|
تەقدىر -قىسمەت دىگەن ئاجايىپ،بۈگۈن تاڭ ئاتتى ...بەلكىم ئەتە بىز يوق.
قايسى كۈنى شۇنداق قۇرلارنى كۆرگىنىم ئېسىمدە:
نىكاھ غايىپ،كىم بىلەن توي قىلىپ قېلىشىڭىزنى بىلمەيسىز.
رىسقى غايىپ ،قەيەردە نىمە يىيىشىڭىزنى بىلمەيىسىز.
3-سنى ئۇنتۇدۇم.
ھەقىقەتەن تەقدىر قۇيۇنلىرى ئانا ماكانىدىن ئۇچۇرپ ئاپىرىپ يىراق يىراق يۇرتلارغا تاشلىغاندا ئۇلار بىر-بىرىگە دوستلۇق قولىنى سۇنۇشقان.ئۇلارنىڭ ئورتاق كەچۈرمىشلىرى بار،ئورتاق قايغۇسى،ئورتاق يىغىسى بار بولغان.ئۇلار قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇشقان.كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتۈشكەن.يەنە شۇ تەقدىر ئۇلارنى قانداق بىر يەرگە ئەكەلگەن بولسا يەنە شۇنداق ئۇچۇرۇپ كۈز خازانلىرىدەك سارغايتىشقان.
كۈز كەتسە قىش كىلىدۇ.قىشتىن كىيىن يەنىلا باھار ئاپتىپى ئىللىق چىرايىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇلارنى ھارغىچە تەستەكلىگەن تەقدىر يەنە كارامىتىنى كۆرستىپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يىپلىرىنى باشقىلارغا چىگكەن.
----------------------------------------------------------------------
تۆت بۆلەك روماننىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سەبىرنى 4-بۆلەكنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىلەن تەبرىكلەيمەن.ۋەقەلىكنى دىمەيلا تۇرايلى،يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىنمۇ خاسلىقنى جارىي قىلدۇرۇپ،ئايرىم جايلار تەپسىلىي يەنە ئايرىم جايلار تولىمۇ قىسقا ئەمما جەلب قىلارلىق سۆزلەر بىلەن باش تېما يورۇتۇپ بېرىلگەن. |
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|