يۈرۈگۈم سىنىڭ كىملەرنى سىغىندىم دەپ نىدا قىلۋاتقىنىڭ بەش قولدەك ئايان بولمىسىمۇ تۆت قولدەك ئايان ، بىلىمەن ئازاپلىنىۋاتىسەن ، ئەگەر سىنى بىرخەنجەر ئىككى پارچە قىلىۋەتكەندىمۇ بۇنچىلىك ئازاپلانماس ئىدىڭ بەلكىم ...ئۇ گۈل ئىدى ، كەتتى ...سىنى تىكەنلىرى بىلەن ھالسىزلاندۇرۇپ كەتتى ... ئاخىرقى نىداھلىرىڭ يەنە سىنى قىينىماقتا.
چۆلدە ئۆسكەن قىزىل گۈلدەك ،
شۈنچىلىك پاك شۈنىلىك كۆركەم ئىدىڭ .
تىكەنلىرىڭدە باشقىلارنىڭ قولى يار بولمىسۇن ،
ئۈزۈش توغرا كەلسە ئۆزەم ئۈزەي .
ساڭا زوقلىنىپ قارىيالايمەن ،
دوستلىرىمغا مىنىڭكى دەپ سۆزلىيەلەيمەن .
كۆزۈمنى يۇمۇپ ئەسلىيەلەيمەن ،
لىكىن يىنىڭغا بىرىپ سۆزلىيەلمەيمەن . |