|
ئىشلار دائىم بىزنىڭ ئويلىمىغان يېرىمىزدىن چىقىپ تۇرىدۇ.تۇرمۇش شۇنداق رەڭدارلىقى بىلەن بىزنىڭ كۆزلىرىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلىپ تۇرىدۇ.ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق تېز تاماقخانا ئىگىسى ھاجىمغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ،بەش ۋاق نامازنى قازا قىلماي ئوقۇپ يەنە ئاخشىمى -ئەتىسى رىشادقا ئوخشاش نەنەلەردە يۈرۈيدىغانلارمۇ،ھاجىم داداشقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پەتىۋا تېپىپلا تۇرىدىغان ،كىشى ھەققىدىن قورقمايدىغان ئادىمىي ھايۋانلارمۇ بار.
دەسلىۋىدە خۇددى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىدەك بىلىنگەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇغانچە بۇ ئەسەر ئىچىگە چۆكۈپ كىتىۋاتىمەن.قەلەم ئىگىسىنىڭ تۇرمۇشنى كۈزىتىشى ،ئەسەر ۋەقەلىكى پىرسۇناژلارنى ئوبرازىنى يارتىشتىكى تەسۋىرلەر مېنى بارغانچە ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى.
مۇختەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنىڭغا چىقىش يولىنى كۆرستىپ بەرگەن بايانلارنى ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىپ ئۈلگۈردۈم.
كىشىنىڭ دىلى ئاق بولسا ماڭغان يوللىرىمۇ ئاق بولىدۇ.قانچىلىك ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقسۇن ھامان ئۇنىڭ يېشىمىنى تېز تاپالايدۇ.ياراتقان ئىگەم ئۆزى چىگكەن تۈگۈچنى ئۆزى يەشكۈچىدۇر.
تۇيۇقسىز ھەپتە بۇرۇن بىرسىگە شۇنداق دىگىنىم ئېسىمگە يېتىپ قالدى:
-ئاقكۆڭۈللىكىڭدىن يولۇڭ ئوچۇق سېنىڭ...نەگە بارساڭ ئىشىڭ ئوڭغا تارتىپ تۇرىدۇ.ئاق يول بولسۇن! |
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|