مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 37087|ئىنكاس: 103

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈستىدىن ئەرز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34915
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6879
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2013-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:42:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى

ئۈستىدىن ئەرز

قېرىنداشلار، ھازىر مىللىي مائارىپىمىزنىڭ پاتقاققا قانچىلىك پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈڭلارمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان تۇنجى قارار ئاتالمىش »قوشتىللىق« ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ساۋاتسىز بالىلارنىڭ نىسبىتى مىللىي مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىنى »مانا مەن« دەپ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا ئاھ ئۇرۇپ، قايناپ – قاقشىغان بىلەن ئىش پۈتەمدۇ؟ ئاقىۋەت زىيان كىمگە بولىدۇ؟
مەن بۇ توغرىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى مائارىپىمىزدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ باش جاۋابكارى – مائارىپ ئىدارىسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. بىراق مەن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەن ھېس قىلغان جىنايەت پاكىتلىرى قانۇنغا ئۇيغۇن بولدىمۇ-يوق؟ بۇنى تورداشلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىرلىكتە ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن، بۇ ئەرزنامىنى تورغايوللىدىم. تورداشلار، بولۇپمۇ ئادۋۇكاتلارنىڭ كۆرۈپ بېقىپ، مەسلىھەت بېرىشىنى، چۈشۈپ قالغان پاكىتلار بولسا تولۇقلاپ قويۇشىنى ھەمدە مەن بىلەن بىرگە مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن دەۋاگەر بولۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەرز قىلىشتىكى ئاساس: »مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى« نىڭ 1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 9- ماددىسىدىكى »ھەرقانداق ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخس مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئالاقىداردۆلەت ئورگىنىغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.«

مائارىپ نازارىتى ئۈستىدىن ئەرز

خەلق سود مەھكىمىسىگە:
ھازىر مىللىي مائارىپىمىز بارغانسېرى چېكىنىپ، پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ كېتىپ بارىدۇ. كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپقا بولغان رايى بارغانچە قايتىپ كېتىپ بارىدۇ. مائارىپنىڭ سۈپىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى ناھايىتى كۈچىيىپ كېتىپ بارىدۇ. ساۋاتسىز ھالەتتە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىۋاتقان بالىلار، مەكتەپتىن قېچىۋاتقان بالىلارنىڭ ھازىرغىچە توختىماسلىقى، تۈركۈملەپ »ئوقۇش پۈتتۈرۈپ« چىقىپ كېتىۋاتقان ساپاسىز بالىلىرىمىز، جەمئىيەتنىڭ »داشقال« لىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان سانسىز ياشلىرىمىز، ئىشسىز قېلىۋاتقان ستۇدېنتلار _ مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمەيۋاتقانلىقى، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىن ساغلام كەلگۈسى ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇ مەسئۇلىيەتنى ساپاسىز بىچارە مەكتەپ مۇدىرلىرىغىمۇ ئارتىپ، ھارغۇچە تىللاپ باقتۇق. بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتەمدۇ؟ »سۇنىڭ بېشى لاي« تۇرسا. شۇ ساپاسىز بىچارە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىگەتەيىنلىگەن، مائارىپ ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان مائارىپنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى _ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساۋادسىز قېلىشى، ساپاسىز قېلىشىدەك جىنايى جاۋابكارلىقنى مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىگە ئالمىسا، قايسى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؟ (»مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى« نىڭ 1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 7- ماددىسىدىكى »ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.«)
1. «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم». بالىنىڭ كىچىكىدىن قانداق ئادەم بولۇشىنى ئائىلە تەربىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانا _ بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ. خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاكىمىيەت يولىنى تۇتماي، ئىلىم يولىنى تاللىۋېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئىتىراپ قىلغان داڭلىق تىلشۇناس ئالىمغا ئايلىنىشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى بۈبى رابىيەنىڭ تۆھپىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، ھازىرقى ئاتا-ئانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ؟ بۇنىمۇ تېگى-تەكتىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، يەنىلا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلار ئەينى يىللىرى يەڭگىللىك بىلەن ئارقا-ئارقىدىن يېزىق ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، بىرقانچە قارار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولمىغان بولسا، ھازىرقىدەك مىللىي مەدەنىيەت ۋە مائارىپتىكى ئۈزۈكچىلىك كېلىپ چىقمىغان، ھازىرقى زاماندىكى ساۋادسىز ئاتا-ئانىلار پەيدا بولمىغان بولاتتى. يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ ئاتا-ئانىلار كىمنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى، كىمنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنىمۇ بىلمىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان تۇرسا، مائارىپنىڭ ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان پايدىسىنى بالىلىرىنىڭ كۆرۈشىگە ئىشىنەرمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، بالىلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپ تەربىيىسىگە ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلالامدۇق؟
شۇڭا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تۇنجى دەرسخانىسى بولغان ئائىلە مەكتىپىنىڭ تايانچسىز قېلىشىدىن ئىبارەت بۇ جاۋابكارلىقنى، ئەلۋەتتە، مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.(»مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى« نىڭ 1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 9- ماددىسىدىكى »مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا توسالغۇ بولۇپ، زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بار خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئىستىپا بېرىشى كېرەك.«)
2. مەكتەپ _ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيىلەيدىغان مۇھىم تايانچ بازىدۇر. مەكتەپ خىزمىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىغا باغلىق. ئالدىنقى ئەۋلاد پىشقەدەم مائارىپچى مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزنىڭ سەپتىن چېكىنىشى بىلەن، يېڭىدىن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان بىر قىسىم »يانچۇقچى« مۇدىرلارنىڭ زېھنىنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە قاراتماي، مەكتەپ مالىيەسىگە ۋە ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى توملاشقا يېپىشىۋالغانلىقىدەك »ئوغرى« لارچە قىلمىشنى مائارىپ ئىدارىسى پەقەت بىلمەيدۇ دەپ، كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ھەتتا بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىغىمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ. ئۇنداق بولسا، بۇ »يانچۇقچى« مەكتەپ مۇدىرلىرىنى بۇ ئورۇنغا كىم قانداقلارچە چىقىرىپ قويدى؟ مائارىپ ئىدارىسى ئەمەسمۇ؟ مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى زادى نېمە؟ (»مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى« نىڭ 3- باب 24- ماددىدىكى »مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنى ياكى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.« ۋە 26- ماددىدىكى »مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە توشۇشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەكلىپلىك تەيىنلەيدۇ.«)
3. ئوقۇتقۇچى _ مائارىپنىڭ تايانچ قوشۇنى. ئۇنداقتا بۇ قوشۇننىڭ سان ۋە سۈپىتىچۇ؟ ھازىرغىچە بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئەقلى يەتمەيدۇ ئادەمنىڭ. چۈنكى ئوقۇتقۇچى بەك ئاز. بولۇپمۇ باشلانغۇچ مائارىپنىڭ. ھەتتا بەزى مەكتەپلەرگە سىنىپ مۇدىرلىقىغىمۇ ئادەم يېتىشمەي، مەكتەپ مۇدىرى سىنىپ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغانمەن. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيدۇ؟ ئادەم يوقمۇ؟ ئەمىسە نەچچە ۋاقىتتىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز يۈرۈۋاتقان سىتۇدېنتلارچۇ؟ ياكى ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىدىغان پۇل يوقمۇ؟ دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مائارىپقا سېلىنىۋاتقان سېلىنمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇل يوق دېسە، كىممۇ ئىشىنەر؟ »ئىككى ئاساسەن« نى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەزگىلىدە، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىخەت جەدۋىلىنى يوللىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپ شىتاتىغا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپ شىتاتىغا كىرگۈزۈپ، شىتات تولۇق ھالەتتە يوللىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ئوچۇقتىن-ئوچۇق يۇقۇرىنى ئالدىغانلىق ئەمەسمۇ؟
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، بەزى مەكتەپلەردە ھەربىي سەپتىن قايتىپ كېلىپ ئىشچىلىققا ئورۇنلاشقان كىشىلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە سېلىنغانلىقىنى مىسالغا ئالماي بولمايدۇ. بۇمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئامالسىزلىقتىن قوللانغان تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن مائارىپ ئىدارىسى خەۋەرسىز ئەمەستۇر، ئەلۋەتتە. چۈنكى، مائارىپ ئىدارىسى شىتاتنى يۇقۇرىغا يالغان مەلۇم قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ بەرمىسە، مەكتەپكە بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئامال بار؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنىمۇ مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. (»مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى« نىڭ 4- باب 32- ماددىدىكى «ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلىشى، تەڭشىشى، ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.«)
4. ھازىرغىچە باشلانغۇچتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ساۋاتسىز چىقىۋاتقان بالىلار تېخىچە تۈگىگىنى يوق. بالىلارنىڭ ساۋاتسىز قېلىشى مائارىپ ئۈچۈن كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، بۇ جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ بالىلارنى يېشىغا ماس ھالدىكى بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقىغا ئاساسەن يۇقۇرىلاپ ئوقۇش ئەمەس، بەلكى «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» كە ئوخشاش، يېشىغا ماس قەدەمدە مەجبۇرىي سىنىپ ئاتلىتىپ ئوقۇتۇش تەدبىرىنى يولغا قويغان مائارىپ ئىدارىسى ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ ئۇچۈن، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساۋادسىز قېلىشىدەك بۇ جىنايى جاۋابكارلىقنىمۇ چوقۇم مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. («جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورامىغايەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» نىڭ 4- باب 37- ماددىدىكى «قورامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگىتىپ مەكتەپتىن كۆچەلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلارنى كەسپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.«)
5. ھازىرغىچە ئوقۇشتىن قېلىۋاتقان، ئوقۇشتىن قېچىۋاتقان ياكى ئېلىپ قېچىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ دېققىتىنى قوزغىمايدۇ؟ ئاشۇ ئوقۇشتىن قېلىۋاتقان، قېچىۋاتقان ياكى ئېلىپ قېچىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالسىچۇ؟ ئۇلاردىن بىرەرى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىپ قالغان ياكى بىرەر تىرورلۇق ھەركىتىگە چېتىلىپ قالغان ۋاقىتتا، ئاندىن پايپېتەك بولۇپ، ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈپ، مەكتەپنى ئۆرە-تۆپە قىلىپ، مەكتەپ مۇدىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە شۇنداق ئوقۇغۇچىغا مەسئۇل بولۇپ قالغان «گۇناھكار» ئوقۇتقۇچىغا چارە كۆرۈش بىلەنلا ئىش پۈتەمدۇ؟ بۇ ئىشتا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ ئوقۇشتىن قېلىۋاتقان، قېچىۋاتقان ياكى ئېلىپ قېچىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى قانچىلىك بولسىمۇ، نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ چاتاق يوق، پەقەت دىنىي پائالىيەتكە ياكى تېرورلۇق ھەركەتلىرىگە قاتنىشىپ قالسىلا، ئاندىن مەسىلە ھېسابلىنامدۇ؟ («مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» نىڭ 2- باب 13- ماددىسىدىكى «ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەئېلىشتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى، تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.«)
6. مائارىپ ئىدارىسى نېمە ئۈچۈن مەكتەپلەردىن ھەقىقىي نەتىجىنى ئەمەس، بەلكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ساختا ئىلمىي نەتىجىنى تەلەپ قىلىدۇ؟
مىللىي مائارىپتا توختىماستىن ئۆزگىرىۋاتقان «نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق»، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈپتىن ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر-بىرىدىن پايدىسىز سىياسەتلەرنىڭ كاساپىتىدىن، ئوقۇتۇش سۈپىتى يىلدىن- يىلغا تۆۋەنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى ئادەمنى «بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز تۈگىشىپتۇ» دىگەن ئويغا كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن تۇرۇقلۇق، «ھۆرمەتلىك» مائارىپ ئىدارىسى بۇ نىگىزلىك مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈپ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلماقتا يوق، مەكتەپلەر يوللىغان ھەقىقى ئىلمىي نەتىجىنى قايتۇرۇۋېتىپ، «   X% دىن يۇقۇرى قىلىپ قايتا يوللانسۇن» دەپ تەلەپ قىلغىنى نېمىسى؟ مۇشۇمۇ مائارىپنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئوتتۇرىغا قويىدىغان تەلەپمۇ؟ بۇ ئېنىقلا شەكىلۋازلىق قىلىپ، يۇقۇرىنى ئالدىغانلىق، مىللىي مائارىپ ئۈچۈن ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىيانەت قىلغانلىق، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئورا كولىغانلىق ئەمەسمۇ؟
7. يەنە تېخى تاپشۇرۇق مەسىلىسىمۇ بار . بۇ قارىماققا ئاددىي مەسىلىدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمما، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىغا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئېغىر يۈك بولۇۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىنىڭ بىرى. بۇ مەسىلىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئاللىقاچان تونۇپ يېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەققىدە قايتا- قايتا ھۆججەت چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلە يەنىلا تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى. ئاساسلىق دەرسلەردە ھەر سائەتتە بىرقېتىمدىن تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ. يەنە كېلىپ چوقۇم يازما تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ. بۇ تاپشۇرۇقلار چوقۇم تەكشۈرۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 5-6 پەننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەيدۇ. توختىماي تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ. شۇنداق ئىشلىسىمۇ، يەنە تۈگىمەي ئەتىگە ئېشىپ قالىدۇ. ئىشلەۋېرىپ-ئىشلەۋېرىپ، تاپشۇرۇقتىن زېرىكىدۇ. تاپشۇرۇق تۈگىمىگەندىكىن، ئۆگىنىش قىلىدىغان، باشقا مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىت چىقمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بارا-بارا ئوقۇشتىنمۇ زېرىكىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارچۇ؟ كۈندە تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ، كۈندە ئاز دېگەندە، 100 دىن ئارتۇق، كۆپ بولغاندا، 150 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرگەندىمۇ، خاتاسىنى تۈزىتىپ ھەم ئۇنىڭغا باھا يېزىپ تەكشۈرىدۇ. كۈندۈزى  دەرس تەييارلايدۇ، دەرس ئۆتىدۇ، تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ، تۈگىمەيدۇ، ئاخشىمىسى يەنە تەكشۈرىدۇ.... نېمە ئۈچۈن بۇ تاپشۇرۇق ئازايمايدۇ؟ چۈنكى مائارىپ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ كەلسە، تاپشۇرۇق نوقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. تاپشۇرۇق قېتىم سانى تەلەپكە يەتمىسە ئۆتمەيدۇ. شۇنداق قىلمىسا، كىتابخانىلارنىڭ تاپشۇرۇق، يانداشما مەشقلىرىنى كىم ئالىدۇ؟ بۇ ئوتتۇرىدا بىرەر باغلىنىش بارمۇ-يوق؟ تاپشۇرۇقنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ئوقۇتۇش سۈپىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مائارىپ ئىدارىسى بىلمەمدۇ؟
8. ھازىر مائارىپىمىزدا ئايال ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇشۇ ناھايىتى كۆپ سانلىق ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۈچۈن بىر تەڭسىزلىك مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ، «تۇغۇت دەم ئېلىشى» نىڭ ناھايىتى قىسقىلىقى. «بالىلار _ كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى» دىگەن شوئارنى سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان. بىزمۇ «بارلىقىمىز _ بالىلار ئۈچۈن» دىگەننى ئۆزىمىزگە شوئار قىلغان. شۇنداق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن «كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى» ۋە ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا قورقماي تۇرۇپ، ھىچبولمىغاندا بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ «تۇغۇت دەم ئېلىشى» بېرەلمەيسىلەر؟ ئەجەبا، «كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى» نى تەۋەللۇت قىلغان ئانىلىرىمىز، ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئاران 3 ئايلىق بولغان بۇ «ئىزباسارلار» نى ئائىلىسىگە تاشلاپ قويۇپ، خىزمەت ئورنىغا يۈگۈرۈشى كېرەكمۇ؟
9. ھازىرقى ئەڭ ئېغىر زىددىيەتلىك مەسىلە شۇكى، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» مىللىي مائارىپنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن زور دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەن. تۆۋەندىكىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ(2)» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
ھازىرغا قەدەر قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى كۆپرەك ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، كانادا ۋە شۋېتسىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن مىللەتلەرنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە ھازىرمۇ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن بىر ئورتاق مەسىلە كۆچمەن خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن ، بۇ يېڭى دۆلەتلەرگە كېلىپ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ بولغان بولسىمۇ، بۇ كۆچمەن خەلقنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى يەنىلا ئوي تازىلاش، كوچا سۈپۈرۈش، ئوت ئۇرۇش، زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇشتەك تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قۇتۇلالمىغان (ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىرقى مائارىپ سىياسىتى ئۆزگەرتىلمىسە، ئۇيغۇرلار قانداق بىر ئاقىۋەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ).
بالىلارنىڭ يات تىل (ياكى ئىككىنچى تىل) ئىقتىدارى ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. يەنە بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. بالىلارنىڭ سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش بىلەن ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، بالىلار سۆزلىشىش جەھەتتە يات تىل سەۋىيىسىگە ئىنتايىن تېزلا يېتىشۋالالايدۇ. لېكىن، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىدە يات تىلدىكى بالىلارغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
[2] بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەردىكى بىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئوخشاش.
[3] بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بالىلارغا بىر يات تىل ئۆگەتكەندە، ئۇنى بىر ئايرىم چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگەتمەي، ئۇ يات تىلنىڭ ئانا تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئۆگىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكىلى بولىدۇ.
[4] ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىل ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئاناتىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال خەلقئارادا «يېرىم ساۋاتلىق قوش تىللىق» ، (ئىنگلىزچىدا «semibilingualism» ) دەپ ئاتىلىدۇ.
[5] پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپنى ئىككىنچى تىلدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچار بولغان. «بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ ئانا تىلى كۆپىنچە ئەھۋالدا يا مەكتەپتە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، يا پەقەت بىر ئانچە مۇھىم ئەمەس تىل دەرسى سۈپىتىدىلا ئۆتۈلگەن.«
باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپىدىن باشلاپ بىر يات تىلدا ئوقۇغان بالىلار مۇنداق ئىككى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدۇ. بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. يەنە بىرسى تىلدىن باشقا ئۆتۈلگەن كەسپىي دەرسلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش. بۇنداق بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى ئاساسەن يوق ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەسپىي مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالىشى ئىنتايىن تەس. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل ئۆگىتىلمەي، بالىلارنىڭ ئانا تىلى ئىزچىل تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇلمايدىكەن، ھەمدە بالىلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن كەسپىي دەرسلەر بىر يات تىلدا ئۆتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى تىل ئىقتىدارى بىلەن چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (ياكى سەۋەبىنى تېپىش) ئىقتىدارلىرى (ئىنگلىزچە«cognitiveability» ) نىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدۇر.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە؟ مەن ھازىرغىچە تاپالىغان ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىي چۈشەندۈرۈشىدىن پەقەت بىرسىلا بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان، «شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا 8 سوئال« (http://www.bilik.cn//viewthread.php?tid=20694) دېگەن يازمىدىكى «شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرى» بەرگەن چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت. تۆۋەندە مەن بۇ ماتېرىيالنىڭ ئىسمىنى يىغىنچاقلاپ، «8 سوئال» دەپ ئالىمەن. ئاشۇ يازمىدىكى «قوش تىلدا ئوقۇتۇش دېگەن نېمە؟» دېگەن 1-سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتا مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇشى – ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى تەشكىللەشتىكى بىر خىل ئوقۇتۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ ئاساسىي ۋە مۇھىت جەھەتتىكى پەرقلەر شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى بەلگىلىدى. ئۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تىپقا ئايرىلىدۇ: بىرىنچى، ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈش، ئۇنىڭغا خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قوشۇپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى؛ ئىككىنچى، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈش، ئۇنىڭغا ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قوشۇپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى؛ ئۈچىنچى، بىر قىسىم دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئۆتۈش، بىر قىسىم دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش، جۈملىدىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش، باشقا دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئەندىزىسى كۆپرەك.» لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان، باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا 3-ياكى 4-سىنىپقا چىقمىغۇچە ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ئۆگەتمەسلىك ئەندىزىسى يۇقىرىداچۈشەندۈرۈلگەن 3 خىل ئەندىزىنىڭ ھېچ قايسىسىغا چۈشمەيدىغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنى «يەككە يات تىللىق مائارىپ» دېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ ئەندىزە نەدىن كەلگەن؟ ئۇنى تۆۋەندىكىلەر ئۆزلىرى قانۇنسىز ھالدا يولغا قۇيۇۋالغانمۇ؟
خوش، مەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ جىنايەتلىرىنى مۇشۇنچىلىك توپلىيالىدىم. قېنى، تورداشلار، ئادۋۇكات ئەپەندىلەر، كۆرۈپ بېقىپ مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى، تولۇقلاپ قويۇشۇڭلارنى ۋە دەۋاگەر بولۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ھۆرمەت بىلەن:
ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋە پەرزەنت نامىدىن.

تىما ئەسلى مەنبەسى:ئەلكۈيى مۇنبىرى.

http://bbs.alkuyi.com/forum.php?mod=viewthread&tid=34441

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-28 02:13 AM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyghurum.cc + 10
XERHAN + 111 دەلىللەر يېتەرلىك
quxtikiakku + 206 تەپەككۇرى كۈچلۈك
janankoqa + 200 ھەممە ئورتاق كۇچ چىقا.
edekut + 242 نوچى پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 769   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2786 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:15:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلار ھىسسىياتقا تايانماي ، ئەقىل بىلەن ئىنكاس يېزىڭلار .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12099
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:21:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئىدارسى ئەمەس ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى !
ئۇرۇنلۇق پىكىر بوپتۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8403
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9361
تۆھپە نۇمۇرى: 654
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:28:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئىشنىڭ يولى بىلەن ، دەلىلى بىلەن قىلغان ياخشى ، قوللايمەن !

بۇگۈننى غەنىمەت  بىل ، ئەتىنى خىيال ئەتمە !

كۈچىمىز يەتمىگە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5611
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 3079 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:31:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپنى قانداق قىلساق خەلق كۆڭلىگە،جەمئىيەت تەرققىياتىغا پايدىلىق دىگەننى زادى قايسى ئورۇن ئويلاپ باقىدىغاندۇ؟...مەكتەپ كۈتۈپخانسىدا ساپلا ئاڭلاپ باقىمىغان باشقا مىللەت قەھرىمانلرى نىڭ زورلاپ ماختىغان دائىر كىتىپلار...ئۆزمىللىتىمىزگە دائىر تۈزۈكرەك ب كىتاپ مۇ يوق..

كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

روھىي باي گاداي باي گاداي،روھى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21982
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6356
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەسىلىدە ئاساسلىقى سۇنىڭ بىشى لاي

نوپۇس كۆپىيۋاتىدۇ،بىراق ئادەملەر ئازلاۋاتىدۇ.
frdaws بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:59:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92241
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 03:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ يەردە ۋىجدانى بار ئەمەلدەرلار بولغان بولسا مائارىپىمىز بۇ ھالغا كېلىپ قالماس ئىدى. تۆۋەننىڭ ئەھۋالى ھەقىقىتەن كىشنىڭ ئىچىنى سىرىلدۇرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90544
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 785
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 03:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ ئاغزىم ئېچىلمىسۇن  . .  . مەن بەك  گەپ قىلىۋېتىدىغاندەك  تۇرىمەن  .  .  .  


ياخشى ئەرز بوپتۇ  .  .  .  

             بۇ  ئادەتتىكى خىرىس  ئەمەس  .  بەلكى  تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز .  .  .  

url=https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif]https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif[/url]
مىللىتىم  ياشنىسۇن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش