|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 14:00
5
ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى ،بىز يەنىلا گۈلنىسا ئاپامنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتاتتۇق .ئاكام تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ناسىر تاغامنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئوقۇشتىن توختاپ بۇ ئۆيدە ئائىلنىڭ ئېغىر يىنىك ئىشلىرنى ئۈستىگە ئېلۋالغان ئىدى . مەنمۇ دەرىسلەردە ئىزچىل ياخشى مېڭۋاتاتتىم .ھەر قېتىم مەكتەپ بۇيچە ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى ›› بۇلۇپ باھالىناتتىم.ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشاش مېنى ئارىغا ئالمايدىغان ،ئۇيۇنغا قوشمايدىغان ساۋاقداشلىرىم يوق ئىدى .ھەممسى ماڭا ئامراق ئىدى.بۇنى ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىنجىسى دەپ قارايتىم .
مەن يەنە گۈلنىسا ئاپامغا ياردەملىشىپ يۈرۈپ تاماق ئېتىشنى ئۆگىنۋالدىم .ئۇنىڭ ئىككى قىزى ماڭا ئۆچ بولغىنى بىلەن گۈلنىسا ئاپام ئاكام ئىككمىزنى ئۆز باللىردەك كۆرەتتى.شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئىككسىدىن ئازار يىسەممۇ ئارتۇقچە زارلنىپ كەتمەيتىم.
بىر كۈنى كەچتە ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى .شۇ ئىش قارا يىتىم بولغان ئاكام ئىككمىزنى بۇ ئۆينىڭ مىھرىدىنمۇ ئايرىۋەتتى .
شۇ كۈنى تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بۇلۇپ بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدىم. قورقۇنۇچلۇق بىر چۈش بۈگۈن كېچە ئۇيقامغا ھەمراھ بولغان ئىدى. ‹‹ئاكا ›› دەپ ۋارقىرغىنمچە چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم .تېخى تاڭ سۈزۈلمىگەن ئىدى .قورقىنىمدىن تىترەپ كېتىۋاتاتتىم.ئىككى ئاچام بىلەن بىر ئۆيدە ياتساممۇ مەن ئۆينىڭ ئۇ تەرپىدە ،ئىككىسى بۇ تەرپىدە ياتاتتى. ئۇلار مېنى قېشىغا يېقىن كەلتۈمەيتى. ئاكامنىڭ قېشىغا چىقىپ كىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ قورقىنىمدىن جۈرئەت قىلالمىدىم.ئاخىر ئامالسىز ئۇ ئىككىسنىڭ يېنىغا بېرىپ نادىرە ئاچامنى ئويغاتتىم.
—ئاچا سىز بىلەن بىرگە ياتايچۇ ،قارا بېسىپ قاپتىكەن بەك قورقۇپ كېتۋاتمەن.
—بۇ كېچىدە نىمە دەيدۇ ماۋۇ ساراڭ ،ئۇيقامنى بۇزماي نېرى تۇرغىنە —نادىرە ئاچام شۇنداق دەپ يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ يېتۋالدى.
—جېنىم ئاچا ئۇنداق قىلماڭ ،بىر كىچە بىللە ياتايلى ،بەك قورقۇپ كەتتىم .
—قورقۇپ كەتكەن بولساڭ خوپ بوپتۇ ،سەن بىلەن ھەرگىز بىللە ياتمايمەن ،ماڭ جايىڭغا كەت.
—ئاچا ئۇنداق قىلماڭ — مەن شۇنداق دېگىنمچە قاراڭغۇلۇقتا ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدىم .
—نىمە جىنىمنى چىقىردۇ ماۋۇ ،مەن سېنى نېرى تۇر دېدىم —ئۇ شۇنداق دەپ مېنى كۈچەپ بىرنى ئىتتەرگەن ئىدى بېشىم تامغىلا ئۇرۇلدى .قورقىنىچقا قۇشۇلغان بىر ئاغرىققا چىديالماي ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ يىغلىۋەتتىم .
—نىمىگە يىغلايسەن ،خوپ بولدى ئۆزۈڭگە ئاز —نادىرە ئاچام ھىچ ئەنسىرمەكتە يوق يەنە شۇنداق دېگەن ئىدى، مەن تېخمۇ بەك ئۆكسۈشكە باشلىدىم .
—نىمە بولدى ،شىرىن يىغلىغان سەنما ؟—ئاكام شۇنداق دېگىنچە ئۆيگە كىرىپ چىراغنى ياندۇردى —نىمگە يىغلايسە ،نىمە بولدۇڭ ئۇكام ؟
—ئا...ئاكا —گېپىمنىمۇ ئوڭلاپ دىيەلمەي ئۇنىڭغا ئېسىلدىم .
—نادىرە شىرىنغا نىمە بولدى ،نىمىگە يىغلايدۇ ؟
—نىمە بولاتتى ،ئادەمنى ئۇخلاتماي يېنىمغا كىلۋالغاندىكىن ئىتتىرۋەتسەم بۇ پالاكەت تامغا ئۈستى—چاڭڭىدە تەگكەن بىر تەستەك بىلەن نادىرە ئاچام مېنىڭدىنمۇ بەك چىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى .
—يېنىڭغا كەلگەنگە نىمە بوپتۇ ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتساڭ ئۆلۈپ قالامدىكەنسەن ،شىرىن ساڭا شۇنداق ئامراقلىق قىلدۇ ،سەن نىمىشقا ئۇنىڭغا شۇنچە ئۆچلۈك قىلسەن ؟—نادىرە ئاچام ئاكامنى نىملەرنىدۇر تىللاپ يىغلاۋاتاتتى ،ئۇنىڭغىچە ناسىر تاغام بىلەن گۈلنىسا ئاپام كىردى .
—بۇ كېچىدە نىمىش بولدى ،نىمە يىغا- زار بۇ ؟
—ۋۇي نادىرە ،شىرنئاي يىغلاپسىلەرغۇ ،نىمە بولدۇڭلار بالام ؟
—ھۈ..ھۈ دادا ،شاۋكەت مېنى ئۇرۋاتىدۇ —نادىرە ئاچام شۇنداق دەپلا دادىسغا ئېسىلدى .
—ئوغلۇم نىمە ئىش بولدى ،نادىرەنى راس ئۇردىڭما ؟—گۈلنىسا ئاپام شۇنداق دېيشىگە ناسىر تاغام سۆز ئاچتى :
—ئۇرمىسا بالا بىكار يىغلامدۇ ،‹‹ئاش بەرگەنگە مۇشىت بەر ››دەپ ،مەن ما ئىككىسنى ئاچ-يالىڭاچ قويماي بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسام ئەمدى باللىرىمنى ئۇرغىدەك بۇلۇپتۇ مانا .
—ئۇ شىرننى تامغا ئۈستۈرۋېتىپتۇ ،شىرىنئاي ئۇنىڭغا ھىچ يامانلىق قىلمىسا ،بۇ بىرىنچى قېتىنلا ئەمەس ،نەچچە قېتىم كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سالدىم .شىرىنئايمۇ ماڭا بىرەر قېتىم دادلاپ باقمىدى .ھېلمۇ ئۇ كۆتۈرۋاتىدۇ ،ئۇنى شۇنداق بوزەك قىلسا بۇلامدىكە —ئاكام بۇ گەپلەرنى دېگىندە ئۇنىڭ كۆز چاناقلىردا ياش لىغىرلاپ قالغان ئىدى .
—ۋۇ تۇزكور ،بالامنى ئۇرۇپ يەنە ماڭا گەپ ياندۇرۋاتامسەن ،سەن ئىتنىڭ كۈچۈكنى —ناسىر تاغام شۇنداق دەپ ئاكامنى ئۇرۇشقا تەمشەلگەن ئىدى گۈلنىسا ئاپام تۇتۋالدى ،شۇنداقتىمۇ ئاكام بۇ تاياقتىن قۇتلۇپ قالالمىغان ئىدى.بۇ كۆرنۈشلەرنى ھازىر ھەر ئەسلىگنمدە ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ سالاتتىم .
—ئەتە بۇ ئۆيدىن يۇقلىش ،نەگە بېرىپ تۇرۇشساڭ تۇر،سەنلەرگە ئاش بېرىدىغان قازنىم چېقىق مىنىڭ—گۈلنىسا ئاپام ناسىر تاغامنى سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ چىقىپ كەتتى .
ئاكاممۇ مېنى ئېلىپ ئۆزى ياتقان ئۆيگە چىقىپ كەتتى.
—ئاكا ،خاپا بولمىغىن ،مېنى دەپ سەنمۇ تاياق يەۋالدىڭ ،مۇنداق قىلە ئاغرىدىمۇ ؟—يىغا ئارلاش شۇنداق دېگىنمچە ئاكامنىڭ ناسىر تاغامنىڭ مۇشتۇملىرى تەگكەن يۈزىنى تۇتتۇم .
—ئۇنداق دېمە شىرىن ،سېنى قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم،ماڭا ھىچ ئىش بولمىدى ،سېنىڭچۇ ،بېشىڭ يەنە ئاغىرۋاتامدۇ ؟ خەپ نادىرە...
—ياق ،ئاغىرمىدى ،بەك قورقۇپ كىتىپ ئۇنى ئويغاتقان ئىدىم ،ئويغاتمىسام بوپتىكەن ،ئاكا ناسىر تاغام بىزنى كەت دېدى ،ئەمدى قانداق قىلامىز ؟
—كىتىمىز ،بىزنىڭمۇ ئۆيىمىز بار ،ئاشۇ ئۆيىمىزگە كىتىمىز .ئەنسىرمە شىرىن ،ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە ياشايمىز .مەنلا بۇلدىكەنمەن ساڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ —ئاكام شۇنداق دىگىنچە بېشىمنى سىيلىدى .
ئەتىسى راسىت دېگەندەك ئاكام مېنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بار يۇقى بىر نەچچە قۇر كىيىملىرنى يىغىشتۇرىشا باشلىدى .گۈلنىسا ئاپام قانچە زورلاپ باققان بولسىمۇ ئاكام يەنىلا كىتىدىغانلىقنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى ئالدى .
شۇ كۈنى مەن ،ئاكام ۋە بىردىنبىر تەۋەرۈكمىز بولغان ھېلقى كالمىز بۇ ئۆيدىن ئايرىلدۇق . |
|
|
|
|
|
|