ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھارپا كىچىسىدىكى سېغىنىشلىق سالام ( نازاكەت )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نازاكەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 01:54  

ھارپا كىچىسىدىكى سېغىنىشلىق سالام .


  


   ئەسسالام ، ئاق ئاتلىق شاھزادەم ياخشى تۇرۋاتامسەن ؟ ئەزىز تىنىڭ سالامەت  ،كۈنلىرىڭ خۇشال - خۇرام ئۈتۈۋاتامدۇ ؟ مەن ئويلايمەن ئاۋۋال ئۇلۇق ئاللاھنىڭ ھىممىتىدە ئاندىن قالسا ئاتا - ئاناڭنىڭ دۇئاسى ۋە ھىمايسىدە ، دوسىت - يارەنلىرڭنىڭ ياردىمى ئاستىدا ياخشى تۇرۋاتقاندۇ دەپ .
             مەندىن ئەھۋال سوراۋاتامسەن ؟ مەنمۇ ھەر - ھالدا ياخشى ساڭا ئوخشاشلا ، مەندىن ئەنسىرمە .
         
            مانا بۈگۈن 2013ـ يىلنىڭ ھارپا ئاخشىمى كۇنا يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىللىرنى يەنلا سەن بىلەن خىيالىي مۇڭدۇشۇپ ئۆتكۈزۋاتىمەن . ساڭا تەييارلىغان بايراملىق سوۋغاتلىرىمنى ئالدىمغا يېيىپ تويماي - تويماي قاراپ ئولتۇرۋاتمەن ، ساڭا بۇ سوۋغىللىرىمنى ئىبەرتەلمەيمەن ئەمما شۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنلا تەييارلىدىم ، مىنى بىردەم تىنىچ قوي خىيال سۈرۋالاي .
         
             مانا سىنىڭ ئالدىڭغا يەڭگىل قەدەم تاشلاپ كىتىپ بارىمەن . ھاۋا شۇنچىلىك سۇغۇق ئەمما ۋۇجۇدۇم شۇنچىلىك ئىسسىق چۈنكى ھازىرلا سىنىڭ يېنىڭغا بارمەن ،سىنى كۈرىمەن ، سەن بىلەن ئۇچۇرشۇپ ساڭا تەييارلىغان سوۋغاتلىرىمنى قوللىرڭغا تۇتقۇزمەن ، سىنىڭمۇ ماڭا تەييارلىغان سوۋغاتلىرڭنى قۇبۇل قىلىپ ئالىمەن .ساڭا تويماي - تويماي قارايمەن، يېڭى يىلنىڭ ئالدىنقى كۈنلا ياغقان قاردىن پومزەك ئىتىپ ساڭا ئاتىمەن - دە ، ئالدىڭدىن ئۇچقاندەك قاچىمەن .قېچىپ تۇرۇپ كۈلىمەن ، كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلايمەن . نىمىشقا دەمسەن ؟ چۈنكى سەن مىنى قوغلايسەن ئەمما تۇتالمايسەن ، شۇڭا مىنى قوغلىغاندا خۇشاللىقتىن كۈلىمەن ، ئەمما كەينىمدىن شۇنچە قوغلاپمۇ يىتەلمىگىنىڭنى كۈرۈپ يىغلايمەن .
         
            مانا خىيالىممۇ ئاخىرلاشتى قۇلۇمدا يەنلا ساڭا تەييارلىغان سوۋغات ، سوۋغات تۇتقان قوللىرىم يەڭگىل تىترەۋاتدۇ ، كۆزلىرىمنى قانچە چىڭ يۇمۋالساممۇ ئۇ يەنلا يۇم - يۇم يىغلاۋاتدۇ ، مەيلى ئۇ يىغلىسا يىغلىسۇن چۈنكى كۆز يېشىم باشقا جايغا ئەمەس ساڭا تەييارلىغان سوۋغىللىرىمنىڭ ئۈستىگە چۈشۋاتىدۇ . يۈرەك تىۋشىمنى ساڭا ئۈنسىز يەتكۈزۋاتدۇ .دۇنيادا بۇنۇڭدىنمۇ تىز يەتكۈزۈش سىگنالى بولمىسا كىرەك .
         
              مۇشۇ گۈزەل كىچىدە ، گۈزەل دەقىقىلەردە سەنمۇ مىنى ئويلاۋاتامدىغانسەن شاھزادەم › ئويلىغان بولساڭ ئاسمانغا قارا مەن ئاسماندا بار ، سەن دەيتىڭغۇ سەن مىنڭ سۇمبۇل ساچلىق مەلىكەم ، ھىلال ئاي ۋە نۇرلۇق يۇلتۇزۇم دەپ مەن ھىلھەممۇ سىنىڭ مەلىكەڭ  ، ئاي ۋە يۇلتۇزۇڭ بۇلۇپ ساچلىرىم ئارقىلىق كۆزلىرڭنى مەپتۇن قىلمەن ، ئاي - يۇلتۇزلاردەك نۇر چاقناپ يوللىرڭنى يۇرىتىمەن .
         
              سەن قېشىمدا يوق ،بەكمۇ - بەكمۇ يىراقتىسەن ، سىنى كۈرەلمەيمەن ،سەن بىلەن پاراڭلىشالمايمەن ، ئەمما بىلگىنكى سەن ھەر سىكونىت ،ھەر دەقىقە مەن بىلەن بىللە چۇنكى سەن قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرغا يۇشۇرۇنغان . ھېچكىم سىنى مەندىن مىنى سەندىن ئايرىۋىتەلمەيدۇ ، كۆزلىرىمدە ھامان سىنىڭ سىمايىڭ ، قۇلاق تۈۋىمدە ھامان سىنىڭ پىچىرلاشلىرىڭ ،خىيال كەپتىرىم ھەر ۋاقىت سىنىڭ قەلىپ ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلدۇ .ھېچكىم ۋە ھېچكىم ئۇنىڭ قانتىنى بۇغۇشلىيالمايدۇ ، ئۇچۇشتىن توختىتالمايدۇ .
      
               يۈرگۈم بىر ساڭلا تەلپۈنىدۇ ،سىنى شۇنچىلىك - شۇنچىلىك سېغىندىم شاھزادەم بىلەمسەن بۇنى ، سەن بىلمىسەڭ مەيلى ئۇلۇق ئاللاھ گۇۋاھ .
      
            سەن ئەينى ۋاقىتتا راسىت دەپتىكەنسەن ،داۋاملىق دەيدىغان گىپىڭ شۇ بىر ئېغىزلا يەنى ‹‹سىنى مەندىن باشقا ھېچكىم مەن ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەيدۇ ، مەن كۆيگەندەك كۆيمەيدۇ ، مەن سۆيگەندەك سۆيمەيدۇ، مەن كۈيۈنگەندەك كۈيۈنمەيدۇ›› دەپ بۇ ھەقىقەتەن توغرىكەن شاھزادەم . ماناماڭا ھېچكىم سەن كۆيگەندەك كۈيەلمىدى ، سەن سۆيگەندەك سۈيەلمىدى ، قىسقىسى مەن بۇنۇڭغا يول قۇيالمىدىم ، بۇ ئاجىز يۈرگۈم بۇنداق رىئاللىقنى  قۇبۇل قىلالمىدى ، بەلكىم ئۇ سەن ئۈچۈنلا سۇقىدغان ئوخشايدۇ .
        
            سەن مىنى بۇنداق قىيناۋەرمىگىن ئاق ئاتلىق شاھزادەم ، ئاجىز يۈرگۈمنى قايتۇرۇپ بەر . ئۇمۇ بىر ئۆز ئىختىيارلىقىدا سۇقۇپ باقسۇن ، مىنى بۇنداق جازالاۋەرمىگىن .
         
           ئۇلۇق ئاللاھ بىزنى يىراق - يىراقتىكى زىمىندا ياشايدىغان قىلىپ ياراتتى ، يەنە بىزنى بىر تەقدىر قىسمەتلەر تۈپەيلى ئۇچراشتۇرۇپ قويدى . بىر بىرمىزنىڭ دىلغا ئوت ياقتى ، بىز بىلىپ بىلمەيلا بىر - بىرمىزگە باغلىنىپ قالدۇق . مىنى قۇيۇپ بەر ئۆز ئەركىمگە قوي مىنى ئازاپلاۋەرمە ، ھەسرەت ياشلىرنى تۆكتۈرۈۋەرمە، بۇ ئىشىق مۇھاببەت ھەسرىتىنى ئاللاھ سالغان شۇڭا ئاللاھ جازالسا جازالسۇن سەن جازالىما .
        
          توغرا سەن مەندىن نەپرەتلىنسەن ، مىنى كەچۈرمەيسەن ، چۈنكى مەن ئەينى ۋاقىتتا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا سىنىڭ بارلىق گۈزەل خىياللىرڭنى يوق قىلۋەتكەن ، شىرىن چۈشلىرڭنى بۇزۋەتكەن ، گۈزەل ئەتىللىرڭنى بەربات قىلۋەتكەن . ئەمما بىلىپ قوي ئۇمۇ مىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىغىم بىلەن بولمىغان شۇ ۋاقىتتا مەن ئامالسىز ئىدىم . سەن ماڭا ئۈمۈتلۈك كۆزلىرڭدە تىكىلگەن ئىدىڭ ،مەن ئۈمۈدڭنى يەردە قويدۇم ، ماڭا يالۋۇردۇڭ ، چىن قەلبىڭنى چۈشەندۈردۈڭ ، مەندىن ئۈتۈنۈپ - ئۈتۈنۈپ تۇرۇپ تەلىۋڭنى ئويلۇشۇپ بېقشىمنى ئېيتتىڭ ، ئەمما مەن رەت قىلدىم سىنى ئۆمۈرلۈك ھەسرەتتە قويدۇم ، يۈركىڭنى ئۇنتۇلغۇسىز دەرىجىدە داغلىدىم ،. ئەمما بۇ سىنى ياخشى كۆرمەسلىكىمدىن بولمىغان ، ئۈزۈمنىڭ بىر ئاجىز قىز بۇلۇپ يارلىپ قالغىنىمدىن بولغان ، ئاتا - ئانامنىڭ گىپنى يىرالمايدغان بىر يىغلاڭغۇ بۇلۇپ قالغىنىمدىن بولغان .
        
             شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا مەن ساڭا پەقەت ‹‹ كەچۈرگىن ، مىنى ئۇنتۇپ كەتكىن ›› دىيىشتىن باشقا جاۋاپ بىرەلمەيتىم ، بىلەمسەن شاھزادەم بۇنۇڭدىن باشقىنى بىرەلمەيتىم ، ئەسلىمنى بىلسەم ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆز - ئۈزنى قىينايدغان بىر تەلۋىكەنمەن ، خىيالغا نىمە كەلسە شۇنى قىلدىغان بىر ساددا قىزكەنمەن ،شۇ ساددىلىقىم تۈپەيلى سىنى رەنجىتتىم ، ئازاپتا قويدۇم ، ھەسرەت - نادامەتتە قويدۇم .
      
          سەن دەيتىڭغۇ مىنى دائىملا ‹‹ گەپ چۈشەنمەيدغان قالماق ›› دەپ ،ئەمدى ئويلىسام مەن راسلا بىر قالماقكەنمەن ، گەپ چۈشەنمەيدىكەنمەن ، ئەمما مىنىڭ بىلدىغىنىم مەن سىنى تۇلىمۇ پاك ، سەمىمى ، غۇبارسىز قەلبىم بىلەن ياخشى كۆرگەن . ھىلھەممۇ ئۇ غۇبارسىز يۈرەكنى ھېچقانداق چاڭ - تۇزان قوندۇرماي بىر سەن ئۈچۈنلا ساقلاۋاتمەن ، بىلمەن سەن ئەمدى ئۇنى قۇبۇل قىلمايسەن .بەلكىم ئۇنتۇپمۇ كەتكەنسەن ، ياكى ماڭا ئوخشاش ھەسرات - نادامەتتە يەنلا ئەسلەۋاتقانسەن .
      
         مەيلى قانداق قىلساڭ ئىختىيار ، مەن سىنى قۇبۇل قىل دىمەيمەن ، ئەينى ۋاقىتتمۇ دىمگەن بۇنۇڭدىن كىيىنمۇ ھىلھەم دىمەيمەن ،بىزگە رىئاللىق بۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ ، شۇڭا بىز بۇ رىئاللىققا تەن بىرىپ بۇ پاك مۇھاببىتىمىزنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىردا ھېچكىمگە بىلدۈرمەي پىنھاندا ساقلايلى ، ئۈلۈپ كەتكىچە ئاشكارلىمايلى ،مىنى ئەمدغۇ كەچۇرگەنسەن شاھزادەم .
      نىمە يەنلا كەچۈرمىدىڭمۇ ؟ نىمىشقا ........
      
          ھە ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، مەن كىيىنكى كۈنلەردە سىنىڭ مىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغىنىڭنى دوسىتلىرىمغا ئېيتىپتىكەنسەن ، مەن بۇ گىپىڭنى  شۇ خەۋەرچى دوسىتلىرىمدىن ئاڭلىغان ، مەن سىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىچىككىنە تەلۋىڭنىمۇ يەردە قويغانلىقىم ئۈچۈن مىنى كەچۈرمەيدىغنىڭنى دەپتىكەنسەن ، ئەمما مەنمۇ ساڭا شۇنى بىلدۈرۈپ  قۇيايكى شاھزادەم ،سەن مەندىن باشقىنى تەلەپ قىلمىغان پەقەت ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ يېنىپ كىلدىغان ۋاقىتتا مىنى ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ئۇزۇتۇپ قۇيۇش تەلۋىنى ئېيتقان ئىدىڭ . ئەمما بىلىپ قوي مەن سىنىڭ بۇ تەلۋىڭنى ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايمەن .
     
         نىمىشقا دەمسەن ، ئاڭلا مىنى باشقا ئادەم ئۇزتۇپ قويسا قويسۇن ، سەن ئۇزتۇپ قويما . باشقا ئادەم خوش دىسە دىسۇن سەن خوش دىمە .چۈنكى مەن بۇنى خالمايمەن بۇنۇڭغا بەرداشلىق بىرەلمەيمەن ، بىلەمسەن مەن ئەينى ۋاقىتتا ھەممە ھەممىنى سەندىن يۇشۇرغانتىم ، سىنى ياخشى كۈردىغىنىمنى ، سىنى چىن قەلبىمدىن سۈيدىغىنىمنى ، سەن ئۈچۈن نەچچە قېتىم ياش تۆكىنىمنى ئىش قىلىپ ھەممىنى يۇشۇرغان .
         
        مەن ھەممىگە چىدايمەن ئەمما سىنىڭ مىنى خوش دەپ مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ كىتشىڭگە ھەرگىز چىديالمايمەن ، بىلىپ قوي مەن ھازىرغىچە سەندىن ئايرىلىپ باقمىدىم . سەن دىگەنغۇ ماڭا بىز ئايرىلىپ كىتىشكە بىر قانچە كۈن قالغاندا ‹‹ بىز ئەمدى يىراق - يىراق جايلارغا كىتمىز ، بىزنىڭ جىسمىمىز كۈرشەلمەيدۇ ، ئەمما يۈرگىمىز ھامان بىللە ،يۈرگىمنى ھامان مەڭگۈ ساڭا ھەمرا قىلمەن ،سەنمۇ شۇنداق قىلغىن ھەم شۇنداق ئويلىغىن دەپ ››مەن بۇ سۈزۈڭنى تاكى بۈگۈنگىچە ئۇنتۇپ قالمىدىم ، ئەمدىمۇ بولسا بىلىپ قالغىنكى مىنىڭ يۈرگۈممۇ سەن بىلەن بىللە ، ئۇ بىر سەن ئۈچۈنلا سۇقۇۋاتدۇ ، سىنىڭ ئاق ئاتلىق دۇلدۇلۇڭنى چاپتۇرۇپ كىلشىڭنى كۈتۈۋاتدۇ .
     بەلكىم كەلمەيسەن ، مەيلى مەن ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىم قالغىچە سىنى كۈتىمەن .
      


         خەيىر - خوش ئامان بول شاھزادەم ، 2014ـ يىلنى خۇشال تىلەكلەر ، بەختىيار كۈنلەر بىلەن كۈتۋالغىن .
                      سىنى يىراقتىن ئەسلەپ تۇرغۇچى : سۇمبۇل ساچلىق مەلىكەڭ ، كۆكتىكى ھىلال ئاي ۋە نۇرلۇق يۇلتۇزۇڭ .

ئەڭ ئاخىردا ساڭا ئۈزۈم ئەڭ ياخشى كۈردىغان ‹‹تۇنجى قار ››دگەن ناخشىنى سوۋغا قىلاي .


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

25

تېما

420

يازما

2549

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 47
يازما سانى:
420
تىللا:
2005
تۆھپە:
36
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
816 سائەت
ئاخىرقى:
2015-2-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر ئاتىسىسۆيۈملۈك ئەزاكۆيۈمچان تىخنىك

دېۋان
ۋاقتى: 2014-1-1 00:46:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىز كۆرسە قانچىلىك خۇش بولار ھە بۇ يازمىڭىزنى ، ھى ھى

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-1 00:58:25 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نازاكەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 11:21  
dilxir يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 00:46
ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىز كۆرسە قانچىلىك خۇش بولار ھە بۇ ي ...


       تۇلىمۇ ئەپسۇس ئاق ئاتلىق شاھزادەم كۈرەلمەيدۇ بۇ يازمىنى .چۈنكى ئۇ بەكمۇ يىراق يەردە .يەنە ئەڭ يېقىن يەردە .
      بۇ تىمنى مىنىڭ ھازىرقى ئىچكى ھىسىياتىم  بىلەن باغىلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن ،بۇ پەقەت ۋاقىت ۋە شارئىتنى كۆزدە تۇتۇپلا يېزىلغان ئەسەر .يەنى بۇرۇن يازغان يازمام ،مەن پەقەت يىلنى ئۆزگەرتىپلا يوللدۇم خالاس .
.

باھا سۆز

يىراقلىقى جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە. يېقىنلىقى......دە!  ۋاقتى: 2014-1-1 18:43

26

تېما

485

يازما

3027

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

پىشقەدەم ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 148
يازما سانى:
485
تىللا:
2233
تۆھپە:
101
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
152 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

مۇنبەر قىزىقچىسىسادىق ئەزاسۆيۈملۈك ئەزاقىزغىن ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-1-1 01:05:08 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ نىمىدىگەن تەسىرلىك قۇرلار بۇ ،
ئاللا تىلەكلىرىڭىزگە  يەتكۈزسۇن.
بەزىدە ئىشەنگەن ئادىمىمىز ئاق ئاتلىق شاھزادە ئەمەس بەلكى ئىشك مىنگەن ئادەم بوپ قالىدكەن،

مەنمۇ بىر ئىككى قۇر جىجاپ باقاي،
گرچە ھازىر ئىككىمىز يىراق ئىككى شەھەردە تۇرۋاتقان بولساقمۇ يۈرىكىمىزنىڭ ئايرىلماي تەڭ سۇقۇۋاتقانلىقى ئىككىمىزگە ئايان،ھەرقانچە ئۇزۇن ئارلىقمۇ ئىككىزمىنڭ چىڭ تۇتشقان قۇللىرىمىزنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ،ۋاقىت سۆيگۈ شارابىمزنى سۇسلاشتۇرۋىتىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ،

ئايرىلىش مۇھەببەتتىكى بىر كىلىشمەسلىك ئۇ سانسىزلىغان يۈرەكلەرگە پۈتمەس تۈگىمەس ئازاپلارنى سالمىدى دەمسىز،ھىلىھەم ئاشۇ بىر كۈن ئىسىمدىن چىقمايدۇ،بولۇپمۇ سەن قالدۇرغان ئاشۇ بىر جۈملە سۆز يەنى ئايرىلىپ كىتەيلى _!
سەن بىشىڭنى تۆۋەن قىلىپ بىز ئايرىلىپ كىتەيلى دىدىڭ ،بۇ ئاۋاز بەكمۇ پەس لىكىن كەسكىن ئىيتىلغان سۆز ئىدى،لىكىن بۇ سۆز ماڭا داڭ چالغاندەك ئاڭلاندى،كۆزۈم قاراڭغۇاشتى ،كۆز ياشلىرىم ئۆزىنى تۇختىتالماي قىلىۋاتاتتى،سەن ئۆرۈلۈپ كەتتىڭ،مەن كەينىڭدىن ھەسرەت بىلەن قاراپ قالدىم،سەن شۇ تاپتا يۈرۈگۈمدىن بىر نەرسىنى سۇغۇرۇپ ئىلىپ كەتتىڭ،ئۇ بولسىمۇ مىنىڭ ساپ ھەقىقى -كۆڭلۈم ئىدى،
ئىسىڭدە بولسۇن مەن ئاشۇ بىر ئىغىز گىپىڭگە ئىنتىزار بوپ سىنى ساقلايمەن ،پەقەت سىنىلا كۈتىمەن،
مەن سۆيگۈ گۈلشەنىنىڭ بۇلبۇلى ئىدىم ئاشۇ كۈنى قانىتىم كىسىلدى،مەن سۆيگۈ بورانلىرىدا پەرۋاز قىلغۇچى ئىدىم،ئاشۇ نداشلاپ قانىتىم بوغۇشلاندى،مەن ۋاپا ساداقەتنىڭ مەشئىلى پاك ۋىجدان ئەھلىنىڭ گۈلخانى ئىدىم،ئاشۇ كۈنى ھايات شامىلى سۆيگۈ يامغۇرى ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى،
مەن خيال قىلىۋاتىمەن،چەكسىز خيال قىلىۋاتىمەن،خىيال دىڭىزىم شاۋقۇن كەبىي قانچە ئۆرۈلگەنسىرى سىنى شۇنچە خىيال قىلىۋاتىمەن،سىغىنغانسىرى ئۆزۈمگە شۇنچە خىتاپ قىلىۋاتىمەن،

باھا سۆز

پاھ -پاھ نىمانچە ئىسىل قۇرلار بۇ .ھى ھى ھى بەك تەسىرلىك دىسە .  ۋاقتى: 2014-1-1 01:16

2

تېما

272

يازما

1744

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 271
يازما سانى:
272
تىللا:
1379
تۆھپە:
31
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
79 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-12

سادىق ئەزاسۆيۈملۈك ئەزاقىزغىن ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-1-1 08:32:29 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەترە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 08:34  

مەيلى كۆرسۇن كۆرمىسۇن ئاللاھ سىزنىڭ بەختىڭىزنى بەرسۇن گۈلۈم !  بۈگۈندىن باشلاپ خۇشال ياشاڭ!

باھا سۆز

كۆپ رەھمەت قەترە .ئاللا ھەممىزگە خۇشال كۈنلەرنى نىسىپ قىلسۇن !!!!!!!!!!!!  ۋاقتى: 2014-1-1 11:16

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

6#
ۋاقتى: 2014-1-1 10:42:40 | ئايرىم كۆرۈش
«ئاق ئاتلىقلارنىڭ ھەممىسى شاھزادە بۇلىۋەرمەيدۇ،بەلكىم ئۇ تاڭسېڭ بۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن» دىگەن سۆزنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك قىلغان.
يەنىلا سىزنىڭ بەختىڭىزنى تىلەيمەن قېرىندىشىم،ئۇنتۇشقا تىگىشلىكلەرنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.

باھا سۆز

خەخەخە....  ۋاقتى: 2014-1-1 23:46

6

تېما

149

يازما

1380

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 68
يازما سانى:
149
تىللا:
1092
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-29

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-1-1 10:47:41 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز جانىم، ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن.بۇگۇندىن باشلاپ كۇنلىرىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ۋە خوشال ئۆتكۇزۇڭ. بەخىت ئامەت سىزگە مەڭگۇ يار بولسۇن
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ......

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-1 11:18:35 | ئايرىم كۆرۈش
تارىخىم يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 10:42
«ئاق ئاتلىقلارنىڭ ھەممىسى شاھزادە بۇلىۋەرمەيدۇ،بەلكى ...

         بۇ سۈزڭىزنىمۇ خاتا دەپ قارمايمەن ،ئەمما ئۇنىڭ تاڭسىڭ ئەمەس ‹‹ ھەقىقى بىر ئاق ئاتلىق شاھزادە ›› ئىكەنلكىگە تۇيغۇم بىلەن ھۆددە قىلالايمەن .     

باھا سۆز

ئەينەك قالايمىقان چاخچاق قىلماڭ دەيمەن ،مۇنبەرداشلار خاتا چۈشنىپ قالمىسۇن .  ۋاقتى: 2014-1-1 16:03
ماڭا ئىشىنىسىزدە مەلىكەم ، ۋۇ خە خە خە .   ۋاقتى: 2014-1-1 14:41

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-1 11:23:20 | ئايرىم كۆرۈش
مۇخلىسە يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 10:47
بەك ياخشى يىزىپسىز جانىم، ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن.بۇ ...

ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ چىققنڭىزغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت ، بەخىت -ئامەت سىزگىمۇ مەڭگۈ يار بولسۇن !!!!! ياخشى تىلەكلەر ھەممىزگە بولسۇن.

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

10#
ۋاقتى: 2014-1-1 12:29:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسلى مەن  يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۋالاي دىگەن لىكىن سىنىڭ يالىت - يۇلىت قىلىپ كۆز ئالدىمدا تۇيۇقىسىز پايدا بولغان ئاشۇ سىمايىڭ مىنىڭ خۇشالىقىمنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۋەتتى ..............
ئەسلى مىنىڭ يېڭى يىلغا يېڭىچە قەدەم بىلەن كىرىپ ، ھەمىمىنى يېڭىدىن باشلىغۇم خۇشال خۇرام ، كۈلۈپ ياشىغۇم بار ئىدى . لىكىن تولىمۇ ئەپسۇس رىئالىققا يۈزلىنىشى تولىمۇ قىيىنكەن .............

نازاكەت بىلەن دىلزاتنىڭ ئىسىل قۇرلىرى بىزگە يېڭىللىق يىللىق كاتتا سوۋغا بولدىدە ...........
ھىچكىم يېڭى يىللىق يۇمۇر يوللىماپتۇ كۈلدۈردىغانغا ...........

باھا سۆز

مەن يوللاپ قويايمۇ سىزنى كۈلدۈرۈپ يىقتىۋەتمىسەم ھىساپ ئەمەس .تاپالسام يوللايمەن چۇقۇم .  ۋاقتى: 2014-1-1 16:02
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.148346 second(s), 43 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش