مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1137|ئىنكاس: 26

بىز قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90726
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 11:57:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم! مىسرانىم تور بېكىتىدىكى قېرىنداشلار!
مەن بۇ تور بېكىتىگە ئەزا بولغىنىمغا بىر ئايدىن ئاشتى.. بۇ جەرياندا بۇ تور بەتتىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقتىم، بۇ تور بەتكە كىرىدىغان قېرىنداشلارنىڭمۇ تولىمۇ جىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ھەم تېمىلارغا بولغان ئىنكاسلارمۇ شۇنداق ئورۇنلۇق ئىكەن. مەنمۇ ھېكايىلەرگە، ھەرخىل تىمىلارغا ئىنكاس يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئىدىم لېكىن بۈگۈن ئۆزۈم بىر يېزىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. مەنغۇ بىر بىلىملىك ياكى پەيلاسوپمۇ ئەمەس پەقەت يېڭى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى.... بۇ يەردە ئۆزۈم ئويلىغان، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىپ چىقماقچى، توغرا قوبۇل قىلساڭلار خۇرسەن بولىمەن، بەزى تېما ئىگىلىرىنى تىللىغانغا ئوخشاش تىللىساڭلارمۇ رەنجىمەيمەن. قېنى سۆزۈمنى باشلاي ئەمسە....
مەن تارىخنى ئۇنداق تەپسىلىي بىلمەيمەن لېكىن ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانداق مۇۋەپىقىيەت قازانغانلىقىنى، بىزلەرگە قانداق مېۋىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. بىز ئۇيغۇر بولۇشتىن سىرت مۇسۇلمان بىز... دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىسلام دىنىدىن بىز.... ئىسلام دىنى توغرىسدا بۇ يەردە سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن چۈنكى مىسرانىمدا بۇ توغرىسىدىكى ئەسەرلەر نۇرغۇن ھەم بۇ تور بەتتە بۇنىڭ بىلىم ئىگىلىرىمۇ نۇرغۇن ئىكەن. مەيلى قايسى يۇرتتىن بولايلى ھەممىز مۇسۇلمان ھەممىز ئۇيغۇر..... مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق دەپ ئويلاپ كەلگەن ھېلىھەممۇ مۇشۇنداق ئويلايمەن.  مىسرانىمدا يېقىندىن بۇيان بىر نەچچە ئىشلار قىزىق نۇقتا بولۇپ ھەممىز بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشىپ كەتتۇق، بەزىلەر ماختىغان بولدى بەزىلەر تىللىغان بولدى...بىر-بىرىمىز بىلەن سوقۇشتۇق ھەتتا جەنۇبلۇق ئۈرۈمچىلىك دەپ ئايرىشتۇق.... ئوچۇق كىيىنگەن قىزلارنى تېخى تىللىدۇق، ئورىنىپ يۈرگەن قىزلارنى بولسا جالاپ قېرىسا بۈۋۈم بولدىن دېيىشتۇق.... مەن مۇشۇ بىر قانچە نۇقتىدىن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقاي قېنى سىلەر قانداق قارايسىلەركىن...

1. يۇرت ئايرىمچىلىقى...
  بىز ھەممىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق، مۇشۇ ئانا دىياردا ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدۇق. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۇرغۇن شەھەرلەر بار...ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا قاتارلىق....... مەيلى قايسى شەھەردە بولايلى بىز ھەممىز ئۇيغۇرغۇ..... ھەممىزنىڭ ئەجدادى بىرغۇ....  لېكىن يەنە نېمىشقا يۇرت ئايرىمچىلىقى بۇنداق ئېغىر بولىدۇ... مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر سىنىپتا ھەر يەردىن كەلگەنلەر بار ئىدى، ياتىقىمدىمۇ شىنجاڭنىڭ ھەريەرلىرىدىن كەلگەنلەر نۇرغۇن ئىدى.  لېكىن بىز يەنە مۇشۇ بىر شەھەردە، مۇشۇ بىر مەكتەپتە سىغىشىپ 4-5يىلنى ئۆتكۈزدۇق...ئەلۋەتتە، ئۈرۈمچىلىكنى ھاكاۋۇر، سەھرالىق دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ دەيمىز، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن. بۇنداق ئۈرۈمچىلىكلەرمۇ بار لېكىن ھەممىسى شۇنداقمۇ؟  شۇنداق ھاكاۋۇر بالىلار بار خۇددى ئۆزى ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ لېكىن بۇ خىل كىشىلەر پەقەت بىر قىسىمى خالاس يەنە شۇنداق ئۈرۈمچىلىك بالىلار بار شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل ...نېمىشقا بىزنىڭ كۆزىمىز ئۇلارنى كۆرمەيدۇ...نېمشقا بىزنى كۆزىمىز ئەڭ ئاۋۋال ئەسكىنى كۆرىدۇ..... ھەممىز ئەجدادىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە شۇ سەھرالار بولىدۇ.... ھەممە يەردە ئادەمنىڭ ياخشىسى ھەم ئەسكىسى بولىدۇ... ھەممە يۇرتتا شۇنداق... ھەرقېتىم قەشقەرگە بارغىنىمدا شۇ مومامنىڭ مەھەللىسىدىكى بوۋاي مومايلار مەن بىلەن شۇنداق قىزغىن كۆرۈشىدۇ... ماڭا خۇددى ئۆز نەۋرىسىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ... شۇ سەھرالاردىن مەن مۇھەببەتنى تاپىمەن، شۇ ئىللىق چىراي مويسىپىتلارنى كۆرسەم يېنىدا ئولتۇرۇپ شۇ چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن. مانا بۇ بەزى كىشىلىرىمىز تىللايدىغان سەھرالار....  ئۈرۈمچى...بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەممىزنى بۇزغان ئۈرۈمچى دەپ تىللايسىلەر.. ئارقىدىن قوشۇپ ئۈرۈمچىلىكنى تىللايسىلەر.... ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى.... بۇ شەھەرگە ھەريەرلەردىن كېلىپ بىلىم ئالىدۇ، سودا قىلىدۇ، كەلگۈسىگە ئاساس سالىدۇ. كېلىپ بىلىم ئالىمىز، پۇل تاپىمىز كېتىۋىلىپ تىللامدۇق بۇ شەھەرنى.....   بەزىدە بۇ شەھەرمۇ مېھرى سوغۇق بولۇپ قالىدۇ نېمە ئۈچۈن بىلەمسىز؟ شۇ بەزى كىشىلەر بۇ يەردىن مۇھەببىتىنى ئاياۋاتىدۇ...تىللاۋاتىدۇ... سىز تىللىغانسېرى بۇ شەھەر نېمىشقا سىزگە كۈلۈپ قارىغۇدەك؟   سىز كۈلۈپ قارىسىڭىز سىزگىمۇ كۈلۈپ قارايدۇ...سىز تىللىسىڭىز سىزگىمۇ ئوچۇق چىراي ئاچمايدۇ......   شۇڭا تىللىمايلى قېرىنداشلىرىم..مەيلى ئۈرۈمچى بولسۇن ۋە ياكى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش بولسۇن ھەممىسى ئاللاھ بىزگە بەرگەن تۇپراق ئۈستىدە قەدىرلەيلى!

2. يىگىت-قىزلىرىمىز.....
چوڭ ئاپامنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئوغۇل-قىزلار ئەركىن تۇرۇپمۇ پاراڭلىشالمايدىكەنتۇق ھەتتا چوڭ ئاپام چوڭ دادام بىلەن كۆرۈشمەيلا توي قىلغان ئىكەنتۇق، مانا ھازىر شۇنچىلىك بەختلىك، توي قىلغىلى 45يىل بولدى، مەن ئۆيدە ئىككىسىنىڭ سوقۇشۇپ قالغىنىنى بىلمەيمەن.  راستىمنى دېسەم مېنىڭمۇ شۇ ۋاقىتلارغا قايتقۇم كېلىدۇ... ھازىرقى جەمىئىتىمىزچۇ؟ يىگىتلىرىمىزدە نېمە يوقىلىۋاتىدۇ؟ قىزلىرىمىزدىچۇ؟ مانا بۇ پەرق لېكىن بۇنىڭ سەۋەبى ئوغۇللاردا ۋە ياكى قىزلىرىمىزدا ئەمەس  ھەممىزدە بار.... بەزىلەر ئانىدىن كۆرىدۇ...جېنىم قېرىنداشلىرىم، شۇ ئانا 9ئاي قوساق كۆتۈرۈپ مىڭ بىر تەستە تۇغۇپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقاندىن كېيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كەتسە نېمىشقا شۇ ئانىلىرىمىزغا قويىمىز گۇناھىنى؟  سشۇ ئانىلار قىزىغا. ئوغلىغا قاراپ ئازابلانمامدۇ؟ بىچارە ئاتا-ئانىلار قىلمىغىنى قالمايدۇ لېكىن بىزچۇ؟ قىرىمىزغا ئېلىپ قويامدۇق؟  بۇنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر.... ھەتتا بالام قېلىنراق كىيىنىۋال سىرت سوغاق دېگەن گېپىگىمۇ قارىماي نوچىلىق قىلىپ چىقىپ كېتىمىز...... ئاتا-ئانىلىرىمىز قانداق قىلىدۇ  پەقەت شۇ نامىزىدا بىزگە ئىنساب-ئىمان تىلەيدۇ.....  جەمىئەت ئۆزگەردى... چەتئەلىنىڭ ئادەتلىرىنى مودا قىلىپ قوبۇل قىلدۇق...ئەتە-ئۆگۈن يەنە نېمىنى قوبۇل قىلىمىز ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ....  يىگىتلىرىمىز ھاراق كۆلچىكىدىن كېلەلمەيدۇ، توسۇپ قويساق دەدىمىزنى بىلمەيسەن دەپ كېتىدۇ... بۇ دۇنيادا كىمنىڭ دەردى يوق...شۇ دەردنىڭ مەلھىمىنى ھاراقتىن ئىزدىگۈچە جەيناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاللاھدىن ئۆزىمىزگە مەلھەم ئىزدىسەكچۇ..... قىزلىرىمىزچۇ؟   كىيىنىشىمىز نېمە ئۇ؟ شەرمى-ھايا نەدە قالدى بىزدىكى.... مەنمۇ كىيمىگەن ئەمەس كالتە يەڭ، تار ئىشتانلارنى كىيىپتىكەنمەن لېكىن پۇشايمان قىلدىم..ھازىر ئۇ كىيىملىرىمگە قارىسام توۋا قانداق كىيىپ سىرتقا چىقالىغاندىمەن دەپ قالىمەن.....  بەزى يىگىتلىرىمىز بار قىز دوستلىرى بۇنداق كىيىنسە كۆزىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ شۇنىڭ ئورنىغا بىرنى تىللاپ قويغان بولسىدى شۇ قىز قانچە خىجىل بولۇپ ئىككىنچى كىيمەس بولغىيتتى... ئۇزۇنراق كىينگەن قىزلارنى مەتۇ دەپ ياراتماي كېتىدۇ.... بۇنداق زاڭلىق قىلىشلار، مەسخىرە قىلىشلار ئىچىدە كىم ئۆزگەرمەيدۇ.... ئاخىرىغا كېلىپ ئاندىن شۇ قىزنى بۇزۇق دەيدۇ تېخى..... قىزلىرىمىزمۇ شۇ ؟  يۇۋاشراق،  ھۆرمىتىمزنى قىلىدىغان ئوغۇل بالا بولسا گۆشۋاش دەپ تىللايمىز... بولۇشىغا دۇمبالايدىغان ئوغۇل بالىنىڭ ئارقىدىن سوكۇلدايمىز...  بەلكىم بەزىڭلار شۇ ئاتا-ئانىسى باشقۇرالماي دېيىشىڭلار مۇمكىن.... قايسى بالا ئاتا-ئانىسىغا مەن مۇنداق ئەسكى ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ قويۇپ قىلىدۇ... بۇ ئەسكى ئىشلارنى نۇرغۇن يالغانچىلىقلار ياپىدۇ.. " ئاپا.. مەن ياتاقتا ئۆگىنىش قىلىۋاتىمەن"" دادا، ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە ئىش چىقىپ قاپتۇ، چاقىرىپتىكەن بېرىپ كېلەي" " ئاپا. دوستۇم ئۆيىدە يالغۇز ئىكەن بېرىپ ھەمراھ بولاي" ھەممە ئاتا-ئانا ئىشىنىدۇ چۈنكى بىز دېگەن ئۇلارنىڭ جېنىدىن ئەزىز ئەمەسمۇ، بىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنى مەڭگۈ ئالدىمايمىز.... ئۈرۈمچىلىك ئوغۇل -قىزلارنى بەك تىللايسىلەر... مۇشۇ تور بەتتىمۇ بىر شېئىر بارغۇ " ئۈرۈمچىلىك ئاياللار" بۇ تېما نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى ھەتتا ئۈرۈمچىلىك ئوغۇل قېرىنداشلار خېلى قايناپ سۆزلەپ كەتتى، بەزى باشقا يەرلىك ئوغۇللار تىللىغان بولدى....  بىز ھەممىز قېرىنداش بىز.. ئۈرۈمچىلىك ئوغۇل قېرىنداشلار ئوبدان بىلىدۇ...ئۈرۈمچىلىك قىزلار قانداق.... شۇنداق قىزلار بار سىز گۆھەرگە تېگىشكۈسىز يەنە شۇنداق قىزلار بار بۇ قىز دېگەن نامنى بۇلغاپ بولغان  لېكىن بۇنداق قىزلار ئۈرۈمچىدىلىمۇ؟ يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ سىزنىڭ يۇرتىڭىزدا يوقمۇ؟  ئۈرۈمچى باشقا شەھەرلەرگە قارىغاندا تەرەققىيات تېز... ھەرخىل دېسكوخانىلار..مەيخانىلار بار.....  ئۈرۈمچىلىك بالىلار ئوينايدۇ بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن لېكىن كەچتە ھەممىسى ئۆيىگە راۋان بولىدۇ لېكىن باشقا يەرلىك ئوغۇل-قىزلارچۇ ياتاق-ياتاقتىن ئورۇن ئالىدۇ... ئۇنداق ئوينايدىغان جايغا ھېچكىم ھېچكىمنى زورلاپ ئاپىرالمايدۇ...ھەممىز ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن توزدەك ياسىنىپ بارىمىز ئوينايمىز....بۇنىڭ ئاخىردىكى گۇناھى كىمگە؟ ئۆزىمىزگە... لېكىن بەزى كىشىلەر بۇ گۇناھىنى ئۈرۈمچىلىككە ئارتىدۇ.... ئەجابا شۇلارنى ئۈرۈمچىلىك باغلاپ ئاپىرامدۇ؟  مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا نەچچە ئايدا بىز سىنىپىتىكىلەر يىغىلىش قىلاتتۇق... كەچتە سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ئۈرۈمچىلىك قىزلار ئۆيىمىزگە ئەكىتەتتۇق... لېكىن يەنە بىر ئىككىسى باردىغان جايى بارلىقىنى ئېيتىپ ماڭمايتتى...بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟   مەسىلە كاللىدا..... ئۆزىنى قانداق كونتىرول قىلىشدا..... مانا ھازىر بېرىپ كۆرۈپ باقايلى ئۇنداق جايلارنىڭ كۆپىنچىسىدە شۇ ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئالدى...ئوغۇل بالىمۇ ئىچسۇن چەكسۇن ھارىز قىزلىرىمىز ئوغۇللىرىمزدىن ئېىشىپ چۈشىۋاتىدۇ... جېنىم قىزلار بۇ بىزگە ئەيىب ئەمەسمۇ...شۇ نازاكىتىمىزگە يارىشامدۇ..... مەسلىك- پەسلىك....ئوغۇل بالا چېغىدا مەس چېغىدا نى-نى پەس ئىشلارنى قىلىدۇ.... قىزلار ئىچىۋالسا نېمە بۇلار..... شۇ يىگىتلىرىمىز سوراپ باقاي  سىز بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتقان شۇ قىزغا قاراپ نېمىنى ئويلاۋاتىسىز؟ قاچان مەس بولار؟ دېگەننمۇ ؟ ئاۋۋال شۇنى ئويلاپ بېقىڭ..مېنى سىڭلىم ۋە ياكى ئاچاممۇ قايسى ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق ئىچىۋاتقاندۇ دەپ.... بۇمۇ مېنىڭ قېرىندىشىمغۇ دەپ شۇ قىزنىڭ قولىدىن رومكىنى تارتىۋىلىپ ماشىنىغا سېلىپ قويۇڭ..ئۆيىگە كەتسۇن...!  گۇناھى ئۆزىمىزدە....ھەر بىرىمىزدە...شۇ ئىچىۋاتقانغا قاراپ تۇرغا سىزدىمۇ گۇناھ بار.....

3.ئورىنىۋالغان قىزلار ....
ئىسلام دىنىدا قىزلار بېشىدىن باشلاپ تاپىنىغىچە ئورىشى، يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەسلىكى كېرەك دېيىلگەن. ياغلىق چېگىش، ناماز ئوقۇش بىزگە پەرز... لېكىن قىلالىدۇقمۇ؟ نەچچىمىز قىلىۋاتىمىز؟   سەھرالاردا ياغلىق چېگىش كىچىكىدىن باشلىنىدۇ... لېكىن يۇقىرى ئوقۇپ ئۆرلىگەنسېرى ياغلىقلارنىڭ ئورنى چامداننىڭ ئىچى بولىدۇ... شىمال تەرەپلەردە ياش قىزلاردا ياغلىق چېگىش يوق  شۇنداققۇ؟ بۇنى ھەممىز بىلىمىز.... مانا ھازىرچۇ؟ قىزلىرىمىزنىڭ دىلىغا ئاللاھ سېلىۋاتىدۇ.... ياغلىق چېگىش ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.....  مەن ئۆزەم ئۈرۈمچىدە شۇڭا ئۈرۈمچىنى مىسال ئالسام ھازىر قەيەرگە بارسىڭىز ئورىنۋالغان قىزلارنى كۆرىدىغان بولدۇق.... ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت يولىغا باشلىدى...ئىسلامنىڭ مەنىسى نېمە چۈشەندى بۇرۇن قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدى شۇڭا ياغلىقىنى ئارتتى قىسقا كىيىمىنى تاشلىدى لېكىن بىز نېمە دېدۇق... جالاپ تۈزەلسە بۈۋۈم بولۇپتۇ....ئىنساب قېرىنداشلىرىم.... قىسقا كىينسە تېخى تىللىساق ئورۇنسا تېخى تىللىساق...... شۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقارغانلاردىن سوراپ باقاي...سىڭلىڭىز ياكى ھەدىڭىز قانداق يۈرۈيدۇ؟   قىز دوستىڭىزچۇ؟   
نېمىشقا بىر ياخشى ئىش بولسا خۇرسەن بولمايمىز...ئەكسىچە قۇسۇر تاپقۇمىز كېلىدۇ؟   تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ تور بەتتە " ئۈرۈمچى ياشلىرىدىكى بەش ۋاق ناماز قىزغىنلىقى" توغرىسىدا بىر تېما يېزىلدى...ئىنكاسلارنى كۆرۈپ توۋا دېدىم...ئەمەلىيەتتە بۇ ياخشى ئىش ئىدىغۇ...شۇ سىلەر تىللاۋاتقان ياشلار..شۇ سىلەر تىللاۋاتقان شەھەردە ياخشىلىنىش بولىۋاتىدىغۇ.... يەنە تىللىدۇق..... ھاياتىمىز تىللاش بىلەن ئۆتەمدۇق......  ئاللاھ ھەممىزنى ھىدايەت يولىغا باشلىسۇن.

4. مۇھەببەت
مۇھەببەت مانا بۇ بىزدىكى ئەڭ كەمچىل نەرسە بولىۋاتىدۇ.... نە ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى نە ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى نە قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى نە ئوغۇل-قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت بولسۇن شۇنداق كەمچىل...... مۇھەببەت بولغان بولسىدى بىر-بىرىمىزنى تىللىمايتتۇق.....مۇھەببەت بولغان بولسىدى بىر-بىرىمىزنى ئالدىمايتتۇق....مۇھەببەت بولغان بولسىدى ئەتراپىمىز مەينەتچىلىككە تولمىغان بولار ئىدى......
ئاتا-ئانىمىزنى قاقشىتىمىز..... بىر موچەن تېپىپ شۇ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغانلارنى رازى قىلىشنى نىشان قىلمايمىز.... ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن قىزنى قوغداي، ئۇنى ئاسراي، بىر ئۆمۈر قەدىرلەي دېمەيمىز.... ئۆزىمىز تاللىغان يىگىتكە نە ساداقىتىمىز نە ۋاپادارلىقىمىز يوق.... خەق بىلەن بەسلىشىمىز...تاپقانغا شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيمىز.....بىزدە دەل مۇھەببەت كامچىل.....بۇرۇن مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە ئاجرىشىش دېگەننى ئاڭلىساق توۋا دەيتتۇق...ھەتتا نومۇس قىلاتتۇق...ھازىرچۇ؟ خېتىنى بېرىۋەتتىم..خېتىمنى ئېلىۋالىدىم پەخىرلىنىپ
سۆزلەيمىز... يېتىملىق كوچىسىدا نارىسىدىلەر كۆپىيىۋاتىدۇ..... قېنى بىزدىكى مۇھەببەت.... قىزلىرىمىز ئەۋتىۋارلايدىغان شۇ قىزلىق ئىپپىتى نەلەردىدۇر پايخان بولىۋاتىدۇ لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى يوق...خۇددى بۇ بىر ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغاندەك...يىگىتلىرىمىز بۇلغاۋاتىمىز لېكىن مېنىڭمۇ سىڭلىم بار ئىدىغۇ مەنمۇ كېيىن بىر قىزنىڭ دادىسى بولىمەنغۇ دېگەننى ئويلىمايۋاتىمىز.....ئانىلىرىمىز تۈگىمەس چايلىرىمىزنى تۈگىتەلمەيۋاتىمىز....دادىلىرىمىز  ئۆيىدىكى ئايالىدىن رازى بولمىغانمۇ ياكى بۇ شەھۋانىي ھەۋەش قېرى-ياش دېمەمدۇ..ئۆزىمىزنىڭ قىزىدەك قىزلارنى قولتۇلاپ كېتىۋاتمىز..... ھەممىز خەقتىن كۆرۈشنىلا بىلىمىز كىم ئۆزىگە سوئال قويۇپ باقتى..... شۇ يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىزنى بۇرۇق دەپ خورلاۋاتىسىلەر... سىلەر بۇزۇق ئەمەسمۇ؟ ھەممىز ئۇ دۇنيادا شۇ ياراتقان ئىگەمنىڭ ئالدىدا جاۋابىنى بېرىمىز.... سىز، مەن، ئۇ ھېچىكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.......بۇ دۇنيا پەقەت بىر ۋاقىتلىق تۇرار جاي....مۇھەببەت يوقىلىپ كەتمىسۇن...بولمىسا بەك قورقۇنۇچلۇق ئىشلار بولىدۇ..



  مانا بۇ مېنىڭ ئويلىغانلىرىم.... كىچىكلىكىمگە باقماي چوڭلاردىن ئورۇن تالىشىپ سۆزلەپ قالدىم كەچۈرۈڭلار.... بەلكىم بەزىڭلار دېيىشىڭلار مۇمكىن بۇ قىز بۇنچە سۆزلەپ ئۆزى نەلەردە يۈرۈيدۇ...ئۆزى قانچىلىك دەپ.... توغرا مەنمۇ ئۇنداق مۇكەممەل ئەمەس لېكىن مېنىڭ دىلىم شۇ مەينەتلەردىن قۇتۇلۇپ چىققان.. ھەربىر كۈنۈمگە شۈكرى قىلىدىغان ئادەتتىكى بىر قىز مەن... مۇھەببەتكە ئىشىنىمەن... ئاللاھدىن تىلەيمەن.... مەن ئۇيغۇر دەپ پەخىرلىنىپ ياشايمەن... بىر يامان ئىشنى كۆرسەم توسىمەن....! شۇ يېتىمچىلىك كوچىسىدا سەرسان بولغان بولساممۇ ئاپامدىن شۇنچلىك پەخرلىنىمەن.. بىر ئۇيغۇر قىزى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن...
قېرىنداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن... تىللاۋەرمەيلى جېنىم قېرىنداشلار.... تىللاپ ھارمىدىڭلارمۇ....شۇ ئازغۇنلار سىلەرنىڭ مەدىتىڭلارگە، كەچۈرىشىڭلارغا موھتاج......
  ئاللاھ ھەممىزنى ھىدايەت يولىغا باشلىسۇن!!!!!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 11:04 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
apisi502 + 70 ماختاشقا تېگىشلىك
banker625 + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
awatbag + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1304 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:05:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللەرەھمەت قىلسۇن قىلسۇن،ھەممەقىزلارسىزئويلىغاندەك ئويلىغان بولسانىمەدىگەن ياخشى بولاتتى ھە.
ھىس قىلىسىمچەھازىرقەيەردىلابولسۇن ئەقلىنى تېپىپ ھىدايەت يولىغاماڭغانلاركۆپىيىۋاتىدۇ،مۇشۇنداق داۋاملاشسائىشىنىمەنكى بىزيەنىلائەسلىمىزگەقايتالايمىز.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 518
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:08:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەخلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ قانچىلىك خۇشلۇققا ئېرشەرمىز؟قولىمىزدىن كەلسە توغرا يولغا باشلاپ قويساق،كەلمىسە غەيۋىتىنى قىلماي ئىنساۋىنى تىلىسەك بولمامدۇ؟بىر ئادەم بىر قىزنىڭ نامىنى بۇلغاپ قويسا،خۇدايىم شۇنىڭمۇ ئاچا-سىڭىللرىنىڭ نامىنى بۇلغايدىغان بىر زىناخورنى پەيدا قىلىدۇ دىيشىدىكەن،بىراۋلارنى ۋاي پالانى كۈن چۈشكىچە ئۇخلايدۇ،ھاراق ئېچىدۇ دىسە ئاشۇ ئادەم ئۆلگىچە بىرەر قېتىم ئاشۇ ئەسكى ئىشنى قىلماي تۇرۇپ ئۆلمەيدۇ دىيشىدىكەن.ئەڭ ياخشىسى ھەممىمىز تىلىمزغا ئىگە بولايلى،ھېچكىم پەرىشتە ئەمەس،ھەممە ئادەمنىڭ يا ئۇنداق يا بۇنداق باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ئىشلىرى بولىدۇ،ئۇنداق يامان ئىشلارنى مۇنبەرگە ئەكىلپ سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى؟بىرەر ئىنسان توغرۇلۇق گەپ بولۇنسا 3 ئىش يۈز بېرىدۇ،يا غەيۋەت ،يا تۆھمەت،ياكى فىتنە،ھۆكمەت ياغلىق ئارتما،ناماز ئوقۇما دىگەن بىلەن غەيۋەت قىل دەپ بۇيرۇق چىقارمىدىغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89280
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:26:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئويلاندۇرۇپ قويدى !!

بۇ ھايات ساڭا سەن              ئەگەر ئۆزۈڭ كۈتكەننى
كۈتكەننى ئەمەس بەلكى         ئۆزۈڭ ئزدەپ تاپمىساڭ
سەن كۈتمىگەننى                   ھاياتنىڭ ئەكىلىپ
ئەكىلىپ بىردۇ .                        بەرگىنىگە  كۆنىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57069
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4126
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 787 سائەت
تىزىم: 2011-9-19
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:18:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيۋەتخۇرلار ……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57069
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4126
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 787 سائەت
تىزىم: 2011-9-19
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:22:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت  تىما !   
  

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1448
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:39:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karwan365 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 12:22 PM
ئەخلەت  تىما !


بىرۋانىڭ جاپا تارتىپ يازغان تېمسنى ئەخلەت دىيشتىن نۇمۇس قىلىڭ .  يامان بولسىڭىز سىزمۇ يىزىڭ.

تېما سىزگە ياقمغان بولسا غ+ت=؟ قۇشۇپلا چىقىپ كەتسىڭىز بولدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   natik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 12:42 PM  


ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6006
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3407 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:41:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karwan365   تېچلىقتۇ ؟؟؟
گەپبولسا دىسەك بولىدىغۇ ؟ پۈچەك ئىنكاسنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7399
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6811
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:44:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Ah millitimmmmmm

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1954
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 648 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:24:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن ، غەيۋەت يەنە باشلىنىدىغان بولدى .

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش