كۆز ئالدىمدا گىرىمسەن بىر دۇنيا،ياشلار بىلەن غۇۋالاشقان كۆزلىرىم كۆرۈنمەس ،يىراق بىر جايغا ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن....!ئۈستۈمدە چېكى يوق ئاسمان،سانسىز يۇلتۇزلار جىمىرلاپ كۆز ياشلىرىمغا ،غەم –قايغۇلۇرۇمغا جۆر بولماقتا....! قەلبىمدە ئەمەلگە ئاشمىغان شۇنچە كۆپ ئارزۇ –ئارمانلىرىم،خۇددى سۇ ئستىدىكى كۆپۈكتەك قەلبىم پىنھانىدا ئاجىزغىنە ئىڭراپ لەيلىمەكتە...! ناھايىتى يىراقتىن خۇددى يەر ئاستىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاجىزغىنە بىر كۈي قۇلۇقۇمغا ئۇرۇلدى، مۇڭ كۈيلەر ئىچىدىن سېنىڭ كۈلكەڭنى ئىزدەۋاتىمەن....!مۇھاببەتلىك كۆزلىرىڭنى ماڭا تىكىپ ،ئوتلۇق بېقىشىڭنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمەن...!بىر -بىرىمىزگە يۆلىنىپ يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىشلىرىمىزنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن....!قوللىرىمىزنى چىڭ تۇتۇشۇپ،سۆيگۈ بېغىدا سەيلە قىلىشىمىزنى ئويلاۋاتىمەن......!
مۇڭ كۈيلەر ئىچىدىن ئاجىز سوقىۋاتقان،لىققىدە ئازابلارغا تولغان،ئاتەش كەبىي يالقۇنلۇق ھارارەت تەپتىدىن كۆيىۋاتقان نىمجان يۈرىكىمنى تىڭشاۋاتىمەن...! مۇڭلۇق كۈي ئىچىدىن ھوزۇر بىلەن كۆرگەن خۇشۋاق چۈشلىرىمنى ئىزدەۋەتىمەن....! چۈشلىرىم بىر قولۇمنى ئەسلىمە قوينىغا سۆرىسە، ئازابلىرىم بىر قولۇمنى رىئاللىققا سۆرەۋاتىدۇ،ئاھ ،قانداق قىلاي شۇ تاپتا رىئاللىق بىلەن ئەسلىمە ئارىسىدا ھالسىراۋاتقان بۇ ئاجىز جىسمىمنى...!
خىيالىم ،ئۈمىدىم،تاتلىق ئۇيقۇلىرىم، شوخ كۈلكىلىرىم ....بارلىقىم كۆزلىرىم تىكىلگەن كۆرۈنمەس يىراقلىقتا يوقاپ كەتكەن،ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ....!ھەممىسى مەندىن يىراقلاپ،كۆز بىلەن كۆرۈنمەس گىرىمسەن قاراڭغۇلۇق قوينىغا سىڭىپ كەتكەن....!كۆز ياشلىرىممۇ،ئۆتۈنۈشۈممۇ،قېيداشلىرىممۇ كار قىلمايدي ئەمدى...! بولدى بەس.... چۈشلىرىمدىن ئويغۇنۇپ ئەسلىمنى تاپاي،رىئاللىققا قايتاي....!خەير ،ئازابلىق ئۆتمۈشۈم،ياخشى قال...!
مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-20 11:34 PM
|