مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: cctv520

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈستىدىن ئەرز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91949
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ھىسيات ، ئەقىلنى  كېسىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91949
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:44:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi100 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-27 03:10 PM
ئۇ يەردە ۋىجدانى بار ئەمەلدەرلار بولغان بولسا مائارىپ ...

مۇشۇنداق  كىېتىۋەرسە ، كەلگۇسى  مائارىپتىن قانداقمۇ  ئۇمۇت كۇتكىلى بولسۇن  ؟                 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان ئويلاپسىز ھەم چوڭ ئىشقا نىيەت قىلىپسىز،لېكىن تەييارلىقىڭىز تېخى پۈتمەپتۇ،ئەرىز قىلىشنى ئويلاشقانكەنسىز ئەرىزدە يىڭىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق بولۇش كېرەك،يەنى دەلىل-ئىسپات.ئەرزىڭىزنى سوتقا تاپشۇرغاندا سوتتىن ئىككى مەسلىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ،دەۋا ئوبىيكتى يەنى كىمنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىسىز،يەنە بىرى دەۋا تەلىپى نېمە تەلىپىڭىز بار؟بايا تورداشلار ئېيتقاندەك ئىدارە ئەمەس نازارەتنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلسىڭىز بىر قەدەر مۇۋاپىق،ئەگەردە قوش تىل سىياسىتى مائارىپ نازارىتىنىڭ يەككە خارەكتىرلىك بۇيرۇقى بولماستىن ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت چىقارغان ھۆججەت بولسا ئەلۋەتتە دەۋا ئوبىيكتى ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ،دەۋا تەلىپىڭىز نېمە؟سىزگە مەزكۇر سىيەسەت تۈپەيلى قانداق زىيان يەتتى،قايسى ھوقۇقلىرىڭىز كاپالەتكە ئېرىشەلمىدى شۇ سەۋەپتىن قانچىلىك زىيان بولدى؟مانا مۇشۇلار توللۇق ۋە توغرا بولسا دېلو تۇرغۇزۇش شەرتىگە توشقان بولۇپ قانۇن بويىچە سوت مەھكىمىسى ئەرزىڭىزنى قوبۇل قىلىشى كېرەك،ئەرزىڭىز قوبۇللانغاندىن كېيىن قىلىدىغان بارلىق ئىش پەقەت بىرلا-دەلىل ئىسپات،قايسى مەكتەپتە قانچىلىك ئوقۇغۇچى ئۆز تىلىدا نورمال مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بارالمىدى؟قانچىلىك ئوقۇغۇچىنى ئىستاستىكا قىلغاندىكىن كېيىن ئەسلىدىكى قانچە پىرسەنتلىك دەرس ئۆزلىشىش ئەھۋالى قانچە پىرسەنتكە ئۆزگەردى؟قىسقىسى ئېيىتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىزنىڭ دەلىلى قايسى؟گۇۋاھچسى كىم؟مانا بۇ ئەقەللىي ھەر بىر دەۋادا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنىڭ ئاساسىي،شۇڭا تەكلىپىم باشتىلا ئەرىز سۇنىمەن دەپ چوڭ يەردىن چۈشمەي ئىسپات توپلاشتىن سانلىق مەلۇماتنى يىغىشتىن باشلاڭ،خالىغان بىر مەكتەپكە مائارىپ ئىدارىسىغا خەت ياكى ئىلخەت ئەۋەتىپ مەلۇم مەزگىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى دەرىس ئۆزلىشىش ئەھۋالى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىشى قاتارلىقلارنى ئىگىلىسىڭىز بولىدۇ،ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاشقا ئالاقىدار قانۇن نىزاملىرىغا ئاساسەن ھەر بىر پۇقرانىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىدىن سىرت بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار،يەنە كېلىپ يۇقارقىلار ئاغىرمايدىغان قىچىشمايدىغان مەزمۇنلار،بەك مۇھىممۇ ئەمەس،ئەگەر 15خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرمىسا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىپ بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇنغا ئىلتىماس سۇنسىڭىز ياقى مۇشۇ ئىش توغرىلىق ئەرىز قىلسىڭىز بولىدۇ.ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ سېلىشتۇرۇپ پاكىت توپلايدىغان گەپ،ھازىرچە مۇشۇنچىلىك قىلالىسىڭىز ئاخىرىغا بارغۇچە ھەممىنى قىلىپ كېتىسىز،ئەگەر بىردەملىك ھاياجاندا يېزىىپ قويمىغانلا بولسىڭىز ئوبدان باشلاپسىز،بۇ بىر ئادەم بىلەن ئاخىرى چىقىدىغان ئىش ئەمەس،سىز باشلايسىز يەنە بىرسى داۋاملاشتۇرىدۇ،مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا بولىدۇ

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91949
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:46:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
umudi يوللىغان ۋاقتى  2013-2-27 02:28 PM
ھەر ئىشنىڭ يولى بىلەن ، دەلىلى بىلەن قىلغان ياخشى ، قو ...

مائارىپقا  كۇڭۇل  بۇلگەنلىك  ،  كەلگۇسى  ئەۋلاتلار ئۇچۇن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92163
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 680
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغراقجان ئەپەندىنىڭ بۇ ئەرزى دەل ۋاختىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلدى يەنە كىچىكسە بولمايتتى. سىزنى قوللايمەن. تەۋىسسىيەم ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئاتا- ئانا ھىسسىياتكا بېرىلمەي بالىلىرىمىزنى ئۇقۇتۇش جەريانىدا يۇلۇققان ئەمىلى پاكىتلىق دىتاللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق ئاتالمىش قوشتىل مائارىپىنىڭ ھىقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ئەۋلاـلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالايلى.
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90764
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:54:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بولسا بۇ تىمىنىڭ تەسىر دائىرسىنى كىڭەيتىپ  ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ دىققىتىنى مۇشۇ ئاۋام خەلىقنىڭ يۈرەك ساداسىغا مەركەزلەشتۈرسەك چۇقۇم بۇ ئەرىزنامىنىڭ كۈچى كۆرۈلىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئانا تىل مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!

ھايات ئادەمگە بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21317
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6435
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1261 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋىتەي دەپ كىرسەم، ماڭا ياردەم قىلىپ ئىشىمنى ھەل قىلىپ بوپسىلەرغۇ، ئازراق خىجىللىق بىلەن كىرىپتىم. يېنىكلا چىقاي.
بىر مۇنبەرنىڭ ئىش بىجىرىش پىرىنىسىپى مۇشۇ تۇرسا، چوڭ يەرنىڭ ئەلۋەتتە شۇنداق بولامدىكى ھەقىچان.

ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇردەك ياشاشنى بىلسەم، «ئۇيغۇر»لۇق غورۇرنى ئاياشنى بىلسەم. ئەلنى ھەم جان بىلىپ، ئەلگە جان قىتىپ، ئەل ئۈچۈن جاننى ھەم ئاتاشنى بىلسەم. -- ئەلجانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92163
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 680
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:24:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كېرىيە ناھىيىسىدىن. ئوغلۇم 8ياشقا كىردى. ناھىيىلىك خەنزۇ مەكتەبنىڭ ئاتالمىش قوشتىل سىنىپىنىڭ بىرىنجى يللىقىدا ئۇقۇيدۇ. تەتىلدىن بۇرۇنمۇ تاپشۇرۇق ئىشلىتەلمەي بەك ئاۋارە بۇلاتتۇق.ئانىسى بالىنى تىللاپ دۈكۈشلەپ دىگندەك ئىشلىتەتتى. ئەمما مەن بۇنىڭغا قارشى ئىدىم. بالا ئۇخلاپ قېلىپ ئىشلەپ بۇلالمىغاندا ئەتىسى ئەتتىگەن ئانىسى يەنە بالىنى توۋلاپ ئويغۇتۇپ  تاپشۇرۇق ئىشلىتەتتى. بالا كىچىك ئۇيقۇغا قانماي ئاران ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشلەيتتى. ئىشلەپ بۇلالمىسا مەكتەپكە بارمايمەن دەپ تۇراتتى.
بۇگۈن ھود 27-كۈنى بالام تەتىلدىن كېيىن تۇنجى مەكتەپكە بارغان كۈن ئىدى. كەچتە ئانىسى ئىشتىن بالىنى ئېلىپ ئىشىكتىن كىرىپلا بالىغا ۋاقىراپ -جاقىراپ كەتتى. سەۋەبى بالام تەتىل تاپشۇرۇقلىرىنى (مەجبۇرى سېتىپ بېرىلگەن قۇشۇمچە تەتىل تاپشۇرۇقلىرى) تۇلۇق ئىشلەپ بولمىغان .چۇنكى مەن ئۇبدان ئويناپ ئارام ئېلىۋالسۇن دىگەن. شۇڭا خەن مۇئەللىم بالام ھەم ئانىسىغا تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولمىسا ئەتە مەكتەپكە كەلمىسۇن دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئەرۋايىم ئۇچتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە كۈڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ تاماقمۇ يىيەلمىدۇك. ھازىرمۇ بالام ئەتە مەكتەپكە بارماسلىقنىڭ قازىنىنى ئېسىپ قۇسۇكۇم ئاغرىدى مەكتەپكە بارمايمەن دىدى. ئالدىساقمۇ ئۇنىماي يېغلاپ يۇرۇكۇمنى ئېچىشتۇرۋەتتى. ھازىر ئانىسى ئالداپ يوتقاندا ئىشلىتىۋاتىدۇ. بالامغا چىدىماي ۋاتىمەن. ئەتە بالا بىلەن مەكتەپكە بىرەە بېرىپ ئولتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن بالامغا خەن ىانىم بىرنىمە دىسە دىيىشمەكچى. كېرىيىنىڭ ئۇمۇمى مائارىپ ئەھۋالىنى ئالساق پىداگوگىكا قېلىپىدىن چىكىپ كەتتى. كىملىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدىغان خەن زۇۋان بىر ئايال  ئىدارە باشلىقى بولغان. ئۇ قوشتىللىق مائارىپنى سىياسى دەسمى قىلىپ مۇئاۋىن ھاكىملىققا ئۆستى. يەنە مائارىپنى باشقۇرۇۋاتىدۇ  كېرىيە مائارىپىنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بىزنىڭ تىل -يىزىقىمىز يوقالمايدۇ ،ئۇنداق تەشۋىشلىنىپ كەتسەكمۇ بولماس ،لىكىن سۈكۈت قىلىشمۇ بويسۇنغانلىق .تىل -يىزىق شۇنداق خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ بۇ چوڭ خەتەر ئەمەس ،ئەڭ يامىنى ئەشۇ تىل -يىزىقنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان ،مىللىي خاراكتىرىنى يوقاتقان ،بىدئەت ئۇيغۇرلار ئەڭ خەتەرلىك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1172 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تېمىنىڭ ئۆز ئېگىسى بۇ ئىنكاسلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرشىنى  ئۈمىد قىلىمەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش