|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە، ئاۋال قەلەم جىڭىدە نۇسرەت قازىنىپ ئىسىل پوۋسىتىڭىزدىن بىزنى بەھىرلەندۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن .
ئەسەردىكى زاھىرغا نەپرەتلەنمەيدىغان كىم باردۇ ؟ بەختىمنىڭ ساق - سالامەت بولغانلىقى ، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇتۇقى دەپ قارايمەن ، ئەگەر بەختىمگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بۇ ئەسەرنى ئوقۇغىنىمغا پۇشايمان قىلاتتىم .
مىنىڭ ئاخىرقى قىتىم ئوقۇغىنىم ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ‹‹ توغراق قىزنىڭ ئاشىقى ›› دىگەن كىتابى بولۇپ قالغان ئىدى ، بۇ كىتاپ مىنى شۈنچىلىك ئۈمۈتسىزلەندۈرگەن ، ھەتتا مەزمۇنى كاللامغا نەچچە ئاي كىرىۋىلىپ ئوقۇشتىن رايىم قايىتقان ، دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن زىرىكىش ھىسىياتى پەيدا بولغان ئىدى. دۇنيادا ياخشىلار زىيان تارتىپ كىلىۋەرمىسۇن ، زاھىر ۋە ئىززەتلەردەك كىشىلەرمۇ زىيان تارتىپ باقسۇن .
ئەسەرنىڭ خاتىمە قىسىمىمۇ شۇ قەدەر يارقىن ، گۈزەل يىزىلىپتۇ ، ئەگەر ئەسەرنىڭ داۋامىدا زاھىر جاجىسىنى يىگەن بولسا تىخىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتىم ، شۇغىنىسى زاھىرنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى كەم قاپتۇ ، بۇنى بىزگە ئويلىنىشقا قالدۇرغان بولسىڭىز كىرەك .
قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى ، قىزلىرى بۇزۇلغان مىللەتنىڭ كىيىنلىكىدىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس.
يىگىتلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۇنۇتماسلىق، ئاچا - سىڭىللىرىمىزنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز ، ئۇلارنى جاننى تىكىپ قوغدىشىمىز ، ھەرگىزمۇ بىردەملىك ھاۋايى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ قىزلارنىڭ ھىسىياتى بىلەن ئويناشماسلىقىمىز كىرەكلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم بۇ ئەسەر بىلەن...
ئالى مەكتەپكە بارسام ئاللا خالىسا بۇ ئەسەردىكىدەك ئىشلارغا دىققەت قىلىمەن.
قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن ، بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالدى.
سىزمۇ ئەمگىكىڭىزدىن سۆيۈندىڭىزغۇ دەيمەن .
ئاخىرىدا ئىنكاسىمنى ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق ، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەپ ، يەنە كىيىنكى ئەسەرلىرىڭىزنىمۇ مۇنبىرىمىزنىڭ كۆركى بولۇپ تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرىمەن .
ئىجادىيەتلىرىڭىز بەركەتلىك بولسۇن ھەدە...
ھە راسىت ، سىزنىڭ بىر جازا تىمىڭىز بار ، ئەگەر ھازىر ئىمتىھان ۋاقتى بولسا تەتىلدە يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. |
|
|
|
|
|
|