ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: ئىقلىمە
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يېزنەم بىلەن ئارىمىزدىكى مۇھاببەت(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

67

يازما

991

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 322
يازما سانى:
67
تىللا:
698
تۆھپە:
70
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-13

قىزغىن ئەزا

21#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-22 21:42:54 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
                                    2     بۇ ناتونۇش شەھەرگە كېلىپ ئۆزۈمنى باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم ؟ چۈنكى كىچىكىمدىن شىمالىي شىنجاڭدا چوڭ بولۇپ ، ئىچكىرىي ئۆلكىدە ئوقۇغان ماڭا نىسبەتەن ھەممە يېرى مىللىي تۈس ۋە پۇراققا تولغان بۇ قەدىمىي شەھەر ماڭا باشقىچە بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى .        مۇشۇ شەھەردىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ بىز بىلەن بىر بىنادا تۇرىۋاتقان بىر ئايال بار ئىدى، ئۇنىڭ سىڭلىسى بىلەن خېلى يېقىن ئۆتكەچكە ، كېلىپلا ئۇ قىزغا تېلفۇن قىلدىم. ئۇ قىز مېنى بىرەر كۈن ئايلاندۇرغان بولدى ، مەن بۇ شەھەرگە قانچە قىزىقىش ھەيرانلىق ئىچىدە قارىغانسېرى بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ماڭا ئاشۇنداق نەزەردە قارايتتى، چۈنكى مېنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ، كىينىش، گەپ-سۆز ھەممىلا نەرسەم ھامان مېنىڭ بۇ شەھەرلىك ئەمەسلىكىمنى مانا مەن دەپ كۆرسۈتۈپلا تۇراتتى ، مەيلى تاكسىغا چىقاي ياكى تاماق يېگىلى كىرەي ھەممىلا ئادەمنىڭ مەندىن ‹ سىز بۇ يەرلىك ئەمەسكەنسىز ھە؟› دەپ سورىشاتتى .          بۇ مۇھىتقا تېزىراق كۆنۈش ، ئازىراقمۇ خىيال قىلغۇدەك ۋاقىتنى ئۆزۈمگە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن بىرەر خىزمەت تېپىش قارارىغا كەلدىم . كىچىكىمدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ماڭا شارائىتى ناھايتى ياخشى خىزمەتلەر چىققان بولسىمۇ مەن ئەڭ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈدىغان بىر خىزمەتنى تاللىدىم . يەنە بىر  يېمەك ئىچمەك شېركىتىنىڭ مۇلازىمەت باشقۇرغۇچسى بولدۇم ، چۈنكى يېمەك - ئىچمەك كەسپى بىر كۈننىڭ ئون نەچچە سائىتىنىڭ ھەممىسىدە ئالدىراش بولىدىغان بىردىن بىر كەسىپ ئىدى .        ئۇ يەرگە ئىشقا چۈشۈپلا ھەممىسى بىلەن تېزلا ئىچەكشىپ كەتتىم ، چوڭلىرى سىڭلىم دېسە  كىچىكلىرى ئاچا دەپ بەكلا ھۆرمىتىمنى قىلاتتى ...  ئۆزۈمنىڭ مىجەزىمۇ خېلى يېقىملىق يەنە كېلىپ ئۆيدىكىلەرمۇ بەك ئەركىلتىپ چوڭ قىلغاچقا بۇ نازۇك مىجەزىم ھەممىسنىڭ ئامىراقلىقنى كەلتۈرگەن ئىدى .        لېكىن بەش قول بىردەك بولمىغاندەك ئۇ يەردىكى ھەممەيلەن ئامىراق بولسىمۇ پەقەت بىرلا ئادەم ماڭا قاپىقىنىمۇ ئېچىپ باقمايتتى ، ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ يەرنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى ، قاچانلا قارىسا قاپىقىدىن قار يېغىپ تۇردىغان ، كۈلگىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ ئادەمدىن مەنمۇ يىراق تۇراتتىم ، ئەتتىگەندە ھەممىسى بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشسەممۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلمايتتىم ، ‹خوجايىن چېغىدا ماڭا شۇنداق ئامىراق ، ساڭا نېمە قويۇپتۇ ھالى چوڭلىقنى ....› دەپ ئۇنى ئىچىمدە مىڭنى تىللايتتىم .         كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر كۈننى ئەتتىگەندە يىغىن ئاچتۇق ، يىغىن جەريانىدا ھېلىقى ‹مۇز قاپاق ›سۆزلەپ ، گەپ ئارلىقىدا كۈلدى ، تۇيۇقسىز بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا مەقسەتسىزلا قارىغان ئىدىم ، كىم بىلسۇن ئۇمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن تەرەپكە قاراپتىكەن ، كۆزىمىز ئۇچۇرشۇپ قالدى ، شۇ ھامان كۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم ، ئەسلىمۇ ئۇ بەكلا سۈرلۈك بولغاچقىمۇ بىلمىدىم يۈرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقۇپ ، پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى ، خۇددى ئۇ كېلىپلا ‹ نېمىشقا ماڭا قارايسىز ؟› دەپ سورايدىغاندەك ..... يىغىننىڭ قاچان قانداق ئاخىرلاشقىنىنى بىلمەيمەن ، قورقۇنۇچتىن پۇتۇمنى ئاران يۆتكەپ قايتىپ چىقتىم .         چىقىپ خېلىدىن كېيىن ئۆز-ئۆزۈمگە كۈلگۈم كېلىپ قالدى ، ‹توۋۋا ، مەن ساراڭمۇ ؟ ئادەمدىنمۇ شۇنداق قورۇققان بارمۇ ؟ ئۇ يا مېنى بىر ھاپ قىلىپ يۇتىۋېتىدىغان مەخلۇق بولمىسا ؟› ئاشۇلارنى ئويلاۋېتىپ ، ئۇنىڭ بايا كۈلگەن ھالتى كۆز ئالدىمغا كەلدى، ‹ ئاشۇ مۇز قاپاقمۇ كۈلدىكەن ھە ؟› شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈۋاتاتتىم .       يېڭى مۇھىت ، يېڭى تۇرمۇش سەۋەبىدىنمۇ ياكى كۈندە ئالدىراش ئىشلىگەچكىمۇ كەيپىياتىم خېلى ئەسلىگە كەلگەن ئىدى ، لېكىن كېچىلىرى ئېزىلىپ يىغلاپ ھەركۈنى ئەتتىگەندە ئىشقا كۆزۈم قان قۇيغاندەك قىزىرىپ چىقاتتىم . بۇنىڭغا باشتا ھەممەيلەن ھەيران قالغان بولسىمۇ بارا-بارا كۆنۈپ كەتتى . تۇرمۇشۇم بىرخىل رېتىمدا داۋاملاشماقتا ، يۈركۈمنىڭ بىريەرلىردە شىرزاتقا بولغان سېغىنىش، يەنە بىريەرلىردە ئۇنىڭغا بولغان نەپىرەت ، تولىمۇ چىگىش خىياللار ئىچىدە قىينىلىپ ياشاۋاتقىنىمنى بىر ئۆزۈملا بىلىمەن .       مەن ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادام روسىيە تەرەپتە تاشقى سودا ئوبۇرۇت ئىشلىرغا مەبىلەغ سېلىپ ئاپامنى بىللە ئېلىپ ئۇ تەرەپكە ماڭدى ، مەن ھەقىقىي مۇساپىرغا ئايلاندىم . ئەمدى ئۆيگە قايتىپ بارساممۇ ئۆزۈم يالغۇز قالاتتىم . بۇلارنى ئويلىساملا تېخىمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغا تۇتىدىغان بولۇپ كەتتى .       ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرالمىسىمۇ ، بارا-بارا يېڭى مۇھىتقا كۆنگەنسېرى يالغۇز قالمىساملا ئۇنى ئويلىماسلىققا تىرىشدىغان بولدۇم ، ئاشۇنداق كۈنلەردە كۈندە ئەتتىگەندە ئىشقا بارغان چاغدا ھېلقى ‹مۇز قاپاق › باشقۇرغۇچىغىمۇ سالام قىلدىغان بولدۇم، ئارىمىزدا بىرەر ئىختىلاپ بولمىسا بىكاردىن قاپاق تۈرشۈپ يۈرسەكمۇ بولماس ؟؟ لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداق ئىكەن، بىر ماڭىلا ئەمەس قىز بالا زاتىغا زادى چىراي ئېچىپ قاراپ تاشلىمايتتى . ‹ تازا بىر ئايالدىن قورقۇدىغان سايىم ئاكاش ئوخشايدۇ ؟› دەپمۇ ئويلاپ قالدىم ، كېيىنچە ئۇمۇ ئىشىكتىن كىرىپلا سالام قىلدىغان بولدى ، مەنمۇ ئۇنىڭدىن يەيدىغاندەك قورۇقماي ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىپ ئانچە-مۇنچە گەپ سوراپ تۇراتتىم. ئۇمۇ چىراي ئاچمىغان بىلەن، ئەستايىدىل جاۋاپ بېرەتتى. بارا-بارا ئىشلەۋېتىپ ئۇنىڭغا قارىغىنمدا ئۇنىڭ مەن تەرەپكە قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىغان بولدۇم ، ‹ ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ ئۇنىڭ يېشى بەك چوڭ بولمىسىمۇ مەندىن ئاز دېگەندە بەش-ئالتە ياش چوڭ ، بۇ شەھەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىرەر بالىسى باردۇ ؟ قالايمىقان ئويلىما پەرى ، ئۇ ساڭا شۇنداقلا قاراپ قالغاندۇ ،› دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم . ئۇنىڭسىزمۇ ئاللىقاچان ئازار يەپ زېدە بولغان يۈركۈمنىڭ قىلچىلىك زەربە كۆتۈرگۈچىلكى قالمىغان ئىدى .        ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇمۇ مەندىن ئۇنى -بۇنى باھەنە قىلىپ گەپ سوراپ تۇردى ، مەنمۇ ئۇنىڭ مۇز چىراي ئەمەس بەلكى تولىمۇ ئېسىل سۈپەت ، ئېغىر-بېسىق يىگىت ئىكەنلىكنى ھېس قىلغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئىسمى رىشات بولۇپ ، شىمالنىڭ يىگىتلىردەك مودا ، ئوچۇق مىجەز ئەمەس ، لېكىن مۇشۇ قەدىمىي شەھەر يىگىتلىرگە خاس چوڭ سۈپەت ، ئېسىللىك بار ئىدى ، قاچانلا قارسا شىم - كاستۇم كىيىپ قاپقارا يارشىملىق بۇرۇتلىرنى چىرايلىق ياساپ يۈرەتتى ، ‹ قەشقەنىڭ ھاۋاسى بۇلۇتلۇق ، يىگىتلىرى بۇرۇتلۇق › دېگەن شۇ ئوخشايدۇ .       بىر كۈنى تېلفۇنىمنىڭ تور يولنى ئوڭشاۋېتىپ ، تېلفۇننى سىناش ئۈچۈن ئۈچۈن ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ئېلىپ ئۆزۈمنىڭ تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلدىم ، چۈشتىن كېيىن قارسام ئۈندىدارىمدا ئۇنىڭ تېلفۇن نومۇردا ئۈندىدار ئاچقانلىق ئەسكەرتش كەپتۇ ، ھېچ بىر ئويلانمايلا ئۇنى قوشۇپ قويدۇم .        ھايات ئەڭ قالايمىقان چاغدا تۇيۇقسىز بىرسى پەيدا بولدۇ ، ھېكايە ئاندىن باشلىندۇ ..... بۇ گەپنى قەيەردىدۇر ئوقۇغىنىم ئېسىمدە ، ئاشۇ كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئولتۇرسام ئۇ‹ ئۇخلاپ بولدىڭىزمۇ ؟› دەپ ئۈندىدارغا ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەنلا ئىككىمىز پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق ، ئۇنى -بۇنى ، تاغدىن- باغدىن ، خىزمەت توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ خېلىدىن كېيىن ئۇنىڭغا ‹ تېزىراق قايتىپ كېتىڭ ، ئايالىڭىز ساقلاۋاتقاندۇ ؟ › دېسەم ، كۈلۈپ كېتىپ ‹ سىزگە كىم مېنى ئايالى بار دېدى ؟ › دېمەسمۇ ، ئويلانمايلا دېگەن گېپىمدىن خىجىل بولۇپ كەتتىم .       ئەتىسدىن باشلاپ ئىشلەۋاتقان چاغدىمۇ ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ تۇردۇق ، تۇيۇقسىز بىر -بىرىمىزگە تەڭ قاراپ قالساقمۇ بۇرۇنقىدەك قاپاق تۈرمەي ، كۈلۈمسىرەپ قوياتتى ، لېكىن مەن بۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە چۈشتۈم ، تېخى ئەمدىلا بىر ئازاپتىن قۇتۇلدۇم ، ئەمدى قەتئىي ئۇنداق كۆڭۈل دېگەن ساراڭنىڭ كەينىگە كىرەمدۇ ؟؟ دەپ قايتا- قايتا ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپ ھارمايتتىم .       ئۇ تولىمۇ سۈرلۈك تۇرغان بىلەن ماڭا خېلىلا كۆيۈنەتتى، ھەتتا ھەر كۈنى كۆزۈمنىڭ قىزىرىپ قالغىنىدىن كېچىلەپ يىغلايدىغىنىمنىمۇ ئۇقۇپ قاپتۇ ، پاراڭلاشقان ۋاقىتلىرمىزدا ئامال بار كۆڭلۈمنى ياساپ ، تەسەللىي بېرەتتى ، بەزى جەھەتلەردىن يېتەكچىلىك قىلىپ ، ياخشى - يامان يوللارنىڭ پەرقى دېگەندەكلەرنى ئۈگۈتەتتى ، ئىشقىلىپ ھەقىقىي بىر مۇسلىمە قىزىنىڭ قانداق بولدىغىنىنى ماڭا ئۈگۈتىۋاتاتتى .        بىر ئەركەكنىڭ ھەقىقىي مەغلۇپ بولغان ۋاقتى ، ئۆزى سۆيگەن قىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغىرتىپ ، باشقا بىر ئەركەكنىڭ تەسەللىي بېرىشىگە پۇرسەت يارتىپ بەرگەن ۋاقتى دەيدىكەن ، دېمەك شىرزات ھازىر تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولغان ئىدى ، ئۇنىڭ بەرگەن ئازارلىرنىڭ ئورنىنى رىشات بار كۈچى بىلەن تولۇقلاش ئۈچۈن تىرىشۋاتاتتى . لېكىن شىرزاتنىڭ تەرەپ- تەرەپتىن مېنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى دوسلىرىمدىن ئاڭلاپ تۇرۋاتاتتىم ، بىچارە بايقۇش مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىسى ياشىغان شەھەردە تۇرىۋاتقىنىمنى خىيالمۇ قىلمايدۇ  ، ئەگەر بىلىپلا قالسا كېلىپ ئىش تېرىيدىغانىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان .         رىشاتنىڭ زېرىكمەي چۈشەندۈرۈشلىرى ، نەسىھەت يېتەكلەشلىرى ئاستىدا مەنمۇ باشقىچە بىر پەرىگە ئۆزگەردىم ، مودا چاچلىرىمنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق شارپا ئارتىپ  ، ئۈچەيدەك تار ئىشتانلىرىمنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇنىراق نەرسە كىيدىغان بولدۇم ، لېكىن مېنىڭ ئۇ كىينىشلىرىممۇ ھامان ئەرەب ، تۈرۈك تەرەپنىڭ مودا نۇسخىلىرى بولغاچقا ئوخشاشلا بۇ يەرنىڭ قىزلىردىن پەرىقلىنىپ قالاتتىم .  بۇ ئۆزگۈرۈشلىرىمدىن رىشات ئالەمچە خۇش ئىدى ، خۇددى بەك چوڭ مۇۋاپىقيەت قازانغان ئادەمدەك ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى .         مەنمۇ ھەم ھاياتىمىنىڭ ئەڭ قالايمىقان ۋاقتىدا پەيدا بولغان بۇ پەرىشتە سۈپەت ئىنساندىن سۆيۈنەتتىم . لېكىن بۇ كۈنلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئازابلىرىمنىڭ ئوت پىلتىسى ئىكەنلىكنى كىممۇ ئويلىغان ؟؟؟

11

تېما

462

يازما

2233

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 692
يازما سانى:
462
تىللا:
1670
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
244 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-15

جانلىق ئەزا

22#
ۋاقتى: 2015-5-22 21:43:54 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام يەنە تۈگەپ كەتتى . تېزراق ساقىيىپ داۋامىنى يېزىپ چىقسىڭىز بۇلاتتىكە !
شىپالىق بەرسۇن ........
قەلبىمدە بار تەنھا بىر قەبرە ، ھايات بىرسى قىلىنغان دەپنە

9

تېما

67

يازما

991

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 322
يازما سانى:
67
تىللا:
698
تۆھپە:
70
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-13

قىزغىن ئەزا

23#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-22 21:44:21 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2015-5-22 19:12
كىچچىككىنە شەخسىي تەكلىپ: بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئۈ ...

ماقۇل ، كېيىنكى بۆلەكلىردە چوقۇم ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە دېققەت قىلاي ، قىممەتلىك پىكىرلىرڭىزگە رەھمەت

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

24#
ۋاقتى: 2015-5-22 22:18:19 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، داۋامىنى پەرەز قىلغاچ ئوقۇشقا چۈشتۈم...

جەنۇبقا بېرىپ تۇرۇپ كەلمەكچى، دېسە تېخى ساياھەتكىدۇر، دەپتىمەن. قارىسام خىزمەتكىمۇ شۇنداق ئاسانلا ئېرىشىۋالدى، نەچچە كۈن ئايلىنىپلا يوللىرى بىلەنمۇ بىرەر قۇر تونۇشىۋالدى، تۇرىدىغان ئۆيىمۇ بار... بەختلىك قىز پەرى.
داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن

9

تېما

67

يازما

991

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 322
يازما سانى:
67
تىللا:
698
تۆھپە:
70
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-13

قىزغىن ئەزا

25#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-23 03:29:35 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
                                 3                  ماڭا بۇ ناتونۇش شەھەرنىڭ مېھىرى شۇنچىلىك ئىللىق تۇيۇلدى ، يا رىقابەت ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن ھەممە ئالدىراشلا يۈرگەن ئاشۇ تۇرمۇش رېتىمى تېز شەھەردە چوڭ بولغان ماڭىلا شۇنداق تۇيۇلدىمۇ ئۇقمايمەن ، بۇ يەردىكى ھەممىلا ئادەم ماڭا شۇنچە مېھماندوست ، كۆيۈمچان تەسىر بېرەتتى .            بارا-بارا رىشاتنىڭ كۆيۈنىشلىرگە مەنمۇ كۆنۈپ قالدىم ، قىز بالا دېگەننىڭ ئەڭ ئاجىز ۋاقتى ئازار يېگەن ۋاقتى ئىكەن ، بۇ چاغدا ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن، ئازىراقلا كۆڭۈل بۆلگەن ئادەممۇ ئۇنىڭ ئېسىدە مەھكەم ساقلىنىپ قالىدۇ .          كىچىكىمدىن بىر توپ ئوغۇل نەۋىرنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغاچقىمۇ ياكى رىشات مەندىن نەچچە ياش چوڭ بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ مېھىرى مەندە بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا قىلدى . كۈندە ئەتتىگەندە خىزمەتداشلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ ناشتىغا ئولتۇرساقمۇ ، ئۇ  ئوغۇللار تەرەپتە ھامان ماڭا تىكىلىپ قاراپلا ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۇ قاراشلىرى ئاستا-ئاستا باشقىلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى . ئىشلەۋاتقان چاغدىمۇ ‹ئۇ يەنە قاراۋاتامدىغاندۇ ؟ › دېگەن خىيال بىلەن ئۇ تەرەپكە پات-پات قارىغىنمدا ئۇنىڭ ھامان ماڭا قاراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتىم . خىزمەتداشلىرىمىزمۇ بىزنى ‹ بىر -بىرىڭلارنىڭ كۆزدىن غۇنچەم دىراممىسى كۆرۈسىلەر ھە ؟!› دەپ چاقچاق قىلدىغان بولدى .        بىر تۇرۇپ ئازابلىق ئۆتمۈشنىڭ چاڭگىلدىن تېخى تولۇق چىقالماي تۇرۇپلا يەنە بىر يىگىتكە كۆنۈپ قېلىۋاتقىنىمىدىن ئۆزۈمنى نەچچە تىللايتتىم ، ئۆز - ئۆزۈمگە :‹ ھوشۇڭنى تاپ پەرى ! سەن شۇنچە ئۈجىمە كۆڭۈلمۇ ؟ قانداقلارچە ئىككى ئاي ئىچىدىلا باشقا بىرىگە كۆنۈپ قالسەن ؟› دەپ ئاگاھ بېرىپ تۇرساممۇ ، ئۇنىڭ مەقسەتسىز كۆيۈنشلىرى بۇ خىياللىرىمنى بېسىپ چۈشەتتى .     ئۇ يەردە  رىشاتنىڭ ئاچىسنىڭ ئوغلىمۇ بىز بىلەن بىللە ئىشلەيتتى ، ئۇ تاتلىق ئۇكاشنىڭ ماڭا بولغان ئامىراقلىقى مەندەك قېرىنداشلىق مېھىرنىڭ نېمىلىكىنىمۇ ئۇقمايدىغان بىچارە قىزنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ  كۆيدۈرەتتى ، ئاكىسى بىلەن ئارىمىزدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا تېخىمۇ ئامىراق بولۇپ قالدى ، ھەتتتا ئىچىۋاتقان چاي، قەھۋەلىرىمنىمۇ ئەركىلەپ قولۇمدىن ئالغان پېتى ئىچىۋېلىپ قاچاتتى ، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن رىشاتنىڭ ئاچىسىمۇ ئارىمىزدىكى ئىشلاردىن تېزلا خەۋەردار بولۇپمۇ ئۈلگۈردى .        ئۇ يەردە تۆت ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن خېلى ئەسلىمگە قايتقان بولدۇم ، شىرزاتنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن مېنى ئىزدەۋاتقانلىق خەۋىرنى ئاڭلاپ تۇرغاندىن باشقا ئۇنى تولا ئويلىمايدىغان ، ئويلاشنىمۇ خالىمايدىغان بولدۇم . ھامان قەلبىمدە ئۇنىڭغا ‹ سەن مېنى سۆيىمەن دەپ تۇرۇپ ، يەنە ئاشۇ توينى قىلدىڭ ..... ئەگەر ھەقىقىي ۋىجدانىڭ بولغان بولسا ئۆلسەڭمۇ توينى قىلمايتتىڭ ، بېشىڭغا كەلگەننى تەڭ كۆرەتتۇق ئەمەسمۇ ؟!› دېگەن ئاغىرنىش بار ئىدى .         ۋاقىت ئۇزارغانچە مەندىن ئون نەچچە ياش چوڭ كېلىدىغان خوجايىننىڭ ماڭا قىلغان زىيادە ياخشى مۇئامىلسى رىشاتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، ئۇ ماڭا :‹ پەرى ، سېنىڭ بەك پۇلغا ئېھتىياجىڭ بولمىغاندىكىن ، ئەمدى ئىشلىمىگىن ، شۇنچە ۋاقىت ئىشلەپ چارچاپ كەتتىڭ ، بىر مەزگىل دەم ئالغىن ماقۇلمۇ ؟!› دېدى . ئۇنىڭسىزمۇ چارچاپ ئاران قالغان ماڭىمۇ  بۇ گەپ ياقتى .         بۇ شەھەرگە كېلىپلا خىزمەت ئورنۇمنىڭ ياتىقىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقاچقا ، ئاخىرى ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يەنە بىر مەزگىل بۇ يەردە تۇرۇپ قالدىغىنىمنى ئېيتىپ دادامغا ئۆي ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتىم ، ئاپام ئانچە قوللاپ كەتمىگەن بولسىمۇ دادام ئەزەلدىن ئاغزىمدىن چىقاننى قىلىپ بەرگەچكە ماقۇل بولدى ھەم ئاۋۋال بىرەر بىخەتەر ، قۇلايلىق ئولتۇراق رايوندىن ئۆي تېپىپ يىللىق ئىجارە ئالغاچ تۇرشۇمنى ، ئاندىن مۇۋاپىق ئۆي چىقسا سېتىپ ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بىر قىز بالىنىڭ ناتونۇش شەھەردە يالغۇز ياشاۋاتقىنىدىن ئۆيدىكىلەرنىڭ يۈركى سۇ بولۇپ تۇرسىمۇ مېنىڭ خېلى ئوڭشىلىپ قالغىنىمنى ھېس قىلغاچقىمۇ يەنە قايتىپ كەتكىن ، دېيىشكە تىلى بارمايتتى . لېكىن بوۋام - موماملار توختىماي ئۆيدىكىلەرگە بېسىم قىلىپ ، مېنى قايتۇرۇپ كېتىشكە زورلاپ ھارمايتتى .          شۇنداق قىلىپ شەھەر مەركىزدىن بىر ئۆينى ئالدىم ، ئۈرۈمچىدىكى ھېلقى قوشنىمىزنىڭ سىڭلىسى مەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى ، ئۇ قىز كۈندۈزى ئىشلەيتتى ، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا قايتىپ كېلەتتى ، مېنىڭ كۈنلىرىم كىتاپ ئوقۇش ، تىل ئۆگىنىش ، تاماق ئېتىشنى ئۆگىنش ، كەچتە تىكىش ، بازار ئايلىنىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى  ، رىشات بوش ۋاقىتلىردا ناماز قائىدىلىرنىڭ ھەممىنى ئۈگتۈپ ئۈلگۈردى . بۇنىڭ بىلەن بەش نامازلىقمۇ بولۇپ قالدىم ، بۇ رىشاتتىن ئەڭ سۆيۈنگەن بىر ئىشىم ئىدى . ھەققىي ئىمانلىق بىر يىگىتنىڭ ئاتا قىلغان مېھىرىمۇ ، بەختىمۇ ئوخشىمايدىكەن ئەمەسمۇ ؟!         ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھەربىر مىنۇتنى بىر ئۆمرۈمگە تېگۈشكىسىز ئىدى . رىشاتنىڭ چىن ئىمانى ، يۈرەك قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆيگۈسى مېنى ئۆتمۈشۈم ئىچىدىن تارتىپ چىقاردى . ۋاقىت ئۇزارغانچە ئارىمىزدىكى مېھىر شۇنچە چوڭقۇرلاپ بارماقتا ئىدى .         ئاخىرى بىر كۈنى رىشات ماڭا :‹ پەرى ، بىزنىڭ ئائىلە شارائىتىمىز سىلەرنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس ، دادام سېنىڭ داداڭدەك چوڭ خوجايىنمۇ ئەمەس ، لېكىن مەندە چىن ئىمان ، ئاۋال ياراتقۇچىنى ئاندىن ئاشۇ ياراتقۇچۇم ئاتا قىلغان سېنى سۆيدىغان يۈرەك بار ، ماڭا تېگىشنى خالارسەنمۇ ؟  › دېدى . بۇ بىر يىگىتنىڭ ماڭا قويغان توي تەكلىۋى ئىدى ، باشقىلاردەك ئالدىمغا گۈل ، ئۈزۈك تۇتۇپ تىزلىنىپ تۇرۇپ قويمىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئېغىزدىن چىققان ھەربىر ئېغىز چىن سۆزنىڭ سالمىقى ، قەدىر قىممىتى نەچچە ئالماس ئۈزۈكتىن ئۈستۈن ئىدى .  ئاشۇ چاغدا قانچىلىك خۇش بولغىنىمنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ .     مەن ئۇنىڭغا ئۆيدىكىلەرگە مەسلىھەت سېلىشنى ئېيتتىم . بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئارىمىزدىكى ئىشلاردىن بىرەر قۇر خەۋاردار بولسىمۇ ،‹توي› دېگەن بۇ ئۇقۇم تېخى ئۇلاردىن خېلى يىراقتا ئىدى . شۇڭا ئۇلارغا قانداق ئېغىز ئېچىشنى ئۇقالماي بېشىم قاتتى ، يەنە كېلىپ بۇ يەرگە بىر كېلىۋالغان پېتىم توققۇز-ئون ئاي بولاي دېسىمۇ بىرەر قېتىم بېرىپ يوقلاپ قويمىغان بوۋام-مومامغا نېمە دەيمەن ؟!  باش قېتىنچىلىقى  دەل ئاشۇ خۇشاللىقتىن باشلاندى ......                 

باھا سۆز

جاپا چەكتىڭىز !  ۋاقتى: 2015-5-23 03:40

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

26#
ۋاقتى: 2015-5-23 10:57:29 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ رىشات بىلەن توي قىلارمۇ .....يەنە نىمە تەقدىر كۈتۈپ تۇرغاندۇ بۇ قىزنى .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

27#
ۋاقتى: 2015-5-23 12:37:33 | ئايرىم كۆرۈش
مۇھەببەت   ئىزدىگەندە  قىچىپ  ،  ئۈمۈت ئۈزگەندە  ئۆزلىكىدىن پەيدا بولىدىكەن  دىسە  .
ئەسىرىڭىزنىڭ    داۋامىنى  تەشنالىق بىلەن كۈتىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

28#
ۋاقتى: 2015-5-23 14:20:51 | ئايرىم كۆرۈش
رىشات بىلەن توي قىلالارمۇ بۇ قىز ؟؟؟؟
بەك قىززىقىپ قېلىۋاتىمەن ھېكايىڭىزنىڭ ئاخرىغا جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز .
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

7

تېما

300

يازما

2046

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 539
يازما سانى:
300
تىللا:
1738
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-21
29#
ۋاقتى: 2015-5-23 15:24:21 | ئايرىم كۆرۈش
تۈگەپ كەتمىستى دەپ تۇرسام تۈگەپ كەتتى بۇ ئەسەر...ئاخىرغا بەك تەشنا بولۋاتىمەن
تامچە كەبى مىھىر بەرسەڭ، دېڭىز كەبى سۆيگۈم بار

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

30#
ۋاقتى: 2015-5-23 15:39:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرىغا يەنە تەشنامەن، ۋەقەلىك جەھەتتە يەنە ئازراق تەكلىپ بېرەي دېۋىدىم، ئەمما مۇشۇ بىر جۈملىنى كۆرگەندىن كېيىن بارلىق ئويلىرىم پاچاقلاندىغۇ.... داۋامىنى كۈتىمەن جېنىم.

«ھەققىي ئىمانلىق بىر يىگىتنىڭ ئاتا قىلغان مېھىرىمۇ ، بەختىمۇ ئوخشىمايدىكەن ئەمەسمۇ ؟!   »
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:47 , Processed in 0.144375 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش