|
بۈگۈنكى دەۋىردىكى مەنىۋىيىتى نامىراتلىشىپ،روھىي دۇنياسى چىرىكلەشكەن بىر ئەۋلات ماڭقۇرتلارنىڭ ئوبىرازىنى ناھايىتى تەپسىلىي ،ئوبىرازلىق ،يېقىشىلىق تىللار بىلەن ئپادىلەپ بىرىپسىز.
پەرھات،مەجنۇنلارنىڭ يولىدا مېڭىپ مەشۇقلىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىشنى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق ھىسابلاۋاتقان ،ئوغۇزخانننىڭ ئەۋلادىمەن دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمىسمۇ قىلىۋاتقىنى 4 ئاياقلىقلاردىن پەرقى يوق ناچارلىق ئىكەنلىكىنى تۇيۇمايۋاتقان ئاتالمىش غورۇر دىسە ئاغزىدىن مازغاپ چاچىرىتىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان يىگىتلىرىمىز ۋە ساختا نىقاب دالدىسىدا ئۆزىنىڭ ھەققىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇپ لەيلەپ يۈرىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ .....كۈنسىرى چىرىكلىشىۋاتقان جەمئىيتىمىزنىڭ رۆشەن كارتىنىسى...
بۇ جەمئىيەتتە ئۆزىڭىزگە ئوخشاپ ياشايمەن دەيدىكەنسىز تاۋۇس ئەللەيىنگە ئوخشاپ قېلىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىز،نەگە مېڭىپ ،نەگە بارىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز ناھايىتى زۆرۈر......
يەنە سۆزلەپ ئولتۇرسام خىزمەتكە كىچىككۈدەكمەن،قالغىنىنى داۋاملىق تەسىرلەنگەندە يازاي. |
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|