|
راست دىگەندەك ھاممام ئاخىرى داداملارنى قايىل قىلىپ مېنى ۋىلايەتتىكى بىر كەسپى تەربىيلەش ئورنىغا يولغا سالدى. بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان بۇندىن كىيىن ماڭىدىغان نىشانىمنى بېكىتىپ بولغاندىم. يەنى ئالدى بىلەن ئۆز كەسپىمنى پۇختا ئۈگىنىمەن. ئاندىن يۇرتقا قايتىپ دۇكان ئاچىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم كۆلەمگە ئىگە بولغان. تەربىلەش ئورنىغا تەرەققى قىلدۇرىمەن.
شۇنداق قىلىپ مەن پۈتۈن دىھقىتىمنى پەقەت ئۈگىنىشكىلا سەرىپ قىلىشقا باشلىدىم. پەمىمچە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر يىلدا مۇئەييەن بىر سەۋىيەگە يېتىپ بولىشىم كېرەك ئىدى .
يۇرتىقا قايتىپ بارغان چېغىمدا ئالىم( بۇرۇنقى يولدىشىم)بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ بىر بازار كۈنى ئىدى. ئۇ ئايالى بىلەن بازارغا چىقىپتىكەن. ئۇلارمۇ مېنى كۆردى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى. ئايالىنىڭ قورسىقى ئوبدانلا تومپىيپ تۇراتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنى ئامالنىڭ بارىچە مەغرۇر تۇتۇشقا تىرىشتىم. ھازىر ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەچكىمىكىن يۈرىكىم بۇرۇنقىدەك ئەنسىز سوقۇپ كەتىمىدى ئەمما ئۇلار ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىختىيارسىزلا ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ سالدىم. كونىلارنىڭ ‹‹ بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مىھىرى بار›› دىگىنى بىكار ئەمەس ئوخشايدۇ. ئۆيگە قايتىپ كىرگەن چېغىمدا بايقى ئۇچرىشىشنىڭ كەيپىياتىمغا ئوبدانلا تەسىر قىلغىنىنى ھېس قىلدىم.
......
ھەش-پەش دىگۈچە يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يېرىم يىلنى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم چاغلىرىم دىسەم ھېچ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ يېرىم يىل مېنىڭ نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلىرىمنى ئۇنتۇلدۇردى. مېنىڭ كەلگۈسى ھاياتىمغا قارىتا ئېنىق نىشان شۇنداقلا مەندە ھەقىقى ئىنسانلىققا خاس غورۇرنى يېتلىدۈرگەن يېرىم يىل بولدى. مەن ئۆزۈمنى قانداق تۇتۇشنى ئۈگەندىم. ھاممام بۇرۇن دائىملا ‹‹ مەن ئېسىمنى بىلگەن چاغدىلا جاھاننىڭ يېرىمى ئەركەك، يېرىمى ئايال ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداق، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق بولىدۇ. شوڭا تۇرمۇش ئىشىڭغا ئۇنچە ئالدىراپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ›› دەيدىغان ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ تېگىگە مانا ئەمدىلا يېتىۋاتاتتىم.
-ھەي قىزلار نۇرنىسانىڭ كۈندىن -كۈنگە كەمسۆزلىشىپ كېىۋاتقانلىقىنى سەزدىڭلارمۇ؟-دىدى ياتاقتىكى ھەممىدىن شوخ قىز ماھىرە،- بۇنىڭ ئىچىدە بىر گەپ بار جۇمۇ.
-ئىچىمدە نىمە گەپ بولاتتى. شۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشقۇ مەن،-دىدىم.
- ھەي قىزلار نۇرنىسا ھازىر سىنىپ باشلىقىمىز يولۋاس بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدى. سىلەر تېخى بىلمەمسىلەر؟-دىدى ئايگۈل كىيىملىرىنى ئالماشتۇرغاچ.
-مەنغۇ بۇلارنىڭ دائىملا دىگۈدەك بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇردىغىنىنى ئوبدان بىلىمەن. ئەمما ئۇ دەرىجىدەئەمەستۇ.
- كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەلچىسى دەپ بىكارغا دىمىگەن . قارىغاندا بىز بىلمەيدىغان ئىشلارمۇ بار ئوخشايدۇ- جۇمۇ.
-دىمىسىمۇ يولۋاس تەقى- تۇرقى كېلىشكەن. ئۆزىمۇ سەمىمى، ئەڭ مۇھىمى، مۇستەقىل كۆز-قاراشقا ئىگە بالىكەن. ئەگەر ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا تەلەپ قويۇپ قالسا ھەرگىزمۇ ياق دىمەيمەن. جۇمۇ،-دىدى باياتىندىن بىرى جىمجىتلا ئولتۇرغان سانىيە.
-قىزلار شۇ ھامان ئۇنىڭغا ھۇجۇم باشلىدى.
-قاچان ئېغىز ئېچىپ قالاركىن دەپ ئاران تۇرۇپسەن دىگىنە،
- ئۆزۈڭلا بېرىپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويامسەن-يە؟
-ھەي قىزلار تولا سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ دىگەندەك گەپ قىلماڭلارچۇ، ئۇنىڭ لايىقى بارمۇ تېخى.
قىزلار بۇ گەپنى دىۋىدى. يۈرىكىم بىردىنلا ئېغىپ كەتتى. مەن ئۇنى راستىنلا ياقتۇرۇپ قالغاندىم. ئۇ ھەر كۈنى بىكار ۋاقىت تاپسىلا ئاپئاق ئېچىلغان بىر تۈپ ئەتىرگۈلنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق ئىدى. مەن ھەر كۈنى نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى يوشۇرۇن كۆزىتىدىغان بولۇپ قالغاندىم. ئەجىبا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ؟
- ھەي قاراڭلار . نۇرنىسانىڭ بوپ كەتكىنىنى،-دەپ چۇرقىراشتى. قىزلار مەن شۇ ھامان ئېسىمگە كەلدىم،
-ئۇ سەن يولۋاسنى راستىنلا ياقتۇرۇپ قالدىڭمۇ نىمە؟،-دىدى ماھىرە.
مەن نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئەمەلىيەتتە بىر ياتاقتىكى ئالتە قىز زادىلا سىر يوشۇرۇشمايتۇق. ئۇلار مېنىڭ تۇرمۇش سەزگۈرەشتلىرىمدىن تۇلۇق خەۋەردار ئىدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى دىگۈدەك بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىمىزدا تۆتەيلەننىڭ ماڭا ئوخشاش سەزگۈرەشتىسى بار ئىدى. بىز بەزىدە مۇشۇ ئىشلار توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالساق گۈلسۈم بىلەن رەيھان ئاغزىمىزغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالاتتى.
-گەپ قىلساڭچۇ،-دىدى ماھىرە، -سەن بەزى ئىشلارنى بىزدىن يوشۇرىۋاتامسەن نىمە؟
مەن گەپ قىلمايلا سىرىتقا ماڭدىم. ئۇلار ئارقامدىن قاراپ قېلىشىتى.
بىز قىزلار مانا مۇشۇنداق. ئەگەر ئوغۇللارنىڭ بىرەر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالسا ھېچ قانداق توسالغۇسىزلا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سۆز تاشلىيالايدۇ. ئەمما بىز ئۇنداق ئەمەس، بىرسىنى ياقتۇرۇپ قالساق. قىز بولۇپ قالغانلىقىمىز سەۋەپلىك سۆيگۈمىزنى يۈرەك قېتىمىزغا دەپنە قىلىۋىتىمىز.
كىيىنكى كۈنلەردە قىزلار يولۋاس توغىرىلق نۇغۇن قىممەتلىك ئاخباراتلارغا ئىرىشتى. ئۇلارنىڭ سۆزىدىن مەن يولۋاسنىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقانلىقىنى، بالىسى يوقلىقنى ئەڭ مۇھىمى مەن بىلەن بىر كەنىتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
توۋا دەيمەن. مەن بۇ مەكتەپكە كەلگىلى توپتوغرا يىرىم يىل بولدى. ئۇ بولسا مەن كېلىشتىن خېلى بۇرۇنلا كەلگەن ئىكەن. ئۇمۇ چوقۇم مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلىپ بولىدى ئۇنداقتا نىمىشقا تاكى ھازىرغىچە ماڭا تونۇشلۇق بەرمىگەندۇ؟
مەن ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىردىنلا قاتتىق ئۆمىدسىزلىنىپ كەتتىم. چۈنكى مەن ئۇنى چوقۇم يۇرىتتا لايىقى بار دەپ ئويلىدىم.
ئالىمنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ. ئەمما بالا بېجىرىم ئەمەسكەن. ئىككى قولىنڭ ئورىندا خۇددى ئېسىپ قويغاندەك ئىككى تال گۆش ساڭگىلاپ تۇرىدىكەن. ئەنە شۇ چاغدىلا ئالىمنىڭ ئانىسى ئەينى چاغدا جىيەن قىزنىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئېمىتكەنلىكىنى، ئوغلى بىلەن قىزنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىېمىلداش ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئاپتۇ. ئەمما بولغۇلۇق بولۇپ بولغان تۇرسا......
ئالىم بۇ ئىشنى بىلگەندىن كيىن شۇ ھامانلا ئاجرىشىمەن دەپ غەۋغا كۆتۈرۈپتۇ. ئەمما نىمە بولغانلىقى نامەلۇم. ئانىسى بىر نىمىلەرنى دەپ يۈرۈپ ئۇنى توسۇپ قاپتىمىش.
مەن ئاخىرى يولۋاسنىڭ سۆيگۈ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ خېتىدە مېنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇمغا زادىلا قىزىقمايدىغانلىقىنى، ئۆتمۈشنىڭ ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن پەقەت بىر ئەسلىمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ، مەن خالىساملا بۇندىن كىيىنكى ھاياتىنى مەن بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى يېزىپتۇ. مەن ئارتۇق تارتىشمايلا ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت يېزىۋەتتىم. گەرچە ھازىرقى ۋاقىتتا تىلفۇن ئالاقىسى كەڭ ئومۇملاشقان بولسىمۇ بىز يەنىلا خەت ئارقىلىق كۆرۈشتۇق. ھەر ئاخشىمى ياتىقىمىزدىن كۈلكە چاقچاق ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.
|
|
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
|
|
|
|
|