|
گۈل بەرگىلىرى توزۇغان چاغدا ،سۈبھى بىلەن تەڭ بۇلاق مۇڭلۇق يىغلايدۇ جېنىم ....بۇلاق بويىدا تەنھا بىر ئاشىق،لېكىن ئۇ سەن ئەمەس،بۇلاق سۈيى يېڭى بىر سۆيگۈ مىلودىيىسىگە گۇۋاھچىدۇر..كەچكى شەپەق خلۋەتتىكى سېھىرلىك رەڭلەرنى ئوغىرلاپ ئۆزىنى بېزىگەندە مەن سېنى سېغىنىپ يىغلىمىدىم،قارشى قىرغاقتىكى شەپەڭنىڭ نازۇك گۈللەرنىڭ رەڭگىنى بىلەلمەيدىغىنىنى يۈرىكىم كۆردى...يۈرىكىم ئەمدى يىغلاشنى خالىمىدى جېنىم...
بىزنىڭ مەھەللىمىزدە چىققان تۇلۇنئاي ئۈچۈن لىرىكىلار ئەھمىيەتسىز،ئۇنىڭ ئۆزى بىر لىرىكا....سېنىڭ مەن ئۈچۈن يازغان لىرىكاڭنىڭ ئەمدىلىكتە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرگىنىنى بىلگىنىمدىمۇ مەن يىغلىمىدىم.
شېرىن بىر ھىستا ھاياجانلىرىم ھەممىمىگە ئە ئۇۋاھلىق بېرىپ تۇرغاندىمۇ مەن يىغلىمىدىم.كېتىپ قالماقچىمۇ سەن ياكى مەن كەتمەكچىمۇ؟ تۇيغۇلىرىم مىنى ئالدىدىمۇ ياكى سەن مىنى ئالدىدىڭمۇ؟ ھېچنىمىنى ئويلىغۇم يوق.
"سېنى سۆيىمەن"دىمەيمەن،"سېنى سېغىندىم"دىمەيمەن.ئۇ قۇرلار ئەمدى سېنىڭ ئەمەس،يۈرىكىمدىكى ھەممىنى پاك-پاكىز ئۆچۈرمەكچىمەن.خۇددى سېنى ھاياتىم بەتلىرىدىن ئۆچۈرمەكچى بولغىنىمدەك...بۇ قارارنى چىقارغىنمدا مەن يىغلىمىدىم .خۇددى بۇرۇندىنلا شۇنداق بۇلۇشى كېرەكتەك....
سېنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىم قاتىتىق سوقۇپ كەتمەيدۇ ئەمدى،مۇزلىغان يۈرىكىمنىڭ قاتىلى ئىكەنلىك يادىمغا يەتكەندە مەن يىغلىمىدىم.كۆز ياشلىرىمنىڭ قىممىتى بولۇشى كېرەكقۇ ئاخىر....
قارا...بۈگۈن ياغقىنى يامغۇر ئەمەس،چاناقلاردىن لىرىكا ئېقىۋاتىدۇ.يامغۇر يېغىۋاتىدۇ ،يۈرىكىم ئېرىۋاتىدۇ،ھەممە گۈرۈلدەپ كۈيىۋاتىدۇ.....
|
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|