ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: ئۆزخان
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دەرتمەن قىز (ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

21#
ۋاقتى: 2015-4-19 22:00:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 21:45
كىم ئىنكاس ماراپتۇ. شۇ ياخشى چىقمىدى دەپ يازغۇم كەلمە ...

يېئىزگە بەلەن چىقىپتۇ. كۆرمىدىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ تىمىڭىزنى تىڭ-تىڭلاپ كىتەلمەيۋاتقانلىقىنى

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

22#
ۋاقتى: 2015-4-20 12:26:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-18 22:26
نەدە ، مەن تازا ياخشى چىقمىغاندەك ھېس قىلىپ ئاخىرىنى  ...

بۇنداق ئويلىسىڭىز مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ......

ئاخىرىنى يېزىڭ،يېزىپ بولغاندا ئاندىن قانداق يازغانلىقىڭىزغا قارىتا تەكلىپ -پىكىرلەرنى بېرىمىز......

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

23#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-20 13:32:54 | ئايرىم كۆرۈش
musilina يوللىغان ۋاقتى  2015-4-20 12:26
بۇنداق ئويلىسىڭىز مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ......

...

سىز بۇنداق دىگەندىكىن ئاخىرىنى داۋاملىق يازاي ئەمسە.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

24#
ۋاقتى: 2015-4-21 14:40:09 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا ياخشى ئەسەر  بوپتۇ  داۋامىنى  تىزرەك  يازاسىز ھە!!!

بۈگۈن  ماڭا  ئەتە  ساڭا  دەپتىكەن ، كونىلار  خوپ بوپتۇ  تازا  بۇ  مەزلۇممۇ   باشتىكى كېلىنىنى قەدىرلىمەي ھە دىسىلا،  چوق ئېتىپ تازا  ئەسكىلىك  قىلىۋالغان ئىدى .
  ئۇ يارىماسمۇ بالىسى  ئۆلۈپ كېتىپلا  ئايالىنى تاشلىۋەتتى  ، تازىمۇ بىر  يارىماس  نىمىكەن ،بەكلا ئاچچىقىم  كەلدى ھەي . كۆڭلىگە  تەسەلللى بىرىپ  بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن   ئاندىن  چىرايلىققچە  ئايرىلسا  بولمامدۇ دەيمەن ، ئۇ  بىچارە  يولدىشىنى كىلىدۇ دەپ ساقلاپ  ئولتۇرسا  نائۈمىددە قويۇپ ،
  ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ھېچ بىر  ئىنسان ئۆزگەرتەلمەيدۇ ، بۇنداق  ئىشلار تۇرمۇشىمىزدىمۇ  ئۇچراپمۇ  قالىدۇ بەزىدە . شۇڭلاشقا ‹‹بالىسى  يوقنىڭ ئۆيى  يوق ›› دەيدىكەن  چوڭلار ،  
ئەمما  بەزى بىر   كىشىلەر  بالا  بېقىۋالىدۇ . ئەمەسمۇ  ،
بەكلا ياخشى ئەسەر  ئىكەن  ئاخىرىنى  تىزراق يوللىڭە  ئۆزخان   بولامدۇ يە ؟  
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

25#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-21 15:42:32 | ئايرىم كۆرۈش
قاھىرە يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 14:40
بەكلا ياخشى ئەسەر  بوپتۇ  داۋامىنى  تىزرەك  يازاسىز ھە!!! ...

بولىدۇ. بۈگۈن كەچتە داۋامىنى تولۇق يوللاپ بولىمەن.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

26#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-22 12:13:53 | ئايرىم كۆرۈش

  ئۆيگە قايتىدىغان چاغلىرىمغا ئازلا قېلىۋاتاتتى. بىر تەرەپتىن خوشلۇقۇم ئىچىمگە سىغمايۋاتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى يولۋاسنىڭ ئوقۇش ۋاختى تېخى پۈتمىگەن ئىدى.
-سىز خاتىرجەم قايتىڭ،-دىدى يولۋاس ،-مەنمۇ يېرىم يىلدىن كىيىنلا بارىدىكەنمەن. بۇ ئانچەئۇزۇن ۋاقىت ئەمەسقۇ؟،-ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل مىھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى.
مەن ئۇنىڭغا ھەيران قالدىم. ئوغۇللارنىڭ باغىرى مۇشۇنداق تاشمۇ ياكى مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ كېتىۋاتامدىم.
-چۈشتىن كىيىن دەرىس يوقكەن. بىرەر جايغا بېرىپ ئويناپ كېلەيلىمۇ ؟-دىدى ئۇ ،-قارىغاندا كۆڭلىڭىز سەل يېرىمدەك قىلىدۇ.
مەن ئارتۇق تارتىشمايلا ماقۇل بولدۇم.
بىر يىلدىن بىرى پەقەتلا شەھەر ئايلىنىپ باقمىدىم دىسەم بەلكىم يالغان سۆزلىگەن بولارمەن. ئەمما بۇ شەھەردە مەن بىلمەيدىغان جايلار راستىنلا بەك كۆپ ئىكەن. يولۋاس ئىككىمىز ھېرىپ قالغۇچە بازار ئايلاندۇق. باغىچلارغا كىردۇق. بىر نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشتۇق. ئۇنىڭ پىكىرى بويىچە كىتاپخانىغا كىردۇق. مەن ئۇنىڭ كىتاپقا بۇنچىلىك ئىشتىياقى بارلىقىنى راستىنلا بىلمەيدىكەنمەن.
-كىتاپقا ئامراق ئادەم باشقىلارغا قارىغاندا سەل سەمىمىيرەك بولىدۇ،-دىدى ئۇ بىر كىتاپنى ۋاراقلاۋىتىپ.
  ئويلاپ باقسام مېنىڭ ھازىر كىتاپ ئوقۇشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن بولۇپ كېتىشىم، شۇنداقلا ھەتتا ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۇنى-بۇنى يازغىدەك دەرىجىگە يېتىپ بېرىشىم. يولۋاسنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزنىڭ تەسرىگە ئۇچىرىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن.
مەن ئاخىرى قايتىپ كەلدىم. ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقان چاغدىكى روھى ھالىتىم. ئۆيدىن چىققان چاغدىكى روھى ھالىتىم بىلەن ئاسمان-زىمىن پەرىق قىلاتتى. ئۇ چاغدا كاللامدا مەلۇم نىشانىم بولسىمۇ تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە يۈرىكمدە بىر خىل قورقۇنىچ ۋە ئارىسالدىلىق بار ئىدى. لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس، يۈرىكىم ھاياجاندىن تىپچەكلەيتى. ئۆزۈممۇ سەزمەيدىغان بىر خىل غورۇر ۋە ئىشەنىچ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا گۈلخان بولۇپ ياناتتى.
  مەن مەھەللىگە كىرىدىم. غەرىپ تەرەپتىن ئېقىپ كېلىدىغان بىر ئۆستەڭ سۇ مەھەللىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككىگە كېسىپ ئۆتەتتى. ئېرىق بويىغا ئۈرۈك،ياڭاق، جىگدە دەرەخلىرى سېلىنغان بولۇپ بۈك-باراقسان ئىدى. يىرالاردا يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئىگىز تاغلار بار ئىدى. ئومۇمەن مەھەللىمىز تولىمۇ گۈزەل ئىدى.  ئەمما ئىلىگىرى بۇنى زادىلا ھېس قىلماپتىكەنمەن.
ئاتا-ئاناملار تولىمۇ خۇش بولدى.
-مەھەللىدىن ئورنى ياخشىراق بىر دۇكان ئۇقۇشۇڭلار،-دىدى ھاممام -مەبلەغنى مەن چىقىرىمەن. نۇرنىساغا بىر دۇكان ئېچىپ بېرەيلى.
-قانداق بولار؟-دىدى دادام بېشىن قاشلاپ قويۇپ،- مەھەللىدىكىلەر سۆز-چۆچەك قىلىشسا....
-ئاكا سېنىڭ كاللاڭ زادى قاچانمۇ ئىشلەر؟-دىدى ھامما تىرىكىپ،- سەن باشقىلارغا قەرىزدارمۇ ياكى سەن ئۇلار  بىلەن بىللە ئولتۇرامدىڭ، نۇرنىسا ھېچ قىلماي ئولتۇرسىلا سۆز-چۆچەك بولماي قالامتى؟ قاۋايدىغان ئىت ھامان قاۋايدۇ.
ئانام گەپ قىلمىدى.
-نۇرنىسا بىر يىلدىن بىرى ھۆنەر ئۈگىنىپ ئەمدى ھېچ ئىش قىلماي ئۆيدە ئولتۇرسا ئۆتكەن بىر يىل ۋاقىت نىمىگە ھېساپ، ئۇنى دىمىگەندىمۇ ھۆنەر قىلىپ نان يىگەن بىر يامان ئىش ئەمەسقۇ؟
-دادام ئارتۇق گەپ قىلالمىدى. ئەمما كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراپ قويدى. مەن يەرگە قارىۋالدىم. ئىچىمدە ھاممامىنىڭ باتۇرلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم.
بۇ تەكلىپ ئائىلە بويىچە بىردەك قۇبۇل قىلىندى. دادام ماڭا دۇكان ئۇقۇشۇپ بېرىدىغان بولدى.
دوستۇم خاسىيەتمۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ.
-نىمىشقا ئاجرىشىپ كەتتىڭ، بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتقان ئەمەسمىدىڭلار،- دىدىم ھەيران بولۇپ.
-قويغىنە،-دىدى ئۇ مەيۈسلۈك بىلەن،- ئەر دەپ شۇنداق ئادەمگىمۇ تېگىپتىمەن.
-نىمە بولدى.
- ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئىچىشى ھاراق، چېكىشى نېشە، ئوينىشى قىمار، ھەي بۇ ئادەم دىگەنمۇ شۇنداق بولامدۇ دەيمەن. ھازىرغۇ ئىچكەن چەككەننى بەك ئەيىپ ئالمايدىغان بولدۇق. ئەمما كەيىپ قىلسىمۇ بىرەرنى قىمامدۇ دەيمەن. بىر جېنىغا ھەممىنى تەڭ قىلىۋالغىچە،-مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ بۇنچىلىك غەزەپلەنگەنلىكىنى زادىلا كۆرمىگەندىم.
-ھەي ئوغلۇڭ ئەمدىلا ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەندۇ، ئەمدى ئۇ قاراپ تۇرۇپلا تىرىك يېتىم بولۇپ قالارمۇ،-دىدىم.
-مەنمۇ تىرىك يېتىمغۇ؟-دىدى ئۇ ،- مانا ئوتتا كۆيمەي سۇدا ئاقماي چوڭ بولدۇم. ھەقىچان ئاناممۇ مېنى مۇشۇنداق باققان بولغىيتى.
-لىكىن قېينىئاتاڭ بىلەن قېنىئاناڭ ياخشىكەنمىشقۇ؟
-شۇلارنى دەپلا مانا بىر بالىنى كۆتۈرۈپ يۈرىيمەن. بولمىسا ئاللىقاچان كەشىمنى توغرىلاپ بولاتتىم.
خاسىيەت مەن شەھەرگە بېرىشنىڭ سەل ئالدىدىراق توي قىلغاندى. شۇ چاغدا مەن ئۇ توي قىلماقچى بولغان بالىنى بىر كۆرۈپلا ‹‹ بولمايدىكەن›› دەپ ھۆكۈم قىلغاندىم. سەۋەبىنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ كۆرەڭ ھالىتىنى زادىلا ياقتۇرمىغاندىم.
دادام مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى بىر دۇكاننى ئېلىپ بەردى. ھاممام كېتىدىغان بارلىق ئۈسكۈنە سايمانلارنى تولۇق راستلاپ مېنى بىر دۇكان خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
-دەماللىققا ئالدىڭغا ئىش كەلمىسە مەيلى،-دىدى ھاممام ،-تۈرمىدىكىلەرنىڭمۇ كۈنى ئۆتىدىغۇ؟ بۈگۈن دەماللىققا بىكار قالغاندەك قىلغان بىلەن بىر كۈنلەردە كېچىسى ئۇخلاشقىمۇ چولۇڭ تەگمەيدىغان كۈنلەر كېلىدۇ تېخى .
ئەمما مەن بىكار قالمىدىم. ئالدى بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلار، تونۇش بىلىشلەر تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلىرىم. كىرىپ دۇكاننى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇردى. گەرچە ئانچە كۆپ پۇل تاپالمىغان بولساممۇ ھەر ھالدا بىكار قالمىدىم. ئەمما تىككەن كىيىملىرىم باشقىلارغا خېلىلا ياراپ قالدى.   -رەختىمنىمۇ ئۆزۈڭ تاللاپ چىرايلىق بىر كۆينەك تىكىپ بەرگىن ،-دىدى خاسىيەت بىر كۈنى ئالدىمغا كىرىپ .
- سەن ئۆزۈڭمۇ تىكەلەيسەنغۇ؟-دىدىم ئۇنىڭغا ،-نىمىشقا ماڭا تىكتۈرمەكچىسەن؟
-مەنغۇ تىكەلەيمەن. لىكىن ساڭا ئوخشاش چىرايلىق، زامانغا ماس قىلىپ تىكەلمەيمەن. شۇنىڭغا ...
-ئۇنداق ئەمەستۇ، سەنمۇ خېلى ئوبدانلا ئۈگەنگەن ئىدىڭغۇ،-  دىۋىدىم ئۇ قايناپلا كەتتى.
-قويە ئۇ گەپنى ئەسلىدە مانا ھازىرغىچە ئۈگەنگەن بولسام بۇ كەمگىچە ھۆنەرمۇ ئايرىپ بولغان بولاتتىم. ئەمما شۇ ....
-شۇ نىمە؟-دىدىم چاقچاق قىلىپ،- جاھاندا ئوغۇللار تۈگەپ قالارمىكىن دەپ قالغانما؟
-بۇ گەپنى مەن دىسەم بولارمىكىن،-دىدى خاسىيەت كۈلۈپ تۇرۇپ،- بۇ ئىشتا سەن مەندىنمۇ چاققان چىققان جۇمۇ؟-ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
يۇرتىمىزنىڭ قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى خاسىيەت ئىككىمىزنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. نۇرغۇن قىزلار تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان ھامانلا  ئالدىراپ توي قلىشىدۇ. بىر نەچچىسى ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بارىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى ھۆنەر ئۈگىندۇ. ئەمما خاسىيەت ئىككىمىز گە ئوخشاش يېرىم يولدا قويىدىغانلار خېلى بار .
يولۋاس ھەر كۈنى بىر قېتىم دىگۈدەك تىلفۇن قىلىپ تۇرىۋاتاتتى. مېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى، يېنىمغا كېلىشكە نەقەدەر ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. راستىمنى دىسەم مېنىڭمۇ ئۇنى ئوبدانلا كۆرگۈم كېلىپ قالدى.
دۇكىنىمنىڭ سودىسى كۈنسىرى ياخشى بولىۋاتاتتى. ئىشلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بەزى ئاخشاملىرى ئۆيگە قايىتماي ئىشلەشكە توغرا كېلىۋاتاتتى.
-ھامما مەھەللىدە ماڭا ئوخشاش ھۆنەرنى چالا ئۈگىنىپ بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغان قىزلاردىن بىر قانچىسى بار ئىدى. شۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسەم قانداق بولار؟-دىدىم بىر كۈنى ھاممامغا :
-بۇ ئويۇڭ راستىنلا ياخشىكەن،-دىدى ھاممام خالىساڭ ئۇلارغا ياراتقان كىرىمىگە قاراپ ئىش ھەققى بەرسەڭ بولىدۇ. ياكى شاگىرىت ھېساۋىدا ھۆنەر ئۈگەتسەڭمۇ بولىدۇ. مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ھۆنەرمۇ ئۈگەت، پۇلمۇ بەر،  شۇنداق بولغاندىلا ئۇلارنى ئەتراپىڭدا تۇتۇپ تۇرمىقىڭ ئاسان بولىدۇ.
مەن بۇ پىكىرىمنى ئەڭ ئالىدىدا خاسىيەتكە ئيتىۋىدىم. ئۇ تولىمۇ خۇش بولدى.
-بەرىبىر مېنىڭمۇ قىلىدىغان باشقا ئىشىم يوق،-دىدى ئۇ پۇل بەرسەڭ بېرەرسەن، بولمىسا ھۆنەر ئۈگەنسەممۇ بولىدىۇغۇ؟
-سېنىڭمۇ ئۆزۈڭگە چۈشلۇق غېمىڭ بار ئاداش،-دىدىم،-بۇ ئايدا مەيلى ئىش قىل. مەيلى قىلما 500 يۈۋەن بېرەي، كېلەر ئايدىن باشلاپ ئەھۋالغا قاراپ بىر نەرسەديشەرمىز.
-بولىدۇ،-دىدى ئۇ خۇشال بولۇپ ، -مەن ئەتىلا ئىشقا چۈشىمەن ئەمسە.
شۇنداق قىلىپ ئەمدى دۇكاندا يالغۇز ئىشلىمەيدىغان بولدۇم. خاسىيەت مېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھىم بولۇپ قالدى. ئۇ مەن كېسىپلا بەرسەم ھەر قانداق كىيمنى تىكەلەيتى. نەچچە كۈن ئۆتە- ئۆتمەيلا مەن ئۇنىڭ چىرايىغا ئوبدانلا كۈلكە يۈگۈرۈپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.
بىر كۈنى ئەتتىگەندە جىدىدى ئىشلەۋاتاتتۇق. دۇكاننىڭ ئىشكى ئېچىلىپ يولۋاس كىرىپ كەلدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرىـگىنىچە.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-مەن بىلىپ –بىلمەيلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. شۇ تاپتا قېشىمدا خاسىيەت بولمىغان بولسا ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتقان بولاتتىم.
بىز ھاياجانلىرىمىزنىڭ ئەكىسچە ئاددىلا تنىچ ئامانلىق سوراشتۇق.
-بىر ئوبدانلا ئىش باشلىۋاپسىز،-دىدى ئۇ دۇكاننىڭ ھەممە يېرىگە تەكشى قاراپ،- سىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.
-زاڭلىق قىلىۋاتامسىز؟-دىدىم كۈلۈپ،-شۇنچىلىك ئاددى تۇرمامدۇ مانا؟
-نەدىكىنى بۇنىچلىك قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس.
-قېنى بۇ ياققا ئۆتۈپ ئولتۇرۇڭ،-دىدىم بىر بۇلۇڭغا قويۇۋالغان ئەپچىلگىنە كارۋاتنى كۆرسىتپ. ئاندىن خاسىيەتنى يەل-يىمىش ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇدۇم.
-رەھمەت بولدى،-دىدى يولۋاس،-مەن چىقاي،-ئۇزۇن ئولتۇرسام سۆز-چۆچەككە قالىمىز.
-راست قاچان كەلگەنتىڭىز،-دىدىم ئارىدىكى ئوڭايسىزلقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن.
-ئاخشام كەچ كەلگەن. شوڭا ئەتتىگەندىلا سىزنى يوقلاپ كېلەي دىدىم. بولدى مەن چىقاي،-دىدى ئۇ،- گەپ بولسا تىلىفۇن ئارقىلىق كۆرىشەيلى.
مەن ئۇنىڭ ئەنسىرىشىنى توغرا دەپ قارىدىم. چۈنكى مەھەللىمىزدە غەيۋەت –شىكايەتلەر تولىمۇ تىز تارقايتتى. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا بىر چىقىپ قالدىممۇ بولىدى. ھەر قانچە قىلساممۇ ئۆزۈمنى زادىلا ئاقلىيالمايتىم.
-ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە بىز تۆت قىزغا كۆپەيدۇق. خاسىيەتكە 1000يۈۋەن بېرىۋىدىم ئۇ شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەتتى. باشقىلارغىمۇ قىلغان ئىشىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىش ھەققى بەردىم . شۇنداقتىمۇ كىرىمىم كۈندىن كۈنگە ئاۋۇپ باردى.
بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشىم دادامنىڭ كەنىت ئاھالىلەر كومىتىتىغا پۇل تاپشۇرۇپ دادامنىڭ بىر يىللىق ھاشىرىنى سېتىۋەتتۇق. ئۆيگە كىر ئالغۇ توكلۇق ئوچاق. رەڭلىك تىلۋۇزۇر دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئانامغا ھەم پۈتۈن ئائىلىگە ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بەردىم. باشتا ماڭا دىگەندەك ئىشەنىچ قىلالمىغان دادام ئەمدى باشقىدىن ماڭا ئامراق بولۇپ كەتتى.
-قالتىسقۇ سەن،-دىدى ھاممام بىر كۈنى كېلىپ ئائىلىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ،- ھۆنەرنىڭ پايدىسىنى سەنلا كۆرۈپسەنمۇ نىمە؟
-شۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاز-تولا پايدام تەگسۇن دىدىم.
-ياخشى قىپسەن. ئادەم دىگەن پۇلغا قۇل بولۇپ ئەمەس، پۇلنى قۇل قىلىپ ياشاش كېرەك ،-دىدى ھاممام پۇلنىمۇ تاپ، مېغىزنىمۇ چاق. كونىلار دەيدىغۇ‹‹ قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك ياشا ›› دەپ.
-ئاكا، ئەينى چاغدا شۇنچىلىك دىلغۇلا بولۇپ كەتكەندىڭ. ئەمدى پۇت-قولۇڭنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالغاندۇ؟-دىدى ھاممام،- سەنچۇ نۇرنىسادەك بىر قىزنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىڭدىن خۇش بولساڭ بولىدۇ.
-ۋاي ساڭا رەھمەت،-دىدى دادام چاقچاق قىلىپ ،-مەن ئەمدى سېنىمۇ نۇرنىسانىمۇ بېشىمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرەي بولمىسا،- بىز ھەممەيلەن كۈلۈشتۇق.
-ئەمدى ئازراق پۇل يىغىپ قوي،-دىدى ھاممام،- پۇل دىگەن بىر ئەزرائىلغا ئار تۇرالمايدۇ. باشقا ھەممە نەرسىگە كۈچى يېتىدۇ.
-ما گېپىڭ بولمىدى جۇمۇ،-دىدى دادام سەن پۇلنى ھەممە نەرسىدىن قۇدرەتلىك دەپ قارامسەن؟
-ۋاي ئاكا مەن ئۇنداق دىمىدىم،-دىدى ھامما تىرىكىپ،- پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس. ئەمما پۇلنىڭ كۈچىگە راستىنلا سەل قارىغىلى بولمايدۇ دەۋاتىمەن.
ئۇلار بۇ توغىرلىق بىرەر سائەتچە غۇلغۇلا قىلشىتى. ئاخىر ھامما تەسلىم بولۇپ:
-ۋاي بولدى . ساڭا زادىلا گەپ چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىكەن ،-دەپ قايتىپ چىقتى.
تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرىغا زادىلا بىر نەرسە دەپ بولمايدىكەن . ئېھتىمال بىر يېرىم يىل ئىلگىرى تېخى ئالدىمدا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى خيالىمغىمۇ كەلتۈرەلمەيتىم.  ئالىم تۇيۇقسىز تاشلاپ كەتكەن چاغدا ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلاپ باققاندىم. ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدا تولىمۇ نادان ئىكەنمەن.
-ئۇستام بىر بالا بىزنىڭ دۇكاننىڭ ئالدىدا تۇرغىلى ئىككى سائەتچە بولدى،-دىدى يېڭىدىن شاگىرىتلىققا كىرگەن ئامىنە ئىسىملىك قىز.   
-شۇنداقمۇ كىملىكىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟- دىدىم.
-ياق ،دىدى ئامىنە،- بۇ قىزىللىق ئەمەستەكلا قىلىدۇ.
-بولدى. ئىشىڭىزنى قىلىڭ.
سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ئۆزۈم قاراپ باقماقچى بولۇپ ئىشىكىنى ئاچتىم- دە . تۇرۇپلا قالدىم. بۇ ئالىم ئىدى. ئۇ ئون نەچچە قەدەم نېرىدىكى چوڭ بىر دەرەخنىڭ كەينىدە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. قولىدا كۈيۈپ بولايلا دىگەن تاماكىسى تۇراتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپلا دەرھال دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى. مەنمۇ تىزلا قايتىپ كىردىم.
-نىمە بولدۇڭ، ئۇ كىمكەن؟-دىدى خاسىيەت چىرايىمغا بىر قاراپلا،- توختاپتۇر ئۆزۈم چىقىپ بىر قاراپ باقاي،-ئۇ شۇنداق دەپ سىرىتقا مېڭىۋىدى. مەن ئۇنى توسىۋالدىم:
-بولدى قىل . بىر دەمدىن كىيىن ئۆز كىتىپ قالىدۇ.
-كەتمىسىچۇ؟-دىدى ئۇ .
-كەتمىسە مەيلى، -دىدىم ،-بىزنى ئاۋارە قىلمىسىلا نىمە كارىمىز.
-ئۇنى تېخىچىلا كۆڭلۈڭدىن چىقىرىۋىتەلمىگەن ئوخشىمامسەن؟-دىدى خاسىيەت،- نىمانداق بوشاپ كېتىسەن؟
-ئۇنداق ئەمەس، بولدى . باشقا گەپنى قىلىشايلى.
ئالىم شۇ كۈنى كەچكىچە دۇكان ئالدىدا تۇردى. ئەتىسىمۇ تۇردى. ئۆگۈنىمۇ تۇردى. مەن ئەگەر ئۇ دۇكانغا كىرىپ قالسا زادى قانداق قىلىمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ قويدۇم. بىز خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋەردۇق.
-قىزىم نىمىش قىلىۋاتىسەن؟-دىدى ئانام بىر كۈنى .
-نىمە قىپتىمەن. شۇ دۇكاندا ئىشلەۋاتىمەنغۇ؟-مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندىم.
-ئالىم بىلەن كۆرۈشۈپسەنغۇ، بۇ راستمۇ؟
-ياق ئانا، ئۇ شۇ نەچچە كۈن بولدى دۇكاننىڭ ئالدىدا تۇرىدۇغۇ تاڭ.
-تولا خۇپسەنلىك قىلما ،-دىدى ئانام تىرىكىپ،- بىرەر ئىشى بولمىسا ئۇ يەردە تۇرامدۇ؟
-ئۇنىڭ نىمە ئىشى بارلىقىنى مەن نىمە بىلەي،- دىدىم يا مەن ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىلىپ باقمىسام...
-ئىشقىلىپ ئۆزۈڭگە ھېزى بول،-دىدى ئانام ‹‹ توشقاننى قۇمۇش ئۆلتۈرەر ، ئادەمنى نۇمۇس›› دىگەپ گەپ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كىمنىڭ دوست بار ، دۈشمىنى بار شوڭا ....،-ئانام گېپىنى توختىتىۋالدى.
-ئانا سەن خاتىرجەم بول،-دىدىم،-مەنمۇ ئەمدى ئاق-بىلەن قارىنى ئوبدانلا پەرىق ئەتكۈدەك بولدۇم.
-ئەمسە خاتىرجەم بولدۇم،-دىدى ئانام،-ئىشقىلىپ بەك دىھقەت قىل قىزىم،- سۆز-چۆچەك دىگەن ئاسان تارقايدۇ.
ئالىم بىر ھەپتىگىچە ئەنە شۇنداق دۇكاننىڭ ئالدىدا پوستتا تۇرغاندىن كىيىن راستىنلا ئىچىم سىقىلدى. ھازىر دۇكاندا ئۇستاز شاگىرىت بولۇپ سەككىز قىز ئىشلەيتۇق. ھەر ئاخشىمى قىزلار مەندىن ئەنسرەپ مېنى ئۆيگىچە ئاپپرىپ قويغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆيلىرىگە ماڭىدىغان بولغاندى.
-        رازىيە،- ئالىمنى چاقىرىپ كىرىڭە،-دىدىم ئىچىم سىقىلىپ.
-        -ئۇنى چاقىرىپ نىمە قىلىسەن؟-دىدى خاسىيەت،- ‹‹تىنىچ كۆڭۈلگە تۇزسىز ئوماچ›› دەپ ئۆزىمىزگە ئىش تېپىۋالمايلى يەنە.
-ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى،-دىدىم ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى چاقىرىپ چىرايلىقچە ئەھۋاللىشىپ ئۇنى كۆزۈمدىن يوقىتىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلاي.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

27#
ۋاقتى: 2015-4-26 09:58:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى قانداق بولار،تېز تېز.ئىش قىلمايلا يېزۋېتىڭە
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

0

تېما

91

يازما

914

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 765
يازما سانى:
91
تىللا:
819
تۆھپە:
1
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
255 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-25
28#
ۋاقتى: 2015-4-28 10:17:33 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

29#
ۋاقتى: 2015-5-4 23:11:14 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى تېزراق يېزىڭە.....

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

30#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-5 19:45:32 | ئايرىم كۆرۈش
musilina يوللىغان ۋاقتى  2015-5-4 23:11
داۋامىنى تېزراق يېزىڭە.....

ماقۇل. ئامال بار تىز يازىمەن.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:52 , Processed in 0.143930 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش