ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: بىلگيار
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كاككۇك سايرىغان چاغلار (تولۇق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

241#
ۋاقتى: 2015-4-1 23:38:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسارى يوللىغان ۋاقتى  2015-4-1 22:33
قىزلانى قوناق شېخى توغرايدىغان ماشىنىغا سالىلى ئۇندا ...

ۋاي ئانامەي، خۇدايىم ساقلىسۇن ئاندا ئۇششۇقلار بىلەن گەپ تالشىشتىن، سۈف سۈف

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

242#
ۋاقتى: 2015-4-2 08:52:48 | ئايرىم كۆرۈش
سەبىر يوللىغان ۋاقتى  2015-4-1 23:35
ئالدى بىلەن ھەمكارلاشقۇچۇمنىڭ ئەسەرنىڭ بۇ قىسى ...

ئىملا ئىملا ئىملا.....يۈسۈپ ئەلەيكىسالام ئەمەس،ئەلەيھىسسالام
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

243#
ۋاقتى: 2015-4-2 16:56:46 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي ماقا، بىر يەدە ئېغىز تىلى ئىشلىتىۋالسام  دەپ كەتتكىننى ما خانىمخاننىڭ

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

244#
ۋاقتى: 2015-4-4 11:24:48 | ئايرىم كۆرۈش

كاككۇك سايرىغان چاغلار (رومان، 4-قىسىم)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-22 11:51  




4-قىسىم



(1)


       يېزىقچە ئىمتاھاندىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتكەنلىكىمنى ئاڭلاپ خۇشالىقتىن قىن-قىنىمغا پاتماي كەتتىم. كىيىنكى قەدەمدە پۈتۈن زىھنىم بىلەن كېلەر ھەپتە ئېلىنىدىغان يۈز تۈرانە ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىشقا چۈشىشىم كېرەك ئېدى. شۇڭا ھوجرامنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپ ھېلى ئاپامنىڭ خىزمەت فورمىسىنى،ھىلى يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا كىيىپ بارىدىغان كېيىمىمنى كىيىۋىلىپ، چوڭ ئەينەككە قاراپ ئىنگىلىز تىلىدىن دەرىس سۆزلەشنى مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتتىم. ئاپام ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ئۇنىڭدىن تىنماي دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇللىرنى سورايتتىم ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەر دەپ تۇرۋالاتتىم. مېنڭ يۈزتۈرانە ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن پايپىتەك بولۇپ قىلمىغىنىم قالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاينىگار قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. كىتابنى ئاتاتتىم ئۇنىڭغا جىللە بولۇپ:
       - يوقال، چىقە ئۆيدىن.-دەپ ھوجرامدىن قوغلايتتىم. –ئالدىرماي تۇر سەت جىن، ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭمۇ بېشىغا كىلىدۇ،ساڭىمۇ بار جۇمۇ بۇنداق ئىش.
       ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دەپ جىلە بولۇپ كېتىۋاتقىنىمغا قاراپ ئۇنىڭ تېخىمۇ  بەك چېپىلىپ قېرىشىشلىرىدىن ئىچىم سىقىلاتتى. گەرچە تەۋەيىمىزدە ماڭا ئوخشاش كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئىختىساسلىقلار ئاز بولسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇخىل كەسىپلەرگە ئىھتىياجلىق ئورۇنلارنىڭ ئاز بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىفەن(پىداگوكىكا) مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىدەك مەخسۇس ئوقۇتۇش تەربىيىسى ئالمىغانلىقىم، پىراكتىكا جەريانىدىمۇ شەھەرلىك كوچا باشقارمىسىدا مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم سەۋەپلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش پاراكتىكىسى قىلغان باشقا دوسىتلارنىڭكىدەك ئەمەلى ئوقۇتۇش تەجىربەم بولمىغانلىقتىن، ھەممىنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلىۋاتقان مۇشۇ دەملەردە بىرىنجى قەدەمدىلا مۈدۈرۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەيتىم. شۇنچە جىددىيلىشىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن ئاپام ماڭا مەدەت، تەسەللىيلەرنى بېرىپ ھارمايتى.
       ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ ئىمتاھانغىمۇ ئىككى كۈنلا قالدى. ئۆگۈنلۈككە يۈزتۈرانە ئىمتاھان ئېلىنىدىغان بولغاچقا، ئەتە قەشقەرگە بېرىپ تەييارلىق قىلىپ تۇرۇش كېرەك ئىدى. بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتىكىن تاڭ، ھەركۈنى كەچ قايتىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ ئايرىم ئېلىپ قويغان سوغۇق تاماقنى يەپ ياتىدىغان دادام بۈگۈن بالدۇرلا ئىشتىن چۈشكەن بولۇپ تاماققا بىز بىلەن بىرگە داخىل بولغان ئىدى. قاۋۇل بەدىنىگە ساقچى فورمىسى تولىمۇ ياراشقان، ئىنچىكە قويىۋالغان بۇرتى كىلىشكەن تۇرقىغا تولىمۇ خوپ كەلگەن ئۇ بۈگۈن كۆزۈمگە باشقىچە سالاپەتلىك، ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك سۇمباتلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. دادامنىڭ قاملاشقان تەققى-تۇرقىغا مۇناسىپ ئىسىل خاراكتىرى ئارقىلىق مەھەللىمىزدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلار  ۋە خىزمەتداشلىرى ئارسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭدىن پەخىرلەنگەن بولسام، قىرىقتىن ھالقىغان بولسىمۇ تېخىچە گۈزەل لاتاپىتىنى يوقاتمىغان،ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ تەمكىنلىكىنى ساقلاپ تۇرالايدىغان ئاپامغا تېخىمۇ ھەۋەس قىلاتتم. «نېمە دېگەن بەخىتلىك سەن ھە ئاپا!» دەپ ئويلايتتىم ئۇنىڭغا تويماي قاراپ. «مۇشۇنداق گۈزەل ھەم ئىسىل ئايال بىلەن بىرگە ئۆتۈش نىسىپ بولغاندىكىن داداممۇ جىق تەلەيلىككەن جۇمۇ » دەپمۇ خىيال قىلىپ كېتەتتىم ئۇلاپلا يەنە. بەخىتلىك ئائىلەمدىن سۆيۈنۈپ قەلبىم چەكسىز خۇشاللىققا چۈمۈلىۋاتقان شۇ دەملەردە مۇختەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەقدىر بورانلىرىنىڭ دەھشىتىدىن تۈگۈلۈپ قېلىۋاتقان ناتىۋانلار يادىمغا يېتىپ بىرقىسمىلا بولۇپ قالدىم ۋە ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تۇرمۇش ئىچىدە چوڭ بولغىنىمغا مىڭ شۈكۈرلەرنى ئېيىتتىم.
       -دادا، رۇخسەت ئالالىدىڭىزمۇ؟ -دەپ سورىدىم ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن بېقىپ.
       -ماڭا روخسەت نەدە تۇرۇپتۇ بالام. -دېدى ئۇ چىشىنى كولىغاچ پەرۋاسىز بىر قىياپەتتە. -قانداقراق، تەييارلىق پۇختىدۇ؟
       -تاڭەي، ئىشقىلىپ تەييارلىق قىلدىم. پۇختىمۇ ئەمەسمۇ ۋاختى كەلگەندە بىلىمىز ھەقىچان. -دېدىم ۋە كىچىك چاغلاردىكىدەك ئاغزىمنى ئۈمچەيتىپ قويدۇم. ياندا گىپىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇرغان سىڭلىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:
       -بىزگە سۆزلەپ بەرسۇنچۇ بولمىسا، يىتەرسىز تەرەپلىرى بولسا يارىدەم قىلىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس-دەپ كۈلدى  ھەييارلىق بىلەن مەسخىرە ئارلاش بىرخىل ئاھاڭدا.
       -ھە ما گەپ بولىدۇ. -دېدى دادام ئۇنىڭ مۇنداقلا قىلىپ قويغان گىپىنى قوللاپ. -بىز ئوقۇغۇچى بولۇپ بېرەيلى سىز ئادەم بار يەردە بىر قېتىم كېلىپ بېقىڭ. بولامدۇ؟
       -ۋاي بولدى قىلساڭلارچۇ تولا ئادەم زاڭلىق قىلماي .... قانداق سۆزلەيمەن مەن!
       -ۋوي ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا سۆزلەشتىن خىجىل بولغىلى تۇرساڭ رەسمى ئىمتاھانغا كىرگەندە نۇمۇستىن ئايلىنىپ كېتەمسەن نىمە؟! جۈرئەتلىك بول ھەرھالدا. ھازىر بۇ يەردە سىناق قىلۋالساڭ ساڭا كۆپ پايدىسى تېگىدۇ جۇمۇ، يەنە تېخى ئاپام يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ!
        سىڭلىمنىڭ يەنە ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋىرشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ قويدۇم-دە، گەپ قىلماي يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم. دادام بىزنىڭ قىلىقلىرىمىزغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
       -دادوي...
       -ئوۋ!
       -ئەتە بىللە بېرىڭە قەشقەرگە، سىز  بارسىڭىز ماڭا زور مەدەت بولاتتى. -دېدىم ۋە ئەركىلىگەن پېتى ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سالدىم.
        بۇ قىلىقلىرىمغا سىڭلىمنىڭ ئىچى تارلىقى كەلدى بولغاي ئۇمۇ ئەركىلىگەن پېتى كىلىپ دادامغا ئېسىلدى. بىزنى قۇچىقىغا پاتقۇزالماي قالغان دادام قاقاقلاپ كۈلگەن پېتى كەينىگە يىقىلدى. شۇندىمۇ سىڭلىم ئىككىمىز ئۇنى تالشىشنى توختاتمىدۇق.
       -ئەرگە تەگكىدەك بولغاندا قىلىپ يۈرگەن قىلىقىنى ما جىنلىنىڭ، چۈشىشە يەرگە نۇمۇس قىلىشمايدىغانلا. -دېدى ئاشخانىدىن چىققان ئاپام بىزنىڭ قىلىقلىرىمىزغا قاراپ. بۇ گەپ بىلەن تەڭ  دادا بالا ئۈچەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ئاينىگار ئاپامنىڭ سۆزلىرىنى چاقچاققا بۇرىماقچى بولدى-دە، كۈلكىسىدىن چىپپىدە توختاپ ئاغزىنى ئۈچلاپ ئاپامغا يالغاندىن دومسىيىپ:
       -دادا...گەپ قىلڭە ئاپامغا، بىزنى ئەرگە بېرىمەن دەيدۇ. -دېدى ئەركىلەپ.
       -ئۇنداق دېگەن بولسا چىدىساڭ بېرىۋەت دەپ قويۇپ ئولتۇرىۋىرىڭ بالام.
        ئۇنىڭ گېپىدىن ئۆيدىكى تۆتەيلەن بىردىنلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. «ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ توخۇ داڭگال » دېگەندەك مەن تېخىچە ئۆز غېمىمدە بولغاچقا ئەستايدىللىق بىلەن دادامدىن سورىدىم:
        -دادا، قەشقەرگە راستىنلا بىللە بارالمامسىز؟
        - بارالمايدىغان ئوخشايمە بالام، ئاپىڭىز بولغاندىكىن كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇپ كىرىۋىرىڭ. ئۆزىڭىزگىمۇ بەك بېسىم قىلىپ كەتمەڭ، ئۆتەلمەي قالسىڭىزمۇ كېرەك يوق. ھېچكىم تۇغۇلۇپ ئەتىسىلا يۈگۈرەلىگەن ئەمەس، ھەممە ئىشلار ئاستا-ئاستا بولىدۇ.
        -ئاپىسىغا تەتىل بولدى، ئىشى يوق شۇنداقمۇ؟ -دېدى ئاپام قىيدىغاندەك تەلەپپۇزدا. -ئەتە جۈمە، تەتىل بولغان بىلەن يەنە شۇ مەكتەپكە بارىدىغان ئىش بار.  بىرەر قىتىم بىرگە بارسىڭىزمۇ  بولىدۇ سىزنىڭمۇ قىزلىرىڭىز بولغاندىكىن ھە دېسىلا ئاپاڭ، ئاپاڭ دەۋەرمەي.
        بۇ گەپلەر بىلەن تەڭ بايامقى كۈلكە مارلىغان چىرايى بىردىنلا قارداپ كەتكەن دادام زەردە بىلەن ئاپامغا تىكىلىپ قارىدى. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بايقىغان سىڭلىم دەرھاللا:
        - بولدى بولدى. ساقچى ئەپەندىم بىلەن مۇئەللىمە خانقىزنىڭ ئۆز ئىشلىرىغا بېرىشىغا ئىجازەت.  ئايقىز خانىمنى پېقىر ئۆزۈم قاتناشتۇرۇپ كېلەي ئېمتاھانغا. ھەركىم ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ئائىلىدە ئىتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلانغاي! يارلىق تامام! – دەپ خۇددى كىنولاردىكى مەھرەم بېگىدەك بايا ئالدىراپ-تېنەپ تەتۈر تۇتىۋالغان دەرىس لاھىيسىنى يېپىپ يەرگە قويدى ۋە، -قۇ سوجاڭ بىلەن گۈھەر خانىم بۇنىڭغا ياق دېمەيدىغاندۇ؟! -دەپ قوشۇپ قويدى.
       -قۇ سوجاڭ بىلەن  گۈھەر خانىم قوشۇلغان بىلەن ماۋۇ بولغۇسى مۇئەللىمە قوشۇلمايدۇ،  قەشقەرگە بارغاندا «مەلىكە»خىنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى چول تەگمەيدۇ.-دېدىم مەن تەرجىمە فىلىملەردىكى ئاۋاز ئارتىسلىرنىڭ ئاۋازىنى دوراپ تۇرۇپ. بۇ گەپ بىلەن تەڭ بايقى جىددى كەيپىيات يوقاپ ئاپام بىلەن دادامنىڭ كۈلكىسى قايتىدىن ياڭرىدى.
       -بىر نەرسە دەڭچۇ دادا ئاچامغا، ياخشى كۆڭلۈم بىلەن ئىمتاھانغا ئاپىرىپ كېلەي دەۋاتسام  مىنى «مەلىكە خىنىم» دەۋاتىدۇ ئۇ.-دېدى سىڭلىم دادامغا ئەركىلەپ.
       -مەلىكە دېگەن بولسا ئوبدان دەپتىغۇ ئەنە، ھۆرمەتلەپ.
       -ئۇنداق دېگىنى بىلەن مېنى تەييار تاپ، لەقۋا دېگمەكچى ئۇ.
       -دېمىسىمۇ تەييار تاپ، لەقۋا تۇرساڭ سەن، سەت جىن قوچىقى.-دېدىم مەن ئۇنىڭ كىچىك بالىلارچە دادامغا ئەركىلەشلىرگە بىر ئاز مەسىتلىكىم كېلىپ. -مۇشۇ تۇرقىڭدا سېنى سورايدىغانلار چىقماي داستىخان كۆتۈرۈپ ئۆيمۇ-ئۆي ماڭارمىزمىكىن ئاپام ئىككىمىز.  
       ئۇچۇپ كەلگەن چاپاننى كاپپىدە تۇتىۋالدىم-دە، كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ يۈزلىرى خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن چىرايىدا ھەم تېرىكىش، ھەم نازلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇراتتى.
      -ئاشۇنداق دېگىنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بىرگە بارغىنىم بارغان. خەپ قاراپتۇ جۇما ھە.
      ئەڭ ئاخىردا دادام بىلەن ئاپام ئۆز خىزمىتگە بېرىۋىردىغان، ئاينىگار مەن بىلەن بىرگە بارىدىغان بولۇشقا كېلىشتۇق.
      -ماشىناڭنى بەرسەڭ ئاچامنى شۇنىىڭدىلا ئاپىرىپ كەلمەيمەنمۇ!؟ -دېدى ئۇ دادامغا قولىنى تەڭلەپ.
      -مېنى ماشىندا قەشقەرگە ئاپىرىپ كېلەمسەن يا جەھەنننەمگىمۇ؟!  يولدا جايلاپ ماڭاممايدىغان ھالىڭغا ماشىنا ھەيدەيمەن دېمەي تىنچ ئولتۇرغىنە بىردەم.
      -جىياجاۋ(شوپۇرلۇق پىراۋام)رىم بارغۇ!؟ -دېدى ئۇ ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ.
      -كىيىن يىزىلارغا تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا ھەيدەپ چىقارسىز بالام ماشىنىنى. قەشقەرگە ھەيدەپ بارىمەن دېسىڭىز سەل بالدۇرلۇق قىلامىكى، بىز خاتىرجەم ئىشىمىزنى قىلالماي قالىمىز.-دېدى دادام ئۇنىڭغا يۇمشاق تەلەپپۇزدا. دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا تىلىمىنى چىقىرىپ قويدۇم. ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ يالغان خۇيلىنىپ يەرگە قارىۋالدى.
       ئەتىسى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كىيىن دادام ماڭا كېتىدىغان لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ، قولۇمغا يىتەرلىك پۇل تۇتقۇزدى ۋە بىرمۇنچە ياخشى گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ كۆڭلۈمنى خېلىلا ئازادە قىلىپ قويدى. ئارقىدىن يەنە ئەمدىلا ئەتتىگەنلىك ئىبادىتىنى تۈگەتكەن ئاينىگارنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا تۇرقىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن:
       -ئەمدىما تىخى؟ بالدۇرراق تۇرۇڭ بالام قىز بالا بولغاندىكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەرگە چىقىدىغان تۇرساڭلا بۈگۈن.
        بۇ گەپ سىڭلىمدىن كۆرە مېنى بەكرەك خىجىل قىلۋەتتى. چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن بۇ توغرىسىدا بىزگە گەپ قىلىپ باققان ئەمەس ئېدى. خىجىللىقتىن ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن سىڭلىم تىترەك ئاۋازدا:
        -ئاخشام بالدۇرراق ئارام ئالماپتىكەنمە، شۇڭا بەكرەك ئۇخلاپ قاپتىمەن....-دېدى ۋە ئۇدۇل  ھوجرا ئۆيگە قاراپ ماڭدى.
        -قارسام شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتىكەن شۇڭا ئويغاتمىغان ئېدىم بىردەم ئۇخلىۋالسۇن دەپ. قەشقەرگە بارغاندا ئاچىسىغا يار-يۆلەك بولمىسا بولمايدۇ ئەمەسمۇ بىزنىڭ ئورنىمىزدا.–دېدى ئاپام سىڭلىم ئىككەيلەننى خىجىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ. ئەمدىلا كۆڭلىمىز پەسكويغا چۈشۈپ تۇرىۋىدى، يەنە ئۇنىڭ دادامنى يولغا سالغىلى چققان ۋاقىتتا:«بۇنىڭدىن كىيىن قىزلارغا ئۆزۈم گەپ قىلاي. چوڭلا بوپ قالغاندا  دادسىدىن تەربىيە ئاڭلاش ئېغىر كىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئىشلارنى ماڭا قويۇپ بېرىڭ .» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىمىزنى قويارغا يەر تاپالماي قالدۇق. بىزنىڭ بىردىنلا يۇۋاشلاپ قالغىنىمىزنى كۆرگەن ئاپام:
        داداڭلارنىڭ دېگىنىمۇ خاتا ئەمەس بالام، قىز بالا دېگەن سەھەر تۇرۇپ ئادەتلەنمىسە بولمايدۇ. ئاخشىمى يوتقانغا بېشىڭلارنى تىقىپ بىر ئۇزۇنغىچە تېلفۇن بىلەن ھەپىلەشمەي بالدۇرراق ئۇخلاڭلار. تىلفۇنىڭلارنى سىلاش پەرىز سۈننەتمۇ يا سىلەرگە. كەچقۇرۇندا بالدۇر ياتماي، ئەتىگىنى چىرايلىق ئۇخلاپ ياتساڭلار يا مېنىڭ ئويغىتىۋىتىشكە كۆزۈم قىيمىغان. بۇنداق كۆنۈپ قالساڭلار بولمايدۇ.  داداڭلار جېنىدا ئاخشىمى كەچ كېلىدۇ ئەتتىگىنى كۈن چىقماستا مېڭىپ بولىدۇ. بۇ ئۆيدە يا  مۆرەپ كېتىدىغان كالا،  يا يىغلاپ كېتىدىغان بالا بولمىغاندىكىن ئەتىگەندە تۇرۇپ قىلدىغاننى چىرايلىق ئادا قىلۋىتىپ، قولۇڭلاردىن كەلگەندىكىن دىككىدە  قورسىقىڭلارغا بىرنىمە قىلىپ ناشتا قىلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇخلىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئاران كەلگەن ئارام ئېلىش پۇرسىتىدە ئوبدانراق ياشىۋالسسۇن دەپ كىتاپ كۆر، كۇرۇستا ئوقۇ دەپ ۋەزىپىمۇ قويمىدۇق سىلەرگە. بىر ئۆمۈر مېنىڭ ئالدىمدا تۇردىغان بولساڭلارغۇ مەيلىتى. بىز شۇ كىيىنلىكىڭلارنى ئويلاپ شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ سالدىكەنمىز.-دېدى ۋە تەييارلىق قىلىپ تۇرشىمىزنى تاپىلاپ قويۇپ ئالدىراپ مەكتىپىگە ماڭدى.  
        كىچىك بالىدەك قېيداپ، خۇيلىنىپ مەن بىلەن قىرىشىپلا تۇردىغان سىڭلىم بۈگۈن ماڭا تازا ئەسقاتتى. بىردە  ماڭا دەرىس سۆزلىگەندە بەدىنىمنى قانداق تۇتۇشنى ئۆگەتسە ئارقىدىن يەنە چىراي ئىپادەمنى سۆزلەۋاتقان قانداق ماسلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئاۋازىڭ چارچاپ قالمىسۇن» دەپ ھېلىدىن ھېلىغا يىلىتقان تۇخۇم ۋە ھەسەل سۈيى ئىچىشكە قىستايتى.  ھەتتا شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا قانداق پەرداز قىلىشنىمۇ دىتلاپ چىقتى.
       -ئۇنۋېرسىتىتنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ بوياقچىلىققا كۆندۈم دېگىنە سەن. -دېدىم مەن ئۇنىڭ چاققانغىنە گىرىم سومكىسىغا قاراپ قويۇپ. -شۇ ئالدىراش ئوقۇشۇڭدىنمۇ ساڭا شۇنى سۈركىگىدەك ۋاقىت چىققىنىغا ھەيرانمەن.
      -قىززىق گەپ قىلدىكەنسەنغۇ، ئوقۇشۇم ئالدىراش دەپ ھېلىمىخان قاسماقتەك يۈرگىلى بولمايدۇ. ۋاقىت دېگەن چىقىدۇ كۆزۈڭنى زەي سۇ ئورىسىدەك قىلىپ بوياپ، يۈزۈڭگە ئىككى سائەت ماي چېپىپ ئولتۇرمىساڭلا. گىرىم دېگەننىچۇ بۇياق بىلەن ئەمەس تاكتىكا بىلەن قىلىمىز ئۇقتۇڭمۇ.
       -مېنى تىللىغىنىڭما بۇ؟-دېدىم مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئۆزۈمگە ئېلىپ. سومكامنى ئېچىقىپ تۆكسەملا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولىدۇ جۇمۇ ئاينىگارخان. ئۆزۈڭنى ئايىساڭ بولامىكىن شۇڭا.
      -قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىغاندىكىن تاۋۇزۇڭنى كاسىلاپ يەۋەر تولا گەپنى ئۆزۈڭگە تارىتماي. تومپايلىقىڭنى بىلمەيدۇ دەمسەن مېنى، سەن مەتۇ شۇنچىلىك ئىشلارنى ئەپلەشتۈرەلىسەڭ كۈندە ھەقسىز ئايىغىڭنى سۈرتۈپ بېرەتتىم مەن.
      -ئاز گەپ قىلغىنە، پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىۋاتقىنىڭنى ئاپام بىلىپ قالىدىغان بولسا تاناۋىڭنى تارتىدۇ. ياخشىسى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلۋەتسەڭ بولامىكى.
      -ئىجتىمائى پەن كەسپىدە ئوقىغىنىڭ بىلەن گەپ چۈشەنمەيدىغان بىر نېمىكەنسەن جۇمۇ ئايقىز. بايا دېدىمغۇ ساڭا مەن گىرىمنى بوياق بىلەن ئەمەس تاكتىكا بىلەن قىلىمەن دەپ. سەن قورقۇپ كەتكەن پۇراقلىق، رەڭلىك گىرىملەرنى ئالدىرماي ئولتۇرۇپ، ياخشىراق تەتقىق قىلۋالغىن. مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي. -ئۇ  شۇنداق دېگەن پېتى نەرسىللىرىنى ئالدىمغا تاشلاپ قويۇپ سىرىتقا ماڭدى.
     گالۇستۇكقا ئوخشايدىغان كىچىك ئەتلەس ياغلىقنى قاملاشتۇرۇپ چىگىپ، چىرايىغا ماس ھالدا سۇس، پاكىز گىرىم قىلىپ تاتلىققىنە ياسىنىۋالغان سىڭلىمنى كۆرۈپ ھەرخىل ھېسلارغا چۆمۈلۈشكە باشلىدىم. ئۇ تولىمۇ ئوماق ئېدى. ئۇنىڭغا سەپسالغاچ  ئىچىمدە ياراتقۇچىنىڭ  ماڭا  يالغۇزلۇق تارتىپ قالمىسۇن دەپ مۇشۇنداق سىرداشتىن بىرنى ھەدىيە قىلغىنىغا مىڭلاپ تەشەككۈرلەنى ئېيىتتىم. ئۇ ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرغىنى بىلەن، ئۆز ئىشغا كەلگەندە تولىمۇ پۇختا ئېدى. ئىككىمىزنىڭ چىرايى بىر-بىرىمىزگە شۇنچىلىك ئوخشىسىمۇ بوي ئىگىزلىكى جەھەتتە ئازراق پەرىق قىلاتتۇق. ئۇنىڭغا قارىغانسىرى ئۆزۈمنىڭ ئەينەكتىكى چىرايىنى كۆرگەندەك بولۇپ سۇسقىنە كۈلۈپ قويدۇم. قاراۋىرىشلىرىمدىن ئوڭايسىزلانغان سىڭلىم:
      -بەك قاراپ كەتتىڭغۇ؟ بىر يەرلىرىم بىر قىسما بولۇپ قالمىغاندۇ؟ -دېگىنىچە ئەينەكنىڭ ئالدىغا ماڭدى.
      - سەتلىكڭىنى قارا  سەن جىنتەكنىڭ. سۈپىتىڭدە سو يوق. شۇ  ساڭا مەسىتلىكىم كېلىپ قاراۋاتىمەن. ماڭا نېمانچە ئوخشىغانسەن سەن شۇم.
      -ئىمتاھاننىڭ دەردىدە كاللاڭدىن كېتىپ قالمىغانسەن ئاچا؟! ھەجەپ  مېنى بۈگۈن كۆرگەن ئادەمدەك گەپ قىلىپ كەتتىڭ. مەن مۇنداق ئويلاپ قالدىم. ئىگىمز بىزنى شۇنچە ئوخشاش يارىتىپ بولۇپ ئاندىن يەنە  ئاتا-ئانىمزنىڭ بىزنى بىر-بىرىمىزدىن پەرىقلەندۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىرسىمىزنىڭ ئوڭ يۈزىگە، يەنە بىرىمىزنىڭ سول يۈزىگە تامغا بېسىپ قويغان ۋە يەنە ياش پەرقىمىزنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن سېنى مەندىن ئىگىزرەك قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.  قانداق دېدىم؟!
     - ئۇنداق دېگۈچە سېنى ئەيىبناق، مېنى ساق يارتىپتۇ دەۋەرگىنە بولدى. -دېدىم مەن ئۇنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلمەك بولۇپ.
     -قارىغىنە دېگەن گىپىڭگە، شۇ دېگىنىڭ ئۈچۈن ئاغزڭغا نەچچىنى ئۇرسا. ئىش ئۇقمايدىغان كىچىك بالا بولمىغاندىكىن بۇندىن كېيىن بۇنداق قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلما بولامدۇ؟  يەنە ئاشۇنداق دەيدىغان بولساڭ قارىمايمەن ساڭا.– ئۇنىڭ قېيدىغان ھالەتتە ئەركىلەپ دېگەن بۇ سۆزلىرى ماڭا زور تەسەللىي بولدى ۋە باشقىچە روھلىنىپ قالدىم.
      چەكسىز قېرىداشلىق مىھرى بىلەن مېنى ئىلھاملاندۇرغاچ  ئۈستى-باشلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ، لايىقىدا ياساندۇرۇپ قويۇۋاتقان سىڭلىمغا قاراپ كۆزلىرىمگە غىللىدە ياش كەلدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ماڭا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلدىغان،قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزىدە مېنىڭ كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈشنى، ماڭا مەدەت بىرىشنى ئىزدەيدىغان سىردىشىم مۇختەر يادىمغا يېتىپ كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنۋىرسىتىتقا چىققاندىن كىيىن  ئىزچىل تۈردە مۇختەرنىڭ دىرىكىنى ئالالماي،تاسادىبى پۇرسەتتە تونۇشۇپ يېقىن دوسىتلارغا ئايلىنىپ قالغان قېرىندىشىم ئايۇپنىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئۇتۇش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى ۋە قەلبىمدە قالدۇرغان گۈزەل ئوبرازىنىڭ تۈرىتكىسىدە تۆت يىللىق قەدىناسىم بىلەن ئەمدى ئالاقە قىلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىن  كۆڭۈل مەيلىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقىغا مۇپتىلا بولغان ئېدىم. گەرچە  مۇختەرنىڭ «بىراۋنى بىراۋغا  سېلىشتۇرماڭ، ھەربىر ئادەمگە ئۆزىنىڭ خاسلىقى نۇقتىسىدىن قاراپ باھا بېرىڭ، چۈنكى ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقىچە بولغاندەك ھەربىر ئادەمنڭ ئۆزگىچە خۇي پەيلى ۋە ئالاھىدىلكى بولىدۇ.» دېگەن سۆزىنى ئېسىمدىن چىقارمىغان بولساممۇ، ئەينى چاغدا خۇپيانە ھالدا ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان ۋە ئايۇپنىڭ ئۆزۈمنى مۇختەردىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئېدىم. ئەپسۇس........... بۇلارنى ئويلىغانسىرى قەلبىمدىكى پىغانىم تېشىشقا باشلىدى. ئەمما سىڭلىم ھېلىلا پەردازلاپ ئۈلگۈرگەن يۈزلىرىمنى كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق يۇيىۋىتىشتىن ساقلىنىش ۋە خۇشال روھى ھالىتىمنى ساقلىغان ئاساستا ئىمتاھانغا ئاتلىنىش ئۈچۈن چاناقلىرىمغا پاتماي تېشىشىقا ئالدىراۋاتقان شۇ تۇزلۇق سۇنى زورىغا يۇقىتىۋەتتىم. قاچانلاردىندۇر مىھمانخانا ئۆيگە چىقىپ كەتكەن سىڭلىم ئاپامنىڭ بىزنى ئۇزاتقىلى كېلەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بىزنىڭ ۋاقىتنى سوزماي دەرھال مېڭىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيىتتى.
      -ۋاقىتمۇ بالدۇركەن دېگىنە ئاچا، شۇڭا بىز پۇلنى ئىسراپ قىلىپ يۈرگىچە ئاپتۇبۇستىلا ماڭايلى بىلەت سېتىۋېلىپ.  -دېدى سىڭلىم كىچىك ماشىندا بارايلى دېگىنىمگە قارشى چىقىپ.-بۇنىڭدىن تېجىۋالغان پۇلنى يا ياتاق پۇلىغا قوشۇپ يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىلاردا تۇرامىز، يا بولمىسا كۆڭلىمىزگە ياققۇدەك نەرسىلەرنى ئېلىپ يەرمىز. پۇلنى تېجەيدىغان يەردە ئىمكانقەدەر تىجەپ، خەجلەش زۆرۈر بولغان يەردە كۆزنى چىمچىقلاتماي خەجلىگەن ياخشى.
        سىڭلىم كىچىك بولغىنى بىلەن بىر ئىشلارغا مەندىن بەكرەك پۇختا ئېدى. ئۇنىڭ بۇ تەرپىنى دادام ئاپاملاردىن باشقا دوسىتلىرىمىزمۇ ئالاھىدە تەرىپلەيتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشلىرىغا مېنىڭمۇ باشقىچە ھۆرمىتىم  بولغاچقا گەپ-سۆزسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
       ماشىنىغا چىقىپ بىر ھازادىن كىيىن ئاران قوزغالغان ئاپتۇبۇس بىكەتتىن چىقىپلا يەنە دەرۋازا ئالدىدا بىر ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنۋىرسىت ئۈچىنجى يىللىقنى پۈتتۈرۈپ چوپچوڭلا ئادەم بولۇپ قالغان سىڭلىم ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا بالىلارچە قىلىقلىرىنى چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، بىردە  ماڭا سۈركىشىپ ئەركىلەپ قويسا، يەنە تۇرۇپلا ئۇماق ھەم يېقىشلىق گەپلەرنى قىلاتتى. شۇنىسى ماڭا ئېنىق ئېدىكى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى بىردىن بىر مەخسىدى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇش، قەلبىمدىكى جىددىيلىكنى ئىمكانقەدەر پەس كويغا چۈشۈرۈپ روھىمنى كۆتۈرۈش ۋە مېنى ئازادە كەيپىياتتا ئىمتاھانغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىدى.
        ئاپتۇبۇس دەرۋازا ئالدىدا يەنە ئىككى-ئۈچ يولۇچىنى ماشىنىغا چىقارغاندىن كىيىن ئاستا قوزغالىپ قەشقەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بايىدىن بېرى ۋىچىرلاپ توختىمىغان سىڭلىم ئەتتىگەن تۇرۇپ تەييارلىقلارنىڭ ھاردۇقى يەتتىمىكىن تاڭ، بىز يولغا چىقىپ يېرىم سائەت بولار بولمايلا تىزىمغا بېشىنى قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتى.


(2)


      شۇنچە كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتقان ئېرىمنى ساقلاۋىرىشكە تاقىتىم-تاق بولۇپ تاللا بازرىنى باشقۇردىغان باشقا ئادەم بولغاندىن كىيىن ئىشلارنى شۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بالدۇرراق قايتىپ كەلسە بولىدۇ بىرەر كۈن بولسىمۇ دەپ غۇدرىغىنىمچە ئۇنىڭغا ئېلىپ قويغان تاماقنى ئاش قاچىسىغا ئۇسسۇپ ئىشكاپقا سېلىۋەتتىم ۋە  ئالدىراپ قازان-قۇمۇشلارنى يىغىشتۇرۋىتىپ ھوجرا ئۆيىمىزگە كىرىپ ئۇخلاشقا تەرەددۇتلاندىم. ئەمما يەنە بىرخىل سوغوقچىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلىگەن يوغان ھۇجرىدا يالغۇز ئارام ئېلىشتىن يالتىيىپ گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەينەككە قارغىنىمچە ئۇزاقتىن- ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىم.
       يىللار ھەقىقەتەن ئادەمگە رەھىم قىلمايدىكەن. بەلكىم خىزمەت ۋە ئۆيدىكى بۇرچۇم ئوتتىرسىدا قىسىلىپ چارچاپ قېلىۋاتقىنىمدىن بولسا كېرەك، ئۇنۋىرسىتىتنى پۈتتۈرگىنىمگە ئەمدىلا بىر يىرىم يىل بولغىلىۋاتقىنىغا قارىماي كۆز قۇيرۇقۇمدا بىلنەر-بىلىنمەس قورۇقلار پەيدا بولۇپ يۈز تېرەم بوشىشقا تەمشەلگەنىدى. ئالدىمدىكى رامكىلانغان سۈرەتلەر بىلەن ئەينەكتىكى ھازىرقى سىمايىم بۇنىڭ دەلىلى ئېدى. كۆزۈمنى ئەينەكتىن ئاستا ئۈستەلنىڭ سول بۈرجىكىدىكى سۈرەتكە يۆتكىدىم. دوستۇم ئاسىيە سوۋغا قىلغان بۇراقلىق مۇزىكىلىق قۇتىنىڭ سۈرەت سالىدىغان رامكىسىدا سىڭلىم بىلەن ئاسىيە ئىككى بىلكىمنى چىڭڭدە قولتۇقلىغان پېتى كۈلۈمسىرەۋاتاتتى، سۈرەتنىڭ كەينىدە بولسا قاراڭغۇلۇقتىن زىرىككەندەك شوخلۇق بىلەن كۆزىنى چىمچىقلىتىۋاتقان قەشقەر كېچىسى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. بۇسىھىرلىك مەنزىرە  مېنى بىلىپ بىلمەيلا ئاستا-ئاستا ئەينى ۋاقىتتىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ قويدى.
       سىڭلىم ئۇخلاپ قالغاچقىمىكىن سەپەر ماڭا شۇنچىلىك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى. كۆڭلۈمنى ئىمكانقەدەر ئازادە تۇتۇشقا تىرشىۋاتقان بولساممۇ نېمىشقىكىن شەھەرگە يېقىنلاشقانسىرى يۈرەك سوقۇشۇم تىزلىشىپ ئىچىمنى تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل جىدديچىلىك چۇلغىۋالغاندى. خىياللىرىمنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن قۇلاقلىرىمغا تىڭشىغۇچنى تىقىپ دېرىزىدىن سىرتقا بويۇنداپ قارىغىنىمچە غىڭشىشقا باشلىدىم. كۈتە-كۈتە ئاخىر مەنزىلگىمۇ يېتپ كەلدۇق. قەشقەرگە كىرىپ تۇرشىمىزغا ئاسىيەدىن تېلىفۇن كەلدى:
        - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزىم، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ دىدارىڭىزنى قاچانراق كۆرسىتەي دەۋاتىسىز ماڭا؟
        -ۋەئەلەيكۇم ئاداش، پەرىزىمچە بۈگۈن قەشقەرگە كىرىسىزغۇ دەيمەن. ئەگەر بالدۇرراق كىرىپ قالسىڭىز ئىشلارنى جۆندەپ قويۇپ مېنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭ. ئاران بىر قەشقەردە يۈز كۆرۈشكەندە مېنى ئوبدانراق ئويناتمىسىڭىز سەت تۇردۇ.
       -يائاللا ئاتۇشلۇق خېنىم. قەشقەرنىڭ بىقىنىدا تۇرۇپ مېنى كۈتىۋالماقتا يوق ئۆزلىرىنى مەن كۈتۋالالمدىمە تېخى. سىزغۇ زادى قىلنى قىرىق ياردىغان ھېساپچى قىز بالا.
       -ۋوي گۈزەل خانقىز، سىز قەشقەرلىكمۇ مەن قەشقەرلىكمۇ؟ شۇڭا قائىدە بويىچە ئىش قىلغىنىمىز تۈزۈكمىكى! سىز مېنىڭ تەۋەلىكىمگە ئەمەس مەن سىزنىڭ تەۋەلىكىڭىزگە كىرگىلىۋاتقان بولغاندىكىن.
       -ۋاي دەپ قاپسىز جانىم. كىلىڭە ئاۋال،سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدىغۇ مېنىڭ!      
       -سۆزلىرىڭىزدىنغۇ شۇنچىلىك خوش بولدۇم ئاداش، لىكىن بىلىپ قالدىم.... ئاۋازىڭىز بىر قىسمىلا، زىيان دېگەن ئاشۇنداق ئاچچىق بولىدۇ دە. كىرەك يوق، ئۆتنىسىنى بېرىمەنغۇ ۋاقىتنى سوزمايلا. شۇڭا بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ.
       -يائاللا جېنىم دوستۇم، مېنىڭ ئۆيۈم ئاتۇشقا يېقىنمۇ ئەمەس، ھەم ئاتۇشتا تۇغقىنىممۇ يوق. شۇڭا مەندە ئۇنداق پىششىق خاراكتىرمۇ مەۋجۇت ئەمەس سىزنى ئانچە-مۇنچە دوراپ قالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا. شۇڭا بۇ تەرەپلەردىن ۋايىم يەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
       -راسىتما؟ كەچقۇرۇن كۆرۈشكەندە  راسا بىر بېرىمەنغۇ ئەدپىڭىزنى. لىكىن سۆزىڭىزدىن يېنىۋالماڭ ھە!
       -ياق، يېنىۋالمايمەن. لىكىن بۇرنىڭىزنى قولىڭىزغا تىقىپ كېلىشىڭىزگە رۇخسەت يوق. كەچتە كۆرۈشەيلى ئەمىسە!
       - خاتىرجەم بولۇڭ،قولۇمنى بۇرنۇمغا ئەمەس ئاغزىمغا تىقىپ ھۆللەپ بارىمەن. سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى.
       مەن بۈگۈن قەدىناس دوستۇم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەچكە سىڭلىمنىڭ ھېيىتكاھنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويايلى دەپ سايراپ كەتكىنىگە پەرۋا قىلماي تۇرالغۇ ئىزدەشكە ئالدىراپ كەتتىم. شۇڭا تاكسى توسۇپلا ئۇدۇل سىڭلىم ئالدىن ئۇقۇشۇپ قويغان مىھمانخانىغا بېرىپ ئىككى كىشلىك ياتاقنى پاكىزە  ئۈچ كىشلىك ياتاققا ئالماشتۇرۇپ نەرسە-كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇشقا تۇتۇندۇم. بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمغا قاراپ ئىچى پۇشقان سىڭلىم ئەتەي مەن بىلەن قېرىشىپ:
       -بۇ يەرگە قايسى كېلىشكەن يىگىتنى باشلاپ كەلمەكچى سەن؟ ئۇنداق ئادەم مېنى بېشىڭدا يىشىل چىراغ قىلىپ قويغۇچە يولۇمغا ماڭغىلى قويساڭ بولمامدۇ، بۇ يەردە تونۇشۇم ئاز ئەمەستى مېنىڭمۇ!-دەپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.
       -پاخال باسماس گەپلەرنى ئاز قىلىپ ماڭا ياردەملەشكىنە. كەچقۇرۇن ئاتۇشلۇق دوستۇم كېلىدۇ.  شۇ چاغدىمۇ مۇشۇنداق پەلپەتىش سۆزلەپ يۈرمە جۇمۇ يەنە يۈزۈمنى چۈشۈرۈپ.      
       –ناھايتى ئاتۇشلۇق بىرسى كېلىدىكەنغۇ، ھەجەپ خان ئالىيلىرى كېلىدىغاندەك قىلىپ كەتتىڭ ئىچىمنى ئىلەشتۈرۈپ.
       -سەنمۇ بېشىڭغا كەلگەندە چۈشىنىسە، ئۇ دوستۇمچۇ مەن ئۈچۈن خاندىنمۇ مۇھىم. ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل بىر ياتاقتا ياتقان شۇنچىلىك يېقىن ئۆتكەن ساۋاقدېشىم ئۇ.
      -يەنە تاماققا ئېچىقمايدىغان بولساڭ تېخىمۇ يۈزۈڭ چۈشىدىغان ئىش بولۇپ قالامىكىن ئايقىزخان. شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مېنى ئوبدانراق مىھمان قىلۋال.
    -يائاللا، بالاغا قالدىممۇ نېمە مەن!؟ ئىككىڭ مېنى يەتكۈچە بۇزەك  قىلدىغان ئوخشىمامسەن ؟!  بۇمۇ بولغىنى، ناۋادا ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي قالسام ئوبدان باھانە بولغۇدەك.
       -بۇنداق ئۈمىدسىز گەپلەرنى قىلىپ روھىنى چۈشۈرگەندىن مېنىڭ باھانەمدە  قورسىقىڭنى توقلىۋېلىپ دوستۇڭ كەلگۈچە بىر ئىككى قېتىم مەشىق قىلۋالساڭ بولمامدۇ؟! كەچقۇرۇن قەشقەر كوچىللىرىنىڭ بۇشاپ قالغان جايلىرىنى چىڭىتىش ۋەزىپىمىز بار ھەقىچان.
       سىڭلىمنىڭ زىرەكلىكىگە ئىچىم كۆيۈپ مەڭزىنى ينىك تارتىپ قويدۇم ۋە تاماققا چىقىشقا ئىشارەت قىلدىم. ئىككىمىز قولتۇقلاشقان پېتى مىھمانخانا ئاستىدىكى تىز تاماقخانىغا كىردۇق. نېمە تاماق يىيىش ئۈستىدە بىردەم تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتۇق. ئۇ مەن سېنىڭ ئىستىقبالىڭنى تېپىشىڭدا مۇھىم رول ئوينايدىغان شەخىس. شۇڭا مەن دېگەندەك قىلىشىڭ كېرەك دەپ تۇرۋالدى. مەن بولسام دادام بىلەن ئاپام سېنى مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. شۇڭا مېنىڭ رايىمغا بېقىشىڭ كېرەك. بولمىسا دادامغا دەيمەن دەپ تۇرۋالدىم. ئاخىردا ئۇ ھېلىمۇ ياخشى ئاچام بولۇپ قالغىنىڭ دەپ غودىرىغىنچە تىزىملىكنى ماڭا ئۆتۈندى.
       ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ كەتكىنىدىن تولىمۇ زوقلىنىپ كەتتىم. بۇرۇنلاردا سىڭلىم بەكمۇ قاشاڭ بولۇپ ئۆزىنىڭ دېگىنى دېگەن ئىدى. ھېچقانداق بىر ئىشتا بىرسىگە يول قويۇشقا ئۇنىمايتى. بۈگۈن ئۇ باشقىچە بولۇپ كەتكەن بولۇپ ھەتتا ئۆزى ئۈچۈن بۇيرۇتقان نەرسىلەرنىمۇ خاپا بولۇپ يۈرۈپ دېگۈدەك ماڭا يىگۈزدى. بىز چاقچاقلىشىپ، كۈلۈشۈپ يۈرۈپ بىر سائەتچە ھايالشىغاندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ كىردۇق. ئاينىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەشىققە كىرىشمەكچى بولدۇم. ئەمما دوستۇم ئىككىلىمىزنىڭ تۇنجى باسقۇچلۇق ئالاھىدە شىتات ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ ئىككىنجى باسقۇچقا قەدەم قويىۋاتقىنىمىزدىن شادلانغانلىقىمدىن شۇ تاپتا سۆزلەرنىمۇ قولاشتۇرالماي قېلۋاتاتتىم.
     -بايا قىزغىن سۆزلىشىپ كەتكىنىڭگە قاراپ سېنى تېخى مۇختەر ئاكاش بىلەن سۆزلەشكەن چېغى دەپتىكەنمەن.- ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋابەن ئېغىر بىرنى تىنىپلا قويدۇم. كەيپىياتىمدىكى ئۆزگىرىشتىن خاۋاتىرلەنگەن سىڭلىم چاققانلىق بىلەن ئاساسلىق تېمىغا كۆچتى:
     -جىدديلىشىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن ئاچا، لىكىن قورىقما. بۇلتۇر بىر ساۋاقدېشىمىڭ ئاكىسى تېگاڭ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپتىكەن، بىلىم سەۋيىسى يامان ئەمەس بولغىنى بىلەن سۆزلەش ئىقتىدارى ئانچە يوقكەنتۇق. لىكىن ئىمتاھاننىڭ ئىككىلا باسقۇچىدىن مۇۋەپىقيەتلىك ئۆتۈپ تولۇق ئوتتىراغا ئورۇنلىشىپتۇ. سەن خېلى جاسارەتلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپاممۇ كۆپ ئەجىر قىلدى. شۇڭا ئۆزۈڭگە ئىشەن.
    -ماڭا مەدەت بەرگىنىڭما بۇ؟ ھى ھى ھى... ئولتۇرۇپلا توقۇپ چىقتىڭ دېگىنە بۇلارنى. ئىيتە ھە يەنە قانداق گەپلەر بار.-ئوڭايسىزلانغان ئۇ:
     -مەنمۇ شۇ سېنى دەپ بولمامدۇ......-دەپ بېشىنى قاشلىدى. –ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئامراقلىقىمنى قوزغاپ ئۇنى ئاستا قۇچاقلىدىم. تۇيۇقسىزلا ئۇ خۇددى بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك شارىتتىدە ئورنىدىن تۇردى ۋە شوخلۇق بىلەن دېدى:
       -ئىمتاھانغا كىرىشتىن بۇرۇن تەققى-تۇرقۇڭغا بەك سەپسالغىن. ھەرگىزمۇ چىراي-تۇرقىڭ،كىيىم كىچىكىڭ بىر قىسما بولۇپ قالدىغان ئىش چىقمىسۇن. ئىمتاھانغا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە ئۈستى بېشىڭنى بىر تۈزەشتۈرۋال. بۇنداق بولغاندا روھىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئىمتاھاندىكى كەيپىياتىڭ ياخشى بولغاننىڭ سىرتىدا باشقىلارغا ئەستايىدىل كۆرۈنىسەندە تۇنجى تەسىرىڭ ياخشى بولىدۇ.
       -ماقۇل ئەقىللىق چوڭ ئاپا، ئۆزلىرى دېگەندەك قىلىمەن.بولدىمۇ؟!
       ئاسىيە كەلگەندىن كېيىن سىڭلىمنىڭ كۆرستمىسى بويىچە بىردەم ئۆز-ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشتۇق. كەچقۇرۇقلۇقى ئاسىيەنى قىزغىن كۈتىۋېلىش ۋە  ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە  سىرىتقا ئاتلاندۇق. يازنىڭ قايناق قەشقەر كېچىسى دىللارغا ھوزۇر ئاتا قىلاتتى. ئاسماننىڭ بەزى يەرلىرىدە خۇددى ئالۋاستىنىڭ كۆزىدەك بىر نەرسىلەر يالىت-يۇلىت قىلىپ چاقنايتى. كەچلىك بازار قىلىدىغانلارنىڭ خېرىدار چاقىرغاندىكى ئاۋازلىرى بىزگە يات ئەمەس ئېدى. رەستىلەرگە تىزىلغان ئۆپكە-ھېسىپ، لەڭپۇڭ-راڭپىزا، ھەرخىل كاۋاپ ، چۆچۈرە-تۈگىرە ۋە ھەرخىل مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان مەزەلەرنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماغنى ياراتتى. بازارلارنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن يەپ قورسىقىمىزنى چىڭدىۋالدۇقتە قايتىش ئۈچۈن  مەنزىرلەرنى تاماشا قىلغاچ قولتۇقلىشىپ ماڭدۇق. ئەمما  كۆپ ماڭمايلا مۈرىسىگە رەت-رەت نەرسىلەرنى ئېسىۋېلىپ مېڭىپ يۈرۈپ خېردار چاقىرۋاتقان يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى بىر بالا سودىگەرنىڭ ئاۋازى قەدىمىمىزنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. «ھەي بىچارە.»دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
       -قاراپ مېڭىڭلار چىرايلىق ئاچىللىرىم، سىلەرگە ياراشقۇدەك چىرايلىق ماللىرىم بار، نەرقى ساماندىن ئەرزان، ئالماي قويساڭلار پۇشايماندا قالىسىلەر.
      -ۋوي نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ بالا. سامانمۇ خېلى پۇل جۇمۇ ھازىر. ئىۋۇ يالتىراقتىن ياسىغان جا بىرنىمىلەرنى سامان نەرقىدە ساتىمە دېگىنىڭىزگە قارىغاندا بوش ئەمەسكەنسىز. لىكىنچۇ نىشاننى خاتا بىكىتىۋاپسىز. -دەپ غودۇڭشىدى ئاسىيە جاۋابەن.
       -ماۋۇ ئۇز ئاچام ئاتۇشتىن ئوخشىمامدۇ. قارسىلا خېنىم ئاچا ساماننى تاغارغا قاچىلاپ ساتقىنى بىلەن بۇلارنى مەن خالتىغا قاچىلاپ ساتمايمە. بۇ شۇ قىژمەت ساماننىڭ بىر دانىسىغا ئوخشايدۇ. ساماننى ساناپ ئالسىڭىز قىژمەت چۈشمەيدىغاندۇ؟
       -ھەي ئۇكام، ساماننى ساناپ ئالسا ئۇلاغ تويمايدۇ. شۇڭا تاغرى بىلەن ئالىمىز ئۇنى.
       -ساماننى جىق ئالمىسا ئۇلاغ تويمىغان بىلەنچا  مېنىڭ ما مېلىمنى جىق ئالماي بىرتال ئالسىللىرىمۇ تويىلا سىلى. ئەپ قويسىلا بەلەن نەرسىنى ئەرزان بىرمە دەۋاتقاندىكىن.
       -بىر تال ئېلىپ تۇياپ قالدىغان ئىش بولسا راس جا كەن. ئالمايمىز بولدى.
       -ماڭ قايلىسىلا ئاچا، بۇنى مەن ياسىمىغاندىكىن جا مۇ جىڭمۇ بىلمەيدىكەنمە. لىكىن پۇلىغا لايىق. قورىقماي ئېلىۋەرسىلە. ئەتلەسنىڭمۇ جېرى ياخشى، يۇيۇپ يۇيۇپ كىيەلەيدىلا. جىڭىنىڭ رېڭى چىقىپ ئاۋەرە قىلىدۇ. قىژمەت ئېلىپ جايلاپ كىيەلمەي بوخچا باققۇزىدىلا، توغرىدۇ؟! شۇڭا يەنىلا شۇ جېرى ياخشى، جىڭنى ئايىغان جېرى دەپتىكەن، ئېلىۋەرسىلە ئىككىلەنمەي.
       -نىمانداق گەپچى بالىدۇ ماۋۇ.
       -ئاتا-ئانىلار تەربىيە قىلىپ تۇرسا بالا ئوبدان چوڭ بولغاندەك مەنمۇ گەپ قىلىپ تۇرسام پۇلنى جىق تاپىدىكەنمە قارسىلا. مۇشۇنداق سۆزلىمىگەن بولسام ھەرقايسىللىرى تۇرماس بولغىيتىللىرى مېنىڭ ئالدىمدا.
       -مەكتەپتە ئوقۇمامسىز سىز!؟
       -ئەلشىر ناۋائىينىڭ زامانى ئەمەس بۇ مەكتەپتە ئوقۇماي يۈرسە بولىۋىردىغان. كۈندۈزدە ئوقۇپ ئۆگۈنۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىۋىتىپ، كەچلىكى تىرىكچىلىك كويىغا چۈشىدىغان ئىش مۇشۇنداق.
       -ئەلشىر ناۋائىينىمۇ بىلەمسىز تېخى كىچىكلا تۇرۇپ؟
       -كىچىك بولغىنىم بىلەن ساۋادىم چىققاندىن باشلاپ ئۇچرىغان كىتاپنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان بالا مەن.
       -نېمىلەر بۇ سېتىۋاتقىنىڭىز؟
       -ئاممىسىللىرى كەملىك قىلمايدىغان، ئەپ قويسىللىرى ئارتۇقلۇق قىلمايدىغان ياخشى نەرسىلەر. لىكىن قۇرۇق قول كەتسىللىرى،راس دەپتىكەن، ھەي ئاشۇ ئۇكام توغرا دەپتىكەن نادامەتتە قالىدىلا. قىژمەت  بوممىغاندىكىن ئېپ قويسىلا بىر ئىككى تال. خەجلىگەن پۇللىرىغا چوقۇم رازى بولۇپ قالىلا.
       بالىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي شۇنچىلىك سۆزمەن ھەم ئەقىللىقلىقىگە قايىل بولغان بىز ئۇنىڭغا قايتا گەپ تېپىپ بىرەلمەي،باھاسى نەچچە موچەنلىك سۇلياۋ زىننەت بويۇملىرىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتۇق. راستىنى ئېيىتقاندا ئۇ نەرسىلەرنى سودىگەر بالىدىن قۇتۇلالماي ئىلاجىسىزلىقتىن ئەمەس، ئۇنىڭ چىچەنلىكىدىن، بىلىمخۇمارلىقىدىن،كىچىك تۇرۇپلا ئۆز غېمىنى ئۆزى يەۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنگىنىمىز ئۈچۈن سېتىۋالغان ئېدۇق. بۇ ھال تۇرۇپلا مېنى ئەمگەكچان قەشقەر خەلىقىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا باشلاپ كىردى.
       ئىمتاھاندىن چىقىپ كۆزۈم توپنىڭ ئارسىدىن بويۇنداپ مېنى ئىزدەۋاتقان سىڭلىم بىلەن ئاسىيەگە چۈشتى. ئاسىيە ئىمتاھاننى مەندىن بۇرۇن تۈگىتىدىغان بولغاچقا دەرۋازا ئالدىدا سىڭلىم بىلەن بىللە مېنى كۈتۈپ تۇرۇشقا كېلىشىۋالغانىدۇق.
       -گەنجۆ زىمىياڭ؟(قانداراق!؟)-دەپ قېشنى ئېتىپ قويدى سىڭلىم ھەييارلىق بىلەن.
       -بۇسۇ، خەي شىڭ.(يامان ئەمەسقۇ.) –دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ماس ھالدا خەنزۇچە جاۋاب قايتۇرۇپ. قىلىقىمىزدىن ئچى پۇشقان دوستۇم:
       -ھەي ھەي،تولا قەلبىمنى ئېلەشتۈرمەي ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىڭلار، خەنزۇچە سۆزلەشنى كاۋاپچى بىلەن ناۋايمۇ بىلىدۇ ھازىر. چوڭ ئىش ئەمەس ئۇ كۆز-كۆز قىلغۇدەك.-دېدى تەنە ئارلاش.
         -ئاسىيە ئاچام راس دەيدۇ ئاچا. مېنىڭمۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خەنزۇچە پاراڭلاشقىنى كۆرسەم نىرۋام ئۆرلەيدۇ. ئۆز تىلىمىزنى قەدىرلىمىگەنلىكتىن ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا ئۇيغۇرچە مەشغۇلىيەت قىلالمايدىغان ئىشلارمۇ چىقىۋاتىدۇ ھازىر.
       -ۋوي خېنىم، تولا ئەمدى مىللەت، دۆلەت دەپ پەلسەپە سۆزلەپ چۈشۈپ كەتمەي ئاۋال ئۆزۈڭنى بىر تۈزەتكىنە. –دېدىم مەن سىڭلىمنىڭ سۆزلىرىدىن بىزارلىق ھىس قىلىپ.
        -بولدى تالشىۋەرمەڭلار، ھېچقايسىڭلار خاتا سۆزلىمىدىڭلار. ئەمدىغۇ يولىمىزغا ماڭساق بولار، خەقلەر قاراۋاتىدۇ قوشماقلىرىم.-ئاسىيە شۇنداق دېگىنىچە ئىككىمىزنى قولتۇقلاپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
       ئاسىيە«ئۆتنىسىنى بىرىش»كە ئالدىردى بولغاي چىرايلىق رەت قىلغىنىمىزغا قارىماي بىزنى چىڭ تۇتىۋالدى ۋە تېلىفۇندا ئاپام دادامدىنمۇ رۇخسەت سوراپ ئۈلگۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئاچا-سىڭىل ئىكەيلەن ئاتۇشتا نەچچە كۈن مىھمان بولۇپ قايتىدىغان بولۇشتۇق. ئاكىسى رۇسىيەگە چىقىپ خېلى پۇل تاپقان بولسا كېرەك، ئۇلارنىڭ ئۆي ۋاقى ئوبدانلا تۈزۈلۈپ قالغان ئېدى. ھەيۋەت ياسالغان دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىكى ئۇرۇنغا ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ چىقىرىلغان «ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!» دېگەن خەيىرلىك سۆز تۇنجى قەدەمدىلا قەلبىمىزگە بىر خىل ئىللىقلىق يۈگۈرىتتى. دەرۋازىدىن يولغىچە بولغان كوچىغا ئۈزۈم-تال بارىڭى ياسىلىپ قايتىدىن تۈزەشتۈرۈلگەن ھويلا  باشقىچە گۈزەللىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىلگىركى ۋەيرانە تۇرقىدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان ئېدى. يەرگە ياتقۇزۇلغان خشىلارمۇ يۇيۇپ پارقىرتىۋىتىلگەچكە ئۇنىڭدىن تارقىغان نەم ۋە سالقىن ھاۋا يازنىڭ دىمىق كۈنىدە ئادەمگە شۇنچىلىك ھۇزۇر بىرەتتى. نەقىش ئويۇلغان كۇڭگۈر بىلەن چىقىرىلغان گۈللۈكنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا بىر تۈپ ئەنجۈر تىكىلگەن بولۇپ، ئاتۇش دىيارىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرغان بۇ كۆچەت قارىغۇچىغا بىر خىل ئەركىنلىكنى، تەبىي گۈزەللىكنى ھىس قىلدۇراتتى.
    تاشقىرى ھويلىنىڭ مەنزىرسىدىن كۆزلىرىمىز ئالاق-جالاق بولۇپ كەتكەن ئاچا-سىڭىل ئىككىمىز ئۆي ئىچىدىكى كارامەتتىن تېخىمۇ ھەيران قالدۇق.  ئۆي گەرچە ئادەمنى تاڭ قالدۇرغىدەك ئىسىل بىزەلمىگەن بولسىمۇ ئاددى،پاكىز ھەم تولۇق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولغاچقا  كىشىنىڭ تولىمۇ زوقىنى قوزغايتى.چاققانغىنە بەنچاڭدىكى مول تىزىلغان داستىخان مىھماندوسىتلىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسا، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئويۇلغان تام تەكچىسىگە تىزىپ قويۇلغان  قول ھۈنەر بويۇملىرى ۋە كۆمۈشرەڭ كىرىستالدىن ياسالغان كىچىككىنە لۇڭقىدىكى ھۈپپىدە ئىچىلغان سۇنئىي قىزىل ئەتىرگۈل،ئۆينىڭ مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ تارتىلغان پەردىلەر ئۆيگە باشقىچە لاتاپەت قوشۇپ كىشىگە ماھىر بىر رەسسامنىڭ ئۇستىلىق بىلەن پۈتتۈرۈپ چىقارغان داڭلىق گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنى ئەسلىتەتتى.
        ئاخشام سېتىۋالغان ھېلىقى زىننەت بويۇملىرى ئەمدى تازا ئەسقاتتى. ئاسىيەنىڭ چۇرۇقلىشىپ كىرگەن جىيەن قىزلىرى بەرگەن سوۋغىتىمىزدىن شۇنچىلىك خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. بۇ پۇرسەتتە ئۈچىمىز دەرھال بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك بېقىشىۋالدۇق. خۇددى ھېلىقى ئىنىمىز ئېيىتقاندەك بۇلارنى سېتىۋالمىغان بولساق ھەقىقەتەن پۇشايماندا قالاتتىمىزكەنتۇق.  كەچكىچە چاپراقشىپ ئاسىيەنىڭ باغ-قورولىرىنى ئايلىنىپ،  ئەخشىمى ئاپىسى تۈجۈبىلەپ ئىتىپ بەرگەن ئاتۇشچە خان ئېشىنى قىزىق تۇيۇلۇپ بولغۇچە يەپ ھاردۇق يەتكەن چېغى، خۇپتەندىن ئۆتە-ئۆتمەيلا سىڭلىم سىڭايان بولۇپ كەتكىلى تۇردى. شۇڭا بىز چوڭلاردىن رۇخسەت ئېلىپ ئارام ئېلىشقا چىقىپ كەتتۇق.
       -ئاداش،-دېدى ئاسىيە مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ بوش ئاۋازدا. يەنىلا ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمىز ياخشىكەنتۇق ھە، گەرچە ئاغزىمىزغا تېتىمىغان تاماقلارنى يەپ، ھىلىدىن ھېلىغا بىر-بىرىمىزدىن قېيدىشىپ ئۆتكەن بولساقمۇ.
       -شۇنى دەڭە، شۇ ۋاقىتلارغا ھېچنەرسىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىكەن دەپ قالدىم مەنمۇ. ۋاقىت نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن ھە. تۇرۇپلا ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمگە ئىشىەنگۈم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بىز بىلەن بىللە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ساۋاقداشلىرىمىز نىمىشلارنى قىلشىۋاتقاندۇ ھازىر؟–ئاسىيە ئۇخلاپ قالغان بولسا كېرەك،سۆزۈم جاۋاپسىز قالدى. تەنھا ھالەتتە ئاتۇشنىڭ دىمىق كېچىسىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىۋاتقان مەن تورۇسقا قاراپ ياتقىنىمچە خىيال پەنجىللىرىمنى بىزدىن تولىمۇ ئۇزاقتا قالغان قەدىمى ماكان لەنجۇغا ئۇزاتتىم.


(3)


     
       -سەندەك ئىتقادسىز ئادەملەرغۇ قىلغاننى بىلمەيدىغان يۈزسىز كىلشىسە زادى. شۇڭىمىكىن تەپ تارىتماي بىردەمدىلا قۇڭاڭنى يۈزۈڭگە چاپلىشالايسە مۇشۇنداق.
       -ۋاي سىنىڭ قانچىلىك ئىتقادىڭ بولماقچىتى. بېشىڭغا لاتا ئورىۋالغىنىڭ ئىتقادلىق بولۇپ كەتكىنىڭمۇ سەن قەلەندەرنىڭ. ھالىڭغا قاراپ باققىنە ۋۇي نان دېسە نېنىنىڭ،پۇل دېسە يانچۇقىدا پۇلىنىڭ تاينى يوق قەلەندەر.
       -قانداق بولسام سەن رەسۋادىن ياخشىراقتۇرمە ئىشقىلىپ، پۇلۇم سىنىڭكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ ئاتا-ئانام ھالال تاپقان پۇلى بىلەن سەندىن قېلىشتۇرماي ئوقىتىۋاتىدۇ. سەنمۇ چۇ ئەينەككە ئوبدانراق قاراپ بېقىپ، پىشانەڭنى سىلاپ بېقىپ گەپ قىل.
       -ھوي ما گەپنى، سىنىڭچە سېنى ئاتا-ئاناڭ ھالال تەرى بىلەن ئوقۇتۇپ، مېنىڭ ئاتا-ئانام مېنى قوڭىنى ساتقان پۇل بىلەن ئوقۇتىۋېتىپتۇدە. ئاغزىڭنى چايقىۋىتىپ گەپ قىلساڭ بۇلامىكىن سەن بەترەڭ قەلەندەر. بولمىسا دۇراڭنى يەپ قالما يەنە.
       -بەترەڭ دەپ كېتىپسەنغۇ، ئۆزۈڭ قانچىلىك بىر نىمىتىڭ شۇنداق دەپ كەتكۈدەك.
       -مەن ھەرقانچە بولساممۇ لەڭپۇڭ سېتىپ، نىيرومىيەن سېتىپ كۈن كۆتكۈزىدىغانلارنىڭ باللىرىدىن نوچىراق.
       -ھە سەن بەك نوچى، مۇشۇ نوچىلىقڭدا نەچچە ئادەمنىڭ ئاستىدىن بولغىنىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن ۋۇ تەلەتى سەت پەسەندى قانجۇق. گەپ قىلمىسام جەددى-جەمەتىمنى تارتىپ چىقىپ تىللاپ كەتتىڭيا . سەن خۇيىنىڭ تاينى يوق پەسكە قىلغانلىرىمنى بىرەر ئىتقا قىلىپ قويغان بولسام قۇڭامنى يالاپ ھالى قالماس بولغىيتى بۇ كەمدە. ئىسىت سەن ئۈچۈن قىلىپ كەتكەنلىرىم.
       -ھەجەپ چوڭ سۆزلەيسەنغۇ سەن قەلەندەر....
        -قەلەندەر بولۇپ ئالدىڭغا قول سوزۇپ بېرىپ قالغان يەرلىرىم يوقتۇ؟! تولا قەلەندەر قەلەندەر دەۋەرمە جۇمۇ سەن، زۇۋانىڭغا ئايغىمنىڭ پاشنىسىنى قاپلاپ قويماي يەنە. ۋۇ قىلغاننى بىلمەيدىغان رەزگى.
       -گەپ قىلمىسام ھۆرىت،پۆرىت دەيسەنغۇ ئاغزىڭدىن پوق ئېقىتىپ، ئانچە مۇنچە ئەدىپىڭنى بېرىپ كىملىكىڭنى ئېسىڭگە سېلىپ تۇرمىسا ئۆزۈڭنى بىلمەيدىغان نېمىكەنسەن سەن. بۈگۈن ئاپاڭنى كۆزۈڭگە كۆرسەتمىسەم شىخۈي بولماي كېتەي............ پويىزدىن چۈشۈۋاتقاندىكى تاسادىبىيلىق تۈپەيلىدىن ھەرخىل گادىرماچ خىياللار بىلەن قايتىپ كەلگەن مەن ياتاقنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقان تاراڭ-تۇرۇڭلارنى ئاڭلاپ دەررۇ ئېسىمنى يىغدىم ۋە ئشىككە ئېتىلدىم.  ئىشىكتىن كىرىشىمگە شىخۈي شىياۋماغا ئاتقان چاي قۇتسى بېشىمغا تىگىپ كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىن خىجالەت بولغان شىياۋما «جەڭ»دىن چېكىنىپ چىقىپ مەندىن ھال سورىماق بولۇپ تۇرىۋىدى شىخۈي پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تاپ بېسىپ كەلگەن پېتى شىياۋمانى يەرگە باستى. مەن نەرسىللىرىمنى ئۈستەلگە قويۇپ ئىككىسىنى ئاجرىتىش ئۈچۈن ئارىغا كىرمەكچى بولدۇم. ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ گۆش تاغىرىدەك سىمىز شىخۈينى شىياۋمانىڭ ئۈستىدىن بۇشتىۋالالمىدىم.  شىخۈينىڭ باسمىقىدىن قۇتۇلۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەن شىياۋما چاقماق تىزلىكىدە ئۈستىگە مىنگىشىۋېلىپ بىقىنلىرىغا دىسلاۋاتقان شىخۈينىڭ چاتراقلىرى ئارسىدىن چىقىپ قالغان ئۇزۇن پۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ كاسسىغا كىلىشتۈرۈپ نەچچىنى تېپىۋەتتى. ئاغرىقتىن خۇدىنى يۇقاتقان شىخۈي كالتەك ھۇجۇمىنى توختىتىپ ئايدا يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ سالمايدىغان ئۇزۇن تىرناقلىرىنى شىياۋمانىڭ يۈزىگە تەڭلدى. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن مەن دەرھال ئۇنى توسۇۋالماقچى بولۇپ بېرىۋىدىم بۇيۇنلىرىمغا زەرىپ بىلەن ئۇرۇلغان تىرناقنىڭ زەربىسىدىن جايىمغا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.
       -ئادەممۇ شۇنىڭدەك بۇلامدۇ ھەي-دېدى شىياۋمانىڭ يۈزىدىكى تىرناق ئىزلىرىغا دۇرا سۈركەۋاتقان ئاسىيە ئاچچىق بىلەن. –ھەرقانچە ئۆچى بولسىمۇ يۈزىنى تاتلىۋالمىسا بولمامدۇ. ئادەمگە يۈزنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكىن دېسە كۈندە كەچلىكى يۈز تىرەمنى ئاسرايمەن دەپ سەت يۈزلىرىگە پوقتىن باشقىنى چېپىپ ھالى قالمايدۇ بولمىسا ئۆزى. مۇشۇ قىلقىغا قاراپ ئادەمنىڭ بالسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم جۇمۇ مەن ئۇنىڭ.  يەنە دېسەم يەنە شۇ، ھەرقانچە ئىش  بولسىمۇ يۈزىگە چېقىلمىسا بولمامدۇ دەيمەن. توۋا، توۋا...... شۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭنى باشقا بىرەرسىمۇ ئاڭلىمىغانمىدۇ. كىرىپ بىر ئاجىرتىشىپ بىرەي دېمەپتىيا.
       -ۋوي ئاداش، ئاڭلىمايدىغان ئىش بولامدۇ. بىرمۇنچە ئادەم يىغىلىپ كەتكەن شۇ چاغدا. لىكىن شۇ ھەممىسى بىزنى رەسىمگە تارتىش بىلەن بولۇپ كىتىپ چولىسى تەگمىدى ئاجىرتىشىپ بېرىشكە.- دېدىم مەن ئۇنىڭ ماڭا تەئەججۈپ بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ.
      نېمىشقىكىن شىخۈي جىدەل چىققان ئاخشىمى ياتاققا قايتىپ كىرمىدى. گەرچە بىز كۆڭلىمىزدە ئۇنىڭدىن بەكلا ئاغرىنغان بولساقمۇ يەنىلا كىچىدە قايتىپ كىرمىگىنىدىن سەل ئەنسىرەپ قالدۇق. سەپەردە ھېرىپ-چارچاپ كەتكىنىمدىن ياتاققا قايتىپ كېلىپ تازا بىر ئۇخلىۋالامەن دەپ پىلان سوققان مەن شۇ تاپتا خىياللارغا ئەسىر بولۇپ مەندىن نەچچىلىكلا ئېگىزلىكتىكى تورۇسقا تىكىلگىنىمچە تىكىلگىنىمچە جىمجىت ياتماقتا ئېدىم. بوينۇمدىكى تىرناق ئىزلىرىنىڭ قەرەللىك ئوت ئېلىشلىرى كۆزلىرىمنى يۇمۇلۇپ كېتىشىتىن سەگىتىپ تۇراتتى.
       ھايات شۇنداق بولسا كىرەك، كىشىگە ھەرخىل قاتلامدىكى ھەر خىل مىجەز-خاراكتىرگە ئېگە كىشىلەرنى ئۇچراشتۇردىكەن. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ھەر ھەر جايلاردىن كېلىپ بىر يەرگە جەم بولىدىكەنمىز. مۇشۇ ھەرخىللىقلار ھاياتنى موللاشتۇرۇپ تۇرمۇشنى رەڭدار قىلسا، شۇ رەڭدارلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى ھېس-تۇيغۇ، ھايات يەكۈنلىرى ئادەمنى يەنە ھەر خىل كويلارغا سالدىكەندە، بەزىلەرنى شۈكىرسىزلىك يولىغا باشلاپ ئۇنى تېخىمۇ ئاچكۆز، تېخىمۇ نەپسانىيەتچى قىلىۋىتىدىكەن. يەنە بەزىلەرگە قانائەتچانلىقنى دوسىت قىلىپ ئۆزىنىڭ كۈنىگە شۈكرى دېگۈزىدىكەن. تولۇق بىرنى تاماملىغان يىلى تەتىلدە مۇختەرنىڭ ئۆيىگە چىقىپ نىمىلەرنى كۆرگەن، نىمىلەرنى ئويلىغان ئىدىم؟ شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن قانداق تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن؟ مەيلى ئۇرۇشسۇن ياكى تىللاشسۇن بىز يەنىلا مۇشۇ كىچىك «ئائىلە»مىزنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئېدۇققۇ. شىخۈي نېمىشقا ياتاققا قايتىپ كەلمەيدىغاندۇ؟ جاراھەتلەنگەن يۈزىگە قاراپ شىياۋمانىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئورۇنغا مۈكىنىۋېلىپ ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتامدىغاندۇ؟ ھەي........شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندە خۇددى ئاقار يۇلتۇزدەك كۆز ئالدىمدىن يالىت-يۇلىت قىلىپ ناھايتى تىزلا يوقىغان  مۇختەر زادى نەگە بېرىپ نەگە كېتۋاتقاندۇ؟ ئەگەر چىڭدۇدا ئوقۇغان بولسا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان نېمىشقا مېنىڭ دېرىكىمنى قىلمىغاندۇ؟ ئەگەر ئۇقۇمىسا ئۇ يەرگە نېمىگە بارىدۇ؟  ھەي رەھىمسىز پەلەك، ماڭا بۇ سۇئاللرىمغا جاۋاپ ئېلىشقا پۇرسەت بەرمەيدىغان نىيىتىڭ بولسا، مېنى ئازاپلاپ قايتىدىن قوقاسقا تاشلىغۇچە ئۇنى شۇ ئېلىپ كەتكەنچە ماڭا مەڭگۈ كۆرسەتمىسەڭ بولماسمىدى؟!  ئاھ..........
       شۇخىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇيقۇغا غەرىق بولدۇمكىن تاڭ ئەتىسى نامازغىمۇ تۇرماي سائەت ئونغىچە ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. شىياۋمانىڭ تۈرتىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندىم دە دەررۇ كىيىم-كېچەكلىرىمنى كىيىپ  تەييارلىق قىلىدىم. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئىككىمىز ئالدىن كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە يۈجۈڭ ناھىيىلىك مەركىزى دوختۇرخانىنىڭ تېرە بۆلۈمىگە مەسلىھەت سوراپ دورا ئالغىلى باردۇق.  دوختۇرخانىغا ئۈمىد بىلەن كىرگەن شىياۋما سالپايغان ھالەتتە قايتىپ چىقتى. مەن ئۇنىڭ بۇ سۇلغۇن تۇرقىغا قاراپ نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمەي تەمتىرەشكە باشلىدىم. دېمىسىمۇ ئۇنىڭغا بەكلا ئەلەم بولغانىدى. مېنىڭغۇ تاتلانغان ئىز بوينۇمدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران ئىككى ئۈچ يەردىلا، دوختۇرمۇ تۈجۈبىلەپ پەرۋىش قىلىپ بەرسە بۇيۇندىكى ئىز تەپسىلىي قارىمىسا چانمىغۇدەك دەرجىدە ئەسلىگە كېلىدۇ دەپ  كۆڭلۈمنى خېلى ئەمىن تاپقۇزۇپ قويدى. ئەمما شىياۋمانىڭ بويۇنىدىن باشقا يۈزلىرىمۇ پۈتۈنلەي تاتلاپ قانتىۋىتىلگەن ئېدى. دوختۇر ئادەمنىڭ تىرنىقىنىڭ زەھىرى ئىت چىشىنىڭ زەھرىدىن قېلىشمايدۇ. يۈز تېرىسى ناھايتى زىل بولىدۇ. شۇڭا خۇددى ئىت چىشلىۋالغان جايدا تاتۇق يوقىمىغاندەك يۈزدىكى تاتلانغان جايلارنىڭ ئىزى يوقمايدۇ، ئوپراتسىيە قىلىپ تۈزەتسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا دەپ ئۇنىڭ قايتىدىن پىلدىرلاشقا باشلىغان ئۈمىد شامىنى مىجىپلىۋەتتى. شۇندىمۇ مەن ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈردىغان بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ئىسمىنى ئاڭلىغان تارتۇق  يوقۇتۇش تېرە ئاسراش دورىللىرىنى ئېلىپ قايىتتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر ماۋسۇمنى دەرىس ئوقۇغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئەينەككە قاراش بىلەن ئۆتكۈزىۋەتتۇق. ئاسىيە ئىككىمىز شۇنچە تىركەشكەن بولساقمۇ شىخۈي بىلەن شىياۋمانىڭ ئوتتۇرسىغا ئىللىق ئېقىمنى زادىلا باشلاپ كىرەلمىدۇق. شىخۈي ئۈچى بىرلىشىۋالغاچقا ياتاققا مەن باش تىققۇدەك ئىمكان قالمىدى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك. ھېلقى ئاخشىمى چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ ئاساسەن ياتاقتا تۇرماي سىرىتقا ماكانلىشىۋالدى.  
     تۆتىنجى يىللىقنىڭ بىرىنجى ماۋسۇمىدا ئۆزۈمنىڭ كەسپى سەۋيىسىنى پۇختىلاشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن مەن مانا مۇشۇنداق زىدىيەتلەر، پىكىر يولۇمنى بۇزىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر ئىچىدە ھېلى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، ھىلى بۇنىڭغا ئىددىۋى خىزمەت ئىشلەپ دىگۈدەك گاڭگىراش ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇم.  ھەش-پەش دېگۈچە تېخى ئۆيگە، سىڭلىمغا  قانماي تۇرۇپلا قىشلىق تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتىم يېتىپ كەلدى. دادام بىلەن ئاپام يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمىزغا شۇنچە گەپ قىلىپمۇ مېنىڭ يۇرىتتا پىراكتىكا قىلىش ئىشىمنى ھەل قىلالماي ئاخىرى ئىلاجىسز مەكتەپكە يولغا سېلىپ قويۇشتى. مەكتەپكە كېلىپ نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىز شەھەرگە كۆچۈپ كېلىپ بىزنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلىك كوچا باشقارمىسىدىكى پاراكتىكا بازىسىدا ياتاقلاشتۇق. بۇ يەردىكى مەمۇرى خادىملارنىڭ كۆزىگە ئاسىيە قاتارلىق نەچچىمىز شۇنچە قىزىق كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، قىلىدىغان ئىشى بولمىسىلا قېشىمىزغا كىرىپ شىنجاڭ ئۇنداقمۇ، ئۇيغۇرلار بۇنداقمۇ دەپ  بىزنى گەپكە سالاتتى. بىز شۇنداق قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرۈپ ھېچقانداق ئەمەلى تەجىربىگە ئېرىشمەيلا  پاراكتىكىمىزنىمۇ ئاخىرلاشتۇردۇق.  ياتاق كۆچىدىغان كۈنى ئايۇپ نەدىن بىلدىكىن تۇيۇقسىزلا پاراكتىكا رايۇنىدىكى ياتىقىمىزنىڭ ئالدىغا ئۈنۈپ قالدى.
       -ئاداش، سەت تۇردۇ دەيمەن. ئالايتەن سېنى ئادەم ئىتىپ كەپتۇ. ئۇنداق بۇيۇن قاتتىقلىق قىلما. ھېچبولمىغاندا چىرايىڭنى ئېچىپ سالام قىلىپ قويغىن.
       -ۋاي بولدى قىلە ئاداش.
       -ئەجىبا سەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغانما؟ ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمە. شۇنچە ۋاقىت ياخشى ئۆتكىنىڭ يۈزىنى قىل.
       -بولدى قىلامسەن يا ئاسىخان!-كۆڭلۈمدە چاندۇرماي  ئاسىيەگە دوق قىلىپ كەيپىنى ئۇچۇرماقنى خىيال قىلغانىدىم. ئەمما ئۇنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىردىنلا ئىرادەمنى سۇسلاشتۇرۇپ ئوي-خىيالىمنى ئاشكارلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇرۇنلا ئۇنىڭ بىلەن ئارىنى ئېنىق قىلىۋىتىپ ئادەتتىكى تۇنۇشلاردەك سالام-سائەت قىلىشىپ ئۆتۈش نىيىتىگە كەلگەن ئېدىم. لىكىن بۈگۈن پۇرسىتى كەلگەندە دوسىتلىرىم ئالدىدا ئەتەي ئەركىلەپ نازىنىۋالغانىدىم. ئاسىيەنىڭ زورلاشلىرى بىلەن ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىپ قالدىم.  ئۇمۇ ئۆزى ئۈسىتدە خېلى ياخشى ئويلانغان بولسا كېرەك، ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن كەچۈرۈپ سورايدىغانلىقىنى، ئەمدى مېنى يارىشىپ قېلىشقا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى، مۇمكىن بولسا مەن بىلەن ساۋاقداشلارچە مۇناسىۋەتتە ياخشى ئۆتكۈسى بارلىقىنى ئېيىتتى.  شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ئارىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، تۈگۈنلەرنى كەينىمىزگە چۆرىۋىتىپ قايتىدىن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتتۇق.
       « ئاداۋەت ۋە نەپرەت ھېچكىمگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، سىزگە ۋە ياكى قارشى تەرەپكە. كۆۋرۈك بولۇڭكى ھەرگىز دەريا بولماڭ.①» كۆڭلى-كۆكسىڭىز ئالەم سىغقۇدەك كەڭرى بولسۇن، ئەگەر كۆڭلىڭىز ئازراقلا كۆڭۈلسىزلىكنى، ئۇقۇشماسلىقنى، ھاقارەت ۋە ئادەۋەتنى چۆكتۈرۋىتەلمىگۈدەك تار بولسا بۇلار توپلىنىپ ئاخىردا  ۋۇجۇدىڭىزنى تاتلايغان داشقالغا ئايلىنىدۇ-دە پەقەت كۆڭلىڭىز زىدە بولىدۇ خالاس. «خاپىلىق ئويلاشتىن كۆپىيىدۇ،سەبىر قىلسا تۈگەيدۇ، شۈكرى قىلسا خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ.②» شۇنداق، مەن يۇقارقى بايانلاردا ئېيتىلغاندەك ئۆزۈمنى ئازاپنىڭ، نەپرەتنىڭ، ئادەۋەتنىڭ ئىشكەللىرىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقىم، نەچچە كۈنلا ئۆمۈر كۆرىدىغان بۇ ئالەمدە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ ئۆزۈمنىمۇ ئۆزگىنىمۇ قىيناپ ياشاشنى خالىمىغانلىقىم، ھەربىر ئىنسانغا گۈزەل تەرىپىمنى كۆرسىتىپ ياخشى تەسىر بېرىپ  ئۆتۈشكە تەلپۈنگىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايتىدىن دوسىتلۇق قولۇمنى سۇندۇم.
       تۆت يىلنىڭياقى تۈزۈكرەك گەپلىشىپمۇ ئۆتمىگەن  ساۋاقداشلىرىمغا ئەمدى قىيالماي قېلىۋاتاتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپرەكى خەنزۇ ۋە باشقا ئىچكىر ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئازسانلىق مىللەت بالىلار بولغاچقا مۇشۇ ئايرىلساق قايتا كۆرۈشمىكىمىز ئاساسەن مۇمكىن بولمايتى. شۇنداق قىلىپ بىز باكلاۋۇر كېيىمىنى نەچچە كۈنگىچە كېيىپ مەكتەپتىكى ئۆزىمىز ياقتۇردىغانلىكى يەرنىڭ ھەممىسىدە ئايرىم-ئايرىم سۈرەتكە چۈشۈپ يۈردۇق. ئارزۇيىمىزنىڭ ئەكسىچە ۋاقىت ئۇچقاندەك چېپىپ بىزنى ئايرىلىش يېرىنىڭ لىۋىگە قىستاۋاتاتتى. بىز ماڭىدىغان كەچقۇرۇنلۇقى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمىز ۋە سىنىپ مەسئۇلىمىز بىز بىلەن بىللە كېچە ئۆتكۈزدى. بىز ياتاقنىڭ كوچىسىغا  سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپ پۈتۈن بىركېچە يىغلىشىپ چىقتۇق.
       -قايسى يىگىتنى خىيال قىلىپ ئۇخلىيالمىدىڭ؟ -سىڭلىمنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئېسىمنى يىغدىم ۋە ئۇ تەرەپكە بۇرۇلۇپ:
       -ئەمىسە سەن قايسى يىگىتنى چۈشەپ ئويغىنىپ كەتتىڭ جىنتەك؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭ سۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ.
       -ئەتە كېتەمدۇق ئاچا؟
       -ھېچ بولمىغاندا چۈشتىن كېيىندە بولسىمۇ قوزغىلىپ كەتمىسەك بولمايدۇ. ئاپام دادامنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ كەتتۇق بۇ چاغقچە. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن كەلگىلىمۇ ئۇزۇن بولمىدى. تۇغقانلارنىڭ تاقىتىمۇ-تاق بولدى ھەقىچان كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ.  شۇڭىچۇ ئوماق سىڭلىم، ئەمدى جىق گەپ قىلىشماي ئۇخلايلى.ئەتە ئاپتۇبۇستا يەنە ئۇخلىۋالساڭ يەكەنگە بېرىپ بولغۇچە ساراڭ بوپ قالماي مەن يەنە.      
       – ئىككىمىز ئورۇنىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ بىللە ئۇخلايلىچۇ ئاچا، تىز ئۇخلاپ قالىمىز. ماقۇل دىگىنە!
       -ماقۇل، لىكىن شەرىت شۇكى ئەتىگەنلىككە مەن تۇرغاندا سەنمۇ تۇرىسەن.ئەمدى تاۋىڭ قانداقراق؟
       -ۋاي قۇشۇلساملا بولىدىغۇ، بۇلە چاققان ھە، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇخلايلى.
        چۇرۇقلاشقىنىمىزچە ئۆيگە كىرىگىنىمىزنى كۆرگەن ئاپام بىزنى ھېلى باغرىغا بېسىپ، ھېلى ئەھۋالىمىزنى سوراپ پايپىتەك بولۇپ كەتتى. چىرايىمدىكى خاتىرجەملىك ئىپادىللرى ئۇنى خۇشال قىلغان بولسا كېرەك بۈگۈن كەچ بىز ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى. گەپ قىلىش خۇمارى تۇتقان سىڭلىم ئاران بىر تاپقان ئاڭلىغۇچنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىماي ئۇنڭغا چىڭ ئېسلىۋېلىپ بولغان ئىشلارغا ئىش قوشۇپ ھاياجان بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ يوقنى بار قىلىدىغان، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈپ سۆزلەيدىغان قىلىقلىرىغا چىدىماي قالغان مەن ئەتەي چىشىغا تېگىش ئۈچۈن:
       -قاچانغىچە چوڭ بولمايدىغانسەن سەن تەنتەك. كىيىن كىممۇ يارىتار سېنى،تازىمۇ بىر باش ئاغىرقى بولدىغان بولدۇڭدە.  قانداقمۇ قىلامىز؟-دېدىم.
       -تۇلا مەن بىلەن قالماي ئاۋال ئۆز غېمىڭنى قىلغىنە بىر- ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېتىپ مېنى قۇغلاپ كەتتى، مەن ئۇ ئاتقان نەرسىلەرنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ ئاتقان پېتى قاچتىم. شۇنچە تىركەشكەن بولساممۇ  ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭغا ئەسىرگە چۈشتۈم.   
       -داداڭلار كەلدى!!
      پومداقلىشىپ كەتكەن ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەننىڭ قىلىقلىرغا قاراپ ئامالسىز قالغان ئاپامنىڭ « داداڭلار كەلدى» دېگنىنى ئاڭلاپ دەررۇ ئورنىمىزدىن تۇرۇشۇپ ئۆزىمىزنى تۈزەشتۈرۈپ جىمجىت ئولتۇردۇق. ئەمما خېلى بىرھازاغىچە قاراپ تۇرغان بولساقمۇ  دادامنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمىدى. بىز ئاپامنىڭ بىزنى ئالدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلدۇق.
     -ئالدامچى!!!! ئالىدىغانغا تۇيىڭە ئەمدى، ھاھاھا...........لالالا..........
      چاۋاك ئاۋازىدىن چۆچۈپ  ئاپامنى قىچىقلاشتىن توختاپ بېشىمىزنى كۆتۈردۇقتە، ھەيرانلا قالدۇق. كۆز ئالدىمىزدا باشقا بىرى ئەمەس بىزنىڭ تايانچىمىز، ئۆيىمىزنىڭ قىممەتلىك گۆھىرى دادام تۇراتتى. ئاينىگار ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ دەقىقە قارشىۋالغاندىن كېيىن «دادا» دەپ ۋارقىرغىنىمىزچە ئۇنىڭغا تەڭلا «ھۇجۇم» قىلدۇق.
       سەككىزىنجى ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا بىز ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرىۋالدۇق. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىگە ئاساسەن يۇقرى نۇمۇر بىلەن ئۆتكەن ئاسپارانىتلىق ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ خىزمەت چۈشىنى كۆرۈپ يۈرگەن قەدىناس دوستۇم ئاسىيە ئۆز ئارزۇسى بويىچە قىزىلسۇ ۋىلايەتلىك ئۈچىنجى ئوتتىراغا تەقسىم قىلىنغان، مەن بولسام ئۆزۈم ئىمتاھان بەرگەن يەكەن ناھىيىلىك ئۈچىنجى ئوتتىرا مەكتەپ تەرپىدىن يېزغا چۈشۈپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا رۇقىيە ھەدەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن مۇختەرنىڭ ئانا مەكتىپى يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپكە تەڭشەلگەن بولۇپ، ۋاقتىنچە توختامنى شۇلار بىلەن تۈزۈشمگە توغرا كەلگەن ئېدى. گەرچە مائارىپ ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىم مېنىڭ ئۇ يەردە ۋاقىتلىق چېنىقىدىغىنىمنى، كۆپ ئۆتمەيلا 3-ئوتتىراغا قايتىپ چىقىدىغانلىقىمنى ئېيىتقان بولسىمۇ، توختامنى يېزىدىكى مەكتەپ بىلەن تۈزگىنىمدىن جارىغاندا ئۇ يەردىن ئالدىراپ يۆتكەلمەيدىغانلىقىم ئېنىق ئېدى. شۇڭا بۇنى دادام-ئاپاملارنىڭ مەسلىھەتىگە سالغاندىن كېيىن بىر نەرسە دېيىشنى لايىق كۆرۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.  دادام بىلەن ئاپام بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاۋال توختام تۈزۈپ شۇيەردە بىر مەزگىل ئىشلەپ تۇرۇشىمنى، قالغان ئىشلارنى ئاستا-ئاستا ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

  [ ئىزاھات:    قوش تىرناق ئىچىدىكى ②① مەزمۇنلەر قەلەم ئېگىسىنىڭ ئۆز تەپەككۇر دانچىسى بولماستىن كۆچۈرۈلمە بايانلاردۇر.]


(4)


        -بۈگۈن نېمە تاماق قىلىمىز ئاپا ؟
        -چۆپ ئىتەيلىكىمكىن دېگەن بالام.
        -ۋاي-ۋۇي، بىزنىڭ ئۆيدە قېرى ئادەملەر بولمىغاندىكىن تارىدەك تارتىپ ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپ يىسەك بولمامدۇ؟!!
         ھۇجرا ئۆيدە نەرسە-كېرەكلرىنى رەتلەۋەتقان سىڭلىم خۇددى مەخسۇس مېنىڭ مۇشۇ گېپىمنى تىڭشاپ تۇرۋاتقاندەك دۈررىدە يۈگۈرۈپ چىقتى ۋە :
         -قاچانلا قارىسا لەغمەننىڭ جىدىلىنى قىلدىكەنسە بىرەر قېتىم بولسىمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئويلاپ قويماي، سىزىك بولدۇڭمۇ يا؟-دەپ گۆلەيدى.
         -ھاي بالام، دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان تۇرۇقلۇقمۇ شۇنداق چاك باسماس گەپلەرنى قىلامسىز دەيمەن. ئاچىڭىز نەچچە كۈندىن كىيىن تەربىيلىنىشكە ماڭىدۇ، شۇڭا لەغمەن قىلساقمۇ قىلايلى، دادىڭىزمۇ ئامراق بولغاندىكىن. – سىڭلىم ئاپامنىڭ مۇئامىلىسىدىن تەڭسىزلىك ھېس قىلدى بولغاي قېيدىغانداك تەلەپپۇزدا:
         -ئاچام بىلەن داداملا بارغۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە، مەنمىغۇ ئۆگەي-چاقا ئەمەستىم بۇ ئۆيدە. ئاچام تەربىيلىنشكە بارسا ھەپتىدە قايتىپ كىلىدۇ. بىراق مەنچۇ؟ -دېدى.
         -بوپتۇ ئاپا،-دېدىم سىڭلىمنىڭ چىرايىدىكى پەرىشانلىقتىن بىر قىسمىلا بولۇپ. - بۇ ئاچپاقىنىڭ رايىغا باقايلى يولغا سېلىپ بولغۇچە.
        سىڭلىمنى ئۇزۇتۇش ۋە مېنىڭ ئىمتاھاندىن ئۆتكۈنىمنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بولسا كېرەك،تاماق ئىشىنى تالاش-تارتىش قىلىشىپ تۇرشىمىزغىلا ئۆيىمىزگە تۇغقانلار يېغىپ كەتتى. مەن ئەمدى ھەرگىز قازان بېشىغا چىقمايمەن، تەييارىقىمنى قىلىۋېلىپ ئارام ئالغاچ تاماقنىڭ تەييار بولۇشىنى ساقلايمەن دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئۆز گېپىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان ئاينىگار تۇغقانلارنى كۆرۈپ پۇت-قۇلى يەرگە تەگمەي يۈگۈرۈپ يۈرۈپ بىزگە ياردەملەشتى. ئۇنىڭ بۇنچە ئىشچانلىشىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىۋالغۇم كىلىپ دېدىم:
       -ھاممامنى كۆرۈپلا ھەجەپ ئوڭلۇقلىشىپ كەتتىڭيا خېنىم، مىرزاتقا باشقىچە نىيىتىڭ بارلىقى راسىت ئىكەندە قارىغاندا.
       -مەن ياردەملەشمىسەم ئىككى سۆرەمپالاش ئىش قاملاشتۇرشالامتىڭ. مەن ھاممامنى كۆرۈپ ئەمەس ئىككىڭنى چېنىپ يۈرمىسۇن دەپ پايپىتەك بولۋاتمەن. ھازىر مەندىنمۇ سەن خەتەرلىك بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ ئاچىخان بىلسەڭ ، شۇڭا ئەمدى ماڭا مىرزاتنى سايە قىلىۋەرمە.
       -ۋوي قانداق خەتەرلىك بولۇپ قاپتىمەن؟ نىمىلا دېگىنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئىككى تاغنىڭ كەينىدىكى ئىش.  يەنە كېلىپ ئىككىڭلار خۇدا قوشقان بىر جۈپلەرگە ئوخشايدىغان تۇرساڭلار.
       - پوقنى يەپسەن. ئوبدان ئويلاپ باق، مىرزات دېگەن ئاللىقاچان جەمىيەتتە بىر كىشلىك ماڭىدىغان يولىنى تېپىپ بولغان بالا. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنمۇ ھازىر خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ شاختىكى پىشقان مىۋە بولۇپ قالدىڭ. شۇڭا ئۇ ئىككىمىزگە قارىغاندا ئىككىڭلارنىڭ مۇمكىنچىلىكى زور تېخى.
       -مەندىن كىچىكلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆزۈڭدىن قاچۇرۇپ شۇنداق دەۋاتسەنغۇ شۇ، ئىككى يىل دېگەنمۇ بىردەمدە كىلىدۇ جۇمۇ.
       - كىچىك دەپ كەتكۈدەك ئۇنچىلىك كىچىكمۇ ئەمەسقۇ! لىكىن بۇ خىل ئىھتىماللىقنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ھامماملار تويغا ئالدىراپ قالسا ئاۋال سېنى سوقۇپ كېتىشى تامامەن مۇمكىن. –ئۇنىڭ قەتئىيلىك بىلەن ئېيىتقان بۇ سۆزلىرىدىن گۇمانىم كۈچىيىپ ئاستا سورىدىم:
       -ئاينىگار سەن بىرەرسنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىدىڭما بۇ گەپلەرنى؟
       -ياقەي، مەن ئۆزۈم ۋەزيەتنى كۆزىتىپ ھەقىقەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ چىقارغان يەكۈن بۇ.
       -خەپ ئاخشاملىققا مۇشۇنداق يەكۈن چىقارغىنىڭغا تويغۇزمايدىغان بولسام سېنى. –كەچقۇرۇنلۇقى مھمانلارنى ئۇزىتىشىپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرشۇپ يۇۋاشلاپ قالغان سىڭلىمغا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئورۇن راسلاپ بەردىم. يوتقانغا ئەمدىلا كىرىپ تۇرىۋىدىم سىڭلىم يېنىمغىراق سۈرلۈپ گەپ باشلىدى:
       - شۇنداق قىلىپ ئاپامنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەتتىم دېگىنە ئاچا؟
       -شۇنداق، نىمە بولدى؟
       -ھېچنىمە، خوش بۇلىۋاتىمەن شۇ.
       -ۋاي سەن نىمگە خوش بولۇپ كەتتىڭ ھوي خىزمەتنى مەن تاپقان تۇرسام؟
       -نېمىشقا خوش بولمايدىكەنمە ئۆيىمىزگە خىزمەتچىدىن بىرسى قېتىلغان تۇرسا.
       -شۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ.
       -ماڭا پايدا بوپتۇ شۇ. چۈنكى تۇرمۇش پۇلۇم كۆپىيىدۇ دە ئەمدى.
       -ھەجەپ تىزلا سوقۇپ بوپسەنيا چوتنى، ئاسىيەنىڭ ياتاقدېشى مەن تۇرسام ساڭا ھەجەپ سىڭىپ كېتىپتۇ ئۇنىڭ خۇيى. خاتىرجەم بول. ساڭا سىنىتمۇ بەرمەيمەن مەن. ئوقۇغۇچى دېگەن تىجەشلىك بولمىسا بولمايدۇ. –ئاغزىمدا شۇنداق دەۋاتقىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ كەپسىز سىڭلىمغا چىدىماي قېلىۋاتاتتىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنىم ئۈچۈن ياش تۆكۈپ باقمىغان كۆزلىرىم نېمە ئۈچۈنكىن بۈگۈن نەملەشكەن ئېدى. بۇرۇنلاردا مەكتەپتە بولغانلىقىم سەۋەپلىكمۇ ئۇنىڭ يوقلىقى ئانچە كۆرۈنۈپ كەتمىگەن ئېدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئوقۇشۇم پۈتۈپ ۋۇجۇدۇمنى قۇرغاقچىلىق چىرمىۋالغان شۇ زىرىكىشلىك كۈنلەردە ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ مېنى ئۆزىگە ئوبدانلا كۆندۈرىۋالغان بۇ خۇشاللىق ئەلچىسى بارچە شادىمانلىقنى، شوخ كۈلكىللىرىنى ئېلىپ يىراققا كەتمەكچى بولىۋاتاتتى. شۇ خىياللار بىلەن ئەتىگەنلىككە خۇپيانە ھالدا ئۇنىڭ ماڭا ناتۇنۇش بولمىغان كارتا نۇمۇرىنى قايتىدىن تېلفۇنۇمغا كىرگۈزىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ئۇيقۇغا غەرىق بولدۇم.
       ئۈرۈمچىدىكى ھەپتىلىك تەربىيلىنىشتىن كېيىن مەن ئۆزۈم تەقسىم بولغان مەكتەپتە ياتاقلىشىپ ئىشلىدىم. يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان مەزگىللەردە خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقتىن سەل ئەنسىرگەن بولساممۇ مەكتەپنىڭ پىشقەدەملىرگە ئايلىنىپ قالغان رۇقىيە ھەدەمنىڭ بىر قوللۇق يېتەكلىشى ئارقىسىدا تىزلابۇ يەرگە ماسلىشىپ ئىشلىرىمنى تەرتىپكە چۈشىرىۋالدىم. دەسلىپىدە قىلۋاتقان خىزمىتىمدىن دىگەندەك رازى بولمىغان بولساممۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنىڭ دەھشىتىدىن جەميەتتە ئوقۇغانلىرىنى ئىشلەتكۈدەك بىر كىشلىك ئورۇن تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگەنلەرگە  قاراپ ئۆز ھالىمغا مىڭ شۈكرى دېدىم. مەكتەپ مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم ۋە ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن مېنى خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىغا قويدى. مەنمۇ بۇ خىزمەتنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ ئۆزۈم مەسئۇل بولغان ئىككى سىنىپ ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە كىرىشتىم.
      ئوقۇش باشقا، ئارزۇ-ئارمان يەنە باشقا بولسا كېرەك. شۇنچە ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئوقۇش ھەلەكچىلىكىدە تارتمىغان جاپالارنى تارتىپ ئوقۇشنى تاماملىغان بىر سىتودىنىت ئاخىرقى ھىسابتا ئۆزىنىڭ كۆڭلى بويىچە ئەمەس،ئۆزى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن مىھرىبانلىرىنىڭ ئارزۇ يىپلىرىدا بۇغۇشلىنىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.  ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ ئېگىلىك تىكىشنى كۆڭلىگە پۈككەن مۇختەرنىڭ دوستى ئايۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۆمۈر تاۋاق غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزا ھەمكارلىق ئامانەت قەرىز كوپراتىپىغا ئورۇنلاشقان ئېدى.  ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن دوستۇم ئاسىيە بىلەن ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىپ يۈرۈپ كۈنلىرىم ئالدىراش ۋە مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلىدى.
       ھەش-پەس دېگۈچە بىر ماۋسۇم ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. تەتىل توشۇشقا ئاز قالغان بولغاچقىمىكىن سىڭلىمنىڭ راكىلداشلىرىدىن زىرىكىپ ھۇجرا ئۆيگە بىكىنىۋالىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىشقا چۈشۈشكە نەچچە كۈن قالغان بىر كۈنى ئىككىنجى ماۋسۇملۇق پىلانلارنى تۈزۈش ئۈچۈن ئاۋارە بولۇپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز ئاپام كىرىپ كەلدى ۋە مەن  تېخى خىيال قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن گەپتىن بىرنى سوراپ قالدى:
       -بالام، سىزمۇ چوڭلا بوپ قالدىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خىزمىتىڭىزمۇ تەل.  شۇڭا كۆڭلىڭىزگە پۈككەن بىرەرسى بولسا پۇراتقاچ تۇراسىز.
       -بۇياقتىن ئۇھ دەپ بولغۇچە ئۇياقتىن باش ئاغرىقى تاپقىلى تۇردىڭىزغۇ ئاپا! نىشان يوق. شۇڭا مېنى ئارامىمدا ئۆتكىلى قۇيىڭە بىر ئىككى يىل.
       -ئۇندا دىگىنىڭىز بىلەن يېشىڭىز كىتىپ بارىدۇ بالام بىر يەرگە. يەنە بىر ئىككى يىل كەينىگە تارىتسىڭىز ياخشى لايىقلار قولدىن كېتىدىغان گەپ. قىز بالىنىڭ ياشلىقى ئۈرۈك چىچىكىدەك بۇلىدۇ.......
       - بۇ گەپلەرنى كىيىنگە قالدۇرۇپ مېنى بىردەم ئىشىمنى قىلغىلى قۇيىڭە! - ئۇنى سۆزىنىڭ ئاخىرىنى قىلغىلىمۇ قويماي شۇنداق دېگىنىمچە مۈرىسىدىن ئىتتىرىپ چىقىرۋەتتىمدە ئىشىكنى چىڭ تاقىۋالدىم. ئاپام تۇرقىمدىن ھازىرنى سۆزلىشىشنىڭ پەيتى كۆرمىگەن چېغى مېنى قايتا ئاۋارە قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ گەپلەر شۇ بېسىلغانچە بىر مەزگىل بېسىلىپ قالدى. مەنمۇ خاتىرجەم خىزمىتىمنى ئىشلەپ، بوش ۋاقىتلاردا كۆڭلۈم تارىتقان دوسىتلىرىم بىلەن ئىزدىشىپ نەچچە ئاي ئەركىن ياشىۋالدىم.
    ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن يىغىلغان تۇنجى كۈنى ئىشخانىدا ئالدىراش تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتىم. بىرخىل جىددى كەيپىياتتا كىرىپ كەلگەن رۇقىيە ھەدەم مېنىڭ چۈشتىن كىيىن خىزمەتتىن قايتىپلا ئۇدۇل ئۆيگە بېرىشىم كىرەكلىكىنى، كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە مۇھىم  مىھمان كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. مەن پۈتۈن كۈن خىيال قىلىپمۇ ئۆيىمىزگە كېلىدىغان قايسى مىھمانلارنىڭ شۇنچىلىك مۇھىم ھېساپلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلالمىدىم. ئەمما ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراش قايتىپ كېلىپ ئۆيىمىزدە ئاللىقانداقتۇر بىر مىھمانلارنى ئەمەس ھاممامنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى كۆردۈم.  بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بىرلا يېرى بۇ قېتىم ھاممام مەن بىلەن بۇرۇنقىدەك بەخۈدۈك  ھالدا كىچىك قىزنى ئەركىلەتكەندەك ئۇيەر بۇ يىرىمنى چىمداپ نوقۇپ تۇرۇپ ئەمەس،خۇددى يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مىھمانغا سالام قىلغاندەك سىمىز بەدەنلىرىنى قىمىرلىتىپ ئالايىتەن ئورنىدىن تۇرۇپ سىپايە ھالەتتە كۆرۈشتى. پەقەت ھامماملا ئەمەس، ھامماملارنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسىنىڭ مۇئامىلىسى ئۆزگەرگەن ئېدى. ھەتتا  ئاپاملارمۇ  ئۇلارغا باشقىچە قىزغىن بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
       ئاخشىمى ئاپام، دادام ۋە مەن ئۈچىمىز بىر-بىرىمىزگە نېمە دىيىشنى بىلەلمەي بىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ جىمجىت ئولتۇرۇشۇپ كەتتۇق. بىر پەس سۈكۈناتتىن كىيىن دادام ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.  مەن خۇددى توك سۇقىۋەتكەن ئادەمدەك بۇ تاسادىبىيلىقتىن ھۇشۇمنى يۇقىتىپ سىزىمسىز ھالەتتە كومشىيىپ ئولتۇراتتىم.
    ھاممامنىڭ كىچىك ئوغلى مىرزات مەندىن سەل كىچىك بولۇپ تېخنىكومنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۆز ئارزۇسى بويىچە يىزا بازىردا تاللا بازىرى ئاچقان بولۇپ ھازىر تىجارەت دائىرىسىنى ناھىيەگىچە كىڭەيتىپ ناھىيە بىلەن يىزا ئوتتىرسىدىكى بىر قانچە تارماق دۇكان ئارسىدا چېپىپ يۈرەتتى. كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاپام بىلەن ھاممام ئاچا-سىڭىل ئىككىسى چاقچاق قىلىشىپ، مۇراتكام بىلەن مېنى، مىرزات بىلەن سىڭلىمنى چىتىۋالاتتى. بىراق بۈگۈن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن مىرزاتقا سىڭلىمنى ئەمەس مېنى سوراپ كەلگىنى قىززىق ئېدى.  
       -بۇنداق جىم تۇرۋالماڭ بالام، مەيلى قانچىلىك ۋاقىتتا كاللىڭىزدىن ئۆتسە شۇنچىلىك ئويلىنىڭ، بىراق رەت قىلسىڭىز بولمايدۇ. تىلىمىزنى بۇنداق تۇتماڭ.
       -نېمىشقا مەن بىلەن ئالدىن مەسلىھەتلەشمەيسىلەر؟ مەن خەۋەرسىز مۇشۇ ھالەتكىچە ئەكىلىپ بولغان ئادەم ئەمدى مېنىڭ كۆزۈمگە قاراۋاتامسىلەر؟ مەندىن شۇنداق زىرىكىپ كەتكەن بولساڭلار يىزىدىن قايتىپ چىقماي ئىشلەۋەرسەم بولىدىغۇ...
       -بالام، سوغوققانراق بولۇڭ، سىزدىن سورىماي ئىش قىلىۋاتقان گەپ يوق. مەن مۇشۇنداق گەپ چىقىپ قېلىشىنى پەملەپ تەتىلدە بېشىڭنى ئاغرىتىغان گەپلەرنى چىقىرىپ باقتىم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاچاملارنىڭ بۇ توغىرلىق ئېغىز ئېچىشىمۇ مۇشۇ. قالغىنىنى سىزمۇ بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھۇش-كاللىسى جايىدا ئادەم بولغاندىكىن ئوبدانراق ئويلىنىپ باقارسىز. – ئاچچىقىمدا گەپ-سۆزمۇ قىلماي ھۇجرامنىڭ ئىشكىنى يېپىپ كىرىپ كەتتىم. يۇغان ھۇجرىدا يالغۇز جىمجىتقىنا ياتىمەن،كاللامدا لىققىدە خىيال.  بىر كۈن ئۆرە تۇرۇپ دەرىس سۆزلەپ ھېرىپ كەتكىنىمگە قارىماي كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كەلمەيۋاتاتتى.  بۇ ئىشقا قارشى تۇرۇپ ئارىدا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلسام بولمايتى،ھەم قارشى چىققۇدەك ئوبدانراق بىرەر سەۋەپ، ھېچ بولمىسا ئاپام ئېيىتقاندەك ئالدىن ئويلىشىپ قۇيغان بىرەر نىشانىممۇ يوق ئىدى. ماقۇل دەي دىسەم ئىچىمدىكى بىر بوشلۇق مېنى قىيناپ تىلىمنى قورۇيتى. ئۆيدە شۇنچىلىك ئىككىلىنىش ئىچىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئەتىگىنى ئاپاملارنىڭ يەنە شۇ گەپنى چىقىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ناشتىمۇ قىلماي مەكتەپكە چاپتىم.  
       بارا-بارا ئاپامنىڭ «ماڭا بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭلار.»دەپ يالۋۇشلىرىمغىمۇ قارىماي كوتۇلداۋرىشتىن قورقۇپ ئۆيگىمۇ بارغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ قېتىملىق«مىھمان»كۈتىۋېلىشتىن كىيىن بىر ھەپتىسى ئاسىيەنىڭ قېشىغا كەتسەم يەنە بىر ھەپتىسى باشقا مۇھىم يىغىنلىرىم چىقىپ قالغىنىنى باھانە قىلىپ دېگۈدەك نەچچە ھەپتىدە ئاران بىر قېتىم ئۆيگە قايتىدىغان بولىۋالغانىدىم. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بىر نەچچە ئاي قۇلىقىمنى يۇپۇرۇپ يۈرگەن بولساممۇ خۇددى قەغەز بىلەن چوغنى يۇشۇرغاندەك بۇ تىنىچلىق ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى.
       -چىرررررررررررررررررررررررررررررر، چىرررررررررررررررررررررررر................
       كۈچ بىلەن چىرقىراۋاتقان يانفۇنۇمنىڭ ئاۋازى مېنى سەگىتتى. دەررۇ كۆزۈمنى ئۈستى تەرپىمدىكى ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ جاھازىغا ئالدۇرۇپ ئېسىۋالغان تام سائىتىگە تىكتىم. خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ ھېچنىمىنى تۇيمىغىنىم بىلەن سائەت ئاللىقاچان بىر يېرىمدىن ئېشىپ بولغان ئىدى. بىر ئاز قورقۇنىچ ئىچىدە تېلىفۇن ئېرىمدىن كەلگەن بولسا كېرەك دىگەن ئۈمىد بىلەن كارۋات ئۈستىگە تاشلاپ قويغان تېلفۇننى ئالدىراپ قولۇمغا ئالدىم. ئەمما ئىكراندا كۆرۈنگىنى ئۇنىڭ ئەمەس يەڭگەمنىڭ نۇمۇرى ئېدى:
       -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاچا!
       -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم، ئىنىمگە ئازراق ھادىسە يىتىپ قاپتىكەن. ئاكىڭىز ئىككىمىز ھازىر شۇ يەردە. ئەگەر كېلەلىسىڭىز ئۆيدىكىلەرگە تۇيدۇرماي شاققىدە چىقىڭ. بولمىسا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ ئارىمىڭىزنى ئېلىۋىرىڭ ئەھۋال بەك ئېغىر بولمىغاندىكىن ھەم ئىككىمىز يېنىدا بولغاندىكىن. سىزنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ ئەھۋالدىن خەۋەر قىلىپ قوياي دېدىم.
        ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بۇ شۇم خەۋەردىن ئېسىمنى يوقىتىپ، ئۇنىڭغا خوشمۇ دەپ قويماي ئالدىراپ جاندۇنۇشقا باشلىدىم. ئويلىغانسىرى جىددىيلىشىپ ئۈستۈمگە بىر تاغ يىقىلغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.  چۈنكى نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر خىزمەتدېشىمنىڭ ئەمدىلا توي قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان ھەمراھى قاتناش ھادىسىدە قازا قىلىپ كەتكەن، خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمىدىن يېڭىلا ئازاد بۇلۇپ تۇرغان 27ياشلىق ئۇ قىز چىچەك چېغىدىلا تۇل قالغان،تېخى تىلى چىقمىغان گۈدەك ئوغلى كىچىك تۇرۇپلا تىرىك يىتىم بولغان ئېدى. ئۆلۈم كۈنى ئۇنىڭ يىغىسى ھەممىزنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەنىدى.  شۇ تاپتا مەن يېڭى توي قىلىپلا بۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغىنىمدىن ئوجۇقۇپ كېتىۋاتاتتىم. شۇڭا باشقىلارنىڭ ھەيرانلىق بىلەن قاراشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چىققىنىمنچە ئېرىم ياتقان ياتاق تەرەپكە ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئالدىمغا چىققان يەڭگەم بۇ تۇرقۇمنى كۆرۈپ قەدىمىنى ئىتتىكلەتتى.
       -ئۇ قېنى؟ ئەھۋالى قانداقراق؟ ھۇشىنى بىلەمدۇ؟ -سوردىم ئالدىراپ.
       -ھۇدۇقماڭ. ئۇ ناھايتى ياخشى، ئويلاپ باقمامسىز؟  ئۇنچىلىك ئېغىر بولىدىغان بولسا ئۆيدىكىلەرگىمۇ خەۋەر قىلغان بولاتتۇق...-ئۇنىڭ كىيىنكى گەپلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي ئالدىراپ كىسەلخانىغا كىردىم. ئېرىم كارۋاتتا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ ئولتۇراتتى. لىكىن ئۇ ماڭا بىر كۈندىلا شۇنچىلىك جۈدەپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
       -خۇددى مەن سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندەك قىلىپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ، ۋۇ تەنتەك قىز. چىقىپ ئاكام بىلەن يەڭگەمنى يولغا سېلىپ قۇيۇپ كىرىڭ، ھېلىمۇ بەك ھايالىشىپ كەتتى. بالدۇرراق بېرىم ئارام ئالسۇن. ئەتە ئىشقا بارمىسا بولمايدۇ تېخى.-ئۆزىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرگىنىمدىن مىننەتدار بولماقتا يوق ئەكسىچە مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقان ئېرىمگە قېيداپ ئاچچىق بىلەن بىرنى ئاليىۋەتكەندىن كېيىن يەڭگەملەرنى ئۇزاتقىلى ماڭدىم.  
       ھايىت-ھۇيىت دېگۈچە يولدىشىمنى دوختۇرخانىدا بېقىۋاتقىلىمۇ ھەپتىگە يېقىن بولۇپ قالغاندى. نەچچە كۈندىن بېرى ھېلقى كۈنى ئاخشىمى ئالدىراپ كارىدۇردا ئانچە دىققەت قىلماي ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ماڭا شۇنچىلىك تۇنۇش بىلىنىپ كەتكەن بىرسىنىڭ زادى كىملىكىنى ئويلاپ تاپالماي ئاۋارە ئېدىم. بۈگۈن چۈشتە ئۇنىڭغا تاماق ئەكىرۋاتقىنىمدا يولدىشىمنڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان مۇختەرنى كۆرۈپ مەن ئەسلىيەلمەيۋاتقان كىشىنىڭ ھەم ئېرىمنى يارلاندۇرغان ئادەمنىڭ دەل ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.  دۇنيا نېمە دېگەن تار ھە؟! تەقدىرنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىزنى بىر-بىرىمىزگە زار قىلىپ يەتكۈچە قىيناپ، ئاخىردا يەنە رەھىمسىزلەرچە ھەريانغا تاشلاپ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يەنە مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلغىنى قىززىق. مۇختەر ۋە ئېرىمنىڭ ئالدىدا ئېسىمنى يوقىتىپ ئوسال ئەھۋالغا قېلىشتىن قورقۇپ تىز سۈرئەتتە ئاۋالقى تەمكىن،خۇشال ھالىتىمگە قايىتىپ يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدىم ۋە ئىشكتىن چىقىشقا تەمشىلىۋاتقان ئۇنىڭغا چاندۇرماي ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ ئۆتۈپ كەتتىمدە ئۇدۇل ماڭا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ھەمرايىمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆيدە ئۆز قولۇم بىلەن ئېتىپ ئېلىپ كەلگەن تاماقنى چاققانلىق بىلەن تومپۇچكا ئۈستىدىكى كىچىك چىنىگە بۆلۈشكە كىرىشتىم.


(5)


       ئونىنجى ئايدا دۆلەت بايرىمىدىن پايدىلىنىپ رۇقىيە ھەدەم ئىككىمىز ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى يوقلىغاچ ئويناپ كېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندۇق. تېخى ئوقۇشقا بارغىلى ئەمدىلا بىر ئايچە بولغان كىچىك رەپقەت كۆنەلمىدىم دەپ  تۇلا يىغلاپ بېشىمىزنى ئاغرىتقىلى تۇرغان ئېدى. مەن كىچىكلا ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇشنىڭ تەمنى ئوبدان بىلگەچكە ئۇلارغا بالىنى كۆز ئالدىدىراق تۇرغۇزۇپ ئوقۇتۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولساممۇ،ھەدەمنىڭ يولدىشى:«شۇنچە ئادەملەر تىلەپمۇ ئېرىشەلمەيۋاتقان پۇرسەت تۇرسا بۇ.»دەپ جاھىللىق قىلىپ يۈرۈپ ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپىغا يولغا سېلىپ قويغان ئېدى. دادام-ئاپامنىڭ مېنىڭ ئويناپ كېلىشىمگە بۇنچە تىز قوشۇلىشىدا ئالاھىدە سەۋەپلەر بارلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن. ئۆيدە ئاپامنى ئاران بېسىقتۇرسام بۇ يەرگە كېلىپ نەچچە كۈن بۇلار بولمايلا رۇقيە ھەدەم كوتىلداشقا باشلىدى:
       -تۇرمۇش ئىشىڭىزنى ئويلىشىپ بولدىڭىزمۇ؟
       -جېنىم ھەدە مېنىڭ بۇنچە ئالدىراپ تۇرمۇشقا چىققۇم يوق.
       -نېمىشقا؟ ھازىر چىقمىسىڭىز كېيىن ھامىنى چىقىسىزغۇ بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتكىلى بولمىغاندىن كېيىن.
       -نىمە بالاغا قالدىم مەن؟ تېخى ئوقۇش پۈتتۈرگنىمگە ئەمدىلا بىريىلدىن ئاشتىغۇ، نىمە ھەممىڭلار ئەتىدىدىن-كەچكىچە كۆزۈمگە كىرۋالىسىلەر؟
       -ھەي نادان سىڭلىم، بىزمۇ شۇ سىزنى دەپ بولمامدۇ. ئاپىڭىزغا دېيىشتىن خىجىل بولغان بولسىڭىز ماڭا دەڭ، كۆڭلىڭىزدە كۈتىۋاتقان باشقا بىرى بارمۇ، يا مىرزاتنى ياقتۇرمامسىز؟ ۋە ياكى ئاق ئاچاملارنىڭ (ئۇ ھاممامنى شۇنداق ئاتايتى.) ئۆيىدىكىلەر بىلەن خۇشىڭىز يوقمۇ؟- دەماللىققا ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم.
       -بۇ گەپلەرنى سىز تۈنۈگۈن، بۈگۈنننىڭ ياقى ئاڭلاۋاتقان بولمىغاندىكىن ئارتۇقچە گەپ ئەگىتىپ يۈرمەي مەقسەتنى ئۇدۇللا دەۋىرەي. ئاپىڭىزنى تۇلا سۆزلىتىپ قايتا ئېغىز ئاچقۇدەك يۈزىنىمۇ قويمىدىڭىز، تۇغقانلار ئارسىدا دادىڭىزنىڭمۇ تىلى قىس شۇ تاپتا. ئەسلىدە بۇگەپلەرنى قىلىپ كۆڭىڭىزنى ئاغرىتماي دىگەن ئاران بىر ئوينىغىلى چىققاندا. بىراق سىزنىڭ كىيىنلىكىڭىز ئۈچۈن ئېغىز ئاچماي تۇرالمىدىم. مىرزات بوي دېسە بويى، چىراي دېسە چىرايى بار ئوبدان بالا، خۇي-پەيلىنى كىچىكىڭلاردىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغاندىكىن مەندىن بەكرەك سىز ياخشى بىلىسىز. ھازىرقى ھال-ئەھۋالىمۇ ئايدا بىر ئالىدىغان ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىغا قاراپ، تۆمۈر تاۋاققا ئېسىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان يىگىتلەرنىڭكىدىن ئوبدان. ئاق ئاچاملار مىجەزى ئېسىل، قول ئىلكىدە بار ياخشىئادەملەر بولغاندىن كېيىن سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا قاراپ ئولتۇرمىسىمۇ ئۆزىگە خىل كەلگۈدەك ئائىلىنىڭ قىزىنى تېپىپ ئوغلىغا سايە قىلاي دېسىمۇ قىلالىغۇدەك يەردە. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ سىزنى تاللىشىنىمۇ سىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك  ئوبدان قىز  بولغانلىقىڭىزدىڭىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مۇراتنىڭ بېشىنى ئوڭشايدىغان چاغدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەر بىر قېتىم بولۇنغان ئارىدا. بەلكىم كۆڭلىڭىزدە نېمە ئۈچۈن تۇغقانلارنىڭ ھەممسى بۇ ئىشقا بەك كۈچەيدىغاندۇ دەپ ئويلىغان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. سىز ئەمدى بەزى ئىشلارغا توغرا قارىيالمىغۇدەك دەرجىدە كىچىك بولمىغاندىكىن كۆڭلىڭىز ئاغرىسىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېچىپ دەۋىرەي.-سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە مېنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىۋاتقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە تەئەججۈپ بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىمگە قارىۋەتكەندىن كېيىن ، قولدىدىكى سۇندىن بىر ئوتلام ئىچىۋىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
       -گەپنى ئۇياندىنمۇ قىلىپ باقتۇق، بۇياندىنمۇ قىلىپ باقتۇق. لىكىن توغرىسىنى ئېيىتقاندا بۇ تويغا سىزنى سورلىشىمىز ۋە شۇنچە ئالدىراپ كېتىشىمىز پەقەت ۋە پەقەت سىز ئۈچۈنلا.
       -قانداقسىگە؟
       -قاراڭ سىڭلىم،سىز ئەمدى بۇرۇنقى ئوقۇۋاتقان گۆدەك ئايقىز ئەمەس، ئوقۇشىڭىز پۈتۈپ خىزمەتكىمۇ چىقىۋالدىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزمۇ يۇرىتتا چوڭ ئاتىلىپ كەلگەن يۈز-ئابرويى بار ئادەملەر. بۇنداق شارائىتقا ئىگە بىر قىزغا ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆزى چۈشىدۇ، داستىخان كۆتۈرۈپ كىرىپ ئوغلىغا سورىغۇسى كېلدۇ. ئاشۇنداق ئۇلى چىڭ بىر ئائىلە بىلەن قۇدىلىشىپ ئۆتكۈسى كېلدۇ.  بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا چوڭلار كىرگەنلەرنى ياندۇرىۋىرىپ بەختىڭىزگە ئولتۇرۇپ قويۇشتىن، باشقىلارنىڭ بۇ خەق ھېچكىمنى ياراتمايدۇ، ھالىغا باقماي ئوقۇرى ئېگىز تېخى دەپ ئەپقاچتى گەپلەرنى قىلىپ يېغىرىمىزنى تاتلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.  قوشۇلۇپ چىرايلىق تۇيىڭىزنى قىلىپ بىرىپ ئۇھ دەي دېسە سىز باشقا قىزلاردەك ساغلام جىسمانىيەتكە ئىگە بولمىغاندىكىن خەقنىڭ ئۆيىدە خورلۇق تارتىپ ھاقارەتكە قېلىشىڭىزدىن، تۇرمۇشتىن ئازار يەپ ئۈمىدسىزلىنىپ قېلشىڭىزدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى خەق دېگەن بەرىبىر خەق،گەپتىن گەپ چىقىپ ئاخىردا شۇ گەپنى يۈزىڭىزگە سېلىپ يۈرمەيدۇ، شۇنى دەستەك قىلىپ بىر ئۆمۈر گەدىنىڭىزگە دەسسەپ باش كۆتۈرگۈزمەي ئۆتمەيدۇ. دېگىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ كۆپ خاپىلىق تارتىسىز. ئۆيدىكىلەرگىمۇ ھەم ئەلەم بولىدۇ.  ئوغۇل بالا بولغان بولسىڭىزغۇ ئىش باشقىچە بولاتتى.  مۇۋاپىق لايىق تېپىپ قائىدىسىنى قىلىپ ئەكىرىپلا بەرسەك پاكىز كەسپىڭىز، ئارقىڭىزدا كۈچلۈك تايانچىڭىز بولغاندىكىن، چوڭلار ئۇنى ئوبدان تۇتقاندىن باشقا سىز ئۇنى ئايىسىڭىزلا ئۇ مۇشۇنداق ئائىلىگە كىلىن بولالىغىنىدىن ۋە يولدىشىنىڭ كۆيۈنىشىگە مۇيەسسەر بولالىغىنىدىن مىننەتدار بولۇپ سىزنى ئاياپ خىزمىتىڭىزنى ئوبدان قىلاتتى. ئۆيۈڭلارنىمۇ سىلىق تۇتۇپ كېتەلەيتىڭلار، چۈنكى ئوغۇل بالىنىڭ نۇقسانى نۇقسان ئەمەس دەيدىغان گەپ بار. لىكىن سىز قىز بالا، خەقنىڭ ئۆيىگە بۇسۇغا ئاتلاپ كىرىدىغان ئادەم.  شۇڭا بىز چوڭلار ئۇيان-ئويلىشىپ، بۇيان ئويلىشىپ، ئارتۇقچە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋېلىشتىن ئاۋال ئۆز ئىچىمىزدىلا بىر ئىش قىلىپ سىزنىڭ بەختىڭىزنى كۆرۈشكە ئالدىردۇق. ئىمكانقەدەر كۆزىڭىزدىن ياش ئاققۇزماي ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلدۇق. ئاق ئاچاملارمۇ سىزنى كىچىكىدىن ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ كەلگەن. سىزمۇ ئۇ ئۆينى ئۆز ئۆيىڭىزدەك كۆرۈپ تارتىنماي بېرىپ كىلىپ يۈرۈپ چوڭ بولغان. مەن ئويلايمەنكى ئۇ ئائىلە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ياقمىغۇدەك ئارتۇق ئىشىمۇ يوق ئوبدان ئائىلە. تەلەي دېگەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولمايدۇ، شۇڭا ئەمدى سىزمۇ ئوبدانراق ئويلىشىپ، ئىدىيىڭىزنى ئوبدانراق ھەل قىلىپ بۇ ئىشنى ئامال بار كەينىگە تارىتماسىلىققا تىرشىڭ.
       «ئاھ خۇدا............ماڭا نېمىشقا بۇنچىلىك ئادالەتسىزلىك قىلىدىغانسەن؟ جىسمىم ئازراق كەمتۈك يارىلىپ قالغىنىم ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىسمەتكە قېلىشىم كېرەكمۇ؟ نېمىشقا ھەر قېتىم مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئەركىنلىكىمنى بوغىسەن؟ ماڭا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئازادە ياشاش پۇرسىتى ئاتا قىلساڭ نېمە بولىدۇ؟» شۇ تاپتا ھەرخىل خىياللار بىلەن گادرماچ بولۇپ قالغان كاللامدا قاتمۇ-قات سۇئال بەلگىللىرى ئەگىۋاتاتتى. تۇرۇپلا شۈكلەپ قالغىنىمنى كۆرگەن رۇقىيە ئاچام سۆزۈم بەك ئېغىر كەتكەن بولسا كۆڭلى بۇزىلىۋاتقان چېغى دەپ ئويلىدى بولغاي قولىدىكى بوتۇلكىنى ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويۇپ مېنى ئاستا قۇچاقلىدى.
       سىڭلىمنىڭ تەنتەكلەرچە قىلغان چاقچىقىنىڭ بىركۈنلەر كېلىپ راسىتقا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. گەرچە دەسلىپىدە بۇ ئىش ماڭا بەكلا تاسادىبى ۋە كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ ئويۇن بىلىنگەن بولسىمۇ رۇقىيە ئاچامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىدىيەم بىرئاز تەۋرىنىشكە يۈزلەنگەنىدى. دېمىسىمۇ مەندىكى بۇ مەسىلە سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە ئېدى. كېيىنكى يولۇمدا مۇشۇ نۇقسانىم تۈپەيلىدىن كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يۇلۇقىشىم تامامەن مۇمكىن ئېدى. شۇڭا مەن چوڭلارغا ماڭا يەنە بىرئاز ۋاقىت بېرىشنى، ھېچ بولمىغاندا قىشلىق تەتىلدە سىڭلىم قايتىپ كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيىتتىم. ئەمما نېمىشقىكىن قىشلىق تەتىلگە ئاز قالغانسىرى ئىچىمدىكى تىت-تىتلىق ئېشىپ،بۇ تويغا، چوڭلارنىڭ ماڭا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىگە بولغان نارازىلىقىم كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. تۇرۇپلا ئاپامغا  مېنى ئەركىمگە قويۇپ بېرىڭلار دېگۈم كېلەتتى. دىكابىرنىڭ تۇنجى شەنبە ئاخشىمى يەنە مۇشۇ ئىش كاللامغا كىرىۋېلىپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. بىردەم ئۇياق-بۇياققا ئۆرىلىپ يېتىپ باققاندىن كېيىن چىدىيالماي تۇرۇپ مىھمانخانىغا چىقىپ مېۋە يەپ ئىچىملىك ئىچكەچ  جىمجىت ئولتۇردۇم. شۇ ئەسنادا بىلىپ-بىلمەي تىمتاس كېچىدە ئالدىمدىكى يۇرۇق ھۇجرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
       -........رۇقيە ھەدىسىگە نەسىھەت قىلغۇزغاندىن كىيىن خىلى يۇمشاپ قالغاندەك قىلىۋاتاتتى، خۇددى پىتىر نان خېمىغا يانغاندەك بارا-بارا يەنە بۇرۇنقى ئەكسىگە قايتىپ، ھەتتا ئۇ ئىش توغىرلىق گەپ بولۇنغان جايدىمۇ تۇرماس بولىۋالدى.  ئاخىرغا بارغاندا ياق دەپ ئولتۇرۋېلىپ يۈزىمىزنى پوق قىلىپ قاراپ تۇرارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. سىزنىڭچە قانداق قىلساق بولار، رۇقىيەگە يەنە بىر قېتىم گەپ قىلىپ بېقىڭ دېسەم بولارمۇ يا؟
       -مەندىن سورىساڭلار مەن نېمە دەيمەن بۇنىڭغا، ئوغۇل بالا بولغان بولسىغۇ يېنىمغا تارتىپ ئەكىرىپ ئىككى ئېغىز قاتتىق گەپ بىلەن توغىرلايتىم ئىشنى. قىز بالاۋاقىغا بۇنداق گەپلەردىن تارتىپ ئۆزۈم دەپ چۈشەي دېسەم يا قاملاشمىسا. سىلى ئانىسى بولغاندىن كىيىن چىرايلىق كۆزىگە كىرىپ بالىنىڭ، روھى ھالىتى، ئوي-پىكىرىنى تولۇق ئىگەللەپ، چىڭراق گەپ قىلىپ ئىشنى ھەل قىلىشقا مىدىرلاڭلار. رۇقىيە دەۋەرسە كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالمىسۇن. شۇڭا يەنىلا ئۆزۈڭلا گەپ قىلىڭلا. قورسىقىڭلىنى يېرىپ چىققان بالا بولغاندىكىن سىلە قانداق گەپ قىلساڭلا ئېغىر ئالمايدۇ. ئۈمىد سىلىدە قېلىۋاتىدۇ شۇ تاپتا.
       -ماقۇل مەن پۇرسەت تېپىپ يەنە دەپ باقاي، لىكىن بىچارە بالىغىمۇ ئۇۋال بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا قارىساملا ئىچىم ئېچىشىپ تىلىم تۇتۇلۇپ قالىدىكەن. ئەمدى ئوقۇشىنى تاماملاپ خىزمەتكە چىقىپ ئۇھ دەپ قېشىمىزغا  قايتىپ ئولتۇرۋىدى، نەچچە يىل بولسىمۇ خاتىرجەم يۈرگىلى قويماي بۇ گەپنى چىقىرۋاتىمىز.  ئوقۇتقۇچى دېگەن بۇ كەسىپ خېلى مەن-مەن دېگەن ئادەملەرنىمۇ ھالسىرتىدىغان كەسىپ، شۇنداقتىمۇ ئۇ جاپاغا چىداپ نەچچە سائەتلەپ ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەپ نېنى يەيدىغان بۇ خىزمەتكە بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا قىسقىغىنا شۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بولسىمۇ ئارام ئالغىلى قويماي بېشىنى ئاغرىتىۋېرىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن.
       -ھەي..........بولسىغۇ چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرغىنى بىلەن دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرىۋاتقان دىلى سۇنۇق شۇ بىچارە بالىمىزنى ھېچ ئىشقا زورلىماي ئۆز مەيلى بويىچە ياشىغىلى قويساق بۇلاتتى. لىكىن بىزمۇ جاھانغا تۈۋرۈك بولمايمىزدە. شۇڭا بىزدىن كىيىن قالسا قىينالمىسۇن، بىز ئالتۇندەك قەدىرلەپ چاڭ قوندۇرماي ئالقىنىمىزدا چوڭ قىلغان ئەتىۋارلىق قىزىمىز خەقنىڭ ئالدىدا خار بولۇپ سارغىيىپ قالمىسۇن دەپ ئۆزىمىزمۇ مۇشۇنداق رىيازەت چەككەننىڭ سىرتىدا ئۇنىمۇ خاپا قىلىپ ئارامىدا قويمايۋاتىمىز. لىكىن ھامان بىر كۈنى دەردىمىزگە يېتىپ نېمىشقا شۇنداق قىلغىنىمىزنى چۈشىنىپ قالىدۇ ھەم بىزدىن مىننەتدار بولىدۇ. كىرەك يوق خۇتۇن، ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن بولسىمۇ غەيرەتلىكرەك بولۇڭلار......-بۇ سۆزلەرنى داۋاملىق تىڭشاپ تۇرىۋىرىشكە تاقىتىم قالماي يۈگۈرگەن پېتى ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم ۋە ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ بىر ئۇزۇنغىچە يىغلىدىم. بۇ مىننەتدارلىق يېشى ئېدى.
       نەچچە ھەپتىدىن كېيىن مەن خىزمەت مۇناسۋىتى بىلەن ئۈچنجى ئوتتىراغا يۆتكىلىپ كەلدىم.  قايتىپ كېلىشتىن ئاۋال ئىشقا ئورۇنلاشقان بىر يىلدىن بۇيان جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلغان شۇ ئەزىز ماكان بىلەن، ماڭا ئىزچىل خۇشاللىق بەخىش ئېتىپ، ھاياتىمنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمىغا ئايلانغان جان-جىگەر ئوقۇغۇچىللىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىپ، قىيالماسلىق ئىلكىدە خوشلاشتىم.  ناھىيەگە قايتىپ كېلىپ ئۆيدىكى ھۇجرامغا قايتا ماكانلىشىۋالغاننىڭ ئەتىسى قاق سەھەردە خۇشال كەيپىياتتا، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان «تەتىلدە قايتالمايدىكەنمەن.» دەپ جىدەل قىلىۋاتقان «ئوغلاق»قا قىسقا ئۇچۇر يوللىدىم:
       «-خەيىرلىك ئەتىگەن نىگار خانىم! مەن توي قىلغىلىۋاتىمەن، تەتىلدە رۇخسەت سوراپ كېلىپ تويۇمغا قاتنىشىشنى خالىسىڭىز بەشنى، خالىمىسىڭىز پەشنى ئەۋەتىڭ!»-مەن تېخى تېلىفۇننى يەرگە قويۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇنىڭدىن جاۋاپ خەت كەلدى:
       «-بەش،  ئاخىر يىتىپ كەلدى بۇ كۈن، يول ھەققىمنى ئات-چوت قىلىۋەتسىڭىز ئەتىلا يولغا چىقاي.»
       «-مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ ئاچاڭنى قويۇشنى خىيال قىلۋاتامسەن جۇۋاينىمەك، خالىساڭ تىز قايتىپ كەل، بولمىسا سەن بولمىساڭمۇ ئايلىنىۋىردۇ يەر شارى.»
       «- ئويلاپ باقسام ئەتە-ئۆگۈن توي قىلىپ چىقىپ كەتسەڭ قۇياي دەپمۇ قويغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا ۋاقتىدا ئىشنى جۆندەي دېدىم. تىزراق بول ھە!  ھى ھى ھى......»
       «-ھەي ئالۋاستى، سەن ئەپلىيەلمىگۈدەك مارىسقا توي قىلىپ كەتمەيمەن مەن بىر.  توختاپ تۇر ھە كەچقۇرۇن دېيىشەي سەن بىلەن. ھازىر  ئىمتاھان ۋاقتى، شۇڭا بالدۇرراق جابدۇنۇپ مەكتەپكە ماڭمىسام بولمايدۇ.»
       «-چاتاق يوق قەدىرلىكىم، مەكتىپىڭگە ماڭىدىغان يولدا پوچتا بانكىسى بارغۇ دەيمەن، كارتا نۇمۇرۇمنى بىلىسەن ھەقىچان، مېنى بەك سېغىندۇرىۋەتمەي تىزراق بولارسەن، خەيرى-خوش!»
      شۇنداق قىلىپ قىشلىق تەتىلمۇ بولدى، مەن كۆرۈشنى خالىمىغان مۇدھىش كۈنلەر ماڭا قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلاشقا باشلىدى. لىكىن ئۆيدىكىلەر ئالدىراتقانسىرى مەن بۇ تويغا پەقەت ئالدىرمىدىم. شۇڭا  ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى باھانە قىلىپ يۈرۈپ تەييارلىقلاردىن ئىزچىل باش تارتىپ يۈردۈم. چۈنكى توي قىلىپلا قەلبىمدىكى بوشلۇقنى بىر ئۆمۈر كاۋاك پېتى ساقلاشنى خالىمايتىتىم. كۈتە-كۈتە ئاخىرى سىڭلىممۇ قايتىپ كەلدى. ئۇنى كۆرۈپ ئۈمىد شامىم بىردىنلا يېنىپ كەتكەندەك بولدىدە تاقەتسىزلەنگىنىمدىن ئۇ كەلگەن شۇ ئاخشىمىلا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئېغىز ئاچتىم:
       -بىلەمسەن؟  مېنىڭ بۇ توينى قىلغۇم يوق.
       -بۇ ۋاقىت بولغاندا ئەمدى بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
       -ھېچنىمە.-كۆڭلۈمدىكى پەرىشانلىقنى سېزىپ ئۈلگۈرگەن چىچەن سىڭلىم شۇھامان مېنى بەزلەشكە كىرىشتى.
       -كۆڭلۈڭنىڭ بىر يەرلىرى ئارامىدا ئەمەس، شۇڭا شۇنداقمۇ؟ مۇختەر ئاكاشنى خىيال قىلىۋاتىسەن شۇنداقمۇ؟
       -بىكارغا مېنىڭ سىڭلىم ئەمەستە سەن، كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىڭ. ماڭا ياردەم قىلغىن ماقۇلمۇ؟
       -لىكىن ئاچا سەگەكرەك بولغىن، كىنولاردىكىدەك ئەخمىقانە قىلىقلارنى قىلىشنى ئويلىما. ئۇنىڭ قانداقراق تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمنى ئەمىن تاپقۇزۇپ كېلىپ ئاندىن تويۇمنى قىلىمەن دېسەڭ ئۇ باشقا، لىكىن ئۆيدىكىلەرنى يەرگە قارىتىمەن دېمە. بولمىسا بۇنداق ياردەمنى مەن قىلالمايمەن. بۇ كوچىغا قەدەم بېسپ بۇ ئەھۋالغا كەلدىڭمۇ ئەمدى كەينىڭگە يېنىۋالالمايسەن. سەزگۈم مېنى سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئىش قىلدىغىنىڭغا ئىشىنىشكە قىستاۋاتىدۇ.  سەن قانداق قىلاي دەيسەن؟
       -سەزگۈڭنىڭ رايىغا بارغىن. مەن ساڭا چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى قويمايمەن.....
       ئىشنى پۈتتۈرگەن ئەتىگىنى ئىككىمىز ئۇ  بۇ قېتىم چىڭدۇدىن ئالغاچ كەلگەن تەنھەركەت كىيىملىرىمىزنى كىيىشىپ مەن بېرىشنى ئارزۇ قىلغان جايغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ماشىنا ھەيدەۋاتقان سىڭلىمنىڭ بىقىنىدا ئولتۇرغان مەن شۇ تاپتا خۇددى تويدىن كېيىن ئەركىن ھالدا سىرىتلاردا يۈرىشى چەكلەنگەن رۇپاش قىز تويدىن بۇرۇن مىھىر بېرىپ ئۆزىنى چوڭ قىلغان، بۇندىن كېيىنكى ئۆمرىدە خۇشال بېقىشىش پۇرسىتى كەمدىن كەم بولغان شۇ گۈزەل تەبىئەتنى قانغۇچە كۆرىۋېلىش ئۈچۈن ئېتىز-قىزلاردا تايچاقتەك قىيغىتىپ يۈرىۋاتقىنىغا ئوخشاش بىرخىل ئالاھىدە تۇيغۇلار بىلەن ئەتراپقا تويماي قارىغىنىمچە كېتىپ باراتتىم.  يېزىدىكى مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا نەچچە قېتىم بېرىپ كۆرۈپ كېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ قىز بولغىنىم ئۈچۈن، چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا ئۆزۈم يالغۇز  نەمۇ نە يۈرۈپ خالىغانچە باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرىشىم قائىدىگە توغرا كەلمىگەنلىكتىن ئىزچىل ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ كەلگەنىدىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە خۇشال ھالدا سىڭلىم بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يۈرىكىمنى تارتىپ كېلىۋاتقان شۇ ماكانغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمدىنمۇ ئەيتاۋۇر شۇ تاپتا ھاياجان بىلەن تىپچەكلەشكە باشلىغان  يۈرىكىم كۆكرەك قەپزىمگە پاتماي قېلىۋاتاتتى.
       -«توختا،توختا!»- دېدىم مۇختەر ئەينى يىلى ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ئالدىمغا چىققان جايغا كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ.  ماشىنىدىن چۈشۈپ نىشانسىزلا ئۇياق –بۇياققا بىرنەچچىنى چامدىۋەتكەندىن كېيىن، چاندۇرماي ئۇدۇلدىكى باققالنىڭ ئالدىغا بېرىپ  بىر كىلوگىرام نەشپۈت سېتىۋېلىپ قايتىدىن سىڭلىمنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇردۇم.
       -ھۇيت خېنىم، ئامۇت غاجاۋەرمەي جۆلىگەچ ئولتۇرلى مۇندا. يەكەننىڭ تاكسىچىسدەك كۆرۈنىۋاتامدىميا كۆزلىرىگە. ھازىر گومۇشتەك ئولتۇرۇپ ھېلى ئېزىپ قالساق مەندىن رەنجىمىسىلە جۇمۇ ئەمىسە! -سىڭلىم تاش يولدىن ھېلىقى سۆگەتلىك ئۆستەڭ تەرەپكە قايرىلدىغان جايدا ئۇدۇلغا ياكى ئوڭغا مېڭىشىنى بىلەلمەي جىلە بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى ئەينى چاغدىكى ھېلقى مەنزىرنى ئىسىمگە كەلتۈرۈپ قويدى.
       «.....-نەق ئاشۇ دەشنام يېسە بەش نان يېگەندەك خوش بولدىغان مەتۇكەن بۇ. ھىجيىۋەرمەي رىياسەتچىلىك قىلىپ بەرسىلە ماڭا! قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟
      -ئوڭغا ھەيدەڭ، ئارغامچىنى بەك تارىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشەك يولنى بىلىدۇ ...»
       ئۆزۈم-بىلەن ئۆزۈم بىكاردىنلا كۈلۈپ ئولتۇرغىنىمدىن ھەيران بولغان ئاينىگار دۈپدۈگىلەك كۆزلىرىنى ماڭا مىختەك قاداپ تۇرۇپ سورىدى:
      -نېمە ساراڭ خۇتۇندەك بىكاردىنلا كۈلۈپ يۈرىيسەن؟ تۇلا غەيرى قىلىق قىلماي يولنى دېگىنە،قايانغا ماڭىمىز زادى؟
      ئوڭغا ھەيدە! لىكىن  ئالدىرمايراق ھەيدە جۇمۇ!–نېمە ئۈچۈن بۇنداق دېگىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىر ئۆزۈملا چۈشىنەتتىم. ئەمەلىيەتتە مەن ئەينى يىلى گۈدەك ۋاقتىمدا مۇختەر بىلەن ئىشەك ھارۋىسىدا رۇمانتىك ھالەتتە مېڭىپ ئۆتكەن بۇ يولدا يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنى شۇ ئەسلىمىلەر قوينىغا سىڭدۈرگەن ھالدا مېڭىپ ئۆتۈشنى مەقسەت قىلغانىدىم. چوڭ يولدىن قايرىلىپ ئۇزاق مايمايلا تۇيۇقسىز بۇ ھېكايىللىرىمنى سىڭلىمغا سۆزلەپ بەرگۈم كېلىپ قالدى.
      -سەن زادى بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كېلىۋاتىسەن؟ ئۆزۈڭنى گۇناھكار بولغاننى ئاز دەپ مېنىمۇ چېتىۋالاي دەۋاتامسەن؟- جىددى تورمۇزلاشتىن ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىگە ئۈسسۈپ سالغىلى تاسلا قالدىم.-سۆزلىرىمگە ئۇنى بۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ ئويلىمىغانىدىم.
      -كۆپ ئويلاپ كېتىۋاتىسەن نادان سىڭلىم. مېنىڭ ھىكايەم بۇنىڭلىق بىلەن تېخى ئاخىرلاشمايدۇ. مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئالىي مەكتەپتىكى يېڭى ھېكايەممۇ بار.
      -قارىغاندا سېنىڭ مۇھەببەت تارىخىڭ خېلى بولسا كېرەك، بولمىسا بىر كىتاپلا چىقارمامسەن كېيىنچە.  سۆزلىگىنە داۋامىنى، تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول دەپتىكەن، مەن بىكا بولغاندىكىن تۈگىگىچە بىر ئاڭلاي بۈگۈن.
       مېنىڭ ئايۇپ ھەققىدىكى ھېكايەمنى ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، بىردەم ساقلاپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن، رولغا بېشىنى قويىۋېلىپ بىر ئۇزۇنغىچە تىمتاس تۇرۇپ كەتكەن سىڭلىمنى ئاستا تۈرىتتىم:
       -ماڭايلىمۇ؟
       -توختىغنە گەپلەرنى ئېنىق ئايرىۋېلىپ ئاندىن ماڭايلى. بۇجاھاننىڭ ئىشلىرى نىمانداقتۇ دەيمەن.  سەن يۈرگەن ئايۇپ ، مەكىتلىك دېدىڭ ھە؟ ئۇنداقتا مۇختەرنىڭ دوستى قەيەرلىك؟
        -ئۇ پوسكاملىق ئېدى. كىيىن مەن ئۇنىڭ ئالى مەكتەپنى شاڭخەيدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدىم. ھازىر يىزا ئامانەت قەرىز كوپراتىپىدا ئىشلەۋېتىپتۇدەك.
        -ئەمىسە سەن مۇختەر ئاكاشنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسەن؟
        -بىلمەيمەن شۇ. بىلگەن بولسام بۈگۈن بۇ ئەخمىقانە سەپەرگىمۇ چىقمىغان بولاتتىم. ئەينى چاغدا ئۇ ئۈرۈمچىگە باردىغانلىقىنى ئىيتقان.  نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن  ئۇنىڭ دوستى ئايۇپ بىلەن پويىزدا ئۇچۇرشۇپ قالغاندا ئۇنى ئۇنۋىرسىتتا ئوقۇۋاتىدۇ دېگەن.
      -نەدە ئوقۇيدىغانلىقىنى دېگەنمىتى؟
      - مۇختەر ئۇنىڭدىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان چېغى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاغزىدىن گەپ ئالالمىغانىدىم ئۇنىڭ.
      -ئايۇپ شۇنداق ياخشى بالىما؟- سورىدى ئۇ غەيرى بىرخىل ئاھاڭدا كۈلۈمسىرەپ.
      -ئىشقىلىپ مېنىڭ نەزىرىمدە مۇختەر ئىككىسى شۇنداق ئوبدان يىگىتلەر ئىدى.
      -توۋا بۇ مۇمكىنمۇ؟
      -نېمىشقا  مۇمكىن بولمىغۇدەك؟
      -ياق سەن خاتا چۈشنىۋالدىڭ، ئۇنداقتا ئايۇپ بىلەن مۇختەر ئاكاشنى كۆرسەڭ تونىيالامسەن؟
      -بېشىڭ ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ ئەلۋەتتە تونىيالايمەن.
       ئۇ يانجۇقىدىن تېلفۇنىنى ئالدى-دە، رەسىم ھۆججىتىنى ئېچىپ بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتى. رەسىمنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بۇ ئايۇپ بىلەن مۇختەرنىڭ چىڭدۇ شەرقى ۋوگزالىدا چۈشكەن سۈرىتى بولۇپ، سۈرەتتە ئىككىسى قوللىرىنى بىر-بىرىنىڭ مۈرسىدىن ئۆتكۈزگەن ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭدىن سورىدىم:
       -ئۇلارنىڭ سۈرىتى سەندە نېمىش قىلىدۇ؟
       -سەن دەۋاتقان ئىككىسى ئەسلى مۇشۇلار ئىكەندە؟! بۇنى ماڭا ئايۇپ يوللاپ بەرگەن.
       -سەن ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونىشىسەن؟
       -دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن، نىگىزىنى ئېيىتقاندا بۇ جەريان سېنىڭ مەكىتلىك ئايۇپ بىلەن تونۇشۇپ قېلىش سەۋەبىڭگە سەل ئوخشايدۇ. لىكىن بىز ئىككىڭلاردەك ئۇنداق تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشكە مۇۋەپپەق بۇلالماي قالدۇق. بۇنىڭغا دەسلەپتە مېنىڭ ئالدىراشلىقىم سەۋەپ بولغان ئېدى. كىيىن مەن زىھنىمنى ئۇنىڭغا قارىتشنى ئويلىغاندا ئۇ ئەمدى تويغا تۇتۇش قىلىغىلى تۇرۇپتۇ. تەقدىرىمىز شۇنداق بولسا كېرەك. –ئۇ شۇنداق دېگەچ يەنە بىر رەسىمنى كۆرسەتتى. بۇ سىڭلىم بىلەن ئايۇپنىڭ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندىكى سۈرىتى ئېدى. ئۇ ماشىنىنى قوزغىغاچ سۆزىنى داۋام قىلدى

(6)


        - كەچۈرگىن ئاچا، ئايۇپ يېقىن ئۆتىدىغىمنى سەندىن يوشۇرۇپ كەلمىگەن بولسام سەن بۇنچىلىك ھەرەج تارتىپ يۈرمەيتىڭ. لىكىن ئىشەنسەڭ مەن ئۇلارنىڭ دوسىت ئىكەنلىكىنى بۈگۈن بىلدىم. ھەم ئايۇپمۇ ماڭا بۇ توغىرلىق گەپ قىلىپ باقمىغان. مەن مۇختەرنىڭ مەن بىلەن بىر قارار ئوقۇغانلىقىغا قاراپ ئۇنى ئايۇپ بىلەن ھەمساۋاق ئاكا-ئېنسىمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە مەن مۇختەر بىلەنمۇ ئوبدان تونۇشىمەن. ھەم ئۇنىڭ سەن ئېيىتقاندەك پەزىلەتلىك بالا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن. بۇرۇن ئۇ ماڭا كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلغان. لىكىن ماڭا بەك قىزغىن مۇئامىلىدىمۇ بولۇپ كەتمىگەن. ئۇ شۇ چاغدا مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغاندەك قىلىقلارنىمۇ قىلغان تېخى. جاھاننى تار دەيدىكەن، ئەمدى مەن ھەقىقەتەن ئىشەندىم جاھاننىڭ تارلىقىغا. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن غەربى جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇچرىشىپ قالغان، كېيىن يەنە شوپۇرلۇق مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ قالدۇق. شۇ چاغدا ئۇ مېنىڭ مەيدان ئىمتاھانى بېرىشىمگە كۆپ ياردەم قىلغان ئىدى. ئىككىڭلارنى دەيمەن، تەقدىرنىڭ ئورۇنلانلاشتۇرۇشى بىلەن بىرىڭلار شىنەن مىندا(غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتى، ئورنى چىڭدۇدا)،يەنە بىرىڭلار شىبىي مىندا (غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتى، لەنجۇدا)دا ئوقۇپسىلەر.  لىكىن مەن ئۇنىڭ سەن دېرىكىنى قىلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاكاش ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن.
       -ئۇ سېنى كۆرۈپمۇ نېمىشقا مېنىڭ ئىز-دېرىكىمنى قىلمىغاندۇ؟
       -بەلكىم بۇنداق قىلىشىدا ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئويلىغانلىرى باردۇر. ھە راس، ئۈچىنجى يىللىققا چىققاندىن باشلاپ مەن ئۇنى قايتا ئۇچىرىتىپ باقمىدىم. باشقا ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا بەلكىم ئۇ بۇ چاغقىچە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكىمۇ ئورۇنلىشىپ بولدى.
      -ماشىنىنى تىزرەك ھەيدىگىنە.
       قىسقىغىنە ئالتە-يەتتە يىل ئىچىدە بۇ يەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ،ئىلگىرىكى تونۇش مەنزىرىنى ھېچيەردىن كۆرگلى بولمايۋاتاتتى.بىز شۇنچە ئىزدەپمۇ مۇختەرنىڭ بوۋىسىنىڭ ياغاچ دەرۋازا، كەڭ پىشايۋانلىق ئۆيىنى پەقەتلا تاپالمىدۇق. ئۇ ئۆينىڭ ئەسلى ئورنىغا يېڭىدىن ئاددىيغىنە نەچچە ئېغىز ئۆي سېلىنغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئالدىدا بىر تاكسى توختىتىپ قويۇلغانىدى. نەچچىرەت ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئېگىسدىن ئەھۋال ئېگىلەپ باقماقچى بولدۇميۇ، نۇمۇس كۈچلىرىم غالىپ كېلىپ نېيىتىمدىن ياندىم ۋە ئۆزۈمنى مۇختەرنىڭ بۇ يەردە تۇرمايۋاتقانلىقىغا زورلاپ ئىشەندۈرۈپ ئارقامغا ياندىم. تاشيولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقاچ  يەنە خىياللارغا ئەسىر بولۇشقا باشلىغان مەن ماشىنىنىڭ توختىشىدىن ئېسىمنى يىغدىم.
      -ئاپلا، ماي تۈگىدى.-دېدى ئاينىگار ماشىنىنى چىپپىدە تورمۇزلاپ.-دادام ماي قاچىلاپ مېڭىڭلار دەپ بەك ئەسكەرتكەن ئىدى،ئىسىمدىن پەقەتلا كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ!!؟
      -ھا ھا ھا....كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەن شۇدە. تويە مانا.
      -ھەممىنى قىلغان سەن، قانداق قىلىمىز ئەمدى؟
      -بىلمىدىم. چۈشۈپ ماشىنىنى ئىتتىرەمسەن يا بېرىپ ماي تېپىپ كېلەمسەن ئۆزۈڭ تاللا!
      -تاينى يوق گەپنى ئاز قىلىپ ئوبدانراق چارە تاپقىنە بىر.
      -دادامغا تېلفۇن قىل بولمىسا، بۇ ئەتراپتىكى تونۇشلىرىدىن بىرەرنى ئالدىمىزغا ئەۋەتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس-دېدىم  ئاخىرى باشقا ئامال تاپالماي. بىز تېلىفۇننى قولىمىزغا ئېلىپ تۇرىۋىدۇق، تۇيۇقسىز بىر تاكسى پەيدا بولۇپ قالدى ۋە شوپۇرى بېشىنى ئەينەكتىن چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا :
     -ياردەم كىرەكمۇ؟ -دەپ سورىدى.
     ئاچا سىڭىل ئىككەيلەن شوپۇرغا قاراپ قېتىپلا قالدۇق. بىزلا ئەمەس ئۇمۇ بىزگە قاراپ ھاڭۋېقىپ قالغانىدى. ھېلقى چاغدا تىنىچلىق سورىشىشقىمۇ نائىل بولالماي ھىجران بىلەن ئايرىلىشقان ئىككى جۈپ كۆز بۈگۈن بۇ پاكىز سەھرادا قايتىدىن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى. بىراق ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايدىغان بىرخىل ھېسلار بىلەن.......ئەگەر يېنىمدا سىڭلىم بولمىغان بولسا ئىدى، مۇشۇ ھېسياتىمدا ماشىنىدىن چۈشكەن پىتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا جىدەللىگەن بولار ئىدىم. دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ تاسادىبىيلىقتىن كىيىن سىڭلىم ئىككىمىز لەپپىدە بىر-بىرىمىزگەقارشىۋالدۇقتە تەڭلا ۋاقىردۇق.
    -مۇختەر!!!


نىمە كۈن بۇ؟ بىلەلمىدىم ھەيرەتتە مەن،
مىھىر بىلەن تىكىلگەن كۆز تۆكەر قان ياش.
كېتىپ قالدى كۈلۈمسىرەپ، بەخىت تىلەپ،
تۇرۇپ قالدىم، <<ياق!!!>> دېدىم ھەم، قايدى بۇ باش.

ھاياتلىقتا خاتا كەتسە شۇ بىر قەدەم،
مىڭ ئۆچۈرسە ياپالماسكەن ئىزناسىنى.
قاتقان يۈرەك <<خوش>> دەيدىكەن، ئاچچىق كۈلۈپ،
كېتەر ئىكەن چۈشەنمەستىن قىز نازىنى.
بىر كۈن ھامان ئېچىلغاندا جىمى سىرلار،
پەسەيتمەستىن قانىتاركەن ئازابىنى.

       مەڭزىمنى بويلاپ ئاققان كەھرىۋادەك سۈزۈك بىر تامچە ياش خۇددى يولدىن ئېزىپ قالغان قوزىدەك تەمتىرەپ يا پەسكە ئېقىشنى يا ئۆزى تۇرىۋاتقان ماكانغا سىڭىپ كېتىشنى بىلەلمەي ئىز جايىدا قېتىپ قالدى. بىز بىلەن چىرايلىق خوشلىشىپ ئارقىسىغا قايرىلىپ قاراپمۇ قويماي كېتىۋاتقان مۇختەرگە قاراپ بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىم سېزىمىنى يوقاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ غەيرىتىمنى يىغىپ سىڭلىمغا قارىدىم ۋە ماڭايلى دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلىپ قويۇپ ئېغىرلىشىپ كەتكەن قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇم. شۇ تاپتا ئامالسىزلىق ئىلكىدە ماڭا تىكىلىۋاتقان سىڭلىمنىڭ كۆزلىرىدىكى سۇئال ئۇچقۇنلىرى ۋۇجۇدۇمنى قورىماقتا ئېدى. شۇڭا ئۈن-تىنسىز ھالدا كەينى ئورۇندۇققا ئالمىشىۋېلىپ ئۆزۈمنى تەگسىز خىياللار قوينىغا تاشلىدىم.  
       -بىردەملىك ھەيرانلىقتىن كېيىن ئېسىنى يىغقان مۇختەر ئالدىدا سورىغان سۇئالىنى قايتا تەكرارلىدى:
       -ياردەم كېرەكمۇ؟
       -شۇ ماشىنىنىڭ مېيى قالماپتىكەن.....-سىڭلىمنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا ئۇ:
       -ئەمىسە مۇشۇ يەردە بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭلار، ئالدىمىزدا ماي قاچىلاش پونكىتى بار، مەن بېرىپ ماي تېپىپ كېلەي.-دېدى ۋە مېڭىشقا تەمشەلدى. سىڭلىمنىڭ تۈرتۈشلىرى بىلەن سەل ئەقلىمگە كەلگەن مەن بىر خىل خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىم بارلىقىنى ئېيتىپ ماشىنىسىغا چىقتىم. ئەمما خېلىغىچە ئىككىمىز خۇددى يات ئادەملەردەك جىمجىت ئولتۇرۇشۇپ كەتتۇق. ئاخىرى مەن ئاۋال ئېغىز ئاچتىم:
     -ياخشى تۇرۋاتامسىز مۇختەر؟
    -شۈكرى، يامان ئەمەس.  ئۆزىڭىزچۇ؟
    -مەن...مەنمۇ ياخشى.
    -ئۆزگىرىپسىز.-دېدى ئۇ ھودۇقۇپ كېتىۋاتقىنىمغا قاراپ. –لىكىن مەنمۇ ئۆزگەردىم. كۆپ ئۆزگەردىم. ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
     -سىز قايسى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى دەۋاتىسىز؟ ئاران بىر كۆرۈشكەندە مەندىن بۇنداق مەۋھۇم سۇئاللارنى سورىماي ئۆز گېپىمنى قىلغىلى قۇيىڭە!  سىز نېمىشقا مېنى ئىزدىمەيسىز، ئەجىبا مېنى پەقەتلا ئويلىمىدىڭىزمۇ؟
      - ئۆزىڭىز بىر دەپ بېقىڭە، ئويلىماسلىقىم مۇمكىنمۇ؟ ھەي...........نېمىلا دېسەم چۈشەنمەيسىز بەرىبىر، چۈنكى سىزدەك بەخىت ئۈستىگە تۇغۇلۇپ بەخىتكە چۈمۈلۈپ ياشاپ كېلىۋاتقانلار  ماڭا ئوخشاش مۇھتاجلىقنىڭ، پېقىرلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارىتقانلارنىڭ ھالىغا يەتمەيسىلەر. سۆزلىگەن بىلەنمۇ بىكار، بەرىبىر ۋاقتى ئۆتتى ئەمدى. نەدە ئىشلەۋاتىسىز ھازىر؟
     -بۇ سىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسقۇ دەيمەن.  سۆزۈمگە جاۋاپ بېرىڭ. مېنى ئويلىدىڭىزمۇ يوق؟     -مېنىڭچە ئەمدى مەندىن بۇنداق سۇئال سورىشىڭىزنىڭ ھەم مېنىڭ جاۋاپ بېرىشىمنىڭمۇ قىلچە ئەھمىيتى قالمىدى. لىكىن  ئەينى چاغدىكى چوڭقۇر دوسىتلىقىمىزنىڭ يۈزسىدىن كۆڭلىڭىزنى قايتۇرماي.  ئويلىدىم، ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇردۇم. چۈنكى مەندىمۇ مۇھەببەت بار،سېغىنىش بار. لىكىن مەن سىزنى ئويلاش بىلەن ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىمنىمۇ بىلدىم.-ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئېدىم، چىداپ بولالماي ئاخىر بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان شۇ بىر ئېغىز گەپنى دەپ تاشلىدىم:
      -مەن توي قىلغىلىۋاتىمەن. بىلسىڭىز بۇ بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمىز.
      -بەختلىك بولۇڭ، ھېكايىڭىزدىكى تىراگىدىيەنىڭ  ئاخىر كومىدىيەگە ئايلانغانلىقىدىن خوش بولدۇم. مۇبارەك بولسۇن!
       -نېمە ھېكايە؟-ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئالدىراپ سورىدىم.
       -مۇنبەردىكى سەنەم يازغان ھېكايە. خاتالاشمىغان بولسام بۇ سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسە ئەمەس. –بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىم پىررىدە قايغاندەك بولۇپ كۆز ئالدىم بىردىنلا قاراڭغۇلاشتى. ئۆزۈمنى خۇددى نۇمۇسلۇق ئىش قىلىپ ئاشكارىلىنىپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ يۈزۈم بىردىنلا ئوت ئېلىشقا باشلىدى. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي بوش ئاۋازدا:
        -كەچۈرۈڭ!-دېدىم.
        -كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بەلكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى شۇنداقتۇر. سىزدىن ئايرىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ بىرنەچچە يىلدا مېنىڭ بېشىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتكەن بولغاچقا ئۆزۈمنى خۇددى نەچچە ئون يىل ياشىغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. لىكىن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام مەن سىزنى ئىزچىل ماڭا سادىق بولۇپ كەلدى دەپ قاتتىق ئىشەنگەن. بەلكىم مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن قارا قىسمەتلەر تۈپەيلىدىن سىزنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا ئىتترگەنلىكىم ساداقىتىڭىزنىڭ تەۋرىنىشىگە سەۋەپ بولغاندۇ. پنھان نامى بىلەن مەۋھۇم دۇنيادا سەنەمنىڭ يازمىللىرىغا مەپتۇن بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئوبرازىمنىڭ قەلبىڭىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا تېنەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ھەم ئازاپلانغان ئېدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كىيىن بۇ ئىشلارمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتۈپ قالدى. مەنمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچار بولدۇم ۋە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىمۇ قىلىپ سالدىم. لىكىن سىزنى ئېسىمدىن چىقارمىدىم. بەلكىم مەن تەسەۋۇر قىلغاندەك ئۇ خىل ساداقەت روھى مەۋجۇت ئەمەستۇ. يىغىپ ئېيىتقاندا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئورتاق غايىسى بىر-بىرىمىزنىڭ بەختىنى كۆرۈش ئېدى. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە سىزمۇ ئۆز بەختىڭىزنى تاپقىلى تۇرۇپسىز، مەنمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىللىق بىر ماكانغا، ياخشى بىر جورىغا ئېرىشىپ ئىسسىق تاماق يەپ، پاكىز كىيىنىپ يۈرۈپتىمەن. ئىنشائاللا بولغۇسى ھەمرايىڭىز سىزنى مەنچىلىك ئەزىزلەيدىغان بىرىدۇ......
       -بۇ گەپچە سىز...........
       -شۇنداق، مەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ بولدۇم،
       -ھېلىقى چاغدا پويىزدا نەگە ماڭغان ئىدىڭىز؟
       -ھەي........... ئوقۇشنى تاشلاپ ئۆيگە ماڭغان ئىدىم. ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتىكەن.
     -ھازىرچۇ،  ياخشى تۇرۋاتامدۇ؟
     -ئۆلدى، ئاپىرىپ كۆمىۋەتتۇق. ھا ھا ھا....-ئىغىزىدا قاتتىق كۈلگەن مۇختەرنىڭ كۆزلىردىن بىر تامچە ياش دۇمىلاپ چۈشكەن ئىدى. –ئاخىرقى نەپەسلىرىدە ئۇ مېنىڭ تويۇمنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلدى. –دېدى ئۇ پەرۋاسىز ھالدا كۆزلىرىنى يىراققا تىكىپ تۇرۇپ. -شۇڭا مەنمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي قوشۇلدۇم.
       -ئەمىسە قىزىڭىزغا ئاپىڭىزنىڭ ئىسمىنى قويۇپسىزدە؟
       -خاتالاشتىڭىز، ئانامنىڭ ئىسمىنى قىزىمغا قويۇپ يۈرمىسەممۇ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.
       -ئەمىسە مېنىڭ ئىسمىم ئوخشىمامدۇ؟
       -ياق، ئۇنىڭ ئىسمى رەيھان.
       -ئۇنداقتا بۇ ئىسىم..........
       - مەن ئۇنتۇپ قالسام بولمايدىغان ئىسىملارنىڭ بىرى.
        دۇنيادا ئاشكارە بولمايدىغان سىر، ئۇنۇتقىلى بولمايدىغان ئازاپ، كەچۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىق، يەشكىلى بولمايدىغان تۈگۈنمۇ ھەم يوق. قىسقىغىنە پاراڭدىن كېيىن بارلىق ئىشلار ئايدىڭ  بولۇپ،دەرمانسىز قالغان ئارمانلار قانائەت تېپىپ ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە بەخىت تىلەش ئىچىدە ئايرىلدۇق. ماڭا پاك مىھرىنى بېرىپ قەلبىمدىن ئورۇن ئالغان ئادىمىمنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ قايىتقان مەن خۇددى زىممەمدىن بىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ ئازادە بولۇپ قالدىم. مېنىڭ تۇيۇقسىزلا ئېچىلىپ توينى قاچانغىراق بېكىتىشنى ئويلاۋاتىسىلەر دەپ سورىغىنىمدىن ھەيران قالغان ئاپاملار قىزغىنلىق بىلەن توي تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى.
       -دادا، بۈگۈن بىز بىلەن ئايلىنىپ كېلىڭچۇ، ماقۇل دەڭە! –سىڭلىمنىڭ ئەركىلەشلىرىدىن سەل يۇمشاپ قالغان دادام:
       -«ياغ بىلەن گۆش بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.» دەپتىكەن، بۈگۈن  ھەقىچان ھامماڭلارنىڭ ئۆيىدىكى ياغلار بىلەن بىزنىڭ ئۆيدىكى گۆشلەر ئويناپ كېلىسىلەر. شۇڭا ئاراڭلارغا قىسىلىپ يۈرمەي، مەن پىياز بولغاندىن كىيىن كۆيۈپ خىزمىتىمنى ئىشلەپ تۇراي، سىلەر كۆڭلۈڭلارنى ئېچىپ كېلىڭلار ئوبدان بىرلىشىپ. تويدىن كىيىن رۇخسەتنى ئۇزۇنراق ئېلىپ كۆپرەك بىللە بۇلامەن سىلەرگە.-دېدى. بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
           -ھەي بالام، نېمىگە بۇنداق ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز؟ تۇرۇپ نەرسە-كېرەكلەرنى يىغۇشتۇرۇڭ. دوختۇرخانىدىن چىقىمىز.-ئاپامنىڭ قاتتىق نوقىشىدىن خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلدىم ۋە ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ تۇرغان يەنە بىر ئاپامدىن خىجىل بولۇپ چاققانلىق بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييارلىق قىلىشقا تۇتۇندۇم.
        قىممەتلىك كىشىلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن بەخىت تىلىشىگە مۇيەسسەر بولالىغانلار شۇنداقلا شۇ قەدىرلىك ئادەملىرىنىڭ بەختىنى كۆرۈپ خۇشال بولالىغانلار ھەقىقى بەخىتتىن يىراق بولمىسا كېرەك. دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىمىزنى مۇبارەكلەش ۋە ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن مۇختەرنىڭ بىزگە زوقلىنىپ قاراشلىرىدىن مەنمۇن بولۇپ چىرايىمدىن بەخىت نۇرلىرى چاقناشقا باشلىغان مەن ئىككى ئاپامنىڭ ھەمراھلىقىدا ماڭا چەكسىز مىھرى بىلەن تىكىلىۋاتقان  سۆيۈملۈك جۈپتۈمنى يارلانغان تەرىپىدىن قولتۇقلاپ، ئىككى ئائىلىنىڭ چەكسىز كۆيۈنىشى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىسدا بەرپا قىلىنغان ئىللىق ئائىلىمىزگە قايتىش ئۈچۈن دەرۋازىدىن چىقتىم. دوختۇرخانا ئالدىدا ئالدىن كېلىپ بىزنىڭ چىقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان مۇيەسسەر ئاچام بىلەن مۇرات ئاكام بىزنى كۆرۈپ مەمنۇنىيەت ئىلكىدە قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى.
   

4-قىسىم تامام.

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

245#
ۋاقتى: 2015-4-4 18:48:35 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ ئەسەر تولۇق يېزىلىپ بولغاندا ئاندىن كۆرەي. لىكن ھازىرچە بايقىغان بىر ئىشىم. سىز ماڭا ئۇستاز بولالىغىدەكسىز.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

246#
ۋاقتى: 2015-4-4 19:04:17 | ئايرىم كۆرۈش
مەن باش قىسمىنى يەنە بىر ئوقۇسام بولغۇدەك.ئالدىنقى قىسىملىرىدا ئاي خېنىمنىڭ پويىز ئىستانىسىسىدا مۇختەرقارى بىلەن بىرسى پويىزدا بىرسى پەستە ئۇچىرشىشىپ قالغان يىرىدە ئاخىرلاشقانلا ئېسىمدە تۇرىدۇ....
ئادەم قېرىغاندا مۇشۇنداق بۇلۇپ قالامدۇ نىمە ھە سەبىرنىسا؟
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

247#
ۋاقتى: 2015-4-4 21:10:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-4 18:48
مەن بۇ ئەسەر تولۇق يېزىلىپ بولغاندا ئاندىن كۆرەي. لىكن  ...

ماڭا يۇقرى باھا بەرگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. لىكىن سىزگە قارىغاندا مەن تېخى گال. ئاق پەرىشتەم ناملىق ئەسرىڭىز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. تەلىم بەرگەيسىز!

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

248#
ۋاقتى: 2015-4-4 21:12:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-4-4 19:04
مەن باش قىسمىنى يەنە بىر ئوقۇسام بولغۇدەك.ئالدىنقى قىس ...

قالغىنىنى سىز بىر كاللىسى بار ئادەم بولغاندىن كىيىن ئالدىرماي ئولتۇرۇپ تەسەۋۇر قىلۋېلىڭ. جاۋابىڭىزمۇ چىقىپ قالا ئالدىرماي كىيىنكى بابلاردا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +2 يىغىش سەۋەبى
ئاي بەرگى + 2 ھىم،(ھومىيىپ تۇرغان چ.

باھا خاتىرىسى

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

249#
ۋاقتى: 2015-4-4 23:07:48 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ بۇ قىسمىنىمۇ سەبىر جانىم يوللايدىكەندە  . ياخشى چىقىشىغا تىلەكداشمەن .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

250#
ۋاقتى: 2015-4-4 23:10:27 | ئايرىم كۆرۈش
ماشىنىغا چىقىپ بىر ھازادىن كىيىن ئاران قوزغالغان ئاپتۇبۇس بىكەتتىن چىقىپلا يەنە دەرۋازا ئالدىدا بىر ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنۋىرسىت ئۈچىنجى يىللىقنى پۈتتۈرۈپ چوپچوڭلا ئادەم بولۇپ قالغان سىڭلىم ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا بالىلارچە قىلىقلىرىنى چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، بىردە  ماڭا سۈركىشىپ ئەركىلەپ قويسا، يەنە تۇرۇپلا ئۇماق ھەم يېقىشلىق گەپلەرنى قىلاتتى. شۇنىسى ماڭا ئېنىق ئېدىكى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى بىردىن بىر مەخسىدى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇش، قەلبىمدىكى جىددىيلىكنى ئىمكانقەدەر پەس كويغا چۈشۈرۈپ روھىمنى كۆتۈرۈش ۋە مېنى ئازادە كەيپىياتتا ئىمتاھانغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىدى.


ئىمتاھانغا قاتنىشىش  ئالدىدا تۇرغانلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق   كەيپىياتىڭلارنى تەڭشىۋالساڭلا بولغۇدەك ،،،،،،،،،
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:43 , Processed in 0.181399 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش