ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: سەبىر
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھېلقى ساۋاقدىشىم(پوۋىست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
171#
ۋاقتى: 2014-6-16 21:12:37 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەنسارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 21:14  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جانابى ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ۋە ھەمدە سىزنىڭ جاپا تارتقىنىڭىزغا قارىماي داۋامىنى يوللىشىڭىز بىلەن، بۇ پوۋىستىڭىزنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.
شەخسەن مەن پوۋىستنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.سەۋەپلىرى مۇنداق:
1. ماۋزۇ. «ھېلىقى ساۋاقدىشىم» دېگەن بۇ ماۋزۇ تولىمۇ يىقىشلىق، بىر كۆرگەن كىشىنىڭ قايسى ساۋاقدىشىدۇ، قانداق ھېكايىسى بار ساۋاقدىشىدۇ دەپ بىلىپ باققىسى كىلىدۇ. شۇڭا بۇ ماۋزۇ ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ئاسانلا جەلىپ قىلالايدۇ. شۇڭا مەن ماۋزۇنى كۆرۈپلا قىزىقىپ قالغان.
2.ئالىي مەكتەپ كارتىنىسى. ئۆزۈممۇ ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى بولغاچ ،بۇ پوۋىست مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى، چۈنكى« سۆزلىنىۋاتقان مەلۇم بىر ھېكايە دەل مېنىڭ ھېكايەم بولۇشى مۇمكىن »دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە. شۇڭا مەن ياشاۋاتقان مۇھىتنى تەسۋىرلەۋاتقان، رىئاللىقنى ئېچىپ بىرىۋاتقان بۇ ئەسەرنى تولىمۇ ياقتۇردۇم.
3.تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى. بۇ پوۋىسىت باشتىن ئاخىرى يۇقىرى ئىپادىلەش سەۋىيەسىدە يىزىلغان، ئىشلىتىلگەن سۆزلەر، ئورۇنلاشتۇرۇلغان جۈملىلەر،تىلغا ئىلىنغان قىستۇرمىلار ئۆزگىچە. مەيلى مۇھىت تەسۋىرى بولسۇن ياكى پىرسوناژ تەسۋىرى بولسۇن، ناھايتى چاققانلىق بىلەن بايان قىلىنغان، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قۇرۇق بايان قىلىشتىن، ئوقۇرمەننى زىرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغان. سۆزلەرنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشى بىلەن بىرگە تىلى تولىمۇ يىنىك، ئوقۇغان ئادەمگە تولىمۇ ھوزۇر بىغىشلايدۇ.
4.چىنلىق. چىنلىق نۇرغۇن ئەسەرنىڭ جېنى بولسا كېرەك. ياخشى بىر ئەسەر ئوقۇرمەننى شۇ ئەسەر ئىچىدىكى رىئاللىققا باشلاپ كىرىپ، خۇددى شۇيەردە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرالىسا مانا بۇ شۇ ئەسەرنىڭ ئۇتۇقى. بۇ ئۇتۇق ئەلۋەتتە شۇ ياسالمىلىقتىن خالىي بولغان چىنلىقتىن كەلگەن. بۇ  پوۋىست باشتىن- ئاخىرى ھەقىقىي بىر چىنلىق رامكىسى ئىچىدە يىزىلغان. مۇئەللىپ «مەن»نى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېسىل پىسخىكلارنى، مۇكەممەل مىجەزنى، نازىنىنلىق مەرتىۋىسىنى زورلاپ تاڭمىغان. بەلكى ھەقىقىي بىر تەرىپىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسەتكەن. ساختا ئالىيجانابلىقتىن، سۈنئىي ئىش- ھەرىكەتتىن ساقلانغان.شۇڭا بۇ ئەسەرنىڭ چىنلىقى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.
5.مەزمۇن. مەزمۇنى ياخشىلىقىدا گەپ يوق. بۇ پوۋىست قانداقتۇر قىز ئوغۇلنىڭ مۇھەببىتى ئارىسىدا تېڭىرقاپ ،ھېسسىياتلارغا ئەل بولۇپ، ئوقۇرمەننى قۇرۇق تەسىرلەندۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ھەقىقىي بىر كىشىلىك تۇرمۇشنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئالىي مەكتەپ، ئوقوغۇچى، قىز ئوغۇل، مۇھەببەت، ئاتا- ئانا، شەرمى- ھايا، ئەقىدە دېگەنلەر چەمبەرچەس باغلانغان. كىشى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كۆز يىشىنى سۈرتىۋىتىپلا قوپۇپ كىتىدىغان ئەمەس، ئوقۇپ بولۇپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ ئويلىنىدىغان مەزمۇنلۇق ئەسەر بولغان.
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

172#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-16 21:35:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسارى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 21:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جانابى ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ۋ ...


   ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئەسرىمنى تەپسىلىي ئوقۇپ ۋە تەھلىل قىلىپ،ئەستايدىل ، ئەتراپلىق. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باھا بېرىپ چىققىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
173#
ۋاقتى: 2014-6-16 22:04:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى مەن پوۋىستنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى ھېسلىرىمنى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسىدا سۆزلەپ ئۆتەي.
  ئالىي مەكتەپ ھاياتى خۇددى ئەسەر ئىگىسى پوۋىست ئىچىدە تىلغا ئالغاندەك ئاددىيلا كىتابقا دۈم چۈشۈپ، توختىماي ئېمتىھان بىرىدىغان سورۇن بولماستىن ، بەلكى ئوقوغۇچىنى تاۋلايدىغان بىر ئوچاق. قانداق ئادەم بولۇپ چىقىش شۇ ئوچاقنىڭ ئىچىدە ئوتنىڭ چوغلىرىغا، يالقۇنلىرىغا يەم بولدىمۇ يوق، شۇ ئازابقا بەرداشلىق بىرەلىدىمۇ يوق دېگەنلەر ئارقىلىق قارار تاپىدۇ. شۇنچە قىممەتلىك بولغان، ساپلىقى يۇقىرى بولغان شۇ ئالتۇنمۇ ئوچاقتا تاۋلىنىپ ئاندىن ساپ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا بەزىلەر شۇ ئوچاق ئىچىدە ئوتتىن غالىپ كىلىپ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ، يەنە بەزىلەر، ئازاپ ۋە قايمۇقۇش ئىسكەنجىسىدە تېگى يوق ھاڭغا قاراپ يول ئالىدۇ.
بۇ پوۋىستتىكى بىر ياتاقتىكى ئالتە قىزبولسابەلكىم، ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ياكى شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپتىكى، ھەر قايسى قىزلار ياتىقىدىكى ئالتە قىزنىڭ ئىخچام بىر كۆرۈنىشى بولۇشى مۇمكىن.بىرسى، كەم سۆز، بىرسى گەپتان، بىرسى شەھەرلىك، بىرسى سەھرالىق، بىرسى پۇلدار، بىرسى نامرات، بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى قازاق،بىرسى نامازخان، بىرسى ئويۇنچى...مانا مۇشۇنداق، ھەر يەر ھەر جايدىن كەلگەن نۇرغۇن ياش ئوخشاش بىر ئوقوغۇچىلىق سالاھىيىتىدە ئوقۇيمىز.ھىدىرقاشتىن، تونۇشۇشقىچە، تونۇشۇشتىن دوست بولۇشقىچە،، دوستلىقتىن ھايات قىسمەتلىرىنى تەڭ كۆرۈشكىچە، ئاز بولمىغان ئىسسىق- سوغۇقلار بىشىمىزدىن ئۆتىدۇ. بەزىلەر ياخشى ئوقۇيدۇ، بەزىلەر ناچار ئوقۇيدۇ، بەزىلەر تۈزىلىدۇ، بەزىلەر بۇزۇلىدۇ. يەنە بەزىلەر خۇددى پوۋىستتىكىدەك مۇھەببەتلىشىدۇ، مۇھەببەتنى تاشلاپ چىشلىشىدۇ، بەزىدە مانچە قىتىم يۇردۈم دەپ ئاقسا كىشنىشىدۇ.نۇرغۇن ئوقوغۇچى ئاتا-ئانا دەپ، ئەقىدە ئىتقاد دەپ، شەرمى-ھايا دەپ ئىزتىراپ چەكسە، يەنە بىر قىسىم ئوقوغۇچى خامانغا قاتقان كالىدەك، پۇتى كۆيگەن بالىدەك، قىلغان يامانلىقى تېخى چالىدەك ھېس قىلىپ دۇنيا مەئىشەتلىرى بىلەن ئۆزىنى خوش قىلىپ يۈرىشىدۇ، غەپلەت ئۇيقۇسىنى بولۇشىغا ئۇخلاپ، ياشلىقىنى تولىمۇ «مەنىلىك» ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.
مەنمۇ بىر ئوقوغۇچى ، بۇنداق دەپ مەن ناھايتى ياخشى قىلغان ھەم ياخشى قىلىۋاتىمەن دەپ داۋراڭ سالغىنىم يوق، مەنمۇ ئىلگىرى نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدىم. ھەم مۇھەببەت دېگەن نەرسىنىڭ ئىتەكلىرىگە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، خېلى ۋاقلارغىچە شېرىن خىياللارغا مۇپتۇلا بولغان. ۋاقىت ھازىرغا يەتكەندە، مەن ئۇنداق قىز ئوغۇل ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى تازا قوللاپ كەتمەيمەن. بەختىمنىڭ ھېكايسى بىر ئىسپات. ئاللاھتىن بەخىت تىلەيمىز، ئاللاھتىن توغرا يول تىلەيمىز، ئۇنداقتا ئاللاھ بىزگە بەرگەن يول راستىنلا شۇ مۇھەببەتلىشىش يولىمۇ؟ بىر قىز بىر ئوغۇل بار يەردە شەيتان بارمىش، بەختىم بىلەن زاھىر يۈرۈپ قالدى، باشتا قولىنى تۇتقىلى قويمىدى، كىيىن قۇچاقلىغىلى قويمىدى، ئاخىرىدا،... تاس تاس قالدى، ئۇنىڭغا يول قويمىدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ھاياسىزلىقنىڭ، شەرمەندىچىلىكنىڭ مەنبەسى دەل شۇ ئاتالمىش مۇھەببەت ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئوغۇللار مۇھەببەتنى بايراق قىلىپ، قىزلارنى ئۆز دامىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىشى، بۇ جەمىيەتتە مۇھەببەت دېگەن سۆزنىڭمۇ كۇرىسىنى خېلىلا چۈشۈرىۋەتتى. شۇڭا بىزگە ماس كىلىدىغىنى، تاھىر بىلەن زۆھرە كەبى، پەرھاد بىلەن شېرىن كەبى «مۇھەببەتلىشىپ»، رومانتىكىنى بولىشىغا چىلىپ، يولدا ماڭسا بەلدىن ئىلىپ ،شەيتاننىڭ دۇمباقچىسى بولۇش ئەمەس.
   بو پوۋىستتىكى بەختىم ھاڭنىڭ ئالدىغا كىلىپ كەينىگە ياندى، لىكىن نۇرغۇن قىزلار با ھاڭغا بىشىچىلاپ چۈشۈپ كەتكەن، خۇددى ھېلىقى تۆت نازىنىندەك. بۇ يەردە ئۇلارنى، ھەم شۇلارغا ئوخشاپ قالغان ياكى شۇنداق يولدا مېڭىۋاتقان قىزلارنى تىللاش مەقسەت ئەمەس.ھەم ئۇلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئالىيجاناپ كۆرسىتىشمۇ ئەمەس. بەلكى شۇنداق بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللارنى تىپىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توغرا يولغا مېڭىشىغا ياردەمدە بولۇش. بەختىم گەرچە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ زاھىردە بىرسى بىلەن يۈرۈپ قالغان بولسىمۇ دىلىدىكى ئىمان ئىتقادىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئۆزىنى تارتىۋالدى. ئۆزىنىڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقى بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ، نۇرغۇن ئىشلارغا توغرا باھا بىرەلىدى. ئەكسىچە بولغانلارچۇ؟ مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، ئوقۇۋاتقانلار ئىچىدە، يا كىتاب ئوقۇمايدىغان، يا ئەقىدىسىنى چىڭىتمايدىغانلاردا ئاسانلا مەسىلە كۆرىلىدۇ، ئەقىدىدىن ۋە تەپەككۇردىن ئايرىلغاندىن كىيىن روھىيىتىدە بوشلۇق كۆرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زەئىپ، پۇچەك نەرسىلەر بىلەن ئۆز روھىيىتىنى بىيىتىدۇ.  
    شۇڭا بىر ئوقوغۇچى ھېسسىياتقا بەك بىرىلمەسلىكى كېرەك، ھېسسىيات ئۇ يۈگەنسىز ئات، بۇنىڭغا ياشلىق قىتىلسا ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىمەك تەس. شۇڭا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشقا تولىمۇ مۇھتاجمىز. ئىچكىردە ياكى شىنجاڭدا ئالتە يەتتە يىل ئوقۇپ يۈرىشىمىز شۇ جاننى باققىدەك خىزمەتلا ئۈچۈنمۇ؟ مېنىڭچە نۇرغۇن كىشى بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدۇ، لىكىن جاۋابىنى ئۈنسىز قويىدۇ. نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «بىز قەيەرگە بارماقچى؟» ناملىق ماقالىسىنى مېنىڭچە بىزدەك ئوقوغۇچىلار كۆرۈپ بىقىشقا تىگىشلىك. مۇھەببەت دېدۇق، ئويۇن دېدۇق، خىزمەت دېدۇق؟ بىز نېمىلەرنى چالا قويدۇق، يەنە نېمىلەرنى تېىىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىىشمىز كېرەك ئىدى؟ بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
    ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تولىمۇ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپسىز، رەھمەت. ھېلىقى ساۋاقدىىشم مەلۇم بىر ئىززەتنى كۆرسىتىشتىن ھالقىپ، نۇرغۇنلىغان ھېلىقى ساۋاقداشنى يازغاندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلدى مېنى.
   ھازىرقى جەمىيەتتە، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزدا مانا مۇشۇنداق ئىشلار بولىۋاتىدۇ، ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بولىدۇ، بەزىلەر ياخشى، بەزىلەر ئېسىل، بەزىلەر يەنە بەزىلەر...بەلكىم بەزىلەرمۇ بىر كۈن قايسى يولنىڭ توغرىلىقىنى بىلگەندە توختاپ قالار. تىلەيدىغىنىم ئاللاھتائالا تىزراق شۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەي.
  بەك جىق يىزىۋەتتىم، سەبىرچانلىق بىلەن ئوقۇغايسىز، باشقىلار ئوقۇمىسا كارايىتى چاغلىق.
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
174#
ۋاقتى: 2014-6-16 22:06:52 | ئايرىم كۆرۈش
زاھىر تۆتىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بولغىيتى؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئاللىقاچان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولىشى كېرەك ئىدى. لىكىن ياز كىلىپ نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا مەكتەپتە تېخى، مۇشۇ توغۇرلۇق ئويلىنىپ باقامسىز، ياكى مەن خاتا ئىسىمدە تۇتىۋالدىممۇ؟
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

175#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-16 22:44:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسارى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 22:06
زاھىر تۆتىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بولغىيتى؟ ئەگەر شۇن ...

  زاھىر   ئۇنىڭدىن بىريىللىق يۇقرى ئوقۇيتى  دەپلا ئېلىنغان ،يىللىق سانى  كو نكىرىت يېزىلمىغان

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

176#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-16 22:55:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسارى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 22:04
ئەمدى مەن پوۋىستنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى ھېسلىرىمنى ئەسە ...

بۇ سۆزلىرىڭىز مېنى ئەسەر ئۈستىدە ئەمەس ئۆزۈم ئۈستىدە يانا بىر قېتىم ئويلاندۇردى. ئالى مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزەلمىگەن ئىدىم............................،شۈكرى، ھېلىمۇ ئالدىنقى ئىككى يىلنى چىڭ تۇتۇپتىمەن.  ھەي............بۇ ئالى مەكتەپ مەزگىلى ھەم ئۇزۇن ھەم قىسقا بىر مەزگىل ئىكەن ئەمەسمۇ، ئۇزۇن تەرىپىگىلا قاررىۋېلىپ لايغەزەللىك قىلسا ، بىخۇدلىق قىلسا ، ۋاقىتنى ،ياشلىقنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتسە بولمايدىكەن.

20

تېما

329

يازما

2250

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 359
يازما سانى:
329
تىللا:
1736
تۆھپە:
60
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
168 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-2
177#
ۋاقتى: 2014-6-17 02:50:40 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تارىخى رومانلاردىن باشقىلىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كەتمەيدىغانلاردىن ئىدىم. لىكىن بۇ پوۋست بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، مەنغۇ ئاددى بىر دىھقان، ئالى مەكتەپ دەپ ئاڭلىغان، لىكىن ئالى مەكتەپنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلمەيتىم، ئەمدى ئالى مەكتەپنى بىر ئاز چۇشەنگەندەك بولدۇم. بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ ئەسەر. يەنە مۇشۇنداق نادىر تىمىلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز. مۇشۇنداق ئېسىل تىما يوللىغان ئەقلىڭىز ۋە تىنىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن.
غىلاپتىن چىقمىغان خەنجەردىن، يىپ ئۆتكۈزۈلگەن ژىڭنە ياخشى.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

178#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 07:29:40 | ئايرىم كۆرۈش
مەۋھۇم يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 02:50
مەن تارىخى رومانلاردىن باشقىلىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ ئوق ...

رەھمەت سىزگە، مەن چوقۇم تىرشىمەن

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

179#
ۋاقتى: 2014-6-17 13:01:16 | ئايرىم كۆرۈش
سەبىر يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 07:29
رەھمەت سىزگە، مەن چوقۇم تىرشىمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەسىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق روياپقا چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، ئەمىسە چاينى قىنىق دەملەپ قويۇپ ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئاسانلىق تىلەيمەن.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

180#
ۋاقتى: 2014-6-17 20:36:18 | ئايرىم كۆرۈش
قەلەم كۈچىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم، ئالىي  مەكتەپ ھاياتىدا مەكتەپلا ئەمەس تۇرمۇشنىڭ ئۆزىمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ھەم ساۋاقلارغا ئىگە قىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى پاسكىنا پاكىزلاردىن باشلاپ، ھەممىسى ئاستا ئاستا  ئۆز قىممىتىدە كۆرىلىپ، ئۆزىگە يارىشا تەلەيلەردىن بەھرىمەن بولۇنىدۇ، ھەردائىم چۈشۈمدە كۆرىمەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى، خىياللىرىمدا خىيال قىلىمەن،  لىكىن خىيال ھامان رېئاللىقتىن ئۈستۈن ئورۇندا.

زاھىرنىڭ قىلىقلىرى كىشىنىڭ ھەقىقەتەن غەزەپ نەپرىتىنى قوزغايدۇ، ئېغىزىدا شۇئار توۋلاپ، كۆزلىرىدە پىلاكات ئىسىپ، قەلبىدە توڭگۇزنىڭ ئەڭ قەبىھى قاينايدىغان داشقاللارنىڭ تىپىك ئوبرازى ھەقىقەتەن قەلىمىڭىز ئاستىدا يورۇپتۇ.
بەختىگۈلۈم ئازاپلانماسلىقى كىرەك، چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگۈسىنى قەدىرلەپ قالالىدى، ئۆز غۇرۇرىنى، ئېتقادىنى، قەدىر قىممىتىنى ساقلاپ قالالىدى، زاھىرنىڭ يوقاتقانلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ، ئېرىشكىنى پەقەت بەختىگۈلنىڭ نەپرەتلىك يۈرىكىلا ئەمەس، بەختىگۈلنىڭ تەقدىرىگە قىزىققۇچىلارنىڭمۇ ھەم نەپرەتلىك سادالىرى ئاستىغا كۆمۈلدى(ۋۇسۇڭنى ئەكەلسىمۇ ئۆزىنى بۇ دۆۋە ئاستىدىن تارتىپ ئەچىقالمايدۇ دەپ تۇرۋاسام ھە ھې ھې)..

تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئەركىن مۇلاھىزە قىلغىنىدىن تىما ئىگىسىدىن بەكرەك مەن خۇرسەن بولدۇم، ئوقۇشنى بىلىپ ھۇزۇرلىنىشنى بىلمىسە، ئۇ پەقەت گۈلنىڭ پۇرىقىدىن ھوزۇرلىنىشنىلا بىلىدىغان پەرۋىش قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 08:34 , Processed in 0.147289 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش