمەنلەرنىڭ دىگىنىڭىز نىمىسى ، باشقىچە گەپ قىلسىڭىزمۇ بولدىغۇ ئۇيەدە مەسلەن سەزگۈ بىلمىگەن ئوخشايدۇ كوڭلىڭىزگە ئالماڭ دىگەندەك .
مەن ئۈزۈمنى خاتالىق ئوتكۈزدۈم دەپ قارمايمەن ، سىزمۇ گەپ قىلغاندا ئويلاپراق سوزلەڭ ئاسانلا باشقىلارنىڭ زېتىغا تېگىدىغان گەپنى قىلماي ....
ھە راس بۇ گخپىمگە يەنە ئىنكاس يوللاپ يۈرمەڭ ، ئارتۇق گەپ قۇلاققا خوشاقمايدۇ ئەمدى
/data/attachment/forum/201402/12/1540548vuuu5oi4yv1vbve.gif
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:47 , Processed in 0.126536 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش