ئالدىراشچىلىق
مۇتەللىپ ئىقبال نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئالدىراشچىلىق يۇقىرى سالاھىيەت ياكى قابىلىيەتنىڭ سىمۋولىدۇر. چۈنكى، جەمئىيەتتە ھۇرۇنلۇق ۋە بوشاڭلىق تەنقىد قىلىنغان ۋە ئۆچ كۆرۈلگەن ئىكەن، تەبىئىي ھالدا ئالدىراشچىلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ماختىلىدۇ ۋە سۆيۈنىلىدۇ. ئالدىراشچىلىقنىڭ ئەڭ ئاددىي مەنىسى قىلىدىغان ئىشى بولۇش ۋە ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا مەيدان بولۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بۇ مەنىدە بىر كىشىنىڭ ئالدىراش بولۇشى شۇ كىشىنىڭ قەستەن ئالدىراش بولۇۋېلىشى ئەمەس ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىشىنىڭ ئۇنى ئالدىراش قىلىۋېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى