|
4
—ئاكا كالىنىڭ ئۈستىگە مىنسەم بۇلامدۇ ؟—ئاكام بىلەن بىللە بىردىنبىر تەۋەرىكمىز بولغان كالمىزنى يىتلەپ ماڭغاندا مان شونداق سورىدۇم.
—نەدە كالنىڭ ئۈستىگە مىندىغان ئىش بار ،ساراڭ بولدىڭمۇ شىرىن ؟
—ئەمما مېنىڭ بەكلا مىنگۈم بار ئىدى .
— كالنىڭ ئۈستىگە چىقساڭ ئۇ سېنى يىقىتۋىتىدۇ ،كىلە مېنىڭ مۆرەمگە چىق .
—راسىتما ،ھەجەپ ياخشى —شۇنداق دېگىنمچە ئولتۇرغان ئاكامنىڭ بوينىغا چاققانلىق بىلەن مىنگەشتىم .—شۇ چاغدا قانچىلىك خوش بولغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئەمما ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن ئاكامنىڭ مېنى ئۈستىگە چىقرىپ ئېلىپ مېڭىشى ئۈچۈن قانچىلىككۈچ سەرىپ قىلغىننى ئويلىغنىمدا ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش ئالدىم .
ئاكام ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپلا كالا باققىلى چىقاتتى. ئاكام بولمىسا بۇ ئۆيدە مەن ئېنىقلا بوزەك بۇلاتتىم.شۇڭا كىتابلىرىمنى كۆترۈپ ئاكام بىلەن بىللە چىقاتتىم.
—شىرىن ياخشى ئوقۇ ماقۇلمۇ ؟ياخشى ئوقۇپ ئاپام دادام دېگەندەك ئادەم بولمىساق بولمايدۇ ،ئۇماق سىڭلىم سەن بەك ئەقىللىق ،گېپىمنى ئاڭلا ھە ؟
—ماقۇل ئاكا،مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن ،بۇ يىلمۇ بىرىنچى بۇلمەن .
—مېنىڭ ياخشى سىڭلىم —ھەر قېتىم ئاكام مۇشۇ تەكرارلايتى .ئېتىز قىرلىردا كالا بېقۋاتقان ماڭا يىتەكچىلىك قىلاتتى.ئۇنىڭغا تېكىست يادلاپ بېرەتتىم،مىسال ئىشلەپ كۆرسىىتەتتىم .
ئاكام بىلەن بىللە بولسام كۈنلىرىم شۇنداق مەنىلىك ئۆتەتتى .
ھەر كەچلىكى ئاكام بىلەن بىللە ياتاتتىم.گۈلنىسا ئاپام ‹‹ئەمدى سىز چوڭ بولۇپ قالدىڭىز ،ئايرىم يېتىڭ››دەپ ئايرىۋەتسىمۇ ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن يەنە ئاكامنىڭ ئىچىگە كىرۋالاتتىم.ئاكامنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ياتسام شۇنچىلىك خاتىرجەم ئۇخلايتىم.
بىر كۈنى گۈلنىسا ئاپام ‹‹ئاكىڭىز ئەمدى ئايرىم ئۆيدە ياتسۇن ،سىز ئاچىلىرڭىز بىلەن مۇشۇ ئۆيدە يېتىڭ ››دەپ بىزنى ئايرىۋەتتى.مەن قەتتى قۇشۇلماي قەغىشلىك قىلىپ يىغلاپ تۇرۋالدىم ،چۈنكى داداپ،ئاپامدىن ئايرىلغان كۈندىن تارتىپ بۇرۇن ئاپام بىلەن قانداق ئۇخلىغان بولسام شۇ مىھىرنى ئاكامدىن ئىزدەپ شۇنداق ئۇخلاپ كۆنۈپ قالغان ئىدىم.گۈلنىسا ئاپام ۋە ئاكام چۈشەندۈرۈپ مېنى يىغدىن توختاتتى.
ئاكامدىن ئايرىلىپ ياتقان بۇ كېچە ،خۇددى ھېلقى ئاپام،دادامدىن ئايرىلغان كۈندىكدەك غېرىپسىندىم .بۇ كىچە مۇدھىش تۆت تام ئىچىدە ئۆزۈم يالغۇز قالغاندەك قورىقىنىچ ،غېرىپلىق ئىچدە يىغلاپ كىچىنى تاڭغا ئۇلىدىم .ئاكامنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقنى شۇ كۈنى تېخمۇ ھىس قىلغان ئىدىم . |
|
|
|
|
|
|