يامانلىقنىڭ مەنبەسى

  مۇتەللىپ ئىقبال   پىلىپ زىمباردو (Philip Zimbardo)نىڭ لۇسىفېر تەسىرى(The Lucifer Effect) ناملىق كىتابى ھەققىدە   قانداق نەرسىلەر ياكى ئىشلار ئىنسانلارنى يامان ئىش قىلغۇزىدۇ؟ ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن يامان ئىش قىلىدۇ؟ يامان ئىش قىلىشىغا نېمە تەسىر قىلىدۇ؟ دېگەندەك سۇئاللار ھەققىدە داڭلىق پىسخولوگ پىلىپ زىمباردو تەجرىبە ئېلىپ بارغان. پىلىپ زىمباردو ئەگەر ياخشى كىشىلەرنى ناچار يەرلەرگە تاشلاپ قويسا، قانداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن تۈرمىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئو تەجرىبە ئوبىيكىتلىرىنى(تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلار) ئىككى

داۋامى

جەمئىيەت تەكشۈرۈش

مۇتەللىپ ئىقبال   جەمئىيەت تەكشۈرۈشى بىزنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيا ۋە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان تەتقىقات پائالىيتىدىن ئىبارەت. جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيتى خۇددىي تەبىئىي پەنچىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ئۇسۇللىرى ۋە جەريانلىرىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيتى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە يەكۈنگە ئېرىشكىنىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى ئېچىپ بېرىشكە تېرىشىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ئىجتىمائىي دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشىمىزدە بىۋاستە ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارمايمۇ دۇنيانى چۈشىنىپ ياشاۋاتىمىز، دەپ ئويلىشى

داۋامى

سارتېرىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىكى

مۇتەللىپ ئىقبال   مەۋجۇدىيەتچىلىك دېگەن نېمە؟ بۇ سوئالغا ھازىرغا قەدەر بېرىلگەن جاۋابلار ھەرخىل. ئەمما ئۇقۇمغا بېرىلگەن تەبىرلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق دائىرىسىنى بېكىتىش بىزنىڭ بۇ ئۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ھەققىدە بۇ پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى(سارتېرى)مۇ مەلۇم بىر ئېنىقلىما بەرمىگەن.[1] مەۋجۇدىيەتچىلىك فىرانسىيەلىك يازغۇچى سارتېرى(Jean Paul Sartre) نىڭ 1946-يىلى فىرانسىيەدىكى بىر كۇلۇبتا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تەرەققىي قىلغان پەلسەپە بولۇپ، سارتېرى ”مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر ئىنسانچىلىقتۇر“ دېگەن كىتابى ئارقىلىق مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇنداقتا مەۋجۇدىيەتچىلىك دېگەن

داۋامى

يۈز قىلغانغا يۈز قىل

-گوفمان ۋە ”يۈز ئىشى“[1] مۇتەللىپ ئىقبال يۈز نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن مۇقەددەستۇر. بۇ سەۋەبتىن قوغدىلىشقا ۋە ئېتىبار قىلىنىشقا موھتاج . يۈز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى قالقاندۇر. بۇ سەۋەبتىن ، قارشى تەرەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بىزگە خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلالمايدۇ. يۈزگە ئېتىبار بېرىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ئۆزىنى ھۆرمەتلەش مەۋجۇت يەردە باشقىلارنىڭ بىزگە ئېتىبار قىلىشى ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ . يۈز ئىككى كىشى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە مەنپەئەتچان مۇناسىۋەتلەردە ساقلىنىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بىز باشقىلارنى ھۆرمەتلەيمىز، بۇنىڭ نەتىجىسىدە باشقىلارنىڭمۇ بىزنى

داۋامى