Gvljahan يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:19 PM 
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 a" h6 m( Q* M# Q! A) Wئورخان پامۇكنىڭ تۇركىيەدە يۈزدە-يۈز ھۆرمەت ساھىبى بو ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% C' }% u E* u0 V. D e( D6 C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# G |9 U' y: k q. \+ o ئورخان پامۇك توغرىسىدىكى بايانلىرىڭىزنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ قالدىم . مەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ بۇ ئىككى رومانى چىقىشى بىلەنلا سېتىۋىلىپ قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇغان . بۇ ئىككى رومان ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىز دەل مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەركەن . يېڭى ھايات رومانىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۈچ بەت ئوقۇپلا شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىمكى ، بۇ ھاياجېنىمغا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى توغرىسىدىكى ئېچىنىش تۇيغۇسى سىڭىپ كەتكەن ئىدى . پەمىمچە بىزدە ئورخان پامۇكچىلىك بىر ئابزاس يازالىغان يازغۇچىلار يوقتەك تۇراتتى . شۇ چاغدا بۇرۇن ، ئەدىبلىرىمىزنىڭ رومانى ، دەپ ئوقۇۋالغان بىر نېمىلىرىگە ئىسراپ قىلغان ۋاقتىمغا ئاۋۋال ئىچىم ئاغرىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" I) n) e7 y( Y بىزدىن ئورخان پامۇكچىلىك بەدىئىي تەپەككۇرغا ئىگە بىرمۇ يازغۇچى چىقمىغانلىقىنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىققا تولدى . ‹‹ قۇم باسقان شەھەر ›› مېنى ئۆزىگە قىزىقتۇرغان ، ‹‹ جاھان كەزدى سۈپۈرگە ›› تىلسىملارنىڭ سىرىنى يەشكۈچى سەيياھ ئىدى ، ئەپسۇس ! ‹‹ يېڭى ھايات ›› تىكى 21 ياشلىق يىگىت ئوسمان مېنىڭ قېرىندىشىمغا - روھىمنىڭ ھۇجرىلىرىدا بېھوش بولۇپ ياتقان ، قەلبىگە قان تولغان بىر سىردىشىمغا ، قەلبدېشىمغا ئايلىنىپ كەتتى . مەنمۇ شۇ چاغدا 21 -22 ياشلاردىكى يىگىت ئىدىم . مەنچە مۇھەببەت شۇنداق تەسۋىرلىنىشى كېرەك ئىدى ، يىگىتلەر ئەسلىي شۇنداق بولاتتى ، جانانلار ‹‹ جانان ›› دەك يۈزسىز بولاتتى . مودېرنىزم مېنىڭ قەلبىمدە تولىمۇ يۈكسەك بىر ئورۇنغا ئىگە بولدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' H0 O) q" M, N2 w& H
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 T4 g7 b; [4 K, D5 K! S$ S5 R( r$ N
‹‹ مېنىڭ ئىسمىم قىزىل ›› دىكى ھەربىر پېرسوناژ ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلەپ مېنى ئۆزىگە تولىمۇ مەپتۇن قىلىۋالدى . سىز تىلغا ئالغان ئاشۇ ‹‹ مەن شەيتان ›› دېگەن بۆلەك مېنى مىسلىسىز دەرىجىدە ھەيران قالدۇرغان بىر بۆلەك بولۇپ قالغان . ئورخان پامۇكنىڭ شەيتاننى تۈركچە سۆزلىتىۋەتكىنىگە كىممۇ ھەيران قالماي تۇرالىسۇن ؟!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ] w/ W: R6 h* A بۇ ئىككى رومان توغرىسىدا پەقەت يۈزەكىلا پىكىر قىلالايمەن ، ئىنچىكىلەپ پىكىر قىلغۇدەك قابىلىيەت مەندە يوق ، بولسا بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقاتچىلىرىمىز بۇ رومانلار توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن . بولسا ئابدۇقادىر جالالىدىن بىرەر پارچە ‹‹ ئەبجەش خاتىرىلەر ›› نى يېزىپ قويسىمۇ شۇنچىلىك خۇرسەن بولاتتىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 e' g9 m' q* U# O* Jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ K# r; t L& [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* Q/ g0 T6 B# H' l5 ? بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 I) V! M- b. t; ]! G* E