|
|
|
|
«بەختسىزلەر»تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
سىنارىست-يۈسۈپجان قىيۇم. رىژىسۇر-تىلىۋالدى مەمەت. ئاساسلىق روللاردا: ھىكمەت-نۇرمەمەت سەمەت.لالە- ئاينۇر سۈرەت- ئادىل ئايۇپ. مۇئەللىم-تىلىۋالدى مەمەت قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھىكمەت، سۈرەت،لالە قاتارلىق ساۋاقداشلار مەكتەپتەئوقۇۋاتقان كۈنلەردە ھىكمەت بىلەن لالە بىر-بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ھىكمەتنىڭ دادىسى-نۇرمەمەت بىر قىتىملىق ئوت ئاپىتىدە ھادىسىگە ئۇچراپ، خىزمىتى ۋە مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، تۇرمۇشتا ئېغىر بەخىتسىزلىككە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا نۇرمەمەت ئوغلى-ھىكمەتنى مەكتەپتىن چىقىرۋىلىپ، ئائىلە ئىشلىرىغا سالماقچى بولىدۇ. نۇرمەمەت ئوت كېتىش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن ئىچىپ،چېكىپ كەيپى-ساپا ئىچىدە ئۆتكەچكە، ھەدىسىلا ئاچچىغىنى خوتۇن-باللىرىدىن ئېلىپ،ئۇلارنى تىللاپ، ھىكمەتنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. ھىكمەت ياقا شەھەرگە چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ بەختىگە يارىشا ئاقكۆڭۈل بىر مۇئەللىم ئۇنى بالا قىلىپ بېقىۋىلىپ، سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتىدۇ. ھىكمەت ئوقۇش جەريانىدا لالەنى ۋە ئاتا-ئانىسىنى بىر كۈنمۇ ئەستىن چىقارمايدۇ. ئۇ لالەگە 30 نەچچە پارچە خەت ئىبەرتىدۇ. بىراق سۈرەت بۇ خەتلەرنى لالەگە بەرمەي يوشۇرۇپ قويۇپ، لالەنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىش كويىدا بولىدۇ. ھىكمەت ئوقۇش جەريانىدا ئىسمىنى ئەخمەتجان دەپ ئۆزگەرتىپ،ئەسلى قىياپىتىنى يوشۇرىدۇ. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، ئاتاغلىق ناخشىچى بولۇپ يېتىشىدۇ. بىراق «يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ»دېگەندەك،ھىكمەتنىڭ ئاق قان دانچىسى ئۆرلەپ كېتىپ، ھاياتى ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋانى ئۇققاندىن كىيىن مۇئەللىم دادىسىغا يالۋۇرۇپ ئۆز يۇرتىغا بېرىپ، ئويۇن قويغاچ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كېلىشكە جابدۇنىدۇ. مۇئەللىم دادىسى ھىكمەتنى قىزى بىلەن بىللە يۇرتىغا ئىبەرتىدۇ. ئۇلار يۇرتىغا كەلگەندىن كىيىن،باشقىچە ياسىنىپ، ھىكمەت ئاتا-ئانىسى بىلەن يوشۇرۇنچە كۆرىشىدۇ. بىراق ھىكمەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە لالە ھىكمەتنى تونىيالمايدۇ. سۈرەت «ھىكمەتنى ئۆلدى» دەپ گەپ-سۆز تارقىتىپ،لالەنى قولغا كەلتۈرۈپ لالە بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ ھەمدە ھىكمەتنى ئەخمەتجان دەپ تونۇپ، تويغا تەكلىپ قىلىدۇ.تويدا ھىكمەت ناخشا ئوقۇش جەريانىدا لالە توساتتىن ئەخمەتجان دەل ھىكمەت ئىكەنلىگىنى بىلىۋىلىپ،قاتتىق ھاياجانغا تولىدۇ. ئەمما لالە ھىكمەتنى تونىغان چاغدا ئۇنىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ،لالەنىڭ كۆز ئالدىدا جان ئۈزىدۇ.لالە بۇ ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلماي، نېرۋىسىدىن ئادىشىپ،سەۋدايى بولۇپ قالىدۇ. ھىكمەتنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى قاتتىق ھەسرەتكە دۇچار بولىدۇ. بۇ تۆت قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ۋەقەلىگى تەسىرلىك،ناخشىللىرى جەلىپ قىلارلىق، ئاكتىيۇرلارنىڭ رول ئېلىشى تەبىيى بولۇپ،تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. بۇ فىلىمدە رول ئالغان بارلىق ئاكتىيۇرلارغا سەمىمى سالام يوللايمىز. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-26 07:42 PM
|
|
|
|
|
|